ھەقنى تۇنۇشنىڭ ئىلمىي يولى __ تەپەككۇر
?TM,Q ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇنبەر ئەھلى! 81](T<
مەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ كائىنات ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىش، مۇستەقىل دۇنيا قاراش تىكلەش ھوقۇقى بولىدۇ، دەپ قارايمەن. +Um( h-;
شۇنداق قارىغانلىق سەۋەبىدىن نەچچە كۈن ئىلگىرى مۇنبەرگە << قاتتىق بىر مۇنازىرىلىشىپ باقايلى>> دىگەن ماۋزۇدا بىر تىما يوللىغان ئىدىم. ھەقىقەتەنمۇ ياخشى مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. تورداشلارمۇ خېلى ئاكتىپلىق بىلەن مۇنازىرىگە قاتناشقان ئىدى. ئەپسۇس، ئىككىنچى كۈنى قارىسام، بۇ تىمامنىڭ باشقا يەرگە قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەنلەر تىمىغا قۇلۇپ سېلىپ سولاپ قويدى . J\/cCW-rF
گەرچە ئۇ تىمام ھاياتىي كۈچىدىن ئايرىلىپ،باشقىلار كۆرۈپ تۇرىدىغان، ئەمما تۇتالمايدىغان تۈمۈر رىشاتكا ئىچىدە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، مېنىڭ ئۇ مۇنازىرىگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىم قەتئىي پەسەيمىگەچكە، ئاشۇ تىمىدا ئوتتۇرىغا قويغان مۇنازىرە سوئاللىرىنىڭ جاۋابىنى يېزىپ چىقىشنى قارار قىلدىم. بۇلارنى دىسەم، ئۇ تىمىنى كۆرمىگەنلەر نىمە مەزمۇندا مۇنازىرىلەشكەن بولغىيتى؟ دەپ خىيال قىلىۋاتامسىلەر؟ ئۇ ئانچە بىر ئالاھىدە تىمىمۇ ئەمەس، پەقەتلا شۇ ئۆزىمىزنىڭ كائىنات توغرىسىدىكى تەپەككۇرىمىزنى سىنايدىغان، تەپەككۇرىمىزنى ئاچىدىغان ئىلمىي تەپەككۇرغا ئائىت بىر تىما ئىدى.يەنى، كائىناتنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى بارمۇ؟ بار بولسا كىم؟ ئىنسان راستىنلا مايمۇندىن ئۆزگەرگەنمۇ؟ ھاياتلىق نىمىدىن بارلىققا كەلگەن؟ بۇ ئالەم چەكسىزمۇ؟.....دىگەندەك مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىنى ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇرىدىن پايدىلىنىپ ھىس قىلىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرە بولغان ئىدى. ئىلگىركى تىما مانا بۇ يەردە .nB0 h
مېنى نىمىشقا بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرىلەشمەكچى بولغان بولغىيتى دەپ ئويلاۋاتامسىز؟ ئۇنداقتا مەن بۇنىڭدىكى مەقسىتىمنى بايان قىلىپ ئۆتەي: a<@1-j<
ھازىر مۇشۇ مۇنبەردىكىلەردىن ئاللاھ بارمۇ؟ دەپ سورىسام،چوقۇمكى، 100% ئادەم ئەلۋەتتە بار دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. بەزىلەر ھەقىقەتەن بار ئىكەنلىكىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىپ بېرەلىسىمۇ،ئەمما يەنە بەزىلەرئەجدادىغا قارىغۇلارچە ئەگەشكەنلىكتىن،ئاللاھ ئەلۋەتتە بار دەيدۇ-يۇ،بۇ گېپىنىڭ قايىل قىلغۇدەك دەلىلىنى ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ.يەنە بەزىلەربولسا ئاللاھنىڭ بارلىقى قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت، ئۇنى تەپەككۇر قىلىشنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى يوق، ساراڭ ئادەم ئاشۇنداق خىياللارنى قىلىپ يۈرىدۇ،دەپ قارايدۇ. ?Fi=P#
راست ،ئاللاھنىڭ بارلىقى قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت، ئەمما ئاشۇ ھەقىقەتنى ھەقىقى چۈشىنىپ يېتەلىدۇقمۇ ياكى، كونىلارنى دوراپلا ، خۇددى ئۆرپ - ئادەتتەكلا ئۆز كاللىمىزغا سىڭدۈرىۋالدۇقمۇ؟ مانا بۇ بىر مۇھىم مەسىلە. c$ao:nP)D
كائىناتنىڭ ھەقىقىتى ئۈستىدە ئىزدەنمەيدىغان، باشقىلارنىڭ پىكرىنى قارىغۇلارچە قۇبۇل قىلىدىغان، ئاللاھنى ھەقىقى تۇنۇمايدىغان ۋە تۇنۇشقا ئىنتىلمەيدىغانلارغا مېنىڭ ئازراقلا گىپىم بار: h xSKG
ھەق گەپنى سۆزلىسەك دىدىڭىز ساراڭ، S-Wz our,
ئەي ئىنسان نىمانچە بوپقالدىڭ نادان، V\{clJ\U
ماڭغان بۇ يولىڭىز ھالاكەت يولى، >go,K{cK6
ھەقىقەت يولىغا كاللىنى بۇراڭ.
كىچىكىمىزدىن تارتىپلا، مەكتەپتە بىزگە باشقىلارنىڭ دۇنياغا بولغان كۆز قاراشلىرى، قىممەت قاراشلىرى ئۆگىتىلدى. ناھايىتى ئېنىقكى، بىز ئۆگەنگەن ئاشۇ پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەم، ئۇلارنىڭ بۇ قاراشلىرىمۇ تەپەككۇر ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. #EO9UW5
شۇ سەۋەبتىن مەندە تۆۋەندىكىدەك خىياللار بارلىققا كېلىشكە باشلىدى: مەنمۇ ئاشۇلارغا ئوخشاش ئادەم ئىكەنمەن، مەندىمۇ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى بار ئىكەن. ئۇنداقتا مەن نىمە دەپ باشقىلارنىڭ دۇنيا قاراشلىرى بىلەن ياشىغۇدەكمەن؟ مەنمۇ ئاشۇلارغا ئوخشاش دۇنيا ھەقىقەتلىرى ئۈستىدە ئىزدەنسەم، مۇستەقىل دۇنيا قاراش تىكلىسەم بولىدۇغۇ؟ مېنىڭ كائىناتنىڭ ھەقىقىتى ئۈستىدە ئىزدەنمەستىنلا، باشقىلارنىڭ پىكرىنى قارىغۇلارچە قۇبۇل قىلىدىغان،باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىگە ئەگىشىدىغان دورامچى ئادەملەر قاتارىدىن بولۇپ قالغۇم يوق. )+l\w3^6
شۇ سەۋەپتىن، مېنىڭ كاللامدا مەن ئۆگىنىۋاتقان ئاشۇ كۆز قاراشلارنىڭ توغرا ئىكەنلىگە قارىتا گۇمان پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ مەسىلىلەرنىڭ جاۋابىنى ئۆز تەپەككۇرۇمدىن پايدىلىنىپ ھېس قىلىش ئۈچۈن ئىزدەندىم. بۇ نەچچە يىللىق ئىزدىنىشلىرىم ئاخىرى مېنى تۆۋەندىكىدەك چۈشەنچىلەرگە ئېرىشتۈردى: |L-]fjBbF 1. ماددا بىلەن ئاڭنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا EwuO&q ماركىس مۇنداق دەيدۇ:‹‹ دىن بولسا تەبىئەت كۈچلىرىنىڭ ئىنسانلار مېڭىسىدىكى بۇرمىلانغان ئىنكاسىنىڭ مەھسۇلى.››
4NGA/G بۇ ئىدىينىڭ ئاساسى بولسا ‹‹ماددا ئاڭنى بەلگىلەيدۇ››غانلىقىدىن ئىبارەت. ئۇنىڭ قارىشىدا، ئىنسانلار مېڭىسىدىكى ھەرخىل ئاڭ – ئىدىيىلەر تەبىئەت(ماددا) دىن كېلىدۇ، تەبىئەتتىكى خىلمۇخىل ھادىسىلەرنىڭ (ماددىي ھادىسىلەر)بارلىققا كېلىشى ئىنسان مېڭىسىدە دىن ئۇقۇمىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ بىز كىچىكىمىزدىن باشلاپ ئۆگىنىۋاتقان ‹‹ماددا بىرلەمچى، ئاڭ ئىككىلەمچى›› لىك نەزەرىيىسى.
aIJt0; مەن ھەمىشە 901- يول ئاپتۇبۇسىغا چىقىپ تۇراتتىم. ئاپتۇبۇستا كېتىۋېتىپ بىر قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان ئورۇندىن ئۆتەتتىم. قۇرۇلۇش مەيدانىنىڭ ئالدىدا ئىنتايىن ئىگىز ۋە چىرايلىق بىر بىنانىڭ سۈرىتىنى كۆرەتتىم.
&f"-d تۆنۈگۈن يەنە شۇ 901- يول ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇردۇم. يەنە شۇ جايدىن ئۆتتۈم. ھېلىقى قۇرۇلۇش ئورنىغا ۋە مەن دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان بىنانىڭ رەسىمىگە قاراپ،ھىچقاچان ھىس قىلمىغان بىر ھەقىقەتنى ھىس قىلدىم. رەسىمنىڭ كەينىدە رەسىمگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بىر بىنا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. تۆۋەندىكىلەرنى ئويلىدىم:
0KYEb%44 ئەجابا، قۇرۇلۇشچىلار ئاۋال بىنانى كۆرۈپ ئاندىن بۇ رەسىمنى سىزغانمۇ؟ قەتئىي ئۇنداق ئەمەس. بۇ بىنانىڭ سۈرىتى بۇ بىنا سېلىنمىغان چاغدىلا بار ئىدى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاۋال ئىنژىنىرلارنىڭ كاللىسىدا، ئاشۇنداق بىر بىنا سېلىشتىن ئىبارەت ئىدىيە(ئاڭ) بارلىققا كەلگەن، ئاندىن ئاشۇ ئىدىيىسى بويىچە بىر بىنانىڭ چىرتىيوژىنى لايىھىلەپ چىققان. ئاخىرىدا قۇرۇلۇشچىلار ئاشۇنداق بىنانى(ماددىي شەكىلنى) ياساپ چىققان.
=G]1LTI دىمەك، بۇ ماددا(بىنا) بىر خىل ئاڭ(لايىھە) ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن.
Du`JaJI شۇ سەۋەبتىن، ماددا بىرلەمچى، ئاڭ ئىككىلەمچى، دىگەن ئىدىيىنىڭ خاتالىقىنى ھىس قىلدىم. بۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، ماركىسنىڭ دىنغا بولغان كۆز قارىشىدىمۇ مەسىلە بار. دىن توغرىسىدىكى ئىدىيە ھەرگىزمۇ تەبىئەتتىن ئىبارەت ماددىنىڭ سەۋەبىدىن بارلىققا كەلگەن ئەمەس. چۈنكى،يۇقىرىدا ئىسپاتلىغىنىمغا ئوخشاش، ئاڭ بولماي تۇرۇپ، ماددىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
o}W%I/s ئەي نادان بولدىلا ۋالاقلىمىغىن، i;NUAmx
دىندارلىق تۇيغۇڭنى ئازاپلىمىغىن، 9F4Dm*_<
<كائىنات> ئىسىملىك بۇ چوڭ كىتابنى، 3^R&:|,
باش چۆكۈپ تەپسىلىي ۋاراقلىمىدىڭ.
2.
ئادەم مايمۇندىن ئۆزگەرگەنمۇ؟ بىر قىسىم ماتىريالىزىمچىلار ئۇنىڭدىن باشقا جانلىقلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتى جەريانىدا ناچارلىرى شاللىنىپ، سەرخىللىرى تاللىنىدۇ. ئادەم مايمۇندىن ئۆزگەرگەن، چۈنكى ئادەمنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى ئادەمگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، بۇ تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى، دەپ قارايدۇ:
q<\, Qj,]N@7 ئىنساننىڭ ئەجدادى مايمۇن دېيىشتى، >H'4{|
دىنسىزلىق پىكرىنى ئەلگە يېيىشتى، qp/v^$EA
ياراتقان رەببىدىن تېنىۋېلىشتى، & @s!<9$W
ھەقىقەت ھەممىسى يولدىن ئېزىشتى.
y$@ZN~8 ھەممىمىز ئىتراپ قىلىمىزكى، ھەرقانداق بىر كىشى ئۆزىدە بولمىغان نەرسىنى باشقىلارغا بېرەلمەيدۇ. ئۆزىدە ئىلىم بولمىسا باشقىلارغا ئىلىم بېرەلمەيدۇ.باشقىلارغا بەرمەكچى بولغان نەرسە ئۆزىدە بولغاندىلا ئاندىن باشقىلارغا بېرەلەيدۇ. ئىلىم پەن تەتقىقاتى ۋە دىن ئىسپاتلىدىكى، ئىنسان بىلەن ھايۋاننىڭ ئەڭ تۈپكى پەرقى ئاڭ ، يەنى ئەقىل. ئىنساندىن باشقا ھىچقانداق بىر ھايۋان،ئۆسۈملۈك،شەيئى،ھەتتا ئاسمان جىسىملىرىدا ئاڭ ،يەنى ئەقىل يوق.مايمۇندىمۇ شۇ. مايمۇندا ئەقىل بولمىسا، ئادەمدە ئەقىل تۇرسا، بۇلار قانداقمۇ بىر بىرىگە ئۆزگىرەلىسۇن؟ شەكىل،ھەجىم جەھەتتىن كەڭرەك قىلىپ ئېيتقاندا،ماددىي جەھەتتىن ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن.چۈنكى ماددا ماددىغا ئۆزگىرەلىشى مۇمكىن.ئەمما ئەقىل يوق ماددىدىن ئەقىل بار ماددىنىڭ بارلىققا كېلەلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەقىل ماددىغا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. شۇڭا ئادەم مايمۇندىن ۋە ياكى ھىچقانداق ھايۋان-ئۆسۈملۈكتىن ئۆزگەرگەن ئەمەس.
RT)d ]u W.dt:_ 3.ماددا ، يەنى بىز ياشاۋاتقان كائىنات( ئادەم، ھايۋان ، ھاياتلىق، ئالەم،ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئەزەلدىن بارمىدى؟ oN{Z+T : بىر قىسىم كىشلەر بۇ ئالەم ئەزەلدىن بار ئىدى دىيىشىدۇ. يەنى، كائىنات ماددىدىن تەشكىل قىلىنغان، ماددا ئەزەلدىنلا مەۋجۇت، دىگەندەپ پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى:
&m|wH4\ 4zJtOK?r" بەزىلەر ئېيتىشتى : ماددا ئەزەلىي، W6"v)Jc>_
ماددىدىن ئۆزگەرگەن ھەممە تەدرىجىي، )=AHf?hn
تەبىئەت، جەمىيەت ھەممىسى ماددا، LUC4=kk4
بىر بىرلەپ تەجرىبە قىلساڭ ھەممىنى
.
6`v7c!7 q)Fqi ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. بۇنىڭغىمۇ دەلىل بار:
u86"Y^d# ئەگەر مەلۇم شەيئىنى ئەزەلدىن بار ئىدى دىسەك،ئۇنداقتا شۇ شەيئى باشقا ھىچقانداق شەيئىلەرگە موھتاج بولماسلىقى،باشقا ھىچقانداق شەيئى مەۋجۇت مەۋجۇت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ ، ئەزەلدىنلا بولۇشى كېرەك. مەسىلەن: سۇ بولمىسا ھاياتلىق بولمايدۇ، سۇ بولغاندىلا ھاياتلىق بولىدۇ، شۇنىڭدەك بايا بىز ئېيتقان شەيئىمۇ ئەگەر باشقا بىرەر شەيئىگە موھتاج بولۇپ قالسا ئۇنىڭ ئەزەلدىن بولمىغانلىقىنى بەلكى ئاشۇ موھتاج قىلغۇچى بولغاندىلا ئاندىن بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.بۇ كائىناتقا قاراپ باقساق، باشقا شەيئىگە موھتاج بولمايدىغان بىرەر شەيئى بارمۇ؟ ئاسمان جىسىملىرى موھتاج ئەمەسمۇ يە؟ ئۇنداق ئەمەس، كىچىككىنە پاشىدىن تارتىپ تاكى پۈتكۈل كائىناتقىچە تولۇق بويسۇنىدىغان بىر نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆلچەم-قانۇنىيەت.
_io+YzS بايا دىگەن ئاسمان جىسىملىرىمۇ قانۇنيەتكە بويسۇنىدۇ، كائىناتتا قانۇنىيەتسىز ئىش بولمايدۇ.بىز ئادەملەرمۇ ئۆلچەمگە موھتاج بولىمىز. بىرەرىڭىز بىر قىتىمدا 10-15 قاچا تاماق يىيەلەمسىز؟ ياكى 10- 15 كۈندە بىر قېتىم تاماق يەپ ياشىيالامسىز؟ ياق ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايسىز. چوقۇم مەلۇم ئۆلچەمنىڭ ئىچىدە ئۇزۇقلىنىسىز ۋە باشقا ئىشلارنى بىجىرىسىز. دىمەك كائىناتتىكى بارلىق شەيئىلەر مەلۇم قانۇنىيەتكە بويسۇنىدۇ.
>B2:kY F 'bo~%WA]n يۇقىرقى پىكىردىن ئاللاھنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ: تۆۋەندىكىدەك:
mml<9fbH ـ بويسۇنغۇچى بولغانىكەن بويسۇندۇرغۇچى بولىدۇ. سىز بىر ئىشنى قلىشقا مەجبۇر بولسىڭىز چوقۇم مەجبۇرلىغۇچى بولىدۇ،<< كۈچ يەككە مەۋجۇت بولالمايدۇ ، كۈچكە ئۇچرىغۇچى بولغانىكەن چوقۇم كۈچ چۈشۈرگۈچى بولىدۇ>> بۇ بارلىق ئالىملار ئىتراپ قىلىدىغان ھۈكۈم.
i K12pw بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كائىنات مەلۇم قانۇنىيەتكە بويسۇنغانىكەن ، چوقۇم، ئاشۇ قانۇنىيەتكە بويسۇندۇرغۇچى بولىدۇ.ئۇنداقتا بۇ بويسۇندۇرغۇچى قۇدرەتلىك كۈچ زادى نەدە؟چوقۇمكى بۇ كائىناتنىڭ سىرتىدا. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھ.
Ti'}MC+0 LE*h9(( 4.ئالەم چەكسىزمۇ؟ 'A:x/iv}^ بەزى كىشلەر: بۇ ئالەم پايانسىز ئالەم. ھەرگىزمۇ بىر يەردە ئاخىرلىشىدىغان يېرى يوق، ئىنسانلار نەچچە مىليون يۇرۇقلۇق يىلى يىراقلىققىچە تەكشۈرۈپ بولدى، ئەمما بىر چېتى چىقمىدى، دەيدۇ.
DSt]{fl`P ئەمما ئۇلار ئۆزىنىڭ خاتا ئويلاپ قالغانلىقىنى بىلەلمەي قالدى.
>2< 8kBF_ بۇ ئالەم چوقۇم چەكلىك. ئىسپات:
F$^Su<w5l ئەگەر بىر ئادەم قۇملۇقنىڭ ئىچىدىلا ياشىغان بولسا ( پەرەز ھە) قۇملۇقتىن باشقىنى كۆرۈپ باقمىغان بولسا ، ئۇ ئادەم قانداق قاراشقا كېلىدۇ؟ ئۇ ئادەم بۇ قۇملۇقتىكى قۇمنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولسا، ئۇ بۇ قۇملۇقتىكى قۇملارنى ساناپ سانىنى تېپىپ چىقالامدۇ؟ قۇملۇقنىڭ ئاخىرى نەدە توختايدىغانلىقىنى بىلەلەمدۇ؟ بۇنى بىلمەستىن مەن بىر چەكسىز قۇملۇقتا ياشاۋاتىمەن دەپ پەرەز قىلىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇ قۇملۇقنىڭ چېتىنى تېپىپ چىقالمىدى. ئەگەر ئۇ ئادەم قۇملۇقنىڭ سىرتىغا چىقالىغان بولسا ، قۇملۇقنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ، قۇملۇقتىكى قۇملارنىڭ چېكى بارلىقىنى بىلگەن بولاتتى .بۇرۇنقى ئىنسانلارمۇ قۇرۇقلۇقتىلا ياشاپ، يەر شارىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى ئىگىلەيدىغان دېڭىز ئوكياننى كۆرۈپ باقمىغانلىقتىن،ئىنسانلار كۆپ قىسمىنى قۇرۇقلۇق دەپ قاراپ، بۇ پىلانىتىنى يەر شارى دەپ ئاتاپتىكەنغۇ؟ شۇڭا بىز ئالەمدىكى يۇلتۇزلارنى ساناپ بولالمىغانلىقىمىز، ئالەمنىڭ چىتىنى تاپالمىغانلىقىمىز ئۈچۈنلا بۇ ئالەمنى چەكسىز دەۋالساق بولمايدۇ. بۇ ئالەمنىڭ چېكى بار ئەمما بىز چىكىنى تېپىپ چىقىشتىن ئاجىز كەلدۇق.
j%y$_9a7 تېخىمۇ كۈچلۈك دەلىل: چەكلىك سانلارنىڭ يىغىندىسى چەكلىك بولىدۇ( يەنى چەكلىك سانلارنى قوشۇش ،كۆپەيتىش ئارقىلىق چەكسىز سانغا ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ) كائىناتقا قاراپ باقساق ھەممە نەرسە چەكلىك شەيئىدىن تەركىب تاپقان ، سىزمۇ يەككە شەيئى، مەنمۇ شۇ، قۇياش،ئاي يەرشارى .......................يۇلتۇزلارمۇ شۇ. يەككە -يەككە ئىلمىنىتلاردىن تەركىب تاپقان بۇ ئالەم قانداقمۇ چەكسىز بولسۇن؟ چەكلىك نەرسىلەرنىڭ يىغىندىسى قانداقمۇ چەكسىز بولسۇن؟ بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىغقا بولىدۇكى، ئالەم خىلمۇ-خىل چەكلىك ئىلمىنىتلاردىن تەركىب تاپقان شۇڭا پۈتۈن ئالەممۇ يەنىلا چەكلىك.
zkO<-w jS]><rm 5.دەسلەپكى ھاياتلىقنىڭ سۇدىن بارلىققا كەلگەنلىكى توغرىسىدا Qu7T[< بىئولوگىيە دەرسلىكىدە: دەسلەپكى ھاياتلىق دېڭىزدا سۇدىن بارلىققا كەلگەن، دىگەن مەزمۇن بار. ئەمما ئۇلار ئويلىمىدىمىكى، سۇنىڭ ھاياتلىق ئاتا قىلالمايدىغانلىقىنى!!!
%~jkB.\* ) |QMhMGjV دەسلەپكى ھاياتلىقنىڭ سۇدىن قانداق بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئويلاپ كۆرەيلى: ھەممىمىز بىلىمىز سۇدا جان يوق يەنى، <جان>سىز. ھاياتلىق دىگىنىمىز <جان>لىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ھاياتلىق سۇدىن بارلىققا كەلدى ، دىگەن سۆز <<جان>>سىز دىن <<جان>> لىق بارلىققا كەلدى دىگەن سۆز. 1. دەلىلدە ئوتتۇرىغا قويغىنىمغا ئوخشاش، بىر شەيئى ئۆزىدە بولمىغان بىرەر نەرسىنى ياكى ئالاھىدىلىك، خۇسۇسىيەتنى باشقا بىر شەيئىگە بېرەلىشى مۇمكىن ئەمەس.باشقىلارغا بېرىش ئۈچۈن ئۆزى شۇنىڭغا ئىگە بولۇشى كېرەك. سۇ ھاياتلىققا ئىگە ئەمەس. ئۇنداقتا بۇ ھاياتلىقنى كىم بەردى؟قۇياش بەردىمۇ؟ ئاي بەردىمۇ؟ ۋە ياكى باشقا پىلانىتلار بەردىمۇ؟ ياق ئۇلار بەرمىدى ھەم مەڭگۈ بېرەلمەيدۇ ، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىمۇ ھاياتلىققا ئىگە ئەمەس.
fPrLM' tqy@iEz+ مانا بۇ يەردىمۇ ئاللاھنىڭ بارلىقى ئىسپاتلاندى:تۆۋەندىكىدەك:
8@PX7!9 ھاياتلىقنى كائىنات ئىچىدىكى ھىچبىر شەيئى بېرەلمىگەنىكەن، چوقۇمكى كائىنات سىرتىدىكى، پۈتكۈل كائىناتنى باشقۇرالايدىغان بىر كۈچ بەرگەن بولىدۇ.ئۇ كۈچ دەل ئاللاھ.
EaWS. eK ]q6;#EUr? 6. جىسىم سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغاندا،تىنىچ ھالىتىنى ياكى تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەت ھالىتىنى ساقلايدۇ.
W,K%c= فىزىكا دەرسلىكىدە يۇقىرقىدەك مەزمۇن بار. بۇ دۇنياغا مەشھۇر بولغان ھەم پۈتۈن دۇنيا ئىتراپ قىلغان نىيوتۇننىڭ 1- قانۇنى.
(D 9Su^:1 كائىناتقا قاراپ باقساق،كائىنات تىنىچ ھالىتىنى ساقلىدىمۇ؟ ياق توختىماستىن ھەرىكەتلىنىۋاتىدۇ. ئەمىسە، تۈز سىزىقلىق تەكشى ھەرىكەت ھالىتىنى ھاقلىيالىدىمۇ؟ياق،توختىماي ئۆزگىرش يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا كائىناتتىكى بۇ ئۆز گىرىشنىڭ سەۋەبى نىمە؟ دەل سىرتقى كۈچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىدىندۇر.بۇ سىرتقى كۆچ قايسى؟ بۇ كائىنات سىرتىدىكى قۇدرەتلىك زاتنىڭ كۈچى.
iA,kX\nK zz^Fk& ئاللاھنىڭ بار ئىكەنلىكى ئىسپاتلىنىپ بولدى.
S=xA[%5 ئۇنداقتا ئاللاھ بىرمۇ ياكى كۆپمۇ؟
@m?QR(LJ ئاللاھ بىردۇر. ئىسپات:
.@"q$\ lKkN_ (/j ياراتقۇچى (خالىق (بولغانىكەن ئۇ يارالغۇچىلارغا(مەخلۇقلارغا) ئوخشىماسلىقى ، ئۇلاردىن پەرىقلىنىپ تۇرۇشى ۋە ئۇلاردىن ئۆستۈن تۇرۇشى كېرەك.
~Xlrvb}LP قارايدىغان بولساق كائىناتتىكى ھىچقانداق مەخلۇق يەككە ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. بۇنداق بولغانىكەن ياراتقۇچى (خالىق) يەككە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالىشى كېرەك.مەخلۇق كۆپ بولغانىكەن خالىق بىر بولۇشى كېرەك.( چۈنكى خالىق دىگەن مەخلۇققا ئوخشاپ قالمايدۇ .)بۇلار دىگەن خالىق بولغۇچىدا بولۇشقا تىگىشلىك سۈپەتلەر. مەخلۇقتا خالىقنىڭ سۈپەتلىرى بولمايدۇ.
| ea~'N1 ئاللاھنىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇت ئىكەنلىكى ، ھىچ نەرسىگە موھتاج بولمايدىغانلىقى:
c>1RP5vx يۇقىرىدا ئىسپاتلانغىنىدەك، بۇ كائىناتتىكى ھىچقانداق شەيئى ئەزەلدىن مەۋجۇت بولمىغان. بۇ مەخلۇقنىڭ سۈپىتى، خالىقنىڭ سۈپىتى مەخلۇقنىڭكىگە ئوخشاپ قالمايدۇ. شۇڭا ئۇ ئەزەلدىن مەۋجۇت. بولمىسا ئۇ قانداقمۇ خالىق بولالىسۇن؟ مەخلۇقلار باشقىغا مۇھتاج بولىدۇ، ئاجىزلىقى بولىدۇ. خالىق بولغانىكەن مەخلۇققا ئوخشاش موھتاج بولماسلىقى، ئاجىز بولماسلىقى كېرەك. بۇ دىگەن خالىق بولۇشنىڭ شەرتى.
t |W) 1G7b%yPA بۇلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،
rtQHWRUn ئاللاھ بار،
&t(0E:^TRU ئاللاھ بىر ،
q@hp.(V ئاللاھ ئەزەلدىن مەۋجۇت،
"&Qctk`<P ئاللاھ ھىچ نەرسىگە موھتاج ئەمەس،
(!5LW'3B ئاللاھ ھەممىگە قادىر،
OndhLLz ئاللا قۇدرەتلىك،
IgL_5A ...
kHc<* L_V ...
rC[6lIP ...
DZ^1s~ مانا - بىز تۇنۇشىمىز كېرەك بولغان ھەقىقى ئاللاھ.
Uf*EJ1Ei يەنە كۈرمىڭ دەلىللەر بار. ئەمما بىر دەلىل كەلتۈرسەكمۇ ئەقىللەرنى قانائەت ھاسىل قىلدۇرالىسا شۇ كۇپايە.
pN[0YmY# بۇنىڭغا دەلىللەر يۇلتۇزدەك تولا،
9O,,m~B مۇنبەردە شۇنچىلىك يازساممۇ بولا،
zGcqzYbuA ئەگەردە بۇلاردىن ھىس قىلالمىساڭ،
s]B"qFA قېپقالغان دەلىلنى قۇرئاندىن سورا.
mjnUs-`W| بەزىلەر ئېيتقاندەك، پەقەت قۇرئان كەرىملا ئاللاھ مەۋجۇتلۇقنىڭ بىردىنبىر دەلىلى ئەمەس. چۈنكى، قۇرئان كەرىم ئىنسانلارغا چۈشمىگەن دەۋىردىمۇ ئاللاھ بار ئىدى، ھەم ئاللاھنى تۇنۇش ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىدىغان بۇ كائىنات بار ئىدى. ھازىرمۇ ئوخشاش.
-[#n+`M ئەقىدە بىلمىگەن شەيتانغا ئەلدۇر،
@u4=e4eF` مىڭ يىل ئىبادەت قىلسىمۇ يەلدۇر!
_EYB8e قولىمىزدا نەقلىي دەلىللەر بولمىسىمۇ، ئاتا ئانىمىزنىڭ مىراس قالدۇرغان دىنى بولمىسىمۇ، ئۆگىنىۋالغان ئۆرپ ئادەت بولمىسىمۇ... ئاللاھنى تۇنۇغىلى بولىدۇ، پەقەت كائىنات سىرلىرى ئۈستىدە ئىزدەنگەندىلا.
s'a= _cN !DjT<dxf ئاللاھ تەپەككۇر قىلغۇچى قەلىپلەرگە ئاشكارىدۇر!!!
-HOnB= قولۇپلانغان قەلىپلەرگە يوشۇرۇندۇر!!!
DR+,Y2!_GT j64 4V|z ئەمدى تۆۋەندىكى پىكىرلىرىمنى بايان قىلىپ باقاي: قۇرئاندىكى <<كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرىشىدا،... اﷲدىن قورقىدىغان قەۋم ئۈچۈن، ھەقىقەتەن، (اﷲنىڭ بارلىقى ۋە بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان)نۇرغۇن ئالامەتلەر بار>> دىگەن ئايەت توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم:
R ZcH+?7 نۇرغۇن كىشلەر شۇنداق دەيدۇ:>> كېچە كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشى ھەقىقەتەن بەكمۇ زۆرۈر، ئەگەر كېچە بولمىسا بىز قاچان ئارام ئالاتتۇق، قاچان ئىشلەيتتۇق،قاچان ئۇخلايتتۇق؟ ئاللاھ كېچىنى يارىتىپ بەرمىسە قانداق قىلاتتۇقكىن تاڭ؟ كېچە دىگەن بىزنىڭ ئارام ئېلىشىمىز ئۈچۈن يارىتىلغان.<<
;lfWuU%R ئاللاھنىڭ كېچىنى يارىتىشتىكى تۈپكى مەخسىتى مۇشۇمىدۇ؟ ئاللاھ ئېيتقان روشەن دەلىل مۇشۇمىدۇ؟ مېنىڭچە يۇقىرىدىكى گەپ توغرا بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئانچە زۆرۈريەت ئەمەس.
B%b_/F]e سىز كېچىسى ئۇخلىمىسىڭىزمۇ،كۈندۈشى ئۇخلىشىڭىز مۇمكىنغۇ، كۈندۈزى ئارام ئېلىشىڭىز مۇمكىنغۇ؟ كېچە بولمىسىمۇ ، ئۇخلاش،ئارام ئېلىش ئىشلىرىنى قىلغىلى بولىدۇغۇ.
LF=c^9t كېچە كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشى شۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈريەتتۇركى، ئەگەر كېچە كۈندۈز ئالماشمىسا ھىچقانداق ھاياتلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ، نىمىشقا؟ ھەممىمىز بىلىمىزكى، ئۆسۈملۈك مىتابولىزىمى نەپەسلىنىش ۋە فوتوسىنتىزدىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىكى، نەپەسلىنىش پەقەتلا كۈندۈزى، فوتوسىنتىز پەقەتلا كېچىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ. كېچە بولمىسا فوتوسىنتىز بولمايدۇ، فوتوسىنتىز بولمىسا ئوكسىگىن ئاجرىلىپ چىقمايدۇ.ئوكسىگىن بولمىغانىكەن،ئوكسىگىنغا تايىنىپ ياشايدىغان جانلىقلار مەۋجۇت بولالمايدۇ. بۇ جانلىقلار بولمىسا ، كاربون تۆت ئوكسىدىمۇ ئاجرىلىپ چىقمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆسۈملۈكلەرمۇ ياشىيالمايدۇ. دىمەك ، ھىچقانداق جانلىق مەۋجۇت بولالمايدۇ. كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى بىر بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ، بىرسىنىڭ بولۇپ بىرسىنىڭ بولماسلىقى ، مۇمكىن ئەمەس. ئىككىلىسى بولغاندىلا ئاندىن ،مەن .... سىز ... ئۇ...باشقىلار،..ھايۋانلار... ئۆسۈملۈكلەر مەۋجۇت بولالايدۇ.
E[S' :Q كېچە –كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشىپ تۇرۇشىنىڭ يەنە بىر زۈرۈرىيىتى بار: ئالىملارنىڭ تەتقىقات قىلىشى ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزاسى بولغان جىگەرنىڭ كۈندە پەقەت 7 مىنۇتتىن يېرىم سائەتكىچە ئارىلىقتا خىزمەت قىلىدىغانلىقى، قالغان 23 سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتا خىزمەتتىن توختايدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. ئويلىنىشقا تىگىشلىك يېرى شۇكى، بۇ تەخمىنەن 10 مىنۇت ئەتراپىدىكى خىزمەت قىلىش قىلىش ۋاقتى كۈندە كېچىسى سائەت 11 بىلەن 2 ئارىلىقىدىكى مەلۇم چاغ ئىكەن. ئەگەر ئادەم بۇ چاغدا ئارام ئالمىسا، جىگەرنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، خىلمۇخىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇمۇ ئادەمنىڭ نورمال ياشىشى ئۈچۈن كېچىنىڭ بولۇشىنىڭ زۈرۈرلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
^8742. مانا بۇلار كېچە كۈندۈزنىڭ ئالمىشىپ تۇرۇشنىڭ زۆرۈرلىكى.
U)~#g'6:8 موھتاجلىق مۇناسىۋىتى {[3YJkrM ‹‹ مەلۇم بىر كۈچلۈك بىر مەخلۇق ئۆزىدىن ئاجىز مەخلۇققا موھتاج بولغان بولسا، بۇ موھتاجلىق ئۆزىدىنمۇ كۈچلۈك بولغان شەيئى تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن بولىدۇ. ئۆزىدىن ئاجىز بولغان مەخلۇق ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەرگىزمۇ موھتاجلىق شەكىللەندۈرەلمەيدۇ. ئەمما كۈچلۈك مەخلۇق ئۆزىدىن ئاجىز بولغان مەخلۇققا نىسبەتەن موھتاجلىق شەكىللەندۈرەلەيدۇ.››
'Oy5e@G+? مانا بۇ بىر نەچچە سائەتلىك خىياللىرىمنىڭ نەتىجىسى. ئەمدى بۇنى تەپسىلىي چۈشەندۈرەي:
&:auB:b ھەممىمىز ئىتراپ قىلىمىزكى، ئىنسان دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك مەخلۇق. بارلىق ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدۇ. ئويلىنىشقا تىگىشلىك يېرى شۇكى، ئىنسان بويسۇندۇرغان ئاشۇ شەيئىلەر مەۋجۇت بولمىسا ئىنسان ياشىيالمايدۇ. دىمەك، ئىنسان ئۆزىدىن ئاجىز بولغان مەخلۇقلارغا موھتاج بولىدۇ. مەسىلەن، ئادەم سۇنى باشقۇرالايدۇ، ھاۋانى باشقۇرالايدۇ، ئەمما سۇ، ھاۋا بولمىسا ئىنساننىڭ ھاياتلىقىمۇ بولمايدۇ.
zz3 r<?#5 ئادەم قويدىن كۈچلۈك، شۇڭا قوينى باشقۇرالايدۇ، ئەگەر قوينى قوتانغا سولاپ قويساق، قوي چوقۇم ئىنساننىڭ ئوت- سۇ بېرىشىگە، قوتاندىن چىقىرىۋېتىشىگە موھتاج بولىدۇ. ئۇنداقتا ئىنساندىكى ھاۋا سۇلارغا بولغان بۇ موھتاجلىقنى كىم بارلىققا كەلتۈرگەن؟ ھەرگىزمۇ ھاۋا، سۇ بارلىققا كەلتۈرمىگەن. ئۇ ئىككىلىسى ئىنساندىن ئاجىز تۇرسا، قانداقمۇ ئۆزىدىن كۈچلۈك مەخلۇققا بۇنداق چەكلىمە قويالىسۇن؟ بۇ موھتاجلىق ئېنىقكى ئىنساندىنمۇ كۈچلۈك بىر زات تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلگەن.
1~EO+ ۋاقىت ئۇقۇمى ھەققىدە C9Wojo. بەزىلەر شۇنداق ئويلىشىدۇ: ئەگەر بۇ ئالەم ئەزەلدىن بولمىسا، ئۇنداقتا بۇ ئالەم پەيدا بولۇشتىن ئىلگىرىكى ۋاقىتتا نىمە ئىشلار يۈز بەرگەن؟
[tN` :}? ۋاقىت دىگەنلىك - زامان دىگەنلىكتۇر. كائىنات دىگەنلىك - ماكان دىگەنلىكتۇر. ماكانسىز زامان، زامانسىز ماكان مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
\*9Ua/H زامان ( ۋاقىت) بولغاندىلا ئاندىن ماكان ( كائىنات)مەۋجۇت بولالايدۇ. ماكان ( كائىنات) بولغاندىلا ئاندىن زامان ( ۋاقىت)مەۋجۇت بولالايدۇ. ئىككىسى بىر بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ يەردىكى ۋاقىت مۇشۇ كائىناتتىكى ۋاقىتتىن ئىبارەت.
P' FKk< شۇنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەككى، بىز ئېيتىۋاتقان بۇ ۋاقىت كائىنات بولمىغان شارائىتتا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى يوقىتىدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقىت كائىناتتىكى يۇلتۇزلارنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن.
GWh|FEqUbf شۇڭا ئېيتىشقا بولىدۇكى، زامان ماكاننى بەلگىلەيدۇ، ماكان زامان ئارقىلىق مەۋجۇتلىقىنى تاپىدۇ.
LH.%\TMN$ بىزنىڭ كائىنات سىرتىدىكى ھەرقانداق بىر ئىش ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىشقا قۇدرىتىمىز يەتمەيدۇ. بىزنىڭ ئەقلىمىز، ھىس تۇيغۇمىز ....كائىنات ئىچىدە چەكلەنگەن. شۇڭا كائىنات يارىتىلىشتىن ئىلگىرىكى ئىشلارنى تەپەككۇر ئارقىلىق ھىس قىلالىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.
KT%{G8Y@M #}j]XWy سەۋىيەم تولىمۇ چەكلىك، شۇنداق بولسىمۇ ئۆزۈمنى چاغلىماي بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلىپ سالدىم ، +<B|qcT!
ئەگەر خالىساڭلار ھەر قايسىڭلار مېنىڭ يۇقىرىدا ئېيتقان دەلىللىرىمنىڭ خاتا ياكى يۇچۇقى بار جايلىرى بولسا ۋە ياكى قايىل قىلالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويساڭلار مەن بۇنىڭغا قارىتا يەنە تەپەككۇر قىلىپ، ھەر قايسىڭلارنى تۇلۇق قايىل قىلسام دەپ ئويلايمەن.