باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       314 
  •    ئىنكاس 
       0 

ئېرىشكەننى قەدىرلەڭ

قەۋەت ئاتلاش
kalipdax007
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10305

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   133 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10253 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1025 (قېتم)
 تۆھپە:   1025  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 903
 سائەت
دەرىجىسى:
903 سائەت 137 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-17
ئاخــىرقىسى:2013-01-27

                                                  ئېرىشكەننى قەدىرلەڭ @giipF2$  
~a&s5E{  
)BudV zg  
دۇنيادا ياخشىراق تۇرمۇشقا ئىرىشىش يولىدا ئىزدىنىۋاتقانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئېرىشىش، مەھرۇم بولۇش توغرىسىدىكى ئۇقۇملار ئانچە يات بولمىسا كېرەك. ئىنسان ھاياتىدا نۇرغۇن سىناققا دۇچ كىلىدۇ. بەزىدە ئادەمگە ئامەت كۈلۈپ باقسا، بەزىدە پىشكەللىك يېپىشىدۇ. ھاياتلىقتا ئىنساننىڭ ئېرىشكىنىدىن يوقاتقىنى كۆپرەك بولىدۇ، بۇ بىر ھەقىقەت. ئەمما، كىشىلەر ئارىسىدا بۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس. بەزىلەر بۇنىڭ بىر خىل قانۇنىيەت ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، پىشكەللىك، مەھرۇم قىلىشلارغا ئارتۇقچە قايغۇرۇپ كەتمەي، يوقاتقانلىرىغا تەن بېرىپ ھاياتلىقىنى داۋام ئېتىدۇ، يەنە بەزىلەر ئېرىشكەنلىرى ئۈچۈن زىيادە خۇش بولۇپ، يوقاتقانلىرى ئۈچۈن ئىزتىراپ چېكىپ، ئۆزىگە قانداق تەسەللى بېرىشنى بىلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھاياتلىقتا يوقاتقانلىرىغا قايغۇرغاندىن كۆرە، قولىدا بارىنى قەدىرلەش ھەممىدىن مۇھىم. s=Pwkte  
      بىر داڭلىق كارخانىچى بىر كۈنى دادىسى بىلەن ئالىي دەرىجىلىك ئاشپۇزۇلدا تاماق يېگەچ بىر ئىسكىرىپكىچىنىڭ ئۇلارغا چېلىپ بەرگەن مۇزىكىسىدىن ھۇزۇرلىنىپتۇ. بۇ كارخانىچى يېقىملىق ئىسكىرىپكا مۇزىكىسىنى ئاڭلىغاچ ئۆزىنىڭمۇ ئىلگىرى ئىسكىرىپكا چىلىشنى ئۆگەنگەنلىكىنى يادىغا ئىلىپ، دادىسىغا: «ئەگەر مەن شۇ چاغدا ئىسكىرىپكا چېلىشنى كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەنگەن بولسام، بەلكىم مۇشۇ جايدا ئىسكىرىپكا چالغان بولاتتىم» دەپتۇ. دادىسى ئوغلىغا: «ئەگەر ئەينى چاغدا شۇنداق قىلغان بولساڭ، ھازىر بۇ جايدا ئولتۇرۇپ تاماق يىگەچ، بۇ مۇزىكىدىن ھۇزۇر ئالمىغان بولاتتىڭ» دەپتۇ. JnH>L|G{;%  
      كىشلىك تۇرمۇشتا، بىز دائىم دېگۈدەك قولدىن كېتىپ قالغان ئاشۇ پۇرسەتلەر ئۈچۈن ئاھ ئۇرىمىز - يۇ، ھاياتتىن ئېرىشكەنلىرىمىزگە ئانچە ئىرەن قىلمايمىز. بىلسەك، تېنىمىزنىڭ ساقلىقى، بەختلىك ئائىلىمىز، تۇرمۇش كەچۈرەلىگۈدەك ئىمتىيازىمىزنىڭ بارلىقى بىر ئۈچۈن ناھايىتى قىممەتلىك، گەپ بۇنى قەدىرلەشنى بىلىشتە. )s1W)J?8  
      يېقىندا توردا ئىككىلا قولى يوق بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇ كىشى باشقىلارغا تايانماي، نورمال كىشىلەر قىلالايدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدىكەن. چۈنكى، ئۇ ئىككى قولى بولمىسىمۇ ئىككى پۇتىغا تايىنىپ، خىزمەت، تۇرمۇش، ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىكەن. كىشلىك تۇرمۇشتا يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. تىخى ئەتىگەندىلا يۈز كۆرۈشۈپ، سالام – سەھەت قىلىشقان، بىر – بىرىگە ئامان – ئىسەنلىك تىلەشكەن كىشىلەرنىڭ بەزىلىرى بىزدىن چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، بىر كېچىدىلا ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىدۇ. مۇشۇنداق چاغلاردا سىز قانداق تۇيغۇغا كېلىسىز؟ مېنىڭچە، نۇرغۇن كىشى ھاياتنى قولدىن كەتكەن پۇرسەت، يوقاتقان نەرسە، ئۆتۈپ كەتكەن كۆڭۈلسىز ئىش ئۈچۈن ئاھ ئۇرۇش بىلەن ئەمەس، بەلكى ھاياتنىڭ سىزگە ئاتا قىلغانلىرىنى قەدىرلەش بىلەن ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىدۇ. .r+u pY  
      قىسقىغىنا ھايات يولىمىزدا قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولايلى، قانچىلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشەيلى، ئالدى بىلەن ئۆتۈۋاتقان ھەربىر كۈنىمىزنى قەدىرلەپ، ھاياتىمىزنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىشىمىز، قىيىنچىلىق، مەغلۇبىيەت ئالدىدا باش ئەگمەسلىكىمىز لازىم. شۇنى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەككى، شۇ قىسقا ھاياتىمىزدا تىرىشىپ – تىرمىشىپ، ئالغا ئىنتىلىپ ھالال ياشىشىمىز، ئىلكىمىزدىكى ھەربىر نەرسىنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز لازىم. شۇندىلا بۇ ھايات تولىمۇ گۈزەل، تولىمۇ كۆڭۈللۈك بولىدۇ. تۇرمۇش سىزگە شۇنى تەۋسىيە قىلىدۇ: ئېرىشكەنلىرىڭىزنى قەدىرلەشنى، يوقاتقانلىرىڭىز ئۈچۈن قايغۇرماسلىقنى ئېسىڭىزدە ھەر ۋاقىت چىڭ ساقلاڭ. قايغۇ ئاجىزلارنىڭ كۆز يېشىدۇر. ھاياتلىق سەپىرى گويا بىر ئەينەك، سىز ھەر كۈنى ئۇنىڭغا كۈلۈپ قاراڭ.
تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-15, 23:54
 
قەلىپداش007
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى