«ئۈزۈلمەس مىلودىيە»پىروگىراممىسىغا تەنقىد v&(X&q
ئوبىزور pFSVSSQRV|
پەرھات مۇھەممەتئىمىن.
~}4o=O( مەركىزى خەلق رادىئۇ ئىستانسىنىڭ يولغا قۇيغان ،ئۇيغۇر تىلىدىكى رادىئۇ پىروگىراممىلىرى- بىر ئىغىز لىللا گەپ قىلغاندا ،رايۇنىمىز ئىچىدىكى ۋە سىرتىدىكى ، تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ ھەر قاندىقىنىڭ ئەڭ ياخشىىسى ۋە ئەڭ نەمۇنىسى.- ئۇ مەيلى يېزىق شەكىلدە ئىپادە قىلىنغان گىزىت -ژورنال، مىدىئە ۋاستىسى بولسۇن ياكى كۆپ ۋاستە سانالمىش ئاۋازلىق، سۈرەتلىك تارقىتىش ۋاستىلىرى بولسۇن ۋە ياكى ئۇچۇر سانالمىش تور ،تېلىۋىزىيە ۋاستىسى بولسۇن ھەر قانداق ئانا تىلدىكى تىلىۋىزىيە ، گىزىت، رادىئۇ قاناللىرىنىڭ ھەممىسدىن ئەڭ ياخشى چىقىۋاتقان ۋە ئەڭ سۈپەتلىك ، شۇنداقلا خەلقىمىزنىڭ ئەڭ سۈيۈپ ئاڭلىشىغا ۋە ياقتۇرىشىغا مۇيەسسەر بۇلىۋاتقان، بىردىنبىر تەشۋىقى ۋاستە .
.jr1<LE بۇنى ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر تىلىنى چۈشىنىدىغان ۋە ئۈزىنى ئۇيغۇر ھىسابلايدىغان كىشى ئۈزى كور ۋە گاس بولمىسىلا ئىنىقلا ئىلغا قىلالايدۇ.
]t1)8v2w> شۇ سەۋەبتىن مەن بۇ سەپتىكى بارلىق ئەزىز تۆھپىكارلارغا ۋە بارلىق خادىملارغا ئەڭ ئالى ئىھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن . ئۇلۇغ تەڭرىم ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت ۋە مۇۋەپىقىيەت ئاتا قىلسۇن.
<_ */ ئەمدى مەن بۇ يەردە بۈگۈن مۇشۇ رادىئۇ پىروگىراممىلىرىنىڭ كۈڭۈل ئىچىشنى ئاساس قىلغان تۈردىكى پىروگىرامما ، سىڭلىمىز زۇبەيدە تۇرسۇن ۋە مالىك (يەنى بىر ئىسمىنى ئىسھاق دىيىشىدۇ،مۇشۇ يەردە ئېغىر كەتسىمۇ دەپ قويسام يا مالىكنى ياكى ئىسھاقنىڭ بىرىنى ئىشلەتسە.مەنغۇ رادىئۇدا مالىك دەپ ئاڭلاپ كەلدىم. مىنىڭچىمۇ مالىكتۇ.ئەمما بەزى يەرلەردە شۇنداق يەنە بىرسى چىقىپ قىلىۋاتىدۇ.بۇلۇپمۇ تورلاردا. شۇڭا ئەڭ ياخشىىسى قۇلاققا ئەرزان توۋلاپ قويغىنى بەك راھەت ۋە ھەقىقى ، شۇ نىمە بولسا شۇنى ئىشلەتكەن تۈزۈك ) رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان «ئۈزۈلمەس مىلودىيە» ناخشىا قانىلىغا تەنقىدىمنى ۋە ھىس قىلغىنىمنى بىلدۈرۈپ قۇيۇشنى مۇۋاپىق تاپتىم.
j&fr4t3 مەن بۇنى 2-ئايدىلا يەتكۈزۈپ قۇيۇشنى ئويلاپ مۇناسىۋەتىك خادىم زۇبەيدەگە ئالاقە قىلىپ ۋرد نۇسخىسنى ئەۋەتىپ بىرەي دىگەنتىم. لىكىن مەن ناتۇنۇش بولغاچ« ئۈزىڭىز كىم بۇلىسىزكىن، كەسپى ئىشلار بولسا مۇشۇ بىلوگ يۈزىدە دىيىشسەك » دەپ ئىنكاس قايىتتى . شۇ ۋەجىدىن بۇنى يوللاپ بىرەلمىدىم.ئەمدى بۈگۈن مەن بۇنى تور يۈزىدە بىراقلا ئىلان قىلدىم . مۇناسىۋەتلىك خادىم ھىسابلانغان زۇبەيدە ، مالىك ۋە مەردان مۇھەممەت ، شۇنداقلا ئارقا سەپتە خىزمەت قىلىدىغان مۇناسىۋەتلىك خادىملار بۇنى بىلىۋالسا.
Sct-,K%i بېشىدا دەپ قۇيايكى ،مەن بۇ يەردە شىرىن شىكەر ياغلىما سۆزلەر بىلەن مەدىھيە ناخشىسى ئۇقىۋاتمايمەن. بەلكى مۇشۇ پىروگىرامما ھەققىدە ئۆز پىكىرلىرىمنى بىلدۈرۋاتىمەن. شۇڭا سۆزلىرىم راستىنلا ئۇنچىلىك يۇمشاق ۋە تاتلىق ،يىنىڭ ئەمەس. ئاڭلىماققا سەل بىۋاستە ۋە قاتتىق. ئەمما بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۇنداق قاتتىق ئەمەس بەك شىرىن.. مەن بۇ ئارقىلىق يۇقۇردا ئىسمى چىققان بىر قانچەيلەننىڭ نىمە ئىش قىلغانلىقىنى بۇ پىكىرىمگە قاراپ تىپىپ چىقىشىنى ۋە تېخىمۇ مۇكەممەلشتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىپ قالىمەن.
qPE(Lt1 2{p`"xX پىروگىرامما قۇرۇلمىسىدىكى مەسىلىلەر
U3kf$nbV/J پىروگىرامما قۇرۇلمىسى بەك چۇۋالچاق ،پىروگىراممىدا ئاڭلىتىلىۋاتقان ناخشىلار مۇددىئاسىز ۋە نىشانسىز تاللىنىپ كەلمەكتە. يەنە زادى قانداقراق ناخشىلارنى تاللاپ ئاڭلىتىش بۇلارغا نىسبەتەن تازا ئىنىق ئەمەس. بۇنى زادى نىمە ئۈچۈن ئاڭلىتىدۇ؟نىمە سەۋەب بىلەن تاللاندى؟ بۇ تەرەپمۇ مۈجمەل. بۇنىڭغا نىسبەتەن بەزىدە ئانچە-مۇنچە چۈشەندۈرۈش بەرگەندىن باشقا ھېچنىمىنى ئۇچىراتقىلى بولمايدۇ. يا ئاممىبابلىقنى يا زامانىۋىلىقنى ۋە خەلقچىللىقنى ياكى ئۆزگىچە ئۇسلۇبنى ياكى ئىجادىكارلىقىنى ئىنىق ئايرىش بەك قىيىن. پەقەت بىر قانچە ناخشا تىزىلىدۇ .شۇنىڭغا قارا پ زۇبەيدە ۋە مالىكلار ئۈزىنىڭ ھىسىسى قۇشاقلىرى ياكى ئاددى چۈشەنچىلىرى بىلەن ئىزاھ بىرىدۇ. نەتىجىدە ناخشا چىقىشقا باشلايدۇ.يەنە بەزىدە ئۇلارنىڭ ئاڭلىغۇچىلارغا قارىتا تۇقىۋالغان بەزى سەۋەبلىرى بەك كۈلكىلىك –يەنى سەمەت خۇجايىن ماشىنا ھەيدىگەندە ياكى ھەيدىمىگەندە دىگەندەك بىمەنە قىستۇرمىلىرىمۇ بار.
=]xNpX) توغرا سىزلەر كۈڭۈل ئېچىش پىروگىراممىسى ئىشلەۋاتىسىز. ئەجىبا كۈڭۈل ئېچىش دەپ ئۇدۇللا كەلگەن ھىسياتىڭىز ۋە چۈشەنچىڭىز بۇيىنچە ناخشا تاللىسىڭىز ، ياكى سىز خالىسڭىزلا تارقاتسىڭىز ھىساپ بۇلامدۇ؟ ئەجىبا سىز تارقىتىۋاتقان بۇ ناخشىلار شەخسى بىرەر تىلىفۇنچىنىڭ كومپىيۇتىرىدىكى ناخشىمۇ،ئەكەپلا ئاڭلىتىدىغان. بەزىدە شۇنچە ياخشى ناخشىلار بۇلۇڭدا قالىدۇ .ئەبجەش ناخشىچىلارنىڭ ناخشىسى ۋە ئەبجەش ناخشىلار تارقىلىرىۋىرىدۇ. بۇ ئەلۋەتتە مەسئۇل مۇھەرىرى بۇلىۋاتقان مەردان مۇھەممەت تاتلىق ۋە پىروگىرامما تەييارلاۋاتقان زۇبەيدەدىكى مەسىلە . ھەم يەنە بىر تەرىپى بۇ پىروگىراممىنىڭ نازارەتچىلىكىنى قىلىۋاتقان مەركەزدىكى خادىمغىمۇ تاقىلىدۇ.
"XC6 l4Z بۇنداق دىسەم ناخشىلارنىڭ ھەممىسى شۇنداقمىكى دەپ قالماڭ. بەزى يىڭىلىق ۋە ئىجادىلىق بار. لىكىن بەك ئاز. بەزىدە ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ دىگەننىڭ ناخشىسى قۇيىلىرۋەرگەن بەزىدە شىرئەلى غېنىنىڭ قۇيۇلغان. ئاتاقلىق ناخشچىلىرىمىز ھىسابلانغان مەرھۇم غىياسىدىن بارات، ئەبەيدۇللام توختى، ئابلىز شاكىرى ، مۇساجان نۇرۇز ، پاشاقىز ھەدە ، رابىيە مۇھەممەت ، ئايشەم ھەدە ، مەرھۇم داۋۇتجان ناسىرى ، شۇنداقلا ئۇستاز سەنئەتكارلاردىن. ئىجادىيەتچى كومپىزۇتۇرلاردىن قۇددۇس غۇجاميارۇۋ، ئۈمەرجان نۇرۇز، ئىسكەندەر سەيپۇللا ، ياسىن مۇخپۇل، ئىمىنجان يۈسۈپ، مەرھۇم ھېكىم ھەسەن قاتارلىق ئىسىل سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ ناخشىلىرى ۋە ئىجادىيەتلىرى بەك تەس ئۇچىرايدۇ.
{yt]7^ بۇنداق دىسەم ،بەلكىم ئالدىمغا مەزكۇر پىروگىراممىنى ئىشلىگۈچىلەر «ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھازىر بولمىسا ياكى بەك بۇرۇن ئۆتكەن ئۇلارنىڭ ناخشسىنى ھازىر نەدىن تاپىمىز دىيىشى تۇرغانلا گەپ»، ئەمدى جاۋاپ بىرەيكى ئۇلار ھازىر بولمىغىنى بىلەن ئۇلارنىڭ ئۆلمەس ئەسەرلىرى ۋە ئەل ئىچىدىكى بىزگە قالدۇرغان مىراسلىرى تېخى ھايات، ۋە تاپقىلى بۇلىدۇ. دىمەك بۇ پىروگىرامما بۈلۈمىدىكى خىزمەتچىلەر بۇنداق بىر ئاڭلىتىشنى خىيال قىلمىغان ياكى تىپىپ بۇلالمىغان ۋە ياكى ئەھمىيەتسىز ھىسابلىغان بۇلىشى تەبىئى .
.&@|)u ياش ئوتتۇرا ياش سەنئەتكارلىرىمىزدىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ، مەخمۇت سۇلايمان ، تاش مۇھەممەت باتۇر، سەنۇبەر تۇرسۇن، قەھىرمان قەييۇم. ئەركىن ئابدۇللا ،ئەكبەر قەھىرمان ، مەۋلان مۇھەممەت. گۈلباھار رېھىم ئابلاجان ئاۋۇت (چوڭى . يەنى رىئال ماھىرى) قاتارلىق ئەل چولپانلىرىنىڭ ناخشىلىرى ھەر ھالدا بار ئەمما يىتەرلىك ئەمەس. ھەم ئىجادىيەتچى، ئوتتۇرا ياشلىق كومپىزۇتۇرلاردىن ئىسكەندەر سەمەت ،ئابلەت ئابلىكىم ، مەۋلان مەمتىمىن ،قاتارلىقلارنىڭ ناخشىسىمۇ يوق دىيەرلىك . ياشلاردىن،مۆمىنجان ، شىرئەلى ئەلتىكىن ۋە مىرسۇلتان غىياسىدىن بارات، ئۈمەر قۇربان،ئىليار ئېزىز قاتارلىق ئۆزگىچە تىپلارنىڭ ناخشىلىرىمۇ يوق دىيەرلىك. دىمەك بۇنداق مىسالغا ئالساق بەك كۆپ . شۇڭا پىروگىرامما ئىشلىگۈچى ئاۋۋال بەكراق ئاڭلاش ۋە پەرىق ئىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش لازىم.
mu"]B] &1Cq+YpI پىروگىرامما ئىشلىگۈچى خادىمدىكى مەسىلىلەر
n#J$=@ مىنىڭ كۈزىتىشىمچە پىروگىرامما ئىشلەۋاتقان زۇبەيدە ۋە مالىك باشچىلىقىدىكى خادىملاردا كەسپى ساپا ناھايتى ياخشى بۇنى ئىنكار قىلمايمەن. مەن مەيلى سىڭلىمىز زۇبەيدە بولسۇن ياكى مالىك بولسۇن ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئاۋازىنى قەۋەت ياقتۇرىمەن. ئۇلار رىياسەتچىگە ماسلاشقان ئاۋازخاسلىقىغا ۋە جەزبىدارلىققا ئىگە . بۇ ھەممىگە ئايان .
_&(ij(H ئەمما ئىنىق ئىتىراق قىلىش كىرەككى -ئۇلارنىڭ قەلەم تەۋرىتىش .ئىقتىدارى جۈملىدىن مۇستەقىل پىروگىرامما مەزمۇنىنى يىزىش ئىقتىدارى تۈۋەن دىسەك بۇلىدۇ. ئۇبدان زەن سىلىپ باقىدىغان بولساق مەيلى ناخشىلام ئاڭلىتىدىغان كۈڭۈل ئىچىش پىروگىراممىسى بولسۇن ياكى مۇھىم ھالەتتىكى ئاخبارات قىززىق تىمىلىرى بولسۇن ئەڭ ئاۋۋال قەلەم بىلەن ئاققا يەنى ئاق قەغەزگە يېزىلىدۇ . ئۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ئىشلىنىدىغان گەپ. ھەم مۇنداق بىر گۇرۇپىدا خىزمەر قىلىۋاتقان خادىمنىڭ ھەر قاندىقىدا ئۈزىگە مۇستەقىل تەۋە بولغان بىرەر ئەسىرى بۇلۇپمۇ ناخشىغا ئائىت پىروگىرامما بولغاچ شۇنىڭغا ئائىت مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلاردا ئەسىرى بۇلۇش ئەقەللى مەسىلە. ئەمما سىز ياكى كىم زۇبەيدە تۇرسۇن، مالىك ۋە مەردان مۇھەممەت تاتلىق دىگەنلەرنىڭ ئەسىرىنى ئۇچىرىتىپ باقتى؟
E=QL4*? دىمەك مۇشۇ سەۋەبنىڭ ئۈزىلا ئۇلارنىڭ پەقەت كەسپى خادىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. يەنى رىياسەتچى ياكى ئاۋاز ئالغۇچى ، لىكىن ئەپسۇسلىنىدىغان تەرىپىمىز ئۇلار مۇشۇ پىروگىراممىنىڭ ئىشلىگۈچىسى ۋە مەسئۇل مۇھەرىرى. بۇنى شۇ پىروگىراممىنىڭ ئاخىردىكى مەزمۇندىن بىلەلەيسىز. بۇ گۇرۇپىدا رەسمى سەنئەت ۋە ناخشىنى چۈشىنىدىغان ، راۋرۇس قەلىمى كۈچلۈك . پەرىق ئىتىش ئىقتىدارى يىتىلگەن بىرەر پىروگىرامما يازغۇچىسى يەنى ئىشلىگۈچى ۋە مەسئۇل مۇھەررىر ۋە پىلانلىغۇچى يوق .
3:Z(tM&-O يەنە بىر مەسىلە خادىملارنىڭ بىكاردىن بىكار قىستۇرۋالىدىغان ئۈزۈلمەس مىلودىيە تىمىسىدىكى قىستۇرما كۈچەيىتمە ناخشىلىرى ۋە پارچە ئارىلاشما گەپ سۆزلىرى . ئەلۋەتتە گەپ بۇلىشى كىرەك ئەمما بۇ گەپ چۇقۇم شۇنداق بىر يارىشىملىق تاتلىق گەپ بۇلۇش كىرەككى ئۇ خۇددى تاماقنىڭ تۇزىدەك ، لەڭمەننىڭ سېيىدەك ماس كىلىشى زۈرۈر. ئۈزى قىسقا ۋە ئۆلچەملىك ئۇيغۇر تىلىدا بۇلىشىمۇ لازىم .
7abq3OK+` مەزكۇر «ئۈزۈلمەس مىلودىيە » نامنى قوللىنىش نىشانىنىڭ تۇراقسىزلىقى ۋە ئىنىقسىزلىقى.بۇ نام زادى نەدىن كەلدى؟ ئەجىبا بۇ نامنى قولانغان بۇ پىروگىرامما سۈزىدە مىلودىيە ئىبارىسى ئالاھىدە ئۇچىرايدۇ. دىمەك بۇ نام مىنىڭچە ئىلگىرىكى مىلودىيە نامىدىن كەلگەنلىكى ئىنىق. يەنى مىلودىيە سېتۇدىيسى دەپ ئاتالغان مەۋلان مۇھەممەت تاتلىق نامىدىكى بىر سىتۇدىيە نامى رادىئۇ نامى بۇلۇپ قالغان. بۇپتۇ بۇمۇ مەيلى ، ئەجىبا مىلودىيە دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى ناخشا دىگەننىلا بىلدۈرەمدۇ؟ نىمە ئۈچۈن نادىر مۇزىكىلار كۆپرەك قۇيۇلمايدۇ. دىمەك بۇنىڭغا ھېچكىم ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. يا مىلودىيەنىڭ ھەقىقى ئىنىقلىمىسىنى تاپقىلى بولمايدۇ. شۇڭلاشقا بۇ پىروگىراممىنى پەقەتلا mp3 ئاڭلايدىغان بىر خىل ناخشا تىزمىسى دىگەن تۈزۈك.
bLV@Ts ئۇدۇل سوراپ باقايلى پىروگىرامما يەتمەكچى بولغان ئاساسى مەقسەت زادى كۈڭۈل ئىچىشلىمۇ ياكى بۇ ئارقىلىق ئازىراق ئادىمىلىكنى ۋە ئىنسانى ئەخلاق پەزىلەتنى قىسقىسى مىللى گۈزەل ئادەتنى تەشۋىق قىلىش ئادىتىمۇ بارمۇ؟ ئەگەر سىلەر بۇ سۇئالغا نىسبەتەن بىز پەقەت كۈڭۈل ئاچاتتۇق دەپ جاۋاپ بەرسەڭلار مەن ئىنىق دەپ قۇيايكى سىلەرگە ئاق يول بولسۇن. سىلەر شۇنداق كۈڭۈل ئېچىڭلاركى چۇقۇم ئۇنتۇيالمايدىغان كۈڭۈل ئىچىش سىلەرگە نىسىپ بولىدۇ. ۋە مەنمۇ دەپ بىرەي كۈڭۈل ئاچىدىغان ئىش راسلا تۇلا، مەسىلەن ناخشا ئاڭلاپ ھاراق ئىچىش، ناخشا ئاڭلاپ ئۇخلاش. ناخشىا ئاڭلاپ مۇھەببەت باغلاش، ھەم ناخشا بولمىسىمۇ كۈڭۈل ئاچقىلى بۇلىدۇ. مەسىلەن پۇتبۇل تىپىش. . كىتاپ ئۇقۇش دىگەندەك. روھى خۇنۇك ئاجىزلاشقان ئادەم يىتتىكلا كۈڭۈل ئىچىشنى ۋە بىسىمى تۈۋەنلىتىشنى ئىزدەيدۇ.. قىسقىسى پىروگىرامما خادىملىرى بۇ تەرەپنى تەپەككۇر قىلىپ بىقىشىمۇ مۇھىم.
zi-+@9T پىروگىراممىدا،ئاڭلىتىلىدىغان ناخشا ئەسىرىنىڭ- ئاپتۇرىغا ھۆرمەت قىلماسلىق مەسىلىسى
<}mT[;:" qyJpm{ %[Ds-my2 بۇ پىروگىراممىدىكى ئەسەرنىڭ ئاپتۇرىغا ھۆرمەت قىلماسلىق، پەقەت مۇشۇ پىروگىراممىدىكى مەسىلە بۇلۇپ قالماستىن بەلكى بۇ مەسىلە بىزنىڭ بىر پۈتۈن جەمىيتىمىزدە، بەك ئېغىر مەسىلىدۇر.
S~TJF}[k^6 تور يۈزىدە «دەپسەندە قىلىنىۋاتقان قازاق كۈيلىرى»تىمىسىدىكى بىر تىما ئىقىپ يۈردى. بۇ تىمىدا نەخ قىلىنغان گەپ- دەل شىنجاڭ رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قازاق ئىجادىيەتچىلىرىنىڭ ئىجادىيتىنى نۇمۇس قىلماي ئۈزىنىڭ قىلىۋىلىش ۋە قەتئى ئىزا تارىتماي چوڭ سەھنىلەردە ھېچقانداق ئىزاھ بىرىلمەستىن نۇمۇسسىزلارچە ئۆزلەشتۈرۋىلىش مەسىلىسى قاتتىق شىكايەت قىلىنغان بۇلۇپ، ئەمىليەتتە ئۇلار راستىنلا مەغرۇر ھالەتتە ئۈزىنىڭ نام ھۇقۇم مەنپەتىنى قوغداۋاتاتتى. ئاپتۇرلۇق ھۇقۇقىنى ھىمايە قىلىشنى كۈچلۈك تەكىتلەۋاتاتتى.ۋە بىزنىڭ بىر پۈتۈن نامىمىزنى قۇشۇپ «ئۇيغۇردا ، ئۈرۈمچىدە ئىقىپ يۈرمەكتە »دىگەن چىرايلىق ئىبارىلەرنى ئىشلەتمەكتە. ئەمدى بۇنى ئۇلاردىن كۈرەلەمدۇق. ئۇلار پاكىت بىلەن بىزنى چىشلەپ تارتىۋاتىسا.بىزنىڭ بۇ ئىشقا بىر نەرسە دىگۈدەك يۈزىمىز بۇلارمىدى؟بۇ يەردە بىر ئىككىيلەننىڭ ئىشى بىلەن بىر پۈتۈن ئىتنىك نام چىشلىنىۋاتىدۇ.ئەمدى بىز بۇ جەھەتتە ھېلىمۇ ئېچىنماي يۈرىرۋەردۇق.بۇنىڭ تۈپ نىگىزى نەدە دىيىلسە جەمىيتىمزىدە يەنى ئۇيغۇر جەمىيتىدە ئىجادىيەتچىگە، ئاپتۇرغا ھۆرمەت قىلىش دىگەن ئۇقۇم مۇتلەق يوق. بۇلۇپمۇ ناخشىچىلار نەزىرىدە ئەسەر ئاپتۇرى،مۇزىكا ئىجادىيەتچىسى ياكى تىكىسىت ئاپتۇرى دىگەن زادى مۇھىم ئەمەس. ئۇ بىردەمدە پۈتىدىغان ئىش. شۇ سەۋەبتىن قارايدىغان بولسىڭىز ئادەتتىكى بىر ناخشىچى خېلى ياخشى ئاپتۇردىن ۋە ئىجادىيەتچىدىن بەكرەك دەۋران سۈرەلەيدۇ. مانا بۇ بىزدىكى ئىنتايىن بىمەنە ھالەتتىكى ئاپتۇر ۋە ئىجادىيەتچىلەرگە چوڭچىلىق قىىلىدىغان تېتىقسىزلىق .شۇ سەۋەبتىن ھەم بىزدە راۋرۇس ئىجادىيەت ۋە يىڭىلىق دىگەن ئەھۋال تېپىلمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۆزبىك، ھىندى ،تۈرىك ، ياپۇن ، كورىيە، روس ،ئەرەپ، ئامىرىكا نۇسقىلىرى ئاجايىپ كۆپ . ئەمما بىزنىڭ يىقىنقى زامان نەمۇنىلىك بىرەر تال نەرسىمىز پۈتۈن مەملىكەت ياكى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارىتقىنى قەتئى يوق. ۋە خەلق ناخشىلىرىمىزدىن باشقىسى يۇقارقى دۆلەتلەردە قەتئى تېپىلمايدۇ. بىز ئۈزىمىزنىڭ ئاپتۇرلىرىنى ۋە ئىجادىيەتچىلىرىنى مۇتلەق مۇھىم ھىس قىلمىغاچقا بىزدە بۇنداق بىر كۈلەملەشكەن ،كەسپى ئىجادىيەت قۇشۇنىمۇ ئۇچىرىمايدۇ. ئەمما ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، تاش مۇھەممەت باتۇر، مەخمۇت سۇلايمان، ئەركىن ئابدۇللا ،ئابلەت ئابلىكىم . ئىليار ئېزىز قاتارلىقلارنىڭ ناخشىلىرىدا ئىجادىيەتچى ناھايتى ئىنىق ئەسكەرتىلگەن. شۇڭا ئۇلار بىزنىڭ ئارىمىزدىمۇ تىز كۈتۈرۈلدى.
@2$8o]et ھازىر ئۈزۈلمەس مىلودىيە رادىئۇ پىروگىراممىسىدا قۇيۇلغان ناخشىنىڭ ئۇرۇنلىغۇچىسىلا بار. ئۇ كىمنىڭ ناخشىسى ۋە كىمنىڭ ئىجادىيتى ،كىم روياپقا چىقاردى دىگەن ئۇقۇمغا ۋەزۈرۈر بولغان بۇ ئەقەللى قائىدىگە مۇتلەق جاۋاپ بىرىلمەيدۇ.ئەسلى بىر ناخشا دىگەنمۇ مۇزىكا ئەسىرى ھىسابلىنىدۇ، بەزىدە ئۇ بىر شەخسىنىڭ ، بەزىدە ئىككىنىڭ ياكى ئۈچ كىشىنىڭ بۇلىدۇ. شۇڭا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى مەزكۇر ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى.( يەنى سۈزى ۋە مۇزىكىسى ۋە ئۇرۇنلىغۇچىسى دەپ بۈلىنىدۇ). لىكىن «ئۈزۈلمەس مىلودىيە » پىروگىرامىسدا تا ھازىرغىچە بىرەر قىتىم بۇ مەسىلىنى تۇلۇق ئەسكەرتىپ پىروگىرامما تارقاتقىنى يوق. دىمەك ئۇلار ناخشىنى پەقەت تور ياكى مەنبەسى ئىنىق بولمىغان ۋاستىلەردىن يىغقان، يىغسىمۇ ئۇنىڭ ئىجادىيەتچىسى كىم دىگەن مۇھىم ئۇقۇم ھېچ قايسىسىنىڭ كاللىسىغا كەلمىگەن. بۇ ئەسەر ئاپتۇرىنى ھۆرمەت قىلماسلىق بۇلامدۇ ياكى ئاڭلىغۇچىلارنى ھۆرمەتلىمەسلىكمۇ ؟ ياكى ئۈزىنى ؟
dY|jV}%T قىسقىسى يۇقۇردا مەن ھىس قىلغان بىر قانچە نوقتىدىن بۇ تۈرگە بولغان تەنقىدى قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتتۈم. مەن قانداقتۇر بۇ پىروگىراممىنى ئىنكار قىلىپ يوققا چىقارمىدىم . پەقەت ناھايتى ياخشىى بولغان بىر پىروگىرامما بۇلۇپ چىقسۇن دەپ بۇ تەنقىدىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم . بۇنىڭدىكى سەۋەب مىنىڭ قانداقتۇر پىروگىرامما ئىشلىگۈچى خادىملارغا بولغان نارازىلىقىم بولماستىن بەلكى ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى تېخىمۇ ئالغا ئىنتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىشتۇر.
^\6UTnS.