باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       376 
  •    ئىنكاس 
       5 

ئۈزۈلمەس رېشتە

قەۋەت ئاتلاش
altunboxuk

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4011

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   224 

 نادىرلانغان تېمىسى:   11 

 مۇنبەر پۇلى:   12240 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1156 (قېتم)
 تۆھپە:   1125  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2662
 سائەت
دەرىجىسى:
2662 سائەت 88 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-21
ئاخــىرقىسى:2013-01-26

ئۈزۈلمەس رېشتە
ھېكايە
f8m%T%]f  
K1F,M9 0]  
gx*rxid  
   ھېلىم بوۋاينىڭ ئىشىك ئالدىدىكى كۆتەكتە ئولتۇرۇپ قەدىناسىنى ساقلاۋاتقىنىغا بۈگۈن ساق بىر ئاي بولدى. ئۇ ھەر كۈنى مۇشۇ كۆتەكتە چوڭقۇر خىيالغا پېتىپ ئولتۇرۇپ كېتىدۇ. تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۇزۇنغا سوزۇلغان تېرەكلىك يولغا تەلمۈرۈپ قارايدۇ، خۇددى بىرسى كېلىدىغاندەك، بىرسىنىڭ يولىغا قاراۋاتقاندەك، سىنجىلاپ قارايدۇ، تاكى كۆزلىرى تالغۇچە. باللىرىنىڭ:«دادا، بىلىڭ ئاغرىپ قالىدۇ، ئولتۇرىۋەرمە، كىرىپ بىردەم سوزىلىۋال» دېگەن سۆزلىرى قۇلىقىغا كىرمەيدۇ. بەزى چاغدا ئامالسىز بالىلار ئىككى تەرىپىدىن كۆتۈرۈپ دېگۈدەك ئۆيگە ئەككىرىپ كېتىشىدۇ. ئۆيگە كىرسىمۇ جىم ئولتۇرالمايدۇ. خۇددى بىرنەرسىسىنى يىتتۈرۈپ قويغاندەك بۇلۇڭ-پۇشقاقلارغا قارايدۇ، ھەممە ئۆيگە بىرمۇ بىر كىرىپ چىقىدۇ. ئاشخانا ئۆيگە كىرىۋالسا سائەتلەپ چىقمايدۇ، ئوچاق باشلىرىغا قاراپ تويمايدۇ. قازان-قۇمۇچ، قاچا-قۇچىلارنى سىلاپ ھارمايدۇ... {APsi7HYBr  
    ئۇ يەنە يولغا قارىدى. ئەنە يولدا چاڭ-توزاڭ توزىتىپ ئالتە بالىنى ئەگەشتۈرۈپ بىر ئەر-ئايال كەلمەكتە. ئەر شۇنداق بەستلىك، كۈچتۈڭگۈر. ئايال بولسا گۈلدەك چىرايلىق، سۆلكەتلىك. ئەرنىڭ قولىدا كەتمەن، ئايالنىڭ قولىدا يۇلغۇن چىۋىقىدا توقۇلغان كىچىككىنە سۆۋەت. ئۇنىڭدا لىققىدا ئوت. ئۇلار ناھايىتى خوشال، شۇنداق بەختىيار. ئەر ئايالغا بىر ئېغىز گەپ قىلىۋىدى، ئايال قوڭغۇراقتەك ئاۋازىنى بولىشىغا قويۇپ بېرىپ قاقاقلاپ كۈلدى. ئۇ نېمىگە بۇنچە كۈلدىكىنە؟ ئۇ ئەر ئۇنىڭغا نېمە دېگەن بولغىيتى؟ ئۇ يەرگە قارىغىنىچە ئويلىنىشقا باشلىدى:«مەن نېمە دېگەن بولغىيدىم؟ ھە، ئايخان، مەن شۇ چاغدا ساڭا نېمە دېگەن؟ تىزراق قايتىپ كەل! سەندىن سورايدىغان گەپلىرىم بەكمۇ يىغىلىپ كەتتى. بۇ مىھماندارچىلىقىڭ يا تۈگەي دېمەيدۇ، توي بولغان يەر شۇنچە يىراقمىكەن-يا! يا مېنى باشلىۋالمىدىڭ، يالغۇز تاشلاپ كەتتىڭ، مېنى سىناۋاتامسەن-يا! مېنىڭ ھەرقانداق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغانلىقىمنى بىلمىسەڭ كاشكى. بولدى قىل، ھېلىمۇ شۇنچە ئۇزاق ساقلاتتىڭ مېنى. مەن ئالدىڭغا بارايمۇ-يا؟ نېمە، مېنى ئۇ يەرگە بارالمايدۇ دەۋاتامسەن؟ توختاپ تۇر...» 5K~kzR L$r  
كەچلىك تاماقتىن كېيىن بوۋاي ئۆز خىياللىرىنى باللىرىغا ئېيتتى. بالىلار تەئەججۈپ ئىلكىدە بىر بىرىگە قاراشتى. چوڭ ئوغلى دادىسىغا تەسەللىي بېرىپ: qrFC4\q}  
-دادا، نېمە داۋاتىسەن؟ ئانام ئۇ... ئەمدى قايتىپ كېلەلمەيدۇ، مەن ساڭا نەچچە قېتىم دېدىم:«بەك ئويلاپ كەتمە، غەم-قايغۇ دېگەن سالامەتلىككە زىيانلىق دەپ» سالامەتلىكىڭنى ئاسرىمىساڭ بولمايدۇ،-دېدى. :oH~{EQ  
ياق...ئۇ كېلىدۇ.  ئۇ دوختۇرخانىدا ماڭا:«ئۈرۈمچىگە نەۋرەڭنىڭ تويىغا بارىمەن. ئۆز قولۇم بىلەن توينى تۈگىتىپ كېلىمەن» دېگەن. توي تېخى تۈگىمىگەن ئوخشايدۇ. مەن بېرىپ نەۋرەمنى كۆرگەچ ئاناڭنى ئېلىپ كېلىمەن،- دېدى بوۋاي ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرۇپ. 2 us-s  
-يوقىلاڭ گەپنى قىلمىيە دادا، ئادەمنى قورقۇتۇپ... ئاكام توينى كېلەر يىلى قىلىدىغان بولدى، شۇ چاغدا مەن سېنى نەۋرەڭنىڭ تويىغا ئۆزەم ئاپپىرىمەن. 7VF^&6  
- يالغان سۆزلىمە! ئاناڭ تويغا كەتتى. ئۇ مېنى ساقلاۋاتىدۇ، مېنى توسماڭلار! مەن... مەن ئەتە چوقۇم ماڭىمەن،-بوۋاي خۇددى كىچىك بالىدەك يىغلاپ كەتتى. a:PS}_.  
بالىلار نېمىمۇ دېيەلىسۇن، ئۇلار ئۈنتىنسىز ھالدا دادىسىنىڭ ئەتىراپىغا ئولاشتى. ئىككى قىز دادىسىنىڭ پىشىگە ئېسلىپ ھۆڭرەپ يىغلاشتى. ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرى ياش، باغرى خۇن بولدى. $II[b-X?S  
-كېلىن بالام،-بوۋاي بىردىنلا سەگەكلەشتى،-مېنىڭ توي-تۆكۈندە كېيىدىغان كېيىملىرىمنى ئەپچىقىپ بېرىڭ، ئەتە شۇ كىيىملەرنى كېيىپ ماڭاي. )C@W_cfMN  
كېلىن يولدىشىنىڭ كۆزىگە قارىۋىدى، ئۇ ئەپچىقىپ بەر دېگەن مەنىدە ئىشارە قىلدى. cT8`l!RD<  
ئۆي ئىچى سۈكۈتكە چۆمدى. قىزلارنىڭ يىغىسىمۇ توختاپ قالدى. بالىلار دادىسىنىڭ كۆزىگە تەلمۈرگىنىچە جىمجىت ئولتۇرىشاتتى. wff&ci28  
كېلىن كىيىملەرنى ئېلىپ چىقىپ بوۋاينىڭ ئالدىغا قويدى. كىيىملەرنى كۆرۈپ بوۋاينىڭ چىرايىدا خوشاللىق ئالامەتلىرى پەيدا بولدى. ئۇ كىيىملەرنى كۆتۈرۈپ ئورنىدىن قوزغىلىۋىدى كىچىك قىزى ئۇنى يۆلەپ ھوجرىسىغا ئەككىرىپ قويدى. `"0#lZ`n  
چوڭ قىز ئۆز ئەندىشىسىنى ئاكىللىرىغا ئېيتتى: ;79X# hI  
-دادامنىڭ گەپلىرى تاققۇ-تۇققۇ تۇرىدۇ، قېرىغاندا ئېلىشىپ قالمىغاندۇ-ھە؟ $XFiH~GI  
-... KzeTf?G  
ئاھ خۇدا، نېمە كۆرگىلىك بۇ! ئەمدى قانداقمۇ قىلارمىز، نەگىمۇ ئاپپىرارمىز؟ كۆزىمىزدىن تېخى ياش قۇرىمىغانىدىغۇ!-چوڭ قىز نالە قىلىپ يىغلاشقا باشلىدى. DiK@>$v  
-ئەگەر شۇنداق بولسا، دوختۇرخانىغا ئاپپىرامدۇق قانداق، يېقىندا بىر خىزمەتدېشىمىزنىڭ دادىسى مۇشۇنداق كېسەل بولۇپ قېلىپ 4-دوختۇرخانىدا داۋالىتىپ كەلدى،-دېدى كىچىك ئوغۇل جىددىلىشىپ. m*L*# ZBS  
-ئۇ خىزمەتدېشىڭنىڭ دادىسى قانچە ياشتا ئىكەن؟ +OFq=M  
-50ياشلاردا بارغۇ دەيمەن. #vi `2F  
-لىكىن دادام ياشىنىپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشقازىنىمۇ ياخشى ئەمەس، دورىنى كۆتۈرەلمەسمىكىن. _B` '1tNx  
-كونىلىق قىلىپ باقامدۇق-يا؟ ھېچكىمگە ئۇقتۇرماي بىرەر موللامنى تېپىپ ئوقۇتۇپ باقساقمۇ بولىدۇ،-دېدى چوڭ قىز يىغىدىن توختاپ. .__X- +^  
-بولدى قىلىڭلار،-دېدى باياتىن بېرى چوڭقۇر سۈكۈت ئىچىدە ئولتۇرغان چوڭ ئاكىسى،-غېرىپسىنىپ شۇنداق بولۇپ قالغان گەپ. ياخشىراق ئارام ئالسا ئەتىگىچە ئوڭشىلىپ قالىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن بىزمۇ دادامنى يالغۇز قويماي، پات-پات پاراڭلىشىپ، مۇڭدىشىپ تۇرايلى، يالغۇزسىراپ قالمىسۇن.  k%V#{t.  
كىچىك ئوغۇل بېشىنى چايقاپ: z'K&LH  
-ئەتە يەنە ئۈرۈمچىگە بارىمەن دەپ تۇرىۋالسا قانداق قىلارمىز،-دېدى. B&&:A4  
-يامان تۇرىۋالسا، ئاكامنى يوقلىغاچ ئۈرۈمچىگە ئاپپىرىپ كېلەرمەن. ئۇنى بۇنى كۆرۈپ كۆڭلى ئېچىلىپ قالامدۇ-تېخى.   Bk&ry)`gD  
بامدات نامىزىنى ئوقۇپ، ھويلا-ئاراملارنى پاكىز سۈپۈرۈپ، سۇ چېچىپ ناشتىلىققا تۇتۇش قىلغان كېلىن قازانغا سۇ قۇيۇۋېتىپ:«بىرەر ۋاق نامازنى قازا قىلماي ئوقۇيدىغان ئادەم ھەجەپ بۈگۈن...» دەپ كۆڭلى بىر قىسما بولدى-دە، ئالدىراپ بوۋاينىڭ ھوجىرىسىغا كىرىپ كەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ چىقىرىغان، ئاللا-توۋا قىلغان ئاۋازى ئاڭلاندى. بالىلار ئۆيگە كىرىپ كۆردىكى، دادىسى ھېچكىمگە تۇيدۇرماي قەدىناسىنىڭ قېشىغا كېتىپ قالغانىدى. ئۇ خۇددى تويى بولىدىغان يىگىتتەك چىرايلىق ياسىنىۋالغان بولۇپ چىرايىدىن نۇر يېغىپ تۇراتتى. K1Ms  
z{U2K '  
مەنبە: ئالتۇنبۆشۈك 0R&$P 6  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-09-26, 09:04
 
ھەققانى

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7803

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   533 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   34110 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3275 (قېتم)
 تۆھپە:   3275  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7756
 سائەت
دەرىجىسى:
7756 سائەت 34 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-09
ئاخــىرقىسى:2013-01-27
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-26

ھەقىقەتەن تەسىرلىككەن ئوقۇپ بولغۇچە بەدىنىم باشقىچە بىر خىل بوپ تىكەنلىشىپ كەتتى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز قېرىندىشىم بولسا مۇشۇنداق ياخشى تىمىڭىزنى يەنە يوللاپ  تۇرۇڭ.
 
ghaliba
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11020

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   193 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9998 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1000 (قېتم)
 تۆھپە:   1000  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1314
 سائەت
دەرىجىسى:
1314 سائەت 36 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-21
ئاخــىرقىسى:2012-12-14
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-27

سېغىنىش ئوتلىرىدا ھەسرەتكە چىدىماي ئۆلۈپ كېتىپتۇدە بۇ بوۋاي.
 
باشقىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن زىيان تارتقۇچى.
ilqinai
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7620

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   533 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   28006 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2780 (قېتم)
 تۆھپە:   2780  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 908
 سائەت
دەرىجىسى:
908 سائەت 132 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-20
ئاخــىرقىسى:2013-01-22
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-27

)~C+nb '6/  
  بالىلىرى ئەجەپ شاپائەتلىككەن،ئەمما شۇنداقتىمۇ ئۆمۈر يولدىشىغا كىم تەڭ بولالىسۇن.........تەسىرلىك يېزىپسىز. 8fC 5O  
   'M=V{.8U  
  مۇشۇنداق يېڭى ئىجادىي ئەسەرلېرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلمىسۇن...!
ghaliba
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11020

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   193 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9998 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1000 (قېتم)
 تۆھپە:   1000  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1314
 سائەت
دەرىجىسى:
1314 سائەت 36 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-21
ئاخــىرقىسى:2012-12-14
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-28

ئالتۇن بۆشۈك ئۇلارنىڭ پەنەۋرىسى چېغۋا.
باشقىلارنىڭ بەختى ئۈچۈن زىيان تارتقۇچى.
sedef
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8312

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   118 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6033 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   600 (قېتم)
 تۆھپە:   600  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3337
 سائەت
دەرىجىسى:
3337 سائەت 163 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-02-26
ئاخــىرقىسى:2013-01-22
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-09-28

‹‹دۇنيادا ئۆلۈمدىن باشقىسى يالغان››--دەپتۇ-دە بۇ كىشى.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى