باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1385 
  •    ئىنكاس 
       9 

جۇڭگۇ پەن تەتقىقات ئىقتىدارىنى يوقاتتى

قەۋەت ئاتلاش
altunboxuk

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4011

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   224 

 نادىرلانغان تېمىسى:   11 

 مۇنبەر پۇلى:   12240 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1156 (قېتم)
 تۆھپە:   1125  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2662
 سائەت
دەرىجىسى:
2662 سائەت 88 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-21
ئاخــىرقىسى:2013-01-26

جۇڭگۇ پەن تەتقىقات ئىقتىدارىنى يوقاتتى Y>#c2@^i<  
ئاپتۇرى:لى شىنمىن ww,c)$  
تىرىشچان تەرجىمىسى
f!J^vDl  
جۇڭگو ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئاساسى پەنلەر ئالدىنقى سېپىدە ئىزدىنىشى ۋە ھەرىكەت قىلىشى يوقىلىپ،ئۇنىڭ ئورنىداياۋرۇپانىڭ،ئامېرىكىنىڭ ئىلىم ساھەسىگە چوقۇنۇشلا قالدى.چۈنكى،ھازىرقى جۇڭگۇ ئىلىم-پېنىدەئىلمىي ئىدىيە ۋە روھ غايىپ بولۇپ ،غەرب ئىلىم-پېنىنىڭ قۇشۇمچە گەۋدىسى بولۇپ قالدى. &rd(q'Vi  
جۇڭگو ئىلىم-پەن ساھەسى فېئودال پادىشاھلىقنىڭ ئاۋامنى كولدۇرلىتىدىغان كونا ئۇسۇلىنى ئىلىم-پەنگە ئېلىپ كىردى: «مۈلكى ئىلىمگەرلەرنىڭ قىلىۋاتقىنى ھەقىقىي ئىلىم-پەن،ئەل-ئىچىدىكى ئىلىم-پەن ساختا ئىلىم-پەن.ئەمەلداربىلەن پۇقرا مەڭگۈبىر- بىرىگە قارشى.شۇڭا،ھەقىقىي ئىلىم-پەن بىلەن ساختائىلىم-پەنمۇ بىر-بىرىگە قارشى.ئاتالمىش مۈلكى ئىلىمگەرلەرنىڭ كىشىلەرگە ئېيتماقچى بولغىنى شۇكى،ئىلىم-پەننى ھۆكۈمەت تارماقلىرى تۇتۇپ تۇرغاچقا،ھەقىقەت ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ قولىدا؛ئاۋام-پۇقرادا ئىلمىي تەتقىقات ئىقتىدارى يوق،ئاۋام پۇقرانىڭ قولىدا ھەقىقەت يوق؛ ئاۋام-پۇقرا ھايۋانغىمۇ يەتمەيدۇ».مانا مۇشۇنداق ئىپلاس قاراقچى لوگىكىسى جۇڭگو ئىلىم-پېنىنىڭ ئەڭ چوڭ بالايى-ئاپىتىدۇر.بۇ جۇڭگو ئىلىم-پېنىنىڭ«ئالاھىدىلىكى»،جۇڭگو ئىلىم-پېنىدىكى چىرىكلىكنىڭ يامراش خاھىشى ۋە ئىدىيسى. ~ 9;GD4  
جۇڭگودا،ھەركۈنى مۈلكى ئىلىمگەرلەر ۋە ئەل ئىچى ئىلىمگەرلەرنىڭ غەۋغاسىنى قىلىۋاتقان بۇ كىشىلەرئىلىم-پەننىڭ نېمىلىكىنى،ئۇنىڭ تەرەققىيات ۋە ئىلگىرلىشىدە نېمىگە تاينىدىغانلىقىنى،قانداق روھقا تاينىپ چۆرگىلەيدىغانلىقىنى ئەسلا بىلىشمەيدۇ. w?tKL0c  
بۇلاريەنە شۇنىمۇ بىلمىسە كېرەك: ئىلىم-پەن ــــ جۇڭگو يېقىنقى دەۋىرلەردىن بۇيان ھەل قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولسىمۇ،ئەمما ئىزچىل خاتا چۈشىنىپ كەلگەن مەسىلە.بەزىلەر ئىلىم-پەننى ھەقىقىي چۈشەنمەيدۇ.ئۇلار ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ قىممىتىنى بىلسىمۇ،ئىلىم-پەننىڭ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى بىلمەيدۇ.ئۇلاردا ماتېماتىكا،فىزىكا،خىمىيەقاتارلىقلارغا قارىتا چۈشەنچە بار،ئەمما ئىلىم-پەن ھەققىدە چۈشەنچە يوق.ئەمەلىيەتتە،ئىلىم-پەن بىر روھ(«خەلق گېزىتى»دىن). >" .qFn g  
جۇڭگونىڭ ئىلىم-پەن خادىملىرى ئىچىدە ئىلمىي تەتقىقاتقا ھەقىقىي بېرىلىپ قىلىدىغاندىن قانچىسى بار؟ ئۇلارنىڭ ۋاقتى مۇناسىۋەت باغلاش،يول مېڭىش ۋە ئىلمىي تەتقىقات راسخۇتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە سەرپ بولىدۇ.يول مېڭىپ يۈرۈپ قولغا كەلتۈرگەن تەتقىقات راسخۇتىنىڭ يەنە 20پىرسەنتىن50پىرسەنتكىچە بولغان قىسمىنى يۇقىرىغا سۈڭگۈتىدىغان گەپ.ئۇنىڭدىن كېيىنلا ئويلايدىغىنى بۇ پۇلنى قانداق خەجلەش ئىشىدۇر.ئىلمىي تەتقىقات تۈرى مۇكاپاتلانسا،تۈرقاتناشقۇچىلىرى بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ساھىبلىرىنىڭ 20-چىسىنىڭ كەينىگە تىزىلىدۇ.ئالدىنقى 20سى بىرقانچە قاتلام تۈرنى تەستىقلىغۇچىلارتەرىپىدىن بۆلۈشۈپ بولۇنغان بولىدۇ.تۈر قانچە چوڭ بولسا،مۇكاپات تۈرىنى بۆلۈشىدىغانلارمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ.ئەلۋەتتە،بۇلار رەھبەرلەرنى،يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللار،تارماقلار،ھەمكارلاشقۇچى ئورگانلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ،تۈرگە قاتناشقان تەتقىقاتچى خادىملارئاخىرىغا قاراپ قىستىلىشىدۇ. جۇڭگونىڭ مۇشۇ ھالدىكى ئىلىم-پەن پائالىيتى ۋە ئىلىم-پەن رامكىسى ئىچىدە كىممۇ يۈرەكلىك تۇرۇپ ئىلمىي تەتقىقاتقا كىرىشەلىسۇن،تىرىشسىمۇ بىكار تىرىشىدىغان گەپ.ئۇنىڭدىن كۆرە بىرقانچە پارچە ئىلمىي ماقالە يېزىپ ئۆسۈشنىڭ ئامالىنى قىلغان تۈزۈك. 1;P\mff3Y  
مېنىڭ بۇيەردە كۆزدە تۇتقىنىم،تېخنىكا تەتقىقات-ئىختىراسى ئەمەس.ئىلمىي تەتقىقاتتامەغلۇبىيەتمۇ بولىدۇ،تېخنىكا تەتقىقات-ئىختىراسىدا ئادەتتە مەغلۇبىيەتكە يول قۇيۇلمايدۇ،ئۇنىڭدا ئېرىشىلىدىغىنى مەلۇم تېخنىكا مەھسۇلاتىدۇر. cBI )?  
جۇڭگوئىلىم-پەن تەتقىقاتى چىرىكلىك مەسلىسىلا ئەمەس،بەلكى قىلىشقا تېگىشلىكنى قىلماسلىق مەسلىسى.جۇڭگۇ ئىلمىي تەتقىقات ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويدى،بىر قىسىم ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرى چەتئەلنىڭ سۈنئىي ھەمرا،چوڭ تىپتىكى كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ خەلقئارالىق ھەمكارلىق تۈرىدىن ئېرىشىلگەن.سانىنى ئاخبارات قىلغان بىلەن ئەسلى ئۇتۇق بەرىبىر چەتئەللىكلەرنىڭ. `g1Oon_  
جۇڭگودائىلىم-پەنگە يەنە سىنپىي تامغا بېسىلغان.تەتقىقات قىلغۇچىلارنى ئەل ئىچىدىكى تەتقىقاتچىلار،مۈلكى تەتقىقاتچىلاردەپ ئايرىشىدۇ.جۇڭگونىڭ ئىلىم-پەن سەھنىسىدە،مۈلكى ئىلىمگەرلەرئوت قويسا بولىدۇكى،ئەل ئىچىدىكى ئىلىمگەرلەر چىراق ياقسا يول قۇيۇلمايدۇ.ئىلىم-پەن خادىملىرى ئۆزلىرى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلمايدۇ،باشقىلارنىڭ قىلىشىغىمۇ يول قويمايدۇ.ئىلىم-پەن خادىملىرى يەنە ئىلىم-پەندىكى سۆزلەش ھوقۇقىنى مەھكەم قاماللىۋېلىپ،ئاۋامدىن كەلگەن ئىلىم-پەن ھەرىكەتلىرىگە «ئەل ئىچى ئىلىمگەرى»،«ساختا ئىلىم-پەن»توقماقلىرىنى كۆتىرىپ چىقىپ زەربە بېرىشىدۇ ھەم باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىشىغا قەتئىي يول قويمايدۇ. Ng"vBycy  
ئىلىم-پەن –تەبىئەت سىرىنى بايقاش ھەققىدىكى مەلۇماتتۇر.بۇ ئىلىم-پەنگە قارىتا ئەڭ ئاددىي،ئەڭ ئىپتىدائى ھەم شۇنداقلا، ئەڭ توغرا چۈشىنىش ۋە تۇنۇش. ھالبۇكى،كىشىلەرنىڭ تەربىيلىنىش سەۋىيسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ،كىشىلەرنىڭ ئىلىم-پەنگە بولغان چۈشىنىشى ۋە تۇنۇشى، ھەقىقەتەن كۆپ خىللاشتى،ناھايىتى قالايمىقانلىشىپ كەتتى. ئىلىم-پەن، مائارىپ ساھەسىدە تېخىمۇ شۇنداق.بۇ ساھەدىكىلەر ئىلىم-پەن بىلەن ساختا ئىلىم-پەننىڭ پەرقىنى بىلمىدى.بۇلار ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلماسلىقى بىلەن شۇنى ئايرىيالمىدىكى،بۈگۈنگە كەلگەندە ئىلىم-پەن ھادىسە (تەجرىبە ۋە كۆزىتىش) ۋە ماتېماتىكىلىق لوگىكىدىن يەكۈنلەپ چىققان نەزەرىيەلەر بولۇپ خۇلاسىلىنىپ، ھەرقايسى نەزەرىيە ھەم ھەرقايسى پەنلەرئوتتۇرىسىدا ئۆز-ئارا زىتلىق پەيدا بولدى. ئىلىم-پەن ھازىرغىچە بارلىق ھەرىكەتلەرنى قوللايدىغان ماھىيەتلىك قانۇنىيەتنى يەكۈنلەپ چىقالمىدى. شۇڭا، بارلىق نەزەرىيلەردىن تەشىكىللەنگەن ھازىرقى زامان ئىلىم-پېنى، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە يېقىنلاشمىغانلا بولسا ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتنىڭ بۇرمىلىنىشى بولدى. تەجرىبىچىلىك (كەڭ مەنىدىكى-ت) ۋە تەجرىبە پېنى(تارمەنىدىكى-ت) بولمىسىلا، ماتېماتىكىلىق لوگىكا پېنى ياكى سۇبيېكتىپ ئاڭنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، ھەممىسىلا ساختا ئىلىم-پەن(بىرقىسمى نىسبى ھەقىقەت،بىرقىسمى ساختا ھەقىقەت)دۇر.بۇلار مۇتلەق ھەقىقەتكە، پىرىنسىپ نەزەرىيسىنىڭ ئىلمىي يۈكسەكلىكىگە تېخى يەتمىگەن. شۇڭا، ھەرقانداق ئىلمىي نەزەرىيە يېڭى نەزەرىينى دەلىللەشنىڭ ئۆلچىمى بولالمايدۇ ھەم بولسىمۇ بولمايدۇ.پىرئۇستازلارنىڭ ئىدىيسى ۋە خاھىشىنى ئۆلچەم قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.ئىلىم-پەننىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەقسىدى-مۇتلەق ھەقىقەتكە يېتىش. يەنى، ئىلىم-پەن نەزەرىيلىرىنى مۇتلەق ھەقىقەت ئىچىدە بىرلىككە كەلتۈرۈش.بۇ ئىلىم-پەننىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەللىسى ھەم ئىلىم-پەننىڭ ئاخىرلىشىشى. #& wgsGV8C  
ئىلىم-پەن بايرىغىنى كۆتىرىۋېلىپ،ئالدامچىلىق قىلىۋاتقانلار،ئاتالمىش ساختا ئىلىم-پەن،... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئىلىم-پەن تەنقىدىنىڭ مۇھاكىمە دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. TyWy5J<:+  
ئامېرىكىلىق داڭلىق ئاسترونوم كارل.ئېدۋارت.ساگان(Carl.Edward.sagan)ئېيتىدۇكى:«ئىلىم-پەننىڭ مۇۋەپپىقيەتكە ئېرىشىشىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئىلمىي تەنقىد بولۇپ،بۇ ئارقىلىق ئىدىيىمىز سىرتىقى دۇنيادىكى ئىدىيلەر بىلەن ھەر ۋاقىت سېلىشتۇرۇلىدۇ. ئۆزىمىزنى قويىۋېتىپ، ئۆزىمىزنى تەنقىد قىلىشتىن ۋازكەچكەندە،ئۈمىد بىلەن پاكىتنى ئارىلاشتۇرىۋېلىپ سۆزلىگەندە، بۇلار بىزنى ساختا ئىلىم-پەن ۋە قارىغۇلارچە چوقۇنۇشنىڭ پاتقىقىغا سۆرەپ كىرىدۇ».«ساپ ماتېماتىكىدىن باشقا، ھەرقانداق نەرسە مۇقىملاشمىغان. شۇنداق تۇرۇقلۇق، نۇرغۇن نەرسىلەردىن گۇمانلانماسلىقنىڭ ئۆزى خاتا. ئىلىم-پەن قانداقمۇ ئىدىئاللاشقان ئابىستىراكىت نەرسە بولسۇن؟ ئىلىم-پەندىكى بەزى نەزەرىيلەر ھەتتا مۇۋاپىق ئابىستىراكىتلاشنىمۇ تاشلىۋېتىپ،بىۋاستە تەخمىن قىلغان ئۇقۇملارنى ئىشلەتكەن تۇرسا!». 42CMRGv  
ئىلمىي-تەتقىقاتقا ئاجراتقان مەبلەغ ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ بۇنىڭغا تاينىپلا پەن-تەتقىقاتتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىغا تىزىلىش مۇمكىن ئەمەس.چۈنكى،بۇ ئاجرىتىلغان خىراجەت ئىلمىي تەتقىقاتقا ئىشلىتىلمەي،مەبلەغ سېلىش ۋە باشقا ئىشلارغا خەجلەنسە بولىدۇ.جۇڭگونىڭ ئىلمىي تەتقىقات راسخۇتى تەتقىقات خادىملىرى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتىغا ئايلىنىپ قالدى.دۆلەتنىڭ ئاساسىي پەنلەر تەتقىقاتى ۋە تېخنىكا ئۆتكەل تۈرلىرى،كارخانىلارنىڭ تېخنىكا، تەتقىقات-ئىختىرالىرى،پاتېنىت تېخنىكا تۈرلىرى،مەلۇم كارخانىلارنىڭ ئاساسى تەتقىقات-ئىختىرالىرى، شەخىسلەر ۋە خۇسۇسىيلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايرىپ قاراش لازىم. كىشلەرھەمىشە بۇلارنى ئارىلاشتۇرىۋالىدۇ. l,u{:JC  
پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئىقتىدارىنىڭ كۆرسىتىدىغىنى ئاساسى پەنلەر تەتقىقات ئىقتىدارى بولۇپ، تېخنىكا ئىختىرالىرى ۋە يېڭى تېخنىكىلارئەمەس. كېيىنكىلىرى بولسا ئاساسى پەنلەرنەزەرىيسىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىلىشىدۇر. ^qx\e$R  
مەيلى بىزنىڭ ئاساسى پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خادىملىرىمىز2 مىليۇن بولسۇن ياكى 1مىليۇن يۈزمىڭ بولسۇن،ۋە مەيلى بىزدىكى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر ھەم ئالىي مەكتەپتىن يۇقىرى ئۈنۋانغا ئىگە خادىملىرىمىزنىڭ سانى دۇنيادا1 -ئۇرۇنداتۇرسۇن،پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىلمىي تەتقىقاتقا كىرىشكەن بىرەرسىنى ئۇچراتقىلى بولمىسا جۇڭگونى قانداقمۇ ئىلمىي تەتقىقات ئىقتىدارى بار دېگىلى بولسۇن؟ ئىلمىي ماقالە سانى بىلەن پاتېنىت سانى ئىلمىي تەتقىقات ئىقتىدارىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.چۈنكى، جۇڭگوئاساسى پەنلەر تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھازىرقى ماقالىلەرنىڭ ھەممىسىلا شەكىلۋازلىققا ئايلانغان، ماتېماتىكا شەكلىدىكى ئىلمىي ماقالىلەردۇر. بۇ ئىلمىي ماقالىلەرنىڭ ھەممىسى سۇبيېكتىپ شەكىلۋازلىق، ھېسسىيلاشتۇرۇشنىڭ مەھسۇلى.ئىلمىي ماقالىلەر ئەمدىلىكتە ئوبيېكتىپ دۇنيانى چۈشەندۈرۈش ۋە بايان قىلىش بولماي، ماتېماتىكىلىق بايقاش، ماتېماتىكىلىق دېدوكسىيە بولدى. ئىلىم-پەن تەرەققىي قىلىپ ماتېماتىكىدىن پايدىلىنىپ دۇنيانى ھېس قىلىدىغان ۋە دۇنيانى يارىتىدىغان بىلىم بولۇپ قالدى. پاتېنىت-تېخنىكىلار جۇڭگونىڭ ئاساسى پەنلەردىكى بايقاش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۆرسەتمەيدۇ ھەم شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئىلىم-پەن نەزەرىيلىرى ۋە سېستىمىسىنىڭ بارلىقىنىمۇ ئىپادىلىمەيدۇ. ھەركۈنى بارلىققا كېلىۋاتقان ھەقىقىي مەنىدىكى ئىلمىي ماقالىلەردىن بىرەرسى جۇڭگولۇقلارنىڭ بايقىشىمۇ؟ بىرەرسى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزىدىن چىققان نەزەرىيە ياكى نەزەرىيەدىكى يېڭىلىق يارىتىشمۇ؟بىرەر ئىلمىي ساھەدە جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىلمىي نەزەرىيە سېستىمىسى ياكى ئىلمىي ئېقىمىنىڭ شەكىللەنگىنىنى ئۇچراتتۇقمۇ؟ ئالدىنقى بىر ئەۋلات پېشقەدەم ماتېماتىكلار تۇرغۇزغان جۇڭگو سانلارنەزەرىيسى ئىلمىي ئېقىمى، بۇگۈن پەقەتلا شەكىل بولۇپ قالدى، دەسمايىنى يەپ يېتىپتۇق. r$FM8$cJ  
جۇڭگودا 32مىليۇن پەن-تەتقىقات خادىمى بار، بىۋاستە تەتقىقات ۋەزىپىسى ۋە تەتقىقات راسخۇتىنى ئالىدىغانلار2 مىليۇندىن كۆپرەك. قالغانلىرى كارخانا پەن-تەتقىقات قۇشۇنلىرى،خىزمەتتە بولمىغان ئىشتىن سىرتقى پەن-تەتقىقات خادىملىرى بۇلارنىڭ سىرتىدا.مۇشۇنچىۋالا چوڭ تەتقىقات قوشۇنىنىڭ تەتقىقات ئىقتىدارى ۋە تەتقىقات نەتىجىسى دۇنيانىڭ ئوتتۇرىدىن تۆۋەن قاتلىمىدا،بارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ. يەنى، جۇڭگو ئەرلەر پۇتبۇل كوماندىسى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. كانادانىڭ نوپۇسى 32 مىليۇنغا يەتمەيدۇ،ئەمما تەتقىقات ئىقتىدارى دۇنيادىكى ئالدىنقى 6-، 7-ئورۇنداتۇرىدۇ. كانادا دا قانچىلىك خىزمەتتىكى تەتقىقاتچى بارلىقى ماڭا ئېنىق ئەمەس، بىرمىليۇندىن ئاشمايدىغۇ دەيمەن. ZPsY0IzLo  
جۇڭگو پەن-تەتقىقات خادىملىرى ھەقىقىي تەتقىقات قوشۇنى ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي پائالىيەت قوشۇنى. .p9h$z^  
بىرىنچىدىن، ھەربىرئادەمنىڭ تەتقىقاتقا ئاجراتقان ۋاقتى ۋە زېھنى قۇۋۋەت بەك ئاز. }pnFJ  
ئىككىنچىدىن،تەتقىقات نەتىجىسىگە ئېرىشىش ئۇزاق مەزگىللىك توپلىنىشتىن ھاسىل بولىدۇ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىقسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كەلمەيدۇ. aRKRy  
ئۈچىنچىدىن، جۇڭگونىڭ ئالىي مەكتەپلىرى چوڭ ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقالمايدۇ ئەمەس، بەلكى بۇنىڭ ئۈچۈن ئىزدىنىدىغان ئادەم يوق. &NjZD4m`=  
بىردۆلەت ھالقىغان شىركەتنىڭ تەتقىقات قوشۇنى بىزنىڭ بارلىق تەتقىقات قوشۇنىمىز بىلەن تەڭلىشىپ قالىدۇ. كىچىككىنە كورىيە چېغىدا جۇڭگونى قالاق بىلىپ، جۇڭگودا ئىشلىگەن نەرسىلەرنى «ئەخلەت»دەپ قارايدۇ. ھازىرقى جۇڭگونىڭ پەن-تەتقىقات خادىملىرى ۋە پەن-تەتقىقات ئىقتىدارى 20-ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىدىكىدىنمۇ كۆپ ئاجىزلاپ كەتتى. 32مىليۇن تەتقىقات خادىمىدىن ئىلمىي تەتقىقاتقا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشكەندىن ساناپ كەلسە بىر نەچچىسىمۇ چىقمايدۇ. جۇڭگونىڭ پەن-تەتقىقات خىزمىتىنى ئاق ھالەتتە دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.ھېچكىممۇ ھەقىقىي ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانمىسا، ئىلمىي تەتقىقات ئىقتىدارى ۋە تەتقىقات نەتىجىسى يوق بولغاندىن كېيىن ئاق ھالەتتە دەيمىزدە. !VX_'GyK  
سامسۇڭ شىركىتىدەك بىر شىركەت چېغىدا«مېنىڭدەك بىرشىركەتنىڭ مۇستەقىل تېخنىكىسىغا سېنىڭدەك بىر دۆلەت تەڭلىشەلمەيدۇ» دەپ كۆرەڭلەيدۇ.تىيەنجىندىكى سامسۇڭ شىركىتىنىڭ جۇڭگولۇق ئىشچىلارغا بېرىدىغان مائاشى بەك تۆۋەن،ئەمگەك سىجىللىقى ۋە ئەمگەك ۋاقتى بولسا ئەڭ ئۇزۇن، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە قانۇننى كۆزگە ئىلىپمۇ قويماي يۈرۈيدۇ. خەقنىڭ تېخنىكىسى،ئىلمىي تەتقىقات ئىقتىدارى بار، بىزخەققە بېقىندا بولغاندىن كېيىن نېمەئامال. bNjaCK<  
ھازىركىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېققىتىنى دۆلەت مەمۇرلىقىغا قارىتىپ، ئەمەلدارلىق ئورنىنى تالىشىدۇ ھەم زېھنى كۈچىنى، ۋاقتىنى كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئىقسادىي پائالىيەتلەرگە سەرپ ئېتىدۇ. BMWeD  
تەتقىقات خىراجىتىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خەجلىنىدۇ ياكى يۇقىرىغا سۈڭگۈتىلىدۇ. تەتقىقات خادىملىرىنىڭ خىراجەتنى ئىشلىتىپ كېتىشى ئۇمۇميۈزلۈك ئەھۋال ، تەتقىقات خىراجىتىنى ئىشلىتىپ كەتمىسە، بۇنىڭغا ھەيران قالساق بولىدۇ. بىر پەن-تەتقىقات تۈرىگە پۇل بولمىسا قانداق بولغىنى؟ يالغان سانلىق مەلۇماتلارنى ياساشقا، يالغان ماتېرىياللارنى تۇقۇپ، يالغان ئىش ۋاقتى ۋە يالغان ئۈسكۈنە، يالغان زاۋۇت ۋە ئورۇنلارنى ئويدۇرۇپ چىقىشقىمۇ پۇل كېتىدىغان تۇرسا. ھەتتا،تۈرگە تەستىق ئېلىشتىلا نۇرغۇن ساختا مەلۇماتلاردىن سىرت تەستىقلىغۇچى تارماق ۋە خادىملارغا پۇل تىقىدىغان ئىش. نىسبەت بويىچە كېلىشلىدۇ، بۇ نىسبەت كۆپ بولغاندا 50پىرسەنتكە يېتىدۇ. بۇ دەل ئىلىم-پەن ساھەسى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ساھەلىرىنىڭ ئاساسلىق پائالىيتى ۋە خىزمىتى.مۇشۇنداق تەتقىقات قۇشۇنىدىن بىرەر نەتىجە چىقسا غەلىتە ئىش بولمامدۇ، ھېچقانداق نەتىجە چىقمىسا ئاندىن نورماللىق بولىدۇ. +'j*WVE%5  
ئاتالمىش ئۇستىلار،مۇتەخەسسىسلەر، ئىلىم يۇرتلىرىنىڭ ھەيئەتلىرى،تۈر باشلامچىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك80-يىللاردا دىپلوم ئالغانلار بولۇپ، ئۇلارنى مەدەنىيەت سەۋىيسى تۆۋەن دېسەڭ ئۇلارنىڭ دېپلومى يوغان، قالپاق چوڭ.ئۇلارنى سەۋىيلىكمىكىن دېسەڭ، ھېچنىمىنى ئۇقمايدۇ ھەم ھېچنىمىنى قىلالمايدۇ. پارتىيىمىزنىڭ ئىستىلىدا مەسىلە بار، مەركىزى پارتىيە مەكتەپ تۆت ئاي ئىچىدىلا بۇلارغا (بىرەركۈنمۇ دەرس ئوقۇپ باقمىغان بولسىمۇ) مەخسۇس كۇرس، بىر يىلدا تۇلۇق كۇرسنىڭ دىپلوملىرىنى بېرىۋېتىدۇ.بەزى مەكتەپلەر ماگىستىرلىق، دوكتۇرلۇقنىڭ دىپلوم ،ئۈنۋانىنى بىر-ئىككى تۈمەنگىلا ساتىدۇ. چەتئەللىكلەرنىڭ جۇڭگونىڭ ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش مائارىپىنى ئېتىراپ قىلىپ، داڭلىق مەكتەپلەرنى ئېتىراپ قىلماسلىقىدىنمۇ ھەيران قالمىساق بولىدۇ. i? _D]BY4  
ھازىرقى جۇڭگودا ئالىي مەكتەپلەر كەسىپ مەشىق مەيدانىغا ئايلىنىپ قالدى. ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر ھىچ ئىشنى قىلىشنى بىلمەيدۇ، ھىچ ئىشنى قىلالمايدۇ. پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگەنمىگەن، ئىلمىي تەتقىقاتتىنغۇ سۆز ئاچقىلىمۇ بولمايدۇ. O|OSE  
90-يىللاردىن كېيىن بىزنىڭ ئىدارىگە تەقسىم قىلىنغان ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرى خىزمەتكە قاتناشقىلى5 -6 يىل بولغان بولسىمۇ، يەنىلا بىرەر ئۇستىنىڭ يېتەكلىشىدىن ئايرىلىپ ئۆزى مۇستەقىل خىزمەت قىلالمايدۇ. تىيەنجىن داشۆنىڭ قۇرۇلۇش بىناكارلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچىغا ئىشلەۋاتقلى 5يىلدىن ئاشتى، تا ھازىرغىچە قۇرۇلۇش سېخمىسىدىن خاتالىق كۆرۈلىدۇ، مەسىلە سادىر بولىدۇ، ئىلاجىسىز قۇرلۇش ئەترىتىمۇ ئۇ سىزىپ چىققان چىرتىيۇژ بۇيىچە ئىش ئېلىپ بارالمايدۇ. كەسپىي بىلىملەردىن چوڭراق ساھەنىڭ مەسلىسى بولسىغۇ بىرگەپ ،ئۇلار ھەتتا ساۋات خارەكتېرلىك ئاددىي بىلىملەرگىمۇ چولتا. RQS:h]?:l  
ئالىي مەكتەپلىرىمىزگە نېمە بولدى؟ جەمئىيتىمىزگە نېمە بولدى؟ قارىغاندا بىزگە نىسبەتەن پەن ئالىملىرىدىنمۇ بەكرەك مۇتەپەككۇر زۆرۈر بولسا كېرەك. ئۇلار پەيدا بولۇپ، داشۆلىرىمىزنى،ئىلمىي-تەتقىقات قۇشۇنىمىزنى قۇتقۇزىۋالسا! M |Q  
ياپۇنىيەنىڭ نۇپۇسىغا تەڭلەشكۈدەك ئالىي مەكتەپتىن يۇقىرى ئۈنۋانغا ئىگە توپ ئىچىدىن، كانادا نۇپۇسىنى بېسىپ چۈشكىدەك جۇڭگو ئىلمىي-تەتقىقات خادىملىرى ئىچىدىن، شۇنچە زور قۇشۇن ئىچىدىن بىرەر ھەقىقىي ئالىمنى،ئىلمىي نەزەرىينى ياكى ئىلمىي ئېقىمنى ئۇچراتمايمىز. w4fJ`,  
ئىلغار ئۈسكۈنە دېسە بىزدە بار، تەتقىقاتنى باش چۆكۈرۈپ قىلىدىغان ئادەملا كەم.ئىلىم-پەندىكى يېڭى بايقاش، ئۇزاق مەزگىللىك ئىزدىنىش، تەجرىبە قىلىش، سىناق قىلىش، كۆزىتىشتىن كېلىدۇ. بىرقانچە فىزىكىلىق فورمۇلانى ماتېماتىكىلىق تەڭلىمە ۋە ماتېماتىكا نەزەرىيلىرى بىلەن كېڭەيتكەنگە يېڭى بايقاش بولۇپ قالمايدۇ. جۇڭگونىڭ ئىلىم-پەن تەتقىقاتچىلىرى مانا مۇشۇنداق ئۇزاق مەزگىللىك سىناققا بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتىدۇ. ئۇلار تۆھپە ۋە نام-ئاتاققا ئالدىراپ كېتىپ ماتېماتىكىلىق ئۇسۇلدىلا «يېڭى ئىلمىي بايقاش»لارغا ئېرىشىۋاتىدۇ.بۇنىڭلىق بىلەن ناھايىتى تېز مۇتەخەسسىسلىك نۇپۇزىغا ئېرىشىپ ئاتاق ھەم ياخشى تەمىناتلاردىن بەھىرمەن بولىۋاتىدۇ. E}b> 7L&w  
ئۇلار مەخسۇس نەزەرىيە «ئوينايدىغان» مۇتەخەسسىسلەر، ئۇلار نەزەرىيدىن ئېلىپ يەنە نەزەرىيگە قويىدۇ. ئۇلار ھەقىقەتنى سۇبيېكتىپ ئېڭىدىن ۋە ماتېماتىكىدىن ئىزدەيدۇ. ماقالەيېزىش، كىتاپ چىقىرىش بولسا ئۇلارنىڭ سالاھىيتىنىڭ بەلگىسى شۇنداقلا، ئۇلارنى ھوقۇق، مەرتىۋىگە ئۆتكۈزىدىغان كۆۋرۈك. \LoSUl i  
ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىلمىي تەتقىقات تۈرلىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ھەربىر تۈر30 يىلدىن ئارتۇق ئىلمىي خىزمەتنىڭ نەتىجىسى، بەزىلىرى ئىككى ياكى ئۈچ ئەۋلات ۋارىسلىق ئاساسىدا بىر-بىرىگە ئۇلاپ يۈرۈپ ئېرىشكەن نەتىجىلەردۇر. جۇڭگو بىلەن كورىيە «ئۆچكىگە چىگىت بېرىپ ئەتىسىگە قۇيرۇقىنى سىلايدىغان» دۆلەتلەر، 30يىلدىن ئاشقان بىرەرتەتقىقات تۈرى يوق، ئىلمىي نەزەرىيسى ۋە مۇستەقىل ئىلمىي ئۇتۇقلىرى يوق.  sx(l  
ئىقتىسادىي مەنپەئەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تېخنىكا پەنلىرىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەتقىقات-ئىختىرا سەۋىيسى يامان ئەمەس بولغان بىلەن، بۇلار پەقەت كارخانا ۋە شەخىسلەرگىلا نەپ ئېلىپ كېلىدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈنۈمى تېز كۆرۈلىدىغان تۈرلەردۇر. IJ_ 'w[k  
ھالبۇكى، ئىلىم-پەن ئاساسى تەتقىقاتىنىڭ مېۋىسى ئۇزاقتا كۆرۈلىدۇ. بەلكىم، بىرئادەم ئۆمۈر بۇيى ئىزدىنىپ ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىكىمۇ مۇمكىن، بۇنىڭ ئۈچۈن بىرقانچە ئەۋلات بەدەل تۆلەيدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. خەلقى«دېگىزغا چۈشۈپ»، سودىگەرگە ئايلىنىۋاتقان، پۈتكۈل جەمئىيەت پۇلنىلا تۇنۇيدىغان ۋەزىيەت ئاستىدا، جۇڭگونىڭ ئىلىم-پەن ساھەسىدە ھېچكىممۇ پۇلنىڭ ۋەسۋەسىسىنى يېڭەلمىدى. ئۇزاق مەزگىللىك تەنھالىق ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن پايدا كۆرمەسلىك سىنىقى ئالدىدا، ھەممەيلەن كۆزئالدىدىكى مەنئەپەتكە قاراپ ئېتىلدى. j^$3vj5E[  
جۇڭگودا، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكىلەر ھازىرقى ئىلىم-پەن سېستىمىسىغا قارىتىلغان ھەر قانداق تەنقىدكە قارشىلىق قىلدى. ھەتتا بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇخىل قارشىلىقىنى جامائەت پىكرى توپلاش، ئېنتىرنىتتىن پايدىلىنىپ كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇش شەكىللىرى بىلەن ئىپادىلەپ ئۈلگۈردى. ھېچ ئىشقىلمايدىغان، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىنى جايىدا قىلمايۋاتقان بۇ مۇتەخەسسىسلەر «كۋانت مىخانىكىسى، كەڭ مەنىدىكى نىسبىيلىك نەزەرىيسى، ماتېماتىكىلىق ئاساسىي پەرق كۆز قارىشىنى سەنلەر ئۇقۇپمۇ تېگىگە يېتەلمەيسەن» دېگەنلەرنى كوزۇر قىلىپ تەنقىدى پىكىرلەرگە رەددىيە بېرىشتى. ~Miin   
دۆلەت (ئۇمۇمىي خەلق) پەن-مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن غايەت زور مەبلەغ ئاجرىتىپ جاۋاب كۈتىۋاتقىلى 30نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، مائارىپتا ھېچقانچە يۈكسىلىش بولمىدى. بىزنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىز پەقەت كىتاب ئوقۇش مۇھىتىنىلا يېڭىلىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ سەۋىيسى شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» مەزگىلىدىكى دېھقان-ئەسكەر سىتۇدېنتلاردىنمۇ تۆۋەن ھالغا چۈشۈپ قالدى. ^E<~zO=Z  
ھازىر جۇڭگودا يىلىغا نەچچە مىليۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئوقۇش پۈتتۈرىدۇ. بۇ سان بىردۆلەتنىڭ ئۇمۇمىي نۇپۇسىغا توغرا كېلىدۇ. بۇلارنىڭ سانى كۆپ بولغان بىلەن بۇلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن پەرقى ئۇلار بىرقانچە كىتابنى ئارتۇق ئوقۇغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئىدىيە،روھ، دۇنياقاراش، قىممەت قارىشى،تەن-ساپاسى، ئەمگەك، تېخنىكا، نەزەرىيە، ئىجادچانلىق، ئىجتىمائى مەسئۇلىيەت، دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، مىللىي كىملىك، سەنئەت قاتارلىق تەرەپلەردىن ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمىغان. ھەتتا پىسخىكا جەھەتتىن تېخىمۇ شەخسىيەتچى، مۇتىھەم، ھورۇن، مىشچانلارغا ئايلانغان. Yn$>QS 4  
مائارىپنىڭ ئەسلى نىشانى ئاقسۆڭەكلەرنى ئەمەس،ئەمگەكچىلەرنى، ۋەتەن خائىنى، ساتقىنلارنى ئەمەس ۋەتەنپەرۋەرلەرنى تەربىيلەش ئىدى. مەلۇم ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ بارلىق(كۆپمۇ ئەمەسقۇ) ئىجادىي تېخنىكا نەتىجىلىرى 70-يىللارنىڭ ئالدىدىكى «كونا دەسمايە» دىن كەلگەنىكەن، بۇنىڭدا ئەينى ۋاقىتتىكى ئىشچى، دېھقان، ئەسكەر، زىيالىي قاتارلىقلارنىڭ ھەسسىسى بار،ئەلۋەتتە. rtYb"-&  
مائارىپ تۈگەشتى، ئەمما مائارىپ خىزمەتچىلىرى ھەممىسى دېگۈدەك ئوتتۇرا بۇرژىئازىيە قاتلىمىغا كىرىپ بولدى. 30يىلدىن ئاشتى، ئىلىم-پەن تەرەققىياتىمىز نۆلگە ھېساب، ھەتتا ئارقىغا چېكىنىش بولدى. ek(kY6x:  
21-ئەسىردە ياشاۋاتىمىز، جۇڭگو ئىلىم-پەن خىزمەتچىلىرى «قىلىدىغاننى قىلالماسلىق» خىزمەت ئەندىزىسىدە تۇرماقتا. ھۆكۈمەت خىراجەتنى يىلدا كۆپەيتىۋاتىدۇ، ئۈسكۈنىلەرتوختىماي يېڭىلىنىۋاتىدۇ، تەجرىبىخانىلار يىلدىن-يىلغا كۆپىيىپ، ئاكادېمىك،دوكتۇر،پروففىسورلارنىڭ سانىمۇ يىلسېرى كۆپىيۋاتىدۇ. خەلقئارالىق داڭلىق نەشرى ئەپكارلاردا ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرنىڭ سانىمۇ ھەدەپ ئېشىۋاتىدۇ.خەلقئارالىق ھەمكارلىق تۈرلىرى يىلسېرى كۆپىيىپ،چەتئەل كۆرگەن دوكتۇرلىرىمىز بارغانچە كۆپىيۋاتىدۇ. ئەمما، تەتقىقاتقا چۆكۈپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ سانى يىلدىن يىلغا ئازلاۋاتىدۇ، ھازىر بۇ سان ئازلاپ تۈگەپ قالاي دېدى. ئىلىم-پەن دەپسەندە قىلىندى، ئەمما ئىلىم-پەن خىزمەتچىلىرى ئوتتۇرا قاتلامدىن يۇقىرى بورژۇئازلارغا ئايلىنىپ بولدى. باشقۇرغۇچىلارغۇ بايىلا ئىسمى-جىسمىغا لايىق بايلاردىن بولۇپ قالدى. 30يىللىق مائارىپ ۋە پەن-تەتقىقات، 30يىللىق كۆزياش، خەلقنىڭ 30يىللىق قەلب يارىسى، 30يىللىق مىللىي ھەسرەت! V4\^TO`q=  
جۇڭگونىڭ مائارىپ ئىدىيسى مائارىپ ۋە ئىلىم-پەننىڭ ئۇمۇرتىقىسىنى سۇغۇرىۋالدى. مەدھىيە نەزمىلىرى ئالقىشلىنىپ، مۇڭلۇق ناخشىلار چەتتە قالدى.«ئۈمىد باشلانغۇچ مەكتىپى»، «تاغلىق كەنتتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش»،...بۇلارنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيتى، بۇلارنى قانداقسىگە ئاۋام-خەلق زىممىسىگە ئالغۇدەك؟مەجبۇرى مائارىپنى قۇبۇل قىلىش ھەربىر پۇقرانىڭ ھوقۇقى، مەجبۇرىي مائارىپنى ئىزچىللاشتۇرۇشمۇ ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرىيتى، بۇنى قانۇن بەلگىلىگەن. نېمىشقا ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغان تەرەپلىرىنى تەنقىدلەيدىغانغا ئاخبارات ۋاستىلىرى چىقمايدۇ؟ ھۆكۈمەت پۇقرالارنى يېتەكلىگۈچى سەركە. يېقىنقى 30يىل مابەينىدە ھەركەسىپ، ھەرساھە بىرتۇتاش ئىسلاھاتقا ئەگىشىپ ماڭدى. مائارىپ ۋە پەن-تەتقىقات ساھەسى، رادىئو-تېلۋىزىيە، گېزىت-ژۇرنال، مەتبۇئاتلارمۇ بۇيېتەكلەشكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ كەلدى. جۇڭگو پۇلنىڭ بايرىقى ئاستىدا، «يېيىش» مارشى ئىچىدە ئالغا ئىلگىرلىدى. بۈيۈك جۇڭخۇانى، بۈيۈك بىر ئىمپىرىينى «يېيىش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈش»، كۆكنى، سۇنى بويسۇندۇرۇپ، ئاندىن ياۋرۇپا ۋە ئامېرىكىنى «يېيىش»، بارلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنى«يەپ» مەغلۇپ قىلىش جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆتكۈر قورالى ۋە ماھارىتى بولغان ئەھۋالدا، يەنە ئىلىم-پەننى قوغلىشىپ نېمە كەپتۇ؟ ئاۋىئاماتكىنىڭ نېمە كېرىكى، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاغزى دۈشمىنىنى يەۋىتەلەيدىغان بولغاندىكىن. يېيېىشنى تەرك ئەتسە جۇڭگولۇق بولماي قالىدۇ،دە! G&%nF4  
خەنزۇچە مەنبە:جۇڭخۇا مۇنبىرى j h1bn  
بۇ تېمىنى مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا ھەرقانداق تورغا كۇچۇرۇشكە بولىدۇ. a9?v\hG  
مەنبە: 0uVk$\:i  
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=7334&page=1&extra=#pid22382
[ تېما altunboxuk تەرپىدىن 2012-02-03 20:14 دە قايت ]

 
sansiz0903

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.238

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4352 

 نادىرلانغان تېمىسى:   16 

 مۇنبەر پۇلى:   70874 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   7846 (قېتم)
 تۆھپە:   7706  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 11154
 سائەت
دەرىجىسى:
11154 سائەت 116 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-24
ئاخــىرقىسى:2013-01-28
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-03

قارىغۇلارچە مائارىپ ئىسلاھاتىنى يولغا قويغاننىڭ نەتىجىسى ئەمدى كۆرۈلۈپتۇ...  
 
erhabi

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1557

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1549 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   78383 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   8438 (قېتم)
 تۆھپە:   8343  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 10729
 سائەت
دەرىجىسى:
10729 سائەت 71 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-17
ئاخــىرقىسى:2013-01-14
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-03

پۇل بولسا ھەممە بولىدۇ ئەقىدىسى بەك چىڭ جۇڭخۇا مىىلتىنىڭ ............. zOB=aG?/  
ئۇنىڭ ئۆستىگە يەپ تۈگۈتۈشتىنمۇ يامان بىر قورال بولمىسا كېرەك بۇ جاھاندا !
 
MAZLUM
mosajan0997
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8018

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   282 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   15312 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1500 (قېتم)
 تۆھپە:   1500  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1892
 سائەت
دەرىجىسى:
1892 سائەت 198 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-31
ئاخــىرقىسى:2012-07-04
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-03

كىچىككىنە كورىيە چېغىدا جۇڭگونى قالاق بىلىپ، جۇڭگودا ئىشلىگەن نەرسىلەرنى «ئەخلەت»دەپ قارايدۇ. 8E^@yZo{  
ھاھاھا...ئەمما كورىيەنىڭ پۇقىنىمۇ  تالىشىپ سېتۋالغىلى ئاز قالىدۇ  ھازىر بىر قىسىم كىشىلەر...
تەبىئىيلىك ،ئىشەنىچ،مىھىربانلىق بىلەن دۇنيا گۈزەلدۇر.
mosajan0997
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8018

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   282 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   15312 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1500 (قېتم)
 تۆھپە:   1500  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1892
 سائەت
دەرىجىسى:
1892 سائەت 198 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-31
ئاخــىرقىسى:2012-07-04
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-03

پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىنى زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ ،ئۆزلىرىنى چۇڭقۇر ئانالىز قىلىپ يازغان ماقالىكەن بۇ...يامان ئوبزورچىكەندە بۇ يولداش...
تەبىئىيلىك ،ئىشەنىچ،مىھىربانلىق بىلەن دۇنيا گۈزەلدۇر.
doppiqe
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6030

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   95 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5282 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   523 (قېتم)
 تۆھپە:   522  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2174
 سائەت
دەرىجىسى:
2174 سائەت 126 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-21
ئاخــىرقىسى:2013-01-28
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-04

راس  گەپنى  يىزىپتۇ.............
1tulpar

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3605

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1317 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   69738 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   5955 (قېتم)
 تۆھپە:   5950  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 11016
 سائەت
دەرىجىسى:
11016 سائەت 254 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-06
ئاخــىرقىسى:2013-01-09
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-04

جىڭ گەپتىن بىرسى بوپتۇ ما  مۇنبەردە بۇگۇن    .....بولسا      ياپۇن  يەنە بىر  قىتىم...............
bayawan

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.24

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2529 

 نادىرلانغان تېمىسى:   12 

 مۇنبەر پۇلى:   62923 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   5815 (قېتم)
 تۆھپە:   5588  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 16934
 سائەت
دەرىجىسى:
16934 سائەت 166 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-07
ئاخــىرقىسى:2013-01-23
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-05

ئۆزىمىزنى تۈزۈك قېزىپ چىققان ماقالىكەن بۇ ؛ جۇڭگودەك بىر چوڭ دۆلەتنىڭ ئەھۋالى يۇقارقىدەك بولۇپ كەتسە قانداق بولىدۇ ؟! كېيىنكى ئەۋلاتلارنىمۇ ئويلاپ قويايلى يولداشلار .
ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
allo2010
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7214

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   46 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2609 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   260 (قېتم)
 تۆھپە:   260  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 278
 سائەت
دەرىجىسى:
278 سائەت 72 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-10
ئاخــىرقىسى:2013-01-25
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-05

راس  گەپنى  يىزىپتۇ
گېنررال
katman
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8528

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   97 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6215 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   605 (قېتم)
 تۆھپە:   605  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 662
 سائەت
دەرىجىسى:
662 سائەت 108 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-03-16
ئاخــىرقىسى:2013-01-27
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2012-03-16

ئۇلار ئەزەلدىن ئەدىپلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدۇ. بۇرنىغا يىمىگىچە.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى