ت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتاقلىق پېداگوكى سۇخوملىنېسكېي مۇنداق دېگەن: «بالىلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ئۇلارنىڭ بارماق ئۇچىدا». بۇ بىزگە بالىلارنىڭ قولىنى ئىشلىتىش قابىلىيىتى بىلەن ئەقلىي تەرەققىياتى زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، قول بىلەن مېڭە بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇناسىۋىتىگە ئىگە. بىرنەچچە مىليون يىل مابەينىدىكى تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا، بۇنداق ئالاھىدە مۇناسىۋەت كۈندىن - كۈنگە مۇستەھكەملەندى ۋە كۈچەيدى، قولنىڭ ھەرىكىتى مېڭىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى ئىلگىرى سۈردى، مېڭىنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىمۇ قولنىڭ ھەرىكىتىنى چاققانلىققا ئىگە قىلدى. ھازىر كىشىلەر ئىچكى ئەزالىرى بىلەن مېڭىسىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاشقا ھەممىدىن بەكرەك ئەھمىيەت بەرمەكتە، بۇ، ئەلۋەتتە، مۇھىم. لېكىن، قولنى ئىشلىتىش ۋە قولنى چېنىقتۇرۇشقا سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى، قول ھەرىكىتى مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ مېڭىدە يېڭى قان ئاقمىسى بىلەن يېڭى قوزغىلىش نۇقتىسىنى ھاسىل قىلىدۇ. قولنىڭ ھەرىكىتى كۆپەيگەنسېرى تەپەككۇر شۇنچە تېزلىشىدۇ. شىۋېتسىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، قول بارمىقىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن مېڭىنىڭ قان ئايلىنىشى زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، قول بىلەن ئاددىي ھەرىكەتلەرنى ئىشلىگەندە، مېڭىدىكى قاننىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى ھەرىكەت ئىشلىمىگەنگە قارىغاندا %10 ئارتۇق بولىدىكەن، لېكىن مۇرەككەپ ھەرىكەتلەرنى ئىشلىگەندە مېڭىدىكى قاننىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى %35 ئارتۇق بولىدىكەن. قول بەدەننىڭ، مېڭىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەمگەكنىڭ ئادەمنى ياراتقانلىقىدىن ئىبارەت يىراق تارىخىي جەرياننى ئەسلەيدىغان بولساق، قول بىلەن مېڭىنىڭ بۇنداق يېقىن مۇناسىۋېتىنى بىلىش ھەقىقەتەن قىيىن ئىدى. بىراق پەن - تېخنىكا تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋېتىنى بىلىشى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. ئادەمنىڭ بىلىم ئېلىش، ماھارەت يېتىلدۈرۈش جەريانىنىڭ كۆپ قىسمى قول بىلەن مېڭىنىڭ ئورتاق رولى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. بۇ، ئادەمنىڭ بوۋاقلىق، بالىلىق مەزگىلىدە تېخىمۇ گەۋدىلىك بولىدۇ. ئادەمنىڭ بوۋاقلىق مەزگىلىدىكى چوڭ مېڭىسى خۇددى كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتالىغا ئوخشايدۇ، بوۋاقلىق مەزگىلىدىن ئوقۇش يېشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگىچە بولغان ئارىلىقتا ئادەم نۇرغۇن بىلىم ئىگىلەيدۇ. بۇ خۇددى كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق دېتالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يۇمشاق دېتالغا ۋە ئۇنىڭ خىزمەت تەرتىپىگە ئوخشايدۇ. بالىلارنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىن ئالىي مەكتەپكىچە بولغان ئارىلىقتىكى مېڭىسى گىيومېتىرىك سانلارنى تېز قوبۇل قىلىدىغان مەزگىلىدۇر. باش بارماقنىڭ ھەرىكىتىنى باشقۇرىدىغان مېڭە پوستلاق قەۋىتىنىڭ كۆلىمى باشقا پوستلاق قەۋەتلىرىگە قارىغاندا خېلىلا چوڭ بولىدۇ. قولنىڭ ھەرىكىتىدە باش بارماقنىڭ ھەرىكىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، بىرەر بارماق بولمىسا، بىئەپ تۇيۇلسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەھدىتى ئانچە چوڭ بولمايدۇ. لېكىن باش بارماقنىڭ بىرەرسى بولمىسا ئادەم ئۈچۈن قىيىن بولىدۇ. شۇڭا، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، «قول مېڭىنىڭ ئانىسى»، يەنى ئۆگىنىشنىڭ سۇبيېكتى ھەم ئىجاد قىلىشنىڭمۇ سۇبيېكتى ھېسابلىنىدۇ. بىز مايمۇننىڭ ئالما يېگەن ھالىتىنى كۆرگەن، ئۇنىڭ ئالدى ئىككى پۇتى ئۆز ئارا ماسلاشقان بولۇپ، قول رولىنى ئوينايدۇ، ئۇ يالغۇز بىر پۇتى بىلەن نەرسىنى ئالالمايدۇ، چىڭ تۇتالمايدۇ. بىراق ئادەملەر بىر قولى بىلەن نەرسە ئالالايدۇ. ;]fpdu{
كۆپلىگەن مائارىپ پېشۋالىرى ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى قول بىلەن مېڭىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە خېلى بۇرۇنلا ئىزدەنگەن ھەم ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ تەلىم - تەربىيە ئەمەلىيىتىدە قوللانغان. ئادەم بوۋاقلىق، بالىلىق مەزگىلىدىن باشلاپ، قولىدىن پايدىلىنىپ ئۆگىنىدۇ ۋە ئىجاد قىلىدۇ. بىز بالىلارغا تېخى ئايىغى چىقمىغان كۈندىن باشلاپ، تاماق يېيىشنى، نەرسىلەرنى تۇتۇشنى؛ تىلى چىققان كۈندىن باشلاپ، سانلارنى ساناشنى، يېزىشنى ئۆگىتىمىز. بۇلارنىڭ ھەممىسى قول ھەرىكىتى ئارقىلىق ئورۇندىلىدۇ. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ قولىنى، مېڭىسىنى ئىشقا سېلىپ، ئىجاد قىلىشنى ئۆگىنىدۇ. Te'^O,C)y$
N(Y9FD;H
مېڭە ئىلمى نەزەرىيەسى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر كىشى بىر - ئىككى خىل چالغۇنى چېلىشنى ئۆگەنسە، چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ غىدىقلىنىشى ياخشى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىدۇ. گۈزەل سەنئەت دەرسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بوشلۇق سەزگۈ قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدۇ. مەسىلەن: بىر پارچە كاۋچۇك لېيى، بىرپارچە قىزىل سېغىز لايدا ئوقۇغۇچىلار ھەرخىل مودېللارنى ياساش بىلەن بىللە، تېخىمۇ مۇھىمى، مېڭىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. قول ھۈنەرۋەنچىلىك دەرسى، ئەمگەك تېخنىكىسى دەرسى قاتارلىقلارمۇ ئوخشاشلا مۇھىم دەرس. بۇ دەرسلەرنىڭ رولىدىن ئۈنۈملىك پايدىلىنىشىمىز كېرەك. بىر تەتقىقاتتا ئامېرىكىلىق بالىلار بىلەن جۇڭگولۇق بالىلار سېلىشتۇرۇلغان، نەتىجىدە ئامېرىكىلىق بالىلارنىڭ قول بىلەن مەشغۇلات قىلىش پۇرسىتى كۆپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك چىققان. شۇڭا ئوقۇتۇش ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتىپ، بالىلارنى قولىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق، مېڭىسىنى ئىشقا سېلىشقا، مېڭىسىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق قولىنىمۇ ئىشقا سېلىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك. ?3SlvKI}H`
كېلىش مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى };9dd3X
adminتەرىپىدىن تەستىقلاندى
 |