باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       9930 
  •    ئىنكاس 
       18 

تۈركىيەلىك ئۇيغۇرنىڭ ئىسلام ئائىلە تەربىيەسى(تەۋسىيە)

قەۋەت ئاتلاش
erhabi

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1557

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1573 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   59558 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   8557 (قېتم)
 تۆھپە:   8462  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 14136
 سائەت
دەرىجىسى:
14136 سائەت 164 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-17
ئاخــىرقىسى:2013-09-10

تۈركىيەلىك ئۇيغۇرنىڭ ئىسلام ئائىلە تەربىيەسى(تەۋسىيە) 7$"A2x   
`e`}dgf0S|  
SD/=e3  
بۇ تۈركىيەلىك قېرىندىشىمىز ئىزھار ئاكىنىڭ بالا تەربىيىلەش جەريانى ،بۇنىڭدىن كەڭ قېرىنداشلار ئىلھام ئېلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس. bIWSNNV0F  
ئوغلىنىڭ ئىسمى: تارىم 6 ياش. قۇرئاننى يادقا ئېلىپ بولغان، ئىنگىلىز تىلى ۋە فرانسۇز تىلىنى ياخشى بىلىدۇ. 1-يىللىقتا ئوقۇيدۇ. فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئوخشاش يىللىقتىكى چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار كومپيۇتېر ئەمەلىي قوللىنىش مۇسابىقىسىدە 1- بولغان .سىنىپىدا چېلىشىشتا بىرىنچى. > `1K0?_  
قىزى :ۋىسال 9 ياش. ئالاھىدىلىكى ئىنىسىغا ئوخشاش. سىنىپ باشلىقى. مەكتەپتە باشقىلارنى دىنغا دەۋەت قىلىدۇ (2004-يىل). بۇلارنىڭ تۈرك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغانلىقىنى دېمىسەكمۇ بولىدۇ .چۈنكى بۇلارنىڭ دادىسى ئۇيغۇر، ئانىسى تۈرك . قېنى بىز بالا تەربىيىلەش جەريانىنى ئىزھار ئاكىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاپ باقايلى. 8|LU=p`y'  
بىسمىللاھ! :[:*kbWN-  
ئالدى بىلەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ماڭا ۋە بالىلىرىمغا ئىزگۈ تىلەك ۋە دۇئالاردا بولغانلىقى ئۈچۈن چىن قەلبىمدىن تەشەككۈر ئېيتىمەن ۋە دۇئالارنىڭ ساھىبى بولغان جانابى ئاللاھ دىن بۇ قىلىنغان ئاجىزانە تىلەك ۋە دۇئالارنى قوبۇل قىلىشىنى تىلەيمەن. FUP0X2P   
ئۇزۇندىن بېرى دوست-يارەنلەر بۇ ئەدەپسىز، رەھىمسىز، ئەخلاقسىز جەمئىيەتتە، يەنە كېلىپ پۇل دىسە ئانىسىنى سېتىۋېشتىن يانمايدىغان ياۋرۇپادەك بىر جەمئىيەتتە قانداق قىلىپ بۇ بالىلارنى بۇنداق سۈپەتلىك، قەلبىدە ئاللاھ سۆيگۈسى، پەيغەمبەر مۇھەببىتى يالقۇنلاپ تۇرغان، ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق يېتىشتۈرگەنلىكىمىزنى سوراپ كەلگەن ئىدى. مەن ئۇلارغا بىز ئەر-ئايال ئىككىمىزنىڭ تېخى يولنىڭ بېشىدا ئىكەنلىكىمىزنى، بالىلارنىڭ يېشى كىچىك ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئالدىراپ باھا بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ كەلگەن ئىدىم. ئەمما ئۇلار «ئوخشايدىغان زىرائەت مايسىسىدىن بىلىنىپ تۇرىدۇ» دەپ بۇ ھەقتە مەندىن بىر قىسىم سۇئاللارنى سورىغان ئىدى. mz2v2ma  
مەن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزەمنىڭ بالا تەربىيىلەش چۈشەنچىلىرىمنى (قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا تەجرىبىلىرىمنى) سىلەر ۋەتەنداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتەي. ئارتۇق يەرلىرى بولسا پايدىلىنارمىز، كەم يېرى بولسا تېخىمۇ ياخشى پىكىرلەر بىلەن تۈزىتەرمىز. چۈنكى بىزدە «ئەل بىلەن مەسلىھەتلەشكەن ئەر يولدا قالماس» دېگەن سۆز بار. * lJkk  
بالىلارنى قانداق تەربىيىلەش ھەققىدە توختىلىپ ئۆتسەم، ئالدى بىلەن بالىلارنىڭ ئانىسىنى توغرا تاللاش كېرەك دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ئانا بالىلارنىڭ تۇنجى مۇئەللىمى. بىز دادىلار ئاللاھ تەرىپىدىن بىزگە بېرىلگەن ئائىلىنىڭ رىزقىنى تېپىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن خىزمەت ياكى تىجارەت مۇناسىۋىتى بىلەن سىرتلاردا يۈرۈيمىز. ئەتىگەن چىقىپ كەتسەك، كەچتە ھېرىپ ئاران ئۆيگە كېلىمىز. ھېرىپ-ئېچىپ ئۆيگە ئاران كەلگەندە بالىلار بىلەن دىئالوگىمىز بەكمۇ قىسقا ھەتتا يوق دىيەرلىك بولىدۇ. بالا ئەقىل يېشىغا كەلگىچە ھەر نەرسىنى ئانىسىدىن ئۆگىنىدۇ، ئانىسىنى ئۆرنەك ئالىدۇ ۋە ئانىسىنى دورايدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ ئانىسىنى توغرا تاللاش كەلگۈسىدە بالىنىڭ سۈپىتىنى، خاراكتېرىنى توغرا تاللاشتۇر دەپ قارايمەن. zNO,vR[\  
ھەتتا تۈركلەردە «بالاڭنىڭ قانداق بولۇشىنى خالىساڭ، شۇنداق ئايال ئالغىن» دەيدىغان بىر سۆز بار. بۇ ھەقتە بىزنىڭ ئىككى دۇنيالىق ھاياتىمىزنى پروگراممىرلاشتۇرغان، يول كۆرسەتكەن دىن – ئىسلام دىنىمىزنىڭ رەھبىرى، ئوقۇتقۇچىسى، ئاللاھ نىڭ ئەلچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام شۇنداق دەيدۇ:  nb\pBl  
«بىر ئايال بىلەن 4 نەرسە ئۈچۈن توي قىلىنىدۇ. 1)چىرايى، 2) مال-مۈلكى، 3) نەسەبى، 4) دىنى(دىيانىتى). سەن دىيانەتلىك بولغاننى تاللىغىنكى، ئۆيۈڭگە (ۋە نەسىلىڭگە) بەرىكەت ياغسۇن.» -بۇخارى tZ.hSDH  
پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ بۇ تەۋسىيىسى بويىچە مەن توي قىلغاندا ئالدىنقى شەرتنى قىزنىڭ دىيانىتىگە، ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە يەنى ئاللاھ نىڭ دىنى بولغان ئىسلام بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە، ئاللاھ نى قانچىلىك ھۆرمەتلەيدۇ؟ ئاللاھ غا قانچىلىك ئىتائەت قىلىدۇ؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام بىلەن بولغان ئالاقىسى قانداق؟ يەنى قانچىلىك ھەدىس بىلىدۇ؟ سۈننەتكە قانچىلىك ئەمەل قىلىدۇ… قاتارلىق ئىشلارغا قاراتتىم. ۋە جانابى ئاللاھ نىڭ ياردىمى بىلەن بۇ شەرتلەرگە ئۇيغۇن بىر مۇسۇلمان قىزى بىلەن توي قىلدىم. 35H.ZXQp-  
بىز توي قىلغاندىن كېيىن پۈتۈن زېھنىمىزنى كەلگۈسىدە ئاللاھ دىن ئامانەت ئالىدىغان پەرزەنتلىرىمىزگە قاراتتۇق. ھەر ئىشتا ھەتتا جىنىسىي مۇناسىۋەتكىچە ئىسلام دىنىمىزنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئۇيغۇن بولۇشىغا دىققەت قىلدۇق. شېرىن ئاينى پەيغەمبەر دىيارىدا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن توي قىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن مەككىگە ئۆمرىگە باردۇق. كېيىن ئايالىم ئاللاھ نىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ھامىلە قالدى. بىز بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا باشلىدق. بالا بالىياتقۇدا ئانىنىڭ يېگەن تامىقىدىن ئوزۇقلىنىدىغان بولغاچقا بولۇپمۇ يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلدۇق. ئىسلام دىنى چەكلىگەن ھەتتا گۇمانلىق دەپ قارىغان يىمەكلەردىن قەتئىي يىراق تۇردۇق. ھاراق ساتىدىغان، تانسا ئوينىتىدىغان رېستوران، ئاشخانىلاردا ھەرگىز تاماق يېمىدۇق. ئايالىم تاھارەتسىز تاماق ئەتمەسلىك، تاھارەتسىز تاماق يېمەسلىككە ئالاھىدە دىققەت قىلدى. ;lQ>>[*  
ھەتتا تاھارەتسىز پۇشۇرغان بولۇشى مۇمكىن دېگەن گۇمان بىلەن بازاردىكى ناۋايدىن نان ئالماي، ئۆيدە ئۆزىمىز نان پۇشۇردۇق ۋە ياكى يېزىدىكى تۇققانلارغا ياقتۇرۇپ ئەكەلدۇق. ئايالىم شۇنىڭدەك ئىبادەتكە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى. ھەركۈنى 10-5 ۋاراق قۇرئان ئوقۇدى. 9ئاي ئىچىدە قۇرئاننى بىرقانچە قېتىم خەتمە قىلىپ چىقتى. بەزىدە بىللە ئوقۇدۇق، جانابى ئاللاھ دىن ئىمانلىق، ئىنساپلىق، ۋەتەنگە، مىللەتكە ياراملىق ئەۋلادلار ئاتا قىلىشىنى تىلىدۇق. بالىنىڭ ئاي-كۈنى يېقىنلاپ قالغاندا مەن ئۇيغۇر دوختۇر تەرىپىدىن تۇغدۇرىدىغان بىر تۇغۇت دوختۇرخانىسى ئىزدىدىم. NdmwQJ7e"  
ئەمما ئەپسۇسلىنىش بىلەن شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر دوختۇر تۇغدۇرىدىغان دوختۇرخانا ئۇياقتا تۇرسۇن، تۇغۇت دوختۇرى ئايال كىشى بولغان دوختۇرخانا تېپىشمۇ تەسكە توختىدى. ياۋروپادا ئايال كىشىنى ئەر دوختۇر تۇغدۇرىدىغان ئەھۋال بەك ئېغىر ئىدى. ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزىدە بۇ ئىشقا دۇچار بولارمەن دەپ ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. كېيىن ئايال دوختۇر تۇغدۇرىدىغان دوختۇرخانا تاپقان بولساقمۇ، پەلەستىندە ئىسرائىلىيە دوختۇرخانىسىدا تۇغۇلغان پەلەستىنلىك بوۋاقلارغا، ئامېرىكىدا يەرلىك ئىندىئان مىللىتىگە مەنسۇپ بوۋاقلارغا تۇغۇت دۇختۇرلىرى تەرىپىدىن بالىنىڭ جىسمانىي، ئەقلىي جەھەتتە ساغلام يېتىلىشىگە يامان تەسىر كۆرسىتىدىغان خىمىيىۋىي دورا، ئۇكۇللارنىڭ بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى چەتئەلدە كۆپ ئوقۇغاچقا يەنىلا خاتىرجەم بولالمىدىم. _7;D0l  
ئاخىرى ئاتايىتەن قەشقەردىن بەش ۋاقىت نامازنى قالدۇرماي ئوقۇيدىغان، تەقۋادار ۋە قولى يەڭگىل بىر موماينى تەكلىپ قىلىپ ئەكېلىپ، ئۆيدە دۇئالار بىلەن تەكبىرلەر بىلەن بالا ساق-سالامەت تۇغۇلدى. شۇنىڭ بالا ئەجدادى مەھمۇت قەشقىرىدەك، ئابدۇقادىر داموللامدەك، ئابدۇخالىق ئۇيغۇردەك ئۆيدە، مۇسۇلمان بىر تۇغۇت ئانىسىنىڭ قولىدا دۇنياغا كەلدى. xC9?Wt'  
بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ئايالىم بالىنى ھەر قېتىم ئېمتمەكچى بولغىنىدا تاھارەت ئېلىپ، بىسماللاھ دەپ ئەمدۇردى. بالىنى ئۇخلاتماقچى بولغىنىدا ئەللەي ناخشىسى ئېيتىشنىڭ ئورنىغا، مۇڭلۇق تىلاۋەت قىلىنغان قۇرئان كەرىم لېنتىلىرىنى قويۇپ بەردى. بالا مۇڭلۇق قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى ئىچىدە ئۇخلىدى. بالا ئۆمىلەپ مېڭىپ، ئاق-قارىنى پەرق قىلغۇدەك بولغىنىدا ئۇنىڭغا ئويناش ئۈچۈن ھەرخىل ئىسلامىي ئويۇنچاقلارنى ئېلىپ بەردۇق. مەسىلەن: سىلكىسە ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ئاۋاز چىقىرىدىغان قوڭغۇراققا ئوخشاش…. ئۆيىمىزنىڭ تاملىرىنى كەبىنىڭ، مەدىنەنىڭ، پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ تەۋەرۈكلىرىنىڭ رەسىملىرى بىلەن بېزىدۇق. vO)]~AiB  
جايناماز، تەسۋىي قاتارلىق ئىسلامىي سىمۇۋۇللارنى ھەر يەرگە قويۇپ قويدۇق. شۇنىڭ بىلەن بالا چوڭ بولۇپ ئەتراپنى پەرق قىلغىدەك بولغاندا تۇنجى قېتىم كۆرگىنى مەككە ۋە مەدىنە بولدى، ئىسلامىي مەنزىرە، ئىسلامىي سىمۇۋۇللارنى كۆرۈپ چوڭ بولدى. ھەتتا ھېچ ئۇنۇتالمايمەن؛ بىر قېتىم ئوغلۇم تارىم تامدىكى پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ قىلىچىنىڭ چوڭايتىلغان رەسىمىنى كۆرۈپ: «بۇ نېمە؟» دەپ سورىدى. مەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ قىلىچى» دەپ جاۋاپ بەردىم. ئۇ: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام دېگەن كىم؟» دەپ سورىدى. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ھاياتىنى قىسقىچە ئېيتىپ بەرگىنىمدە، ئۇ ماڭا: «دادا ماڭىمۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭكىدەك قىلىچ ياسىتىپ بەرگىن» دېگەن ئىدى. &h\!#X0  
بىز مۇشۇنداق بالىلارغا پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ ھاياتىنى، ئىش-ئىزلىرىنى چۆچەك، مەسەل قىلىپ ئېيتىپ بېرىپ ئۇلارغا تەدرىجىي ئىسلامىي ئاڭ، ئىسلامىي سۆيگۈ-مۇھەببەت سىڭدۇردۇق. مەن بۇ جەھەتتە ئايالىمنى ھەقىقەتەن تەبرىكلەيمەن. مەن بالىلار تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇنى ئىشتىن بوشىتىۋالدىم. مەن ئۇنىڭغا: «ئانا پەرزەنتنىڭ تۇنجى مۇئەللىمى. ئانىلىق ۋەزىپىسى مۇقەددەس ۋەزىپىدۇر. ئۇ مىللەتكە، ۋەتەنگە ياراملىق ئەۋلاد يېتىشتۈرىدۇ. ئانا ئۆزىنىڭ بارلىق زېھنىنى، بارلىق مېھرىنى، بارلىق ئەقىل-پاراسىتىنى، بارلىق بىلىمىنى پەرزەنتىگە، ئۇنىڭ ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتتە ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە سەرپ قىلىش كېرەك. شۇڭا سەن زېھنىڭنى، دىققەت-مەركىزىڭنى باشقا يەرگە چاچماي بالىلارنىڭ كەلگۈسىگە، ئۆسۈپ يېتىلىشىگە مەركەزلەشتۈرسەڭ» دېدىم ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلىتى ياپۇنىيەدە، ئىسرائىليەدە ئاياللارنىڭ توي قىلىپ پەرزەنت كۆرگەندىن كېيىن ئىشلىشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى، نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئالىملارنىڭ %95 پېرسەنتىنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆي ئايالى ئىكەنلىگىنى، بىزنىڭ تارىخىمىزدا دۇنيانى زىل-زىلگە كەلتۈرگەن ئالىم، قوماندان، ئەدىبلىرىمىزنىڭمۇ ئانىسى ئۆي ئايالى ئىكەنلىگىنى مىسالغا ئېلىپ ئۆتتىم. t[ZGY,8  
ئۇمۇ بۇنىڭغا ماقۇل بولۇپ ئۆزىنىڭ ئىستانبۇل ئۇنۋېرسىتېتى فىزىكا فاكۇلتىتىدىكى ئوقۇتقۇچىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى. شۇنىڭ بىلەن بالىلارغا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئاجىرىتالايدىغان، ئۇلار بىلەن تېخىمۇ كۆپ مۇڭدىشالايدىغان، پىكىر ئالماشتۇرالايدىغان بولدى. بوش ۋاقىتلىرىدا ۋە بالىلار ئۇخلاپ قالغاندا ئىسلام تارىخى، ساھابە ھاياتى قاتارلىق كىتاپلارنى ئوقۇپ ئۇنىڭدىكى ۋەقەلىكلەرنى بالىلار ئاسان چۈشىنەلەيدىغان ھەم قىزىقارلىق قىلىپ قايتىدىن چۆچەككە ئايلاندۇرۇپ تەييارلىدى. ئەتسىى ئاخشام تەييارلىغان بۇ ئىسلامىي چۆچەكلەرنى بالىلارغا ئېيتىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن سىرتتا يۈرۈپ بالىلار بىلەن ئانچە كۆرۈشەلمىسەممۇ، ئايالىم بالىلارنى پەيغەمبەر يولىدا بىمالال باشلاپ ئىلگىرلىدى. lf\^!E:  
ھازىرمۇ ھەم مەن تۈركىيەدە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن مەشغۇل بولساممۇ، ئۇ بالىلارنى فىرانسىيەدە مېنىڭ يوقلۇغىمنى بىلىندۈرمەي ياخشى تەربىيلىمەكتە. جانابى ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن…. ئامىن! BZ,{gy7g7X  
بىز يەنە بالىلارنى ئىسلامىي ئۇسۇلدا تەربىيلەشتە ئالدى بىلەن ئۆزىمىز باشلامچى بولدۇق. بالىلاردىن تاھارەتسىز ھالدا تاماق يىمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان بولساق، ئالدى بىلەن ئۆزىمىز تاماق يىيىشتىن بۇرۇن تاھارەت ئالدۇق. تاماقنى بىسمىللاھ دەپ يېيىشنى تەلەپ قىلغان بولساق، ئالدى بىلەن ئۆزىمىز بىسمىللاھ دەپ باشلىدۇق. تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلىشتا ئالدى بىلەن ئۆزىمىز دۇئا قىلىپ باشلاپ بەردۇق. ناماز ئوقۇشتا ئائىلە بويىچە بىرلىكتە ناماز قىلدۇق. بالىلاردىن قالايمىقان فىلىم كۆرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان بولساق ئالدى بىلەن بىز كۆرمىدۇق. ئۆيىمىزگە ھازىرغىچىلىك تېلىۋىزۇر(دىل بۇزۇر) يولاتمىدۇق. بۇنىڭ ئورنىغا ھەر خىل ئىلمىي تەربىيىگە ئىگە قونچاق فىلىملىرىنىڭ VCD, DVD نى سېتىۋىلىپ ئۇنى كۆرسەتتۇق. بۇنىمۇ ئالدى ئۆزىمىز بالىلار بىلەن ئولتۇرۇپ ئۇ قونچاق فىلىملىرىنى كۆرۈش بىلەن باشلىدۇق… ۋە ھاكازالار. قىسقىسى بالىلارغا ساھىبىي بولغان ئاللاھ نى، رەھبىرى بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنى، دۇنيا ھاياتىدىكى پىروگرامما ۋە نىزامنامىسى بولغان قۇرئان كەرىمنى تونۇتۇشتا، چۈشەندۈرۈشتە ئۆزىمىز ئەمىلىيىتىمىز بىلەن باشلامچى بولدۇق. <cFj-Ys(T  
مېنىڭ ئالدىمغا بالىلارنى يېتىشتۈرۈشتە ئۈچرىغان يەنە بىر مەسىلە بالىلارنىڭ ئانا تىلىدا گەپ قىلىشى بولدى. چۈنكى ئايالىم تۈرك، بىز ياشاۋاتقان يەر فىرانسىيە، ئەتراپىمىزدا بىرمۇ ئۇيغۇر يوق ئىدى. بۇ قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئۈچۈن ئىشنى ئالدى بىلەن ئايالىمغا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش بىلەن باشلىدىم. ئۇنىڭغا ئېلىپبەنى ئۆگەتتىم ۋە ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرچە ساۋادىنى چىقىرىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن «شىنجاڭ مەدەنىيىتى»، «تارىم ژۇرنىلى»، «تەڭرىتاغ»، «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» قاتارلىق كىتاپ- ژورناللارنى ئوقۇشقا بەردىم. باشتا سەل قىينالغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا بىمالال ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان بولدى. بەلكىم ئىشەنگۈڭلار كەلمەسلىكى مۇمكىن، ئۇ مەرھۇم ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» قاتارلىق كىتاپلىرىنى ئوقۇپ تۈگىتىپ بولدى ۋە ھازىر مەرھۇم يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» دېگەن تارىخىي رومانىنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە ساۋادىنى چىقىرىۋالغاندىن كېيىن بالىلارغا ئىسلامىي چۆچەكلەرنى ئۇيغۇرچە ئېيتىپ بەردى. ئۆيدە ئۆز-ئارا ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش يولغا قويۇلدى. ھەتتا ئۇيغۇرچە سۆزلىمىگەنگە جازا بېرىش بەلگىلىمىسى ئورنىتىلدى. بالىلار يازلىق تەتىلدە ۋەتەنگە مومىسىنى كۆرۈپ، مومىسىنىڭ دۇئاسىنى ئالغىلى بارغاندا ناھايىتى بىمالال ئۇيغۇرچە سۆزلەپ، ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتىپ يۈرىدۇ. 89m9iJ=  
يۇقىرىقىلار مېنىڭ پەرزەنت تەربىيلەشتىكى بېشىمدىن ئۆتكەن قىسقىچە سەزگۈرەشتىلىرىم. بەلكىم كەمچىلىكلىرى بار بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بار بولسا كەڭ مۆھتىرەم قېرىنداشلىرىم تۈزىتىش بەرسە بۇنىڭدىن كېيىنكى قەدىمىمدە تۈزىتىۋالسام. چۈنكى بالىلار ئاللاھنىڭ ئامانىتى، بالىلار مىللەتنىڭ كەلگۈسى، بالىلار ۋەتەننىڭ ئىستىقبالى!..     \x|8  
"y60YYn-#J  
+~sqv?8  
مەنبە : راديو ئاڭلىتىش تىن
تېما تەستىقلىغۇچى : kizilnur
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-06-20, 12:55
ئانا تۇپراق مۇنبرىدىكى مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +10
kizilnurمۇنبەر پۇلى+1007-05japa qaktingiz
 
MAZLUM
hijran555
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.17603

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   35 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   5 (قېتم)
 تۆھپە:   4  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 113
 سائەت
دەرىجىسى:
113 سائەت 27 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-09-06
ئاخــىرقىسى:2013-09-11
ئاپتورنىڭلا18- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-06

ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن ياخشى تېمىكەن كۆپ رەخمەت }j2t8B^&:  

bulakjan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8311

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   97 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5583 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   551 (قېتم)
 تۆھپە:   551  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3625
 سائەت
دەرىجىسى:
3625 سائەت 145 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-02-26
ئاخــىرقىسى:2013-08-24
ئاپتورنىڭلا17- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-24

ياخشي تيميكەن كوپرەخمەت "`cPV){]  

xohyurak
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7877

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   453 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   46 (قېتم)
 تۆھپە:   46  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1
 سائەت
دەرىجىسى:
1 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-17
ئاخــىرقىسى:2013-08-13
ئاپتورنىڭلا16- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-13

ياخشي تيميكەن كوپرەخمەت
xopul
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16696

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   30 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4 (قېتم)
 تۆھپە:   3  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-07-22
ئاخــىرقىسى:2013-07-22
ئاپتورنىڭلا15- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-22

بەك ياخشى
120520
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15006

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   33 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1664 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   168 (قېتم)
 تۆھپە:   168  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1212
 سائەت
دەرىجىسى:
1212 سائەت 138 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-04-12
ئاخــىرقىسى:2013-09-14
ئاپتورنىڭلا14- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-17

ياخشى تىما ئكەن ئاللاھ ئەجرىڭىز نى بەرسۇن ئامىن lug}Uj  

ئانار
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16329

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   60 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   10 (قېتم)
 تۆھپە:   9  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1090
 سائەت
دەرىجىسى:
1090 سائەت 100 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-06-25
ئاخــىرقىسى:2013-09-01
ئاپتورنىڭلا13- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-10
ئاپتور(erhabi) نىڭ تېمىسىغا

يۇقىرىقى تىرىشچانلىقلار بىز ۋە ياش ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئۈلگە بولۇپ قالغۇسى!
sahar.
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16561

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   75 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   11 (قېتم)
 تۆھپە:   10  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 151
 سائەت
دەرىجىسى:
151 سائەت 49 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-07-07
ئاخــىرقىسى:2013-08-12
ئاپتورنىڭلا12- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-08

تىمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئائىلە تەربىيەسىدىن ئۆرنەك ئېلىش ئۇياقتا قېلىپ ، مۇشۇ يەردىمۇ بىر بىرىمىز نىڭ گېپىدىن قۇسۇر ئىزدەشنىڭ كويىدا يۈرسەك تازا ياخشى تۇرمايدۇ قېرىنداشلېرىم. ئەڭ ياخشىسى ئاشۇنداق ، تىما بىلەن مۇناسىۋېتى يوق ، ھەم يامان تەسىر بېرىدىغان قۇسۇرچى ئىنكاسلار نى باشقۇرغۇچىلار ئۆچۈرىۋەتسە بەك ياخشى بولاتتى .
pidagogegica
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16320

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   12 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   140 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   20 (قېتم)
 تۆھپە:   19  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 337
 سائەت
دەرىجىسى:
337 سائەت 13 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-06-25
ئاخــىرقىسى:2013-07-08
ئاپتورنىڭلا11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-08

ئادەم تەربىيىلەشتىن ئىبارەت بۇ مۇققەدەس ۋەزىپە ھەر بىر ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ باش-تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىسى ،لېكىن بىر قىسىم ئائىلە باشلىقلىرى بۇ ئۆمۈرلۈك ئىشنى پەقەت مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىشى دەپ قارايدىغان خاتالىقلار نامدا بىر ئۇچراپ تۇرۇپتۇ ،بۇ زادى قانداق ئىدىيە،مەنچە ئائىلەدە 60% مەسئۇليەت ئائىلىدە بۇلۇشى كېرەك، 30%مەكتەپتە ،10%جەمئىيەت تەربىيەسىدىن دەپ قارايمەن.بىز ئىگىز بىنالاردىن يازغۇچى داڭلىق ئالىم چىقىدۇ دەپ ئېيتالمايمىز شۇنىڭدەك پاكار كەپىلەردىن ھەم ئالىم چىقمايدۇ دەپ ئېيتالمايمىز.قىسقىسى ئائىلە تەربىيەسى بالىلارنىڭ ساغلام، ئىستىقباللىق  ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئاساسى.
 
dilnur918
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16509

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   100 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   12 (قېتم)
 تۆھپە:   11  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 83
 سائەت
دەرىجىسى:
83 سائەت 7 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-07-02
ئاخــىرقىسى:2013-07-23
ئاپتورنىڭلا10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-08

بەكلا ياخشى تېمىكەن
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى