+MPM^ m DGr{x}Kq ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خىرىستىئانلارنىڭ ئاشۇق-مەشۇقلار بايرىمىنى بىزنىڭ نادان، ئەقىلسىز ياش ئوغۇل قىزلىرىمىز قارغۇلارچە دوراپ، ئۆزلىرىنىڭ بايرىمى قىلىۋالغىلى تۇردى. مېنىڭ بىلىشىمچە، خىرىستىئانلاردا پەيدا بولغان بۇ ئاشۇق-مەشۇقلار بايرىمى ، ئەر-ئاياللارنىڭ يوشۇرۇن كۈرۈشۈش سورۇنىدىن پەيدا بولغان بۇلۇپ، ئاخىرقى ئىجتىمائى ئۈنۈمى نىكاھسىز بىرگە تۇرۇش، بۇزۇقچىلىق، جىنسى ئەركىنلىكتىن ئىبارەت ھەم ئىسلام ئېتىقادىمىزغا ھەم مىللى ئەنئەنىمىزگە قەتئى ماس كەلمەيدىغان بۇزۇقچىلىق بايرىمىدۇر؛
5Jq~EB{" بۇ يىلقى بۇ پاسىق بايرامدىن بۇرۇن، ياشلىرىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئاشۇ ناپاك تارىخىنى خاتىرلەشكە قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ مىللى كىملىكىنى يوقۇتۇپ قۇيۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بولۇشى ئۈچۈن، بۇ يازمىنى توردىن ئىزدەپ تېپىپ چاپلاپ قويدۇم. بىلىشىڭلار كېرەككى، مىللەتنىڭ خارەكتىرى، مىللەتنىڭ ئەنئەنىسى باشقا مىللەتلەرنى دوراشتىن پەيدىن پەي بۇزۇلۇشقا يۈزلىنىدۇ. مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ شەرمى ھايالىق ئەنئەنىۋىسىنى داۋاملاشتۇرۇش- سىزنىڭ ، بىزنىڭ ، ھەممىمىزنىڭ بۇرچى ۋە كېيىنكى ئەۋلاتلارغا ساق-سالامەت ئۆتكۈزۈپ بېرىشىمىز ئۈچۈن بىزلەرگە قۇيۇلغان ئامانەتتۇر...
Eq^k @ مېنىڭچە ئۇيغۇر ياشلىرىمىز بايرام قىلىشقا تېگىشىك نۇرغۇن كۈنلەر بولۇشى مۈمكىن.
-frmvNJ F مەسىلەن: غېرىپ سەنەم، تاھىر زوھرە دېگەندەك ئاشۇق مەشۇقلىرىمىزنىڭ مەلۇم ۋاقىتلىرىنى ھەممىمىز بىرلىككە كېلىپ تەشۋىق قىلىپ بايرام قىلىپ تەبرىلىسەك، ياشلار ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا ئەنە شۇ ئاشۇق مەشۇقلاردەك ۋەدىلەرنى بېرىشىىپ، سوۋغىلارنى تەقدىم ئېتىشسە بولىدۇ دەپ قارايمەن.
^Bn)a"Gd تۆۋەندىكىسى بىر توردىشىمىز يوللىغان مۇشۇ ھەقتىكى بىر پارچە يازما بۇلۇپ، يازما ئىگىسىگە ئالاھىدە تەشەككۈر ئېيتىمەن. ئالدىراشچىلىقتا ئەسلى مەنبەسىنى ئۇنتۇپتىمىز... تېما ۋە بەت ئىگىسىدىن كەچۈرۈم سورايمىز.
Q[_{:DJA 8*3o9$Pj بىزنىڭ ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىمىز قانداق پەيدا بولغان؟
*"` dO9Yf_ بىر كۈنى پادىشاھ ئابباس ۋە ئۇنىڭ ۋەزىرى ھەسەن دالىغا ئوۋ ئوۋلىغىلى چىقىپتۇ،ئۇلار ئوۋ ئوۋلاۋېتىپ بىر بوغاز بۆكەننى كۆرۈپتۇ ھەم ئىككىسى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا بۇ بۆكەننى قويۇۋېتىپتۇ،ئۇلار ئۆز ئارا بۆكەننى نىمە ئۈچۈن قويۋەتكەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى سوراشقاندا ، ھەر ئىككىلىسى ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىرىنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىنى،شۇڭا بۇ بوغاز بۆكەنگە زىيانكەشلىك قىلىشقا قولى بارمىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ۋە ۋەزىر مۇنداق كېلىشىپتۇ،يەنى ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىرى تۇغسا ، ناۋادا بىرسى ئوغۇل بىرسى قىز بولسا . ئۇلارنى ئۆيلەپ قويۇشقا كېلىشىپتۇ.،چۈنكى بۇ دەل 4-ئاينىڭ 5-كۈنى بولغاچقا.بۇ كۈن دەل بۇ بىر جۈپ قىز-يىگىتنىڭ توي كۈنى قىلىپ بېكىتىلىپتۇ. كىيىن ۋەزىرنىڭ ئايالى بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ،بۇ چاغدا ۋەزىر ئاللىقاچان ئالەمدىن ئۆتكەچكە،بالىنىڭ ئىسمىنى غېرىپ دەپ قويۇپتۇ،بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى يېتىم بالا ئىكەن. خانىش بىر قىز تۇغۇپتۇ،بۇ قىزنىڭ ئىسمىنى سەنەم دەپ قويۇپتۇ،بۇ ئىسىمنىڭ مەنىسى گۈزەل قىز ئىكەن.
^]w!ow41 غېرىپ ۋە سەنەم كىچىكىدىن بىللە ئوقۇپ بىللە ئويناپتۇ، بىر-بىرىدىن بىردەممۇ ئايرىلماپتۇ،چوڭ بولغاندىن كىيىن بىر-بىرىگە ئاشىق بولۇشۇپتۇ،ئەمما غېرىپنىڭ ئۆيىنىڭ ئەھۋالى كۈندىن-كۈنگە يامانلىشىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئابباس ۋەدىسىدىن يېنىۋاپتۇ ۋە غېرىپ ھەم سەنەمنىڭ توي ئىشىنى بىكار قىپتۇ، غېرىپ ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى چەتئەلگە سۈرگۈن قىلىۋېتىپتۇ. غېرىپ شۇ يىراق جايدا سەنەمنى قاتتىق سېغىنىپتۇ ۋە سەنەم بىلەن كۆرۈشۈشنى قەتئى نىيەت قىپتۇ،سۈرگۈن جەريانىدا غېرىپ بۇلاڭچىلار تەرىپىدىن سېتىۋېتىلىپ،پادىشاھنىڭ خان ئوردا سارايلىرىنى ياسايدىغان قۇل قىلىنىپتۇ. غېرىپ ئۆزىنىڭ ئەسلى ئىسمىنى يۇشۇرۇپ،چاھار گۈللۈكتە ھاشار ئەمگەك بىلەن شوغۇللىنىپتۇ،بۇ جەرياندا ئۇ سەنەم بىلەن مەخپى كۆرۈشۈپتۇ ۋە بىر كۈننى تاللاپ قېچىپ كېتىشكە مەسلىھەتلىشىپتۇ.
PE3FuJGz ئاخىر پۇرسەت كەپتۇ، بىر كۈنى ئەتىگەندە غېرىپ ۋە سەنەم پادىشاھنىڭ يېغىن ئېچىۋاتقان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ،ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە قېچىپ چىقىۋاپتۇ،لېكىن ناھايىتى تېزلىكتە پادىشاھ تەرىپىدىن بايقىلىپ قاپتۇ، غەزەپلەنگەن پادىشاھ دەرھال بەش يۈز خىللانغان ئاتلىق ئەسكەرنى ئۇلارنى تۇتۇپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ،ھەم قۇرۇق قول قايىتپ كەلسە ھەممىسنىڭ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، گەرچە ئەسكەرلەر بۇ بىرجۈپ ئاشىق-مەشۇقنى تۇتىۋالغان بولسىمۇ،لېكىن ئۇلارنىڭ تەسىرلىك مۇھەببەت ھېكايىلىرنى ئاڭلاپ بۇ بىرجۈپ ئاشىق-مەشۇقنى قويۇۋېتىپ ئوردىغا قايتىپ كېتىپتۇ،پادىشاھ بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ بۇ ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسىنى زىندانغا تاشلاپتۇ ھەم 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ھەممىسنىڭ كاللىسنىڭ ئېلىندىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ، بۇ خەۋەر ناھايىتى تېزلىكتە مەملىكەت ئىچىگە تارقىلىپتۇ ،4-ئاينىڭ 5-كۈنى پۈتۈن مەملىكەت خەلقى پادىشاھتىن بۇ بەش يۈز باتۇر ئەزىمەتنىڭ جېنىدىن كېچىشنى ئۆتۈنۈپتۇ، نۇرغۇن ۋەزىرلەرنىڭ يالۋۇرۇشى ۋە نەسىھەت قىلىشى بىلەن پادىشاھ ئۆزىنىڭ غېرىپقا قىلغانلىرىنىڭ بەك ياۋۇزلۇق ئىكەنلىكىنى ئاخىر ھېس قىپتۇ ھەم ئادەم ئەۋەتىپ ئۇلارنى تېپىپ كىلىشكە بۇيرۇپتۇ،ئەمما بىر يىل ئىزدىگەن بولسىمۇ بۇ بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇقنى قەتئي تاپالماپتۇ،ئىككىنچى يىلى پادىشاھ غېرىپ ۋە سەنەم بولمىسىمۇ،بۇلارغا ئاتاپ ناھايىتى داغدۇغىلىق توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بېرىپتۇ ھەم بۇ كۈننى خاتىرلەش ئۈچۈن 4-ئاينىڭ 5-كۈنىنى رەسمى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى قىلىپ بېكىتىپتۇ. بۇ كۈنى قىزلار يىگىتلەرگە دوپپا سوۋغا قىلىدىكەن،يىگىتلەر قىزلارغا شايى ياغلىق سوۋغا قىلىدىكەن.
ia1Sf3 /^^t>L مانا بۇ بىز ئۇيغۇرلانىڭ ھەقىقى ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىمىزدۇر، باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىنى قارا قۇيۇق قوغلاشمايلى،ئۆگەنمەيلى،ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى قەدىرلەيلى،قوغدايلى،ئاسرايلى،قېنى دوستۇم،سىزمۇ شۇنداق قىلالامسىز؟
I&~kwOP [G2@[CtY1 مەنبە: مەشئەل مائارىپ تورى
GL$!JKWp http://www.Xjmaxal.cn