باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       845 
  •    ئىنكاس 
       2 

ناتىق يايمىچى(‏ئابدۇراھمان پىغانى)

قەۋەت ئاتلاش
SRTLAN
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15730

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   14 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   456 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   43 (قېتم)
 تۆھپە:   42  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 935
 سائەت
دەرىجىسى:
935 سائەت 105 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-05-23
ئاخــىرقىسى:2014-06-30
— بۇ تېمىنى AnaTuprak شېئىرىيەت ئالۋۇنى دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2014-06-09) —

               ناتىق يايمىچى 3D09P5$W  
   (شۇ ناملىق ھېكايىدىن قىسقارتىپ ‏ئېلىندى!) ;=9v mQA  
zkMO3w>  
___يۈز كوي،يۈز كوي!قېنى-قېنى،سەپ سالغاچ بىردىن-بىردىن كۆرۈپ بېقىڭ،نەپ ‏ئالغاچ ھۇزۇرىنى سۈرۈپ بېقىڭ!......‏تېشى تاردەك تۇرسىمۇ،ئىچى غاردەك!......سودا دېگەن مودا دېگەنلىك!بۇ كىيىم ھازىر ھېچ يەردە زاھىر ‏ئەمەس جۇما!......تويغا بارامسىز؟‏ئۇنداقتا ‏ئۇ يەرگە قامەت بوي ۋە گۈزەل روي،‏ئۈچ قويلۇق مىراس ۋە يۈز كويلۇق لىباس بىلەن بېرىپ,كۆرگەنلەرنىڭ كۆزىدىن ‏"ئاھ!"،سۆزىدىن "پاھ!"چىقىرىۋېتىڭ!......‏ئۆزى ‏ئۇزراق بولغاچقا،پۇلىسىمۇ تۇزراق ‏ئەلۋەتتە!......قېنى-قېنى،سېلىمۇ كۆرۈپ باقسىلا!يەللېرىگە سۈرۈپ باقسىلا،بەللېرىگە تۈرۈپ باقسىلا،‏ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈپ باقسىلا,ئىشقىلىپ ‏ئوبدان باقسىلا،يارىسا ‏تارتىنماي ئالسىلا!......ھازىر يۈز كويغا چىدىماي,كېيىن تۈگىمەس ‏ئويغا پېتىپ قالمىسىلا يەنە!......ياقسا رىزا بولۇڭ،ياقمىسا نىزا!......‏ئامېرىكىدىكىلەر مۇشۇ كىيىم ‏ئىشقىدا ‏كۈنبويى ‏ئۇيقۇسىز سەرسانچىلىقتا يۈرسە،بۇ كىيىم مېنىڭ شاپا‏ئىتىم بىلەن بۇ يەردە ‏ئەرزانچىلىقتا يۈرىدۇ!پۇرسەت غەنىيمەت......‏ئەبەدىي-‏ئەبەد بوشەن جۇما!قارامسىز,مارامسىز,چاتاق چىقماس،چىقىپ قالسا پېقىر 24 مېنۇت تەييار!......خېرىدارلارنىڭ رازىلىقى ‏ئۈچۈن مىڭ جېنىم بولسىمۇ پىدا قىلىمەنكى،ئەگەر ‏ئۇلار ‏ئۈچ كېچە-كۈندۈز بەدىنىمدىكى ‏ئاجايىپ جەۋھىراتلارنى تازلىۋېتىشقا رايى بولسا،‏ئاۋۋال مېنى خەلقى-‏ئالەم ‏ئالدىدا سىزا قىلىپ،ئاندىن ‏ئۆيىگە ‏ئاپىرىپ جىزا قىلىپ،كەچلىك تامىقى ‏ئۈچۈن غىزا قىلسىمۇ،مەن ‏ئۇلارغا مىت قىلىپ سالمايمەن!......بۇ كىيىملەرنى كىيسىڭىز،رەسمى ۋە كەسپى كىيىم كىيگەندەك بولىسىز!......مۇسكۇلى يوق ‏ئاجىز-بىچارىلەر ‏ئەگەر مۇشۇ كىيىمنى كىيسە،‏ئويلىمىغان يەرلېرىدىن غايەت زور مۇسكۇللار ‏ئۈنۈپ چىقىدۇ!......‏ئەگەر بۇنى ‏قىز-‏ئاياللار كىيسە،يامان نىيىتى ساماندەك,بۇزۇق كۆزى قۇزۇقتەك ئەرلەر ‏ئۇلارنىڭ بۈرتۈپ چىققان كۈچىنى ۋە كەينىدىكى ‏ئۈچىنى بايقاپ،ئاندىن ‏ئاسلاندەك ھېيىقاپ,ئۇلارغا يېقىنلىشالمايدۇ ۋە قېلىنلىشالمايدۇ-دە,شۇنىڭ بىلەن پۈككەن نىيەت ‏ئېقىنلىشالمايدۇ!......بۇ كىيىمنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ساتامسىز يا ‏ئاتامسىز,كىيەمسىز يا سىيەمسىز,ياكى خالىغانچە چوڭ تەرەت قىلامسىز,تەمسىز كۆرمىسىڭىز يەمسىز,ھېچقانداق جازا ياكى ھازاغا ‏ئۇچرىماي ‏ئەنسىز ‏ئەمەس غەمسىز يۈرەلەيسىز!......‏ئۇرۇقلىشىشقا زارلار ۋە قورۇقلىشىشقا بىزارلار,خۇش-خەۋەردىن بولماڭ بىخەۋەر!بۇ كىيىملەرنى سېتىۋېلىپ بەدىنىڭىزگە مىڭ يىل قېتىۋالسىڭىزمۇ ھېچقانداق ‏ئەكس-تەسىرى,پايدا-قەسىرى يوقتۇر!‏‏ئەگەر سىز ‏ئېچىلمىغان بولسىڭىز قېتىڭىز بىلەن,يېپىلمىغان بولسىڭىز سېتىڭىز بىلەن,ھەر ھالدا پېتىڭىز بىلەن,ھالى-قۇدرەت دېتىڭىز بىلەن تۈرلەشمەي ۋە پۈرلەشمەي تۇرالايسىز!......‏بۇ كىيىمنىڭ بىردىنبىر ‏ئالاھىدىلىكى شۇكى,‏ئەگەر سىز ‏ئەر بولسىڭىز,خوتۇنىڭىزغا ‏ئوتۇندەك كۆرۈنەلەيسىز!‏ئەگەر سىز ‏ئايال بولسىڭىز,‏ئېرىڭىزگە ‏ئاشنىدەك تاتلىق,"قىز بالا" ‏ئاتلىق كۆرۈنەلەيسىز ۋە سۆيۈلەلەيسىز!......
تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2014-06-09, 10:58
قانداق بولساڭ شۇنداق ياشا!
amin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9135

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   260 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14998 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1447 (قېتم)
 تۆھپە:   1447  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 928
 سائەت
دەرىجىسى:
928 سائەت 112 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-05-17
ئاخــىرقىسى:2014-07-02
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 06-15

ھەقىقەتەن ناتىقكەن جۇما . قاپىيە دىگەننى ئويناپ قويىدىكەن ئەمەسمۇ . ئەگەر بالون قاپىيە بىلەن بەسلىشىپ قالسا ........................................
سەن ئۆزۈڭنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ، ئاللاھ سىنىڭ ئەھۋالىڭنى ئۆزگەرتمەيدۇ.
shabnam
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15617

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   80 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   10 (قېتم)
 تۆھپە:   9  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5
 سائەت
دەرىجىسى:
5 سائەت 15 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-05-16
ئاخــىرقىسى:2014-06-18
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-18
Re:ناتىق يايمىچى(‏ئابدۇراھمان پىغانى)

ھېكايىسىمۇ بەلەنتى,بۇ پارچىمۇ بەك نوچىكەن!
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى