باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1072 
  •    ئىنكاس 
       1 

ھەر كىم ھەر نېمە دەيدۇ؟ ئۆزى بىلگەنگە يەتمەيدۇ

قەۋەت ئاتلاش
gadankax

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.295

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1160 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   33171 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3039 (قېتم)
 تۆھپە:   2748  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7072
 سائەت
دەرىجىسى:
7072 سائەت 328 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-29
ئاخــىرقىسى:2013-01-19

بىر كۈنى بىر بوۋاي نەۋرىسىنى ئېلىپ، ئېشىكىنى يېتىلەپ شەھەرگە مېڭىپتۇ. ئۇلار پاراڭلىشىپ كېتىۋاتقاندا نەچچە كىشى ئۇچراپتۇ. fdr.'aMf%  
O+Z[bis`  
− ماۋۇ ئەخمەقلەرنى قاراڭلار، ئېشەكنى يېتىلەپ پىيادە ماڭغىچە، بىرەرسى مىنىۋالسا بولمامدۇ؟ − دېيىشىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان بوۋاي ئېشەككە ئۆزى مىنىپ، نەۋرىسىگە ئېشەكنى يېتىلىتىپ مېڭىپتۇ. ئازراق ماڭغاندىن كېيىن يەنە نەچچەيلەن ئۇچراپ: v5"5UPi-  
?>47!):-*  
− ھەي، ماۋۇ ئادەمگە قاراڭلار، كىچىككىنە بالىنى پىيادە قويۇپ، ئۆزى ئېشەككە مىنىۋالغىنىنى! − دېيىشىپتۇ. بوۋاي بۇنى ئاڭلاپ بۇ قىلغىنىم بولماپتۇ، دەپ ئېشەكتىن چۈشۈپ، نەۋرىسىنى ئېشەككە مىندۈرۈپ، ئۆزى پىيادە مېڭىپتۇ. بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن يەنە نەچچە كىشى ئۇچراپ: ahgm*Cpc  
w-Zb($_  
− ماۋۇ شۇمتەككە قاراڭلار، ئاپپاق ساقال بوۋايغا ئېشەكنى يېتىلىتىپ، ئۆزى مىنىۋالغىنىنى، − دېيىشىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان بوۋاي بالىسىنىڭ كەينىگە مىنگىشىپتۇ. ئېشەكنىڭ ئىككى ئادەمنى ئاران كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنلەر: 9:0JWW^so  
=L~,HS(l,  
− ھەي، ماۋۇ نائىنساپلارغا قاراڭلار، بىر ئېشەككە ئىككىسى مىنىۋېلىپ ئۇنى ئۆلتۈرەيلا دەپتۇ، − دېيىشىپتۇ. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان بوۋاي نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇرۇپ قاپتۇ...          كىشىلىك تۇرمۇشتا كۈندە دېگۈدەك تۈرلۈك - تۈمەن ئىشقا يولۇقۇپ تۇرىمىز، ئۇنىڭ بەزىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئەقلىمىز يەتمەيدۇ. شۇڭا، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا ھەممە ئىشنى كۆڭۈلدىكىدەك قىلىمەن، ھېچكىمنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتمايمەن، ھەممە ئادەمگە ياخشىچاق بولىمەن، دېيىش مۇمكىن ئەمەس. ئىش بېجىرىشتە بولسۇن، باشقىلارنى ئىشقا بۇيرۇش، تۇرمۇشتىكى ئىشلاردا بولسۇن ھەممە ئادەمنىڭ يۈز - ئابرۇيى ۋە مەنپەئەتىنى باراۋەر چىقىش قىلغىلى تېخىمۇ بولمايدۇ. سەن ئويلاشقا، قىلىشقا تىرىشساڭمۇ، يۇقىرىقى ھېكايىدىكىدەك ئادەملەر ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭكىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، دىققىتىنى سېنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭغا قارىتىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشى، ئېھتىياجى ئوخشاشمايدۇ. ئۇلارنى ھەقىقىي رازى قىلىمەن دېسەڭ، ھېلىقى بوۋايدەك ھالغا قالىسەن. w?kdM1T  
-05zcIVo  
كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئۆزۈڭ توغرا دەپ قارىغان ئىشنى ئۆز ئوي - پىكىرىڭ بويىچە ۋۇجۇدقا چىقىرىۋەر. ئۇنى بازارغا سېلىشنىڭ ئورنى يوق. قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭدا ئىككىلەنگەندە، ئامال بار ئۆزۈڭ كەسكىن قارار چىقىرىشقا تىرىشقىن، باشقىلارغا بەك مەسلىھەت سالغۇڭ كەلسە، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، دانالارغا سال. مەسلىھەت بەرگۈچىنىڭ يۈز - ئابرۇيىغا ئەمەس، بەلكى بەرگەن پىكرىنىڭ قىممىتىگە قارا. كەلسە - كەلمەس غەرەز - مۇددىئالار ئارىلاشمىغان دانا مەسلىھەتلا مۇراد - مەقسىتىڭنى ھاسىل قىلىشىڭغا ماياك بولالايدۇ. شۇڭا، زېھنى - قۇۋۋىتىڭنى ئۆزۈڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك، قۇربىڭ يېتىدىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىشىڭ لازىم. «كۆمسەم پىشارمۇ، ياپسام پىشارمۇ» دەپ ئارىسالدىلىق كوچىسىدا پالاقلاپ يۈرسەڭ، ئۆزۈڭنى بىھۇدە چارچىتىپ قويىسەن. جەمئىيەتتىكى بەزىلەر سەن بەك مۇھىم دەپ قارىغان ئىشنى خالىغانچە ئىزاھلاپ، چۈشەندۈرۈپ، ھەتتا بۇرمىلاپ بىر تىيىنغا ئالغۇسىز قىلىۋېتىپ، مەززىسى يوق ئويۇنغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. شۇڭا، ھەر قانداق ئىشتا ئۆزۈڭگە نىسبەتەن ئىشەنچ بولۇشى، خىزمەت، تۇرمۇشتا باشقىلارنىڭ رامكىسىغا چۈشۈپ قالماسلىقىڭ كېرەك. تۇتقان يولۇڭ توغرا، خىزمەت ئۇسۇلۇڭ دۇرۇس، تۇرمۇش، ئائىلەڭ خاتىرجەم ياشايدىغانلا بولسا، ئىرادەڭدىن تەۋرەنمە. )_!t9gn*wr  
                                    كېلىش مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى ]dk44,EL  
N(mhgC<O  

 
نوپۇس كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمما ئادەملەر كۈنسىرى كەملەپ كېتىۋاتىدۇ.
tanhayi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2017

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   38 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2420 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   96 (قېتم)
 تۆھپە:   58  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6
 سائەت
دەرىجىسى:
6 سائەت 14 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-16
ئاخــىرقىسى:2010-12-05
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-04

ھەقىقەتەنمۇ راست ،ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ ،كارۋان ئۆز يولىغا مېڭىۋېرىدۇ.. I:u xj%  
خەقنىڭ ئاغزىغا نىمە كەلسە دەۋېرىدۇ،چۈنكى تىلنىڭ سۆڭىكى يوق- دە. s,\w00-:  
يەنىلا ئۆزيولىنى ئۆزى تاپقىنى ياخشى...بولمىسا يۇقارقىدەك (ئىشەكنى ئادەم مىنمەي ،ئادەمنى ئىشەك مىنىدىغان )پاجىئە كىلىپ چىقىدۇ....
 
ئۇيغۇر مەن!~~
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى