باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       633 
  •    ئىنكاس 
       12 

يۇلغۇن: رېشتە ( ھېكايە)

قەۋەت ئاتلاش
yulgun

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.19

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   390 

 نادىرلانغان تېمىسى:   38 

 مۇنبەر پۇلى:   19295 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1589 (قېتم)
 تۆھپە:   1398  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8644
 سائەت
دەرىجىسى:
8644 سائەت 376 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-07
ئاخــىرقىسى:2012-03-06
— تېما sansiz0903 تەرپىدىن (2012-01-18) دە نادىرلاندى. —

  WYHr'xJ  
رېشتە 5&&6e`  
( ھېكايە ) %?o@YwBo^E  
.zm'E<  
3f 1@<7*  
بوۋاي بېشىنى داۋاملىق ئولتۇرىۋالىدىغان  ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە قويۇپ، مومىيىنىڭ سۈرىتىگە قارىغىنىچە، تۇرمۇشنىڭ جەبرى-جاپاسىنى تەڭ تارتىپ، راھەت پاراغىتىنى تەڭ سۈرۈپ ئۆزى بىلەن يانمۇ –يان تۇرۇپ ، تۇرمۇشنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى چۈشەنگەن ، بارلىقىنى ئۆزىنى كۈتۈشكە، بالىلارىنى ئەقىللىق ، ياراملىق  تەربىيلەشكە ئاتىغان مېھرىبان ھەمرايىنى تاشلاپ ،  بۇ ئالەم بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى.ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىرى نىمىگىدۇر بىر نىمىگە تارتىشقاندەك قىيا ئوچۇق بولۇپ ، بىر قارىماققا تاتلىق ئۇخلاۋاتقاندەك،بىردەمدىن كېيىن ئويغۇنىپ كېتىدىغاندەكلا ئىدى.   بوۋاينىڭ ئۆلىمى مومايغا قاتتىق ئېغىر كەلگەنتى. موماي روھى تىنىدىن چىقىپ كەتكەندەكلا بولۇپ قالغان بولۇپ ، قەلبى چەكسىز قايغۇ-ھەسرەتكە تولغان ئىدى . ھەممە نەرسە موماينىڭ كۆزىگە يىتىمسىرەپ قالغاندەك ، نىمىنىدۇر بىر نەرسىگە تەشنادەك ، تەقەززالىق بىلەن تەلپۈنىۋاتقاندەك  كۆرىنەتتى. بوۋاي بىلەن موماي بىر-بىرىگە قەۋەتلا ئامراق ئىدى. موماينى بۇ دۇنيادا ھىچنىمىسى يوقتەك بىر تۇيغۇ تەتۈر قىينايتى. ئۈچ ئوغۇل ،تۆت قىزىنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانىدەك ئايلىنىپ يۈرۈشلىرىمۇ موماينىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرەلمىدى. ئۇ كۈندىن كۈنگە يىتىمسىرەپ كېتىۋاتاتتى. c1v,5c6d j  
n+5X*~D  
« يالغانچى ، ‹ 65 يىل بىللە ياشىدۇق ، ئۆلگەندىمۇ بىللە ئۆلىمىز ›  دېگىنى قېنى ؟...ئادەمنى شۇندامۇ ئالدامدۇ  دەيمەن؟ گەپ-سۆزمۇ قىلماي خىپپىدە مېنى تاشلاپ كەتكىنى قارا ؟...» دەرۋازىنىڭ يانياغىچىغا يۈلىنىپ ، يولغا قاراپ ئولتۇرغان موماينىڭ يۈرىكى چوغ ياققاندەك پىژىلداپ ئېچىشىپ ، كۆز ياشلىرى قورۇق باسقان مەڭزىنى بويلاپ ئېقىشقا باشلىدى.ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇردى –دە، پات-پات ئارقىسىغا قاراپ قويۇپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى.ئۇنىڭ يۈرىكى نىمىگىدۇر بىر نەرسىگە تارتىشىۋاتاتتى. بوۋىيى كېلىپ قالىدىغاندەكلا بىر تۇيغۇ ئۇنى پات-پات ئالداپ قوياتتى.  1|4'3^3  
$VX<UK$|s  
-ئانا ! سىز بىزنى ئازاپلانماۋاتىدۇ دەمسىز؟  بۇنداق قىلسىڭىز بەك تەڭقىسلىقتا قالدىكەنمىز ، بىزدە نىمە ئامال، مۇشۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولسڭىز ئۆزۈڭىزنى تۈگەشتۈرىۋالىسىز ، كەتكەننىڭ كەينىدىن كەتكىنى بولمايدۇ، قالغانلار ياشىشى كېرەك . دادام ئۆلۈپ كەتتى، قانچە قىلساقمۇ مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدۇ...- موماي، ھەسرىتىنى ئىچىگە يۈتۈپ ، كۆڭۈل ياساپ سۆزلەۋاتقان  چوڭ ئوغلىنىڭ كۆزىگە  نارازى بولغاندەك قارىدى-دە، ئۆپكەدەپ تۇرۇپ گەپ باشلىدى: j Hd <*  
M6ol/.G[  
- باللىرىم مەن داداڭلارنى مەڭگۈلۈك يوقۇتۇپ قويغىنىمغا ئىشەنمەيمەن. سىللەر بىلمەيسىلەر داداڭلار  ھەردەم مەن بىلەن بىللە . ئۆينىڭ ھەممىلا جايىدىن داداڭلارنىڭ  ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، ئېتىز-ئېرىق بويلىرىدىن ، باغلاردىن ئۇنىڭ كۆلەڭگۈسىنى كۆرگەندەك بولىمەن، باللىرىم.  راستتىنى دېسەم باللىرىم، روھىم داداڭلار بىلەن بىللە كېتىپ قالدى...- موماي  سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى . باللىرىمۇ ئۆزلىرىنى زادىلا تۇتۇۋالالمىدى.شۇ تاپتا بالىلار ئانىسىنىڭ بىر نەچچە كۈندىن بۇيانقى جىمخورلۇقىنىڭ تېگىگە يەتكەنتى. شۇڭا ئارتۇق گەپ قىلىشمىدى. نىمىمۇ دەيتى ؟ نىمىمۇ دېيەلەيتى؟!... Vrz6<c-'B  
YNGG> ;L  
موماي بوۋىيىنىڭ تۇمىقىنى قۇچىغىدا قويۇپ ، ئىڭىكىنى ئىككى ئالقىنى ئارىسىغا ئېلىپ ، مۇڭلانغىنىچە ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ تۇرىقى تولىمۇ  ئازاپلىق ئىدى. بالىلار ئانىسىنىڭ  بۇ ھالىغا قاراپ زادىلا چىدىيالمىدى. يۈرەكلىرى چوغ ياققاندەك ۋىژىلداپ ئازاپلىق ئېچىشىپ كەتتى.  J6*Zy[)%&S  
bLx70$  
-ئانىسى سىللىسىزمۇ ياشىيالايمەن دەۋاتمامتىڭ؟ ئېيتتە ، ساڭا زادى نىمە بولدى ، نىمانچە مۇڭلىنىپ كەتتىڭ ؟  ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىپ – موماي ئىتتىك بېشىنى كۆتۈردى ،ئۆينىڭ ھەممىلا يېرىگە تەپسىلى قاراپ چىقتى ئەمما ھىچنىمىنى كۆرەلمىدى. [zO    
7e,EI9?.  
- ئىسەنگىرەپ قالدىڭغۇ ؟ قارا بىر نەچچە كۈندىلا ،تۈگىشىپلا كېتىپسەن. ئەر دېگەننىڭ ئوتى شۇنداق يامان جۇمۇ قېرى بولسىمۇ ؟ كېلە بالىلار يوق چاغدا بىر قۇچاقلاپ قويە...- ئۆينىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدىن بوۋاينىڭ قىزىقارلىق سۆزلىرى ، كۈلكە-چاقچاقلىرى جاراڭلاشقا باشلىدى. موماي قايمۇقۇپلا كەتتى. e`1,jt'  
Sb&sW?M  
- يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى تازا تارتىپسەن –دە ، بىچارە. ~I0I#_$'P  
dXKv"*7l  
-شۇنداق دادىسى ،بالىلار ھەر قانچە كۆيۈنگەن بىلەن كۆڭلۈمدىكى يېرىملىقنى،يۈرىكىمدىكى بوشلۇقنى تولدۇرالمىدى. سىللىنىڭ قەدرىللىرى  بەك ئۆتۈلدى . AHws5#;$6*  
*+p9u 1B5  
-ھا.ھا،ھا مەن بۇرۇنلا دېگەنغۇ  ، مەندىن ئايرىلغاندا مېنى تېخىمۇ سېغىنىسەن دەپ. t I9$m[  
=2VM(GtK>  
- ئۆتەپ باسىلا  ،سىللىنى كىم سېغىنىپتۇ؟ =1o_:VOG  
8-cB0F=j_  
- ئەمىسە نىمىشقا بۇ ھالغا چۈشۈپ قالدىڭ؟ u7!X#<  
V Iof4?i  
- يالغۇزلۇقتىن . C7%+1w'D8  
V@jR8zv|_  
- سېغىنىشتىن دېگىنە؟ YQ>M&lnQ<  
#UH|,>W6  
- ۋاي قېرىغىنىنى بىلمەيدىغان ، گېپىدە تۇرماس . Pms"YhyZ7  
[wAI;=.  
- چىم گېپىدە تۇرماپتۇ؟ 4LYeacL B  
/?l@7  
-سېللىچۇ؟ y\Z7]LHCqw  
&1:xY.Zs_  
-قايسى گېپىمدە تۇرمىدىم مەن؟ ]zHUF!a*  
yG?,8!/]  
- ئۆلگەندىمۇ بىللە ئۆلىمىز دەپ ...- موماي ئىتتىك ئەتراپىغا قارىدى . باللىرى، نەۋرە-چەۋرىللىرى، كېلىنلىرى  كۆرۈنمەيتى. كۆز ياشلىرى يەنە تاراملاپ تۆكۈلۈشكە باشلىدى .يۈرىكى ئېچىشىپ كەتتى. موماي نىمىشقىدۇر ئىشىككە قارايتى ، تىت-تىت بولاتتى . تۇنۇش بىر شەپىنى تىڭشايتى. توساتتىن ئۇنى شىرىن بىر  ئەسنەك بېسىپ ، كۆزلىرى يۇمۇلىشقا باشلىدى. ئاجايىپ بىر شىرىن ئۇيقۇ قىستاپ كېلېۋاتاتتى. ئۇ بوۋىيىنىڭ چەكمىنىنى ئېلىپ چىرايلىق قاتلاپ بېشىغا قويۇپ ياتتى-دە، ئارقا –ئارقىدىن بىر نەچچە قېتىم ئەسنىگەندىن كېيىن ئاستا-ئاستا ئۇيقۇغا كەتتى. 4os7tx  
z.{T`Pn  
موماي چۈش كۆردى.تۇيقسىز ئىشىك ئېچىلىپ ، بوۋىيى ئاپئاق كېيىملەرنى كېيىپ، سۈتتەك ئاق ساقاللىرىنى سىيلىغىنىچە ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بولدى. ,Z*?"d  
+)Tt\Q%7  
-ياخشى تۇرتدىڭمۇ؟ <Yfk7Un  
gq`gitu0  
-ئۆزلىرىچۇ؟ fB[I1Z  
yyfm  
- مەنغۇ ياخشى،ساڭا نىمە بولدى؟ w\KO1 Ob  
t{tcy$bw  
-سىللى يوق يالغۇزسىراپ كەتتىم. U<fe 'd  
%"V Y)  
- بالىلارچۇ؟ o~H4<ayy  
k'Fc:T8:~5  
- ئۇلارغۇ يېنىمدىن نېرى كەتمىدى، شۇنداق بولسىمۇ سىللى بولمىغاندىن كېيىن ، كۈنلەرنى يۈرىكىم يوقتەك ئۆتكۈزدۈم...  49&p~g  
ext`%$ U7  
- كۆڭلىڭنى يېرىم قىلما ، سېنى ئېلىپ كەتكىنى كەلدىم . #R<4K0Xan  
]N}80*Rl  
-راستما؟. m5 r65=E  
qQ[&FjTO`  
-مەن قاچان يالغان ئېيتقان؟. eAS~>|N#x  
J2 {?Pcs  
- يۈرسىلە ئەمىسە؟. ae( o:G  
lDd+.44V:  
- ئالدىرىما،ئالدىرىما ،چۇقۇم سېنى يېنىمغا ئېلىپ كېتىمەن. سەن يېنىمدا بولمىغاچقا ئۇ ئالەمدە بەك غېرىپسىنىپ كەتتىم . ,  A?o  
% \Nfj) 9  
- مۇشۇنداق دەپ مېنى يەنە يالغۇز قالدۇرۇپ كەتمەكچىمۇ-يا سېللى؟ rr>*_67-:  
TWkuR]5  
- ياق، ۋاختى بار . bS_fWD-  
!7t,(Id8  
- جاچان؟ #n5q$  
=qiX0JT  
-ناماز پىشىندىن كېيىن . DJP)V8]!B  
*&{M ,  
بوۋاي شۇنچە تېتىك، روھلۇق ئىدى. مومايمۇ بىردىنلا جانلىنىپ كەتتى.تىنىدىكى ماغدۇرسىزلىق قاياقلارغىدۇر يوقالدى. ئۇلار بىر- بىرىنىڭ  قوللىرىنى تۇتۇشقىنىچە سىرتقا قاراپ قەدەملىرىنى يۆتكىدى. بوسۇغىدىن چىقىپلا ئاستا-ئاستا يۇقۇرغا قاراپ كۆتۈرۈلدى. ئۇلا ئاپپاق بۇلۇتلارنى پەستە قالدۇرۇپ داۋاملىق يۇقۇرغا قاراپ  ئۆرلەۋاتاتتى. موماينىڭ  تومۇر- تومۇرلىرىدا  قېنىغا قوشۇلۇپ ئېقىۋاتقان  لەززەتلىك بىر تۇيغۇ ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سالاتتى...ئۇلار گۈللەر بىلەن تولغان، سۈپزۈك سۇلار شاقىراپ ئېقىپ تۇرغان بىر باغقا كېلىپ چۈشتى. باغدا ئۇلار ئۆمرىدە كۆرۈپمۇ باقمىغان تۈرلۈك مېۋىلەر مەي باغلاپ پىشىپ كەتكەنتى. 6[>UF!.=  
+[@Ug`5M  
 موماي بىردىنلا ئويغۇنىپ كەتتى، ئېغىر ئۇھ تارتتى . كۆز چاناقلىرى لىققىدە ياشقا تولدى.كۆڭلى تولىمۇ يېرىم بولدى. ئۇ ئورىنىدىن تۇرۇپ،   بوۋاي  ھايات چېغىدا داۋاملىق ئولتۇرىدىغان  ئورۇندۇقدا بېرىپ ئولتۇرۇپ ، ئۇنىڭ سۈرىتىنى قولىغا ئېلىپ ئۇنىڭغا تىكىلدى.سۈرەتكە  قارىغانسىرى موماينىڭ روھى تىنىدىن سۈغۈرۈلۈپ چىقىپ كېتىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ يۈرىكىدىن پۈتۈن ۋۇجۇدىغا يامراشقا باشلىدى. بېشىنى ئورۇندۇقنىڭ يۈلەنچۈكىگە قويدى .سۈرەتتىكى  ھايات چاغلىرىدىكىدەكلا كۈلۈمسىرەپ تۇرغان بوۋايغا قاراپ موماينىڭ كۆڭلى ئاۋۋال تولىمۇ يېرىم بولدى، ئارقىدىنلا يۈرىكى نەۋقىران قىزلارنىڭ يۈرىكىدەك سوقۇپ ، بىر شىرىن تۇيغۇدىن تىنى بوشۇشۇپ كەتتى.ئۇ بىردىنلا تاتلىق كۈلۈمسىرىگىنىچە راسا بىر كېرىلىدى-دە ، ئارقىدىنلا مەڭگۈلۈككە كۆز يۇمدى.ئۇنىڭ چېھرىدە تاتلىق بىر كۈلكە،كۆزلىرىدە بوۋىيىنىڭ سۈرىتى قېتىپ قالغانتى... $ KQ7S>T  
7JNhCOBB  
  'eg?W_zu  
Ex^|[iV  

ئانا تۇپراق مۇنبرىدىكى مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار جەمئىي 1 پارچە
ayqeqakمۇنبەر پۇلى+10001-18esil yazma
ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

精彩

感动

搞笑

开心

愤怒

无聊

灌水
ئەتتىرگۈل

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7107

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   272 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   15158 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1485 (قېتم)
 تۆھپە:   1485  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 525
 سائەت
دەرىجىسى:
525 سائەت 15 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-19
ئاخــىرقىسى:2012-03-06
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 01-18

ھېكايىڭىز بەكمۇ تەسىرلىك چىقىپتۇ ، ئەجىرىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر نادىر تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي.
[ تېما ayqeqak تەرپىدىن 2012-01-19 13:53 دە قايتا ت ]

arman

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3881

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1080 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   24995 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2613 (قېتم)
 تۆھپە:   2461  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7544
 سائەت
دەرىجىسى:
7544 سائەت 246 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-16
ئاخــىرقىسى:2012-03-05
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-19

دائىم ئازاپلىق  تۇيغۇلاردىكى  شىئېرىيەت  بىلەن ئادەم  قەلبىگە ئازابنىڭ  ئۇرىقىنى  تېرىماي، مۇشۇنداق ئېسىل ھەم  تەسىرلىك ھېكايىلەرنىمۇ  يوللاپ  تۇرايلى  ماندا  قېرىنداش...
ئۇۋا بۇزغاننىڭ ئۇۋىسى بولارمۇ ؟
MǚS_しiM
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7418

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   145 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10508 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1050 (قېتم)
 تۆھپە:   1050  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 580
 سائەت
دەرىجىسى:
580 سائەت 70 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-30
ئاخــىرقىسى:2012-03-04
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-19

  Esil ha esil yahxi esl yezliptu muxundfk nadir timilirigiz uzlup kalmisun
ئادەمنىڭ ئۆرە تۇرغانلىقى ئۇنىڭ روھىنىڭ ئويغاق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ
sumbul

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2364

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   337 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   27446 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   991 (قېتم)
 تۆھپە:   952  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3159
 سائەت
دەرىجىسى:
3159 سائەت 81 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-13
ئاخــىرقىسى:2012-02-29
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-19

كىشىلىك ھاياتتىكى چىن ۋاپا، ئەقىدە، ساپ  ھىسيات، ئۈزۈلمەس رىشتە ، ھامان يۈز بېرىدىغان ئۆلۈم، تەسەۋۇرۇمىزدىكى جەننەت، قاتارلىق مەزمونلارنى يارقىن ، چۈشۈنۈشلۈك تىل بىلەن شۇنداق ياخشى ئىپادىلەپ بېرىپسىز. ئەسىرىڭىزنىڭ نادىرلانغىنى بەك ياخشى بۇپتۇ سىزنى دد ۋ ئەپەندىمىكىن دەپ قىلىۋاتىمەن يېزىش ئۇسلۇبىڭىزدىن؟
مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!
yulgun

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.19

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   390 

 نادىرلانغان تېمىسى:   38 

 مۇنبەر پۇلى:   19295 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1589 (قېتم)
 تۆھپە:   1398  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8644
 سائەت
دەرىجىسى:
8644 سائەت 376 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-07
ئاخــىرقىسى:2012-03-06
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-19

ئىشلىتىش
بۇ 4قەۋەتتىكىsumbul يوللىغان 2012-01-19 16:59 غا قارتىلغان : z|5Sy.H>  
كىشىلىك ھاياتتىكى چىن ۋاپا، ئەقىدە، ساپ  ھىسيات، ئۈزۈلمەس رىشتە ، ھامان يۈز بېرىدىغان ئۆلۈم، تەسەۋۇرۇمىزدىكى جەننەت، قاتارلىق مەزمونلارنى يارقىن ، چۈشۈنۈشلۈك تىل بىلەن شۇنداق ياخشى ئىپادىلەپ بېرىپسىز. ئەسىرىڭىزنىڭ نادىرلانغىنى بەك ياخشى بۇپتۇ سىزنى دد ۋ ئەپەندىمىكىن دەپ قىلىۋاتىمەن يېزىش ئۇسلۇبىڭىزدىن؟ d77->FX2  
eInx\/  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ، بەك ماختىۋېتىپسىز . مەدەت بەرگىنىڭىزگە رەخمەت! UDUj  
مەن  << د د ۋ >> ئەپەندى ئەمەس  تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن بولىمەن .
sumbul

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2364

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   337 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   27446 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   991 (قېتم)
 تۆھپە:   952  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3159
 سائەت
دەرىجىسى:
3159 سائەت 81 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-13
ئاخــىرقىسى:2012-02-29
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-19

مەن دد ۋ ئەپەندىنىڭ بىر قانچە ھىكايىلىرىنى ئۇقۇغان ، مەزمونى شۇنداق ئىخچام، چۈشۈنۈشلۈك، مەنىسى چوڭقۇر ، بىرەر زىيادە مەزمون تاپقىلى بولمايدىغان ھەم ئاز ھەم ساز ئەسەرلىرى بىلەن كىشىگە ئىللىق تۇيغۇ ئاتا قىلاتتى، بۇ ھىكايىڭىزنى ئۇقۇپ چىقىپ شۇ تەسىراتقا  قايتىدىن ئىگە بولغاندەك بولدۇم شۇڭا شۇنداق ئويلاپ قاپتىمەن . '`/Qr~]  
راسلا ياخشى يېزىپسىز! داۋاملىق ئىسىل ھىكايىلىرىڭىزنى ئۇقۇپ تۇرۇشنى خالايمەن!
مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!
bayawan

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.24

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2363 

 نادىرلانغان تېمىسى:   12 

 مۇنبەر پۇلى:   53193 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4860 (قېتم)
 تۆھپە:   4633  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 14132
 سائەت
دەرىجىسى:
14132 سائەت 168 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-07
ئاخــىرقىسى:2012-03-04
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-19

بۇ مۇھەببەت ھېكايىسى بەكلا چىن ، ھېسسىياتلىق چىقىپتۇ . مەتبۇئاتقا تەخىرسىز بېرەيلى يۇلغۇن ئاكا ~
ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
ilqinai
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7620

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   100 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5391 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   535 (قېتم)
 تۆھپە:   535  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 273
 سائەت
دەرىجىسى:
273 سائەت 77 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-20
ئاخــىرقىسى:2012-03-02
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-19

        ھىكايىنىڭىزدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم. . . . . .  . %+1;iuDL  
    كىچىك چاغىلېرىمدا بۇۋام ئالەمدىن ئوتكەندە مومامنىڭ چىرايىدىكى غەمكىنلىكنىڭ سەۋەبىنى چۇشەنگەندەك بولدۇم . E&RiEhuv  
       قەلەم تۇتقان قوللېرىڭىزغا كوز تەگمىگەي. . .  . . . .
altunboxuk

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4011

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   135 

 نادىرلانغان تېمىسى:   11 

 مۇنبەر پۇلى:   6563 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   661 (قېتم)
 تۆھپە:   630  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1170
 سائەت
دەرىجىسى:
1170 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-21
ئاخــىرقىسى:2012-03-02
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-19

ياخشى يېزىلىپتۇ. ھېكايىلىرىڭىزنىڭ كۆپ قىسمىدا خىيال، چۈش، روھى تۇيغۇ... قاتارلىقلار ئارقىلىق ھىسسىياتنى جانلىق ئىپادىلەپ كېلىۋاتىسىز.  مەسىلەن: قىزىلسۇ ئەدەبىياتىنىڭ  2009 -يىللىق 1-2-سانىغا بېسىلغان <چۈش ۋەھىمىسى>غا ئوخشاش.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى