باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       302 
  •    ئىنكاس 
       1 

دېڭىزدىن سادا

قەۋەت ئاتلاش
627926
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9913

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   41 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2473 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   245 (قېتم)
 تۆھپە:   245  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 25
 سائەت
دەرىجىسى:
25 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-06-26
ئاخــىرقىسى:2013-01-24

                                                      دېڭىزدىن سادا G%wVQ|1  
                                                       (نەسىر) v)|[=  
                                                       ئابدىرېھىم ئۆتكۈر tlw$/tMa  
w9I7pIIl  
قاپقاراڭغۇ بىر كىچە... چەكسىز كەتكەن كۆپكۆك بىر دېڭىز...ئۇ ، قاراڭغۇ كېچىنىڭ سۈرى بىلەن گويا قارا بۇلۇپ كۆرۈنەر، دەھشەت بىلەن دولقۇنلىنار، قويۇق كۆپۈكلەر چاچرىتار. %c%0pGn8-  
ئەنە ئۇنۇڭ تېشىپ چىققان جۇشقۇن سادالىرى... JzDMx?  
ئەنە ئۇ دېڭىز بويىدا ئاسمان بىلەن قۇچاقلاشقان تىك تاغ. ئۇنۇڭ قىلىچ كەبى ئۆتكۈر تاشلىرى دولقۇنلۇق دېڭىزغا غەلىتە بىر تۈستە باقار،ئۇنۇڭدىن بىر نەپەس كۆزىنى ئالماس، ھامان قاراپ تۇرار،ھامان ئىنتىلۇر.ئەنە شۇ تاغنىڭ يان باغرىدا ئاللىقانداق خىيالغا چۆمگەن بىر شائىر. ئۇسۆز باشلاپ،گويا دېڭىزغا ئەرز ئېيتار،ئۇنۇڭ ئاغزىدىن ئاپئاق كۆپۈكلەر قاينار... -"qw5Y_oF?  
_ئەي دېڭىز، نېچۈن مۇنچە دولقۇنلىنارسەن؟ توختا بىردەم،مىنىڭ سوئاللىرىمغا جاۋاپ بەر: -lHSojq~H  
نېچۈن ئۇزاق چاغلاردىن بېرى ، بىزگە كۈن نۇرى تەگمەس؟ نېچۈن ئاسمىنىمىز ھامان تۇمانلىق، ھامان بۇلۇتلۇق،ھامان تۇتۇق؟ بىر كۈنمۇئوچۇق بولغىنى يوق،بىر كۈنمۇ! ھامان بىزگە تۈن! ئۆمۈر لاي سۇ كەبى ئېقىپ كەتمەكتە.ھەر چاغ، ھەر زامان كۆڭلىمىز سۇنۇق... VuqN)CE^Uq  
يىللار، ئەسىرلەر شۇنداق ئۆتتى. ھەر يىل، ھەر ئەسىر بىزنى قاقشىتىپ، بەك كۆپ غەنىمەتلەرنى ئېلىپ كەتتى،ئۆمۈرنىڭ تەڭدىن تولىسىنى ئوغرىلاپ قاچتى،لىكىن ، بىزگە ھېچنىمە بىرىپ كەتمىدى،پەقەت مۇڭ بىلەن ھەسرەت،قايغۇ ئەلەم،كۆزلىرىمىزدە قۇرۇماس نەم قالدۇرۇپ كەتتى،بىزگە بەرگەن سوۋغىتى شۇ بولدى... QjH;'OVt  
بىز ھەمىشە نۇرغا تەشنامىز! بىراق، ئۇ بىزدىن جامالىنى يوشۇردى،بىر قارا پەردە ئۇنۇڭ يۈزىنى توستى،ياق، بەلكى بىزنىڭ كۆزىمىزنى توستى.شۇنداق قىلىپ،بىز ئۇنۇڭدىن پۈتۈنلەي مەھرۇم قالدۇق ،پۈتۈنلەي... شۇنۇڭ ئۈچۈن ، چىرايىمىز سارغايدى،يۈرەكتىكى قان زەرداپ سۇغا ئايلاندى. pKDP1S# <  
ئاھ، قېنى ئۇ بەخت قۇياشى،قېنى ئۇ نۇر؟ قېنى ئۇ گۈزەل باھار؟ %2Q:+6)  
يوق، بىرسىمۇ يوق،بىز ھەممىدىن مەھرۇم! Rd6? ,  
ئەنە تىيانشان،ئالتاي،كوئىنلۇن،پامىر تاغلىرىنىڭ ئۈستىدە ھامان شۇ قارا بۇلۇتلار، ھامان بىر قارا پەردە... ئىلى، تارىم، ئېرتىش ۋە باغراش سۇلىرى ئۈستىدە ھامان بىر قارا تۇمان! قاچانغىچە شۇنداق؟ قاچان بىزگە تاڭ ئاتار؟ w~J 7|8Y  
يادىڭدىدۇ بەلكى، بىزدە بىر ئەمەس، قانچە-قانچە قېتىملار قاتتىق بورانلار سوقۇپ ئۆتتى، بۇ بورانلار بىلەن گويا پۈتۈن جاھان تىترەپ كەتكەن ئىدىغۇ! بوران سوققان بىپايان دەشت-جاڭگاللاردا قىپقىزىل قانلار دەريا بۇلۇپ ئاقمىغانمىدى؟ ئىگىسىز قالغان جەڭ تۇلپارلىرى تىزگىنلىرىنى سۆرەپ،كۆككە قاراپ،ھەسرەت بىلەن كىشنەشمىگەنمىدى؟ گىياھلارغا ئىلىنىپ قالغان ئادەم ئۈچەيلىرى سىم تاناپنىڭ سىملىرىدەك ۋىڭىلداپ،ئەتراپقا دەششەت سالمىغانمىدى؟بۇ بورانلار سوقماقتا تېخى،بەلكى يەنىمۇ سوقار... X|+o4R?  
ئەجەبا!شۇنچە بورانلار بۇ قارا بۇلۇتلارنى نىمىشقا سۈپۈرۇپ تاشلىيالماس،نىمىشقا بۇقارا تۈن پەردىسىنى يىرتىۋىتەلمەس،نىمىشقا؟ IC&xL9  
قاچان بىزگە تاڭ ئاتار ؟ئېيىتقىنا،قاچان؟ `N$:QWJ  
بىلىمەن، بوران سوقماقتا،بوران. SN!TE,=I  
بىراق. قورقىمەنكى، بۇ بوران توختاپ قالمىغاي دەپ،يەنە بىزگە تاڭ ئاتماي قالمىغاي دەپ. gL%%2 }$  
ئېيىتقىنا،بىزگە تاڭ ئاتامدۇ-يوق؟ ئۇ تاڭ قاچان ئاتىدۇ؟ قاچان؟ ئۇ تاڭ قايسى تەرەپتىن يورۇپ،قايسى تەرەپتىن بەخت تۇغار؟ KL:x!GsV5e  
دولقۇنلۇق دېڭىزدىن جۇشقۇن بىر سادا كەلدى: VwfeaDJw  
_توختا،ئەنە، تاڭ ئاتماققا ئاز  قالدى. تاڭ كۈنچىقىشتىن ئاتىدۇ،ئەمما،يەنە كۆپ چېلىش بورانلىرى سوقسۇن! aRSGI ja<L  
C!KxY/*Px  
                                         1945-يىل دېكابىر،لەنجۇ L ]HtmI  
GT$.#};u  
Rf*we+  
5,/rh,?  
Y ,1ZvUOB  
RmF,x9  
قېرىنداشلار تەپەككۇر قىلىپ بېقىڭلار!...
تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2013-01-09, 11:58
 
ilqinai
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7620

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   533 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   28006 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2780 (قېتم)
 تۆھپە:   2780  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 908
 سائەت
دەرىجىسى:
908 سائەت 132 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-20
ئاخــىرقىسى:2013-01-22
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 01-10

تېمىڭىز راستىنلا ئويلاندۇرىدىكەن...
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى