باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       3463 
  •    ئىنكاس 
       14 

جۈمە نامىزى ھەققىدە سۇئال جاۋاپلار

قەۋەت ئاتلاش
kumbah520
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2293

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   58 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4632 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   123 (قېتم)
 تۆھپە:   79  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 76
 سائەت
دەرىجىسى:
76 سائەت 14 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-09
ئاخــىرقىسى:2011-01-23

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەخمۇتۇللاھى ۋە بەركەتۇ!!!!    جۇمە كۇنى پىشىن نامىزىنى ئوقۇش كىرەكمۇ ياكى ئوقۇمىساقمۇ بولامدۇ؟؟ بەزىلەر «پىشىن نامىزى بەش ۋاخ نامازنىڭ بىرى، بەش ۋاخ ناماز پەرز قىلىنغان ئىكەن ئۇنىڭ بىرى بولغان پىشىن نامىزىنى ئۆتىمەسلىك گۇناھ بولىدۇ» دەپ قارايدۇ. لېكىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسىدە «پەيغەمبىرىمىز جۇمەدىن كىيىن مەسچىتتە بولسا 4 رەكەت سۇننەت، ئويدە بولسا 2 رەكەت سۇننەت (جۇمە نامىزىنىڭ سۇننىتى) نامىزى ئوقىيتتى» دىيىلگەن بولۇپ، پىشىن نامىزى تىلغا ئېلىنمىغان. بۇنىڭغا ھازىرقى ئسلام ئالىملىرى قانداق ھۆكۇم چىقارغان؟؟؟ تەپسىلى جاۋاپ بەرسىڭىز!!! اللە سىزگە ئاسانلىق بەرگەي!!!!!! fnX`Q[b4\A  
l@+7:n4K0  
    ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام        قېرىندىشىم! جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىنى ئوقۇغانلارنىڭ پېشىن نامىزىنى ئوقۇشى كېرەك ئەمەس، ھەتتا ئوقۇسا گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى ئىبادەت دېگەن ئۆزى چاغلاپ ئىش قىلىش ئەمەس، بۇيرۇققا بويسۇنۇشتۇر. اللە ۋە اللەنىڭ ئەلچىسى بىزنى قاچان قەيەردە قانداق ئىشنى قىلىشقا بۇيرۇغان بولسا، شۇ ئىشنى ئۆز جايىدا ئادا قىلىشىمىز ئىبادەت بولىدۇ. تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا بىر نەرسىنىڭ اللەنىڭ ھۇزۇرىدا ئىبادەت ھېسابلىنىشى ئۈچۈن، اللە ۋە اللەنىڭ ئەلچىسى ئۇ نەرسىنى ئىبادەت دەپ كۆرسەتكەن بولۇشى، پەقەتلا اللەنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئادا قىلىنىشى شەرت. ,*hLFaR-  
|G,tlchprs  
   بۇنىڭغا ئاساسەن دەيمىزكى، باشقا كۈنلەردە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلغان اللە جۈمە كۈنىمۇ بەش ۋاخ ناماز ئوقۇشنى پەرز قىلغان. لېكىن جۈمە كۈنىدىكى بەش ۋاخ نامازنىڭ بىرى جۈمە نامىزى بولۇپ پېشىن نامىزىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە پېشىن نامىزىنىمۇ ئوقۇشقا توغرا كەلسە، ئۇ چاغدا جۈمە كۈنى ئالتە ۋاخ ناماز پەرز قىلىنغان بولىدۇ. %9N7Ln|%  
vK\%%H  
    جۈمەدىن كېيىن پېشىن نامىزىنىمۇ ئوقۇش پەرز دېگۈچىلەردىن سورايمىزكى: ناماز قانچە ۋاخ؟ ئەگەر پېشىننىمۇ ئوقۇساڭلار ئالتە ۋاخ بولۇپ قالمامدۇ؟ ئەگەر جۈمەدىن كېيىن پېشىن ئوقۇش پەرز بولسا، نېمە ئۈچۈن جامائەت بولۇپ ئوقۇمايسىلەر؟ جامائەت بىلەن ئوقۇلغان ناماز ئەۋزەلغۇ؟ ئىمام مېھرابتا، مۇئەززىن ئارقىسىدا، جامائەت تەييار ۋە ھەممىڭلار جامەنىڭ ئىچىدە، ئەگەر مۇددىيايىڭلار توغرا بولىدىغان بولسا، نېمىشقا پېشىن نامىزىنىمۇ جۈمەنى ئوقۇغاندەك جامائەت بولۇپ ئوقۇمايسىلەر؟ نېمىشقا كۈندە جامائەت بولۇپ ئوقۇيدىغان پېشىن نامىزىنى جۈمە كۈنى ئايرىم- ئايرىم ئوقۇيسىلەر؟ C=)A6;=se  
'H&2HXw&2  
    مەن ئۇنداقلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ باققان. ئاخىرى ھەممىسى توغرىنى قوبۇل قىلغان ۋە اللە غا شۈكۈر، ماڭا رەھمەت ئېيتىشقان. ئۇلار بىلەن ئارىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن سوئال- جاۋابلارنىڭ خۇلاسىسىنى سىزگە دەپ بېرەي: KgiJUO`PR  
vss(twg  
    - ئوقۇغىنىڭلار قانداق ناماز؟ qx8fRIK%  
!tMuuK?IL=  
    - پېشىن! 7;sj%U^'l  
m-*i>4;  
   - بۇنى نېمىشقا ئوقۇيسىلەر؟ cc&axc7I  
R)z4n  
    - ناماز بەش ۋاخ ئەمەسمۇ؟   Nq` C.&  
,TPISs  
    - بەش ۋاخلىقى بەش ۋاخ، لېكىن جۈمە نامىزى بىلەن بەش ۋاخ.    - شۇنداقلىقى شۇنداق، لېكىن بىز بۇنى ئەگەر جۈمە نامىزى مەقبۇل بولماي قالسا، بۇ ناماز مەقبۇل بولار دەپ ئوقۇيمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ نامازنى پېشىن دېمەي ئېھتىياتى پېشىن دېسەك تېخىمۇ توغرا بولىدۇ. &nkW1Ner9  
}YMy6eW4  
    - ئۇنداق بولسا، بۇنداق ئىشىنى يەنى ئېھتىياتى ناماز ئوقۇشنى باشقا نامازلاردىن كېيىنمۇ قىلامسىلەر؟ مەسىلەن: سىلەردە ئېھتىياتى نامازدىگەر، ئېھتىياتى نامازشام، ئېھتىياتى خۇپتەن... دەيدىغان نامازلار بارمۇ؟ 2viM)+  
bQP{|  
    - ياق.    - نېمىشقا يوق؟ ئەگەر ئو نامازلارمۇ مەقبۇل بولمىسىچۇ؟ h0-hT   
Y&_&s7z  
    - قارىم! بىز راست گەپنى قىلساق، بۇ ئىشلاردا ئاتا- بوۋىلىرىمىزغا ئەگىشىمىز. يەنە كېلىپ تېخى ناماز ئوقۇسا گۇناھ بولمايدىغۇ! T[4<R 5}  
ks97k8B  
    - ھە مۇنداق دەڭلار، مۆھتەرەم قېىرنداشلىرىم! سىلەر مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن قۇرئان ۋە سۈننەتتىن يىراقلاشقان ئاتا - بوۋاڭلارغا ئەگىشىشنىڭ ئورنىغا پەيغەمبەرگە ئەگەشسەڭلار بولمامدۇ؟ يەنە كېلىپ ناماز ئوقۇسا گۇناھ بولمايدىغۇ دەۋاتىسىلەر، پەرز قىلىنمىغان نامازنى پەرز دەپ ئېتىقاد قىلىپ ئوقۇش ئەلۋەتتە گۇناھ، سىلەردىن بىر نەرسە سوراي: IWveW8qJ  
w'fT=v)  
ئىخلاس سۈرىسى ئەڭ پەزىلەتلىك سۈرىلەردىن بىرى شۇنداققۇ! بۇنىڭدا ھېچكىمنىڭ شۈبھىسى يوق، ئىخلاس سۈرىسىنى بىر قېتىم ئوقۇش قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئوقۇش بىلەن تەڭ دېگەن مەزمۇندا ھەدىسلەر بار، ئىنساننىڭ سەجدىدىكى ھالىتى اللەغا ئەڭ يېقىنلاشقان ھالىتى دەپمۇ ھەدىسلەر بار، اللەغا ئەڭ يېقىنلاشقان چاغدا يەنى سەجدىدە سۇبھانە رەببىيەلئەئلانىڭ ئورنىغا ئەڭ ئۇلۇغ سۈرە بولغان ئىخلاس سۈرىسىنى ئوقۇساڭلار بولمامدۇ؟ C2xL1`  
I}t3p|z  
    - ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئۇنداق قىلماپتىكەن... +sx 8t  
UH>F|3"d  
    - سىلەرنىڭ دەلىلىڭلار ئاتا- بوۋاڭلارنىڭ سۆز- ھەرىكىتىما؟ jhX[fT1m  
zBp{K@U[|M  
    - ھە... ئە... شۇنداق بولاپ قېپتۇ. {"xln/  
rVa?JvDO=  
    - اللەدىن قورقمامسىلەر؟ سىلەر ئۈچۈن اللە تەئالانىڭ ئايەتلىرىنىڭ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقما؟ \U?n+6 7g  
J~iBB~x.  
    - ھە چۈشەندۇق، ئەگەر ئۆزلىرى بىلەن بۇ مۇنازىرىنى قىلىشمىغان بولساق، ھالىمىز نېمە بولار ئىدى! سىلىدىن اللە رازى بولسۇن قارىم. اللەنىڭ كىتابى پەيغەمبەرنىڭ ھەدىسلىرى قولىمىزدا تۇرۇقلۇق يولدىن ئادىشىپتىكەنمىزيا! قىيامەت كۈنى بىزدىن اللە ھېساب ئالىدىغان تۇرسا، بىز نېمىچۈن اللەنىڭ ئايتىگە بويسۇنمايمىز؟ نېمىچۈن اللەنىڭ ئەلچىسىگە ئەگەشمەيمىز؟ يەنە كېلىپ ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ يولىنىڭ توغرىلىقىنى نەدىن بىلەيلى! قۇرئان كەرىمگە ۋە ھەدىس شەرىفلەرگە زىت كەلگەنلىكىگە قارىغاندا ئۇلارنىڭ خاتا يولدا ئىكەنلىكى ئېنىق! اللەغا شۈكرى! توغرا يولنى ئەمدى تاپتۇق. Z!&Rr~i<  
:!f(F9  
    - اللە ھەممىمىزنى توغرا يولدىن ئايرىمىسۇن. Lru-u:  
\zkw2*t  
    قېرىندىشىم! qxMnp}O  
5Wj;[2)  
جۈمەدىن كېيىنكى سۈننەت توغرىسىدا سىز دېگەن ئىككى ھەدىس بار. بۇ ھەدىسلەرنىڭ «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمەدىن كېيىن ئۆيىدە ئىككى رەكئەت ئوقۇغان» دېگەن شەكىلدىكىسى، ھەدىس ئىلمىنىڭ ئۇسۇلىغا ئاساسەن ئەڭ سەھىھ (توغرا) دۇر. ھەمدە بۇ، قۇرئان كەرىمنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايىتىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. چۈنكى جۇمۇئە (جۈمە) سۈرىسىنىڭ 10- ئايىتىدە اللە تەئالا مۇنداق دەيدۇ: «ناماز ئوقۇلۇپ بولغاندا زېمىنغا تارقىلىڭلار...» بۇ ئايەتتىكى نامازدىن، جۈمەنىڭ پەرزى مەقسەت قىلىنىدۇ. «تارقىلىڭلار» سۆزىنىڭ ئەرەبچىسىنىڭ بېشىدا «ف» ھەرپى بار، بۇ ھەرپنىڭ بۇ يەردىكى مەنىسى دەرھال دېگەن بولىدۇ. بۇ ئايەت، ناماز دەپ تەرجىمە قىلىنغان «سالات» كەلىمىسىنىڭ بېشىدىكى ئەلىف لام ۋە تارقىلىڭلار دەپ تەرجىمە قىلىنغان ئىنتەشىرۇ كەلىمىسىنىڭ بېشىدىكى «ف» دىققەتكە ئېلىنىپ «جۈمەنىڭ ئىككى رەكئەت پەرزى ئادا قىلىنىپ بولغاندا دەرھال زېمىنغا تارقىلىڭلار...» دېگەن شەكىلدە تەرجىمە قىلىنسا، تېخىمۇ ئۇيغۇن بولىدۇ. =AEz9d ciS  
O0*e)i8  
    بۇنىڭغا ئاساسەن جۈمەدىن قايتىپ ئۆيدە، ياكى ئىش خانىدا ياكى ھەر قانداق بىر يەردە ئىككى رەكئەت سۈننەت ئوقۇش ئىشنىڭ ئەڭ توغرىسى. جۈمە ئوقۇلغان يەردە تۆت رەكئەت ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، جۈمەنىڭ پەرزىدىن كېيىن ھېچ سۈننەت ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ سۈننەت دېگەن ئىسمى بۇنى ئوقۇسىڭىز ساۋاب، ئوقۇمىسىڭىز گۇناھ ئەمەس دېگەن بولىدۇ. fKa\7{R  
F{\gc|!i  
   بىزدە جاھىللىق ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقى ئۈچۈن ھارام بىلەن كارىمىز يوق مەكرۇھقا ئېسىلىۋالىدىغان، پەرز بىلەن كارىمىز يوق سۈننەتكە ئېسىلىۋالىدىغان، ناماز ئوقۇمىغانلار بىلەن كارىمىز يوق يالاڭۋاش مەسچىتكە كىرگەنلەرنى قوغلىۋېتىغان ئىشلار بار. اللە ھەممىمىزگە ئەقىل ۋە ئىلىم ئاتا قىلسۇن. Zx?b<"k  
E}Xka1 Bn  
    قېرىندىشىم! ھازىرقى ئسلام ئالىملىرى قانداق ھۆكۇم چىقارسا چىقارسۇن بىزگە اللەنىڭ ۋە ئەلچىسىنىڭ ھۆكمى كۇپايە قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز جۈمە سۈرىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىنى ۋە ئۇ ھەدىسلەرنى ئۇبدان مۇلاھىزە قىلسىڭىز بۇ ھەقتە ئۆزىڭىزنىڭ يولىنى ئۆزىڭىز بەلگىلىيەلەيسىز. اللە سىزگە، ئائىلىڭىزگە ۋە ئاتا- ئانىڭىزغا دۇنيادا بەختلىك ھايات، ئاخىرەتتە جەننەت ئاتا قىلسۇن. توغرا يولدىن ئايرىمىسۇن! FkupOI  
F[7x*-NO-  
قايىل بولمىسڭىز بۇ يەردىن كىرىپ دەلىل كۆرسىتىڭ
}yEoEI`  
{-63/z  
[H"#7t.V-~  
a%J6f$A#  
                                            مەنبە:يېڭسار تورى
 
قۇمباغ-ئاتامدىن مىراس بىر باغ!
erpan521
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2152

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   35 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2430 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   87 (قېتم)
 تۆھپە:   56  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1701
 سائەت
دەرىجىسى:
1701 سائەت 189 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-31
ئاخــىرقىسى:2011-01-27
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-03

بىرىمىز  ماندا  دەيدىكەنمىز ، بىرىمىز  ئاندا  دەيدىكەنمىز ....زادى  بىرلىك  يوققۇ...بوپتۇ دەپ ھەددىسلەردە  دىيىلگىنى  بويىچە ئۆزىمىز ئوقۇساق ،مەسچىتتە  ئاق ساقاللارنىڭ  جىقلىقى ...ئانداق  قىلساڭ  يامان  بۇلىدۇ ..مانداق  قىلساڭ خاتا دەپ ....ھەي .........
 
ئېرپان
kamqa
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   586 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10728 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   796 (قېتم)
 تۆھپە:   730  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1963
 سائەت
دەرىجىسى:
1963 سائەت 127 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-07
ئاخــىرقىسى:2012-12-20
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-03

بۇ تۇغورلۇق ئۇخشىمايدىغان پىكىر بەك كۈپ
 
abdulla998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2546

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1070 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   52 (قېتم)
 تۆھپە:   22  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6
 سائەت
دەرىجىسى:
6 سائەت 14 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-21
ئاخــىرقىسى:2011-02-26
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-04

قارىم ئوزلىرى  قايسى ئايەت  ۋە قايسى ھەدىسكە ئاساسەن بۇنداق ھوكۇم چىقاردىلا  ئايەت ھەدىس دەلىل كەلتۇرگەن بولسىلا  ھەممەيلەن قايىل بولغان  بولاتتى
erxadil
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1884

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2130 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   59 (قېتم)
 تۆھپە:   28  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 756
 سائەت
دەرىجىسى:
756 سائەت 14 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-07
ئاخــىرقىسى:2011-05-24
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-15

جۈمە كۈن مۇسۇلمانلارنىڭ بايرام كۈنى،بۇ كۈندە قىلىنغان ئىبادەتنىڭ رەھمىتى بېھساپتۇر! شۇڭا پېشىن نامىزىنى ئوقۇسا ئارتۇق كەتمەيدۇ!!!چۈنكى ئاللاغا قانچىكى چىڭ يېپىشساق شۇنچە ياخشى ئەمەسمۇ!شۇڭا مېنىڭچە ئىكىلەنمەي ئوقۇساق بولىدۇ!!
kosowuluk

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3131

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   917 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   30272 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2938 (قېتم)
 تۆھپە:   2890  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3895
 سائەت
دەرىجىسى:
3895 سائەت 155 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-13
ئاخــىرقىسى:2013-01-25
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-15

muxu jumadin keyin pexin okuydigan ix zadi kaqandin baxlap payda bugandu?buning ga yanila ulimalirimiz birnim desun??!!?
بىراۋغا پايداڭ تەگمەي، پەقەت ئوزۈڭ ئۈچۈنلا ياشىساڭ،سەن ئاللاقاچان  ئۆلگەن ئادەمسەن!!!
yiltiz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1386

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   18 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2470 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   89 (قېتم)
 تۆھپە:   59  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1459
 سائەت
دەرىجىسى:
1459 سائەت 61 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-05
ئاخــىرقىسى:2012-11-12
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-16

توغرىنى قوبۇل قىلىش كىرەك ، مەنمۇ بىرنەچچە قىرىندىشىم بىلەن مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق تالىشىپ قالغان ، قۇرئان ۋە سۈننەتتىن يىراقلاشمايلى قىرىنداشلار!
mattursun
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2831

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   34 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1400 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   89 (قېتم)
 تۆھپە:   55  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 82
 سائەت
دەرىجىسى:
82 سائەت 8 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-02
ئاخــىرقىسى:2011-03-11
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-17

مەن  ئازراق   چۇشەنچە  بىرەي   جۇمە دىگەننى  قازى ئۇقۇيدۇ   بىزنىڭ  قازىمىز  بولمىغانلىقى  ئۇچۇن    بىز  ئھتىياتى  پىشىن  ئۇقۇيمىز   ئەگەر  قايىل        بولمىساڭ   مىنى  ئىزدە   چ چ  نۇمۇرۇم   851100505
ئادەم بولماق نىمىدىگەن  تەستۇ  ...!
tanha631
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2634

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   46 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2390 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   184 (قېتم)
 تۆھپە:   154  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6413
 سائەت
دەرىجىسى:
6413 سائەت 237 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-24
ئاخــىرقىسى:2013-01-28
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-17

 بۇھەقتە كوپ ئختىلاپ قىلىشمايلى ،ئمام بۇخارى رىۋايىتىدە،ئائشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىپ ،پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ،جۈمە نامىزىدىن كىيىن ئككى رەكەت ناماز ئۇقۇغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ.ئەبۇھۈرەيرەرەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ھەدىستە ،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمە نامىزىدىن   sA!,)'6  
كىيىن ،توت رەكەت ناماز ئۇقىغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ.ئالىملار شۇنىڭغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ ،ئائشە رەزىيەللاھۇ ;}/@ar7s3  
ئەنھا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۈيىدە بولغانلىغى ئۈچۈن، ئككى رەكەت ناماز ئۇقۇغانلىغىنى كۆرگەن.ئەبۇھۈرەيرە WcE{1&PXx  
رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بولسا ،تۇلىراق مەسچىتتە تۇرۇپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ توت رەكەت نامازنى مەسچىتتە ئۇقىغىننى %(72+B70R  
كۆرگەن دەپ قاراپ ،مەسچىتتە ئۇقىسا توت رەكەت سۈننەت ئۇقىسا بۇلىدۇ .قايتىپ ئۈيىدە ئۇقۇماقچى بولسا ،ئككى  رەكەت سۈننەت ئۇقىسا بۇلىدۇ دەپ ھۈكۈم  چىقارغان. شۇڭا ئھتىياتى پىشىن نامىزىنى ئۇقۇشنىڭ ھاجىتى 7*D*nY4+  
يوق دەپ قارايمەن.
بىزھەممىمىز پادىچى
سەبرى
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1111

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   53 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2731 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   90 (قېتم)
 تۆھپە:   58  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2512
 سائەت
دەرىجىسى:
2512 سائەت 8 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-24
ئاخــىرقىسى:2012-03-09
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-25

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھ ۋە بەركاتۇھ eSV_.uvsb  
جۈمەدىن كېيىنكى پېشىن نامىزى مەسىلىسىدە ئېنىق ھەدىس بار، مەنمۇ كۆرگەن. يەنى جۈمەدىن كېيىن ناماز ئوقۇماقچى بولغان كىشى بىرەر ئېغىز گەپ قىلىۋېتىپ ئوقۇسۇن، كىمكى جۈمەدىن كېيىن ناماز ئوقۇماقچى بولسا تۆت رەكەتلا ناماز ئوقۇسۇن دېيىلگەن. بۇ توغرىسىدا بىر موللام ئوقۇماسلىقنىڭ 12 خىل شەرتى بار دەپ تۇرۇۋالدى. لېكىن ھەدىستە شەرت قويۇلمىغان. مەنمۇ ئوقۇماسلىقنى توغرا تاپتىم. ئەمما تۆۋەندىكى گېپىڭىزگە قارىتا KNR_upO8  
ئىخلاس سۈرىسى ئەڭ پەزىلەتلىك سۈرىلەردىن بىرى شۇنداققۇ! بۇنىڭدا ھېچكىمنىڭ شۈبھىسى يوق، ئىخلاس سۈرىسىنى بىر قېتىم ئوقۇش قۇرئاننىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئوقۇش بىلەن تەڭ دېگەن مەزمۇندا ھەدىسلەر بار، ئىنساننىڭ سەجدىدىكى ھالىتى اللەغا ئەڭ يېقىنلاشقان ھالىتى دەپمۇ ھەدىسلەر بار، اللەغا ئەڭ يېقىنلاشقان چاغدا يەنى سەجدىدە سۇبھانە رەببىيەلئەئلانىڭ ئورنىغا ئەڭ ئۇلۇغ سۈرە بولغان ئىخلاس سۈرىسىنى ئوقۇساڭلار بولمامدۇ؟ =cy;{2S'p  
بۇنىڭغا نېمە ئاساسىڭىز بار؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق قىلغانمۇ ياكى شۇنداق بۇيرىغانمۇ ۋەياكى ئۆزىڭىزنىڭ قارىشىمۇ؟
اللە سەبرى قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى