باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       490 
  •    ئىنكاس 
       3 

ئۈرۈمچىدە كەسپى رىمونتچىلىق تەربىيلەش كۇرسى ئېچىلماقچى

قەۋەت ئاتلاش
engineer
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14489

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   200 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   20 (قېتم)
 تۆھپە:   20  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2013-03-08
ئاخــىرقىسى:2013-03-08
— بۇ تېمىنى AnaTuprak شېئىرىيەت ئالۋۇنى دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2013-03-09) —

:c*_W/  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ، مەن گۇاڭجۇدىكى ئالىدەرىجىلىك ماشىنىلار رىمونت مەركىزىدە ئىنجىنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ تۇرغۇچى ، ئابلىمىت ئەخمەت بولىمەن ، تور ۋاستىسى بىلەن كەڭ قېرىنداشلار بىلەن تونۇشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشال مەن ، شۇنداقلا كەڭ ئاپتوموبىل ھەۋەسكارلىرى ۋە ئاپتوموبىل رىمونتىغا قىزىققۇچى ھەۋەسكارلارغا چىن دىلىمدىن ئوتلۇق سالام يوللايمەن. 0wh4sKm[X  
   قېرىنداشلار، بۈگۈنكىدەك دەۋىر ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان كۈندە ، بىزنىڭ ئاپتوموبىل مۇلازىمەت ساھەيىمىز كەسپى رىمونت ئىنجىنىرلىرى ۋە رىمونت خادىملىرىنىڭ زىيادە كەمچىل بولىشى ۋە ئىپتىدائىي ئۇستاز تۇتۇپ ئۈگۈنۈش شەكلىدە يېتىشىپ چىققان ئۇستىلار ۋە شاگىرتلار نىڭ بۈگۈنكى ئىلغار كومپىيوتېر تېخنىكىسى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن ئاپتوموبىللارنىڭ ئالدىدا داڭ قېتىپ نىمە قىلارىنى بىلمەي قېلىشتەك سەۋەبلىرىدىن تولىمۇ بىچارە، ۋە ئېچىنىشلىق ھالەتتە قالدى. كەڭ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ رىموتخانىلىرىغا بولغان ئىشەنچىسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ ، ئىشەنچىسىز بولۇپ قېلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالدى. بۇنداق بولىشىدىن سەۋەب، ئىلگىركى ئىپتىداھى ھالەتتىكى ئۇستا ۋە شاگىرتتىن تەركىپ تاپقان كونا رىمونتچىلىق قۇرۇلمىسى ھازىرقى ئاپتوموبىللارنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققى قىلىۋاتقان ئىلغار تېخنىكىسىغا يېتىشەلمىگەنلىكىدىن بولىۋاتىدۇ، چۈنكى بۇنداق قارا ھالەتتە رىمونت كەسپىنى ئۈگۈنۈش يولىدا ھېچقانداق ئۆزلىگىدىن ئۈگۈنۈش ۋە بىلىم-تېخنىكا دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئاساسى تىكلەنمىگەن بولىدۇ ، شۇڭا يېڭى تېخنىكىغا جەڭ ئېلان قىلىشقا ھېچقانداق ئىقتىدارى بولمايدۇ. ھەتتا ھەر جەھەتتىن پىشقان كونا رىمونت ئۇستىلىرىمۇ بۇ خىل ھالەتتىن مۇستەسنا ئەمەس. ئەلۋەتتە بۈگۈنكى كۈندىكى رىمونتخانىلىرىمىزدا ئاددى بولغان بەزى مەشخۇلاتلار ئېلىپ بېرىلىدۇ، پىشقان رىمونتچى ئۇستىلىرىمىز يېڭى ئىلغار تېخنىكىلار ئىشلىتىلگەن ئاپتوموبىل رىمونتىدا تەلەي سىناش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇ يەر- بۇ يەرنى كوچىلاپ باقىدۇ، كاشىلا ئاددى يەردە بولۇپ كاشىلىنى بايقاپ قالسا قالدى، ئەگەر بايقىيالمىسا خېرىدارنىڭ يېرىم كۈن ۋاقتىنى ئېلىپ بولۇپ، خېرىدارنى باشقا رىمونتخانىغا بېرىشقا تەۋسىيە قىلىدۇ ياكى خېرىدار چۈشەنمەيدىغان ئابىستىراكىت ئۇقۇم ۋە كەسپى تىللار بىلەن خېرىدارنى قايمۇقتۇرۇپ قويۇپ يولغا سالىدۇ. مانا يۇقارقىدەك ئەجەللىك نۇقتىلار بىزنىڭ رىمونت خانىرىلىمىزنىڭ ئىشەنچىسىز بولۇپ قېلىشىدىكى ۋە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كەينى چىقامايدىغان رىمونت دېڭىزىغا غەرىق بولۇپ ، بىزار بولىشىدىكى سەۋەبلەردۇ.  مۇشۇ ئامىللار تۈپەيلىدىن ئاز كۈنگە قالماي بىزنىڭ ماشىنا مۇلازىمەت كەسپىمىز جەمىئىيەت سەھنىسىدىن سۈپۈرۈپ چۈشۈرۋېتىشى مۈمكىن . شۇڭا بىزنىڭ ماشىنا مۇلازىمەت كەسپىمىز بىر تۈركۈم كەسپى خادىملارغا مۇقتاج بولىۋاتىدۇ، مەنمۇ يۇرتىمىزنىڭ ھەرقايسى ماشىنا مۇنازىرە تور بېكەتلىرىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش ۋە مەسلىھەت بېرىش جەريانىدا بۇ جەھەتتىكى كەمچىلىكىمىزنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم . نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ كەسىپنى كەسپى ئۇسۇلدا ئۈگۈنۈشتىكى ئوتتەك قىزغىنلىغى مېنى تولىمۇ تەسىرلەندۈردى. ئەپسۇسلىنارلىقى ، بىزدىكى كەسپى بىلىملەرگە بولۇپمۇ ماشىنا مۇلازىمىتىگە ئائىت ئۇيغۇر تىلىدىكى ماتىرياللارنىڭ يوق دىيەرلىك بولىشى ياكى ماتىر ياللارنىڭ تېخنىكا سالمىغى ئاز ياكى ۋاقتى ئۆتكەن كونا ماتېرياللار بولۇپ ھازىرقى ئاپتوموبىل تېخنىكىسى بىلەن بىردەك بولماسلىقى تۈپەيلى قېرىنداشلىرىمىز بۇ ئارزۇسىغا يېتەلمەي ۋاتىدۇ.ھەتتا مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ مۇدىرىدىن ئىگەللىشىمچە « ماشىنا رىمونت كەسپى ئوقۇغۇچىلارنى ئۇستاملارغا بىۋاستە شاگىرقا بېرىش ئۇسۇلى بىلەن قارا ھالەتتە ئۈگۈتىلىدىكەن»بۇنداق بولسا ھەرقانچە يوغان دېپلوم ئالغان بىلەنمۇ يەنىلا قارا رىمونتچى بولۇپ قالىدۇدە....... بۇ كىشىنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدۇ ئەلۋەتتە. PNSV?RT*pG  
يۇقارقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەن گۇۋاڭجۇدىكى ئەڭ داڭلىق كەسپى رىمونتچىلىق مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ماتېرياللىرىنى تەرجىمە قىلىپ ۋە مەزمۇنلىرىنى تېخىمۇ بىيىتىپ  تەھرىرلەپ مۇشۇ ماتېرياللار ئاساسىدا ئۆزەمنىڭ ئۇزۇن يىللىق ماشىنا مۇلازىمەت كەسپىدىكى تەجىربە يەكۈنلىرىمنى بىرلەشتۈرۈپ بىرتۈركۈم ماشىنا مۇلازىمەت كەسپىدىكى كەسپى خادىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، مىللىتىمىزنىڭ ماشىنا مۇلازىمەت كەسپىدىكى يۇقارقىدەك پاسسىپ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئارزۇسىدا گۇاڭجۇدىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەسپى تەربىيلەش كۇرسى ئېچىشنى قارار قىلدىم. 2"'<Yk9  
قېرىنداشلىرىمىز نەزىرىدە رىمونتچىلىق بىر تەس كەسىپ ئۈگۈنۈش ئۈچۈنمۇ چوقۇم ئۈچ تۆت يىل ۋاقىت كېتىدۇ دەپ قارايدۇ، ئەمىلىيەتتە بۇ كەسىپنى ئۈگۈنۈش ئۈچۈن پەقەتلا بىر يىل ۋاقىت بولسا كۇپايە قىلىدۇ، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى مەكتەپلەرنىڭ دەرىس سائەت سانىنى توشقۇزۇشتەك مەجبۇرىيتى بولغانلىقى ئۈچۈن باشقا قوشۇمچە دەرىسلىكلەر بىلەن قوشۇلۇپ نەچچە يىلغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ، بۇ سەۋەبلىك ئوقۇغۇچىلار ئۈگەنگەن بىلىملىرىنى ئۆز ۋاقتىدا ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ ئالدىدا ئۈگەنگەنلىرىنى ئۇنتۇپ مەكتەپ پۈتتۈرگەندە ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان ھالەتكە بېرىپ قالىدۇ. ھازىر ئىچكىرنىڭ ھەرقايسى ئۆلكىلىرىدىكى داڭلىق كەسپى رىمونتچىلىك مەكتەپلىرىدە رىمونتچىلىق كەسپىنىڭ بىر يىلدىن ئېشىپ كېتىدىغىنى يوق پەقەت تولۇق كۇرۇس ۋە ئالى تېخنىكوم كەسىپلىرى دۆلەتلىك ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان بولغاچقىلا ۋاقتى 3يىلغا ئۇزارتىلغان. ئەگەر نۇقۇل ھالدا كەسىپ ئۈگەنمەكچى بولساق بۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت ۋە ئىقدىسادنى ئىسراپ قىلىشنىڭ ھېچقانداق زۆرۆرىيتى يوق ئەلۋەتتە. شۇڭا مەن شۇنداق ۋەدە بېرەلەيمەنكى، ئوقۇغۇچىلار بىر يىللىق ئوقۇشنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا كاشىلىغا دىئاگىنوز قويۇش ۋە رىمونت قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىيالايدۇ |8|_^`  
ئوقۇغۇچىلار تەربىيلىنىش جەريانىدا نەزىيە بىلىملىرىنى پۇختا ئىگەللىگەندىن باشقا ئۆزۈمنىڭ يىتەكچىلىكىدە بارلىق ئەمىلى مەشخۇلاتنى ئېلىپ بارىدۇ. تەربىيلەش ئۆلچىمى 4S دۇكىنى ئۆلچىمى بويىچە بولىدۇ. كەسىپ دەرىسىدىن باشقا ھېچقانداق قوشۇمچە دەرىسلىك ئۆتۈلمەيدۇ. ئوقۇتۇش ئۈنىمى ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئالدىغا چوڭ كىچىك تىپتىكى بارلىق رىمونتلارنى مۇستەققىل تاماملىيالايدىغان بولۇش ۋە دىئاگىنوز قويۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ھەرخىل شىفىر يەشكۈ ۋە كومپىيوتېرلىق سايمانلارنى ئىشلىتىشنى بىلىش ۋە ئالى دەرىجىلىك رىمونت خادىمى ساپاسىنى يېتىلدۈرۈش  نىشانىغا يېتىش ئۆلچەم قىلىنىدۇ. LU=<? "N6  
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاقتى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ، ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش توختىتىلغاندىن كېيىن بىردەك ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنمايدۇ. مەزكۈر كۇرۇسمۇ پەقەت بىر قېتىم ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. R#n!1~ (  
ئوقۇش مۇددىتى 1يىل بولۇپ دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە پۈتۈن كۈنلۈك دەرىس ئۆتۈلىدۇ .دەم ئېلىش ، بايرام ۋە تەتىللەر دۆلەتلىك مەكتەپلەر بىلەن بىردەك بولۇپ ،  دەرىس 5-ئاينىڭ 6-كۈنى باشلىنىدۇ. 6*{sZMG  
بىرىنچى قېتىملىق ئوقۇشتا ئۈگۈنەلمىگەنلەر ئىككىنچى قېتىم قايتا ھەقسىز ئوقۇتىلىدۇ. w;p: 4`  
ياتاق ھەققى 1000يۈەن، يوتقان-كۆپە،كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە خىزمەت كىيمى ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ. 4@Q`8N.  
تاماق : تەربىيلەش ئورنىمىزنىڭ خاس ئاشخانىسى بار wa)E.(x  
ئەسكەرتىش: ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش  سانى 30 نەپەر wT taj08D  
تىزىملاتقان ئالدىنقى 10 ئوقۇغۇچىغا باھادا 5پىرسەنت ئېتىبار قىلىنىدۇ 1 m>x5Dbk!  
تورداش قېرىنداشلارنىڭمۇ ياردەمدە بولۇپ تېخىمۇ كۆپلىگەن ئوقۇشنى خالايدىغان قېرىنداشلىرىمىزنى بۇ چەكلىك پۇرسەتتىن خەۋەردار قىلىشىنى ، مىللى ئىگىلىك تەرەقىياتىمىز ئۈچۈن بىر كىشلىك تۆھپىسىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. 1 luRTI8^  
تەھرىرلەنگەن ئوقۇتۇش ماتىرياللىرىنىڭ كېلىش مەنبەسى: .!B>pp(9  
ئوقۇتۇش ماتىرياللىرىمىزنىڭ كېلىش مەنبەسى گۇاڭجۇدىكى داڭلىق كەسپى رىمونتچىلىق مەكتەپلىرىنىڭ ئىچكى ئوقۇتۇش ماتېرياللىرى بولۇپ، باشقا يېڭى تېخنىكىلارغا ئائىت مەزمۇنلار قوشۇلغان. _wY <8 F*  
1) ئاپتوموبىل ماتور قۇرۇلمىسى ۋە رىنمونتى 2qN|<S&  
2) ئاپتوموبىل تەگلىك قۇرۇلمىسى ۋە رىمونتى     i'\7P-a  
3) ئاپتوموبىل توك يولىدىن ئاساس       N!TC}#}l  
4) ئاپتوموبىل ئېلىكتىر تېخنىكىسى ^&Re-{ES]  
5) ئاپتوموبىل ئىلىكتىرىك كونتىرول تېخنىكىسى                     hE9UWa.Q>  
6) ئاپتوماتىك سۈرئەت ئۆزگەرتىش كورۇپكىسى مىخانىزىمى ۋە زىمونتى                   8Q*477=I  
يولغا قويۇلغان كەسىپ تۈرى: x3QQ`w-  
1) مىخانىك ۋە ئىلىكتىرون بىر گەۋدە قىلىنغان ئاپتوموبىل رىمونت ئۇستىسى كەسپى       Z2tr?]  
ئوقۇش ھەققى: 17000 يۈەن 7/UdE:~]*=  
تەربىيلەش كۇرسى مەسئۇلى: ئابلىمىت (TF;+FRW  
ئالاقىلاشقۇچى: گۇۋاڭجۇدىن ئابلىمىت ، ئۈرۈمچىدىن شامىل 5{.g~3"  
ئالاقىلىشىش تېلفونى: 13244833005 _ft)e3Gf  
15999103439 ,RYahu  
QQ: نومۇرى 1559434051 g:&V9~FR  
تىزىملىتىش ئۇسۇلى : ئابلىمىت مۇئەللىم بىلەن ياكى ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ئىش بېجىركۈچىمىز شامۇل ئەپەندىم بىلەن ئالاقىلىشىپ كەسىپ تۈرىنى تىزىملىتىسىز  ئوقۇغۇچىنىڭ تەپسىلى ئەھۋالى، كىيىم كېچەك رەزمىرى قاتارلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيسىز. ئوقۇش ھەققى تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، رەسمى ئوقۇغۇچى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ. l`' lqnhv  
ئەگەر مېنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنمەكچى بولسىڭىز ئۇيغۇر ماشىنا تورىغا قەدەم تەشىرىپ قىلىڭ، مېنىڭ توردىكى نامىمى ئىنژىنىر، يوللىغان تېمىلىرىمدىن مېنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنەلەيسىز. % njcWVP;  
http://www.uycar.com/thread-3903-1-1.html K]0K/~>8  
http://www.uycar.com/thread-3919-1-1.html uTq)Ets3  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-03-09, 10:42
 
narat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7878

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   258 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   12920 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1294 (قېتم)
 تۆھپە:   1294  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5474
 سائەت
دەرىجىسى:
5474 سائەت 126 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-17
ئاخــىرقىسى:2013-06-23
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-12

ياخشى ئىش قىلماقچى بولۇپسىز ئىشىڭىز ئوڭ بولسۇن
korax001
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7511

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   282 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14643 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1461 (قېتم)
 تۆھپە:   1461  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8933
 سائەت
دەرىجىسى:
8933 سائەت 87 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-10
ئاخــىرقىسى:2013-06-24
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 03-09

ئوقۇش پۇلى قىممەت بۇلسىمۇ ئۈگۈنۈپ چىقسا بىر ئايدىلا پۇلنى تىپىپ كىتەلەيدۇ. 4p&qH igG  
ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارغا پۇرسەت كەپتۇ. b&~rZ  
جەمىئەتتە باكا لاغايلاپ يۇرگەن ياش باللا بەك كۆپ.جاپادىن قۇرقىدۇدە،
uqkun500
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9976

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   48 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2549 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   255 (قېتم)
 تۆھپە:   255  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 656
 سائەت
دەرىجىسى:
656 سائەت 114 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-06-30
ئاخــىرقىسى:2013-06-25
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 03-09

ئۇقۇش سەل قىممەتمۇ نىمە؟
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى