باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       915 
  •    ئىنكاس 
       8 

تەنقىد: ‹‹ تور موللىلىرى››غا ئىككى كەلىمە سۆز

قەۋەت ئاتلاش
hokumran
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   23 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2916 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   75 (قېتم)
 تۆھپە:   42  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 281
 سائەت
دەرىجىسى:
281 سائەت 69 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-07
ئاخــىرقىسى:2012-01-19

تەنقىد: ھەدىسلەرنى قالايمىقان تارقاتماڭ! ZPWY0&9  
(جىما توغرىسىدىكى ماقالە ھەققىدە ئويلىنىش) ,[}5@cS  
    ئىلاۋە: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تور بەتلەردە ئېلان قىلىنىۋاتقان دىنىي تېمىدىكى ماقالىلەردىكى تورداشلارنىڭ بىر تەرەپتىن‹‹ قۇرئان كەرىم››دىكى ئايەت ۋە ھەدىسلەرنى تىلغا ئالسا يەنە بىر تەرەپتىن ئېغىزىدىن بىر - بىرىگە ياغدۇرۇۋاتقان ھاقارەتلىك جۈملىلەر يېزىلغان ئىنكاسىلىرىنى ، باھالىرىنى كۆرگەندە تولىمۇ ئەپسۇسلىنىپ قالاتتىم . قەيەردىندۇر ئاڭلىۋالغان گەپلەرنى ‹‹ ھەدىس›› سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئۆز-ئارا ئىختىلاپ پەيدا قىلىۋاتقىنىغا، بىر - بىرىنىڭ مۇسۇلمان ياكى ئەمەسلىكىگە باھا بېرىۋاتقانلىقىغا قاراپ ئىچىم ئاچچىق بولسىمۇ، دىنىي بىلىمىمنىڭ تولىمۇ چەكلىك ئىكەنلىكى تۈپەيلى بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشقا ئاجىز ئىدىم. چۈنكى دۇنيا مىقياسىدا ھازىرغىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسلام دىنى، ‹‹ قۇرئان كەرىم ››، ‹‹ ھەدىس››لەرگە يېنىكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىش، بىلجىرلاشنىڭ ئاددى ئىش ئەمەسلىكى ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ ئاتىيالايدىغان بىر ئىنسانغا نىسبەتەن بىلىشكە تېگىشلىك بولغان مۇھىم ئەقەللىي ساۋات ئىدى. P SDzs\s  
    يېقىندىن بۇيان نۇرغۇن تور بەتلەردە تارقالغان ‹‹جىما توغرىسىدا›› دىگەن ماقالە ( ھەر قايسى ئىزدەش تورىدىن ئىزدىسەم نۇرغۇن تور بەتلەردە ئېلان قىلىنىپ بوپتۇ)، تورداشلارنىڭ تېمىغا قالدۇرغان ئىنكاسى ۋە بىر نەچچە تورداشلارنىڭ شۇ تېما ھەققىدىكى ماڭا قالدۇرغان ئۇچۇرلىرى مېنى ئىـختىيارسىز قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇر قىلدى. مەنمۇ بىر ئىزدەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ قۇرلارنى قالدۇردۇم. ngoo4}  
يازغانلىرىمدا خاتالىق كۆرۈلسە، گۇناھىم ئۈچۈن ئۇلۇغ ئاللاھتىن مەغپىرەت تىلەيمەن! jk2h"):B>  
__ ئاپتوردىن. Z55iq  
    بىر نەچچە يىلدىن بۇيان تور بەتلەردە نۇرغۇن دىنىي ماقالىلەر يېزىلدى. ماقالىلەر نۇرغۇن ھەدىسلەر ئارقىلىق شەرھىلىنىپ كىشىلەرنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئېتىقادىنى كۈچەيتىشتە ئوينىغان رولىغا كۆز يۇمالمايمىز. دەرۋەقە دۇنيانىڭ ماددىي مەئىشەتلىرىگە مەپتۇن بولۇپ ئۆز ئېتىقادىنى ئۇنتۇۋاتقان، ئىسلامدىن بارغانسېرى يىراقلىشىۋاتقان كىشىلەرگە ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ‹‹قۇرئان كەرىم››نىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى چۆرىدەپ يېزىلغان دىنىي ماقالىلەر ئارقىلىق، ئىسلامنىڭ گۈزەل نۇرلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قاراڭغۇ دىلىنى يورۇتماق بەكمۇ زۆرۈر. بىراق بەزى ماقالىلەردىكى مىسال ئالغان ھەدىسلەرنىڭ دىنىمىزنىڭ گۈزەل تەرەپلىرىگە نوقسان يەتكۈزۈش، كىشىلەر قەلبىدىكى ئىسلام دىنىنىڭ ئورنىغا، پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللانىڭ بۈيۈك ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈشكە بولغان سەلبى تەسىرىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ . << جىما توغرىسىدا >> دېگەن ماقالىدىكى بەزى ھەدىسلەر مېنى مۇشۇ ھەقتە قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇر قىلدى . m!3L/UZ  
ئاۋۋال ھەدىس توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەيلى: 6CBk,2DswI  
ھەدىس ئەرەبچە سۆز بولۇپ، مەنە جەھەتتە ‹‹سۈننەت›› بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ . ‹‹ھەدىس››نىڭ مەنىسى ‹‹سۆز››، ‹‹نۇتۇق›› قا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ‹‹سۈننەت›› ئادەتتە ‹‹ھەرىكەت››، ‹‹يول›› دىگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ . [H5TtsQ[  
مۇھەددىس ئالىملارنىڭ ھەدىس ھەققىدىكى تەدبىرىگە ئاساسلانغاندا ھەدىس يەنە ساھابىلەرنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسالام ئىجازەت قىلغان ۋە سۈكۈت قىلغان سۆز - ھەرىكەتلىرى، سورىغان سۇئاللىرىغا بەرگەن جاۋابلىرى، باردى كەلدى جەريانلىرىدىكى سۆز-ھەرىكەتلىرى، روھى كەيپىياتى قاتارلىقلار ھەققىدىكى قىسسىلىرى، جۈملىدىن ساھابىلەرنىڭ ‹‹قۇرئان كەرىم››دىكى ئايەتلەرنىڭ مەنىسى ۋە ئۇنىڭ نازىل بولۇشى ھەققىدىكى ئەسلىمىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . [6Y6{.%~  
‹‹قۇرئان كەرىم››دە ھەدەسلەرنىڭ نوپۇزى ھەققىدە مۇنداق دىيىلىدۇ. (پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار ....) ؛؛ 59-سۈرە؛؛ ‹‹ھەشىر›› 7- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) D;.O#bS  
ھەدىسشۇناسلار ھەدىسلەرنى ئوخشىمىغان ئۆلچەملەر بويىچە ھەر خىل تۈرلەرگە ئايرىيدۇ. مەسىلەن ھەدىسنىڭ يەتكۈزۈلۈش(ئىسناد) دائىرىسىگە قاراپ پىرىنسىپاللىق ھەدىسلەر ۋە كونكىرىت ھەدىسلەر دەپ بۈلۈش، ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئىشەنچىلىك بولۇش دەرىجىسىگە ئاساسەن سەھىھ(يۈزدە يۈز توغرا)، ھەسەن(توغرا) ۋە زەئىپ( ئاجىز) دەپ بۈلۈش، ھەدىسنىڭ تېمىسىغا ئاساسەن رىغبەتلەندۈرۈش خارەكتىرلىك ۋە ئاگاھلاندۇرۇش خاراكتىرلىك دەپ بۈلۈش ، ھەدىسنىڭ شەكىللىنىش ۋاقتىنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىكىگە قاراپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ۋە داۋاملىق كۈچكە ئىگە بولۇۋاتقان ھەدىسلەر دەپ بۈلۈش قاتارلىقلار. GUJ[2/V~A  
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ سۆز- ھەرىكەتلىرىنى خاتىرىلەشنى مەنئى قىلغان ئىدى . پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن: ‹‹ سۆز ۋە تەبلىغلىرىمنى يېزىۋالماڭلار ، كىمدە – كىم قۇرئاندىن باشقا بىر نەرسىنى يېزىۋالغان بولسا ئۇنى ئۈچۈرۈۋەتسۇن. مېنىڭ سۆزلىرىمنى بىر – بىرىڭلەرگە يەتكۈزسەڭلارمۇ بولىدۇ ›› ( ئەبۇ داۋۇت توپلىغان) jy`jxOoG~Z  
    ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ : پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ‹‹ مەن توغرۇلۇق يالغان سۆز توقۇماڭلار، كىمكى مەن توغرۇلۇق يالغان سۆز توقۇسا ، چوقۇمكى دوزاخقا كىرىدۇ››. hc}d S$=C  
ـــ ئىمام بۇخارى ، ئىمام مۇسلىم توپلىغان _IJPZ'Hr  
/NCEZ@2BN,  
مۇغىيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: ‹‹ ماڭا يالغان توقۇش ئەلۋەتتە باشقا بىراۋغا يالغاننى توقۇغانغا ئوخشىمايدۇ، ماڭا قەستەننى توقۇغان ئادەم دوزاختىن ئۆز جايىنى تېپىۋالسۇن››. ^D8 YF  
__ئىمام بۇخارى ، ئىمام مۇسلىم توپلىغان . ,@ A1eX}  
uj|{TV>v9  
كىتابلاردىكى بەزى بايانلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ھەدىسلەرنى توپلىغۇچىلار ۋە يەتكۈزگۈچىلەر ناھايىتى كۆپ بولسىمۇ بىراق پەيغەمبىرىمىز رەسۇلۇللانىڭ ئىش ھەرىكەتلىرىنى ، سۆزلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ئۆز ئاغزى بىلەن ئاڭلىغانلا ئانچە كۆپ ئەمەس . كۆپلىگەن ھەدىسلەر ساھابىلەرنىڭ يەتكۈزۈشى بىلەن خاتىرىلىنىپ بۈگۈنگىچە كەلگەن. ھەتتا ھەدىسلەر ھەر قايسى جايلاردا پارچە تارقىلىپ يۈرۈپ مەۋزۇئ(ساختا ھەدىس) ئويدۇرۇپ چىقىرىش ئەھۋالىمۇ كۆرۈلگەن . BX&bhWYGFX  
    يۇقارقى بايانلاردىن بەزى ھەدىسلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكى( ئەمەلدىن قالغان) نى ۋە ساختا ھەدىسلەردىنمۇ يۈكسەك دەرىجىدە ھۇشيار بولۇشىمىز كېرەكلىكىنى چۈشۈنۈۋالالايمىز.
xg %EQ  
    ئەمدى ‹‹جىما توغرىسىدا›› ناملىق ماقالىدىكى ھەدىسلەرگە نەزەر سالايلى: [8AGW7_  
    جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر سېكىلەك (جۇۋان) بىلەن توي قىلغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ھەي... قىز ئالساڭ بولمامدۇ؟ ئۇ سېنى ئوينىتىدۇ، سەن ئۇنى ئوينىتىسەن...» دېگەن. [مۇسلىم 3622 - ھەدىس] Z-;<R$  
    ‹سەھىھ بۇخارى› ۋە ‹سەھىھ مۇسلىم›دا ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئايال كىشىنىڭ ئىقتىسادى، نەسەبى، چىرايى ۋە دىنىغا قاراپ ئىختىيار قىلىنىدۇ، دىندار ئايالغا ئۆيلەن، بەرىكەت تاپقايسەن!» [بۇخارى 5090 ـ، مۇسلىم 1466 - ھەدىسلىرى] Tct8NG  
bFk >IifN  
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇمچان ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشقا ئىلھاملاندۇراتتى. تۇغماس ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشنى خالىمايتتى. ‹ئەبۇ داۋۇد› تا مەئقەل ئىبنى يەسار رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يېنىغا كېلىپ: مەن چىرايلىق، دىندار بىر ئايالنى ئۇچراتتىم، ئەمما ئۇ تۇغماس، ئۇنىڭغا نىكاھلانسام بولامدۇ؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ياق!» دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ ئادەم ئىككىنچى قېتىم يەنە كەلدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە «ياق» دەپ جاۋاب بەردى، ئۈچىنچى قېتىم كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «تۇغۇمچان، مېھرىبان ئاياللارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىڭلار! مەن قىيامەت كۈنى ئۈممىتىمنىڭ كۆپلىكى بىلەن باشقا ئۈممەتلەر ئالدىدا پەخىرلىنىمەن. $},Y)"mI  
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام گاھىدا ھەممە ئاياللىرىنى جىما قىلىپ بىرلا غوسلى قىلغان. گاھىدا بولسا ھەربىرىگە ئايرىم- ئايرىم غوسلى قىلغان. ‹سەھىھ مۇسلىم› دا ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر غوسلى بىلەنلا ئارىلاپ چىقاتتى. [309 - ھەدىس] M7{w7}B0@  
    جىمانى زورمۇزور قىلىشقا بولمايدۇ. ئىسپېرما ھەقىقەتەن كۆپ بولۇپ، جىنسىي تەلىپى زىيادە بولسا، جىماغا دەرھال تۇتۇش قىلسۇن. قېرى ئاياللارنى، كىچىك قىزلارنى، ئاغرىق ئاياللارنى، بەكلا كۆرۈمسىز، سەت ئاياللارنى، ئۆزىنىڭ ئۆچمەنلىكى بار ئاياللارنى... جىما قىلماسلىق كېرەك. بۇنداق قىلىش قۇۋۋەتنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، جىماغا ئىقتىدارسىز قىلىپ قويىدۇ. ez_qG=J .  
    ‹جۇۋان› بىلەن بىرگە بولۇش، ‹قىز› بىلەن بىرگە بولۇشتىن مەنپەئەتلىك دېگەن تىۋىپلار خاتالاشقانلاردۇر. بۇ كۆز قاراش شەرىئەتكە، ئادەم تەبىئىتىگە، ئەقىلغا زادىلا ئۇيغۇن ئەمەس. ‹قىز› بىلەن بىرگە بولۇشتا ئالاھىدە خاسىيەتلەر بار. مەسىلەن: جىما قىلغۇچى بىلەن ‹قىز› ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىدۇ، ‹قىز› قەلبى ‹يىگىت› نىڭ مۇھەببىتىگە تولىدۇ، ‹قىز› كۆڭلى ‹جۇۋان› نىڭكىدەك بۆلىنمەيدۇ... شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قىز ئالساڭ بولمامدۇ؟ دېگەن. ئاللاھ تائالا جەننەتتىكى ھۆر قىزلارنى سۈپەتلەپ: ئۇلارنى ھېچقانداق ئەر زاتى تۇتۇپ باقمىغان دېدى. ئانىمىز ئائىشەرەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: باشقىلار تۆگىسىنى قويمىغان دەرەخ بىلەن تۆگىسىنى قويۇپ بولغان دەرەخلەرگە يولۇقسىلا، تۆگىلىرىنى قايسى دەرەختە باقىتتىلە؟ (يايلىتىتىلە؟) دېگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: باشقىلار تۆگىسنى قويمىغان دەرەختە دەپ جاۋاب بەرگەن. [بۇخارى 5077 - ھەدىس] S'qEBz  
    جىمادىن ئىلگىرى ئايال كىشى بىلەن ئوينىشىپ چاقچاق قىلىش، سۆيۈپ، تىلىنى شۇراش كېرەك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاياللىرى بىلەن ئوينىشىپ، ئۇلارنى سۆيۈپ قوياتتى. ‹ئەبۇ داۋۇد› تا بايان قىلىنىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئانىمىز ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانى سۆيۈپ، تىلىنى شورايتتى. [1080 - ھەدىس] =zBcfFii`w  
]kA0C~4   
    جەمىيەتنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ، رەڭگا-رەڭ ماددى مەئىشەتلەرنىڭ قىزىقتۇرۇشى كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىدە چوڭقۇر داۋالغۇشنى پەيدا قىلدى. ئاتېئىزىم تەربىيىسىنىڭ تەسىرى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىسلامغا بولغان ئېتىقادى سۇسلىشىپ ۋە يوقىلىپ بارماقتا. كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى بولۇپمۇ دىنىي مەسىلىلەرگە بولغان تونۇشى تېخى يوقۇرى پەللىگە يەتكىنى يوق . شۇنداق بولغانىكەن يۇقارقى ھەدىسلەرنى ئەقلى تەپەككۈرى بىلەن ياخشى تەرەپتىن تەھلىل قىلىدىغانلاردىن كۈرە شۇ ھەدىس ۋە ھەدىستىكى مەناغىلا باغلاپ چۈشۈنىدىغان كىشىلەر ناھايىتى كۆپ. بۇنى يۇقارقى تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسلاردىن روشەن بىلىۋالالايمىز ، T6MlKcw,t  
     يۇقارقى ھەدىسلەرنى شۇ ھەدىس پېتى چۈشەنگەن كىشىدە مۇقەررەر ھالدا (ئىسلام دىنىي ئاياللارنى يەكلەيدىكەن ، ‹‹ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامۇ ئائىلىدىكى ئەرخۇتۇنلار ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان ئىشلارنىمۇ سىرتقا يېيىپ يۇرەمدۇ؟ جۇۋانلارمۇ ، سەت كۆرۈمسىز توغۇلۇپ قالغانلارمۇ، تۇغماس ئاياللارمۇ ئاللانىڭ بەندىسىغۇ، ئەجەبا ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولغان رەسۇلۇللانىڭ ئېغىزىدىن مۇشۇنداق گەپلەر چىقسا ھە!....... ) دىگەندەك بىر قاتار گۇمانلار توغۇلىدۇ. {vh}f+2  
W|J8QNL?jm  
     ئىسلام دىنى ، ‹‹قۇرئان كەرىم››، ‹‹ ھەدىس›› لەردىكى مەزمۇن جەمىيەتنىڭ بارلىق قاتلاملىرى، كىشىلەر تۇرمۇشىنىڭ بارلىق تەرەپلىرىگە چېتىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ سىرىنى يېشىش ، ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلىش ئۈچۈن يۈكسەك تەپەككۇر ۋە ئەقلىي ئىقتىدار بولۇشى كېرەك. n;8[WR)  
     ‹‹قۇرئان كەرىم›› ۋە ‹‹ھەدىس››لەر ئۈستىدىكى تەتقىقات ھازىرغىچە توختاپ قالغىنى يوق، دۇنيا مىقياسىدا كۆپلىگەن دىنىي ئالىملار مۇشۇ ھەقتە توختىماي ئىزدىنىپ كېلىۋاتىدۇ . ئەمما يەنە ئاز بىر قىسىم قورسىقىدا تۈزۈك ئومىچى بولمىغان ‹‹ ساختا ›› موللىلار ئۆزىنى كۆرسىتىش ۋە ئۆز ئىدىيىسىنى باشقىلارغا تېڭىش ئۈچۈن ھەدىسلەرنىڭ كىشىلەرگە بېرىدىغان تەسىرىنى قىلچە ئويلاشماستىن، ھەدىسلەرنى قالايمىقان تەشۋىق قىلىپ ئۆز ماقالىلىرىنى بازارغا سېلىۋاتىدۇ . بۇ ئىسلام دىنىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىكى ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئەمەس بەلكى خۇنۇكلەشتۈرۈش رولىنى ئۆتەۋاتىدۇ. شۇڭا دىنىي تېمىدىكى ماقالە يازغۇچىلار چوقۇم ئەڭ يۇقىرى بولغان ئەقلى تەپەككۇر نوقتىسىدىن چىقىپ ھەدىسلەرنى ئۆز ماقالىسىگە تەدبىقلىشى ، كىشىلەردە باشقىچە قاراش پەيدا قىلىدىغان ھەدىسلەرنى قالايمىقان تارقاتماسلىقى كېرەك. (&R /ns~  
D+?/MrP  
     يۇقارقى قارىشىمدىن بەزىلەر بەلكى ئۇ تېمىدىكى ھەدىسلەرنى (يۈكسەك نوقتىدا تۇرۇپ تەھلىل قىلسا بولىدۇغۇ) دىيىشى مۇمكىن . ئەمما شۇ نوقتا ئېسىمىزدە بولسۇنكى كىشىلەرنىڭ تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى ئالدىن ئويلىشىپ قەلەم تەۋرىتىش، شۇ ماقالىمىزنىڭ باشقىلارغا بېرىدىغان تەسىرىنى ئويلىشىش، ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى كىشىلەرگە توغرا بىلدۈرۈش ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكەن قەلەم ئىگىلىرى ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىم بولغان ھالقا. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر دىنىي ماقالە يازغۇچى ‹‹قۇرئان كەرىم››، ‹‹ ھەدىس››لەرنىڭ مەزمۇنىنى پىششىق بىلىشى، تەھلىل قىلىش ئىقتىدارى ھازىرلىغان بولۇشى، ‹‹ چالا›› بىلىمىنى ئالدىراپ بازارغا سالماسلىقى كېرەك. Xdj` $/RI  
3wK{?  
    ئاخىرقى ئىلتىجايىم: ھەدىسلەرنى قالايمىقان تارقاتماڭ! يازغان ماقالىلىرىمىز، تارقاتقان ھەدىسلىرىمىز كىشىلەر قەلبىنى يورۇقلۇققا باشلايدىغان نۇرلۇق چىراغ بولسۇنكى، ھەرگىزمۇ كىشىلەر قەلبىگە دىنىمىزغا بولغان گۇمانىي سايە تاشلىمىسۇن! dC8 $Ql^<  
 (`PgvBL:  
مەنبە : ھۆكۈمىران rC.z772y%  
پايدىلانغان ماتېرىيال : شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان <<ھەدىس شەرىفتىن ئۈنچە - مارجانلار>> __ سەھىھۇلبۇخارى، سەھىھۇلمۇسلىم ھەدىس شەرىفلىرى mne4uW  
mxk :P  
    سەمىمىي ئەسكەرتىش: تېما ماۋزوسىدىكى <<تور مۇللىللىرى>> دىگەن ھەرگىزمۇ تور دۇنياسىدا ئېسىل پەندى نەسىھەتلىرى بىلەن دىلىمىزنى نۇرلاندۇرۇۋاتقان دىنىي ئولىمالارغا قارىتىلغان سۆز ئەمەس. 'fO[f}oa_.  
پەقەت كىچىككىنە بىلىمى بىلەنلا << قۇرئان كەرىم>>، <<ھەدىس>>لەرنى بورمىلاپ، مەزمۇنىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ كىشىلەردە ئىسلام دىنىمىزغا قارا قاراش شەكىللەندۈرۈۋاتقان، مۇقەددەس دىنىمىزغا چاقچاق ئورنىدا مۇئامىلە قىلىپ دەپسەندە قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئەمما ھازىر شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقان كىشىلەرگە قارىتىلغان . تورداشلارنىڭ باشقىچە ئويلىنىشتا بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن.
|}s)Wo  

ئانا تۇپراق مۇنبرىدىكى مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار جەمئىي 1 پارچە
bayawanمۇنبەر پۇلى+10001-19ئەھمىيەتلىك مەزمۇن
ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

精彩

感动

搞笑

开心

愤怒

无聊

灌水
مەن بىر ئەركەك ، ئەركەكلىگىمنى ھەر قانداق ۋاقىتتا ئېسىمدىن چىقارمايمەن .
xamxar111

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1313

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   22936 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3233 (قېتم)
 تۆھپە:   3203  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2183
 سائەت
دەرىجىسى:
2183 سائەت 117 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-03
ئاخــىرقىسى:2012-03-06
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 01-17

ھەق گەپ  : ~HW8mly'  
o 8fB  
o`tOnwt  
      ھەرقانداق ئىشلارغا قارغۇلارچە ئىشىنىشكە، ئەگىشىشكە بولمايدۇ ، +-%&,>R  
u/s,#  
W#|30RU.G  
ھەم شۇنداقلا  بارلىق تۇرداشلارغا يالغان ھەدىسلەر توپلىمىنى كۈرۈپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن ...
قايتماس ئىرادە
fatima

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.302

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   993 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   38291 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3326 (قېتم)
 تۆھپە:   3207  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 9919
 سائەت
دەرىجىسى:
9919 سائەت 421 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-29
ئاخــىرقىسى:2012-03-05
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-17

ناھايىتى ئۇرۇنلۇق ئەسكەرتىش بىرىپسىز.دىننى تىمىلارغا نىسپەتەن ،قۇرئان، ھەددىس كىتاپلارنى كۆپ ئۇقۇغانلار سۆزلىمىسە بىكار.قارغۇلارچە سۆزلەش گۇناھقا باشلايدۇ.
ھەر بىر ئۆتكەن دەقىقىلىرىمنى مەنىلىك ئۆتكۈزىمەن
ئەتتىرگۈل

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7107

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   272 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   15158 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1485 (قېتم)
 تۆھپە:   1485  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 525
 سائەت
دەرىجىسى:
525 سائەت 15 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-19
ئاخــىرقىسى:2012-03-06
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-17

ھەقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىپسىز .........ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن قىرىندىشىم . =DLVWz/<  
ئەھمىيەتلىك تىمىلىرىڭىز ئانا تۇپراقتىن ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.
biparwaadam
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6310

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   261 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   12240 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1219 (قېتم)
 تۆھپە:   1219  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2138
 سائەت
دەرىجىسى:
2138 سائەت 162 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-12
ئاخــىرقىسى:2012-03-04
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-17

    زامان ئاخىر بولغاندا ئەيسا ئەلەيھىسالام ئاسماندىن زىنمىنغا چۈشۈپ، كاپىرلارغا تەگمەي تۇرۇپ، 70 مىڭ موللىنىڭ كاللىسىنى ئالىدىكەن. بەلكىم بۇنى ئاشۇ موللىلار بىلىدىغاندۇ.      
دۇنيا مېھرى-مۇھەببەتكە تولسۇن
kosowuluk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3131

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   791 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   21745 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2098 (قېتم)
 تۆھپە:   2050  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1978
 سائەت
دەرىجىسى:
1978 سائەت 112 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-13
ئاخــىرقىسى:2012-03-05
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-17

ۋاھ ئاڭلىمىغانلا بىرھەدىستىن بىرنى ئاڭلىدىم.
بىراۋغا پايداڭ تەگمەي، پەقەت ئوزۈڭ ئۈچۈنلا ياشىساڭ،سەن ئاللاقاچان  ئۆلگەن ئادەمسەن!!!
bayawan

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.24

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2363 

 نادىرلانغان تېمىسى:   12 

 مۇنبەر پۇلى:   53193 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4860 (قېتم)
 تۆھپە:   4633  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 14132
 سائەت
دەرىجىسى:
14132 سائەت 168 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-07
ئاخــىرقىسى:2012-03-04
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-19

بىز مەسىلىلەرگە يولۇققاندا ھېسسىياتقا تايىنىپ ئەمەس بەلكى دەلىل-پاكىتقا ، يېتەرلىك ئىسپاتقا ئىگە بولۇپ تۇرۇپ ھەل قىلىشنى داۋاملاشتۇرساق ئىشلىرىمىزدا غەلبىگە يېتەلەيىتتۇق . ھۆكۈمران ئەپەندىمنىڭ ئېسىل تېمىسى بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزنى قۇۋۋەتلىگۈسى . lsKQZ@LN`  
نادىر ماقالىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن !
ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
muslima0997
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7611

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   49 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2600 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   260 (قېتم)
 تۆھپە:   260  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 75
 سائەت
دەرىجىسى:
75 سائەت 15 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-19
ئاخــىرقىسى:2012-01-22
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-19

allah rahmat kilsun kerindixim nahayti isil temikan  
MǚS_しiM
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7418

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   145 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10508 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1050 (قېتم)
 تۆھپە:   1050  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 580
 سائەت
دەرىجىسى:
580 سائەت 70 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-30
ئاخــىرقىسى:2012-03-04
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-20

ناھايىتى ئۇرۇنلۇق ئەسكەرتىش بىرىپسىز اللە رازى سىزدىن بولسۇن ااااااااااااااامىن ......!!! A,~KrRd  
cx$h"  
بىز ھەرقانداق مەسىلىلەرگە يولۇققاندا  ھېسسىياتىمىزغا تايىنىپ ئەمەس بەلكى يېتەرلىك ئىسپاتقا ئىگە بولۇپ تۇرۇپ ھەل قىلساق  ئىشلىرىمىزدا ئۇتۇق قازىنالايمىز ...
ئادەمنىڭ ئۆرە تۇرغانلىقى ئۇنىڭ روھىنىڭ ئويغاق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى