باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1439 
  •    ئىنكاس 
       4 

بىز قانداقلارچە ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى ئاتىلىپ قالدۇق؟

قەۋەت ئاتلاش
kurban.qaydu
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1193

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   403 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   141215 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   856 (قېتم)
 تۆھپە:   749  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 446
 سائەت
دەرىجىسى:
446 سائەت 94 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-28
ئاخــىرقىسى:2012-09-20

-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئويغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىماىي ئەھۋالى ھەققىدە يېزىلغان ماقالە-ئەسەرلەردە ئۇيغۇرلار ئومۇمەن «باتۇر، ئەمگەكچان، ئەقىل پاراسەتلىك مىللەت » دەپ تەرىپلىنەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزىلغان شۇ خىلدىكى ماقالە-ئەسەرلەردە بولسا«ئۇيغۇرلار ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر مىللەت » دەپ تەرىپلىندىغان بولدى. يېقىندا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ پروفېىسورى ، پەلسەپە دوكتۇرى ياۋۋىي خانىمنىڭ بىر يېڭى كىتابىنى كۆرۈپ قالدىم. 2005-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى خەنزۇ تىلىدا نەشىر قىلغان بۇ كىتابنىڭ نامى « شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىجتىماىي پىسخىكلىق ھالىتى ۋە مىللىي رايۇنلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە تەتقىقات» بولۇپ، ماۋزۇسىنىڭ ئۆزىلا مېنى ناھايىتى قىزىقتۇردى. دوكتۇر ياۋۋىي خانىم 1-بابنىڭ بېشىدىلا «جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئاىلىسىدە، ئويغۇرلار «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى» دەپ تەرىپلىنىدۇر. بۇ، باشقا مىللەتلەرنىڭ ئويغۇرلارغا بەرگەن باھاسى ۋە ئۇلار ھەققىدىكى تونۇشى» دەپ يازغاندى. مەن بۇ جۈملىنى ئوقۇپ بىر ھازا ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتتىم.« پىسخىكىلىق ھالەت » دېگەن كىشىلەرنىڭ سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پوزىتسىيىسى، قىممەت قارىشى ۋە ئىنتىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئۇقۇم. بىر مىللەتنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتىدىكى بۇ خىل ئامىللار يەنى پوزىتسىيە، قىممەت قاراش ۋە ئىنتىلىش ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىللەتنىڭ ئىجتىماىي ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ئامىلى ۋە قوزغاتقۇچىسى بولۇپ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانى چوڭ بىلىدىغان پوزىتسىيىمىز، قىممەت قارىشىمىز ۋە ئىنتىلىشىمىز جەمىيئەتنىڭ ۋە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىدا قانچىلىق قوزغاتقۇچلۇق رول ئوينىيالىشى مۇمكىن؟! «ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئاساس» دەپ تونۇلىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا بىزنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىمىز، قىممەت قارىشىمىز ۋە ئىنتىلىشىمىز مىللەتنىڭ رىقابەتكە تولغان دۇنيادا مەۋجۈت بولۇپ تۇرىشىغا، بىلىم ئىگىلىكىنى بەلگە قىلغان جەمىيئەتتە تىگىشلىك ئىززەت-ھۆرمىتىنى تېپىشىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتەرمۇ ياكى پاسسىپ تەسىر كۆرسىتەرمۇ ؟ ياۋۋېي خانىم كىتابىدا 467نەپەر ئويغۇرنى ئوبىكت قىلىپ، ئۇلارنىڭ «ئۆز مىللىتىنى قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە دەپ تونۇيدىغانلقى» نى تەكشۈرگەن. تەكشۈرۈلگۈچىلەرنىڭ قاتلىمى كادىر، ئوقۇتقۇچى، دېھقان، ئىشچى ۋە ئوقۇغۇچىلاردىن تەركىب تاپقان: باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكىچە بولغان ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشقان. m.p'LF  
تەكشۈرۈلگۈچىلەردىن تۈۋەندىكى 14 تۈر بويىچە ئۆز مىللىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىپ بىقىش تەلەپ قىلىنغان. .-![ ra  
1.دوستلۇققا ئەھمىيەت بېرىدۇ: FN<>L0  
2. ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر؛ a^|9rho<  
3. يۇمۇرلۇق؛ MffCk!]  
4.ئۈمىدۋار؛ CLe{9-o  
5.بىكىنمە؛ 64mD%URT  
6. ئوچۇق-يورۇق؛ VF";p^  
7. ئۈمىدسىز؛ ~_"V7  
8.ئەقىللىق؛ f=Pn,.>tIz  
9.ئەستايىدىل؛ . p=A, yGDV  
10.ئىچ-مىجەز؛ !9YCuHj!p  
11.ئىشچان؛ <;W-!R759  
12.تۈزكۆڭۈل؛ nh5=0{va|L  
13.باتۇر،؛ |39,n~"o&  
14. مەرد. DUl+Jqn4B  
تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان 467 نەپەر كىشىنىڭ 369 نەپىرى « ئويغۇرلار ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر » دەپ كۆرسىتىپ ، بۇ جەھەتتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.تارىختا ئات ئۈستىدە قۇيۇندەك چېپىپ كىتىۋىتىپ ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، ئارقىسىغا قارىتىپمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئېتىپ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىندەك دۇنياۋىي غالىب ئىستىلاچىنى ھەيران قالدۇرۇپ«ئوقياچى مىللەت » دەپ ئاتالغان خەلقىمىز؛ چىڭگىزخان دەۋرىدە تۈرلۈك ساھە بويىچە يىتىلگەن ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ كۆپلىكى بىلەن «مەرىپەتچى مىللەت » دەپ ئاتالغان خەلقىمىز قانداقلارچە بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى» دىگەن تاجنى كىيىپ قالدى؟! شۇ تاپتا ئۆزىمىزمۇ ئۆزىمىزنى ئۇلۇغلايدىغان ، باشقا مىللەتلەرمۇ بىزنى شۇ سۈپەت بىلەن تەرىپلەيدىغان بولدى؟ ئەلۋەتتە، ھەر ئىشنىڭ سەۋەبى بولىدۇ. مىللىتىمىزنى ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا باغلاپ ئۇلۇغلىشىمىز، باشقىلارنىڭمۇ بىزنى مۇشۇ جەھەتتە تەرىپلىشىنىڭ تۈرلۈك كونكىرىت ھەم مۇرەككەپ سەۋەبى بار. ئالدى بىلەن تۇرمۇشىمىزدا رادىئو-تېلېۋىزۇر ،ئۈنئالغۇ-سىنئالغۇ، ۋچد ئاپپاراتلىرىنىڭ كەم كۆلەمدە ئومۇملىششى بىر سەۋەب. رادىۇ ئىستانسىلىرى بىلەن تېلىۋىزىيە ئىستانسىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتنى ئەڭ يۈكسەك ئورۇنغا قويىۋىلىشى، ئەتىگەندىن كەچكىچە دۇنيادا نەغمە- ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇلدىن بۆلەك ئىشلار يۇقتەك شۇنىلا ئاڭلىتىش، شۇنىلا كۆرسىتىشكە كۈچىشى يەنە بىر سەۋەب. بازار ئىگىلكىنىڭ ناخشا -ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا سەنئىتىگە كەڭ كۆلەملىك بازارلىشىش پۇرسىتى ئاتا قىلىشى يەنە بىر سەۋەب. روشەنكى بۇ سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى تاشقى سەۋەب. ئەڭ مۇھىم سەۋەب يەنى ئىچكى سەۋەب شۇكى، بىزنىڭ «ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى بولۇش» تەك ھازىرقى ھالىتىمىز بىلەن «نەغمە-ناۋاغا زىيادە ھېرىسمەن بولۇش» تەك پىسخىكىمىز بىلەن ئوڭ تاناسىپتۇر. +swTMR  
مۇشۇ كۈنلەردە نەغمە-ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇلغا مەستانىلەرچە ئىنتىلىش خەلىقىمىزنىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىغا ئايلىنىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ تۈپ، ئەڭ يىتەكچى خومار-ھېسسىياتىغا ئايلىنىپ بولدى، دىيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا جەھەتتە ئەتىراپىدىكى مىللەتلەرگە نىسبتەن ئەزەلدىن ئۈستۈن ھالەتتە بوپكەلگەن. ئەمما ھەربىي ئىشلاردىكى جەڭگىۋارلىقنى ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا ھامىي قىلغان. سودا تىجارەتنى مۇھىم، ئىلىم مەرىپەتنى چوڭ بىلىشنى، ھۈنەر ئەمگەكنى قولدىن بەرمەسلىكنى ئالدىنقى قاتاردىكى ئىش ھېسابلىغان. ئالدى بىلەن موشۇ نەرسىلەرگە ئىنتىلگەن. ئالدى بىلەن موشۇ نەرسىلەرگە ئىنتىلمەي ۋە ئېرىشمەي تۇرۇپ ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا دۈم چۈشۈشىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك، نورمالسىزلىق، ئويۇنقېپىلىق دەپ ھېسابلىغان. ئەمەليەتتە بىر مىللەتنىڭ ئىجتىماىي ھاياتىدا ناخشا-ئۇسسۇل، نەغىمە- ناۋانىڭ زىيادە ئۈستۈنلۈك ئېلىپ يامراپ كىتىشى جەمىيئەتشۇناسلىق نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا بىر خىل مىللىي چۈشكۈنلۈك ، دەپ قارىلىدۇ. بۇ خىل پاسسىپ پىسخىكىلىق ھالەت «سەنئەتخۇمار مىللەت » دىگەنگە ئوخشاش ھەر قانداق چىرايلىق سۆزلەر بىلەن سۈپەتلىنىشىدىن قەتئىي نەزەر ، مىللەتنىڭ ئومۇمىي قىممىتى بىلەن ماسلاشمايدىكەن، ئۇ كۈلكىلىك ئىش بوپ قالىدۇ. 3Og}_  
بۇنىڭدىن 1000 يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئات ئۈستىدە زەپەر قۇچۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئېتەكلىرىدە زور ھەربىي كۈچ بولۇپ تونۇلۇپ، قۇدىرەتلىك خانلىقلارنى قۇرغان، مەدەنىيەت جەھەتتە قېرىنداش مىللەتلەرگە باشلامچى بولغان چاغلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋالىرى قوشنا مىللەتلەرنىڭ، ساياھەتچى سەيياھلارنىڭ نەزىرىدە ئاجايىپ زور ئارتۇقچىلىق ھېسابلانغان. ئەمما، بۇنىڭدىن 100 يىللار ئىلگىرى خەلقىمىزنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھاياتى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسى تۈۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندا، بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقىمىز كىشىلەرنىڭ كۆزىگە سىغماي قالغان. مىسالەن:1906-يىلى قەشقەرگە كەلگەن فىللاندىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى ماننېر خېيىم (ماننەر ھەىم) ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدە :«ئۇيغۇرلارنىڭ تەبىىتى بىكار تەلەپ، كەيىپ-ساپا تۇرمۇشقا ئادەتلەنگەن، تەييار تاپ، كۈن-كۈنلەپ لاغايلاپ يۈرىدۇ، ئىشلەي دىمەيدۇ. بولۇپمۇ قوغۇن پىششىقىدا ئۇلار توپلىشىپ ئولتۇرۇشۇپ، بىر-ئىككى قوغۇن تاۋۇزنى پىچىپ داستىخانغا قويىۋىلىپ، ئەتتىگەندىن تۈن يېرىمغىچە نەغمە-ناۋا قىلىشىدۇ»، دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا مىللەتنىڭ ئىجتىماىي ئەھۋالىغا، ئىقتىسادىي قۇۋۋىتىگە گاھىدا يارىشىدۇ، گاھىدا ياراشمايدۇ. XR7v\rd  
بۈگۈنكى شاراىتىمىزدا ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا زىيادە ھېرىسمەن بولۇش بىزگە يارىشامدۇ-ياراشمامدۇ؟ دېگەن مەسىلىگە كەلگەندە ، چوڭقۇرراق ئويلىنىپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ. مېنىڭچە بۈگۈنكى دۇنيادا كۆپ جەھەتتە باشقىلارنىڭ كەينىدە قالغان، ئىقتىسادىي قۇۋۋىتى ئاجىز، ئىجتىماىي تەرەققىياتى نىسبەتەن قالاق، پەن-تېخنىكىسى راۋاجلانمىغان، مائارىپ سۈپىتى تۈۋەن ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زاماندىكى تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە بىر ئۈلۈش ھەسسە قوشالمىغان بىر مىللەتنىڭ ئويۇن- تاماشا ھېسابلىنىدىغان ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋاغا خۇددىنى يۇقاتقان ھالدا ھېرىسمەن بولۇشى، شەك-شۆھبىسىزكى چۈشكۈنلۈك، تېخىمۇ كەسكىنرەك ئېيىتقاندا، دەۋىر بىلەن ھاماقەتلەرچە قارشىلاشقانلىق. 0x5Ax=ut  
بىز كۆزىمىزنى يۇغانراق ئېچىپ بۈگۈنكى دەۋىرگە قاراپ باقايلى! دەۋىر بىزنى نىمىگە چاقىرىدۇ، بۈگۈنكى دەۋىرنىڭ ماھىيىتى نىمە ؟ خەلىق نىمە ئويدا، بىز نىمە كويدا؟! بۈگۈنكى دەۋىر بىلىم ئىگىلىكى دەۋىرى، رىقابەت دەۋىرى! دەۋىرنىڭ تەلىپىگە بىز ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە- ناۋاغا تەلۋىلەرچە ھېرىسمەن بولغان پىسخىكىلىق ھالىتىمىز بىلەن قانداقمۇ تاقابىل تۇرالايمىز ؟! كۆپ خىل ئىقتىدار ئىگىلىرى يېتەرلىك بولغان، ئونۋېرسال ساپاسى ھازىرلانغان مىللەتلەرلا بۇ خىل تەلەپكە يېقىنلىشالايدۇ ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۇ رىقابەتكە قاتنىشالايدۇ. بىزگە ئوخشاش روھىيىتىدە «سەنئەتخۇمارلىق » تەركىبى زىيادە ئارتىپ كەتسە، تەبئىي ھالدا ئەقلىي تەركىبنى چەكلىمىگە ئۇچىرىتىدۇ. ئەقلى تەركىبى كەمتۈك مىللەتلەر قانداقمۇ ئەقىل ۋە بىلىمنى دەسمايە قىلىپ ياشاشقا ئادەتلەنگەن مىللەتلەر بىلەن رىقابەتلىشەلىسۇن؟! بۇنداق بولىۋەرسە ئاخىرقى ھېسابتا رىقابەتتە غەلبە قۇچقان مىللەتلەرگە بىر چەتتە تۇرۇپ ئالقىش ياغدۇرۇشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان «چاۋاكچى مىللەت » بوپقالمايمىزمۇ ؟ uQx/o ^  
بەزىلەر«خەلىق نىمىنى ياخشى كۆرسە، شۇ نەرسە قەدىرلىق بولىدۇ، ئۇلۇغ بولىدۇ؛ خەلقىمىز ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانى ياخشى كۆرىدۇ، بىز خەلقىمىزنىڭ بۇ خىل تاللىشىنى ھۆرمەت قىلىشىمىز كىرەك » دەيدۇ. بۇ تولىمۇ ئاددىي قاراش. خەلىقنىڭ تاللىشى، خەلىقنىڭ ياخشى كۆرىشى ھەممە ۋاقىتتا توغرا بولىۋەرمەيدۇ. خەلقىمىز ئېلى ھارىقىنىمۇ ئادەمنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىدە ئىستىمال قىلىدۇ. بۇمۇ خەلقىمىزنىڭ بىر خىل تاللىشى. ئۇنى ھېچكىم زورلىغان ئەمەس. خەلق ھەقىقەتەن ئۇلۇغ. خەلىقنىڭ ئۇلۇغلۇق مەسلىسى مەڭگۈلۈك مەسىلە. ئەمما، خەلىقنىڭ تۇتقان يولىنىڭ توغرا-خاتا بولىشى باشقا مەسىلە. ئۇلۇغ ئالىم ئېيىنىشتىيىن «مېنىڭ قارىشىم» دىگەن ماقالىىسىدە :«ئاۋام ئىدىيە جەھەتتىن ئومۇمەن قاشاڭ كېلىدۇ» دەپ ئېيىتقان. خەلقىمىز ئاپاق خوجىدەك لەنەتگەردىلەرنى 300 يىللاپ ئەۋلىيا بىلىپ مازىرىغا تاۋاپ قىلىپ كەلگەن. ھەقىقەتنى كۆپ ھاللاردا دانىشمەن-مۇتەپپەككۈرلارلا تونۇيالايدۇ ۋە ئاشكارلىيالايدۇ.خەلىقنىڭ تاللىشى ۋە مايىللىقى ھەرگىزمۇ بىردىنبىر ئۆلچەم بولالمايدۇ.ئەگەر ھەممە ئىشتا، ھەر ۋاقىت خەلىقنىڭ تاللىشى ۋە مايىللىقى ئۆلچەم قىلىنسا، ئۇ ھالدا خەلىقنى يىتەكلەيدىغان، يىراقنى كۆرەر يىتەكچى-داھىيلارنىڭ، پايدا-زىيان ياخشى- ياماننى ئېنىق ئايرىش، ھەقىقەتنى پەرق ئېتىش قابىليىتىگە ئىگە دانىشمەن-مۇتەپپەككۈرلەرنىڭ زۆرۈريىتى قالمايدۇ. Z:N;>.3i  
خەلىق ئۆزىلا ئۆزىنىڭ بىلگىنىچە ياشاۋەرسە، نىمىنى ياخشى كۆرسە قەدىرلەۋەرسە، نىمىنى خالىمىسا چۆرۈپ تاشلاۋەرسە ئۆزىنىڭ تاللىشى. ئەمما، ئاخىرىدا ھالاك بولىدىغىنى خەلق! بىلىشىمىز لازىمكى، ئىنسانىيەت پەيدا بولغاندىن باشلاپ يىتەكچى داھىيلار بىلەن دانىشمەن مۇتەپپەككۈرلارغا ئىزچىل مۇھتاج بوپكەلگەن. شۇڭا ، ئۇلۇغ مۇتەپپەككۈر بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىب ئۆز داستانىنىڭ 265-بىيىتىدە ناھايىتى ئېنىق قىلىپ مۇنداق يازغان:«قارا، ئېسىل كىشىلەر ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى بەگ، بىرى دانا، (ئۇلار) ئىنسانلارنىڭ باشلامچىسىدۇر». بۇ يەردىكى بەگ ئەل باشچىلىرىنى يەنى يىتەكچى داھىيلارنى، دانا دىگىنى دانىشمەن-مۇتەپپەككۈرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلۇغ بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىب بىزگە ئۇلارنى ئىنسانىيەت جەمىيئىتىدىكى ئەڭ ئۇسسۇل كىشىلەر، ئۇلار ئىنسانلارنىڭ باشلامچىلىرىدۇر، دەپ كۆرسىتىپ بەرگەن. =j- ,yxBvJ  
بەزىلەر «بىزگە سەئدىيە خاندانلىقىدىن 12 مۇقام مىراس قالغان . بۈگۈنكى كۈندە بىزنى 12 مۇقام دۇنياغا تونۇتتى، بىز دۇنيادا «ناخشا -ئۇسسۇل مىللىتى» دەپ ئېتىراپ قىلىندۇق. بىز يا ئىلىم-پەندە، يا تېخنىكىدا تونۇلمىدۇق، شۇڭا خەلىقىمىزنى دۇنياغا تونۇتىۋاتقان ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانى ئۇنداق-مۇنداق دىيىش خاتا!» دەيدۇ. توغرا، بىز مىللتىمىزنى باشقىلارغا، دۇنياغا تونۇتىدىغان مىللىي بايلىقلىرىمىزنى قەدىرلەيمىز، ھەم ئۇنىڭ بىلەن پەخىرلىنىمىز. ئەمما بىزنى ناخشا-ئۇسسۇلغا ماھىر بىر مىللەت سۈپىتىدە دۇنياغا تونۇتۇشتىنمۇ ئاۋال، بىز مىللىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى مىللەتلەر قاتارىدا ئۇزاق مەۋجۈت بولۇپ تۇرىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ھاياتى كۈچكە ئىگە مىللىي بايلىقلارغا تېخىمۇ مۇھتاج. ئويغانغان مىللەتلەر ئونۋېرسال مىللىي كۈچىنى ئاشۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولىۋاتسا، بىز ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋالىرىمىز مىللىتىمىزنى دۇنياغا تونۇتىۋاتىدۇ،دەپلا قانائەت قىلساق بولمايدۇ، چۈنكى تونۇلۇشقا قارىغاندا مەۋجۈتلىقنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش تېخىمۇ مۇھىم! دۇنياغا تونۇتۇشنىڭ يىللىرى تولا، بەزى ھاللاردا ئۇ بىر دەملىك ئىش. ئەمما مەۋجۈتلۇققا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ يوللىرى ئىنتايىن تار ۋە مۈشكۈل. شۇڭا بىز ناخشا-ئۇسسۇلدىن ئىبارەت بىرلا ئىشقا بەنىت بوپ قالمايلى، نەغمە-ناۋادىن ئىبارەت بىرلا ئىشنى ئۇنچىۋالا چوڭ بىلىۋالمايلى، ئونۋېرسال مىللىي كۈچىمىزنى ھازىرلاشقا تىرىشايلى.نەغمە-ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇل بىزنىڭ بايلىقىمىز، ئەمما بارلىقىمىز ئەمەس! ئەگەر ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋا جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىمىز بىلەنلا قانااتلىنىپ، پەخىرلىنىپ،مىللىتىمىزنىڭ مىللىي خاراكتىرىنى «سەنئەتخۇمار » دىگەن سۈپەتكە مىخلىۋىتىپ، نەغمە-ناۋا، ناخشا -ئۇسسۇلنى مىللىتىمىزنىڭ تۈپ خۇمارى قىلىپ ياشاشقا ئادەتلىنىپ كەتسەك ، ئۆمىرى كوتام بەختى قارا تەقدىرگە مۇپتىلا بولماي قالمايمىز. xxl|j$m  
مۇتەپپەككۈر ئالىمىمىز ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ «يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش » ناملىق چوڭقۇر مۇلاھىزىلىك ماقالىسىدە، قاراخانلار خانلىقى ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى ئونۋېرسال ئەۋزەللىكىمىز، ئەقلىي تەپەككۈرگە ئەھمىيەت بىرىدىغان ، ئەمەليەتچىل، ھاياتى كۈچكە ئىگە جۇشقۇن مىللىي خاراكتىمىز ھەققىدە سۆيۈنۈش بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ كېلىپ، 1400 يىللاردىن كىيىنكى مىللىي ھاياتىمىز ھەققىدە ئۆكۈنۈش بىلەن مۇنداق قۇرلارنى يازغان:«ئۇلۇغبەگ پاجىەسىدىن كېيىن ئەدىب-شائىرلىقتىن باشقا بىزدە كۆزگە كۆرۈنگىدەك ئالەمشۇمۇل ئالىملىرىمىز چىقمىدى. مەنىۋىي مەدەنىيەت خەزىنىمىز ھېسسىي سەنئەت ۋە ئەدەبىياتنى بىردىن-بىر ئىپتىخار پەللىسى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. قولىمىزنىڭ يەتكىنى ئۇسسۇل، دېمىمىزنىڭ يەتكىنى ناخشا بولدى! بىز «ئېتنولوگىيىلىك مىللەت» كاتىگۇرىيىسىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل مىللىتى بولۇپ قېلىۋەردۇق، بۇياقچىدىن ئارتۇق خىمىك، تۆمۈرچىدىن ئارتۇق فىزىكلىرىمىز بولمىدى ….. سەنئەتتە داڭق چىقارغان ، سەنئەتكە يۆلىنىپ تىرىكچىلىك قىلىدىغان سىگانلارنىڭ ئاقىۋەتتە يۇرت-ماكانسىز جاھان كىزىپ، تىلەپ-تېرىپ ياشاشقا، چۈشكەنلا ماكانلىقى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ نەزەرىيۋىي تەپەككۈر ۋە ئۆتكۈر پەنلەرگە بولغان يۈكسەك ئېتىبارىدىن «ئالىملار مىللىتى»، قۇدىرەتلىك، زامانىۋىي مىللەت كامالىتىگە يەتكەنلىكىنى نىمىشقا كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرمەيمىز؟!» (ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىن : «يىپەك يولىدا قايتا ئويلىنىش ».«شىنجاڭ مەدەنىيىتى »ژورنىلى 1995-يىل5-6 (قوشما سان)؛ «يىپەك يولىدىكى 9 ھېكمەت» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000-يىل نەشىرى ) FI?J8a  
ئىنسانىيەت يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغان مۇشۇ شاراىتتا، دۇنيادىكى بارلىق چوڭ-كىچىك مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ نىمە قىلىشى زۆرۈرلىكىنى كۈنسايىن چوڭقۇر تونۇپ يىتىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەرگىزمۇ ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋانى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئالىي خۇمارى ، ئەڭ ئالىي خوشاللىقى قىلىشىنىڭ كويىدا ئىزدەنمەيۋاتىدۇ. بەلكى، مەدەنىيەتنىڭ ھەممە ئامىللىرىغا ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈپ، بىرلەمچى ئامىللار بىلەن ئىككىلەمچى ئامىللارنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى، ماھارەت تىپلىق كىشىلەر بىلەن پاراسەت تىپلىق كىشىلەرنىڭ قىممەت تەرتىپىنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. "h[)5V{  
قازاقىستاندا نەشىر قىلىنغان «قازاقىستان، ئۆزبىكىستان ، قىرغىزىستانلاردا 20-ئەسىردە تونۇلغان مەشھۇر ئۇيغۇرلار » دېگەن بىر قىممەتلىك كىتاب يېقىندا قولۇمغا چۈشۈپ قالدى. شۇ كىتابنىڭ مۇندەرىجىسىگە قارىساقلا، ئەسلى نىمىگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈش، قايسى خىلدىكى كىشىلەرنى كۆپ يىتىلدۈرۈشكە كۈچەشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ يەتكىلى بولىدۇ. بۇ كىتابنىڭ مۇندەرىجە تەرتىپى مۇنداق : 2 G*uv+=  
1.ھاكىمىيەت .ئۈستىدە بولغانلار: 8/tB?j  
2. ئىقتىسادىي ساھەدە باش كۆتۈرگەنلەر؛ PcT]  
3. ئارمىيىدە داڭىق چىقارغانلار؛ @SxZ>|r-|v  
4. تەشكىلاتچىلار؛ "PRHQW  
5. ئالىملار-ئاكادىمىكلار؛ G[ #R1'  
6.دوختۇرلار؛ 'R-\6;3E>9  
7.مائارىپچىلار؛ K*DH_\SPK  
8.ئەدبىلەر؛ xsRkO9x  
9.ئاخباراتچىلار؛ _)= e`9%  
10 ئارخىكتورلار؛ GEVDXx>@  
11.رەسسام-ھەيكەلتاراشلار؛ qfCZ[D  
12. تىياتىر، مۇزىكا، كىنۇ، ئۇسسۇل ساھەسىدىكىلەر؛ mUP!jTF  
13. تەنھەركەتچىلەر. iVeH\a  
ھازىر بىزدە بولسا ئەھۋال باشقىچە: ئىككى كۆزىمىز نەغمە-ناۋا، ناخشا ئۇسسۇلچىلارغىلا تىكىكلىك؛ روھىمىز ناخشا-ئۇسسۇل، نەغمە-ناۋالارغىلا كۆڭۈل بۆلۈكلۈك . ئەڭ ئالىي ھەۋىسىمىز، ئەڭ يوقىرى ئىنتىلىشىمىز، ئەڭ ئومۇمىي خوشاللىقىمىز پەقەتلا نەغمە-ناۋا، ناخشا-ئۇسسۇل! مىللىي ئىپتىخارىمىزمۇ شۇنىڭغا مەركەزلىشىكلىك . شۆھبىسىزكى، بۇ بىر غەلىتە قىسمەت. |H^v8^%>zm  
يالقۇن روزى N&F.hi$_  
http://xjfifa.com 0 !%G #~th  
kGnT4R*E  
بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن رۇخسەت سورىماي مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا توربەتلەردە ئېلان قىلسىڭىز بولۇۋېرىدۇ
[ بۇ يازمىنىkurban.qayduدە2010-12-02 08:15قايتا تەھ ]

 
erhabi

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1557

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1549 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   78383 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   8438 (قېتم)
 تۆھپە:   8343  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 10729
 سائەت
دەرىجىسى:
10729 سائەت 71 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-17
ئاخــىرقىسى:2013-01-14
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-02

    
 
MAZLUM
tanharoh
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2832

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   45 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1560 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   101 (قېتم)
 تۆھپە:   71  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 20
 سائەت
دەرىجىسى:
20 سائەت 30 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-02
ئاخــىرقىسى:2011-02-13
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-02

  ئويلىنىپ بىرنەرسە  دەي
 
kumbah520
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2293

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   58 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4632 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   123 (قېتم)
 تۆھپە:   79  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 76
 سائەت
دەرىجىسى:
76 سائەت 14 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-09
ئاخــىرقىسى:2011-01-23
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-02

   p ~+sk1[.  
ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە 7n;a_Z0s$  
جۈرئەت قادىر NFur+zwv  
>: @\SU  
bgInIe  
9Y2(.~w6X  
1.ئۇيغۇرلار mII8jyg*c  
ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، دۇنيادا ياشىغۇچى تۈركىي خەلقلىرى ئىچىدە تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئەمگەكچان- باتۇرلۇقى، ئەقىللىق ۋە كۈرەشچانلىقى، ئاق كۆڭۈل ۋە سەمىمىيلىكى، ئۆزىنىڭ ياراتقان شانلىق مەدەنىيىتى بىلەن دۇنيانىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقانلىقى بىلەن تونۇلغان قەدىمقىي مەدەنىيەتلىك ئۇلۇغ مىللەت. ^ilgd  
ئۇيغۇرلار كېلىپ چىقىشى جەھەتتىن ھونلار، تۈركلەر بىلەن قان- قېرىنداش بولۇپ، تىل جەھەتتىن ئالتاي تىل سېستىمىسى تۈرك تىللىرى گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ. k5)IBO  
<ئۇيغۇر> دىگەن نام دەسلەپتە ئىتنىك (مىللىي) ئىسىم ئەمەس ئىدى. خۇددى داڭلىق شەرقشۇناس، ئاكادېمىك بارتولد: "<تۈرك> دىگەن ئىتنىك ئىسىم ئەمەس، بەلكى <تۈرك> دىگەن بۇ ئاتالغۇ تۇرك قەبىلىلىرىنىڭ سىياسىي بىرلەشمىسىنى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇ" دىگىنىگە ئوخشاش، <ئۇيغۇر> دىگەن ناممۇ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىرلەشكەن سىياسىي تەشكىلىنى كۆرسىتىدىغان نام. $VxuaOTyVZ  
16- ئەسىردە ئۆتكەن خېيۋا خانى ئۇبۇلغازى باھادۇرخاننىڭ <تارىخىي شەجەرىئى تۈرك> (تۈركلەرنىڭ شەجەرىسى) دىگەن ئەسىرىدە: "ئۇيغۇر دىگەن نام ئوغۇزخان تەرىپىدىن تۈركىي تىل سېستىمىسىدىكى قەبىلىلەرنىڭ باتۇر، ئۇيۇشقاق بىر قىسمىغا، ئۇلارنىڭ جەڭلەردە كۆرسەتكەن باتۇرلۇقى، خەلق ھەم ۋەتىنىگە كۆرسەتكەن سادىقلىقى ئۈچۈن بېرىلگەن نام" دەپ كۆرسىتىدۇ. 9<Th: t|w  
bG)6p05Oa  
بۇ پىكىرگە پروفېسسور كازلى (1841- يىلى ئۆلگەن)، ئاكادېمىك رادلوپ (1890- يىلى ئۆلگەن) لار قوشۇلىدۇ. شەرق تارىخشۇناسلىرىدىن رەشىددىدىن ئۆزىنىڭ <جامئوت تەۋارىخ> (تارىخلار توپلىمى) دىگەن كىتاۋىدا بۇ پىكىرگە ئاساسلار كۆرسەتكەن ئىدى. <S@2%%W  
ئۇبۇلغازى باھادۇرخان ئۆز پىكرىنى داۋاملاشتۇرۇپ "<ئۇيغۇر> سۆزى ئۇيۇشقاق، <يېپىشقاق>، <بىرىككەن> مەنىسىدە بولۇپ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدە شۇنداق خۇسۇسىيەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن <ئۇيغۇر> دەپ نام بېرىلگەن" دەيدۇ. ]RW*3X  
بۇ نام دەل مۇشۇنداق ئاساستا مەيدانغا چىققانمۇ، بۇنىڭغا تا ھازىرغىچە نەق، ئىلمىي، تارىخىي ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پاكىت كەم، بولسىمۇ يېتەرلىك ئەمەس. .Ag)/Xm(?  
ئەمما <ئۇيغۇر> دىگەن ئاتالغۇنىڭ تومۇرى تۈركچە ئىكەنلىكىنى كىلاپورت، پىلانو، كارنپىلى قاتارلىق تىلشۇناسلار ئۆز ئاساسلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ. دىمەك، <ئۇيغۇر> دىگەن نام ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ سىياسىي تەشكىلىنىڭ نامى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. 8- ئەسىرلەردە، ھازىرقى تاشقى موڭغۇلدا قۇرۇلغان دۇنياغا داڭلىق ئورخۇن دۆلىتىمۇ ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دۆلىتى، دەپ ئاتىغان ئىدى. Fi+,omB&  
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى جۇڭگو يىلنامىلىرىدا ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەرگە قاراپ ئوخشىمىغان ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن، مەسىلەن، ئۇيغۇرلار ھون ئىتتىپاقىغا كىرگەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىرلەردە دىڭلىڭ 丁零 دىگەن نام بىلەن ئاتالغان بولسا، مىلادى 4- ئەسىرلەرگە كەلگەندە يۈەنخې 袁纥 دىگەن نام بىلەن، 5- ئەسىرلەردە گاۋچې 高车 دىگەن نام بىلەن، ئۇنىڭدىن كېيىن تېلې 铁勒، ۋېيخې 韦纥، تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغا كەلگەندە خۇيخې 回纥، مىلادى 788- يىللاردىن كېيىن خۇيگۇ 回鹘 دىگەن ناملار بىلەن ئاتالغان. `[f IK,  
ئۇيغۇرلار قەبىلە ئىتتىپاقى 9 قەبىلىدىن، بەزىدە 10 قەبىلىدىن تەشكىل تاپقاچقا، بەزى تارىخىي ھۆججەتلەردە <توققۇز ئوغۇزلار> دەپ ئاتىلىدۇ. خەنزۇ تارىخىي مەنبەلىرىدە بولسا <توققۇز تۈركلەر> 九姓铁勒 دەپ ئاتالغان. j 2Jew  
ئۇيغۇرلار ئۇرۇق، قەبىلىدىن قەبىلە ئىتتىپاقى بولۇپ، قەبىلە ئىتتىپاقىدىن خەلق، خەلقتىن مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەنگە قەدەر بولغان ئارىلىقتا ناھايىتى ئۇزاق بىر تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن ھەمدە مۇشۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياننى بېسىپ ئۆتۈش جەريانىدا نۇرغۇن ئىجتىمائىي ئەگرى- توقايلىقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن. بۇنداق ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ جەريان ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي ھاياتى، جەمىيەت تۈزۈلمىسى، ئىتنىك تەشكىلى، تۇرمۇش ئۆرپ- ئادەتلىرى ۋە ئاڭ- پىكرى، تىل تەرەققىياتىغا ماھىيەتلىك تەسىر كۆرسەتتى، بۇ ئۇلارنىڭ بەدىئىي تەپەككۇرىغا، ئەدەبىيات- سەنئىتىگە سىڭىپ كىرىپ، چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان. Sj4@pMh4  
2. ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغان جايلىرى O@KAh5EB  
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى ئانا ماكانى شىنجاڭنى ئاساس قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا بولۇپ، دۇنيا جامائەتچىلىكى بىردەك ئېتىراپ قىلغان تارىخىي ئارجىئولوگىيەلىك ماتىرىياللار بۇ كۆز قاراشنى يىمىرىلمەس پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ بەرمەكتە. *wz62p  
ياۋرۇپالىق تارىخ ۋە ئارخىئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشىچە، ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ تارىخ سەھىپىسىدىكى تەرەققىياتى بىر خىل بولغان ئەمەس. بۇنىڭغا ھەر قايسى خەلق ياشىغان جاينىڭ جۇغراپىيىۋى شارائىتى موھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرى بولغان. eNI6V/\`  
دەريا بويلىرىدىن ماكان تۇتقان، دېھقانچىلىق شارائىتى ياخشى بولغان خەلق دېھقانچىلىق بىلەن شوغۇللۇنۇپ، تۇراقلىق ھايات كەچۈرۈپ، مەدەنىيەتكە خېلى بالدۇرلا قەدەم قويغان. 6q^.Pg-Y  
مەسىلەن، تارىم دەريا ۋادىسى، نىل دەريا ۋادىسى (مىسىردا)، گاڭگا دەريا ۋادىسى (ھىندىستاندا)، سىر دەريا ۋادىسى، خۇاڭخې، چاڭجىياڭ قاتارلىق چوڭ- چوڭ دەريا ۋادىلىرىدا ياشىغان خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتى خېلى بۇرۇنلا تەرەققى قىلغان.  Hh<}~s  
تاغ ئېتەكلىرى، يايلاقلاردا ياشىغان خەلقلەر كۆچمەنچىلىك، چارۋىچىلىق بىلەن، ئورمانلاردا ياشىغانلار ئوۋچىلىق بىلەن شوغۇللانغان، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىمۇ ئۆزىنىڭ ياشىغان شارائىتى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىغا قاراپ ئۆزىگە يارىشا تەرەققى قىلغان. خەلقلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېزا- قىشلاق، شەھەر، ئۆتەڭلەردە بولسا، مەدەنىيەت تېز ۋە يۈكسەكراق تەرەققى قىلغان. ~FZ=  
كەڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەريا ۋادىلىرى، چەكسىز كەتكەن ئورمان ۋە ئوتلاقلارغا ئىگە بولغان، تەبىئىي شارائىتى ياخشى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەڭ قەدىمقىي زامانلاردىن باشلاپلا مەدەنىيەت تەرەققى قىلغان. >1d`G%KfG  
يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا تەبىئىي شارائىت ئۆزگۈرۈپ، دەريا سۇلىرى قۇرۇپ، كۆللەرنىڭ، دېڭىزلارنىڭ ئورنىنى قۇم بارخانلىرى ئىگىلەپ، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەرگەن. ھازىرقى كاسپىي دېڭىزى، بالقاش كۆلى، لوپنۇر كۆلى، سايرام كۆلى ۋە باغراش كۆلى، ئارال دېڭىزى قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ- كىچىك كۆللەر بۇرۇنقى دېڭىزدىن قالغان پارچە كۆللەردىن ئىبارەت. ucC'SS  
بۇنىڭدىن ئون مىڭ يىللار بۇرۇن قۇرغاقچىلىق ۋەھىمىسىدە قالغان ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئوتتۇرا ئاسىيادىن تەرەپ- تەرەپكە قاراپ كۆچۈشكە باشلىغان. IqmoWn3  
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىدىكى__ تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئۆزلىرىگە يېقىن بولغان سېرىق دەريانىڭ شىمالىي تەرىپىگە كۆچكەن، يەنە بىر قىسمى تارىم ۋادىسىدا داۋاملىق ئولتۇراقلىشىپ قالغان. سېرىق دەريانىڭ شىمال تەرىپىگە كۆچكەنلەر تاشقى موڭغۇلدىكى ئورخۇن، سىلىنگا دەريالىرىنىڭ ۋادىلىرىغا، بايقال كۆلىنىڭ بويلىرىغا ئورۇنلاشقان، تارىختىكى ھونلار، تۈركلەر، ئۇيغۇرلار دەپ ئاتالغان مانا شۇ تارىم بويىدىن كۆچۈپ بارغانلارنىڭ ئەجداتلىرىدۇر. WJ$!W  
<شىنجاڭ گېزىتى> نىڭ 1981- يىلى 2- ئاينىڭ 24- كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنىشىچە (ئۇيغۇرچىدا): 1979- يىلى قىشتا شىنجاڭ ئىختىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاخىئولوگىيە تەتقىقات ئۆمىكى لوپنۇر كۆلىنىڭ غەربىي شىمالىدىن تەخمىنەن 70 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كۆنچى دەرياسى تۆۋەن ئېقىمىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى بىر ئىپتىدائى جەمىيەتكە مەنسۈپ قەۋرىستانلىقتىن ئىككى جەسەتنى تاپقان. ئۇنىڭ بىرى، ياش ئايالنىڭ جەسىتى، يەنە بىرى بالىنىڭ جەسىتى. نەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە پاكولتېتىنىڭ <كاربون 14> تەجرىبەخانىسى جەسەت بىلەن بىللە قېزىۋېلىنغان ياغاچ ۋە باشقا بۇيۇملارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق جەسەتلەرنىڭ بۇندىن 6412 يىل بۇرۇنقى جەسەت ئىكەنلىكىنى ئىنىقلاپ چىقتى (بۇ خەۋەر <خەلق گېزىتى> نىڭ 1981- يىلى 2- ئاينىڭ 17- كۈنىدىكى سانىنىڭ 1- بېتىدىمۇ ئېلان قىلىنغان). بۇ جەسەتلەر ئاپتۇنۇم رايونىمىز بويىچە ھەتتا پۈتۈن مەملىكىتىمىز بويىچە ئالغاندىمۇ، ھازىرغىچە تېپىلغان قەدىمقىي جەسەتلەر ئىچىدە ئەڭ قەدىمقىسى ھىساپلىنىدۇ. $[8GFv  
بۇ ئىككى جەسەت ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قېزىۋېلىنغان تۈرلۈك نەرسىلەر ئەجداتلىرىمىزنىڭ جىسمانىي ئالاھىدىلىكىنى، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، يۇڭ توقۇمىچىلىق، ھۈنەر- سەنئەت قاتارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. AE 2>smp5@  
جەسەت تېپىلغان قەۋرىستانلىقتىكى قەۋرىلەر ناھايىتى پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قۇم دۆۋىسىنىڭ ئۈستىدىن بىر- بىرىگە كىرىشتۈرۈپ تىزىلغان 7 قات يۇمۇلاق ياغاچ ۋە ھارۋا چاقىنىڭ شادىسىغا ئوخشاش تىزىلغان يۇمۇلاق شەكىلدە ياغاچلار كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. گۆرنىڭ شەكلى ئاساسەن ئۈچ خىل بولۇپ، جەسەت بىلەن ھەر خىل نەرسىلەر بىللە قوشۇپ كۆمۈلگەن. جەسەت قېزىۋېلىنغان گۆرنىڭ ئىككى بېشىغا بىردىن ياغاچ قويۇلغان بولۇپ، يەر ئۈستىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. گۆر تىك قىلىپ قېزىلغان، جەسەتلەر ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇلغان. گۆر ئۈستى ياغاچ تاختاي بىلەن يېپىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە قوي تېرىسى ۋە ئەخلەت ئالىدىغان شازا شەكىلدىكى چىغ توقۇلما يېپىلغان. جەسەت ناھايىتى يىرىك، قوپال توقۇلغان يۇڭ توقۇلما رەختكە ئورالغان بولۇپ، ئۆز پېتى ساقلانغان. ئايال جەسەتنىڭ بېشىغا كىگىز تەلپەك كىيگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ساغۇچ ئۇزۇن چېچى دولىسىغا چۈشۈپ تۇرىدۇ. كۆزلىرى بۇلاقتەك، كىرپىكلىرى ئۇزۇن، ئاغزى ئويماقتەك، بۇرنى قاڭشالىق بولۇپ، بەكمۇ چىرايلىق ئىدى. جەسەت بىلەن بىللە قېزىۋېلىنغان نەپىس توقۇلغان چىغ سۆۋەتلەرنىڭ ئىچىگە زىرائەت دانلىرى سېلىنغان بولۇپ، بۇ دانلار ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن چىرىپ، ئۇنغا ئايلىنىپ كەتكەن. (y!<^ Q  
بالا جەسىتى بىلەن بىللە كۆمۈلگەن چىغ سۆۋەتتىن ئۆز پېتى ساقلىنىپ قالغان بۇغداي چىققان. مۇشۇ قەۋرىستانلىقتىكى باشقا قەۋرىلەردىن تاش قوراللار، ياغاچ ئەسۋاپلار، سەدەپ مارجان، تاش مارجان، ياغاچتىن ئويۇلغان ئادەم ھەيكىلى ۋە ھەر خىل ھايۋانات سۆڭىكى قاتارلىق يۇقۇرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە مەدەنىي مۇيۇملار قېزىۋېلىندى. MHkTN  
يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان، ئىككى جەسەت ھەققىدىكى مەلۇمات دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى ئانا ماكىنى، ئىرقىي كېلىپ چىقىشى، مەدەنىيىتى قاتارلىق جىددىي مەسىلىلەرگە قايىل قىلارلىق دەرىجىدە جاۋاب بېرىدۇ. v9s /!<j  
c:MP^PWc  
6412 يىل بۇرۇن ئۇيغۇر ئايال بىلەن بالىنىڭ لوپنۇر ئەتىراپىغا دەپىن قىلىنىشى ئۇيغۇر ئەجداتلىرىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخىي دەۋردىن تارتىپ شىنجاڭدا ياشاپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇندىن 10 مىڭ يىللار ئىلگىرى، قۇرغاقچىلىق تۈپەيلىدىن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۆزىگە يېقىن بولغان ھازىرقى ئىچكى، تاشقى موڭغۇلغا، بايقال كۆلىنىڭ بويلىرىغا كۆچۈپ بارغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان پولاتتەك پاكىت. >|22%YVX  
لوپنۇر ئەتىراپىدىن تېپىلغان ياش ئايال بىلەن بالىنىڭ جەسىتى ھەققىدىكى مەلۇماتتا <بۇلار ھازىر ئاپتونۇم رايونىمىز ۋە مەملىكەت بويىچىمۇ ھازىرغىچە تېپىلغان ئەڭ بۇرۇنقى جەسەت ئۈلگىسى؛ شۇنداقلا دۇنيا بويىچىمۇ ھازىرغىچە تېپىلغان قەدىمقىي جەسەتلەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇنقى جەسەت ئۈلگىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ> دىيىلگەن. m.A_u7D@  
دۇنيا تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق، ھازىرغىچە دۇنيادا مەدەنىيەت ئەڭ بۇرۇن باشلانغان جاي دەپ ھىساپلىنىۋاتقان ئافرىقىدىكى نىل دەرياسى ۋادىسىدىن تېپىلغان ئېھراملار (پرامىدالار) ئىچىدە ئەڭ قەدىمقىي ئېھرام دەپ تونۇلغىنى بۇندىن 5500 يىل بۇرۇن ياسالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە مىسىر پادىشاھلىرىنىڭ جەسىتى دەپىن قىلىنغان. مانا شۇ جەسەتلەر ھارىزغىچە دۇنيادا تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ ئەڭ قەدىمقىسى ھىساپلىنىپ كەلگەن. لېكىن لوپنۇردا تېپىلغان جەسەت ئۇنىڭدىن 912 يىل كونا. شۇنداق بولغاندا، دۇنيا تارىخىي بۇندىن كېيىن دۇنيادا مەدەنىيەت ئەڭ بۇرۇن باشلانغان جاي مىسىردىكى نىل دەرياسى بويلىرى ئەمەس، ئاسىيادىكى تارىم دەرياسى بويلىرى دەپ يېزىشقا تامامەن ھەقلىق. .. xg4V/  
يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان جەسەت ھەققىدىكى مەلۇماتتا يەنە <گۆر تىك قىلىنىپ قېزىلغان، جەسەتلەر ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇلغان. 4 ئەتىراپى ياغاچلار بىلەن توساپ قويۇلغان، گۆر ئۈستى ياغاچ تاختاي بىلەن يېپىلغان> دىيىلگەن. yH0BNz8V  
گۆر ئۈستىنىڭ ياغاچ تاختاي بىلەن يېپىلىشى ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇ دەۋرلەردىلا تۆمۈر قورال، ھىچ بولمىغاندا قىس قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. چۈنكى ياغاچنى تاش قورال بىلەن چاناپ ياخياي قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنى تۆمۈر پالتا، تۆمۈر ھەرە ياكى مىس پالتا، مىس ھەرە بىلەنلا تاخياي ھالىتىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن. i?&g;_n^  
جەسەتنىڭ يۇڭ رەخت بىلەن كېپەنلىنىشى، ياغاچ تاختاي، چىغ سۆۋەت ۋە سۆۋەت ئىچىدە بۇغداينىڭ ساقلىنىشى تارىم ۋادىسىدا مەدەنىيەتنىڭ ناھايىتى قەدىمقىي چاغلاردىن تارتىپ باشلىنىپ، ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شوغۇللانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. fH/J8<  
خۇلاسە قىلغاندا، لوپنۇر ئەتىراپىدىن تېپىلغان جەسەتلەر ۋە باشقا بۇيۇملار تارىخچى مورگانىڭ <دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى تارىم دەرياسى تۈزلەڭلىكى ئاستىدا كۆمۈكلۈكتۇر، قاچانكى بۇ ئاچقۇچ تېپىلىدىكەن، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ سىرى مەلۇم بولغۇسىدۇر> دىگەن ھۆكۈمىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. prx)Cfv  
مىلادى 2- ئەسىردە ياشىغان يۇنان ئالىمى پتولومى ئۆزىنىڭ 10 توملۇق <جۇغراپىيە> ناملىق ئەسىرىدە، ھازىرقى تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى ئاساسىي يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھايات پائالىيىتى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي شارائىتلىرى (تاغ- دەريالىرى) ھەققىدە خېلى تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن. Lgh. 1foK  
<ۋېي يىلنامىسى، ئىگىز ھارۋىلىقلار ھەققىدە قىسسە>، <ۋېي يىلنامىسى، جۇجانلار ھەققىدە قىسسە> باپلىرىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مىلادى 4- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، ھازىرقى تاشقى موڭغۇلنىڭ شەرقىي قىسمىدا ياشايدىغان، ياۋرۇپا تارىخچىلىرى ئاۋارلار دەپ ئاتايدىغان جۇجانلار باش ***ەردى. جۇجانلار مانجۇ- موڭغۇل نەسلىگە مەنسۈپ بولۇپ، بىرنەچچە ئەسىر يەنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردىن مىلادى 1- ئەسىرگىچە ھون ئىمپىراتورلۇقىنىڭ تەركىۋىدە تۇرغانلىقتىن، ئۇلار تۈركلەشكەن خەلق ئىدى. مانا شۇ جۇجان تۈركلىرىنىڭ خاقانى مىلادى 400- يىللىرى، تاشقى موڭغۇلدىكى ئۇيغۇرلارنى، ئالتايدىكى تۈركلەرنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كۈچى بىلەن تېخىمۇ قۇدرەت تاپتى. ئۇيغۇرلار جۇجان خاقانلىقىنىڭ قولىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە مەجبۇر قىلىنغان بولسا، ئالتايدىكى تۈركلەر جوجانلار ئۈچۈن ھەربىي قورال ياساپ بېرىشكە مەجبۇر قىلىنغان. چۈنكى ئالتاي تۈركلىرى مېتال ئېرىتىپ تۈرلۈك ھەربىي قوراللارنى ياساشقا ئۇستا ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى جۇجان خاقانلىقىنىڭ زىمىنى غەربتە ھازىرقى قاراشەھەرنىڭ شىمالىغىچە، شەرقتە چاۋشەننىڭ غەربىي قىسمىغىچە، شىمالدا تاشقى موڭغۇلنىڭ شىمالىغىچە، جەنۇپتا ئىچكى موڭغۇلنىڭ جەنۇبىغىچە سوزۇلغان، ئۇنىڭ پايتەختى ھازىرقى گەنسۇ (كەڭسۇ) ئۆلكىسىنىڭ جاڭيى ناھىيىسىنىڭ شىمالىدا ئىدى. IOx9".  
مىلادى 487- يىلى، تاشقى موڭغۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى بورىكلى قەبىلىسىنىڭ (بوكلىكلەر) خانى ئاي ئوجرونىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇجانلارغا قارشى ئىسيان ***ۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىغا (جۇڭغار ئويمانلىقىغا) قاراپ كۆچكەن. جوجان خاقانى تولۇن خان ۋە ئۇنىڭ تاغىسى ئايناغاي خانلار ئۇيغۇرلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ شىنجاڭغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار تولۇن خاقان بىلەن ئايناغاينى تارمار كەلتۈرگەن. مىلادى 487- يىلى شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار شۇ جايدىكى قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ، تارىختا <ئىگىز ھارۋىلىقلار> 高车 خانلىقى دەپ نام ئالغان ئۇيغۇر خانلىقىنى (487- يىلىدىن 546- يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) قۇرغان. 59 يىل ھۆكۈم سۈرگەن بۇ خانلىقنىڭ پايتەختى ماناش ئەتىراپىدا بولۇپ، زىمىنى شىمالدا ئالتاي، شەرقتە قۇمۇل، غەربتە ئىلى ۋادىسى، جەنۇپتا قاراشەھەر، لوپنۇر ئەتىراپلىرىغىچە سوزۇلغان. بۇ خانلىق ئۆزىگە چېگرىداش بولغان شىمالدىكى جوجانلار بىلەن، جەنۇبتا ئاق ھونلار بىلەن، لوپنۇر ئەتىراپىدا تاڭغۇتلار بىلەن (تىبەت خانلىقى) دائىم ئۇرۇشۇپ تۇرغان. kCWaji_x%  
موڭغۇلىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ مىلادى 487- يىلى شىنجاڭغا كۆچۈپ كلىشى پەقەت ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ قوينىغا، ئانا ماكانىغا قايتىپ كېلىشتىنلا ئىبارەت. $-zt,iRyV  
خۇلاسە قىلغاندا، يۇقۇرىدىكى پاكىتلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمقى چاغلاردىن تارتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەڭ ئاساسىي يەرلىك خەلقى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانى ئىكەنلىكىنى، ئونمىڭ يىللار بۇرۇن يۈز بەرگەن قۇرغاقچىلىق تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ھازىرقى تاشقى موڭغۇلدىكى ئورخۇن، سىلىگا دەرياسى ۋادىلىرىغا، بايقال كۆلى ئەتىراپىغا كۆچۈپ بېرىپ ماكانلاشقان بولسىمۇ، تۈرلۈك تەبىئىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن، شىنجاڭغا __ ئۆز قېرىنداشلىك قوينىغا، ئانا ماكانىغا قايتىپ كېلىپ، ئايتاي، يەتتە سۇ (ھازىرقى قازاقىستانغىچە)، تەڭرى تاغ ئېتەكلىرى، ھەتتا كوئىنلون باغرىغىچە، دۇڭخۇاڭ، چىليەنشەن، گەنسۇ ئەتىراپلىرىغىچە ماكانلاشقانلىقىنى تولۇق ۋە قايىل قىلارلىق ھالدا ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. 8- ئەسىردە، ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تەبىئىي ئاپەت، ئىچكى- تاشقى ئۇرۇش- تالاش سەۋەبىدىن پايتەختنى ئىدىقۇتقا كۆچۈرگەنلىك توغرىسىدىكى پاكىتنى قوشقاندا، بۇ ئىسپاتنى تېخىمۇ زور ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ. Vnu*+  
دىمەك ئۇيغۇرلار قەدىمقىي دەۋرلەردە ئەنە شۇنداق كەڭ زىمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتۇن دىياردا ياشىغان ئىدى. Q,#)  
[f9U9.fR  
.]_(>^6  
ئۇيغۇر تىلى '+6SkZ  
ۋەتىنىمىز كۆپ مىللەتلىك مەملىكەت بولغىنى ئۈچۈن، تىل سىستېمىسىمۇ خىلى كۆپ. كونكىرت قىلىپ ئېيتقاندا، خەنزۇ- زاڭزۇ تىل سىستېمىسى، ئالتاي تىل سىستېمىسى، ئاۋسترو- ئاسىيا تىل سىستېمىسى، جەنۇبىي ئاسىيا تىل سىستېمىسى، ھىندى- ياۋرۇپا تىل سىستېمىسى قاتارلىق بەش خىل تىل سىستېمىسىغا مەنسۈپ 80 خىلدىن كۆپرەك تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەت ۋە خەلق ياشايدۇ. biJ"@dm4  
ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى ناھايىتى چوڭ تىل سىستېمىسى، ئۇ تۈركىي تىللار تۈركۈمى، موڭغۇل تىلى تۈركۈمى، مانجۇ- توڭگوس تىلى تۈركۈمى ۋە چاۋشيەن، ياپون تىلى تۈركۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداقلا بۇ تىل سىستېمىسى ئورال تىل سىستېمىسىغا كىرىدىغان ئوگۇر- فىن ۋە سامودى تىللىرى تۈركۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تېخىمۇ زور ئورال- ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھازىر دۇنيادا مۇشۇ تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 200 مىليون ئەتىراپىدا بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن ئاسىيا ۋە ياۋرۇپانىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدا ياشايدۇ. ئۇيغۇر تىلى ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تاتار، يوغۇر، سالا، نوغاي، تۈركمەن، تۈرك، ئەزەربەيجان، باشقىرت، قارا قالپاق، قومىق، تۇخار، خاكاس، چۇۋاش، ياقۇت، قارايىم، قاراچاي، شور، ئاباقان، تىلىۋوت، تورا، قۇندۇم، كوماندى، قويبول، كورىك، سۇيۇت، ساغاي، بارابا، قاچا، لىبىد قاتارلىق تىللار بىلەن بىر قاتاردا تۈركىي تىللار تۈركۈمىگە مەنسۈپ بولۇپ، تۈركىي تىللار تۈركۈمىنىڭ شەرقىي تۈركىي تىللار تارمىقىغا مەنسۈپ بىر خىل تىل. @ j/UDM  
دۇنيا تۈركشۇناس ئالىملىرى تۈركىي تىللار شەكىللىنىش تارىخىنى مۇنداق 6 دەۋرگە بۆلىدۇ: 2UPqn#.3  
(1) ئالتاي دەۋرى: بۇنىڭ يىل ھىساۋى ئېنىق ئەمەس. ئالىملارنىڭ ئىلمىي پەرىزىچە، مىلادىدىن بۇرۇنقى خېلى ئۇزاق بىر تارىخىي دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. Q Q3a&  
(2) ھون دەۋرى: مىلادىدىن بۇرۇنقى 5- ئەسىردىن مىلادى 3- ئەسىرگىچە ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. vhA 4ol  
(3) قەدىمقى تۈركىي دەۋرى: مىلادى 5- ئەسىردىن 10- ئەسىرگىچە ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. zJhG`iWFw  
(4) ئوتتۇرا تۈركىي دەۋرى: يەنى تۈركىي تىللارنىڭ تەرەققى قىلىپ بىر بىرىدىن پەرق قىلىپ، ئايرىم شەكىللىنىشكە باشلىغان دەۋرى بولۇپ، مىلادى 10- ئەسىردىن 15- ئەسىرگىچە ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. lV4|(NQ9  
(5) يېڭى تۈركىي دەۋرى: تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلى شەكىللىنىپ، مۇستەقىل تەرەققى قىلىشقا باشلىغان دەۋرى بولۇپ، مىلادى 15- ئەسىردىن 20- ئەسىرگىچە ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ;}iV`)S  
(6) ئەڭ يېڭى دەۋر: بۇ ئۆكتەبىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى دەۋرىدىن باشلىنىدۇ. يۇقۇرىدىكى ئىز بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى تەكشۈرگەندە، تۆۋەندىكى جەرياننى كۆرگىلى بولىدۇ: Pz+2(Z  
(1) ئالتاي دەۋرىدە، مانجۇ- توڭگوس (سىيانپىي) گۇرۇپپىسى بىلەن موڭغۇل، تۈركىي تىل گۇرۇپپىسى ئايرىلىپ، مۇستەقىل ئىككى تىل گۇرۇپپىسى شەكىللىنىشكە باشلىغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى موڭغۇل، تۈركىي تىل گۇرۇپپىسىنى تەكشۈرگەندە، موڭغۇل تىلىدىن تۈركىي قەبىلىلىرىنىڭ تىلىمۇ ئايرىلىپ چىقىپ شەكىللىنىشكە باشلىغان. موڭغۇل، تۈركىي تىل گۇرۇپپىسىدىن ئەڭ ئالدى بىلەن ئايرىلىپ چىقىپ شەكىللىنىشكە باشلىغان تىل ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن ئوگور (ئوغۇر)، قوتورغور (قوتتاغور)، ساراگور (ساراغۇر) لارنىڭ تىلى. كېيىنرەك ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى شەكىللىنىشكە باشلىغان. op\'T;xIu  
(2) ھون دەۋرىدە، تۈركىي قەبىلىلەر ئۇزاققىچە بىر- بىرى بىلەن ئارىلىشىپ ياشاپ، 3 تىل گۇرۇپپىسىنى شەكىللەندۈردى: پۈتۈن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نەسىللىرى بىرلىشىپ قارلۇق، ئوغۇر تىلى گۇرۇپپىسىنى شەكىللەندۈردى؛ ئوغۇر تىلى گۇرۇپپىسى شەكىللەندى؛ قىپچاق تىلى گۇرۇپپىسى شەكىللەندى. e XB'>#&s  
(3) قەدىمقى تۈركىي دەۋرىدە يەنى 5- ئەسىردىن 10- ئەسىرگىچە تۆۋەندىكى 3 دەۋرنى بېشىدىن كەچۈردى: توكيو دەۋرى (5- ئەسىردىن 8- ئەسىرگىچە بولغان كۆك تۈرك دەۋرى)؛ قەدىمقى ئۇيغۇر دەۋرى: 8- ئەسىردىن 9- ئەسىرگىچە)؛ ⑿ قەدىمقى قىرغىز دەۋرى: (9- ئەسىردىن 10- ئەسىرگىچە). Bu[sSoA  
(4) ئوتتۇرا تۈركىي دەۋرى. 10- ئەسىردىن 15- ئەسىرگىچە ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تۈركىي تىللار رەسمىي شەكىللىنىپ، تەرەققى قىلىش باسقۇچىغا كىرگەن بۇ دەۋر سىياسىي كۈچلەر نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مۇنداق ئىككى دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: قاراخانىلار دەۋرى (10- ئەسىردىن 12- ئەسىرگىچە)؛ ⑿ موڭغۇل چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ دەۋرى. k0@b"y*  
10- ئەسىردە، قۇدرەت تاپقان ياغما قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلىپ ئالدىن بالاساغۇن، كېيىن قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا كۈچلۈك قاراخانىلار دۆلىتى قۇرۇلدى. قاراخانىلار پۈتۈن ماۋرائۇننەھرى ۋادىسىنى ۋە سامانىلار (ئىرانلىقلار) غا تەۋە بولغان غەربتىكى بۇخارا، سەمەرقەنتلەرنىمۇ ئۆز ئىلكىگە كىرگۈزدى. ئۇ ئۇششاق فېئودال ئۇيغۇر خانلىقلىرىنى ۋە ئامۇ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمدىكى 10- ئەسىردە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان مەدەنىيەتلىك تۈركىي ۋە ئىران خەلقلىرىنىمۇ ئۆزىگە بويسۇندۇردى. بۇ مەزگىلدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي ئەدەبىي تىل ئىككى مەركەزنى ئاساس قىلغان خاراكتىرگە ئىگە ئىدى: 3sh}(  
1) خاقانىلار تىلى (خاقانىيە تىلى) بولۇپ، بۇ قارلۇق__ ئۇيغۇر تىلى. بۇ تىل پۈتۈن غەربىي ۋە شەرقىي ئاسىيادا ئەدەبىي تىلنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. Bri yy  
2) قارلۇق__ خارازىم تىلى. بۇ تىل قاراخانىلارنىڭ ئەدەبىي تىلى بولغان قارلۇق__ ئۇيغۇر تىلى (خاقانىيە تىلى) تەسىرىدە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، خارازىم ئوبلاستىدا موڭغۇل ئىستىلاسىغىچە ئۈلگە بولۇپ كەلگەن. موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كېيىن خارازىمنى مەركەز قىلغان جۇجى ئۇلۇسى (پۇقراسى) <ئالتۇن ئوردا> ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە ۋە چاغاتاي ئۇلۇسىنىڭ غەربىي قىسمىنىڭ ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالدى. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى يېزىق جەھەتتىن قەدىمقى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى، قىسمەن ئەرەب ئېلىپبەسىنى ئىلەتتى. ئەمما يازما ئەدەبىي يادىكارلىكلىرىدا قارلۇق__ ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلەتتى. يۇقۇرقىلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ قىسقىچە جەريانىدۇر. ~AqFLv/%  
ئۇيغۇر قەبىلىلىرى مىلادىدىن 3 ئەسىر بۇرۇنلا ھون ئىتتىپاقىغا كىرگەن. ھون ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى تەشكىل قىلغۇچى قارلۇق قەبىلىسى قارلۇق__ ئۇيغۇر تىلىنى شەكىللەندۈرۈپ، قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ <خاقانىيە تىلى> نىڭ ئاساسىنى ياراتقان ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيادا شەرق ۋە غەرب ئەدەبىي تىللىرىنى شەكىللەندۈرگەن. ئەڭ ئاخىرى يېڭى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۆزبېك تىللىرىنىڭ ئاساسىي بولۇپ قالغان قارلۇق__ ئۇيغۇر تىلى ھون تىلىنىڭمۇ ئاساسىي دىگەن ھۆكۈمگە ئېلىپ كېلىدۇ. zl a^j,  
تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئەجداتلىرىنىڭ بىر قىسمى ئەڭ قەدىمىي چاغلاردا ھازىرقى تاشقى موڭغۇلنىڭ ئورخۇن، توغلا دەريالىرى ۋادىسىدا ياشىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. مانا شۇلارنىڭ ئورخۇن دەرياسىنىڭ <خۇن> دەپ ئاتىلىدىغان بىر تارمىقىنىڭ بويىدا ياشىغانلىرى ئۆزلىرىنى ئاشۇ دەريانىڭ نامى بىلەن <خۇن> دەپ ئاتاشقان ئىكەن. بەزى تۈركشۇناسلار <ھون> سۆزى ئەنە شۇ <خۇن> سۆزىدىن كېلىپ چىققان دىيىشىدۇ. يەنە شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش لازىمكى، ھازىرقى تۈركشۇناسلارنىڭ بىر قىسمى قەدىمقى چاغلاردا شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئۆزلىرىنى <كۈن> دەپ ئاتاشقان. چۈنكى شامان دىنى كۆپ خۇدالىق دىن بولۇپ، ئۇنىڭدا كۈن تەڭرىسى ئاساسلىق تەڭرى ئىدى، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىش ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. <ھون> سۆزى ئەنە شۇ <كۈن> سۆزىدىن كېلىپ چىققان دىيىشىدۇ. قانداق بولمىسۇن، يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى خىل ھۆكۈمنىڭ بىرى توغرا دىيىلگەندىمۇ، <ھون> دىگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ. GkOZ =ej  
ھازىرقى زامان تۈركولوگلىرى ئۆز تەتقىقاتلىرىدا ئەنە شۇ ھونلارنىڭ تىلى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ئىگەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا. شۇ نەرسە ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىنكى، تىل تارىخنىڭ شەكىللىنىشىدە <ھون تىلى> دىگەن ئىبارىنى زادى ئۇچراتمايمىز. ئەكسىچە ئۇنىڭ ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى تەشكىل قىلغان، ئۇنىڭ قان قېرىندىشى بولغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ تىل تارىخىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇنىڭ بۇ جەرياندا تۇتقان ئورنى، رولى توغرىسىدا يېتەرلىك پاكىتلارنى تاپالايمىز. YadG05PDe  
خۇلاسە قىلغاندا، ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ شەرقىي تۈرك تىلى قارمىقىدىكى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە تىل بولۇپ، ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردىن بېرى تەرەققى قىلىپ، مۇكەممەللىشىپ، بېيىپ كەلدى. نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، تىلنىڭ فونېتىكا سىستېمىسى، لۇغەت تەركىۋى ھەم گىرامماتىكىلىق قۇرۇلىشىدا كۆپلىگەن يېڭىلىنىش، تولۇقلىنىش، قېلىپلىشىش بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ تىلنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى ئۇزاق تارىخىي دولقۇنلارنى يېرىپ ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسى بىلەن بىللە ساقلىنىپ تەرەققى قىلدى. زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن ئىپادىلەش ئۈنۈمى ئۆسۈپ، شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ نازۇك، ئەڭ ئىنچىكە، ئەڭ مۇرەككەپ، ئەڭ چوڭقۇر جەريانلىرىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان نەپىس، پاساھەتلىك (سەنئەتلىك)، باي تىلغا ئايلىنىپ، دۇنيادىكى تارىخىي ئەڭ كونا، لۇغەت تەركىۋى بىر قەدەر باي تىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۆلمەش ئەسىرى <تۈركىي تىللار دىۋانى> بۇنىڭ جانلىق پاكىتى.
قۇمباغ-ئاتامدىن مىراس بىر باغ!
kurban.qaydu
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1193

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   403 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   141215 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   856 (قېتم)
 تۆھپە:   749  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 446
 سائەت
دەرىجىسى:
446 سائەت 94 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-28
ئاخــىرقىسى:2012-09-20
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-12-02

مىللەتنىڭ ئىللەتلىرنى تۈزەشتە ھەممىمىزنىڭ مەسئۇليىتى بار،ھەممىمىز ئىشلارنىڭ ئەڭ كاتتا ۋە ئەڭ كىچىك جايلىرىدىن كەتكۈزۈپ قويۋاتىمىز. ھۆكۈم قىلش شەكلىمىز يەنىلا ئوتتۇر ئەسىر ئۇسلۇبىدىن يىراق ئەمەس، كۆپ ھاللاردا ئەقىل نوقتىسىدىن ئەمەس بەلكى سىيىت نوچىدەك ھىسىيات نوقتىسىدىن تۇرۇپ ھۆكۈم ھەمدە ھەركەت ئىلىپ بىرشلار يەنىلا نۇرغۇن. بۇ خۇددى "تاماكا چىكىش سالامەتلككە زىيانلىق!"دەپ تۇرۇپ تاماكا چەككەندەكلا بىر ئىش بولمامدۇ.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى