ئۇيغۇر پۇتپولچىلىقى ئۈچۈن ئويلار
xij`Mr =<ngtN }Gmwm|`* مۇنبەردە نۇرغۇن ھەۋەسكارلار، پۇتبولنىڭ ئىشتىياقى يۇرىكىدە ئوت بولۇپ يېنىۋاتقان ياشلار بار، مىللەتنىڭ ئۈمۈدى ياشلار بولغاچقا، مىللىتىمزنىڭ تەنتەربىيىسى توغرىسىدىكى بۇ يازمىنى ھەرقايسى تورداشلار سۇندۇم، ئەلۋەتتە بۇ مۇسابىقە خەۋىرى ياكى مەلۇم كوماندىنىڭ ۋەياكى باشقا چولپانلار توغرىسىدىكى خەۋەر ئەمەس، شۇنچىكى كىچىك ئويلارنىڭ يىغىندىسى، ئەگەر مۇنبەرگە مۇناسىۋەتسىز دەپ قارالسا قالدۇرۋەتسىمۇ بولىدۇ.
*c<=IcA r(g:b^S دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسنىڭ ئالدى كەينىدىكى ئويلار
!g=2U`j^ O,m0Xb2s]~ تۇنۇش
<Co\?h/< g\;&Z ھەر يىلى دۇنيادا خىلمۇ خىل شەكىلدىكى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى ئۆتكۇزۇلۇپ تۇرىدۇ، مانا بۇ قېتىمقى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى باشلاندى، ھەر قايسى مۇسابقىگە قاتناشقۇچى 32 دۆلەت كوماندىلىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۇنۇپ جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە مۇسابىقە باشلىدى. تەنتەربىيەنىڭ روھى قانداقتۇر يالغۇزغىنە بەدەن چېنىقتۇرۇشقىلا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن مانا مۇشۇنداق چوڭ سۇرۇنلار ئارقىلىق مىللىي مەدەنىيەن، مىللىي روھ، مىللىي ئىپتىخارنى تۇنىتىدىغان، مىللەتنىڭ بەدىنىدىكى قەيسەرلىك، جەسۇرلۇق، تىرىشچانلىق شۇنداقلا شۇ مىللەتنىڭ ئومۇمىي خەلق بەدەن ساپاسى ئارقىلىق شۇ دۆلەتنىڭ ئونۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەمدىن ئىبارەتتۇر.
ئالايلۇق ئابدۇشۇكۇر مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە ئالتۇن مىدال ئېلىپ، جۇڭگۇنىڭ بوكىس شاھى بولغاندا كىم پەخىرلەنمىدى، ئابدۇراخمان ئاسىيادا چىمپىيون بولغاندا كىم پەخرلەنمىدى. 2008- يىلى مەتتۇرسۇن چوڭ، قاناتلار مەيدانغا چىققاندا كىم ئۇلار ئۈچۈن‹‹غەيرەت ! ›› دەپ توۋلىمىدى ؟! يالغۇز بەدەن چېنىقتۇرۇش بولغان بولسا ئىدى، ئۇلارنىڭ چېنىقىپ ئولتۇرىشى ئارتۇقچە ئىدى، چۇنكى ئۇلارنىڭ بەدەن ساپاسى، كېچىچە سىرىتتا ھاراق ئىچىپ، ئايالىنى ئاغىنىسگە ئامانەت قۇيۇپ، ئۆزى خەقنىڭ ئۆيىدە قۇنۇپ يۇرىدىغان، ياكى بالىسى كىتابقا پۇل سورىسا بۇيۇن قىستۇرۇپ، ئۆزى رېستۇرانلاردا چاي ئويناپ، كىيىم كېچەكنى نىسىگە كىيىپ يۇرگەن ئاتا - ئانىلاردىن ئادىدىسى مەكتەپتە ئۇقۇپ يۇرۇپ بىر قېتىم يۇگۇرۇش ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمەيدىغان، ئېتىزلاردا كەتمەننى بىر يىل چېپىپ، بىر بازاردا تاپقان دەسمايىسىنى قاۋاقتتىكى يالىڭاچ پاچاق بىلەن پۇت يۇيۇش ئورنىدىكى .....لارغا سېلىپ بېرىپ، يەتمىگەن يېرىگە كىملىكى بىلەن ئىشتان چاپىنىنى گۆرۇگە قۇيۇپ، ئىسپىرىتنى ئارتۇق ئىچكەنلىكتىن رەئىس ئەزالىرى كاردىن چىققىپ، ئاتا ئانىسى ئۆيلەپ قويسا بىر خۇتۇننىڭ ئالدىدا تىلى تۇتۇلۇپ، ئۆينى بۇزۇپ يۇرگەنلەردىن مىڭ ھەسسە ياخشى ئىدى.
HV_5+ گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە دۇنيا بوكىس شاھە مۇھەممەت ئەلىنى تىلغا ئېلىش توغرا كېلىپ قالدى، مۇھەممەت ئېلى بىر تەنھەركەتچى بولۇش سۇپىتى بىلەن شان - شەرەپنىڭ يۇقىرى چوققىسىغا چىققان، ئۇ پەقەت بىر بوكىسچىلا بولۇپ قالماستىن، يەنە مەشھۇر تىنىچلىق جەڭچىسى، نامى بار شائىر. شېئىرىدا
:Fe}.* t ئەزرائىل ئالدىدا كۈلىمەن مەغرۇر،
;onhc*{lv سوغ كۇلكەم جاۋابتۇر ئاچچىق قىسمەتكە
HB+{vuN*L مەسخىرە ئەيلىمە دەرت بالا
-u!{8S~wA شادلىمەن قاراپ دەھشەت ئاپەتكە
a#Yo^"*1 دەپ يېزىپ، ئۆزىنىڭ ئازاپ ئۇقىبەتتىن قورىقمايدىغان مەردانىلىكى، جەسۇرلىقى، قىيىنچىلىق ئالدىدىكى تەمكىنلىكىننى ئىپادىلەپ بەرگەن.
h^Bp^V5# شۇنداق بولغاچقا مۇھەممەت ئەلى ئاتلانتا ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلىنى تۇتاشتۇرۇشقا تاللىۋېلىنغان. ئەلۋەتتە ئۇ بىزدىكى ھېلىقى شامالغا ئۇسۇل ئويناپ ئولىمپىكنىڭ قەيسەرلىكىنى، جەسۇرلىقىنى مۇھىم بولغان دۇنيا خەلقىنىڭ قىيىنچىلىققا ئىگىلمەيدىغان روھىنى ئۇسسۇل بىلەن ئىپادىلەپ تىۋىنتىر قاتارلىق تورلاردا توختىماي مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان ‹‹ پەخىرلىك ئۇسۇلچىمىز ›› دىن پەرىقلىق ھالدا توختىماي تىتىرەيدىغان ئىككى قولىدا مەشئەلنى كۆتۇرگىنىگىچە ئالدىغان قاراپ يۇگۇرگەن بوۋاي ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۇرلۇك شان شەرىپىنى ئامىركىلىق ئىرىقچىلارغا رەدىيە بېرىش بىلەن ئۆتكۇزگەن ھەققىي تەنتەربىيە روھىنى ئىپادىلەپ بەرگەن مەشھۇر جەڭچى.
((Jiv=% گەپ تەنتەربىيەنىڭ روھى ئۇستىدە كېتىپ بارغاچقا، گەپنى يەنە ئەسلى تېمىسىغا يۆتكىمەي بولمىدى، قەيسەرلىك مىللەتنىڭ قۇدىرەت تېپىشىدىكى مۇھىم روھىي ئامىل، پۇتبول 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە شۇ مىللەتنىڭ ئېلىشىش روھىنى ئىپادىلىنىپ چىقىدىغان بىر تەنتەربىيە تۇرىدىن ئىبارەت، گىرمانلار مانا بۇنىڭ تىپىك مىسالى، دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسدە ئەڭ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان بىر كوماندا بولۇش سۇپتىدە ئۈچ قېتىم دۇنيا لوڭقىسىنى كۆتۇرگەن گىرمانلاردىن ئەزەلدىن داڭلىق چولپانلار كام بولۇپ باقمىغان، لېكىن ئۇلارنىڭ جەڭ تاكتىكىسى ھەرگىزمۇ ئايرىم كىشىنىڭ ( مەسىلەن ئارگىنىتىنانىڭ مارادوناسىغا تايىنىپ) شەخسى ماھارىتىگە تايىنىش بولماستىن كوللىكتىپ جەڭنىڭ توختىماي ئالغا ئىلگىرلەش روھىنى ئۆزىگە ۋاستە قىلغان، تەنتەربىيە بىلەن مىللەتنىڭ پىسخىكىسىنى بىرلەشتۇرگەن، مۇۋاپپىقىيەت ئىككىسىنىڭ بىرلىشى بىلەن بارلىققا كەلگەن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرشىدا يېڭىلىپ، ۋەتىنى ئىككىگە بۆلىنگەن، گىرمانلار كىيىنكى قېتىمقى چوڭ تەنتەربىيە مۇسابىقىسدە توختىماي تىرىشىدىغان قەيسەرلىكى بىلەن نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرگەن، شۇنىڭدىن بىلەن مىللىي ئىپتىخارلىق چولپانلارنىڭ تىرشىشى بىلەن تەڭ كۆتۇرۇلگەن، مىللىتىدىن پەخىرلىنىدىغان گىرمانلارنىڭ يىتىلىشى بىلەن دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئايرىپ قايرىش مۇمكىن ئەمەس ئەلۋەتتە، مىللەنىڭ قۇدرەت تېپىشىدا مىللىي غورۇر بىلەن ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئەلۋەتتە مۇھىمدە. .. ئالايلۇق ئامىركىلىق مەشھۇر نىگىرلار ھۇقۇقىنىڭ داھىيسى مارتىن لۇكىر رۇڭ قاتارلىق شەخىسلەر بولمىغان، شۇلار تىرىشىمىغان، نىگىرلارنىڭ مىللىي غورۇرىنى قوغدىمىغان، مۇھەممەت ئەلىدەك مەشھۇر تەنتەربىيە داھىيسى دۇنياغا كەلمىگەن بولسا، شۇ شان شەرەپ تۇيغىسى بىلەن نەچچە ئەۋلاد نىگىرلار تىرىشىمىغان بولسا، ئوباماغا ئوخشاش كىنىيەلىك كۆچمەننىڭ ئەۋلادى نىگىر بىرسى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۇك دۆلەتكە ئەلباشى بولمىغان، ھەتتا نىگىرلار 30 نەچچە يىل بۇرۇنقىدەك ئاممىۋى ئاپتۇۋۇزغا ئولتۇرغاندا ئاق تەنلىكلەرگە ئورۇن بوشىتىپ بېرىدىغان تەغدىردىن قۇتۇلمىغان بولاتتى.
S.^/Cl;aj بىزدىكى تەنتەربىيگە قارايدىغان بولساق روھىيىتىمىزدىكى يەنە بىر نامىراتلىقنى كۆرۇپ ئېلش ئانچە تەس ئەمەس، بالىسى مەكتەپتىكى مۇسابىقىدە بىرىنچى بولۇپ يېنىپ كەلسە ‹‹ كاللسى ئىشلىمەيدىغان، پۇت قولىدىن باشقا يېرى كارغا كەلمەيدىغان ... ›› دېگەندەك سۆز بىلەن بالىنىڭ ئىسسىقىغا سوغۇق سۇ سەپكەن دادىلارنى كۆپ كۆرگەن بىز، ئاشۇ بالىسىنىڭ شۇ ئارتۇقچىلىقىغا چىن دىلىدىن بىر ئېغىز تىرىش دەپ قويغان بولسا بەلكىم شۇ بالىسى تەنتەربىيەدە چوڭ نەتىجە قازىنالمىسىمۇ، ھېچ بولمغاندا بىكار ۋاقىتلىرىنى دوسىتلىرى بىلەن توپ ئويناشقا بېرىپ، ئەتراپتىكى قاۋاقلاردا ھاراققا بېرلمىگەن بولماسمىدى، كىچىككىنى تۇرۇپ تاماكىغا ئۆگىنۋېلىپ، يامان يوللاردا، بولمۇغۇر جايلاردا، دېسكوخانىلاردا يۇرمىگەن، ئىچى پۇشقاندىن تورخانىلاردا تۇگىمەس كېچىلەرنى تاڭغا ئۇلاپ يۇرگىنىدە ئاتا - ئانسى بالىسىنى ئۇيۇنچۇقخانا - تورخانىلاردىن ئىزدەپ يۇرمىگەن، ھاراققا چىلانغان بالىنىڭ نەلەردىدۇر ئىشرەتكە بېرىلىپ، كىملەرنىڭدۇر قىزىنىڭ ئىپپىتى بىلەن ھېسابلاشماي، ئارقىدىن تۇرمىلەرگە قامىلىپ، يۇرمىگەن، شۇ ئاتا ئانا بىئەجەل كېتىپ قالغان نارسىدىسىگەن يىغلاپ كىملەرگىدۇر قاخشاپ يۇرمىگەن بولار ئىدى.
^)\z ئاددىسى يوغىناپ كەتكەن قورساقلىرىمىز يالغۇز كېچىچە رەڭلىك سۇرۇندا ئولتۇرۇپ، مايلىق تاماقلارنى بولىشغا يەپ، ھەزىم قىلالمىغان تاماقلاردىكى ئارتۇقچا ماينىڭلار ئىپادىسى بولماستىن يەنە چېنىقماسلىقنىڭ، تەننىڭ تەربىيسىگە بولغان سەل قاراش ۋە شۇنىڭ بىلەن كېلىپ چىققان، تويماسلىق، قانائەتلەنمەسلىك، كۆزى تويسا قورسىقى تويماسلىق، ئاچكۆزلۇك، ئارقىدىن چىققان ھورمۇنلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن كېلىپ چىققان بۇزۇقچىلىق، ھەتتا ئۆزىنىڭ قىزىنىمۇ بوش قويماسلىق، ھەدە سىڭىلللىرىنى كىچىككىنە نەپسى ئۈچۈن، بەش كىشىگە بولىدىغان قىسقىغىنە ئەمەل ئۈچۈن سېتىپ، باشلىقلىرى بىلەن كېچىچە ھاراق ئىچىپ يۇرۇدىغانلارنىڭ كۆپىيىشىنى كىمدىن كۆرىمىز؟
Tj[=E ئەينى چاغدىكى مەشھۇر زىيالىلىرىمىزغا قارايلى، ھەممىزگە تۇنۇشلۇق مەھمۇد قەشقىرى شاھزادە بولىشىغا باقماي ئۇستا چەۋگەن، داڭلىق نەيزىۋاز ئىدى، ئات ئۇستىدە ئالدىدىكى دۇشمەنگە قانداق زەربە بېرەلىسە، ئارقىسىدىكى دۇشمەنگىمۇ شۇنداق ئىدى، شۇ ئاتىلاردىن قايسىبىرى ساغلام تەن ساق ئەقىل ئەمەس؟ كونىلار : ‹‹ تەن ساقلىق زور بايلىق ›› دەپ تەلىم بەرگەن ئەمەسمىدى ؟ نىمىشقا يىگىرمىگە كىرە كىرمەي توقسان كىلوگىرام كىلىدىغان قورساقلىرىمىزغا يەنە كېچىچە پىۋىنى ساقلاپ، بەدىنىمىزنى چېنىقتۇرۇشقۇ ئۇياقتا تۇرسۇن تېخىمۇ بۇزۇپ، كىيىنچە مىللىي ئىرسىيىتىمىزدىكى چىرايلىرىمىز بۇزۇپ يۇرىمىز؟؟؟
C71\9K*X بەدەننىڭ ساغلاملىقى چۇقۇمكى ئالدى بىلەن روھىي ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۇرىدۇ، ساغلام بولغان روھىي ھالەت كىشىنىڭ مۇۋاپوپىقىيەت قازىىنىشىدىكى بىرىنچى ئامىل، ھەر بىر كىشى ئۆز ئىشىدا مۇۋاپپىقىيەت قازانسا مىللەت روناق تاپىدۇ، مىللەت روناق تاپسا، دۆلەت قۇدىرەت تاپىدۇ. قالدىسى ئەمدى سىز بىلەن بىزدە قالدى.
i'6>_,\( e<.O'!=7Y مەزكۇر تىما پۇتبۇل تورىدىكى<tunux>دىگەن تورداشنىڭ تىمىسى بولۇپ ھەقىقەتەن ئويلۇنۇپ بىقىشقا تىگىشلىك بولغانلىقى ئۈچۈن تىما ئىگىسىدىن رۇخسەتسىزلا ھەم ئۆز ئەينى بويىچە مۇنبەرگە يوللۇدۇم. &O&;v|!9
ئەسلى ئادرىسى؛http://bbs.putbol.cn/read.php?tid-15659.html-[ بۇ يازمىنىsansiz0903دە2010-09-24 20:31قايتا تەھرى ]