;i1H {hB
چوڭ تىپتىكى سىرلىق ، قورقۇنچلۇق ، تەشۋىشلىك ئەسەر Z$T1nm%lo:
@>JO &,od
كىپەن ئوغىرسىنىڭ خاتىرسى *V>Iv/(
\6*3&p
بىرىنچى خاتىرە يەتتە يۇلتۇزلۇق لۇ بىگى :v=Yo
&p0*:(j
2 . باپ 50 يىلدىن كىيىن MJb!+E+
?$v#;n?@I
50 يىلدىن كىيىن خاڭجۇ خىفاڭ كوچىسى . بىر قىرىنىڭ چاقىرشى بىلەن مىنىڭ پىكىرىم چىچىلدى . مەن بوۋامنىڭ خاتىرسىنى يىپىپ قويغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا باشتىن ئاخىرى سەپ سالدىم . -ZBk^p
" بۇ يەردە نۇسقا ئالامدۇ ؟ " سورىدى ئۇ . چىرايىدىن مۇنداقلا سوراپ قويغاندەك قىلاتتى . ئەمىلىيەتتە مىنىڭ بۇ كەسىپنى قىلىشتا تۇغما تالانتىم بار ئىدى . شۇڭا ئۇنى ئەپلەپ – سەپلەپ يولغا سالماقچى بولۇپ " ئالىمەن ، بىراق پۇلغا لايىقىنى ئالىمەن " دىدىم . مەنىسى شۇكى سەندە ياخشى نەرسە بولمىسا تىزرەك يوقال ، ئاكاڭ قارىغاينىڭ كىتاپ كۆرىشىگە دەخلى قىلما دىگەندىن ئىبارەت ئىدى . XX#YiG4|J
بىزنىڭ بۇ ئوقەت ئالتە ئايغىچە دەسلەپ يوق ، دەسلەپ قىلدۇقمۇ ئۈچ يىلغىچە كۆڭۈل توق . ئادەتتە بىكارچىلىققا كۆنۈپ قالغان ؛ ئەڭ بىزار بولىدىغان ئىش بۇ ساھەنى چالا چۈشىنىدىغان خىرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىش . ئاستا – ئاستا ئۆزگۈرۈپ ھازىر يولدىن ئۆتكەن خىرىدارنى كۆرگەندە كۆز قىرىمغا ئىلىپمۇ قويمايمەن . بىراق يىقىندىن بۇيان بىكارچىلىقمۇ چىكىدىن ئىشىپ كەتتى ، مەمۇرچىلىق پەسلىنىڭ ئۆتۈپ كىتىشىگىمۇ ئاز قالدى . بىرەر ياخشى مالمۇ ئالالمىدىم . شۇڭا كۆڭلۈم بىرئاز يىرىم ئىدى . UJ<eF/KSmG
" ئۇنداقتا مەن سوراپ باقاي ، بۇ يەردە ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى يىپەك كىتاپنىڭ نۇسقىسى بارمۇ ؟ يەنى 50يىل ئىلگىرى چاڭشالىق قەۋرە ئوغۇرلىرى ئوغۇرلىغان ، كىيىن بىر ئامرىكىلىق تەرىپىدىن ئالداپ قويىۋىتىلگەن ھىلىقى بىر قىسمى ؟ " دەپ سورىدى ھىلىقى قىرى مىنىڭ پۇكىيىمدىكى ئاسارە ئەتىقىلەرگە قارىۋەتكەندىن كىين . kK>PFk(
" سىز ئۆزىڭىزمۇ ئىيىتتىڭىز ، ئاللىقاچان ئامرىكىلىق تەرىپىدىن ئىلىپ كىتىلگەن نەرسە ، نەدە بولىدۇ ؟ " مىنىڭ ئاڭلاپلا ئاچچىقىم كەلدى . " نۇسقا ئىزدىسىڭىز بازارغا بىرىپ ئىزدەڭ ، نەدە نۇسقىنى بىكىتىپ قويۇپ ئىزدەيدىغان ئىش بار ؟ قانداق تاپقىلى بولىدۇ ؟" دىدىم چىچىلىپ . ggIz)</
ئۇ ئاۋازىنى پەس قىلىپ : " ئاڭلىسام سىزنىڭ يولىڭىز بار ئىكەن ، مىنى لاۋياڭ ئىۋەتكەن " دىدى . مەن يۈرۈكۈمنىڭ ئەنسىز سوققانلىقىنى سەگەكلىك بىلەن ھىس قىلدىم . لاۋياڭ ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇماچخانىغا كىرىپ كەتكەن ، قانداقسىگە مىنى پاش قىلسۇن ؟ بىرلا ئەنىسرەش بىلەن تەڭ دۈمبەم سوغۇق تەرلەشكە باشلىدى ، " قايسى....قايسى لاۋياڭ.........مەن ئۇنى تونىمايمەن ." {=VauF
" چۈشىنىمەن ، چۈشىنىمەن......." دىدى ئۇ قوينىدىن بىر سائەتنى چىقىرىپ كۈلۈپ تۇرۇپ ماڭا تەڭلىگەچ . " قارىگە ، لاۋياڭ سىزنى بۇنى كۆرسىلا چۈشىنىدۇ دىگەن . " JL=MlZ
بۇ سائەت لاۋياڭ شەرقى شىمالدىكى ۋاقىتتا ئۇنىڭ تۇنجى سۆيگىنى ئۇنڭغا سوۋغا قىلغان بولۇپ ئۇ بۇ سائەتنى جنىدىنمۇ ئىزىز بىلەتتى . مەس بولۇپ قالغان چاغلىرىدا سائەتنى چىقىرىپ " توز ، چارايلىق " دەپ كىتەتتى . مەن ئۇنىڭدىن ھىلىقى قىرى قىزنىڭ ئىسمىنى سورىغاندا ئۇ بىر ئاش پىشىم ئويلاپ ، يىغلاپ تاشلىغاندىن كىيىن " ئاناڭنى ، مەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن " دىگەن ئىدى . لاۋياڭنىڭ سائەتنى بۇ ئادەمگە بىرىشى بۇ ئادەمنىڭ تىگى – تەكتىنىڭ ئاددى ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرەتتى . 18jI6$DY
لىكىن مەن بۇ ئادەمگە قارىسام ھىچبىر ياخشى ئادەمگە ئوخشىمايتى . لىكىن لاۋياڭ تونۇشتۇرغان ئادەمگە ئازراق يۈز بەرمىسەممۇ بولمايتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇياق ئاللىقاچان مىنى دۇكىنىمغا ئىزدەپ كەلگەن تۇرسا ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ تۈگەتمىسەم تازا قاملاشماس . مەن ئويلاپ بىقىپ ئوچۇق – يورۇقلۇق بىلەن پاراڭلىشىشنى لايىق تاپتىم . #p_3j 0S
" بىگىم سىزنى لاۋياڭ تونۇشتۇرۇپتۇ ، مىنى ئىزدەيدىغان قانداق ئىشتى ؟ " L}7c{6!F7
ئۇ ئالتۇن چىشلىرىنى چىقىرىپ كۈلۈپ تۇرۇپ " بىر دوستۇم شەنشىدىن بىر ئاز نەرسە ئەكەلدۈرۈپتىكەن ، سىزگە كۆرسىتىپ راس يالغانلىقىنى بىكىتەي دىگەن ئىدىم " دىدى . 8wKF.+_A
مەن ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغانلىقىى چۈشەندىم ، بۇ دۆت قۇش كىپەن ئوغۇرسىمۇ قانداق ؟ بىرەر ياخشى نەرسىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغاندەك . باشقىلارغا باھاسىنى بىكىتمەكچى بولغىنىنى قارا....... ؟ ئاناڭنى ، ئورمانلىقتا قۇشنىڭ تۈرى كۆپ ، بىراق دۆت قۇش ئاسارە – ئەتىقە بازىرىدا باھا بىكىتمەكچى ؛ لىكىن بۇنداق ئادەملەر جىنىنى ئالقىنىغا ئىلىپ قويغان بولۇپ ، سىز ئەڭ ياخشىسى ئۇلارنىڭ چىشىغا تەگمەڭ . مەن ئۆزەمنى كەسپى ئىللىق چىراي كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ، " تەلەپپۇزىڭىزدىن قارىغاندا بىيجىڭدىن كەلگەندەك تۇرىسىز ، بىيجىڭدىن كەلگەن چوڭ غوجام ئىلىپ كەلگەن ئىسىل مالغا كۆز نۇرۇم ئاجىزلىق قىلارمىكىن ؟!! " دىدىم . ئۇ مىيقىدا كۈلۈپ قويۇپ ؛ "ھەممىسى جەنۇپلۇقلارنى سەگەك دىيشىدۇ ، مىنىڭچە بۇ راستكەن ، سىز تىخى ياش تۇرۇپلا بۇ دەرىجىىگە يىتىپسىز ، گەپنىڭ راستى مىنىڭ بۇ يەرگە كىلىشىم سىزنى ئەمەس ، سىزنىڭ بوۋىڭىزنى ئىزدەش " دىدى . `VM@-;@w
كۆڭلۇم بىر قىسمىلا بولدى ، بەلكىم چىرايىممۇ ئۆڭۈپ كەتكەندۇ . چۈنكى بوۋامنىڭ ئارقا كۆرنىشى ئىنتاھىن سىرلىق . ئۇنى بىلىدىغان ئادەملەرمۇ ئىنتاھىن ئاز . باشقىلارنىڭ بوۋامنى ئىزدىشى %70 – %80 ياخشى ئىش ئۈچۈن ئەمەس . " بوۋامنى ئىزديسىز ، بوۋامدا بىرەر ئۆچ ئاداۋىتىڭىز بارمۇ ؟ " سورىدىم مەن سوغىققىنە . t`1E4$Bb\
ھىلىقى ئالتۇن چىش مىنىڭ ئۆڭۈپ كەتكەنلىكىمنى كۆرۈپ ئالدىراپلا : " ياق، ياق ئۆچ ئاداۋىتىم يوق ، مەن پەقەت ئادەتتىكى بىر ئاسارە – ئەتىقە ھەۋەسكارى ، ئەينى ۋاقىتتا سىزنىڭ بوۋىڭىز چاڭشا بىياۋزىلىڭدا قەۋرىدىن كولاپ ئىلىپ كەتكەن ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى يىپەك كىتاپتىن يىنىدا بىرەر – ئىككى پارچە بارمۇ – يوق ؟ بار بولسا مەن بىر پارچە سىتىۋىلىپ ئۆزۈمدىكىسىگە سىلىشتۇرۇپ باقاي ، ئوخشامدۇ – يوق دىمەكچى ئىدىم . " دىدى . ئۇنىڭ گىپى تۈگىمەي تۇرۇپلا مەن بىر تەرەپتە مۈگىدەۋاتقان مۇلازىمغا قاراپ " ۋاڭ مىڭ ، مىھماننى ئۇزۇتۇپ قوي !!! " دەپ ۋەارقىرىدىم . ZbD_AP
ھىلىقى ئالتۇن چىش : " چىچىلماڭ ، تىخى پاراڭ تۈگىمەيلا مىھماننى ئۇزاتقان قائىدە نەدە بار " دىدى جىددىيلىشىپ . bR"hl? &c
مەن ئۇنىڭغا ئىيىتتىم ، " بوۋام ئۆتكەن يىلى ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان ، سىز بەك كۆرۈشمەكچى بولسىڭىز بىرەر دوناي سۆگەت تىپىپ ئۆزىڭىزنى ئىسىۋىلىڭ ، شۇنداق قىلىسڭىز ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن ئەرىشتە كۆرىشەلەيسىز . " مەن گىپىمنى تۈگۈتۈپلا ئالتۇن چىشنى دۇكاننىڭ بوسۇغۇسىغا ئىتتىردىم . vs}_1o
ئويلىماپتىكەنمەن ، ئالتۇن چىشنىڭ يۈزى ئوبدانلا قىلىن ئىكەن ، ئۇ دۇكان ئىشىكىنىڭ قىرىنى تۇتۇۋىلىپ كەتكىلى قەتئى ئۇنىماي ، " ئالدىرىماڭ ، ئالدىرىماڭ ، مىنىڭ گىپىم تىخى تۈگىمىدى ، ئۆتۈنۈپ قالاي " دىگىنىچە ئىشىكنىڭ قىرىغا چاپلىشىۋالدى . يىرىم كۈن ھەپىلىشىپمۇ ئۇنى ئاجىرتالمىغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا " ئاناڭنى ، گىپىڭ بولسا تىز سۆزلە ، مىنىڭ تىجارەت قىلىشىمغا توسقۇنلۇق قىلما " دىدىم . \}[{q
" سەن مىنىڭ نەۋرەمدەك تۇرۇپ نىمىشقا سۆزلىسەم سۆزۈمنى ئاڭلىمايسەن ؟ " ئالتۇن چىش ئوغرىدەك كۈلۈپ تۇرۇپ ، " غوجام غەرىپكە سەپەر قىلغان بولسا بوپتۇ ، مەن بىر نەرسە دىمىدىمغۇ ؟ ھەر قانچە بولسىمۇ سەن مەن ئەكەلگەن مالغا قاراپ باقمامسەن ، ئازراق بولسىمۇ لاۋياڭنىڭ يۈزىنى قىل " دىدى . ,*ZdMw!
مەن ئۇنىڭغا قارىدىم ، ئادەمنىڭ يۈزى قىلىن بولسا ئامال يوقكەن . سىرىتتا بىر مۇنچە كىشىلەر توپلىشىپ مەن بىلەن يۈزى قىلىن ئالتۇن چىشنىڭ چاڭچىلىسىنى كۆرىۋاتاتتى . ئەگەر بۇنداق كىتىۋەرسە مەن ئەتىكى گىزىتكە چىقىپ قىلىشىم مومكىن ئىدى . شۇڭا بىشىمنى لىڭىشتىپ ؛ " بولىدۇ ، ئىچىگە كىر ، بىز ئوبدانراق قاراپ باقايلى ، بىراق ھازىر گەپنىڭ ئوچىقىنى دەپ قوياي ، مەن كۆرۈپ بىر نەرسە دىيەلەمدىم – يوق بىلمەيمەن " دىدىم . (:v|(Gn/
" ئەلۋەتتە ، ئەلۋەتتە ، مەنمۇ مۇشۇ ئوقەتنى قىلىمەن ، بۇنچىلىك قائىدىنى بىلگۈچىلىگىم بار " دىدى ئالتۇن چىش . S?_/Po|
ئەمىلىيەتتە بۇ ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى يىپەك كىتاپ 20 تومدىن ئارتۇق ، ھەر بىر تومى ئوخشىمايدۇ . بوۋام ئوغۇرلاپ چىققان بىر بۆلىكى ئىنتاھىن قىسقا بولۇپ ئەينى ۋاقىتتىكى بىر نەچچە نۇسقىسى ھازىرغىچە مىنىڭ ئۆيۈمدىكى كونا ساندۇقنىڭ تىگىدە ساقلىنىۋاتاتتى . يىپەك كىتاپ پۇل بولسىمۇ سىتىۋالغىلى بولمايدىغان تەۋەرۈك بويۇم بولۇپ ، مەن ئالتۇن چىشقا بىلمەيمەن دەپ يالغان سۆزلىسەممۇ ئۇ سىزەلمەيتى . O/b~TVA
بىز بىر نەچچىمز ئارقا دۇكانغا قايتتۇق . مەن ۋاڭمىڭغا بۇ مىھمانغا چاي دەملەشنى تاپىلاپ ئالتۇن چىشقا نەرسنى چىقىىرشقا كۆز ئىشارىىتى قىلدىم . ئالتۇن چىش بىرئاز خىىجىل بولغان قىياپەتتە قوينىدىن بىر ئاق رەڭلىك قەغەزنى چىقىرىپ ماڭا سۇنغانتى ، بىر قاراپلا ئەرۋاھىم قىرىق گەز ئۇچتى :" سىكەي.....، كۆپەيتىلگەن نۇخىسى. " xDv5'IGBb
" شۇنداق ، شۇنداق . ھىلىقى گۆھەرنى يىنىدا ئەپ يۈرۈش تازا قاملاشمايدۇ ، سەللا بىخەستىلىك بولسا ئۇۋۇلۇپ كىتىدۇ ." ئالتۇن چىش قەستەنگە ئاۋازىنى پەس قىلىپ ، " ئەگەردە مەن كۈچ چىقارمىغان بولسام بۇ نەرسە ئاللىقاچان چەت ئەلگە ئىقىپ كەتكەن بولاتتى ، جۇڭگو خەلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدىم دىسەممۇ بولىدۇ . " دىدى . MR:GH.uM:
مەن كۈلكەمنى زورىغا بىسىپ تۇرۇپ :" سىز ناھايتى بولسڭىز شۇ كىپەن ئوغرىسغۇ ؟؟ مىنىڭچە سىز راست جانىۋارنى چىقىرىشتىن قورقىۋاتىسز ، سىز دىگەن نەرسە دۆلەت گۆھىرى ھىساپلىنىدۇ ، كاللىڭىزنڭ كىتىشىدن قورقىۋاتقانلىقىز ئېنق تۇرۇپ تىخى ، نىمە خەلىق ئۈچۈن خىزمەت ..........ئوسرۇق گەپ " دىدىم . 4JF)w;X}
مەن ئۇنىڭ ئەپتى–بەشرىسنى ئىچىۋەتكەندن كىيىن چىرايى بىردىنلا تاتاردى . بىراق ئۇنىڭ مەندە ھاجىتى بار ، شۇڭلاشقا ئۆزىنى زورغا بىسىپ تۇرۇپ سۆزلىدى: " گەپنى بۇنداق دىسەك قاملاشماس ، ھەر بىر كەسىپنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق يولى بولىدۇ ، بوۋىڭىز ئەينى ۋاقتتا ‹‹ئالتۇن قازغۇچى›› لىق قىلغان چاغلىرىدا نامى تارالغان ........." ::bK{yZm
مەن چىرايىمنى پۈرۇشتۈرۈپ :" يەنە بوۋامنى تىلغا ئالىدىغان بولسىڭز .........." دەپ ۋارقىرىدىم . m2&"}bI{
" ماقۇل ، ماقۇل ، سىز تىزرەك كۆزدىن كەچۈرۈڭ ، مەنمۇ تىزرەك بۇ جايدىن يوقىلاي " دىدى ئالتۇن چىش . fu3~W
مەن كۆپەيتىمە نۇسقىغا بىر قاراپلا ناھايتى ياخشى ساقلانغان ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدكى يىپەك كىتاپ ئىكەنلىكنى بىلدىم . بىراق بۇ نۇسخىسى بوۋام ئەينى ۋاقتتا ئوغىرلاپ چققانلىرغا ئوخشىمايتى . بۇ يىپەك كىتاپ ناھايتى ياخشى ساقلانغان بولسمۇ مىنڭچە ، بۇ كىتاپ ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدن كىيىنكى بىر نەچچە سۇلالە دەۋرىدە تەقلد قىلىپ ياسالغىنى ئىدى . ئىنىقلا ئاسارە – ئەتىقىنڭ ئوغۇرلۇقچە نەشىرى، بۇ نەرسنڭ سالاھىتىنى بىكىتىش ئادەمنى ناھايتى ئوڭايسىزلاندۇراتتى . شۇڭلاشقا مەن مىيقىمدا كۇلۇپ تۇرۇپ :" بۇ جانىۋار مىنىڭچە خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياسالغان تەقلىدى بويۇم ، قانداق سۆزلەي!؟ مۇنداقلا دەي ، بۇ نەرسە راست دىسىڭز راست ئەمەس ، يالغان دىسىڭز يالغان ئەمەس ، ئۇنىڭ راست يىپەك كىتاپقا تەقلىد قىلىپ يىزىلغىنى ياكى بىرەرى قوڭىغا ئۇرۇپلا توقۇپ چىققىنىنى جىن–ئالۋاستىلار بىلىشى مۇمكىن !؟ شۇڭا مەنمۇ نىمە دىيىشمنى بىلمىدىم ." Oa7x(wS
" ئۇنداقتتا بۇ بىر پارچىسى بوۋىڭىز ئوغىرلاپ چىققان بىر بۆلىكنىڭ ئارىسىدىكسى ئەمەس؟" سورىدى ئالتۇن چىش . v4_p3&aj
"سىزگە راست گەپنى ئېيتسام ، ئوغىرلاپ چىقىلغان بۆلكى بوۋام ئۆزىمۇ كۆرۇشكە ئۈلگۈرمەيلا بىر ئامرىكىلق تەرپىدىن قويىۋىتىلگەن ، شۇڭا سىزنىڭ بۇ سۇئالىڭزغا جاۋاپ بىرىشكە ئامالىم يوق ." مەن كۆڭلۇمدە بۇ قىرىنى ئالدىماق ئاسانغا چۇشمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپ تۇرسام ئالتۇن چىش سۆزۇمگە ئىشەنگەن قىياپەتتە ئۇھ تارتىپ :" ھەي ! ھەقىقەتەن قاملاشمىدى دە، قارىغاندا ھىلىقى ئامرىكىلقنى ئزدەشتىن باشقا چارە قالمىغان ئوخشايدۇ " دىدى . #H]b Xr
"نىمشقا ، سىز نىمشقا بىر پارچە ئەسكى قەغەزگە شۇنچىلىك قىزىقىسز ! ؟ " دەپ سورىدىم . مىنڭىچە ئالتۇن چىشنڭ ئويلىىغىنى چەكتىن سەل ئىشىپ كەتكەن، بۇ قەدىمى ماتىريالنى يىغىش تەلەيگە باغلىق ، تولۇق 20جىلد ئۇرۇشقاق بەگلىكلەر دەۋرىدىكى يىپەك كىتاپنى يىغىۋىلشنى ئويلاش ئازراق ئاچكۆزلۈكمۇ قانداق !؟ cH$zDm1
" كىچىك بۇرادەر مەن سىزدىن يوشۇرمايمەن ،مەن راستىنلا قەۋرىگە چۈشىدىغانلاردىن ئەمەس ، سىز مىنىڭ بۇ ئەلپازىمغا قاراپ بىقىڭ ، مەن ‹‹ئالتۇن كولىغىلى›› چۈشۈپ جىن – شاياتۇنلارنڭ ئازابىغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغاندەك تۇرامدىم ؟؟؟ بىر دوستۇم مۇشۇ ھۇنەرنىڭ ئۇستىسى ، مەنمۇ ئۇنىڭ نىمە ئويلايدىغنىنى بىلمەيمەن . ھەرقاچان ئۇنىڭمۇ ئويلىغىنى بار . " دىدى ئالتۇن چىش ھىجىيپ تۇرپ بىشىنى چايقاپ . "مەنمۇ سوراۋەرسەم تازا قاملاشماش ؟؟ بىشمىزغا كەلگىنىنى كۆرمەمدۇق " دەپ پىشىنى قىقپلا كىتىپ قالدى . We7~tkl(
مەن تۇيۇقسىز ئالتۇن چىشنىڭ كۆپەيتىلگەن يىپەك كىتاپىنىڭ تىخىچە قولۇمدا ئىكەنلىكىنى ، قەغەز يۈزىدە بىر نەقىشنىڭ بارلىقىنى ، بۇ نەقىشنىڭ تۈلكىگە ئوخشايدىغان ئادەم يۈزى بولۇپ كۆز قارچۇقى يوق ، كۆزى قارىغان ئادەمگە شۇملۇق تۇيغۇسى پەيدا قىلاتتى . يەنى مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم بۇ كۆز بىر قاراشقىلا قەغەزگە ئويىۋىتىلگەندەك ، ھازىرلا قەغەز يۈزىدىن تۆكۈلۈپ قالىدىغاندەكلا قىلاتتى . ئويلاپ باقسام بۇ يىپەككە كۆچۈرۈلگەن كىتاپنى مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ؛ بەلكىم ئاز ئۇچرايدىغان بىر خىلى بولىشى مومكىن . مىنىڭ پەرىزىمچە لاۋياڭ تۈرمىدىن چىققاندىن كىيىن مۇشۇ كۆپەيتىلگەن نۇسقىغا ئاساسەن بىر قانچە يالغان كىتاپ ياسىساقمۇ ماۋجۇشىنىڭ قىزىل قەغىزىدىن خىلى كۆپ تاپقىلى بولاتتى . بىراق نەدىن بىلەي مۇشۇ ۋاقىتتا ھىلىقى ئالتۇن چىش كەينىگە بۇرۇلۇپ مەن تەرەپكە كىلىۋاتاتتى . مىنىڭچە ئۇ چوقۇم بۇ نەرسىنى ئالغىلى كەلگەن ، شۇڭلاشقا مەن دەرھال ئارقا دۇكانغا ئۆتۈپ سىفىرلىق فوتو ئاپراتنى ئىشلىتىپ ئوخشىمىغان ئورۇندا تۇرۇپ بۇ جانىۋارنى بىر قانچە پارچە سۈرۈتكە تارتتىمدە قەغەزنى ئىلىپ ئۇچقاندەك دۇكان بوسۇغۇسىغا ئىتىلدىم . ئىتىلدىم يۇ ، ئۇنىڭ بىلەن ئىشىك بوسوغىسىدا كاللا قويۇشتۇق . " سىز نەرسىڭىزنى ئۇنتۇپ قاپسىز " دىدىم مەن ئالدىراپ تىنەپ. UuDT=_1Sh
مىنىڭ بوۋام چاڭشالىق قەبرە ئاچقۇچى . ئىنىقراق قىلىپ ئىيىتقاندا " كىپەن ئوغۇرسى" . بوۋامنىڭ بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشى ئازراقمۇ غەلىتە ئەمەس . ھازىرقى ئىغىز تىلى بىلەن ئىيىتقاندا ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغان . ئۇلۇغ بوۋامنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى 13 ياشقا كىرگەن يىلى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى بولىدۇ . ئۇ چاغلاردا قۇرغاقچىلىق بولسا ئاچارچىلىق زىمىننى قاپلايدۇ . سىزنىڭ پۇلىڭىز بولسىمۇ يىگۈدەك نەرسە يوق . سىتىۋالاي دىسىڭىزمۇ يوق . ئەينى ۋاقىتتا چاڭشا ئەتراپىدا ھىچنىمە قالمىغان . بار دىيىلگەن تەقدىردىمۇ قەدىمى قەۋرە كۆپ . "&jWC
شۇڭلاشقا ئۆيىڭىز تاققا يىقىن بولسا تاققا تايىنىپ جاھاندارچىلىق قىلىسىز ، ئۆيىڭىز قەۋرىگە يىقىن بولسا كىپەنگە تايىنىپ . ئۇ ۋاقىتتا پۈتكۈل كەنىتتىكىلەر بىرلىكتە يەر ئاستىغا چۈشەتتىكەن . مۇشۇ سەۋەپتىن چاڭشادا نەچچە مىڭلىغان ئادەم ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن جىنىدىن ئايرىلغان ئىكەن . بىراق ئاشۇ كەنىتتىكىلەردىن بىرەرىنىڭمۇ ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئۆلمەيلا قالماي بەلكى داۋاملىق ھورمانتىسى يەپ ، سەي شورپىسى ئىچىشنىڭ سەۋەبى بولسا ؛ ئۇلار قەۋرىدىن ئوغۇرلاپ كەلگەن نەرسىلەرنى چەتئەللىكلەرنىڭ ئاشلىقىغا تىگىشكەنىكەن . 9OIX5$,S;
كىيىنچە ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرشىغا ئەگىشىپ كىپەن ئوغۇرلاشمۇ باشقا ساھەلەرگە ئوخشاش مەدىنيەتنىڭ بەزى پۇراقلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن . مىنىڭ بوۋاملارنىڭ دەۋرىگە كەلگەندە كەسىپ ئۆلچىمى ، ئۇسلۇپ ، ئىقىم پەرقى شەكىللەنگەن ئىكەن . ئۇ ۋاقىتلاردا قەۋرە ئوغۇرلاش كەسىپى جەنۇپ ئىقىمى ، شىمال ئۇسلۇبى دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن ، مىنىڭ بوۋام جەنۇپ ئىقىمىدا بۇلۇپ ئۇلار لوياڭ گۈرجىكىنى ئىشلىتىپ قەۋرە ئىزدەشكە ماھىر ، ھەتتا بەزى يۇقرى سەۋىيەلىكلىرى بۇرنىغا تايىنىپ توپىنى بىرلا پۇراپ قەۋرىنىڭ قانچىلىك چۇڭقۇرلۇقتا ، قايسى سۇلالە – پادىشاھلىق دەۋرىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلالايدىكەن . ھازىرقى بەزى رومانلاردا لوياڭ گۈرجۈكى كۆپ تىلغا ئىلىنىدۇ . ئەمىلىيەتتە شىمالى ئۇسلۇپتىكىلەر لوياڭ گۈرجىكىنى ئىشلەتمەيدىغان بولۇپ ، ئۇلار قەۋرىنىڭ ئورنى ، ئىچكى تۈزۈلىشىگە ھۆكۈم قىلىش جەھەتلەردە ئۆزگىچە يول تۇتقان . مۇنداقچە قىلىپ ئىيىتقاندا ئاتالمىش " ئەجدىرھا پەللىسىنى ئىزدەش " . بىراق شىمال ئۇسلۇپتىكىلەر ئازراق غەلىتە . قانداق دەي ؟! بوۋامنىڭ دىگىنى بويىچە ئۇلار سەمىمى ئەمەس ، ھىيلە – نەيرەڭلىرى كۆپ ، كىپەن ئوغۇرلاشقا نەدىن كەلگەن جىق قائىدە ئۇ ؟ كىلىپلا ئالىدىغىنىنى ئىلىپ قۇيرىغىنى خادا قىلسا بولمىدىمۇ ؟ ؟ شىمال ئۇسلۇپتىكىلەردە بىيۇكراتلىق ئىددىيسى بىرئاز ئىغىر . ئۇلارغا ئوخشىمايدىغىنى جەنۇپ ئىقىمىدا قائىدە – نىزاملار كۆپ ئەمەس . ئۇنىڭ ئۈستىگە مىيىتتىن تەپ تارتمايدۇ . شىماللىقلار جەنۇپلۇقلارنى غالجىر ئىت ، مەدىنيەت مىرسلىرىنىڭ قاتىلى ، جەنۇپلۇقلار كىرگەن قەۋرىدىن ئۆرۈلمەيدىغىنى يوق ، ھەتتا ئۆلۈكنىمۇ ئەپقىچىپ ساتىدۇ دەپ تىللايدۇ . جەنۇپلۇقلار شىماللىقلارنى ساختىپەز ، ئىككى يۈزلىمىچى ، ئېنىقلا كىپەن ئوغىرسى بولسىمۇ ، ئۆزىنى نىمە – نىمىلەرگە ئوخشىتىدۇ دەپ تىللايدۇ . ئاخىرىغا كەلگەندە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا قۇراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن ، ھەتتا ‹‹ ئۆلۈكلەر ئۇرۇشى ›› قاتارلىق پاجىئەلەر كىلىپ چىققان . ‹‹ ئۆلۈكلەر ئۇرۇشى ›› دىن كىيىن ئىككى تەرەپ چاڭجاڭ دەرياسىنى پاسىل قىلغان . شىمال ئىقىمى ‹‹ قايتا ئاچقۇچى ›› ، جەنۇپ ئۇسلۇبى ‹‹ قۇم تازلىغۇچى ›› دەپ ئاتالغان . لوياڭ گۈرجىكى پاسىل ئايرىلغاندىن كىيىن كەشىپ قىلىنغان . شۇڭلاشقا شىمال ئۇسلۇپىدىكىلەر ئىشلىتىشنى خالىمايدۇ . ئىلگىرى بوۋام خەت تونىمايتى . كىيىنچە ساۋاتسىزلىقنى تۈگۈتۈش سىنىپىغا كىرىپ جاننى تىكىپ ، تىرناقچىلىك مەدىنيەت سەۋىيسىگە ئىرىشكەن . كومپارتىيەگە مىڭ رەھمەت . بوۋام خەت يىزىشنى ئۈگەنگەندىن كىيىن ئۆز بىشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرىنى بىرمۇ – بىر يىزىپ قالدۇرغان ئىكەن . چاڭشا بىياۋزىلىڭدىكى كەنجىتاي دەل مىنىڭ بوۋام . مومامنى زىيالى دىيىشكە بولىدۇ . چوڭ جەمەتنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى. بوۋامنىڭ غەلىتە كەچۈرمىشلىرى ئەينى چاغدىكى نازىنىن مومامنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالغاچقا بوۋامغا ياتلىق بولغانىكەن . كىيىنچىرەك بوۋام ئالتۇن قاچىدا قول يۇغاندىن كىيىن ئۇلار بىرلىكتە خاڭجۇغا كۆچۈپ كەلگىنىكەن . vfb~S~|U6g
بوۋامنىڭ خاتىرسى بىزنىڭ ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا قالدۇرىدىغان بايلىقىمىز . بوۋام ھىلىقى ‹‹ ئۆلۈكلەر ئۇرىشى ›› سەۋەپلىك پۇراش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالغاندىن كىيىن بىر ئىت تەربىيلىگەن . باشقىلار بوۋامغا ‹‹ ئاپشاركا شاھى ›› دەپ نام بەرگەن . بۇلارنىڭ ھەممىسى راس . بۇ ئىشلارنى چاڭشادىكى يىشى چوڭ قىرىلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ . .}KY*y
بوۋامنىڭ قانداق ھايات قالغانلىقى ، ئىككىنچى ئۇلۇغ تاغام بىلەن ئۇلۇغ بوۋام ، ئۇلۇغ ئۇلۇغ بوۋامنىڭ ئاخىرى قانداق بولغانلىقى توغرسىدىكى سۇئاللىرىمغا بوۋام باشتىن ئاخىرى جاۋاپ بىرىشنى رەت قىلىپ كەلگەن .مىنىڭ ئىسىمدە قىلىشىچە مەن بىر قولى يوق بىرەر تاغامنى كۆرۈپ باقمىغان . مىنىڭچە شۇ ۋاقىتتا پىشكەللىك خەيىرلىكتىن كۆپ . مەن بوۋامغا قانچە يالۋۇرۇپ ، ئەركىلىسەممۇ بوۋام ماڭا : " بۇ دىگەن كىچىك بالىلارنىڭ ئاڭلايدىغان ھىكايىسى ئەمەس " دەپلا جاۋاپ بىرەتتى . كىيىنچە يىشىمنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ بالىلىقتىكى قىزىقىش تۇيغۇسى بارغانسىرى ئاجىزلاپ باردى . Obl']Hr{y9
كەچ كىرىشى بىلەنلا دۇكاننى تاقىدىم . ھەي....!!! يەنە تىتىقسىز بىر كۈن ئۆتتى . ھىچنەرسە يىغالمىدىم . دۇكان خىزمەتچىسىنى ئۇزۇتۇپ تۇرۇشۇمغا بىر تال قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرىۋالدىم . hg8gB8Xq
" سائەت توققۇزدا ، جىيەنخۇاڭشىيا " . }%j@%Ep[
ئۇچۇرنى ئۈچۈنچى تاغام ئىۋەتكەن بولۇپ ، مەنىسى يىڭى مال كەلدى دىگەنلىك ئىدى . )ZkQWiP-
ئارقىدىنلا يەنە بىر تال ، " ئەجدىرھا ئۇمۇرتقىسى ، تىز كەل " . '%!'1si
ئۇچۇرغا قاراپ كۆزلۈرۈم چانىقىدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك خۇشال بولۇپ كەتتىم . چۈنكى ئۈچۈنچى تاغامنىڭ كۆزۈتۈش ئىقتىدارى ھەقىقەتەن قالتىس . بۇ ‹‹ ئەجدىرھا ئۇمۇرتقىسى ›› دىگىنى جەزمەن ياخشى جانىۋار . ھىچبولمىسا بىرىپ كۆزۈمنى ئىچىۋالمامدىم . YuO-a$BP
دۇكاننى تولۇق تاقىغاندىن كىيىن ئەسكى ‹‹ جېن بى ›› ماركىلىق ماشىنامنى ھەيدەپ ئۇدۇللا ئۈچۈنچى تاغامنىڭ قىشىغا چاپتىم . بىر تەرەپتىن كۆزۈمنى پۇشۇرغاچ ، يەنە بىر تەرەپتىن بۈگۈن رەسىمگە تارتقان يىپەك كىتاپنى تاغامغا كۆرسىتىپ بىقىشنى ئويلىدىم . چۈنكى ئۈچۈنچى تاغام بىز بىلەن دەۋىرداش كىشىلەر ئىچىدە بىردىن – بىر ‹‹ سىغىزچىلار ›› بىلەن ئالاقىسى بار كىشى ئىدى . xRZ9.Agv_
مەن ‹‹ ئايرۇپىلانىم ›› نى ئەمدىلا ئۇنىڭ بىناسىنىڭ ئاستىدا توختىتىشىمغا ئۈچۈنچى تاغام ئۈستىدە تۇرۇپ : " سەن زادى قانداق نەرسە ؟!! بالدۇر كەل دىسەم كەلگەن ۋاقتىنى.....؟ ھازىر كەلگىنىڭ ئوسرۇققا ھىساپ " دەپ ۋارقىرىدى . nF0V`O\T
" سىكەي ..." دىدىم ئىچىمدە . " ئۇنداق ئەمەستۇ ، تاغا سەنمۇ ياخشى نەرسە تاپقاندا ئالدىرىمايراق قولدىن چىقارمامسەن ؟ ھىچبولمىغاندا ماڭىمۇ ......" تىخى گىپىم تۈگىمەيلا ئۈچۈنچى تاغامنىڭ ئۆيىنىڭ چوڭ ئىشىكىدىن ئىگىز بويلۇق بىرسى چىقىپ كەلدى . ئۇ بەزگەك مۆرىسىدە لاتىغا ئورالغان ئۇزۇنراق بىر نەرسىنى كۆتۈرىۋالغان ئىدى . بىر قاراشتىنلا قەدىمكى جەڭ قۇرالى ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى . " ھەي ئىسىت ، بۇ ھەقىقەتەن ياخشى نەرسە ، ئەگەر ياخشىراق ساتالىغان بولسا ئۈچۈنچى تاغامنىڭ بىرقانچە يىل يەپ – ئىچىشىگە يىتەتتى . مەن ھىلىقى ئادەمنى كۆرسۈتۈپ تاغامغا كۆز ئىشارىتى قىلىشىم بىلەن تاغام بىشىنى لىڭىشتىپ جاۋاپ قايتۇردى . بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئىيىتقۇسىز دەرىجىدە يىرىم بولدى . قارىغاندا مىنىڭ كىچىك يايمام بۇ يىل ۋەيران بولىدىغان ئوخشايدۇ . مەن ئۈستىگە چىقىپ ئاچچىق قىلىپ قەھۋە دەملەپ ئىچكەچ بۈگۈن ئاسارە – ئەتىقە بازىرىدا يۈز بەرگەن يۈزى قىلىن ئالتۇن چىشنىڭ دىراممىسىنى ئۈچۈنچى تاغامغا سۆزلەپ بەردىم . كۆڭلۈمدە تاغام چوقۇم ماڭا يان بىسىپ ئۇنى ماڭا تىللىشىپ بىرىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم . نەدىن بىلەي ، ئۇ ئاڭلاپمۇ قويماي ھىلىقى سۈرەتنى بىسىپ چىقارغاندىن كىيىن چىرايى بىردىنلا ئۆزگەردى . 'B;aXy/JC
" نىمە بولدى ؟ بۇ نەرسىدە بىرەر سىر بارمىكەن .....؟ " دەپ سورىدىم . 2i+'?.P
ئۈچۈنچى تاغام چىرايىنى پۈرۈشتۇرۇپ " غەلىتە ئىش ، مىنىڭچە ، بۇ بىر پارچىسى ..... بىر جاينىڭ خەرىتىسى ، چوقۇم شۇنداق ........" INQ0h `T
L4th 7#
)9sRDNr
m2o*d$Ke
داۋامى بار ... U1?*vwfKZ
57/9i>@
جەنۇپپەرەس ئۈچۈنچى تاغىنڭ ‹‹كىپەن ئوغۇرلاش خاتىرسى››ناملىق ئەسرىدن تەرجىمە قىلىندى. (yk^%
fFD:E} >5