باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       883 
  •    ئىنكاس 
       3 

مەن ياقتۇرغان «شەرق قىزاردى»

قەۋەت ئاتلاش
uyghurjan78
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9994

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   31 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3200 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   290 (قېتم)
 تۆھپە:   290  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2372
 سائەت
دەرىجىسى:
2372 سائەت 148 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-07-01
ئاخــىرقىسى:2012-12-30

شەرق قىزاردى. ‹‹ دېمىكىراتىيەگەئىنتىلگۈچىلەر چۇقۇم كۈرۈڭ›› gY9"!IVe+  
3\{Sf /#  
(ئىنسانىي ھوقوق ئۇقۇمىنىڭ قانۇنلاشقانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن) oo!g?X[[  
b5DrwX{Ff  
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان R%%`wmG)"  
/>C~a]}  
=FmU]DV  
[R4x[36Zp  
.jp]S4~  
ئۇلۇغ پەرۋەردىگار! zc+;VtP|8  
سەن بەندىلىرىڭنى ھىدايەتكە باشلىماقچى بولغاندا ئەلچىلىرىڭنى شەرقتىن تاللىدىڭ....... $]kg_l)  
ئۇلارنىڭ چاقىرىقلىرى شەرىقتىن يىراقتىكى مەغرىپ ئەللىرىگە قەدەر تارقالدى. P0xLx  
ياراتقان ئىگەم ! vC:b?0s#(  
سەن ئىنسان بالىسى بىلمەيدىغاننى ئالدى بىلەن شەرق ئىنسانلىرىغا بىلدۈردۈڭ. ئۇلار يەر يۈزىدە تۇنجى بولۇپ تاشلاردىن قورال-سايمان ياساشنى ئۈگەندى. تۆمۈرنى مومدەك يۇمشاق قىلىشنى دۇنياغا تاراتتى. [+g@@\X4  
ئەيسا ئەلەيھىسسالام سېنىڭ دىنىڭنى تەشۋىق قىلغاندا ئىنجىل سۈرىلىرى تېرىلەرگە يېزىلغان ئىدى. سەن قەغەز ياساشقا يەنە شەرقنى تاللىدىڭ. |QLX..  
ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللام) ئىسلام دىنىنى تارقاتقاندا قۇرئان سۈرىلىرى قولدا يېزىلغان ئىكەن. خەلىپە ئۆمەر (رەزىياللاھۇ ئەنھۇ)نىڭ دەۋرىدە سېنىڭ ئىلتىپاتىڭ بىلەن، شەرق مەتبەئەنى كەشپ قىلىشقا مۇشەررەپ بولدى..... d&uTiH?0  
شۇنىڭدىن باشلاپ ئىنسان بالىسى تۆمۈردىن كۈچ-قۇدرەتكە، كىتاپتىن ئەقىل-پاراسەتكە ئېرىشىپ، بىپايان ئاسمان-زىمىن ئارىسىدا پەرۋاز قىلىشقا باشلىدى. zpqGh  
شەرق ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ يولباشچىسى بولدى..... KC:4  
بىراق ! مىڭلارچە ئەپسۇس-نادامەتلەر بولسۇن. چۈنكى بۇلارنىڭ ھەممىسى تۈنۈگۈنكى ئىشلار....... t3t0vWE<,  
بۈگۈن نۇرغۇن ئادەم، ئىنسانىيەتكە نۇر چېچىۋاتقان مەشئەل غەرپتىكى ئەركىنلىك پەرىشتىسىنىڭ قولىدا دىيىشىدۇ. شەرقتە سەددىچىندەك مۇستەھكەم قورغانلار، ياتلارنىڭ كىرىشى چەكلەنگەن ھەرەمدەك مۇقەددەس جايلار بار دەپ تەرىپلىشىدۇ. :z.Y$]F@  
ھېلىقى شائىرنىڭ غەرپ دىگەن غەرپ ! شەرق دىگەن شەرق ! دىگەن سۆزىدىكى مەغرورۇلۇقنىڭ ھەقىقى قىممىتى زادى قانچىلىك؟! ئۇ قومۇشتەك تەكەببۇرلۇقمۇ ياكى قارىغايدەك جاسارەتمۇ ؟ mO)PJd2ZD  
**************************************************** ;{f??G  
شەرق توغرىلىق توختالماقچى بولغان قەلەم ئىگىسى چوقۇمكى شەرقنىڭ پارلاق تارىخىنى ئېغىزىغا ئالىدۇ. ئۇلاردا ئامال يوق. چۈنكى ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن شەرقنىڭ تارىخىنى يازمىسا بۈگۈنكى نىمىسىنى يازىدۇ دەيسىز !؟ ^YR|WKY  
شەرق ئېسىل ئادەملىكىنى يىراقتىكى تارىخ بىلەن ئىسپاتلاشقا خۇشتار. ھۆكۈمرانلىقىنىڭ قانۇنىيلىقىغا تارىخىي ئىزلارنى گۇۋاھچى قىلىشقا خۇمار. تۇققاندارچىلىقنى تارىخ بىلەن ئىسپاتلايدۇ. دۈشمەنلىكنىمۇ تارىخ بىلەن ئىزاھلايدۇ. چۈنكى بۈگۈنكى شەرقتە كۆكرەك كېرىپ تۇرغىدەك نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. PKR $I  
ئەمما غەرپ ئۇنچىلىك تارىخپەرەس ئەمەس. پارلاق مەدەنىيەت مەسىلىسىدە ئېغىزىنى ئۇپراتمايدۇ. ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھۆكۈمرانلىقىنى تارىختىكى لوڭقا-تەخسىلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى بۈگۈنكى ئىقتىدارى بىلەن بىزگە ئىختىيارسىز ئېتىراپ قىلدۇرىدۇ. q^1aPz  
شەرقتە كەمتەرلىك تەكىتلىنىدۇ، ئەمما ئۇ رىئالىققا تەن بەرمەيدۇ. #[a"%byTR  
شەرقتە ئىلىم تەھسىل قىلىش بىباھا سانىلىدۇ. بىراق مۇستەقىل ئىلمى كۆزقاراشنى بىلمەيدۇ. dHG  Io  
شەرق تارىختىن بۇيان خوشامەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان بولسىمۇ، يەنىلا خوشامەتچىلەرنىڭ جەننىتى. ھەتتا شەرق ھازىرمۇ دوڭغۇيۇپ بېرىشنى ھۆرمەت دەپ بىلىدۇ. E8-fW\!F  
كۈلكىلىك يېرى، شەرق غەرپنى ئۆزىنىڭ دۈشمىنى دەۋالىدۇ. X#DL/#z k  
ئەمما بۇ دۈشمەننىڭ چىرايىغا قاراپ كۈچۈكلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىلتىپاتى ئۈچۈن پۈكلۈنۈپ بېرىشتىن يانمايدۇ. 3gG+`{<  
ئۇنىڭ دىكتاتورىسى خەلققە دۇچ كەلگەندە ئۆزىنىڭ رولىنى ۋايىغا يەتكۈزىدۇ. ئارمىيىسى خەلقىنى باستۇرالايدۇ. ئاتالايدۇ. غەرپكە مىلتىقىنىڭ ئۇچىنى ئېھتىياتسىزلىقتىن قارىتىپ سالسىمۇ نەچچە كۈنلەرگىچە قارا بېسىپ ئۇخلىيالمايدۇ. wI!+L&Q  
غەرپتە دۆلەتنىڭ غېمىنى يىگەن ھەرقانداق سىياسى مەخسەتتىكى ئادەمنى دۆلەتنىڭ قەھرىمانى ھىساپلايدۇ دەيدۇ. hu P^2*c  
شەرقتە بولسا.... دىمىسەكمۇ ھەممىگە ئايان. دۆلەتنىڭ غېمىنى ھۆكۈمراندىن باشقىسى يىسە بولمايدۇ. بۇ خەتەرلىك غەمنى يىگەن ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي ! p9AZ9xr  
شەرق ھۆكۈمرانلىرى ئۇلاردىن شۇنچىلىك بىزار ھەم قورقىدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. چۈنكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆلۈكنىڭمۇ تىرىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. j?\$G.Y  
ھەيييي....شەرق ! قاچانمۇ ئۆزەڭگە ئىشىنىدىغان بولارسەن.... m!5HRjOO  
شەرقتە دۆلەت مەنپەئەتى ئەڭ كۆپ تەكىتلىنىدۇ. ئەمما بۇ دۆلەت مەنپەئەتى ھۆكۈمران قاتلامنىڭ مەنپەئەتىنى كۆرسىتىدۇ. D[89*@v  
شۇڭا ئىنسانىي ھوقوق ۋە قانۇننىڭ مۇستەقىللىقى دىگەندەكلەر دۆلەت مەنپەئەتى بىلەن قارشى ئورۇندا ئىستىمال قىلىنىدۇ. ھۆكۈمران قاتلامدىكى شەخسلەرنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بولغانلىكى قاراش ۋە تەكلىپلەر دۆلەت ۋە خەلىققە پايدىلىق بولسىمۇ "سىياسى غەرەز" دەپ قارىلىدۇ. %/l-Apu  
غەرپتىمۇ دۆلەت مەنپەئەتى تەكىتلىنىدۇ. دۆلەت مەنپەئەتى ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىنىڭمۇ مەنپەئەتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلەت ئالدىدا ئۇلارنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازى بولمايدۇ. پۇقرا بىلەن پادىشا ئىلغىمايدىغان قانۇن دىگەن يەنە بىر خاقان بولىدۇ. =[]x\&@t  
يۇقۇرقىدەك سەۋەپلەر تۈپەيلى شەرقنىڭ دۈشمىنى دۆلەت ئىچىدە ۋە سىرتىدا مەۋجۇت. غەرپنىڭ دۈشمىنى پەقەت دۆلەت سىرتىدىلا مەۋجۇت. ;OOj[%.  
ئىچكى، تاشقى دۈشمەندىن ئىبارەت ئىككىسىگە تاقابىل تۇرىۋاتقان شەرق بىلەن يالغۇز دۈشمەنگە تاقابىل تۇرىۋاتقان غەرپتىن قايسىسى مەخسەتكە يېتەر؟! Hp btj  
شۇڭا شەرق غەرپنى، باشقا ئەللەرنى بوزەك قىلدى دەپ ئەيىپلەيدۇ. غەرپ شەرقنى، ئۆزىنىڭ پۇقرالىرىنى بوزەك قىلدى دەپ قاخشايدۇ. PXw| L  
يۇقۇرقىلاردىن قايسىسى دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيىتى ؟ m`hGDp3  
مەن بۇنى بىلمەيدىكەنمەن. ;>NP.pnA)  
18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا فىرانسىيەدىكى بۈيۈك ئىنقىلاپ غەلبە قىلىپ، پادىشا لوئى 16 نىڭ كاللىسى ئېلىندى. ماركىس بۇ ھەركەتنى دۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى خەلق ئىنقىلاۋى دەپ باھالىدى. 9s!2 wwh  
شەرقتىكى قايسى ھەركەتنى خەلق ئىنقىلاۋى دەپ باھالاش كېرەك ؟ w#*/y?"D  
ئوسمان ئىمپىريىسىنىڭ پارچىلىنىشىنىمۇ ؟ ئىران ئىسلام ئىنقىلاۋىنىڭ غەلبىسىنىمۇ ؟ ۋە ياكى بۈگۈنكى ئەرەپ باھارىنىمۇ ؟ di7A/ B  
بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىشتىن بۇرۇن فىرانسىيەدىكى ئىنقىلاپ نىمە ئۈچۈن خەلق ئىنقىلاۋى دەپ ئاتالغانلىقىغا دىققەت قىلايلى. ,09DBxQq,  
ئومومىلىق ئاساسىدا خۇلاسىلىسەك، بۇ ئىنقىلاپ شۇندىن كېيىنكى فىرانسىيەگىلا ئەمەس پۈتكۈل ياۋروپانىڭ دۆلەت تۈزۈلمىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن. 2(pLxVl  
ئون سەككىز ئايدىن كېيىن پادىشانىڭ كاللىسى ئېلىنغان مەيداندا، ئىنقىلاپ رەھبەرلىرىنىڭ كاللىسى ئېلىندى. :-z&Y492  
بىراق خەلق ھوقوقى بۈگۈنگە قەدەر كېڭەيدىكى بېسىلىپ قالمىدى. غەرپنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى. ئەگەر كۆپ سانلىق خەلق قوزغالغان بولسىلا ئۇنى خەلق ئىنقىلاۋى دەپ ئاتاش توغرا بولسا فىرانسىيەدىكى ئىنقىلاپ ھەرگىزمۇ تۇنجى خەلق ئىنقىلاۋى بولالمايتتى. ~i% -WX  
چۈنكى تارىختىن بۇيانقى ساماندەك ئىنقىلاپلار خەلقنىڭ قوللىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن. بىراق ئاخىرىدا ئاز ساندىكىلەر ئىنقىلاپ مىۋىسىنى تارتىۋالغان. ئەمما فىرانسىيەدىكى بۈيۈك ئىنقىلاپتىن كۆپ سانلىق خەلق ھەقىقى ھوقوققا ئېرىشكەن. * -0>3  
ئويما مەتبە بىلەن مىلتىق دورىسى شەرقتە مەيدانغا كەلگەن. ئۇلارنىڭ شەرىقتىكى تەرەقىياتى تامغا بىلەن پوجاڭزىدىن ھالقىپ كېتەلمىگەن. iC\%_5/ _  
شەرق ئىدىلوگىيەسىدىكى ئىنساننىڭ ھۆرمەتلىنىشى غەرپ ئىدىلوگىيەسىدىن تارىخىي جەھەتتە قەدىمىي، مەزمۇن جەھەتتىن مول. بۇ توغرىلىق توم-توم كىتاپلار پۈتۈلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ نەزىريەلەر پارتىلاتقۇچقا ئوخشاش تەرەقىي قىلالماي پوجاڭزىدا يىگىلەپ قالغان. ` M:DZNy,  
ئۇنداقتا شەرقنىڭ بۈگۈنكى قانۇنچىلىق قۇرۇلىشى ۋە ئىنسانىي ھوقوق ھەركىتى، زامانىۋى مەتبەئە بىلەن پارتىلاتقۇچقا ئوخشاش غەرپنىڭ يۈكسەلدۈرۈپ بېرىشىگە مۇھتاجمۇ ؟! GWhE8EDT  
نەزىريە جەھەتتىن....ياق ! دەپ جاۋاپ بېرىمىز. A_Rrcsl4  
نەچچە ئونلىغان پەيغەمبەرلەر چىققان پىشقەدەم شەرقنىڭ، گۆدەك غەرپنىڭ كەينىدە قالغانلىقىنى يەنە قانداق چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ؟! e!GZSk  
بىر جۈملە گەپ. غەرپ ھەممىگە ئىشىنىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزىگە ئىشىنىدۇ. شەرق ھېچكىمگە ئىشەنمەيدۇ. چۈنكى ئۇ، ئۆزىگىمۇ ئىشەنمەيدۇ. V@[rf<,  
شەرقتىكى ئازاتلىق دىگەن ئۇقۇمنى غەرپتە دۆلەتنى سۆيۈش دەپ ئىستىمال قىلىدۇ. چۈنكى غەرپتە ئازاتلىق دەپ ئىستىمال قىلىدىغان دەۋر ئاخىرلاشقان. ھازىرقى غەرپلىكلەر ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قارشى پىكىرنى ئىجابى مەنىدىن قوبۇل قىلسا، شەرقلىقلەر ھازىرمۇ ئاسىيلىق قىلىش ياكى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنۇش دەپ چۈشىنىدۇ. #.H}r6jqs  
شەرقتە ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئازاتلىق تىن باشقا ئۇسۇل دۇنياغا كەلمەمدۇ ؟! zEj#arSE4  
ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرانىڭ ھوقوق تەقسىماتى ئادىل بولمىغاندا ئادەملەر ئاسانلا قايمۇقۇپ قالىدۇ. دۆلەتنى سۆيۈش بىلەن ئازاتلىقنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ. 4ZwKpQ6  
شۇڭا شەرقتە ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرا ئاسان جىدەللەشمەيدۇ. ئەمما جىدەللەشكەن كۈنى ئازاتلىق ھەركىتى يۈز بېرىپ ھاكىمىيەت ئالمىشىدۇ. Ke!'gohv  
سېلىشتۇرساق، شەرق تارىخىدا ھاكىمىيەت ئالمىشىش غەرپنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ يۈز بەرگەن. ئۇنداقتا شەرق تارىخىنىڭ تەرەقىيات مۇساپىسىدىكى بۇنداق زور ئىسراپچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان زادى قانداق مەسىلە ؟ Q,gLi\siI  
بۇنىڭغا، ئازاتلىق ھەركىتىنىڭ سانى كۆپ بولغان بىلەن سۈپەت مەسىلىسى .... دىيىشتىن باشقا سەۋەپ تاپالمايمىز. <.bRf  
بەزىدە چاۋشەننىڭ سوتسىيالىزىمى بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ فېودالىزىمى مۇشتۇمدەك كاللىمىزنى قايدۇرىۋېتىدۇ. Qs%B'9")  
غەرپ كاپىتالىزىمىدا دۆلەتنى سۆيۈش ھەركەتلىرى ساماندەك بولۇپ تۇرىدۇ. ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرا كۈندە جىدەللىشىدۇ. بىراق ھۆكۈمەت ئالمىشىپ كەتمەيدۇ. چۈنكى ھوقوق ئىككىلا تەرەپتە بولىدۇ. ئاجىراشسا زىيان تارتىدىغان ئەر-خوتۇن ھەرگىز ئاجراشمايدۇ. \F{:5,Du)  
ئازاتلىق ھەركەتلىرى شەرق دۆلەتلىرىدە بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىۋاتىدۇ. يەنە قانچىلىك داۋاملىشىدۇ ؟ بۇنى بىر خۇدا، بىر شەرق بىلىدۇ. W3GNA""O  
شەرقتىكى ئازاتلىق نىڭ نۇرى ھەممىلا ئادەمگە نېسىپ بولمايدۇ. ئىدارە قىلغۇچى خادىملارنىڭ شەخسىيەتچىلىكى تۈپەيلى ئازاتلىق نىڭ لۇغەت مەنىسى شۇلارنىڭ تەرجىمىسىنى ئاساس قىلىدۇ. rzUlO5?R=  
مەسىلەن، شەرقتىكى مەلۇم دۆلەتتە ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرا ئوتتۇرىسىدا يەر سېتىش-سېتىۋېلىش ھەركىتى بولۇپ باھادا كېلىشەلمەپتۇ. چۈنكى قويغان باھا، بازار باھاسىدىن نەچچە ھەسسە تۆۋەن ئىكەن . pDl3!m  
بۇ زىمىن ئاۋۇ پۇقرانىڭ ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان بولۇپ، ئىگىدارلىق تارىخى ھازىرقى ھۆكۈمەتتىنمۇ ئۇزۇن ئىكەن. S\*`lJzPM  
ئۇلار باھادا كېلىشەلمەي ئاخىرىدا ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ۋەكىلى ھەل قىلغۇچ كوزۇرىنى ئىشقا ساپتۇ. بىز نۇرغۇن قان تۆكۈپ بۇ زىمىننى ئەكسىيەتچىلەرنىڭ قولىدىن ئازات قىلغان. يەر دۆلەتنىڭ... vUesV%9hq  
بۇنداق دەھشەتلىك نوپوز ئالدىدا كونا زاماندىكى ئەكسىيەتچى نىڭ بۈگۈنكى ۋارىسى تىترەپ كېتىپتۇ. سالاھىيىتى دۆلەتكە، مەنپەئەتى دۆلەتكە تەۋە بولمىغان بۇ پۇقرا ئازراق ۋاكالەتەن ساقلاش ھەققى ئېلىپ جىمىپتۇ. =r 9r~SR#  
شەرقتە ھۆكۈمران گۈرۈھ تۇرۇپ تۇرسۇن، ھەتتا ئۇنىڭ ئەزالىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشمۇ ئىستىخىيىلىك ھالدا چەكلىنىدۇ. بۇ شىكايەت دۆلەتنىڭ، خەلىقنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان بولسىمۇ يەنىلا دۆلەتكە، ھۆكۈمەتكە قارشى ھەركەت ھىساپلىنىدۇ. />44]A<  
كالىدىنمۇ دۆت، بۆرىدىنمۇ ئاچكۆز ئادەم ھۆكۈمەت خادىمى بولىۋالسا ئۇنى ئەقلى، ئەخلاقى ۋە جىسمانى جەھەتلەردىن ئىلغار ساناش كېرەك. چۈنكى شەرق ھاكىمىيىتى دۆلەتنىڭ ئۇنۋېرسال كۈچى بىلەن ئەشۇ پارازىتلارنى قوغدايدۇ. دۆلەتنىڭ دۈشمىنى ياغنىڭ ئىچىدىكى بۆرەكتەك ياشايدۇ. ;)Eo7?]-  
بىر دۆلەت قوغداۋاتقان دۆلەت دۈشمىنىنى پاش قىلىش، يولۋاسنىڭ يۈرىگىنى يىيىشتىنمۇ تەس. چۈنكى بۇنداق پاش-شىكايەتلەرنىڭ راۋاجى ئەڭ ئاخىرىدا دۆلەتكە قارشى تۇرۇش قا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇنداق يوغان جىنايەتتىن كىم قورقمايدۇ !؟ VIJ<``9[  
شۇڭا شەرقتىكى ئاتالمىش ئازاتلىق شەرقنى خوراتسا، غەرپتىكى دۆلەتنى سۆيۈش ئۇلارنى قۇدرەت تاپقۇزىدۇ. U;q];e:,=}  
شەرقتە مىليارتلىغان مەبلەغ سېلىنىپ دۆلەتنى ۋە ھاكىمىيەتنى سۆيۈش توغرۇلۇق توختىماي تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەمدى ئاۋۇ ئەكسىيەتچىنىڭ نەۋرىسىنى قانداق قىلغاندا دۆلەتنى سۆيۈدىغان، ھۆكۈمەتكە ئەگىشىدىغان قىلغىلى بولىدۇ ؟ .@F]Pht  
بۇنى شەرق بىلىدۇ. ئەمما بىلمەسكە سالىدۇ. `bjizS'^  
نىمە ئۈچۈن بىلمەسكە سالىدۇ ؟ ئەنسىرەيدۇ. شەرق دادىللىق بىلەن سىناپ باققان بولسا بۇنداق ئەنسىرەشنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى بايقىغان بولاتتى. /Q{P3:k  
نۇرغۇن دوستلار ئىككى دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئىدىلوگىيە پەرقى دەپ تەكىتلەشكە ئامراق. غەرپنى تولۇق چۈشەنمەيمەن. ئاڭلىسام رەڭدار ئىدىلوگىيە ئۇلاردا بايلىق ھىساپلىنارمىش. [*:6oo98'  
شەرقتە ئىدىيەنى بىر خىل رەڭدە قىلىش تەكىتلىنىدۇ. [`RX*OH2  
قارىماققا شەرق ئىدىلوگىيىسى تولىمۇ مۇلايىم ۋە يېقىشلىق. ئادەمنى مەپتۇن قىلىدۇ. ئەمما ئۇنىڭغا يېقىنلاشقاندا تېگى-تېگىدىن سېسىپ كەتكەن زوراۋانلىق بىلەن قۇلچىلىق ئادەمنى شۈركەندۈرىدۇ. /3B$(  
ئېلاستىكىلىققا ئىگە بۇ ئۇقۇم، گاھىدا پۇقرالىق ھوقوقىدىكى توقۇنۇشلار، دىنىي ئېتىقادتىكى مەسىلە-مەزھەپلەر ياكى مىللى مەسىلىلەر بىلەن ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ. )lk&z8;.=  
خۇدامۇ باشقۇرمايدىغان ئىدىيەنى شەرقلىقلەر بىر قاچا يۇندا بىلەن بېقىپ باشقۇرىدۇ. تاماخورلۇققا كۆندۈرىدۇ. ئۇنىڭغا كۆنمىسە بوينىدىن باغلاپ ھايۋاندەك مەجبۇرى باقىدۇ. rgmF:C  
ئوغرى، قاراقچى بىلەن بىر قاچىدا ھۆزورلۇنۇپ تاماق يەيدۇ. ئەمما ئىدىيىسى باشقىچىرەك ئادەمنىڭ قولىنىمۇ تۇتمايدۇ. قاتىلغا ھىسداشلىق قىلسىمۇ ئۇلارغا ھىسداشلىق قىلمايدۇ. كاپىرغا سالام قىلسىمۇ دىنداشكەنمىز دىمەيدۇ. ھۆكۈمران قاتلام خەلق ئىچىدىكى ئىدىيىسىدە مەسىلە بار ئادەملەرنى مىنۇت-سېكونت نازارەت قىلىدۇ. جايلاشنىڭ ئەپلىك پۇرسىتىنى ئىزدەيدۇ. ئىدىيىسىدىكى مەسىلە ئۈچۈن چاندۇرماي ئۆلتۈرىدۇ. ئۇمۇ ئەپلەشمىسە ئۇلارنى بىر ئۆمۈر زەرداپ يۇتۇپ ياشاشقا مەجبۇرلايدۇ. V'*~L\;pU  
دۇنيادا ئۇلاردەك يالغۇز ياشايدىغان ئادىمىزات بولمىسا كېرەك. ئۇلارنىڭ نورمال ئائىلىسى، خاتىرجەم كەلگۈسى بولمايدۇ. .\   
دۇنيادا نۇرغۇن ئەتىۋارلىق ھايۋانلار بارمىش. ب د ت دىگىنى پۇل، ئادەم ، ئورۇن چىقىرىپ ئۇلارنى كۈتىدىكەن. قوغدايدىكەن. پوقلىرىنى ئادالايدىكەن. پىتلىرىنى باقىدىكەن. B33$pUk  
ئەپسۇس ئاۋۇ ئادەملەر مۇنۇ مەخلۇقلار ئېرىشكەن كۈننىڭ يۈزدەن بىرىنى چۈشىدىمۇ كۆرەلمەيدۇ. X3'H`/  
ئۇلار ئاچلىقتىن ياكى كېسەللىكتىن ۋە ياكى تاساددىپىلىقتىن ئۆلۈپ قالماي ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلەلىسە خۇداغا شۈكرى ! <1%f@}+8  
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ھازىرقى دۇنيادا ئەيدىز كېسىلى دەپ ئاتىلىپ قېلىش بەك قورقۇنۇچلۇقمىش. ئەمما مېنىڭ نەزىرىمدە ئۇنىڭدىنمۇ قورقۇنۇشلىقى ئىدىيىسىدە مەسىلىسى بار دەپ ھىساپلىنىش. ^P151*=D  
ئوخشاش ئىدىيە، ئوخشاش كۆز قاراش، ئوخشاش پىكىرگە مەجبۇرلانغان جەمىيەت قانداق بولىدۇ ؟! @2'Mt}R>  
مەرھۇم دادامنىڭ دىيىشىچە، جاھاننى ئىككى خىل ئادەملەر قاپلاپ كېتىدىكەن. بىرى يەپ تويمايدىغان زالىم ھاكىملار، يەنە بىرى قوساق غېمىدىكى ئىككى پۇتلۇق ھايۋانلار. -'~ LjA(  
كاللىسى بىلەن يۈرىگى، ئاشقازانغا ئايلىنىپ كەتكەن ئادەمدىن نىمىنى كۈتىسىز !؟ ئۇنىڭدا دۆلەت، مىللەت، غۇرۇر-جاسارەت دىگەن ئۇقۇملار نىمىش قىلسۇن. ,^# yo6-  
شەرق مۇشۇ خىلدىكى ئىنسانلار تۈركىمىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىدىغان مۇنبەت تۇپراق بولۇپ قالارمۇ ؟! بۇ خىل ئاڭدىكى ئىنسانلار يامان كۈنلەردە ۋەتەن، دۆلەتنىڭ غېمىنى زىممىسىگە ئالارمۇ ؟ e[hcJz!D  
مانا بۇ شەرقتىكى قورقۇنۇچلۇق ۋە خەتەرلىك ئىدىلوگىيە مەسىلىسى. \=_{na_  
نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان شەرق نۇرغۇن مۈشكۈلاتلار ئىچىدە ئالغا كېتىۋاتىدۇ. ھەر-بىر شەرقلىق بۇ سەپەردە ئۆزىنىڭ ساپاسىغا لايىق شەرقنى خورىتىۋاتىدۇ ياكى قۇتقۇزۇپ قېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. EkziAON  
بۇ زىدىيەتلەر ئارىسىدا ئۇلار ئۈچۈن بىر نەرسىلا ئورتاق. bV,}Pp+/"!  
ئۇ بولسىمۇ زۇلمەتلىك دەۋرلەردىمۇ ئىتىپاق تۈزمىگەن خاتالىق ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ... LD!Q8"  
########################################## KEWTBBg  
2009-يىلى –ئاينىڭ- كۈنى جوڭگونىڭ تۇنجى ئىنسانىي ھوقوق ھەركەت پىلانى يولغا قويۇلغانلىقى جاكالاندى. `]%|f  
شىنجاڭدا تېلۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغان ئابدۇرېھىم ئابلەتخان ئىككىنچى كۈنى ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇ بۇ پىلانغا ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىن بىرىنچى بولۇپ ئاۋاز قوشتى. (DI>5.x"  
قىزىقارلىق يېرى، جوڭگودىكى بۇ مىسلىسىز يېڭىلىق ئۇ ئويلىغاندەك داغ-دۇغا پەيدا قىلمىدى. قىسقىسى جەمىيەت بۇ ھەركەتنىڭ قىممىتىنى ئازراقمۇ ھېس قىلمىدى. مانا مۇشۇنداق تەرەت سۈيىدەك ئىلمانلىق ئىچىدە ئابدۇرېھىم ئابلەتخان پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي بىرىنچى بولۇپ ئاۋاز قوشتى دىگەن شۆھرەتكە توسالغۇسىز ئىگە بولىۋالدى. A{A\RSZ0  
ئابدۇرېھىمنىڭ نەزىرىدە ئازاتلىقتىن بۇيانقى ھەرقانداق ئىسلاھاتنى بۇ قېتىمقى ھەركەتنىڭ قىممىتىگە سېلىشتۈرۈش مۈمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇيغۇر جەمىيتىگە نېسبەتەن بۇنداق بىرىنچى بولۇپ دىگەن ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىش تېخىمۇ يېڭىلىق ھېساپلىناتتى. <~WsD)=$  
بۈگۈن جوڭگو شەرقنى يېتەكلەش ئىرادىسىگە كەلدى. , N)/w1?I  
بۇ پىلان يولغا قويۇلغاندىن تا بۈگۈنگە قەدەر ئىنسانىي ھوقوق ھەركىتى نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ئىچىدە بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئىلگىرلىمەكتە. بۇ جەرياندا نۇرغۇن قانلىق بەدەللەر تۆلەندى. شەخسەن ئابدۇرېھىممۇ مۇستەقىل ئۆي-پىكىرگە ئىگە شەرقلىق سالاھىيىتى بىلەن تۆلەشكە تېگىشلىك بارلىق بەدەللەرنى تۆلىدى. 62zYRs\Y)X  
تېڭىرقاش ئىچىدىكى تىرىشچانلىق.....شەخسىيەتچىلىك رامكىسىدىكى تىرىشچانلىق، ئاخىرىدا ئومومىلىق ئىچىدىكى ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق بىلەن ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتتى. ajEjZ6  
2012-يىلى 4–ئاينىڭ 1– كۈنى تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلگەن جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى يولغا قويۇلدى. بۇ قانۇننىڭ 2 – ماددىسىغا ئىنسانىي ھوقوققا ھۆرمەت قىلىش دىگەن مەزمۇن قوشۇلدى . Hg=";,J  
شۇندىن بۇيان جوڭگودا ئىنسانىي ھوقوق ئۇقۇمى ئادەتتىكى نەزىريىۋى پىلاندىن تۇنجى قېتىم مۇستەھكەم قانۇن ماددىسىغا ئايلاندى. | AozR ~  
شەرقتىكى قەدىمىي مەدەنىيەتكە ئىگە چوڭ دۆلەت، ھاياتىي كۈچكە تولغان يېڭى دۇنيا قۇرۇشقا ئاتلاندى. oaIi2=Tf  
بۇ ۋەقە ئابدۇرېھىم ئابلەتخان ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئاي شارىغا بېسىلغان تۇنجى قەدىمىدىنمۇ قىممەتلىك ئىدى..... XzEc2)0'v  
ۋۇشۇي يىلىدىكى قانۇن ئۆزگەرتىشتىن باشلاپ ھىساپلىغاندىمۇ جوڭگودا نۇرغۇن قېتىملار ئىدىيە-ئاقارتىش ھەركەتلىرى بولۇپ ئۆتتى. )% ~OH  
ۋۇشۇي يىلىدىكى قانۇن ئۆزگەرتىشنى مىسالغا ئالساق شۇ قېتىم قانۇنغا يېزىپ قويۇپ، ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئىسلاھات سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئادەمنىڭ كاللىسى كېسىلدى. تەلىيى بارلىرى تەرەپ-تەرەپلەرگە قېچىپ جېنىنى قۇتۇلدۇردى. ئەمما بۇنىڭ بىلەن جوڭگودىكى گۈللىنىش ئىسلاھاتى توختاپ قالمىدى. تۆتىنچى ماي ھەركىتى، شىنخەي ئىنقىلاۋى، يېڭى جوڭگونىڭ قۇرۇلىشى، تۆت كىشىلىك گۇرۇھنىڭ يوقىتىلىشى، ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنىڭ يولغا قويۇلىشىدەك بىر قاتار ھەركەتلەردە جوڭگو خەلقى ئېگىلمەس-سۇنماس ئىرادە بىلەن ئۈزلۈكسىز بەدەل تۆلەش ھىسابىغا تارىخ سەھىپىسىدە يارقىن ئىزلارنى قالدۇردى. q!|*oUW  
دىمەك، مەلۇم تەرەپتىكى ئىسلاھات يولغا قويۇلدى دىيىش بىلەن ئەتىسىلا ئۆزگۈرۈش بولۇپ كېتىشى ناتايىن. |Uc_G13Y{D  
ئېقى قەغەز،قارىسى سىيا بولغان ئۆلۈك قانۇننى تىرىلدۈرۈش پەقەت ئەمەلىي ھەركەت ۋە ھىساپسىز بەدەللەر ھىساۋىغا قولغا كېلىدۇ. KbA?7^zo`  
جوڭگونىڭ ھاكىمىيەت ئورگانلىرى بىلەن پۇقرانىڭ ھوقوق تەقسىماتى ئەمەلىي بولالامدۇ ؟ مەيلى ھوقوقدار ياكى ئادەتتىكى پۇقرا بولسۇن ئۆز مەنپەئەتىنى ئومومىلىق ئاساسىدىكى ئىتىپاقلىق ئۈچۈن بەدەل قىلالامدۇ ؟ =A83W/4  
بىۋاستە شەخسى مەنپەئەتىمىزگە چېتىلىدىغان يۇقۇرقىدەك مەسىلىلەر ھەل بولغاندا، بىز دۇنياغا يېپ-يېڭى بىر دۆلەتنى تونۇتۇپ قويىمىز. 3h$6t7=C  
ئۇنداقتا، قانۇننىڭ ئادىللىقى ۋە ياكى ئىنسانىي ھوقوقنىڭ كاپالىتى دىگەنلەرنى ئوموملاشتۇرۇشقا كىم مەسئۇل بولىدۇ ؟ H|3:6x  
بۇ تولىمۇ كۈلكىلىك سوئال بولدى-دە.... "@iK'c^  
يەنە دەيدىغىنىمىز ئىلگىرى ئېيتقاندەك. دۆلەت قانۇنىنى قوغداش ياكى ئوموملاشتۇرۇش قانداقتۇ جامائەت خەۋپسىزلىكى ياكى قوراللىق ساقچىنىڭلا مەسئۇلىيىتى ئەمەس. بەلكى بۇ تۇپراقتا ياشاۋاتقان ھەر-بىر گىراژداننىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە دۆلەت بەرگەن شەرەپلىك ھوقوقى. DtXrWS/  
ساڭا تەقسىم قىلىنغان قويۇڭنى باشقىلار ماۋۇ سېنىڭ قويۇڭ دىمەيدۇ. سەن باشقىلارغا ماۋۇ مېنىڭ قويۇم دەيسەن. مانا بۇنى ھوقوق دەيمىز. bk;?9%TW  
بۇ ھوقوقنىڭ كۈچى بىلەن قوي سۆيۇپ، گۆش يەيمىز. دىلىغۇلدا بولساق ئۆيمۇ-ئۆي قاتراپ، .... تۆت ئانا قوي، ئىككى قوزام بار ئىدى. تارتىۋالدى... دەپ قاخشاپ يۈرۈيمىز. PQ5QA61  
قانۇنلۇق ھوقوقىغا ئىشەنمەيدىغان ئادەم، ماھىيەتتە ھوقوقىنىڭ راستلىقىغا ئىشەنمەيدۇ. ھوقوقىغا ئىشەنمىگەن ئادەم جەمىيەتكە ئىشەنمەيدۇ. جەمىيەتكە ئىشەنمىگەن ئادەم ئىدارە قىلغۇچى تارماقلارغا ئىشەنمەيدۇ. ئىشەنمەيدۇ....يەنە ئىشەنمەيدۇ. ئىشەنمەسلىك ئاممىۋىلىشىپ كەتسە شەخسىيەتچىلىك ئوموملىشىدۇ. 7z JRJ*NB  
بولدى يېتەر ! . بىزنىڭ قىمارنى ھارام دىگەن بىلەن تەلەي سىناپ ياشايدىغان ئادىتىمىز بار. ئەمدى بۇنداق ھايات قىمارغا ئوخشاشلا ھارام بولسۇن. .F   
دۆلەت بەرگەن ھوقوقنى مەھكەم قاماللاپ، مەنپەئەتىمىزنى، غۇرۇرىمىزنى قوغداشقا تىرىشىپ باقايلى. مەسئۇلىيىتىمىز توغرۇلۇق سۆزلەش ئارتۇقچە. چۈنكى ئۇ بىزدە يېتىپ ئاشقۇدەك بولغان. ئەمما گىراژدانلىق ھوقوقى توغرۇلۇق سۆزلەپ باقمىغان. + B B@OW  
ئەگەر ھەر دەرىجىلىك ھاكىمىيەت ئورۇنلىرى پۇقرادىن مەنىسىز رايىشلىقنى كۈتسە، ئاددى پۇقرامۇ قانۇننىڭ نوپوزىنى قوغداشنى خالىمىسا قانداق بولىدۇ ؟ ھەرقانداق قانۇن يەنىلا ئېقى قەغەز، قارىسى سىيا بولۇش تەغدىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ. بۇ ھوقوق جىنايى قىلمىشنىڭ تۇمشۇقىغا تەگمەي، دەۋاگەرنىڭ تۇمشۇقىغا يېنىپ تەگسە گىراژدانلىق ھوقوقىنى قوغداشتىن ئىبارەت مۇشكۈل سەپەر مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ. <D<4BnZ(  
تارىختىكى تەجرىبىلەردىن قارىغاندا بۇنداق ئىسلاھاتلارغا كۆپ سانلىق خەلق ئاۋاز قوشسىمۇ بىراق يەنە ئاز بىر قىسىم فېئوداللىزىم ئىدىيىسىدىكى مۇتەئەسسىپ ئۇنسۇرلار قارشى چىقىدۇ. ئاشكارا قارشى چىقمىسىمۇ ھوقوقىدىن پايدىلىنىپ ھەر-خىل ئاماللار بىلەن دۆلەتنىڭ ئىستىقبالىغا، ئەلنىڭ رايىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ ئۆزگۈرۈشلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. We$:&K0  
يەنە بەزى رادىكال دىموكىراتىيە تەرەپدارلىرى توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلاپ دۆلەت ئوبرازىغا قارا سۈركەشنى قەستلەيدۇ. $PTP/^  
شۇنىسى ئېنىق. قوللاش بىلەن بۇزغۇنچىلىق ئارىسىدىكى زىدىيەت ئاخىرقى ھېساپتا ئەل رايى تەرەپدارلىرىنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياقلىشىدۇ. ئىسلاھات دەۋرىدىكى بۇزغۇنچىلار جىنايىتىگە يارىشا ھەققانىيەتنىڭ سوتىغا ئۇچراش تەغدىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ. UO0{):w>  
تومۇريول مىنىستىرلىكىنىڭ سابىق مىنىستىرى توختۇتۇپ قويۇلدى. ئەڭ ھوقوقدار ئورۇن سىياسى بىيرونىڭ ئەزاسى قولغا ئېلىندى. چەتئەلگە قېچىپ كەتكەن چىرىكلەشتۈرگۈچى ئۇنسۇر تۇتۇپ كېلىندى. سابىق مۇقىملىقنى قوغداش تۆھپىكارى، ۋىلايەتلىك پارتىكومنىڭ پارىخور سېكرىتارى تەكشۈرۈشكە تاپشۇرۇلدى. y"bByd|6  
جوڭگونىڭ قانۇنچىلىق قۇرۇلىشى تەكىتلەنگەندىن بۇيانقى كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك بۇ ۋەقەلەر نۆۋەتتىكى قانۇنچىلىق خىزمىتىنىڭ قۇرۇق شوئار ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. بۇلاردىن مەركىزىي كومىتىتنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدە كەسكىن قارارغا كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىۋالغىلى بولىدۇ. >7lx=Tx  
جەمىيەتتىكى كۈنسېرى ئېغىرلاپ كېتىۋاتقان پۇرچاق پەلىزىدەك بىر تۇتاش پارىخورلۇقتىن سەسكەنگەن ئىدىم. XewVcRo  
يۇقۇرى-تۆۋەن گۇرۇھ شەكىللەندۈرۈپ ئاۋامنىڭ نالىسىغا پەرۋا قىلماي باستۇرۋېتىشتەك خىزمەت پوزىتسىيىسىدىن تېڭىرقاپ قالغان ئىدىم. `Nz/O h7  
قانۇندىن ۋەزخانلىق قىلىپ قانۇننى بۇلغايدىغان قىلمىشلارغا كېكىرىپ، جەمىيەتتىن ئۈمۈتسىزلەنگەن ئىدىم. fd +hA  
ئېغىزىدا مۇقىملىق شوئارىنى كانىيى يىرتىلغۇدەك توۋلاپ، قولىدا چاندۇرماستىن مۇقىمسىزلىق ئۇرىقىنى چېچىشلاردىن يۈرەك كېسەل بولۇپ كەتكەن ئىدىم. LLk(l#K*  
كۆز ئالدىمدىكى تۇمان تارقاپ كەتتى. كۆڭلۈمدىكى گۇمان تۈگۈنلىرى يېشىلىپ كەتتى. u$DHVRrF<  
يۇقۇرقىدەك پاكىتلار مەركىزىي كومىتىت بىلەن بىزنىڭ ئورتاق قايغۇ ۋە ئارزۇدا ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. بىزنى قىسمەن بىنورمال قىلمىشلار ئىچىدە تېڭىرقاپ قالماستىن مەركەزگە ئىشىنىشكە ئۈندەيدۇ. HJLu'KY }  
بەزى دوست ياكى دۈشمەنلەر جوڭگودىكى ئاساسلىق خەۋپنى غەرپ كۈچلىرى ياكى تېرورىزىم دىگەندەك تەرەپلەردىن ئىزدەيدۇ. JJP08 oP  
بۇ ماھىيەتلىك مەسىلىنى مەخسەتلىك يوشۇرۇپ، قىسمەنلىكنى كۆپتۈرۋېتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى خەلق بىلەن ھاكىمىيەت بىرلەشكەن كۈنى، غەرپتىن ئون-يىگىرمىسى كەلسىمۇ بىزنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ. ئىلگىرىمۇ قىلالمىغان. )U~=Pf"  
تېرورىزىم دۇنيانى ھېچنىمە قىلالمىدى. بىزنىمۇ ھېچنىمە قىلالمايدۇ. kE:nsXI)  
ئۇنداقتا دۆلەتنى كىم خاراپ قىلالايدۇ ؟! (KFCs^x7wG  
يولداش دېڭ شاۋپىڭنىڭ ۋەسىيىتىدە بۇ مەسىلىگە ئاللىقاچان جاۋاپ بېرىپ بولۇنغان. )Ub_@)X3%l  
جوڭگودا مەسىلە كۆرۈلسا، كومىنىستىك پارتىيەدىن كۆرۈلىدۇ. v4u5yy_;(  
بىر كەنتنىڭ باشلىقى چىرىكلەشسە بىر كەنىتتىكى نەچچە مىڭ پۇقرانىڭ پارتىيەگە بولغان قارىشىدا خاتالىق پەيدا بولىدۇ. بىر شەھەر باشلىغى چىرىكلەشسە شەھەردىكى تۈمەنلىگەن پۇقرانىڭ دۆلەتكە بولغان ساداقىتى سۇسلىشىدۇ. چۈنكى رەھبەرلەرنىڭ ھەممىسى پارتىيىلىك بولىدۇ. بۇنداق ھوقوق قاتلاملىرىدىكى چىرىكلىك ئاخىرىدا ئومومى جەمىيەتنى ۋەيران قىلىدۇ. T ? $:'XJ  
ئۇ چاغدا غەرپ بىلەن تېرورىزىم بىكار ئولتۇرۇپ، پاراڭ سالىدۇ. چۈنكى ئىشنىڭ ھەممىسىنى پارتىيىلىك تونىغا ئورىنىۋالغان ئەشۇ ئىچكى قسىىمدىكى خائىنلار ئورۇنلاپ بولىدۇ. -Kq5i  
ئۇلار قانداق ئورۇنلايدۇ ؟! /I1h2 E  
يۇقۇرىنىڭ خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرى يىغىن زاللىرىدا بېسىقماي سۆزلىنىدۇ. ئەمما ئىجرا قىلىدىغان قاتلامدا سىياسەتكە لايىق جۈرئەت، مەركەزگە بولغان ساداقەت بولمىسا ئېتى ئايپاشا، قىلىغى تامماشا بولۇپ قالىدۇ. 5>CEl2mSl  
مەسىلەن كىچىككىنە مىسال ئالساق، مەركەز ۋە نازارەت تۆۋەن يىللىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاپشۇرىقىنى توختىتىشنى بۇيرۇپ سىياسەت چۈشۈردى. ئەمما تۆۋەندىكىلەر "غىرت"مۇ قىلمىدى. تاپشۇرۇقتا ئۆزگۈرۈش بولمىدى. يىلدىن ئاشتى، سىياسەت ئۇنتۇلۇپمۇ كەتتى. qAAX;N  
باشقا چوڭ مەزمۇنلاردا قاتارىسىغا مىسال كەلتۈرۈشنىڭ زۆرۆرىيىتى يوق. چۈنكى يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە تەگمەيدىغان ئەشۇ تاپشۇرۇق سىياسىتى بېسىلىپ قالغان يەردە ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك باشقا سىياسەتلەرنىڭ تەغدىرىگە باش قاتۇرمىساقمۇ بولار. oI=fx Sjd  
مەركەز چۈشۈرگەن مەبلەغكە، خەلىق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىقتىسادقا چىرىكلىشىدۇ. ئەشۇ نەچچە مىڭ، نەچچە مىليون پۇقرانىڭ كەلگۈسى تەغدىرىگە چېتىلىدىغان كوللىكتىپ ئىگىدارلىقىدىكى تېرىلغۇ يەر، ئورمانلارنى ساتىدۇ. مەركەزنىڭ دېھقانلار تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن سالغان مەبلىغىنىدىن چوتا ئايرىشقا چاپىدۇ. بۇ خىلدىكى سودا-سېتىقلار ھەرگىزمۇ ئەركىن بازاردىكى نورمال سودىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭ ھەر-خىل نامدىكى ئاتالغۇلىرى، ئادەم ئويلاشتىنمۇ ئېرىنىدىغان سەۋەپلىرى بولىدۇ. ;1:Js0=;H  
ئۇلار يۇقۇرىنىڭ دىققىتىنى مۇقىمسىزلىق دىگەن ئاتالغۇغا بۇراپ قويىدۇ. ھىسداشلىققا، قوللاشقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇ يەر بۇ يېرىنى بىرەر سەۋەپ بىلەن يارا قىلىدۇ. مۇقىمسىزلىق كۆرۈلگەن جايدا كىممۇ پارىخورلۇققا دىققەت قىلىدۇ دەيسىز. بۇ تەدبىر بىلەن كۈنلۈكنىڭ ئاستىدا ئاپتاپ كۆرمەي خاتىرجەم يەپ ياتىدۇ. RZHd9v$  
تۆت تال تېرورچى، تۆت تۈمەن بولسىمۇ ئۇلارنى يوقۇتۇشقا قۇدرىتىمىز تامامەن يېتىدۇ. ئەمما يا خۇدانى تونۇمايدىغان، ياكى پارتىيەنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىمايدىغان پارتىيىلىكلەر غولداپ كەتسە بىزنىڭ چامىمىز يېتەمدۇ !؟ u -;_y='m  
دۆلەت ئۈچۈن ئەشۇ بىر نەچچە تال چۈپرەندە مۇھىممۇ ياكى تۈمەنلىگەن دېھقان مۇھىممۇ ؟ Fgp]l2*  
بۇ نەچچە تال چۈپرەندە يوقالغانغا كۈن غەرپتىن چىقمايدۇ. ئەمما تۈمەن خەلقنىڭ ئىشەنچى يوقالغان كۈنى، كۈن چوقۇم غەرپتىن چىقىدۇ. E;Y;z  
يەرلىك مەمۇرلار ئەرز قىلغۇچىلارنى ئۈرۈمچىدىن ھەتتا پايتەختتىن يالاپ قايتۇرۇپ كېلەلەيدۇ. نىمە ئۈچۈن مەركەز دەۋاگەر ئاممىنى يەرلىكتىن ئۇرۇمچىگە ياكى بېيجىڭغا ئاپىرالمايدۇ ؟! مەركەز يامانمۇ ؟ يەرلىك يامانمۇ ؟! C1 jHz  
ئەجەبا مەركەزنىڭ كۈچى، يەرلىك مەمۇرى ئاپاراتلارغا يەتمەيدىغان بولۇپ قالدىمۇ ؟ S'4(0j  
دانا رەھبەرنىڭ ۋەسىيىتىنىڭ قانچىلىك ئاچچىق بولىشىدىن قەتئىنەزەر، ئەمەلىيەتتە ئۇ جوڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە نېسبەتەن ئەڭ ئىلمى ۋە توغرا يەكۈن. ,eTUhK  
جوڭگو دەل مۇشۇ ماھىيەتلىك سەۋەپ-نەتىجىنى ئەمەلىيەت جەرياندا قوللىنىپ مىليارت پۇقرانىڭ مەنپەئەتىنى مىليون ھوقوقدارنىڭ ئۈستىگە قويدى. يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلار بىلەن تۆۋەندىكى ئاددى خەلىقتىن ئىبارەت ئىككى ئەمچەكنى ئېمىپ ياشاۋاتقان چىرىك ئۇنسۇرلارنى يوقۇتۇش قارارىغا كەلدى. -*$HddD  
بۇ ھەرگىزمۇ قىسقا مۇساپىلىك جەريان ئەمەس. بەلكى ئۇزۇنغا سوزۇلغان جاپالىق كۈرەش. مائارىپتىن يېزا ئىگىلىكىگىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكىدىن سودا-سانائەتكىچە ..... ئېلىپ بېرىلىدىغان گىرەلەشمە خەلق ئۇرۇشى. بۇ كۈرەشتە ئالدىراقسانلىق قىلىشقا بولمىغاندەك يۇمشاق قوللۇق قىلىشقىمۇ بولمايدۇ. ئەسلىنى ئۇنتۇپ، ھاكىمىيەتكە خائىنلىق قىلىۋاتقان بۇنداق دۈشمەن كۈچلەرگە پۇرسەت بېرىش دۆلەتنىڭ مۇقۇملىقىغا تەھدىد، ئاۋامنىڭ بەختىگە زۇلۇم ! n@C[@?D  
o=50>$5jlS  
F({HP)9b  
شەرق قىزاردى، DVSL [p?_  
كۈن چىقتى...... 5Ow[~p"l<  
yf[~Yl>Ogw  
r[4tPk  
قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت. \/: {)T~  
Abdurehim ablathan ldiD2 Q  
2012-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى .   RxI(:i?  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-08-06, 21:15
 
kitabpurux
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7612

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   15 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   900 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   90 (قېتم)
 تۆھپە:   90  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5094
 سائەت
دەرىجىسى:
5094 سائەت 176 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-19
ئاخــىرقىسى:2013-01-03
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-02

يەنە بىر جەۋھەر يازما !
 
abdulquddus
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1874

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   390 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   21500 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1903 (قېتم)
 تۆھپە:   1852  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 15289
 سائەت
دەرىجىسى:
15289 سائەت 101 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-07
ئاخــىرقىسى:2013-01-28
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-03
!

بارىكاللا! sH{4Y-J  
ئالە ساڭا يەنە ئىككى بارىكاللا!!! =/s>Q l  
بىر تەرەپتىن تېرورىزىم قالپىغى، بىر تەرەپتىن مۇقىملىق شۇئارى! * @ 3Ag(  
ئىنساننىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولمىسا جەمىيەت مۇقىم بولامدۇ؟ بۇ سەۋەپنى ئىچكى تەڭپۇڭسىزلىقتىن ئىزدېمەي ، ھە دېگەندە تاشقى دۇنياغا باغلاپ مەسىلە ھەل قىلىشقا ئۇرۇنسا ، «جاراھەتنىڭ سەۋەبى » گە قانداقمۇ توغرا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟؟؟ s}w{:Hk,x8  

 
ئانا تىلىم -- جان تىلىم
danko
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.10735

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   150 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   15 (قېتم)
 تۆھپە:   15  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-08-08
ئاخــىرقىسى:2012-08-08
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-08-08

كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى ئۆسكەندىلا ئاندىن ‹‹شەرق›› قىزىرالايدۇ
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى