+s 0Bt ' 1s\hJATfz cr;`0 H%gD[!^ ]ZATER)jq چاقىرىق:
ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلىدا
ساۋات چىقىرىش =_:LwmI x5Pt\/ow }&hgedx ئۇيغۇرتىلىنى تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇدلۇقىغا كۆڭۈل بولۇش ھەر بىر ئۆزىنى مەنئۇيغۇر دەپ ھېسابلايدىغان كىشىنىڭ بۇرچى ۋە شەرىپى. نۆۋەتتە ئۇيغۇرجەمئىيىتىدە بولۇپمۇ ئۇيغۇر تور دۇنياسىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ رولىغا بولغانتونۇش، كۆڭۈل بولۇش يېڭى بىر باسقۇچقا قاراپ قەدەم قويدى دەپ قارىساقخاتالاشمايمىز، بۇ يەردە بۇ ھەقتىكى ئېلىپ بىرىلغان ۋە بېرىلىۋاتقانتىرىشچانلىقلارنى بىر-بىرلەپ سۆزلىمىسەكمۇ، زور كۆپچىلىك قېرىنداشلىرىمىزغائايان.
Wm&f+{LO+K مەيلى ئۇ قانداق بىر تىل بولمىسۇن، ئۇنى ئۆگىنىش ئالدى بىلەن
ساۋادىنى چىقىرىشتىن باشلىنىدۇ. ئوخشاشلا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش، بىلىش ۋە ئۇنى توغرا ئىشلىتىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى دەل ئانا تىل يەنى ئۇيغۇر تىلى
ساۋادىنى چىقىرىشتىنباشلىنىدۇ. نۆۋەتتە ئۆزۈم ياشاۋاتقان چەت سەھرادىكى رىئاللىقنى قايرىپقويۇپ، تەرەققى تاپقان شەھەرلەردىكى بىر قىسىم مىللەتنىڭ كەلگۈسىپەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىنى خىيالەن تەسەۋۋۇر قىلسام، كەلگۈسى تۇرمۇشئىھتىياجى دەپ قاراپ ئانا تىلنى ئۆگىنىشكە سەل قاراپ، باشقا تىللاردا بىلىمئىلىۋاتقان،ئوقۇۋاتقان، ياكى ئانا تىلدا ئوقۇتۇش بىرلەشتۈرلۈپ بىرىنچىيىللىقتا ئىككى خىل تىلدا ساۋات چىقىرىش ئۆتكىلىگە دۇچ كىلىۋاتقان،مەسئۇلىيەتچان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئائىلىدىكى كۈچەپ يېتەكلىشى ئاستىدىمۇيەنىلا ئانا تىلدا ساۋادىنى چىقىرالمايۋاتقان بالىلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىغاقارىتا بەزىلىرىمىز زاماندىن، بەزىلىرىمىز مائارىپتىن ، بەزىلىرىمىزمۇئەللىملەردىن ئاغرىندۇق. لېكىن شۇ بىر نەرسە ئايدىڭ بولسۇنكى ئوخشاشيىللىقتا،ئوخشاش سىنىپتا ئوقۇغان بەزى بالىلىرىمىز ساۋاتلىق بولدى،بەزىلىرى ساۋاتسىز قالدى. بۇنى مەكتەپنىڭ نۆۋەتتىكى قايسى خىزمەتنى مۇھىمدەپ قارىغانلىقىدىن، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇتۇشقا ماھىر ئەمەسلىكىدىن،ئوقۇغۇچىنىڭ ئەقلى قابىلىيىتىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىدىن، ئائىلە تەربىيسىنىڭئوخشاش بولماسلىقىدىن قاتارلىق تەرەپلەردىن تەڭ تەھلىل قىلغاندا بەلكىمرازى قىلارلىق جاۋابقا ئېرىشكىلى بولىشى مۇمكىن.
1/BMs0 = يەنەشۇنداق رىئاللىقمۇ مەۋجۇتكى تىل ئۆگىنىشتە مىنىڭ نەزىرىمدە تىل ئۆگىنىششارائىتى ئەڭ مۇھىم. لېكىن بەزى بالىلىرىمىز ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىششارائىتى شۇنچە قويۇق تۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنەلمىدى، ھەتتا ساۋاتىچىقمىدى، باشقا تىلدىكى بىلىمى باشقا ساۋاقداشلىرىدىن خىلىلا يۇقىرىئۇنداقتا بۇ نېمە سەۋەپتىن؟
Y% 9F ئۇيغۇر يېزىقى يېزىقلار ئىچىدە ئۆزىنىڭ سىزىق،قۇرۇلما،ئورۇنلىشىش قاتارلىقتەرەپلەردىكى ئۆزگىچىلىكى بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ، ھەتتا مىنىڭ نەزىرىمدەسۇلتان دىيىشكە تامامەن بولىدۇ. لېكىن بۇنىڭدىن كېيىن بالىلىرىمىزئارىسىدىن ساۋاتلىق بولغانلار ئىچىدىن قۇربانجان روزى شەيدايىدەك داڭلىقخەتتات بولمىسىمۇ خېتى ئادەمنى سۆيۇندەرگىدەكلەر كۆپلەپ يېتىشىپ چىقامدۇياكى نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىدىكى ئەپەندىمگە ئوخشاش خىتىنى ئۆزىدىنباشقا ئككىنچى بىر كىشى ئوقۇيالمايدىغانلار يېتىشىپ چىقامدۇ؟ يىزىقنىڭقۇرۇلما ئالاھىدىلىكىنى، يېزىلىش تەرتىپىنى توغرا ئىگىلىيەلمىگەنبالىلىرىمىزنىڭ (يىشى كىچىك) ساۋاتى چىقىپ بولغاندىن كىيىنمۇ ساۋاتسىزبولۇپ قىلىش ئېھتىماللىقى بارمۇ يوق؟ ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىملا مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆھبىتى بىر مەھەل پۈتۈن ئۇيغۇرتور دۇنياسىنى ھەتتا جەمئىيتىنى تەۋرەتكەن ئىدى، شۇ ئارقىسىدا تىل-ئەدەبىيات دەرسىگە بىر سائەتلىك ھۆسنخەت ( ئىملا ) دەرسى قوشۇلغان ئىدى،ئۇنىڭ ئۇنۇمى قانچىلىك بولدى؟
:*nBo يۇقۇردا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەردىكى باش جاۋاپكار يەنىلا مەن قاتارلىقئوقۇتقۇچىلاردا. ئاپتونوم رايون مىقياسىدا ئوقۇتقۇچى تولۇقلاشتىن ئىبارەتبىر مۇھىم خىزمەتنىڭ ( جۈملىدىن نۆۋەتتىكى ھەر تۈرلۇك ھۆكۇمەت ئورۇنلىرىغاخىزمەتچى قوبۇل قىلىشنىڭ ) خاراكتىرىگە ئەھمىيەت بېرىلمەي، شۇ كەسىپتەئوقۇغانمۇ؟ شۇ كەسپنى چۈشىنەمدۇ؟ دىگەنلەرنى ئويلاشماي، يالغۇز سان بىلەنئىمتىھان نەتىجىسىنى ئاساس قىلىش نەتىجىسىدە يېڭىدىن قوشۇلغانئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپكە ماسلىشالماسلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىتەربىيلەشنى ياخشى ئېلىپ بارالمىغان بولسا، مائارىپ كەسپىدە نەچچە يىلخىزمەت قىلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئالاھىدە شارائىتتىكى ئوقۇتۇشقاماسلىشالماسلىق، ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدىكى پەرقلەر تۈپەيلى ئىلگىرىكى ئىلغارئوقۇتۇش ئۇسۇلى، ياخشى بولغان ئوقۇتۇش مېتودى ماس كەلمەسلىك قاتارلىقسەۋەپلەر تۈپەيلى ساۋات چىقىرىش توسالغۇغا ئۇچراۋاتىدۇ.
: seL= ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەرپلەر چوڭ جەھەتتىن ھەممىسىنىڭ يېزىلىشى، شەكلى بەكپەرقلىنىپ كەتمىسىمۇ لېكىن قۇرۇلما جەھەتتىن مەلۇم ئالاھىدىلىك ۋەئۆزگىچىلىكلەرگە ئىگە. ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ بۇجەھەتتىكى ئىزدىنىشىيېتەرسىز، تونۇشى مۇكەممەل بولمىغاچقا ھەرپلەرنى ئۆتكەندە شەكىلقانۇنىيىتىنى، يېزىلىش تەرتىپىنى ئىگىلىتىشكە سەل قاراش ياكىئىگەللىتەلمەسلىك سەۋەبىدىن ئىملاسى سەت بولۇشنى كەلتۇرۇپ چىقىرىش بىلەنبىرگە ساۋاتسىزلارنى ئاۋۇتۇپ بىرىۋاتىدۇ. مەسىلەن : «ن» ھەرپى بىلەن «ت»ھەرپىنى بەزىلەر شەكىل جەھەتتىن ئوخشاش دەپ قارايدۇ. «ت»ھەرپى بىلەن «پ»ھەرپىنىڭ شەكلىنى ماھىيەتلىك پەرقلىنىدۇ دەپ بىلىدۇ، ۋە باشقىلار.
|O2PcYNu ھەرپلەرنى ئوقۇتقان ۋاقىتتا ئوخشاش بىر ھەرپنى ئوخشاش بولمىغان ئوقۇغۇچىغائوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن تۇرۇپ، بەزىدە ئوبرازلىق، بەزىدە ئاددىغىنائۇسۇلدا، ھەتتا بەزى ئوقۇغۇچىلار بەزى ۋاقىتلاردا سەككىز ھەتتا ھەممەھەرپنى ئوخشاش بىر خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىدا ئىگەللىتىش تامامەن مۇمكىن، يەنەبەزىدە ئوخشاش بىر ھەرپنىڭ ئوخشاشمىغان شەكىللىرىنىمۇ ئوخشىمغان ئۇسۇلدائوقۇتۇش ئاددى ئىگەللىتىشنىڭ ئاساسى بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.
Zi)8KO[/0 ..................
Ee&$9 )t يەنە نۇرغۇن باشقا تىللىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان، ئوقۇغان ، مۇھاجىرەتتەتۇرىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ساۋاد چىقىرىش جەھەتتە يول كۆرسىتىشكە موھتاج.نۇرغۇن ئانا تىل
ساۋادىنى چىقىرىشنىخالايدىغان دوستلىرىمىز بەلكىم ۋاقىت،ئورۇن ياكى باشقا سەۋەپلەرتۈپەيلىدىن ساۋاد چىقىرىش ئورۇنلىرىغا بارالمىغان بولىشى، ئۆز-ئۆزىنىڭساۋادىنى چىقىرىشنى نەدىن باشلاشنى بىلەلمىگەن بولىشى ، نۇرغۇنئاتا-ئانىلارمۇ بۇ جەھەتتە تەجرىبە-ئۇسۇل قاتارلىقلاردىن گاڭگىراپقىلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن ۋە گاڭگىراپ قىلىۋاتىدۇ.
YTh4&wm نۆۋەتتكى ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدائوقۇغۇچىلارنىڭ،بالىلىرىمىزنىڭ،ئۆزىمىزنىڭ ساۋادىنى چىقىرىشتا ، ۋاقىتجەھەتتىن ئۇتۇش،ئوقۇغۇچىلارنىڭ،بالىلارنىڭ قىزىقىشنى قوزغاپ، ئۆزى خالىغان،ياقتۇرغان ئاساستا ئۆگىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مول تەجرىبە بولۇشئىنتايىن مۇھىم.شۇڭا بۇ يەردە كەڭ مەيلى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى بىلەنشۇغۇللىنىپ، ساۋاد چىقىرىشنى ئەمىلى قىلىپ باققانلار ياكى قىلىۋاتقانلاربولمىسۇن ۋە ياكى ئۆز ساۋادىنى ئۆزى چىقارغان، ياكى باشقىلارنىڭ ياردىمىدەچىقارغانلارنىڭ ئۆزىنىڭ مەلۇم ھەرپنى ئۆگىتىش ، ئۆگىنىش، مەلۇم ھەرپ شەكلىئالاھىدىلىكى ئۇستىدىكى تونۇشى قاتارلىق تەرەپلەردىكى تونۇش تەجرىبىلىرىنىئايانماي ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەيلى مەكتەپتە ساۋات چىقىرىدىغانلار بولمىسۇن،مەيلى ئائىلىدە بالىلىرىنىڭ ساۋادىنى چىقىرىدىغانلار بولمىسۇن ۋە ياكىئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ساۋادىنى چىقىرىدىغانلار ئۈچۈن بولمىسۇن ئۆزلىرىنىڭتەجرىبىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشىنى سورايمەن.
4e t#Q بۇ ھەقتە مەيلى ئوقۇتۇش-ئۆگىتىش تەجرىبىسى بولسۇن، مەيلى ئۆگىنىش، ھېسقىلىش، بايقاش تەجرىبىسى بولسۇن، ھەر بىرىمىز بىر ئېغىزدىن ، بىر ھەرپتىن ،بىر ئۇسۇلدىن، ھەر بىر ياش باسقۇچىغا ماس كېلىدىغان ئوخشاش بولمىغانتەرەپلەردىن سۆزلىسەك ئىشىنىمەنكى بۇ جەھەتتىكى قىينىلىۋاتقاندوستلىرىمىزغا ياردەم بېرىپلا قالماي، ئانا تىل ئۈچۈن ھەقىقى ئىشتىن بىرنىقىلغان بولىمىز دەپ ئويلايمەن.(مەنمۇ بىر قارار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساۋادىنىچىقىرىش ئېلىپ باردىم، ۋاقتى كەلگەندە مەنمۇ ئۆز تەجرىبىلىرىمنى كۆپچىلىكبىلەن ئورتاقلىشىمەن.)
Q1[s{, bm.H0rHR4 تەجرىبىلىرىڭىزنى مۇشۇ مۇنبەرگە يوللىسىڭىزمۇ ۋە ياكى
ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلى تور بېتىنىڭ
تەجرىبە قانىلىغا يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
'a*IZb-M ئانا تىل - ئۇيغۇر تىلى تور بىتىگە تېما يوللىسىڭىز
بۇ يەرنى بېسىڭ. (تىزىملىتىش ھاجەتسىز) ئانا تىلنى سۆيۇش شۇئار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلى جاۋاب بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.