ما جۇڭيىڭنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى توغرىسىدا "VDk1YX_&l
B 9LSxB
i $[,-4v
ما جۇڭيىڭنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى توغرىسىدا ما يەنلياڭنىڭ ئەسلىمىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: « ما جۇڭيىڭنىڭ ئاخىرقى تەقدىرى توغرىسىدا ھېچكىم توغرا ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىيەلمىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا 1) ما جۇڭيىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئايروپىلان ھەيدەشنى مەشق قىلىۋاتقاندا ھادىسىگە ئۇچراپ قازا قىلغان. 2 ) ئىسپانىيە ئۇرۇشىغا قاتنىشىپ قۇربان بولغان. 3 ) سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشىدا پىداكارلىق كۆرسىتىپ قۇربان بولغان » .ما يەنلياڭ ما جۇڭيىڭنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن مۇھىم شەخس سۈپىتى بىلەن، يەنە كېلىپ موسكۋادا ما جۇڭيىڭ بىلەن ئىككى يىلغا يېقىن بىللە تۇرغان، بىللە ئوقۇغان، بىللە خىزمەت قىلغان ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن باشلىقىنىڭ ئاخىرقى تەقدىرىگە سۆزسىز ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن، ما جۇڭيىڭنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىش ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئارزۇسى بولغان. يۇقىرىقى ئۈچ خىل گەپ ئۇنىڭ ئۇ يەر - بۇ يەرلەردە ما جۇڭيىڭنىڭ دېرىكىنى قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئەلۋەتتە. بىراق ئۇنىڭ ئۆزىمۇ بۇ ئۈچ خىل گەپنىڭ قايسىسىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىيالمىغان. KP=D! l&q
ما يەنلياڭ يەنە مۇنداق بىر ئەھۋالنى تىلغا ئالىدۇ، يەنى 1938 - يىل 10 - ئايدا ئۇ ما جۇڭيىڭنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن ئادەم سۈپىتىدە يەنئەنگە بېرىپ ماۋجۇشى بىلەن كۆرۈشكەندە، ماۋجۇشى ئۇنىڭغا: « ما جۇڭيىڭ ھازىرمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدا، سىلەر كېيىنچە كۆرۈشەلەيسىلەر » دېگەن. لېكىن ماۋجۇشىنىڭ بۇ گېپىنى ئىسپاتلايدىغان ئىشەنچلىك پاكىت يوق. Z[#I"-Q~:
داڭلىق تۇڭگان ئالىم ما تۇڭ ئەپەندى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ما جۇڭيىڭنىڭ ئاخىرقى تەقدىرىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، ئۇ 1991 - يىل 5 - ئايدا قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى تۇڭگان ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى پروفېسسور سۇسەننونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولغان، ئۇ تۇڭگانلار ئولتۇراقلاشقان رايوندا زىيارەتتە بولغاندا باشقىچە بىر گەپنى ئاڭلىغان: زىيارەت داۋامىدا ئويلىمىغان يەردىن لىنشيالىق بىر كىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم، ئۇنىڭ ئىسمى ما دېڭيۈن ئىكەن. مەن ئۇنىڭدىن : - سىز لىنشيالىق بولغاندىن كېيىن ما جۇڭيىڭنىڭ ئاخىرقى تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى چوقۇم بىلىسىز، دەپ سورىۋېدىم، ئۇ توغرىدىن - توغرىسىغىلا : - ئۇ باستۇرۇلدى دېدى. قانداقسىگە باستۇرۇلىدۇ؟ دەپ سورىسام، ئۇ: - ياشانغان تۇڭگانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، دېدى - دە، يېشى چوڭراق ئىككى كىشىنى چاقىرىپ كەلدى، بۇ ئىش توغرىلىق پاراڭغا چۈشتۇق.ئۇلار : 1937 - يىلى بولسا كېرەك، سوۋېت ئىتتىپاقى شېڭ شىسەي بىلەن يارىشىپ قالغاندىن كېيىن، ما جۇڭيىڭ ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنى موسكۋاغا ئانچە يىراق بولمىغان بىر ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش دېھقانچىلىق مەيدانىدا نەزەربەنت قىلىپ قويغان، كېيىن ئاڭلىساق شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىلىرىگە تېلېگرامما يوللاپ ما جۇڭيىڭ بەك ئوسال نىمە ئىكەن دەپتۇمىش ۋە كېيىنكى ئاۋارچىلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشنى تەلەپ قىپتۇ، نەتىجىدە سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىلىرى ما جۇڭيىڭنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپتۇ، دېدى. مەن ئۇلاردىن: سىلەر بۇ ئىشنى قانداق ئۇققان ئىدىڭلار، دەپ سورىسام، ئۇلار: بىر كۈنى تۇڭگان سۇسەننو خىيازى بۇ دېھقانچىلىق مەيدانىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلغىلى كەپتۇ، ئۇ چايخانىدا ما جۇڭيىڭنىڭ قول ئاستىدىكى بىرەيلەننىڭ « ما جۇڭيىڭ ئېتىۋېتىلگەن » دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ قاپتىكەن، دېدى. بۇنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى قانچىلىك؟ دەپ تۇڭگان پروفېسسور سۇسەننودىن سورىسام، ئۇ ماڭا: « نىمە دېسەك بولاركىن، بىر نىمە دېمەك تەس جۇمۇ » دېدى. مېنىڭچە شۇ ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەن ۋاقتى ۋە ئەينى چاغدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن شېڭ شىسەي، ما جۇڭيىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ ئۇچۇرنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى ناھايىتى زور. n5bXQ
+R"AA_A?
ما جۇڭيىڭنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى گەپنى ما تۇڭ ئەپەندىدىن باشلانغان دەپ كېتىشكىمۇ بولمايدۇ، ئەمما ما تۇڭ ئەپەندى ئېرىشكەن بۇ ئۇچۇر ئىنتايىن كونكرېت. ما جۇڭيىڭ گەنسۇدىكى ختۇڭگانلار ئىچىدىن چىققان داڭلىق شەخس بولغاچقا، سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياشىغان گەنسۇ تۇڭگانلىرىنىڭ ئەۋلاتلىرى بولغان تۇڭگانلارنىڭ دىققەت ئوبيېكتى بولۇشىمۇ شۈبھىسىز. خۇسۇسەن بۇ خەۋەرنى موسكۋانىڭ يېنىدىكى ما جۇڭيىڭ ئۆلتۈرۈلگەن دېھقانچىلىق مەيدانىغا بارغان تۇڭگان سۇسەننو خىيازىنىڭ تارقاتقانلىقىدىن، يەنە كېلىپ ما جۇڭيىڭنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭمۇ شۇنداق دېگەنلىكىدىن قارىغاندا، بۇ خەۋەرنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ناھايىتى زور.مەن يېقىندا ئىگىلىگەن بىر ئۇچۇرمۇ ما تۇڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىنى باشقا بىر تەرەپتىن ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. 0 NQ7#A
مەن روسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسى يىراق شەرق ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى، ئاكادېمىك مىخائىل دىتاليەنكونىڭ تەكلىپى بويىچە 2001- يىل 12 - ئايدىن 2002 - يىل 2 - ئايغىچە روسىيە پەنلەر ئاكادىمىيىسى يىراق شەرق ئىنىستىتۇتىدا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، زىيارەت پائالىيەتلىرىدە بولدۇم. 1 - ئاينىڭ 11 - كۈنى يىراق شەرق ئىنىستىتۇتىدا مەزكۇر ئىنىستىتۇتتا خىزمەت قىلىدىغان پروفېسسور كوزنىتسوف بىلەن پاراڭلاشتىم. مەن ئۇنىڭدىن ما جۇڭيىڭ ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەرنىڭ دېرىكىنى قىلىۋىدىم، ئۇ كەسكىن قىلىپ: ما جۇڭيىڭ ئېتىۋېتىلگەن، ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەر ھەر قايسى جايلارغا تارقاق ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ھازىرقىلار ئۇلارنىڭ 2 -، 3 - ئەۋلاتلىرى دېدى. مەن بۇ كىشىدىن بۇ گەپنىڭ مەنبەسىنى سورىسام، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەخپىي ئارخىپىدا بارلىقىنى ئېيتتى. مەن يەنە بۇ ئارخىپنى كۆرۈپ باققىلى بولارمۇ؟ دەپ سورىۋىدىم، ئۇ: ھازىر كۆرۈش تەسلىشىپ كەتتى، دېدى. n> MD\ZS
:cFF
$Hp.{jw
D^,\cZbY
3. ما جۇڭيىڭنىڭ ئېتىۋېتىلىشىدىكى جىنايەت نامى L3B8IDq
X,>(Y8
w`M]0'zls
ما جۇڭيىڭنىڭ ئېتىۋېتىلگەنلىكى خېلى ئىشەنچلىكتەك قىلىدۇ، بىراق ئۇ زادى قانداق جىنايەت بىلەن ئېتىۋېتىلگەن؟ مەن كوزنىتسوف بىلەن پاراڭلىشىش داۋامىدا يەنە بەزى يېڭى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم. كوزنىتسوف مۇنداق دەيدۇ: ما جۇڭيىڭنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشىدىكى سەۋەب ستالىننىڭ ما جۇڭيىڭنى تۈركىيىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كۈچلەر بىلەن ۋە ياپون جاھانگىرلىكى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن دەپ قارىغانلىقىدىن بولغان. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تۈركىيىدە ئىنقىلاب پارتلىدى، بەزى ئەكسىيەتچى كۈچلەر ئوتتۇرا ئاسىياغا قېچىپ كېلىۋالدى. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن تۈركىيىدىكى بۇ ئەكسىيەتچى كۈچلەر ئوتتۇرا ئاسىيادا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللاندى، 1922 - يىلى يازدا ئۇلار سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيىسى تەرىپىدىن تارمار قىلىندى، ئاتامانلىرى ئېتىپ تاشلاندى، قالدۇقلىرى تىرە - پىرەن بولۇپ كەتتى، بەزىلىرى شىنجاڭ، گەنسۇلارغا قېچىپ كەتتى، كېيىن ما جۇڭيىڭ قوشۇنىغا قېتىلىپ، مۇشۇ ھەربىي كۈچتىن پايدىلىنىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللاندى. Dp!;7e s|
مەن كوزنىتسوفنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئىختىيارىسىز ھالدا ما جۇڭيىڭنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن ياڭ بوچىڭ ۋە ئەنگلىيىلىك دىن تارقاتقۇچى مىرزا كابول، شىۋىتسىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى سېۋىن ھىدىنلار تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ما جۇڭيىڭ قوشۇنلىرى ئىچىدىكى تۈركىيە ئوفىتسېرى ۋە ياپون ئىشپىيونىنىڭ ئەھۋالىنى ئويلىدىم. mH'\:oN
ياڭ بوچىڭ 1932 - يىلى ياڭ خۇچېڭنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ما جۇڭيىڭنىڭ قوشۇنىغا قاتنىشىپ، 36 - دىۋىزىيىنىڭ سىياسىي تەلىم- تەربىيە مۇدىرلىقىنى ئۆتىگەن ھەمدە ما جۇڭيىڭنىڭ قوشۇنى تەركىبىدە شىنجاڭغا كەلگەن، ئۇ ما جۇڭيىڭ قوشۇنىدا يېرىم يىلدەك تۇرغان. ئۇ ئۆزىنىڭ « ما جۇڭيىڭنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى ۋە قوشۇن بىلەن بىللە يۈرۈپ كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرىم » دېگەن ئەسلىمىسىنىڭ 8 - بۆلىكى « نەدىن كەلگەنلىكى نامەلۇم كىشىلەر » دە مۇنداق يازغان:« دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، نەدىن كەلگەنلىكى نامەلۇم بىر نەچچە كىشى. بىر مۇنچە كىشىلەر ئۇلار توغرىلىق قىياس قىلىشتى، ئىزدەندى، تەكشۈردى، ھەتتا سوراقمۇ قىلىشتى، لېكىن ئۇلار بىلەن ما جۇڭيىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاللىقانداق بىرەر سىياسىي سىر بارمىدۇ » دېگەن گۇمان يېشىلمىدى، لېكىن بۇ 36 - دىۋىزىيىنىڭ « بىر كارامىتى » بولۇپ، ئەزەلدىنلا كىشىلەرنىڭ ما جۇڭيىڭغا ئالاقىدار سىياسىي مۇناسىۋەت مەسىلىلىرىنى بىلىشنىڭ بىر قىززىق نۇقتىسى بولۇپ كەلدى ...گېنېرال لېيتىنانت دەرىجىلىك مەسلىھەتچى كامال، تۈركىيىلىك، ئەمما ئۇنىڭدا ھىچقانداق گۇۋاھنامە يوق ئىدى، ئەھۋالى ئىلگىرىكى ئاق ئورۇسلارنىڭكىگە ئوخشاپ كېتەتتى. ئۇ جاڭيېدا ما جۇڭيىڭ قىسمىغا قاتناشقان، ئەمما قاتنىشىش جەريانى ئېنىق ئەمەس، ئاڭلىشىمچە ئۇ تۈركىيىدە برىگادا باشلىقى بوپتىكەن، 1 - دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتنىشىپتىكەن، دېمەك ئۇ بىر ھەربىي مۇتەخەسسىس ئىدى. ئۇنىڭ گېنېرال لېيتىنانتلىق مەرتىۋىگە ئېرىشىشى شۇ ۋەجىدىن بولسا كېرەك..... مەن بىرىنچى قېتىم جيۇچۈەنگە بارغىنىمدا ۋۇيىڭچىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم ئەسرا بولغانىدىم، كېيىن قايتا ئۇچراشمىدىم. ئۇ ۋۇ يىڭچى بىلەن رۇس تىلىدا سۆزلىشەتتى، مەن ئۇلارنىڭ نىمە دېيىشكەنلىكىنى بىلەلمەيتتىم ... كېيىنچە ئۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا ما جۇڭيىڭ قىسمىدىن چېكىنىپ چىقىپ ئۈرۈمچىدە تۇرۇپتۇ، شېڭ شىسەي دائىرىلىرى ئۇنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، ئۇ بۇ يەردىكى تۇرمۇشىدىن مەمنۇن ئىكەن، ئۇنىڭ كېيىنكى ئەھۋاللىرى ھەققىدە مەلۇمات يوق.يەنە بىر تۈركىيىلىك بار ئىدى، ئىسمى نىمىتىكىن، ئۇنىڭ ئەھۋالىمۇ كامالنىڭكىگە ئوخشاپ كېتەتتى، ئۇ ما جۇڭيىڭ قىسمىغا كېيىنرەك قاتناشقان ۋە ھەربىي دوختۇر بولغان، لېكىن ئۇ دوختۇرلۇقنى ئۇقمايتتى. ئاڭلىشىمچە، ئۇ دەسلەپتە سۈييۈەندە بىر نەچچە يۇڭ ئەدىيالنى مۈرىسىگە ئارتىۋېلىپ كوچىلاردا ئەدىيال ساتىمەن دەپ يۈرگەنىكەن، كېيىن سەرگەردان بولۇپ گەنسۇ خېشىغا كېلىپ قاپتىكەن. ئۇ ساۋاتسىز بىر نىمە ئىدى، كونا جەمئىيەتتىكى تېجىمەللەرگە ئوخشايتتى، ئۇنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ھىچكىم بىلمەيتتى. شىنجاڭغا كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ دېرىكى بولمىدى.ياڭ بوچىڭ ما جۇڭيىڭنىڭ 36 - دىۋىزىيىسىدە يېرىم يىللا تۇرغان بولسىمۇ، ھېلىقى ئىككى كىشىنىڭ 36 - دىۋىزىيىدىكى ئادەتتىكىدەك ئورنى ۋە رولىغا، سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىگە يەنىلا گۇمان بىلەن قارايدىكەن. 6yN"lQ7
AvZXRN1:'
ئەنگلىيىلىك دىن تارقاتقۇچى مىرزا كابولنىڭ « چۆل – جەزىرىلەر » دېگەن ئەسىرىدە بۇ ئىككى تۈركىيىلىكنىڭ ئەھۋالى خېلى چوڭقۇر ۋە كونكرېت بايان قىلىنغان:« بۇ مەزگىلدە ما جۇڭيىڭنىڭ يېقىنلىرى ئارىسىدا ئىككى چەت ئەللىك مېھمان پەيدا بولۇپ قالدى، ئۇلارنىڭ تېگى - تەكتىنى ھېچكىم ئۇقمايتتى، پەقەت ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنىلا بىلەتتى، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئىستانبولدىن كەلدۇق دەيتتى. ئۇلارنىڭ ئۇرۇش تەجرىبىسى بار ئىكەن. 1914 − 1918 - يىلغىچە بولغان ياۋروپا ئۇرۇشىغا باشتىن - ئاخىر قاتناشقان بولۇپ، بەدىنىدە شۇ ئۇرۇشلاردىن قالغان جاراھەت تاتۇقلىرى بار ئىكەن، ياشراقىنىڭ ھەرىكىتى تولىمۇ چاققانىكەن، ئۇنىڭ ھەربىي تەجرىبىسى ئۇنى ناھايىتى تېزلا قىسىم ئىچىدە ھەربىي ھوقۇققا ئېگە قىپتۇ. يېشى چوڭراقى پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، بىر نەچچە دۆلەتنىڭ تىلىنى بىلىدىكەن، ئۇ كۆپ ھاللاردا ئۆزىنىڭ قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويمايتتى، جىمغۇر يۈرگىنى بىلەن كۆڭلىدە يوشۇرۇن غەرەز باردەك قىلاتتى، ئۇ تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۈن - تۈنسىز كۈتەتتى، بۆرىنى قاپقانغا دەسسىتىدىغان كۈننىڭ كېلىشىنى كۈتىۋاتقاندەك قىلاتتى ». xYmdCf@H
NvcHv7,
مىرزا كابولنىڭ بۇ ئىككى تۈركىيىلىك ئوفېتسىر ھەققىدىكى چۈشەنچىسى روشەنكى ياڭ بوچىڭنىڭكىدىن خېلىلا چوڭقۇر ئىدى. مىرزا كابول يەنە: « بۇ ئىككى كىشىنىڭ رەئىس جىن شۇرېنغا شەخسىي ئاداۋىتى بار ئىدى » دەيدۇ. ئۇلار جىن شۇرېن تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغان، قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن ما جۇڭيىڭغا قوشۇلغان. مىرزا كابولنىڭ قارىشىچە ما جۇڭيىڭ ئەسلىدە نىڭشياغا قوشۇن تارتماقچى بولغان، « ئەمما بۇ ئىككى مەسلىھەتچى ھىيلە - نەيرەڭ ئىشلىتىپ ما جۇڭيىڭنىڭ خۇشەمەتكە خۇشتارلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئاستا - ئاستا ئۇنىڭ دىققىتىنى ئۆزلىرىگە زىيان - زەخمەت يەتكۈزگەن دۈشمىنى رەئىس جىن شۇرېننىڭ يېرىگە قاراتتى » ③.پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، ياۋروپانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولغان، بىر نەچچە دۆلەت تىلىنى بىلىدىغان بۇ كامالنىڭ تولۇق ئىسمى كامال كايا ئەپەندى ئىدى. ئۇ ما جۇڭيىڭ شىنجاڭغا ھەربىي يۈرۈش قىلغان جەرياندا 36 - دىۋىزىيىنىڭ تۇرپاندا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ئەلچىسى بولغان. 1934 - يىل 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى سېۋىن ھېدىن تۇرپاندا ئۇنى كۆرگەن، سۋىن ھېدىن مۇنداق يازغان:« ما سىلىڭ ( ما جۇڭيىڭ ) نىڭ تۇرپاندا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ئەلچىسى كامال كايا ئەپەندى بىز بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى، ئەتىسى قوماندانلىق شتابىغا قايتماقچى بولدى. كامال بىز بىلەن فرانسوز تىلىدا راۋان پاراڭلاشتى، يۇرتى تۈركىيىدىكى ئەينى يىللاردىكى ساياھىتىنى سۆزلەپ بەردى » ④. 8AryIgy>@
روشەنكى بۇ ئىككى تۈركىيىلىك، بولۇپمۇ پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن كامال ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس ئىدى، ما جۇڭيىڭ ئۇلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن، ئۇلارنىڭ ما جۇڭيىڭنىڭ ئىدىيىسى ۋە ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكى مۇمكىن ئەمەس. Y7-*2"!
'X54dXS?l
ما جۇڭيىڭنىڭ 36 - دىۋىزىيىدىكى ياپون ئىشپىيونىنىڭ ئىسمى دا شىجۇڭ بولۇپ، خەنزۇچە ئىسمى يۈ خۇاتىڭ ئىدى. ياڭ بوچىڭنىڭ ئەسلىمىسىدە بۇ ھەقتە مۇھىم خاتىرە بار:« ياپونىيىلىك بۇ خەلقئارا ئىشپىيون ئۆزىگە يۈ خۇاتىڭ دەپ ئىسىم قويۇپ 36 - دىۋىزىيىدە مايور دەرىجىلىك شتاب ئوفىتسېرى بولغان ( ۋۇ يىڭچى بىلەن جاڭ ياشاۋ ئىككەيلەن سۆزسىز ئۇنىڭ باشلىقى ئىدى ) ، ئۇنىڭ مەخپىي سىفىرلىق تېلېگىراممىنى ئوغرىلاش ھۈنىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ جۇغى كىچىك بولۇپ، ئىنجىقلاپ سۆزلەيتتى، تۇنجى كۆرگەن ئادەمدە بۇ بىر نىمە ياپونىيىلىك ئوخشىمامدۇ، دېگەن تەسىرات بولماي قالمايتتى. جاڭ ياشاۋنىڭ دېيىشىچە، يۈ خۇاتىڭ ئەسلىدە شىنجاڭغا بارماقچى بولۇپ ئەنشى ناھىيىسىدە كېتىۋاتقاندا ما جۇڭيىڭ قوشۇنىدىكىلەر تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغانىكەن، بۇ چاغدا ما جۇڭيىڭ شىنجاڭدىن گەنسۇغا ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ھەربىي كۈچىنى زورايتىشقا ئالدىراۋاتقاچقا، ئىشنىڭ ئالدى - كەينىنى ئويلىمايلا ئۇنى قوشۇنىغا قوشۇۋالغانىكەن . 1931 - يىلى قىشتا يۈ خۇاتىڭ تېلېگراف ئىدارىسىگە ئەۋەتىلدى، ئۇ بۇ يەردە ئۆزىنىڭ سىرلىق ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ تېلېگىراممىلارنى تەكشۈرەتتى، ئەمما ئۇنىڭ باشلىقلىرىنىڭ قارىشىچە، ئۇ ئىچى تار، گۇمانخور، باشقىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى بىلىشكە قىزىقىدىغان ئادەم ئىدى، مانا مۇشۇ قىلىقلىرى بىلەن ما جۇڭيىڭغا ياخشى كۆرۈنۈپ قالغاچقا ما جۇڭيىڭ يۈ خۇاتىڭنى ئالاھىدە ئەتىۋارلايتتى. ئۇنىڭ قانداق ئادەملىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەيتتى، جاڭ ياشاۋ شۇ سەۋەپتىن شىنجاڭدا يۈخۇاتىڭ دېلوسىغا چېتىلىپ تۈرمىگە قامالدى. بىراق ئەينى ۋاقىتتا ئادەتتىكى كىشىلەر، بولۇپمۇ مەسلىھەتچىلەر ۋە كاتىباتلار ئىچىدىكى قىسمەن ياشلار بۇ ئەبلەخكە بەك ئۆچ ئىدى، يۈزىدىن يۈزىگە ھەي ياپونىيىلىك دەپ چاقىراتتى، ئۇنى ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش ئوبىيېكتى قىلغانىدى. جيۇ چۈەنگە مېنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن لىڭ بەيچۈەن ( شىئەندىكى ياڭ خۇچېڭ قىسمى باشقۇرۇشىدىكى تېلېگراف ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى ) مۇ نۇرغۇن تىرىشىپ باقتى، بىراق يۈخۇاتىڭ بەك قاقۋاش بولغاچقا بىز بىلەن يېقىنلىشىشتىن ئۆزىنى تارتاتتى. 1932 - يىلى يۈ خۇاتىڭ ما جۇڭيىڭ قوشۇنى بىلەن بىللە شىنجاڭغا كىردى، ما جۇڭيىڭ زىنىچۈەن ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولغاندا، ئۇ گۇچۇڭدا يوشۇرۇنۇپ قېلىپ، شېڭ شىسەيگە بەيئەت قىلدى. ماجۇڭيىڭنىڭ قوشۇنى چېكىنىپ بولۇشقا ئاز قالغاندا، شتاب ئوفىتسېرى گا ياڭ بىر تۈركۈم چاپارمەنلەرنى باشلاپ مۇھىم جىنايەتچىنى ئىزدىگەندەك ئەلپازدا يۈ خۇاتىڭنى دۇكان - سارايلاردىن ئىزدىدى. نەتىجىدە پالاكەت جاڭ فامىلىلىك بىر كاتىپنىڭ بېشىغا چۈشتى، ئۇ ئۆزىنى دالدىغا ئالالماي ئاشكارىلىنىپ قالغانىدى، گا ياڭ ئۇنى شۇ يەردىلا جەھەننەمگە ئۇزاتتى. بۇمۇ ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى، ئۇلار يۈخۇاتىڭنى 36 - دىۋىزىيىدە بىر خىل مەخپىي ۋەزىپىگە مەسئۇل ... دەپ قارايتتى. شېڭ شىسەي ئەسىرگە چۈشكەنلەرنى ئۆتكۈزۈۋالغاندا مەن يۈ خۇاتىڭنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردىم، بىراق گومىنداڭ بىلەن مەنپەئەت توقۇنۇشى بولغان شېڭ شىسەي شنجاڭدىكى ئايغاقچى خۇاڭ مۇسۇڭنىڭ تېلېگىراممىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈش ئۈچۈن، يۈخۇاتىڭنى دەرھال ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشكە كىرىشتى .... ئۇزاق ئۆتمەي خۇاڭ مۇسۇڭ شىنجاڭدىن ئايرىلىشقا مەخبۇر بولدى، يۈ خۇاتىڭ ئاندىن قولغا ئېلىندى. 1934 - يىلى ئەتىيازدا شىنجاڭ سىياسىي باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇلۇپلا بۇ دېلونى مۇھىم سىياسىي دېلو دەپ قارىدى. بۇ دېلوغا بۇ ئىدارىنىڭ باش كاتىپى ۋاڭ لىشياڭ ئىگە بولدى. بۇ كىشى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۇزۇن يىل تۇرغان بولۇپ، جاھانگىرلارنىڭ خەلقئارالىق جاسوسلىرى بىلەن كۈرەش قىلىش جەھەتتە تەجرىبىسى بار ئىدى. ئۇ 1936 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىپ كەتكەن، كوچا پاراڭلىرىدىن قارىغاندا كېيىن ئۇ لېتۋانىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغانمىش. ئۇ يۈخۇاتىڭنىڭ ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ جاسوسى ئىكەنلىكىنى ئېنىق دەلىللىگەن ھەمدە ئۇنىڭدىن مەخپىي ھۈججەتلەرگە ئېرىشكەن. ئۇ بېيجىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئاق ئورۇسلارنىڭ مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىش مەقسىتىدە شىنجاڭغا كېلىپ ئورۇنلىشىپ ھەرىكەت قىلغان. چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش جەريانىدا ما جۇڭيىڭنىڭ يۈ خۇاتىڭ ئارقىلىق ياپون جاھانگىرلىكى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان كونكرېت ماتېرىيال بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ خىل ئېھتىماللىقنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ ». rxs8De
V+46R]
ما جۇڭيىڭنىڭ تۈركىيىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى كۈچلەر ۋە ياپون جاھانگىرلىكى بىلەن قانداق تىل بىرىكتۈرگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان تېخىمۇ كۆپ ماتېرىيال بولمىغان ئەھۋالدا، ما جۇڭيىڭنىڭ خېشىدا تۈركىيىلىك ئوفىتسېر كامال كايا ئەپەندى بىلەن ياپونىيە جاسوسى يۈ خۇاتىڭنى ئۆز يېنىدا ئېلىپ قالغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ بىرىنى 36 - دىۋىزىيىنىڭ گېنېرال لېيتىنانت دەرىجىلىك مەسلىھەتچىسى، يەنە بىرىنى مايور دەرىجىلىك شتاب ئوفىتسېرى قىلغانلىقىنى پروفېسسور كوزنىتسوف ئېيتقان ما جۇڭيىڭنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولغان كونكرېت پاكىت دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. YN/u9[=`
V#NtBreN
`&H04x"Y$>
ac|/Y$\w
4. ما جۇڭيىڭنىڭ جىنايىتىنى بېكىتىشكە بولامدۇ؟ 2qlIy
?T<rt
r,0@~;zA
ما جۇڭيىڭنىڭ جىنايىتىنى بېكىتىشكە بولامدۇ - يوق؟ ما جۇڭيىڭنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىشىدە تېخىمۇ باشقىچەرەك سەۋەبمۇ بارمۇ؟ بۇنىڭ جاۋابىنى ما جۇڭيىڭنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىن ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ. [<Q4U{F
ما جۇڭيىڭ يېڭى ئىش باشلىغاندا ئۇلۇغۋار غايىنى كۆڭلىگە پۈككەن ئەمەس، ئۇ دەسلەپتە گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ گەنسۇدىكى خۇيزۇ قوشۇنلىرىغا قىلغان بېسىمىغا ۋە يۇرتداشلىرىغا زورلۇق بىلەن ئالۋان - ياساق سېلىپ خەلقنىڭ بايلىقىنى شىلىۋالغانلىقىغا غەزەپلىنىپلا ئوتتۇرىغا چىققان، ئۇ « زالىم زۇلۇم سالسا خەلقنىڭ ئىسيان كۆتۈرۈشى بەرھەق » ، « تۇڭگانلارنى ئۆلتۈرمەيلى، خەنزۇلارنى ئۆلتۈرمەيلى، پەقەت گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئىش بېجىرگۈچىسىنىلا ئۆلتۈرەيلى » دېگەن شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ۋە ئۆزلىرىنى « قارا يولۋاس فېڭ يۈشياڭنى يۇتقۇچىلار ئارمىيىسى » دەپ ئاتىۋالغانلىقى ئۇنىڭ دەسلەپكى كۈرەش نىشانىنى ئەكس ئەتتۈرگەنىدى. ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن بىر تۇڭگان ئوفىتسېرنىڭ تۇغ كۆتۈرۈپ چىقىپ فېڭ يۈشياڭ باشچىلىقىدىكى كۈچلۈك گومىنداڭ ئارمىيىسى بىلەن قارشىلىشىپ خېجۇ، نىڭشيالارغا نەچچە قېتىم قورشاپ ھۇجۇم قىلغانلىقى، گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ داڭلىق گېنىراللىرى دەي جىڭيۈ، لى سۇڭكۈن، جى خۇڭچاڭ، سۈن ليەنچۇڭ، تۇڭ لىنگې قاتارلىقلار بىلەن بىرگە يا ئۆلۈم، يا كۆرۈم دەپ قان كېچىپ جەڭ قىلغانلىقى ئۇنىڭ قالتىس جاسارىتىنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن تۇغ كۆتۈرۈپ چىققاندا ما جۇڭيىڭنىڭ ئېنىق بىر سىياسىي نىشانى يوق ئىدى. خۇددى ياڭ بوچىڭ دېگەندەك: « ئۇنىڭ بارلىق ئەمىر - پەرمانلىرى ئۆزىنىڭ ئەتراپىدىكى بىر نەچچە ئاخۇنغا باغلىق ئىدى ». ما جۇڭيىڭنىڭ ئېنىق بىر سىياسىي نىشانى بولمىغاچقا، تۇغ كۆتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن ئارقا - ئارقىدىن خۇاڭيۈەن، مىنچىن قاتارلىق يەرلەردە شەھەر قىرغىنچىلىقى بولۇشتەك پاجىئە يۈز بېرىپ، مىللىي زىددىيەتلەرنى كەسكىنلەشتۈرۈپ ناھايىتى يامان تەسىر پەيدا قىلغانىدى. ما جۇڭيىڭ نىڭشياغا ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ سۈييۈەنگە چېكىنىۋاتقاندا قول ئاستىدىكىلەر ھەربىي ئۆزگىرىش قىلغاچقا، ئەسكەرسىز قوماندانغا ئايلىنىپ قالغانىدى. 1930 - يىلى ما جۇڭيىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ تەيئەن دېگەن يېرىدە ما خۇڭكۇينىڭ قول ئاستىدا كېڭەش ئەزاسى بولۇپ تۇرغان چېغىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن كومپارتىيە ئەزاسى جاڭ ياشاۋ، ۋۇ يىڭچىلار بىلەن تونۇشقان، ئۇ جاڭ ياشاۋ، ۋۇيىڭچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىسىدا ئۇكىسى ما جۇڭجې بىلەن كومۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا كىرگەن. بۇ ئىشقا قانداق باھا بېرىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ما جۇڭيىڭ جاڭ ياشاۋ، ۋۇ يىڭچىلارنىڭ تەسىرىدە ئىلغار ئىدىيە بىلەن ئۇچراشقىلى باشلىغىنىغا گەپ سىغمايدۇ. "Vx6 #u@}
ما جۇڭيىڭ خېشىغا كىرگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا 36 - دىۋىزىيىنى تەشكىللەش ھوقۇقىنى بەرگەندىن كېيىن، ھەدەپ ئىقتىدارلىقلارنى توپلاپ، ئەسكەر ئېلىپ كۈچىنى زورايتتى. 36 - دىۋىزىيىنىڭ باش كاتىپى جاڭ ياشاۋ، باش شتاب باشلىقى ۋۇ يىڭچى ۋە كېيىنچە 36 - دىۋىزىيىگە قاتناشقان سەي شۆسۈن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كومپارتىيە ئەزاسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي ئىدىيىسى ما جۇڭيىڭغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەنىدى. 36- دىۋىزىيىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەققىدە ئومۇمىي تېلېگىرامما چىقىرىشى، جەنۇبىي شىنجاڭغا چېكىنگەندىن كېيىن شنجاڭدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ قەشقەردىكى « دۇڭ توئورچى جۇمھۇرىيىتى » نى ۋە خوتەندىكى « ئىسلام دۆلىتى » نى يوقىتىشى شۇنىڭدەك كېيىن ما جۇڭيىڭنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ئوقۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار مۇشۇ كوممۇنىستلارنىڭ تەسىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بولۇپمۇ ما جۇڭيىڭ قەشقەرگە بارغاندىن كېيىن ئەنگلىيە بىلەن بىرلىشەيمۇ ياكى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشەيمۇ، دەپ دىلىغۇل بولۇپ قالغانىدى. ما يەنلياڭ مۇنداق دەيدۇ: « كېيىن ئۇ پايدا - زىياننى دەڭسەپ كۆرۈپ، ئۆپچۆرىسىدىكى جاڭ ياشاۋ، ۋۇ يىڭچى، سەي شۆسۈن قاتارلىق ئىلغار زاتلار ( ئەمەلىيەتتە كومپارتىيە ئەزالىرى ) نىڭ تەسىرىدە، ئۆز قوشۇنىنىڭ ئىستىقبالىنى نەزەردە تۇتۇپ ئاخىر سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ئوقۇپ كېلىش ئارزۇسىنى بىلدۈردى ». :xtT)w
i(Vm!Y82
ما جۇڭيىڭنىڭ ھەقىقىي توغرا يولغا مېڭىشى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ 3 يىلدىن كېيىن بولغان ئىش. سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىلىرى بۇ ياش خۇيزۇ گېنىرالغا ئوبدان مۇئامىلە قىلغان ۋە ئۇنى ئەتراپلىق تەربىيىلىگەن. ئۇ ئاۋۋال سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەكتەپ، زاۋۇتلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىنى چۈشەنگەن، كېيىن سىياسىي، ھەربىي ئىشلار، مەدەنىيەت، چەت ئەل تىلى قاتارلىق دەرسلەرنى ئەتراپلىق ئۆگىنىشكە كىرىشكەن ھەمدە قىزىل ئارمىيە غەربىي يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى كۈتۈۋېلىش پىلانىنىڭ تۈزۈلىشىدە مەسلىھەتچىلىك رول ئوينىغان. 17 يېشىدىن باشلاپ تۇغ كۆتۈرۈپ چىقىپ غەربىي شىمالدىكى بىر نەچچە ئۆلكىدە سەككىز يىلدىن ئارتۇق ئۇرۇش قىلغان ما جۇڭيىڭ ئاخىر توغرا يولغا ماڭغان. بۇ دەل ئۇنىڭ ئۆزى ئېيتقاندەك 36 - دىۋىزىيىنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە باشلاپ بېرىپ، پارلاق، ھەققانىي سىياسىي يولغا قاراپ ماڭماقچى بولغانلىقى ئىدى. 'gCZ'edM
+!><5
بىراق ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ما جۇڭيىڭ ئاسان چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغان قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا مايىل كۈچ بولۇشىنى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايدىغان، ياپون كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى توسىيالايدىغان، ئەنگلىيە كۈچلىرىنىڭ شىنجاڭدا تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشىنى توسىيالايدىغان بولۇشىنى ئۈمىت قىلاتتى. دېۋىزىيىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى ما خۇسەن ما جۇڭيىڭ بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىلىرى بېكىتكەن شېڭ شىسەينى قوللاش ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئالدىنقى سېپىگە بېرىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلماي، ئەكسىچە مەخمۇت مۇھىتى بىلەن بىرلىشىپ شېڭ شىسەيگە قارشى تۇرۇش يولىغا مېڭىپ كەتتى. مەخمۇت مۇھىتىنىڭ سىياسىي غايىسى شىنجاڭدا مۇستەقىل بىر ئىسلام ھۆكۈمىتى قۇرۇش ئىدى، ئۇ ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىش ئۈچۈن، ۋاسىتە تاللىماي ئىش كۆردى، ھەتتا ياپونىيىگە خۇپىيانە ئەلچى ئەۋەتىپ ياردەم تىلىدى. ما خۇسەن ئەنگلىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئۇلاردىن قورال - ياراغ سېتىۋېلىپ كۈچىنى زورايتتى. بۇ ئىككەيلەن جەنۇبىي شىنجاڭدا زۇلمەتلىك بۆلۈنمە ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويۇپ، پۇقرالارنى دەھشەتلىك ئەزدى⑤. ما جۇڭيىڭ موسكۋادا بولغاچقا، قامچىسى يەتمىدى، 36 - دىۋىزىيىنى يىراقتا تۇرۇپ كونترول قىلالمىدى. 36 - دىۋىزىيە شېڭ شىسەينىڭ ۋە سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ زەربىسىدە يەر بىلەن يەكسان بولدى. نەتىجىدە ما جۇڭيىڭ ھەربىي كۈچتىن ئايرىلىپلا قالماستىن، بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىلىرىنىڭ ما جۇڭيىڭدىن كۈتكەن ئۈمىدى يوققا چىقتى، ئۇنىڭغا بولغان كۆز قاراش ئۆزگەردى، كېيىچە ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىدىغان دەرىجىگە يەتتى. >uHb ^
2LCw*eT{)
دەل 36 - دىۋىزىيە يىمىرىلىپ ما جۇڭيىڭ ئەمەلىي كۈچىدىن مەھرۇم قالغان پەيتتە، سوۋېت ئىتتىپاقىدا كېڭەيتىۋېتىلگەن ئەكسىل ئىنقىلابچىلارنى باستۇرۇش - تازىلاش ھەرىكىتى باشلاندى، بۇ ھەرىكەت ئىككى يىل داۋاملاشتى، نۇرغۇن بىگۇناھ ئادەم جاھانگىرلارنىڭ ئىشپىيونى، تروتىسكىچى دېگەندەك بەتناملار بىلەن جېنىدىن جۇدا قىلىندى. شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمىدە ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىق ئاساسىنى مۇستەھكەملىۋالغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىغا يېقىنلىشىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا باشلىدى. كەڭ كۆلەملىك تازىلاش داۋامىدا، شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە شىنجاڭ تەۋەسىدىكى ئاتالمىش جاھانگىرلارنىڭ ئىشپىيونلىرىنى، تروتىسكىچىلارنى تۇتقۇن قىلدى، ھەتتا كۈيئوغلى يۈ شيۇسۇڭ ( ۋاڭ شۇچىڭ، جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى ) نىمۇ مۇشۇ دولقۇندا قولغا ئېلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ئاتقۇزۇۋەتتى. ئىلگىرى ما جۇڭيىڭنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن تۈركىيىلىك ئوفىتسېر كامال ۋە ياپون ئىشپىيونى يۈ خۇاتىڭمۇ ما جۇڭيىڭ مەغلۇب بولغاندىن كېيىن شېڭ شىسەينىڭ ئىلكىدە بولدى، يۈ خۇاتىڭنى سوراق قىلىشقا سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۇزۇن يىل تۇرغان ۋاڭ لىشياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ يۈ خۇاتىڭنىڭ ياپونىيە جاسوسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان ۋە ئۆز ۋاقتىدا بېيجىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئاق ئورۇسلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىدىن پايدىلىنىپ شىنجاڭدا يوشۇرۇنۇپ ھەرىكەت قىلماقچى بولغانلىقىغا دائىر مەخپىي ھۆججەتلەرنى قولغا چۈشۈرگەن. شېڭ شىسەينىڭ ئىلگىرى شىنجاڭدا ئۆزى بىلەن ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرغان ما جۇڭيىڭنى يوقىتىش ئۈچۈن كامال بىلەن يۈ خۇاتىڭنىڭ ماتېرىيالىنى سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىلىرىگە دوكلات قىلىشى تۇرغانلا گەپ. ۋاڭ لىشياڭ 1936 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتقان، سوراق خاتىرىسى تەبىئىيلا سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىلىرىنىڭ قولىغا چۈشكەن. AOAO8%|I
QXY}STs
نازىم بىلوگى AnaTuprakتەرىپىدىن تەستىقلاندى
 |