باشبەت يېڭى خەۋەرلەر |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1885 
  •    ئىنكاس 
       14 

جىگدىچى بوۋاي

قەۋەت ئاتلاش
altunboxuk

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4011

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   230 

 نادىرلانغان تېمىسى:   11 

 مۇنبەر پۇلى:   12590 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1191 (قېتم)
 تۆھپە:   1160  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3459
 سائەت
دەرىجىسى:
3459 سائەت 41 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-21
ئاخــىرقىسى:2013-09-02
— تېما باشقۇرغۇچى xatay تەرپىدىن نادىرلاندى. (2012-03-01) —

جىگدىچى بوۋاي $`0,N_C<}  
G2@'S&2@s  
(چۆچەك)
~HtD]|7  
   Zx6h%l,%  
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا جاھان تېخى سېرىقتال ۋاقتىدا شەھەردىن يىراق ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدا بۆككىدە ئورمانلار بىلەن قاپلانغان كىچىككىنە بىر مەھەللە بولغانىكەن. بۇ مەھەللىنىڭ تۆت كوچا دوقمۇشىدا جىگدە سېتىپ كۈن ئۆتكۈزىدىغان بىر بوۋاي بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئىسمى نىياز بولۇپ بالىلىق چاغلىرىدىن تارتىپلا دادىسىغا ئەگىشىپ، مۇشۇ يەردە جىگدە سېتىپ يۈرگەچكە كىشىلەر ئۇنى «نىياز جىگدىچى» دەپ ئاتايدىكەن. ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدا كېلىشكەن، قامەتلىك، كۈچ-قۇۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان يىگىت بولۇپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بىر مەزگىل ياقا-يۇرتلاردا يۈرگەنىكەن. تۇرمۇشنىڭ بوران-چاپقۇنلىرى ئۇنى ئۇرۇپ-سوقۇپ يەنە ئۆز يۇرتىغا ئەككىلىپ تاشلاپتۇ. ئۇ قايتىپ كەلگەندە ھىچكىم ئۇنى تونىيالماپتۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ياش ۋاقىتلىرىدىكى ھالىتىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان بولۇپ، نېمىشقىدۇر ئىككى قۇلىقى كېسېۋېتىلگەن، بۇرنى مىجىلىپ، ئاغزى مايماق بولۇپ كەتكەن، كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان، ماڭسا بىر پۇتىنى سۆرەپ ماڭىدىكەن. ئۇ ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان بولغاچقا ئەل-يۇرت ئۇنىڭغا نۇرغۇن ياردەملەرنى قىپتۇ. ئۇمۇ بىكار تۇرۇشنى خالىماي يەنە كونا كەسپىنى تېپىۋاپتۇ. YX3NZW2i  
بوۋاي يەنە تولا يىغلايدىغان، ھېقىق تۇتۇپ قالغان، ئىچى سۈرگەن، قورسىقى ئاغرىغان بالىلارنى يوداپ ساقايتىپ قويىدىكەن. ئەمەلىيەتتە بالىلار ئۇنىڭ سەت، كۆرۈمسىز تۇرقىنى كۆرۈپلا ساقىيىپ كېتىدىكەن. ياكى بىرەر چاڭگال جىگدە بىلەن شىپالىق تاپىدىكەن. شۇڭا جىگدىچى بوۋاي ئۇلارغا تېخىمۇ سىرلىق ۋە قورقۇنچلۇق كۆرىنىدىكەن. c@4$)68  
   ئەمما بىر قىسىم شوخ، تىنىمسىز بالىلار ئۇنىڭ ئەتىراپىغا  ئولۇشۇپ ئۇنى گەپكە سالىدىكەن. ئۇنىڭ يۈرەكنى ئېزىدىغان ھايات كەچۈرمىشلىرىدىن كۈلكە تېپىشىدىكەن.  بۇنداق چاغلاردا ئۇ: zd F;!  
-پۇتنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلامسىلەر، قۇلاقنىڭكىنىمۇ؟-دەپ بالىلارنى تېخىمۇ كۈلدىرىدىكەن. بالىلار: |^F$Ta  
-بوۋا، ئاغزىڭىز نېمىشقا مايماق؟ N1vA>(2A  
-قۇلىقىڭىزنى كىم كېسىۋەتكەن؟ -دەپ چوقىرىشىدىكەن. ~Q]::  
-ئاڭلىماسلىققا تېگىشلىك گەپلەرنى ئاڭلاپ، دېمەسلىككە تېگىشلىك گەپلەرنى دەپ سالغان،-دەپ بوۋاي ھېكايىسىنى باشلايدىكەن،-ئەگەر، ئېغىزدىن كەتسەڭلار سىلەرنىڭ ئاغزىڭلارمۇ مۇشۇنداق مايماق بولۇپ قالىدۇ. lx?v.:zl\  
بوۋاي خۇشچاقچاق، گەپخۇمار ئادەم ئىكەن. ئۇ بالىلارغا يۇرتتىن ئايرىلىپ ياقا-يۇرتلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرگەنلىكىنى، ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقىنىڭ تۆت ئىكەنلىكىنى، جان باقماقنىڭ تەسلىكى، بايلارنىڭ زۇلىمى، نامراتلارنىڭ ئاھۇ-زارىنى، ئۆزىنىڭ ئىش ھەققىنى بەرمىگەن بىر باينى ئۇرۇپ قويۇپ نەچچە يىل گۇندىخانىدا ياتقانلىقىنى، كېيىن ئورۇنسىز تۆھمەتلەر بىلەن ئىككى قۇلىقىدىن ئايرىلغانلىقىنى، قاچماقچى بولغاندا تۇتۇلۇپ قېلىپ قاتتىق تاياق يېگەنلىكى ، پۇتىنىڭ سۇنغانلىقىنى زېرىكمەستىن ناھايىتى تەسىرلىك قىلىپ سۆزلەپ بېرىدىكەن. ئۇنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغان بالىلارمۇ ئۆزلىرىنى خۇددى چۆچەكلەر دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەك، قەدىمىي ئۆتمۈشكە بېرىپ قالغاندەك ھىس قىلىشىدىكەن. ,k9.1kjO*)  
مۇشۇ مەھەللىنىڭ دوقىدا توختىمەت ئىسىملىك بىر يېتىمچى بالا بار ئىكەن. تۇرمۇشى بەكمۇ غۇربەتچىلىك ئىچىدە تەستە ئۆتىدىكەن. مۇشۇ ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ئىش-كۈشلىرىنى قىلىپ بېرىپ جېنىنى باقىدىكەن. ئىش تاپالىسا ئاز-تولا بىر نەرسە يېيەلەيدىكەن، بولمىسا ئاچ ئەسنەپ كۈننى ئۆتكۈزىدىكەن. Zl]@;*u  
بىر قېتىم ئۇ نەچچە كۈنگىچە ئىش تاپالماپتۇ. لەۋلىرى قۇرۇپ، قورسىقى ئېچىپ ناغرا چاپتۇ. بېشى قېيىپ كۆزى قاراڭغۇلۇشۇپتۇ. قانداقلىكىن بولمىسۇن بىرەر ئىش تېپىپ ماۋۇ غەلۋە قىلىۋاتقان قوسىقىنى گوللىشى كېرەكتە؟ئامالسىز يەنە كوچىغا چىقىپتۇ. شۇ تاپتا ھورى چىقىپ تۇرغان بىر قاچا ئاش بولغان بولسا... شۇ خىياللار بىلەن جىگدىچى بوۋاينىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ قاپتۇ. كۈن نۇرىدا قىزىرىپ پىشقان جىگدىلەرگە قارىغىنچە ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ كېتىپتۇ. ھەي... جىگدە بولسىمۇ بولاتتى... %\!0*(8  
- ھە، توختىمەت قورساق ئاچتىما؟-بوۋاي خۇددى ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىۋالغاندەكلا سوراپتۇ. [~n |ROo  
بالا بېشىنى لىڭشىتىپتۇ. PklJU:Pu\U  
-جىگدە يەمسەن؟-سوراپتۇ بوۋاي. '#QZhz(+  
بالا يەنە بېشىنى لىڭشىتىپتۇ ۋە سەل ئارىسالدا بولۇپ: <9;X1XtpI  
-لىكىن، جىگدە ئالغۇدەك پۇلۇم يوق،-دەپتۇ. [DtMT6F3  
-پۇلۇڭ يوق بولسا كۈچۈڭغۇ باردۇ؟-دەپتۇ بوۋاي ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ،- ماۋۇ بىر قاپ جىگدىنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە ئاپپىرىپ بەر، مەن ساڭا يەيدىغان نەرسە بېرەي، قانداق بولامدۇ؟ 8CvNcO;H0  
بۇ گەپ توختىمەتكە ياغدەك يېقىپتۇ. باشقىچە تېتىكلىشىپ، خوشاللىق بىلەن جىگدىلەرنى يۈدۈپ بوۋايغا ئەگىشىپ مېڭىپتۇ. بوۋاينىڭ ئۆيى ئەنجان تام بىلەن قوپۇرۇلغان بىر ئېغىزلىق ئاددىيلا ئۆي بولۇپ، ئۇدۇلدىكى تامغا كىچىك بىر ئوچاق سېلىنغان، ئوچاق بېشىدا بىر قازان، بىر نەچچە ھېجىر قاچا، سۇ توشۇيدىغان كونا بىر قاپاق، قاپاقتا ياسالغان تۇزلۇق ۋە سۇ ئۇسسۇيدىغان بىر نوگايدىن باشقا نەرسە يوق ئىكەن. يەنە بىر تەرەپكە سۇپا تۇتۇلغان،  سۇپىغا چۆرىلىرى تىتىلىپ كەتكەن، كونىراپ رەڭگىنىڭ قانداقلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان بىر پارچە كىگىز سېلىنغان، كىگىز ئۈستىدە قۇراق رەختتىن تىكىلگەن بىر سامان ياستۇق ۋە بىر كونا تېرە جۇۋىلا بار ئىدى. بوۋاينىڭ روزىغارىدا بارى يوقى مۇشۇ ئىكەن. توختىمەت بىلدىكى، بوۋاينىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن مۇشۇ  بىرقانچە قاپ جىگدىسىدىن باشقا ھىچنەرسىسى يوق بولۇپ، ئۆزىگە ئوخشاشلا نامرات ۋە  تىكەندەك يالغۇز. ئۆزىگە ئوخشاشلا غېرىپ ۋە ئاجىز ئىكەن. ئۇ بوۋايدىن بىرنەرسە تەمە قىلغىنىدىن نومۇس قىپتۇ. Kc>Rd  
- ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ كەتتىڭغۇ؟ ماڭا ئىچ ئاغرىتىۋاتامسەن قانداق؟-دەپتۇ بوۋاي خۇددى توختىمەتنىڭ كۆڭلدىكىنى بىلىۋالغاندەك،- ھىچ بولمىغاندا مەن ھازىرچە سەندىن ياخشى. چۈنكى مەندە ئىككىمىزنىڭ قورسىقىنى گوللىغىدەك بىرنەرسە بار،-بوۋاي شۇنداق دېگىنىچە بەلبېغىنى يېشىپ ئۇنىڭدىن سېرىق كۆمبىنىڭ زاغرىسىدىن بىرنى چىقىرىپ يېرىمىنى توختىمەتكە تەڭلەپ: Q} g"pl  
- بۇنى يېگىن، قۇيغىدەك چايمۇ يوق، سۇ توشىيالمىغاچقا چايمۇ قاينىتالمىغان،-دەپتۇ. vsYbR3O  
توختىمەتنىڭ كۆزىگە ئىسسىققىدە بىر ياش كەپتۇ، ئەمما چاندۇرماي قاپاقنى ئېلىپ سىرتقا چېپىپتۇ. gN<J0c)  
-بوۋا، مەن سىزگە چاي قاينىتىپ بېرەي... K_qA[n  
-توختا، ھەي... بۇ بالىنىزە... ydE}.0zN  
توختىمەت قۇدۇقتىن سۇ ئېلىپ كېلىپ چاي قاينىتىپتۇ. ئاندىن ئىككەيلەن داستىخاننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ ھېجىر قاچىلارغا سېرىق كۆمبىنىڭ نېنى چىلاپ، چوقۇپ ئاتىلاق قىلىپ ھوزۇرلىنىپ ئىچىشىپتۇ. توختىمەت قايتىدىغان چاغدا بوۋاي ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قارىماي: Jl$X3wE  
-قوسىقىڭ ئاچقاندا يەيسەن،-دەپ يانچۇقىغا بىر چاڭگال جىگدە سېلىپ قويۇپتۇ. xi)M8\K  
شۇنىڭدىن كېيىن توختىمەت پات-پات بوۋاينى يوقلاپ تۇرۇپتۇ. ھەر كەلگەندە بوۋايغا يەيدىغان نەرسىلەرنى ئالغاچ كەپتۇ ھەم بوۋاينىڭ سۈيىنى توشۇپ، ئوتۇنىنى يېرىپ، چېيىنى قاينىتىپ بېرىپتۇ. بوۋايمۇ ھەر قېتىمدا ئۇنىڭ يانچۇقىغا بىر چاڭگالدىن جىگدە سېلىپ قويىدىكەن. توختىمەت بۇ جىگدىلەرنى يېيىشكە كۆزى قىيماي خۇددى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىنى ساقلىغاندەك ئۆيىنىڭ بۇلىڭىدىكى كىچىك بىر كورىغا تۆكۈپ تۇرۇپتۇ. Nfmr5MU_  
كۈنلەر ئۆتۈپ جىگدىچى بوۋاي كېسەلمەن بولۇپ قاپتۇ. ئۇنىڭ كېسىلى بارغانچە ئېغىرلاپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قاپتۇ. بۇ كۈنلەردە توختىمەت ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ. كېچەمۇ كۈندۈز ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلماي ئۆز دادىسىغا قارىغاندەك ياخشى قاراپتۇ. سەكرات ئالدىدا بوۋاي كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ: JDO n`7!w  
-خۇيمۇ ئوبدان بالىكەنسەن، گەرچە ھىچقانداق تۇغقانچىلىق مۇناسىۋتىمىز بولمىسىمۇ ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىدا ماڭا ياخشى قارىدىڭ، ئۆز بالام بولسىمۇ مۇشۇنچىلىك قىلار ئىدى. ساڭا نېمە دەپ رەھمەت ئېيتىشنىمۇ بىلەلمەيۋاتىمەن...ئېيتقىنا، نېمە ئارزۇيۇڭ بار، ماڭا قىلغان ياىشىلىقىڭ ئۈچۈن سېنى مۇرات-مەقسىدىڭگە يەتكۈزەي،- دەپتۇ. F$O$Y[  
-چاقچاق قىلماڭ! تەڭقىسمۇ بولماڭ! مېنى بىر نەرسە تەمە قىلىۋاتامدىكىنمۇ دېمەڭ! مەن پەقەت... w@a|_?  
-نېمە ئارزۇيۇڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ باقساممۇ بولمامدۇ؟ c/Li,9cT'  
-مەندىغۇ ئانچە چوڭ ئارزۇمۇ يوق، ئاچ-يالىڭاچ قالمىسام... پۇت تىققىدەك ماكانىم بولسا... يەنە... q 'uGB fE.  
-يەنىچۇ؟ gMU%.%p2  
-يەنە چوڭ شەھەرلەردە ئوقۇسام، بىلىملىك، ياراملىق ئادەم بولسام دەيمەن. بوۋاي: /2 $d'e  
-تەلىپىڭ ئاددىي، ئىنساپلىق بالىكەنسەن، ئارزۇيۇڭمۇ بولىدىكەن. بۇنىڭدىن كېيىن ياخشى ئىشلارنى، ساۋاپلىق ئىشلارنى كۆپرەك قىلساڭ، مۇرادىڭ ھاسىل بولغاي!-دەپ كۆزىنى يۇمۇپتۇ. LFvZ 7M\\  
پىشقان قوغۇن ساپىقىدا تۇرمىغاندەك بوۋايمۇ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپ يەنە بىر گۈلىستانغا سەپەر قىپتۇ. df&.!7_R`  
بوۋاي كەتكەن كېيىن توختىمەت قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قاپتۇ. چۈنكى بۇ ئۆيدە بوۋاينىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن پۇلغا يارىغۇدەك ھىچنەرسە قالمىغانىكەن. }gd'pgN"t  
توختىمەت ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى بىر نەرسىنى ئېسىگە ئاپتۇ. دەرھال ئۆيىگە يۈگىرەپتۇ. ئەسلىدە ئۇ بوۋاي بەرگەن جىگدىلەرنى سېتىپ ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ئۇزاتماقچى بولغانىكەن. ئەمما كوزىنى كۆتۈرەلمەپتۇ. شۇنچە كۈچەپمۇ مىدىرلىتالماپتۇ. چۈنكى كوزا بەكمۇ ئېغىرلاپ كەتكەنىكەن. توختىمەت ھەيران قاپتۇ. نېمىش بولغانلىقىنى بىلەلمەپتۇ. ئاخىرى بەك تەستە كوزىنى سىڭايان قىلىپ جىگدىنى تۆكمەكچى بوپتۇ. كۈتۈلمىگەندە كوزىدىن جىگدە ئەمەس بەلكى نۇر چاقناپ تۇرغان ساپ-سېرىق ئالتۇنلار تۆكۈلۈپ ئۆي ئىچىنى يوپ-يورۇق قىلىۋېتىپتۇ. A5sz[k  
qtFHA+bO  
ئالتۇنبۆشۈك

تېما تەستىقلىغۇچى : ئەتتىرگۈل
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-02-29, 23:56
 
xungkarkader
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7935

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   280 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   21579 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1982 (قېتم)
 تۆھپە:   1982  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3684
 سائەت
دەرىجىسى:
3684 سائەت 86 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-23
ئاخــىرقىسى:2013-07-15
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-03-01

نىمە دىگەن ياخشى. بولسا سەل بىيتىپ، ئاخىرنى بايلىق بىلەن ئەمەس، بىلىم ھېكىمەت بىلەن كۇنلىرنى خۇشال ئوتكۇزگەن بولسا ياخشى ئىدى توختىمەتنىڭ. z!18Jh  
ياخشىلىق ھامان يەردە قالمايدۇ. باشقىلارغا مەنپەت ئۈچۈن ئەمەس، ھەقىقىي ئىنسانپەرۋەرلىك بىلەن ياردەم قىلىش لازىملىقىنى چۇشەندۇرۇپسىز.
ئانا تۇپراق مۇنبرىدىكى مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +100
bayawanمۇنبەر پۇلى+1002012-03-01نادىر مەزمۇن
jiuxing

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2063

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   614 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   29586 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2805 (قېتم)
 تۆھپە:   2772  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5797
 سائەت
دەرىجىسى:
5797 سائەت 143 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-19
ئاخــىرقىسى:2013-09-13
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-03-01

ھەقىقەتەن ياخشى چۆچەككەن ....چۆچەك ئىچىگە كىرىپلا كېتىمتىمەن........ Kx;la  
ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر......
bayawan

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.24

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2570 

 نادىرلانغان تېمىسى:   12 

 مۇنبەر پۇلى:   64935 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   6017 (قېتم)
 تۆھپە:   5790  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 17916
 سائەت
دەرىجىسى:
17916 سائەت 374 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-07
ئاخــىرقىسى:2013-09-14
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-03-01

بۇ ھېكايە مۇنبەردىكىلەرگە ھەقىقەتەن بىر ياخشى دەرس بولدى .
ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
fatima

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.302

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1120 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   45751 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4056 (قېتم)
 تۆھپە:   3937  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 15988
 سائەت
دەرىجىسى:
15988 سائەت 532 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-29
ئاخــىرقىسى:2013-08-22
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-03-01

ياخشىلىق يەردە قالماپتۇ دەپ،توختىمەكنىڭ بۇۋايغا ياخشى قارغىنىنىڭ ساۋابىغا ئالتۇن  ئىنئام قىپتۇ.
ھەر بىر ئۆتكەن دەقىقىلىرىمنى مەنىلىك ئۆتكۈزىمەن
xamxar111

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1313

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1247 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   65806042 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   6639 (قېتم)
 تۆھپە:   6609  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 9692
 سائەت
دەرىجىسى:
9692 سائەت 198 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-03
ئاخــىرقىسى:2013-09-02
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-03-01

K\xnQeS<W  
ياخشىلىق يەردە قالماس ، يامانلىق ئەلدە ،(قالماس) .............
marjanbulaq

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4834

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   586 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   31911 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3145 (قېتم)
 تۆھپە:   3114  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 14528
 سائەت
دەرىجىسى:
14528 سائەت 312 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-25
ئاخــىرقىسى:2013-09-14
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-03-01

مەنمۇ ئاخىرىسى قاندا چىقار دەپ ئەستايىدىل تۇلۇق ئوقۇدۇم. راستىنلا ياخشى يېزىلغان چۆچەك ئىكەن، بۇرۇن پەقەتلا ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن.
ئۇخلىغان مىللەت يا ئۇخلار
ياكى قۇل بولۇپ ئويغۇنار
1tulpar

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3605

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1358 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   71583 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   6144 (قېتم)
 تۆھپە:   6139  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 13457
 سائەت
دەرىجىسى:
13457 سائەت 313 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-06
ئاخــىرقىسى:2013-09-13
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-03-01

ماڭا پەقەت ئۇچرىمايدۇ دىسە  بۇنداق تەلەي
tamkin147
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7715

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   152 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9101 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   905 (قېتم)
 تۆھپە:   905  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1637
 سائەت
دەرىجىسى:
1637 سائەت 63 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-30
ئاخــىرقىسى:2013-03-16
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-03-01

شۇنداق،  ھەي،،،  ھەممە ئىنسانلارنىڭ قەلبى ئاشۇنداق مېھرىبانلارچە H{`S/>)[   
قېرىنداشلىققا، ھەقىقەتكە، خاتىرجەملىككە، توغرا يولغا تەلپۈنۈپ تۇرىدۇ، QVI4<Rxg  
بۇ تەلپۈنۈش  بەزىلەرنى يىغلاتسا، بەزىلەرنى كۈلدۈرىدۇ. hO@'WoniW  
شۇنداق بولغاچقىلا بۇ ئىنسانلار دۇنياسى رەڭدارلىققا، گۈزەللىككە ۋە W :jC2,s!m  
مۆجىزىلەرگە تولغان، Y|g8xkI}XB  
        
sultan88

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7857

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   846 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2265526 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4299 (قېتم)
 تۆھپە:   4299  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 14389
 سائەت
دەرىجىسى:
14389 سائەت 451 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-14
ئاخــىرقىسى:2013-09-14
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-03-02

رەخمەت بۇ چۆچەك ياخشى يېزىلىپتۇ .ماختاشقا لايىق .
ئەسسالامى ئەلەيكۇم  .مۇنبەرداشلار
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى