باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       3695 
  •    ئىنكاس 
       21 

مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندا يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر ھەققىدىكى رىۋايەتلەرگە نەزەر

قەۋەت ئاتلاش
yawuzbag

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2506

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1191 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2644 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3058 (قېتم)
 تۆھپە:   2865  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 9426
 سائەت
دەرىجىسى:
9426 سائەت 24 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-20
ئاخــىرقىسى:2012-03-05

  b 9"t%R9/Q  
{ dh,sbl  
ئابدۇقاھار ئابدۇۋارىس مەھزۇن e`H>}O/ai  
}9W[7V?  
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن y N9~/g  
6-tIe _5  
RticGQy&5  
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى.1 پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى ۋە ۋەھيدىن باشقا ئىشلاردا بىزگە ئوخشاشلا نورمال ئىنسان.2 ھەممە پەيغەمبەرنىڭ ئۆز پەيغەمبەرلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن بىرىلگەن مۆجىزىسى بولغىنىدەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭمۇ نۇرغۇن مۆجىزىلىرى ۋە پەيغەمبەرلىك ئالامەتلىرى بولغان. پەيغەمبىرىمىزنىڭ نورمال ئىنسانلىقى بىلەن پەيغەمبەرلىك مۆجىزىسى، ئالامەتلىرى، ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلىرىنى ھەرگىز ئارىلاشتۇرىۋېتىشكە بولمايدۇ. ئەگەر بۇ مەسىلىگە سەل قارالسا، پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ ھەققىدىكى نورمال ۋەقە-ھادىسىلەر سىرلىقلىشىدۇ، ئاجايىپ-غارايىپ تۈسكە كىرىدۇ.دىنغا ۋە ئەقىلگە ئۇيغۇن بولمىغان خۇراپى ھېكايىلەر دىن نامىدىن، پەيغەمبەر نامىدىن تارقىلىپ، پەيغەمبەر قارغۇلارچە ئۇلۇغلىنىدۇ، نەتىجىدە مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبەرگە بولغان ئىمانىغا دەز كىتىدۇ. O cPgw/I  
تۆۋەندىكى ئىزدىنىشىمىزدە مۇسۇلمان ئاممىسى تەرىپىدىن مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن، ئەپسانىلاشتۇرۇلغان ۋە ھەتتا مۆجىزە ياكى ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلار قاتارىغا كىرگۈزۈۋىتىلگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ توغۇلىشىنىڭ ئالدى-كەينىدە يۈز بەرگەن بىر قىسىم ھادىسىلەر ھەققىدە توختۇلۇپ ئۆتمەكچىمىز. | 4}Y:d  
 E>i<2  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلۇشىتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن بىر قىسىم ۋەقەلەر s8 MQ:eAP  
+9|0\Q  
ئامىنەنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە نۇرنىڭ ئامىنەگە يۆتكىلىشى ~x/ka43  
بىر قىسىم رىۋايەتلەردە «پەيغەمبەرلىك نۇرى دەپ قارالغان نۇر ئابدۇلمۇتتەلىپكە ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى ئابدۇللاغا، ئابدۇللاھتىن ئايالى ئامىنەگە يۆتكەلگەن»3 دېگەندەك بايانلار بولۇپ، بۇ خىل رىۋايەتلەر ساغلام رىۋايەت ئەمەس. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ خىل رىۋايەتلەرنى ساغلام رىۋايەت ئەمەس دەپ رەت قىلغان.4 iR./9}Ze  
8>$=p4bf  
ئامىنەنىڭ چۈشى _'1 ]CoR  
بىر قىسىم رىۋايەتلەردە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئانىسى ئامىنەنىڭ بىر پەيغەمبەرگە ھامىلدار بولغانلىقى چۈشىگە ئايان بولۇپ، چۈشىدە بىر زات ئامىنەگە تۇغۇلماقچى بولغان بۇۋىقىغا مۇھەممەد (باشقا رىۋايەتلەردە ئەھمەد) دەپ ئىسىم قۇيۇشنى تاپشۇرغان ۋە ئامىنەگە مۇنداق دېگەن: «سەن بۇ ئۈممەتنىڭ پەيغەمبىرىگە ھامىلدار» .5 *QWOW g4w  
بۇ چۈش ۋەقەسىنى پەۋقۇلئاددە ئىشلار قاتارىغا ئەمەس بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلىشىدىن بۇرۇن يۈزبەرگەن ۋەقەلىكلەر قاتارىغا كىرگۈزىشىمىز ئەقىلگە ئۇيغۇن. بۇنداق بولغاندا بۇ چۈشنىڭ توغرىلىقىنى مۇنداق چۈشۈنۈش مۇمكىن: \}W3\To_  
ئادەتتە ھامىلدار ئاياللارنىڭ قورسىقىدىكى بۇۋىقى ھەققىدە، بۇۋاقنىڭ ئىسمى ھەققىدە چۈش كۆرۈشى نورمال ھادىسە. بۇنداق چۈشلەر (رۇيا سادىقە) ياخشى چۈشلەر قاتارىدىن بولۇپ خاتا ياكى يۈز بەرمىگەن دېيەلمەيمىز. شۇڭا، بۇ چۈش ۋەقەسىنى پەۋقۇلئاددە ئىش ئەمەس نورمال ۋەقە دېيىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. %+,*$wk#*  
$ (xdF  
ئامىنەنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھېچقانداق قىينالمىغانلىقى ۋە تولغاق ئازابى تارتمايلا يەڭگىگەنلىكى /3^XJb$Sa  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى يېزىلغان كۆپلىگەن كىتاپلاردا، ئامىنەنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ھېچقانداق قىينالمىغانلىقى ۋە پەيغەمبىرىمىزنى يەڭگىگەندە تولغىقى تۇتماي، ئاسانلا يەڭگىگەنلىكىكە دائىر رىۋايەتلەر مەۋجۇت.6 تۇغۇتتا تولغىقى تۇتماسلىق پەقەت ئامىنەگىلا خاس ئەھۋال ئەمەس، نۇرغۇن ئاياللاردا يۈز بىرىدىغان نورمال ھادىسە. مەسىلەن، سەھرالاردا كۆپ ئاياللار ھامىلدارلىق مەزگىلىدىمۇ ئېتىزلاردا ئىشلەيدۇ، تۇغۇت جەريانىدا كۆپ قېينالماستىن يالغۇز تۇغالايدۇ. بۇ ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. |4\2,M#  
1W\wIj.  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەتنە قىلىنغان ۋە كىندىكى كىسىلگەن ھالەتتە تۇغۇلغانلىقى |39,n~"o&  
رىۋايەتلەردە «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەتنە قىلىنغان ۋە كىندىكى كىسىلگەن ھالەتتە تۇغۇلغان»7 دېگەن بايانلار مەۋجۇت. f~Pce||e  
بۇ رىۋايەت ھەققىدە ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزىييە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ رىۋايەت ئەبۇ،ل-فەرەج ئىبنۇ،ل-جەۋزىنىڭ «ئەل-مەۋزۇئات-ئۇيدۇرما ھەدىسلەر» ناملىق ئەسىرىدە رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ، بۇ ھەقتە ھېچقانداق ساغلام ھەدىس يوق، بۇ ئەھۋال پەيغەمبىرىمىزگە خاس ئالاھىدىلىكمۇ ئەمەس، چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر خەتنە قىلىنغان ھالەتتە تۇغۇلىدۇ».8 ::#[lw  
يەنە بىر قىسىم رىۋايەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەتنىسىنى كىچىك ۋاقتىدا كۆكرىكىنى يېرىش ئۈچۈن كەلگەن پەرىشتە جىبرائىل قىلغان دەپ قەيت قىلىنىدۇ.9 ];6955I!  
باشقا بىر رىۋايەتتە بولسا، پەيغەمبىرىمىز يەتتە ياشقا كىرگەندە بۇۋىسى ئابدۇلمۇتتەلىپ ئۇنىڭ خەتنىسىنى قىلغان ۋە زىياپەت بەرگەن.10 بۇ رىۋايەتنى ئىبنى كەسىر ۋە زەھەبىيلەر قۇبۇل قىلغان بولۇپ، دەلىل ۋە ئەقىلغىمۇ ئۇيغۇن رىۋايەتتۇر. 3(t,x  
بۇ ھەقتە يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق ھەدىسىمۇ بار: «ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن بىر كارامىتى مېنىڭ خەتنە قىلىنغان ھالدا تۇغۇلغانلىقىمدۇر. مېنىڭ ئەۋرىتىمنى ھېچكىم كۆرگەن ئەمەس».11 NQ[X=a8N  
بۇ رىۋايەتنى كىلاسسىك ھەدىسشۇناسلاردىن ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەل-جەۋزىي (ئەل-ئىلەلۇ،ل-مۇتەناھىيە) ناملىق ئەسىرىدە ۋە يېقىنقى زامان ھەدىسشۇناسلىرىدىن شەيىخ ئالبانى (زەئىفۇ،ل-جامىئ) ناملىق ئەسىرىدە «ئاجىز ھەدىس» دەپ بېكىتكەن. Y Z8[h`z  
ئەمما ئىبنى ئەساكىر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «خەتنە قىلىنغان ھالدا تۇغۇلغانلىقىغا دائىر نۇرغۇن مۇتەۋاتىر ھەدىسلەر بار»12 دەپ قارايدۇ.ئىبنى قەييىم ۋە ئەلبانىنىڭ قارىشىغا قۇشۇلۇپ، بۇ ھەدىسلەرنى مەيلى ئىشەنچىسىز دەيلى ياكى ئىبنى ئەساكىرنىڭ قارىشىغا قۇشۇلۇپ ئىشەنچىلىك دەيلى، بىزنىڭ «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ خەتنە قىلىنغان ھالدا تۇغۇلغانلىقى نورمال ھادىسە، پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر قاتارىغا كىرمەيدۇ» دېگەن قارىشىمىزغا زىت كەلمەيدۇ. z_R^C%0k  
{5X,xdzR  
پەيغەمبەرلىك تامغىسى bQq/~  
رىۋايەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككى تاغىقىنىڭ ئوتتۇرسىدا «قارا ياكى تېرىسىنىڭ رەڭگىدە، ئاتنىڭ قاشقىسىدەك ۋە ياكى قىزىل بەزگە ئوخشاپ كىتىدىغان»13 تۈكلەر بىلەن ئورالغان مېڭى بارلىقىنى ئۇچرىتىمىز. "]qxjs^3?  
مەڭنىڭ رەڭگى ۋە چوڭ-كىچىكلىكى ھەققىدە ھەر خىل رىۋايەتلەر بولسىمۇ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىقىدا شۇنداق بىر مەڭنىڭ بارلىقى ئېنىق. %CvVu)tc  
كۆپىنچە رىۋايەتلەردە بۇ مەڭنىڭ چوڭلىقى «قۇش تۇخۇمىدەك، كەپتەر تۇخۇمىدەك، ئالمىدەك ۋە تۇخۇمدەك»14 دەپ بايان قىلىنغان. بۇ كۈچلۈك ۋە قۇبۇل قىلىشقا بولىدىغان رىۋايەت. ئەمما مەڭنىڭ ئۈستىدە «ئاللاھۇ ۋەھدەھۇ لا شەرىك مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللا، تەۋەججەھ ھەيسۇ شىئتە فە ئىننەكە مەنسۇر(ئاللاھ بىردۇر، شىرىكى يوقتۇر. مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسىدۇر. نەگە بارساڭ بار غەلبە قىلىسەن)» دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان ۋە «گۈپۈلدەپ ئىپار پۇراپ تۇرىدىغان»15 دېگەندەك بايانلار بولۇپ، بۇ رىۋايەتلەر ئىشەنچىسىز ۋە قۇبۇل قىلىشقا بولمايدىغان رىۋايەتلەردۇر. P;z\vq<h  
بۇ مەڭ پەيغەمبىرىمىز تۇغۇلغاندىلا بار ئىدى. بىر قىسىم رىۋايەتلەردە بايان قىلىنغاندەك «پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆكسى يېرىلىپ يۈرىكى يۇيۇلغاندا جىبرائىل ئەلەيھىسسالام پەيغەمبىرىمىزنىڭ تاغىقىغا ئۇرۇپ قويغان»16 پەيغەمبەرلىك تامغىسى ئەمەس. `|Di?4+6%  
بۇ مەڭ ھەدىس ۋە تارىخ كىتاپلىرىدا ئاساسەن دېگۈدەك «پەيغەمبەرلىك تامغىسى ياكى ئالامىتى» دەپ يېزىلغان. بۇ راستىنلا پەيغەمبەرلىك تامغىسىمۇ ياكى نورمال مەڭمۇ؟ نېمە ئۈچۈن پەيغەمبەرلىك تامغىسى دەپ ئاتىلىپ قالغان؟ بۇ ھەقتىكى بارلىق رىۋايەتلەرگە قاراپ پىكىر قىلغىنىمىزدا بۇنى «پەيغەمبەرلىك تامغىسى ياكى ئالامىتى» دېمەي «ئوخشىمايدىغان پەرىقلىق بىر ئالامەت ياكى ئادەتتىكىدەك بىر مەڭ» دېگىنىمىز تۈزۈك. ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمدە ئىيسا ئەلەيىسسالامنىڭ ئېغىزىدىن ئىيسادىن كېيىن ئەھمەد ئىسىملىك بىر پەيغەمبەرنىڭ كىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن.17 قۇرئاندا پەيغەمبەرنىڭ بەلگىسىنى پەقەت ئىسمىنىڭ ئەھمەد(مۇھەممەد) دەپ ئاتىغان. باشقا ھېچقانداق فىزىئولوگىيىلىك بەلگە تىلغا ئېلىنمىغان. رىۋايەتلەردە «پەيغەمبەرلىك تامغىسى» دېگەن سۆز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن تىلغا ئېلىنمىغان. پەقەت بۇ مەڭنى كۆرگەن ساھابىلەر تەرىپىدىن شۇنداق ئاتىلىپ كەلگەن. كىتاپلاردا بۇ مەڭنىڭ نېمە ئۈچۈن «پەيغەمبەرلىك بەلگىسى ياكى تامغىسى» دەپ ئېلىنغانلىقىغا كەلسەك، ئەھلى كىتاپ قىسسىلىرىنىڭ پەيغەمبەر ۋە ئىسلام تارىخىي كىتاپلىرىدىكى تەسىرىنى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپلەردىن دېيىشىمىز مۇمكىن. 'SlZ-SdR  
!a:e=b7g  
كۆزلىرىگە سۈرمە تارتىلغان ھالدا تۇغۇلغانلىقى E' `;  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزلىرىگە سۈرمە تارتىلغان ھالدا تۇغۇلغانلىقىغا دائىر رىۋايەتلەر18 بولۇپ، بۇ رىۋايەتنى مۇنداق چۈشىنىشىمىز مۇمكىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزلىرىگە سۈرمە تارتىلغان ھالدا تۇغۇلغانلىقى ئۇنىڭ يارىتىلىشى ۋە كۆز شەكلىگە ئالاقىدار نورمال ھادىسە بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر كۆز ئەتراپى كۆك ھالەتتە تۇغۇلىدۇ. بۇ ئەھۋالنى پەيغەمبەرگە ئالاقىدار ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلار قاتارىغا كىرگۈزۈش ئاقىلانىلىك ئەمەس. pKq[F*Lut  
bsU$$;  
ئەھمەد يۇلتۇزىنىڭ چىققانلىقى 2 G*uv+=  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىدا پەيغەمبەرگە مەخسۇس بىر يۇلتۇزنىڭ چىققانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەت كۆپ قىسىم تارىخ كىتاپلىرىدا نەقىل قىلىنماقتا.19 3fQ`}OcNr  
يۇقارقى ۋەقەلەر ھەققىدىكى رىۋايەتلەردىن پەقەت «ئامىنەنىڭ چۈشى، تولغاق ئازابى تارتمىغانلىقى، كىندىكى كېسىلگەن ۋە خەتنە قىلىنغان ھالدا تۇغۇلغانلىقى ۋە مەڭ»دىن باشقا رىۋايەتلەرنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى تۆۋەن. بۇ ئەھۋاللار نورمال ھادىسە بولۇپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇلۇغلىقى سەۋەبىدىن بولغان ياكى پەۋقۇلئاددە ئىش دەپ ئىشىنىش توغرا ئەمەس. 0wVM% Dng  
gM;m{gXYK  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلۇۋاتقاندا ۋە تۇغۇلغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى مەزگىللەردە يۈز بەرگەن بىر قىسىم ۋەقەلەر g3[-[G^5  
بىر قىسىم تارىخىي رىۋايەتلەردە بايان قىلىنىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلۇپلا تۆۋەندىكىدەك ۋەقەلەر مەيدانغا كەلگەن: wS9V@  
- يەرگە چۈشۈشى بىلەن تەڭ ئامىنەدىن بىر نۇر چىقىپ مەشرىق ۋە مەغرىپنى يۇرىتىۋەتكەن، شامدىكى سارايلار يۇرۇپ كەتكەن، ھەتتا بۇسرا شەھرىدىكى تۆگىلەرنىڭ بۇيۇنلىرى كۆرۈنگەن. 20 f9>pMfi:@  
- يەرگە چۈشكەندە قۇلى بىلەن چۈشۈپ يەردىن بىر ئۇچۇم تۇپراق ئالغان ۋە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئاسمانغا قارىغان. 21 #\Y`?  
- يەرگە چۈشۈشى بىلەنلا يۇلتۇزلار يەرگە تۈكۈلۈپ كىتىدىغاندەك يېقىنلىشىپ كەلگەن. 22 :P2!& W  
- «ئاللاھۇ ئەكبەر كەبىرا ۋەلھەمدۇ لىللاھى....»دېگەن.23 ibQxL3  
- بۈشىكى پەرىشتىلەر تەرىپىدىن تەۋرىتىلگەن. 24 3>L5TYa  
- جىن-شەيتانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا زىيان سېلىش ئۈچۈن ھەركەتلەنگەن. ئەمما جىن-شەيتانلارغا تاش ئېتىلىپ پەيغەمبىرىمىز ساقلىنىپ قالغان ياكى پەرىشتىلەر تەرىپىدىن ئۈچ كۈن مەخپى قوغدالغان. 25 )6p6<y  
- شەيتان ئۈچىنچى قېتىم چىقىراپ كەتكەن. (بىرىنچى قېتىم لەنەت ئۇقۇلغاندا، ئىككىنچى قېتىم زېمىنغا چۈشۈرۈلگەندە، ئۈچىنچى قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندا، تۆتىنچى قېتىم سۈرە فاتىھە نازىل بولغاندا). 26 U7n#TPet  
- سېھرىگەر ۋە كاھىنلارنىڭ شەيتانلىرى تۇتۇلۇپ ئىشلىرى كاساتلاشقان. 27 (Ytr&gh;0  
- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندا پەرىشتىلەر يەرگە چۈشكەن. 28 J>T98y/))  
- ئەرەپلەرنىڭ جاھىلىيەتتىكى ئادىتىدە كېچىدە تۇغۇلغان بوۋاق قۇياش چىققۇچە قازان-قاچا ئاستىغا تاشلاپ قۇيۇلارمىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تاشلاپ قويۇپ ئەتتىگىنى قارىسا قاچا چېقىلىپ كەتكەن. 29 e4Ibj/  
- بارمىقىنى ئەمگەندە بارمىقىدىن سۈت ئېتىلىپ چىققان. 30 *?1\S^7R  
- ئاي، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئوينۇشۇپ پەيغەمبىرىمىزنى بەزلىگەن، سۆزلەشكەن. 31 Y0lLO0'  
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن رىۋايەتلەر بولۇپ، كۆپىنچىسى ئىشەنچىلىك، توغرا رىۋايەت ئەمەس. ئەگەر بۇ رىۋايەتلەرنى توغرا دەپ قارىساق، بۇ ۋەقەلەر مەككە خەلقى تەرىپىدىن ھېچبىر زامان ئۇنتۇلمىغان بولاتتى، يىراق-يېقىندىكى كىشىلەرمۇ ئاڭلىغان بولاتتى. 7Rtjm  
بۇ خىلدىكى رىۋايەتلەر پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قارغۇلارچە ئۇلۇغلاشتىن، ئاشۇرۇپ مەدھىيەلەشتىن ۋە ئەھلى كىتاپ قىسسىلىرى تەسىرىدە تارقىلىپ يۈرگەن رىۋايەتلەردۇر. دىنىمىز بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق. SODHn9)  
MmvJ)|&t  
ئىنىكئانىسىنىڭ تەلىيى كەلگەنلىكى، مول-ھۇسۇل ۋە بەرىكەت ياققانلىقى  Hk4k  
ئىسلام تارىخىي مەنبەلىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەنى سەئەد قەبىلىسىگە كىلە-كەلمەي قەبىلىگە بەركەت ۋە مول-ھوسۇل ياققانلىقى، ئىنىكئانا ھەلىمەنىڭ كۆكسىگە سۈت تولغانلىقى،قويلىرىنىڭ سۈتلىرى كۆپەيگەنلىكى قاتارلىق ئىشلارسۆزلىنىدۇ. 32 .kuNn-$  
ھەقىقەتەنمۇ يىتىم بۇۋاق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، سەئەد قەبىلىسگە ئۇلار ھېس قىلالايدىغان دەرىجىدە بەرىكەت ئېلىپ كەلگەن. بۇ بەرىكەتنى ماددى بەرىكەت دېگەندىن مەنىۋىي بەرىكەت دېگىنىمىز تۈزۈكرەك. U%@C<o"  
c9jS!uDMK  
ئاتەشپەرەستلەرنىڭ ئوتى ئۆچكەنلىكى، كىسرانىڭ سارىيى ۋە كەبىدىكى بۇتلارنىڭ يېقىلغانلىقى @,,G]4zZ!  
ئىسلام تارىخىي مەنبەلىرىدە پەيغەمبىرىمىز تۇغۇلغان كۈنى كېچىسى تۆۋەندىكىدەك ۋەقەلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى ھەققىدە رىۋايەتلەر مەۋجۇت: q#8\BOTP |  
- ئاتەشپەرەستلەرنىڭ مىڭ يىلدىن بىرى يېنىپ تۇرۇۋاتقان ئوتى ئۆچكەن.33 uc"%uc'  
- ساۋە كۆلى قۇرۇپ كەتكەن، ئېتىز ۋە بوستانلىقلار قاقاسلىشىپ كەتكەن. 34 ;(}~m&p  
- كىسرا سارىيى تەۋرەپ كەتكەن، سارايدىكى ئون نەچچە بالكۇن يېقىلىپ چۈشكەن. 35 Q-$)H;,  
- كەئبىدىكى بۇتلار يېقىلىپ چۈشكەن. 36 ~cO iv  
- كەئبە ئۈچ كۈنگىچە تىتىرەپ كەتكەن. 37 5cA:;{z];g  
- كەئبىنىڭ تېمىدىن «مۇھەممەد مۇستافا تۇغۇلدى، ئۆز قۇلى بىلەن كاپىرلارنى ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇپ بۇتپەرەستلەرنى تازىلايدۇ»38 دېگەن ئاۋاز كەلگەن ۋە ئابدۇلمۇتتەلىپ بۇ ئاۋازنى كەبىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئاڭلىغان. بەزى ئالىملار بۇ خىل رىۋايەتلەرنى سىمۋوللۇق رىۋايەتلەر دەپ قاراپ «شىرىكنىڭ يۇقالغانلىقى، زۇلۇمنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ۋە ھەقىقەتنىڭ غالىپ كەلگەنلىكى» دەپ چۈشەندۈرىدۇ. 7uw-1F5x7  
يەنە بىر قىسىم مۇسۇلمان جۇغراپىيچىلىرى ئەگەر، رىۋايەتلەردىكى بۇ خىل ھادىسىلەرنى راستىنلا يۈز بەرگەن دەپ قارىساق، ئۇلارنى تۆۋەندىكىدەك چۈشۈنىشىمىز ئەقىلگە ئۇيغۇندۇر: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلۇشى شۇ رايۇنلاردىكى يەر تەۋرەش ۋاقتىغا ئۇدۇل كېلىپ قالغان ۋە يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن بەزى كۆللەر قۇرۇپ كەتكەن، بۇتلار چېقىلغان. چىركاۋلار، ئىبادەتخانىلار يېقىلىپ چۈشكەن، سارايلارنىڭ تاملىرىغا دەز كەتكەن. بۇ پۈتۈنلەي تەبىئەت ھادىسىسىنىڭ شۇ ۋاقىتقا ئۇدۇل كىلىپ قېلىشىدىن بولغان ھادىسە». 39 NM:$Q<n  
ھازىرقى زامان ئىسلام تارىخچىلىرىمۇ بۇ رىۋايەتلەرنى «ھېچقانداق ئىشەنچىلىك تەرىپى يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنچىۋالا ئالاھىدە ۋەقەلەر تارىخ قالدۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىدىغان ئالاقىدار مىللەتلەرنىڭ تارىخلىرىدىمۇ خاتىرلەنمىگەن»، 40 «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغانلىقى زۇلمەت دەۋرىنىڭ يۇقالغانلىقىدىن بىشارەت. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغاندا يۇقارقىدەك ھادىسىلەر يۈز بەرگەن دېيىش پەقەت توغرا پىكىرنى خاتا ئىپادىلىگەنلىكتۇر» 41 دەپ ئىنكار قىلىدۇ. l*wGKg"x3  
L;?h)8  
قۇشۇمچە ۋەقەلىكلەر ;m.6 ~A  
z8kebS&5  
ھەلىمەنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىكى پەۋقۇلئاددە ئۆزگۈرۈشلەرنى كۆرۈپ ئۇنى ئېمىتىشكە ماقۇل بولغانلىقى $E;Tj|W  
رىۋايەتلەردە 42 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلۇپ ئۇنى ئېمىتىش ئۈچۈن ئىنىكئانا ئىزدەلگەنلىكى، ئەمما ئىنىكئانىلارنىڭ ئۇنى يېتىم كۆرۈپ، تۇل ئايالنىڭ بالىسى دەپ قۇبۇل قىلمىغانلىقىنى، پەقەت ئىنىكئانا ھەلىمەنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدا كۆرگەن پەۋقۇلئاددە ئۆزگۈرۈشلەر تۈپەيلىدىن ئېمىتىشنى ماقۇل كۆرگەنلىكىنى ئۇچرىتىمىز. بۇ خىلدىكى رىۋايەتلەرگە ئىنچىكىلىك بىلەن قارىغىنىمىزدا توغرا ئەمەسلىكى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇم بولۇپ تۇرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى باشقا ئىنىكئانىلار راستىنلا يېتىم كۆرۈپ، تۇل ئايالنىڭ بالىسى دەپ قاراپ قۇبۇل قىلمىغانمۇ؟ بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئىش. سەۋەبى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دادىسىدىن يېتىم قالغان بولسىمۇ، ئۇ چوڭ دادىسى ئابدۇل مۇتەللىپكە تاپشۇرۇلغان. ھەممىمىزگە مەلۇم ئابدۇلمۇتەللىپ قۇرەيش جەمەتىدىن ۋە نامى پەقەت مەككىدىلا ئەمەس، مەككە سىرتىغىمۇ تارقالغان مەككە كاتتىۋاشلىرىدىن، شۇڭا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېسىل نەسەبدىن بولغان بۇۋاق ئىكەنلىكىنى ھەممىسى بىلىدۇ، بەلكى تالىشىپ تۇرۇپ ئېمىتىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. fXnewPr=#  
ئىنىكئانا ھەلىمە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدا پەۋقۇلئاددە ئۆزگۈرۈشلەرنى كۆرۈپ ئۇنى ئېمىتىشنى قۇبۇل قىلغانمۇ؟ بۇمۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان رىۋايەت.چۈنكى، ئەگەر بۇ پەۋقۇلئاددە ئۆزگۈرۈش ۋە خاسىيەتلەر راستىنلا يۈز بەرگەن بولسا، بۇلارنى پەقەت ھەلىمەلا كۆرۈپ باشقا ئاياللار كۆرمەي قالارمىدى؟! شۇڭا بۇ رىۋايەتلەر ھەم ئىشەنچىلىك ئەمەس. ھەمدە بۇلارنى قۇبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. pd,d"+  
FaWc:GsfB  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنىكئانىسى ھەلىمەنىڭ يېنىدا قانچە ياشقا كىرگۈچە تۇرغان؟ PvW4%A@0  
بۇ ھەقتە ھەرخىل رىۋايەتلەر بولسىمۇ، ئاساسلىق ئىسلام تارىخىي مەنبەلىرىدىن ئىبنى سەئەد بىلەن ئەل-ۋاقىدىنىڭ رىۋايەتلىرىنى 43 ئاساس قىلغىنىمىزدا، پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۆت ياكى بەش ياشقا كىرگۈچە ھەلىمەنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى بىلەلەيمىز. $f+I#uJ  
\pI {b9  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېتىلىشىگە ئالاقىدار رىۋايەتلەر Hiwij,1  
بىر قىسىم ئېنىقسىز تارىخىي مەنبەلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانچە ياشتا تىلى چىققانلىقىغا ئالاقىدار بەزى رىۋايەتلەر بولۇپ، بىر قىسمى «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەككىز ئايلىق بولغاندا تىلى چىققان» دېسە، يەنە بىر قىسمى «توققۇز ئايلىق بولغاندا مەخسىتىنى توغرا ئۇقتۇرالايدىغان بولغان» دېيىشىدۇ. بىزچە بولغاندا بۇ تەبىئى ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇغۇلغان مۇھىت شئىر-ئەدەبىياتقا، نۇتۇققا ۋە پاساھەت-بالاغەتكە يۇقىرى دەرىجىدە ئەھمىيەت بىرىدىغان مۇھىت ئىدى.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەش يىلغا يېقىن تۇرغان سەئەد جەمەتىمۇ فەسىھ (جانلىق) ئەرەپچە سۆزلىشىشدىغان جەمەت ئىدى. مانا بۇ ئامىللار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېىشغا تەگمەي تۇرۇپ سۆزلىيەلەيدىغان ياكى مەخسىتىنى توغرا ئۇقتۇرالايدىغان دەرىجىگە كىلىشىدە ئاساسلىق رول ئوينىغان بولىشى مۇمكىن.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە «پەخىرلەنگۈدەك ئىش ئەمەسكى، مەن ئەرەپلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ فەسىھ (جانلىق، ئۆلچەملىك) سۆزلەيدىغىنى. مەن قۇرەيشتىن، سەئەد جەمەتىدە يېتىلدىم» 44 دېگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەتتە بەزى بالىلارنىڭ سەككىر-ئون ئايدىلا تىلى چىقىپ بولىدۇ. 8[AU`F8W  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېتىلىشىگە ئالاقىدار يەنە بىر ئېنىقسىز رىۋايەت ئۇنىڭ ئون ئايلىق بولغاندا ئوقيا ئاتقانلىقىدۇر. بۇمۇ نورمال ئەھۋال، چۈنكى بۇ خىل قابىلىيەتتىكى بالىلار بولىشى مۇمكىن.ئوق ئېتىشتا ئۇستا بولمىسىمۇ ئوقيا ئاتقان بولىشى ياكى بەك بولمىسا ئوقيا بىلەن ئۇيۇن ئويناپ قويغان بولىشىمۇ مۇمكىن. `) ],FE*:  
:,$"Gk  
خۇلاسە Zi\ex\ )5  
PC255  
كۆپ قىسىم ئىسلام تارىخچىلىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلىشىدىن بۇرۇن، تۇغۇلغان ۋاقىتتا ۋە تۇغۇلغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى مەزگىللەردە ئاجايىپ-غارايىپ ۋەقەلەر يۈز بەرمىگەن دەپ قارايدۇ ۋە ئۆز قاراشلىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەيدۇ: «قۇرئان كەرىم مۇسا ئەلەيھىسسالام، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام، ۋە ئيسا ئەلەيھىسسالام قاتارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تۇغۇلىشىدىن بۇرۇنقى، تۇغۇلغان ۋاقىتلىرى ۋە ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىنى تەپسىلى شەكىلدە بايان قىلغان بولسىمۇ، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەقەت يېتىملىكى 45 ھەققىدىلا مەلۇمات بەرگەن». 46 قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يىتىملىكىدىن باشقا بالىلىقىغا ئالاقىدار ھېچقانداق ئايەت يوق. پەقەت تۇغۇلىشىغا ئالاقىدار ھەر خىل ئىشەنچىسىز ياكى ئۇيدۇرما رىۋايەتلەر ئەھلى كىتاپ قىسسىلىرىنىڭ تەسىرىدە تارىخ كىتاپلىرىدا قەيت قىلىنغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كىلىشى تەبىئى ۋە نورمال بولغان. ھېچقانداق ئادەتتىن تاشقىرى، پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر يۈز بەرمىگەن. مۆجىزە ۋە باشقا ئالاھىدىلىكلىرى، پەۋقۇلئاددە ۋەقەلەر كېينكى ۋاقىتلاردا بولۇپمۇ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن مەيدانغا كېلىشكە باشلىغان. شۇڭا يۇقارقىغا ئوخشاش بىر قىسىم نورمال ھادىسىلەرنى قانداقتۇر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىك ئالاھىدىلىكىگە باغلاش، پەۋقۇلاددە ئىشلار دەپ قاراپ پەيغەمبەرنى قارغۇلارچە ئۇلۇغلاش توغرا بولمىغان خۇراپى قاراشلاردۇر. بۇ خىل ئىشلار ياكى ۋەقەلەر نورمال كىشىلەردىمۇ يۈز بىرىدىغان ۋەقەلەردۇر. ئەگەر بۇ خىل ۋەقەلەر پەقەت پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىلا يۈز بەرگەن بولسا ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا بۇ ۋەقەلەرنى «پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكى»گە باغلاپ چۈشۈنۈش ئەقىلگە ئۇيغۇن بۇلاتتى ۋە پەيغەمبىرىمىزنى بۇ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مەدھىيلەپ ئۇلۇغلىغان بولاتتۇق. ئەمما پەيغەمبەرنى قانداق ئۇلۇغلاش، قانداق مەدھىيەلەشنى ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر ئۆزى كۆرسۈتۈپ بەرگەن. مۇسۇلمانلار پەيغەمبىرىمىزنى خۇددى: «مېنى ناسارالار ئىيسانى ئۇچۇرغاندەك ئۇچۇرماڭلار، مەنمۇ بىر بەندە. مېنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەڭلەر» 47دېگەن يوليۇرۇقىغا ئاساسەن قارغۇلارچە ماختاپ ئۇچۇرماستىن لايىقىدا مەدھىيەلەيدۇ، كۆككە كۆتىرىدۇ. مۇبالىغە قىلىشتىن، ئەپسانىلاشتۇرۇشتىن، چۆچەكلەردىكى شەخىسلەرگە ئايلاندۇرۇپ قۇيۇشتىن ۋە قارغۇلارچە چۇقۇنۇشتىن يىراق تۇرىدۇ. ئاللاھ ھەممىمىزنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئېلىپ كەلگەن تەلىماتلىرىغا توغرا رەۋىشتە مۇستەھكەم ئېسىلىدىغان ۋە ھاياتىغا مۇۋاپىق شەكىلدە تەدبىقلايدىغان مۇسۇلمانلاردىن قىلسۇن ئامىن!. 6#jql  
(igB'S5wf  
نەقىل ۋە ئىزاھلار: e_!Z-#\J%  
1 سۈرە ئەھزاب 40-ئايەت. >6WZSw/Hq  
2 سۈرە فۇسسىلەت 6-ئايەت. y|0/;SjV  
3 ھەلەبى، السيرە الحلبيە (ئەس-سىيرەتۇ،ل-ھەلەبىييە). (OwGp3g  
4 پىروفىسسور، دوكتور ئەھمەد ئۆنكالنىڭ «ئىسلام تارىخى مەسىلىلىرى» ناملىق دەرسىدىن خاتىرىلەر. wm ?%&V/#  
5 ئىبنى ئىسھاق السيرە النبويە (ئەس-سىيرەتۇ،ن-نەبەۋىييە). ھەلەبى، السيرە الحلبيە (ئەس-سىيرەتۇ،ل-ھەلەبىييە). ئەبۇ،ل-ھەسەن ئەل-ماۋەردى، أعلام النبوە (ئەئلامۇ،ن-نۇبۇۋۋە). fY78  
6 السيرە الحلبيە (ئەس-سىيرەتۇ،ل-ھەلەبىييە). سۇيۇتى، الخىائى الكبرى (ئەل-خەسائىسۇ،ل-كۇبرا). !OPHS^L  
7 مەھمۇد ئىبنى ئەمر ئەز-زەمەخشەرىي، الفائق في غريب الحديڭ (ئەل-فائىق فى غەرىبى،ل-ھەدىس) ئەيىن ۋە زال ھەرىيلىرى بابى. ئىبنى سەييىدىن-ناس، عيون الاڭر في فنون المغازي والشمائل والسير (ئۇيۇنۇ،ل--ئەسەر) بىرىنچى قىسىم، زىكرۇ مەۋلىدى،ر-رەسۇل. !:esdJH  
8 ئىبنى قەييىم ئەل-جەۋزىييە زاد المعاد (زادۇ،ل-مەئاد)، پەيغەمبىرىمىزنىڭ خەتنە قىلىنىشىغا ئالاقىدار بۆلۈمى. `]4(Z"R  
9 ئەبۇ نۇئەيم ئەل-ئىسفىھانى دلائل النبوە (دەلائىلۇ،ن-نۇبۇۋۋەت). EX, {1^h  
10 يۇقارقى مەنبە. c\ ZnGI\|  
11 ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەلى ئىبنى ئەل-جەۋزىي العلل المتناەيە في الأحاديڭ الواەيە (ئەل-ئىلەلۇ،ل-مۇتەناھىيە)، پەيغەمبىرىمىزنىڭ خەتنە قىلىنىشىغا ئالاقىدار بۆلۈمى. تەبەرانى الأوسط (ئەل-ئەۋسەت) 6148-ھەدىس. المعجم الىغير (ئەل-مۇئجەمۇ،س-سەغىير) 936-ھەدىس. '?_~{\9<  
12 ئىمامى سۇيۇتى الخىائى الكبرى (ئەل-خەسائىسۇ،ل-كۇبرا)، DaGny0|BB  
13 ئىمامى بۇخارىي ىحيح البخاري (سەھىھۇ،ل-بۇخارىي). ئىمامى مۇسلىم ىحيح مسلم (سەھىھۇ مۇسلىم). بەيھىقى دلائل النبوە (دەلائىلۇ،ن-نۇبۇۋۋە). تىرمىزى الشمائل (ئەش-شەمائىل) پەيغەمبەرلىك تامغىسى بابى. rADzJ#CU \  
14 يۇقارقى مەنبەلەر. LIz'hfS!  
15 ئىمامى سۇيۇتى الخىائى الكبرى (ئەل-خەسائىسۇ،ل-كۇبرا)، پەيغەمبەرلىك تامغىسى بابى. C v*K.T  
16 ئەبۇ نۇئەيم ئەل-ئىسفىھانى دلائل النبوە (دەلائىلۇ،ن-نۇبۇۋۋەت). 9CN'2 9c  
17 سۈرە سەف 6-ئايەت. $XkO\6kh  
18 السيرە الحلبيە (ئەس-سىيرەتۇ،ل-ھەلەبىييە). L=HnVgBs  
19 ئىبنى ئىسھاق السيرە النبويە (ئەس-سىيرەتۇ،ن-نەبەۋىييە). ئىبنى ھىشام السيرە النبويە (ئەس-سىيرەتۇ،ن-نەبەۋىييە). بەيھەقى دلائل النبوە (دەلائىلۇ،ن-نۇبۇۋۋە). ئىبنى كەسىر السيرە النبويە (ئەس-سىيرەتۇ،ن- نەبەۋىييە). سۇيۇتى، الخىائى الكبرى (ئەل-خەسائىسۇ،ل-كۇبرا). ھەلەبى، السيرە الحلبيە (ئەس-سىيرەتۇ،ل-ھەلەبىييە). ئەبۇ نۇئەيم ئەل-ئىسفىھانى دلائل النبوە (دەلائىلۇ،ن-نۇبۇۋۋەت). 3a ZS1]/  
20 سۇيۇتىالخىائى الكبرى (ئەل-خەسائىسۇ،ل-كۇبرا)، ھەلەبى، السيرە الحلبيە (ئەس-سىيرەتۇ،ل-ھەلەبىييە). ئىبنى كەسىر السيرە النبويە (ئەس-سىيرەتۇ،ن- نەبەۋىييە). Ar?ZUASJ  
21 يۇقارقى مەنبەلەر. MI:%Eq  
22 ئەبۇ،ل-ھەسەن ئەل-ماۋەردى، أعلام النبوە (ئەئلامۇ،ن-نۇبۇۋۋە). سۇيۇتى، الخىائى الكبرى (ئەل-خەسائىسۇ،ل-كۇبرا). Hmx.BBz  
23 ھەلەبىي، السيرە الحلبيە (ئەس-سىيرەتۇ،ل-ھەلەبىييە). ئىمامى سۇيۇتىالخىائى الكبرى (ئەل-خەسائىسۇ،ل-كۇبرا)، dmLx$8  
24 ئىمامى سۇيۇتىالخىائى الكبرى (ئەل-خەسائىسۇ،ل-كۇبرا)، ?(Plb&kR  
25 تارىخى يەئقۇبى. ^~bd AO81  
28 ئەبۇ رۇبەيئ سۇلەيمان ئەل-ئەندۇلۇسى، الإكتفاء (ئەل-ئىكتىفا). cg9}T[A  
27 يۇقارقى مەنبە. e0Gs|c+6  
28 ئىمامى سۇيۇتىالخىائى الكبرى (ئەل-خەسائىسۇ،ل-كۇبرا). ?q2Yk/P  
29 يۇقارقى مەنبە. y; <}`  
30 السيرە الحلبيە (ئەس-سىيرەتۇ،ل-ھەلەبىييە). Vw`Q:qo0:b  
31 بەيھىقى دلائل النبوە (دەلائىلۇ،ن-نۇبۇۋۋەت). ئىبنى كەسىر السيرە النبويە (ئەس-سىيرەتۇ،ن- نەبەۋىييە). u3wd~.  
32 ئىبنى ئىسھاق السيرە النبويە (ئەس-سىيرەتۇ،ن-نەبەۋىييە). ئەبۇ،ل-ھەسەن ئەل- ماۋەردى، أعلام النبوە (ئەئلامۇ،ن-نۇبۇۋۋە). SK 5]7C2  
33 ئەبۇ نۇئەيم ئەل-ئىسفىھانى دلائل النبوە (دەلائىلۇ،ن-نۇبۇۋۋەت). تارىخى يەئقۇبى. ئىمامى سۇيۇتىالخىائى الكبرى (ئەل-خەسائىسۇ،ل-كۇبرا). بەيھىقى دلائل النبوە (دەلائىلۇ،ن-نۇبۇۋۋەت). ئىبنى كەسىر السيرە النبويە (ئەس-سىيرەتۇ،ن- نەبەۋىييە). w&J_c8S  
34 يۇقارقى مەنبەلەر. [*0M$4  
35 يۇقارقى مەنبەلەر. 1cRF0MI  
36 السيرە الحلبيە (ئەس-سىيرەتۇ،ل-ھەلەبىييە). ! R3P@,j  
37 يۇقارقى مەنبە. y"U)&1 c%  
38 يۇقارقى مەنبە. 1~LfR  
39 پىروفىسسور، دوكتور ئەھمەد ئۆنكالنىڭ «ئىسلام تارىخى مەسىلىلىرى» ناملىق دەرسىدىن خاتىرىلەر. /<(-lbq,  
40 سەفىييۇ،ر-راھمان مۇبارەكفۇرىي الرحيق المختوم (ئەر-رەھىقۇ،ل-مەختۇم)پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلىشى بابى. VhAJ1[k4!  
41 مۇھەممەد غەززالى، فقە السيرە (فىقھۇ،س-سىيرە)، 47-48-بەتلەر. شۇرۇق نەشىرياتى. nXI8`7D  
42 ئىبنى ئىسھاق سيرە ابن اسحاق (سىيرەتۇ ئىبنى ئىسھاق). ئىبنى سەئەد الطبقات الكبرى (ئەت-تەبەقاتۇ،ل-كۇبرا). ئىبنى ھىشام السيرە النبويە (ئەس-سىيرەتۇ،ن- نەبەۋىييە). ئەبۇ،ل-ھەسەن ئەل- ماۋەردى، أعلام النبوە (ئەئلامۇ،ن-نۇبۇۋۋە). ئ Q&^\YgkCf  
43 ئىبنى سەئەد الطبقات الكبرى (ئەت-تەبەقاتۇ،ل-كۇبرا). gjX1z{{~L  
44 ئەل-مۇھەززەب. ,IE.8h)H  
45 سۈرە زۇھا 6-ئايەت. 0G33hIOS  
46 پىروفىسسور، دوكتور ئەھمەد ئۆنكالنىڭ «ئىسلام تارىخى مەسىلىلىرى» ناملىق دەرسىدىن خاتىرىلەر. `Lavjmfr2V  
47 سەھيھۇ،ل بۇخارىي، كىتابۇ ئەھادىيسى،ل- ئەنبىيا. d~h;|Bl[  
M7 k WJ  
ئاپتۇر شىنجاڭ ئىسلام ئېنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. تۈركىيە سەلجۇق ئۇنۋېرسىتتى ئىجتىمائى پەنلەر ئېنىستىتۇتى ئىسلام تارىخىي بۆلۈمىنىڭ ماگىستىرلىق دەرىسلىرىنى تاماملىغان Hz==,NR-W  
-p>1:M <  
مەنبە:ئىزدىنىش مۇنبىرى 1\PjzLj  

ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

精彩

感动

搞笑

开心

愤怒

无聊

灌水
ھۈركۈتمىگىن ئېسىڭنى، كىشنىگەندە ياغاچ ئات، تىنىقىڭدا لەپىلدەر،ئۇلۇغلۇقنىڭ سايىسى.
nurlan

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.335

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   262 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8576 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   408 (قېتم)
 تۆھپە:   370  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1893
 سائەت
دەرىجىسى:
1893 سائەت 197 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-06
ئاخــىرقىسى:2012-01-22
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 01-13

مەن يەنىلا سۈكەتتە تۇراي ...
nurdunjan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7501

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   172 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   11866 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1180 (قېتم)
 تۆھپە:   1180  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1327
 سائەت
دەرىجىسى:
1327 سائەت 23 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-09
ئاخــىرقىسى:2012-03-06
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-13

مەنمۇ شۇ
xamxar111

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1313

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   604 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   22936 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3233 (قېتم)
 تۆھپە:   3203  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2183
 سائەت
دەرىجىسى:
2183 سائەت 117 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-03
ئاخــىرقىسى:2012-03-06
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-13

بۇ تىمىنى كۈرۈپ  بۈگۈب ئىككى قېتىم خۇتبە ئاڭلىغاندەك بولدۇم ... @c,=c+-  
BUsAEw M  
6)Qe*S  
gLg\W3TOi  
C2J@]&  
           نادىر يازمىلار ئۈزۈلۈپ قالمىغاي .. 8 A#\V  
]G=^7O]`C!  
m] IN-'  
`XbV*{7  
IAbH_+7O  
ھە راس :   بۈگۈنكى ئاڭلىغان خۇتبەمنىڭ مەزمۇنى : E`3[62C  
_57 68G`P  
    ھەربىر ئىنساننىڭ جەننەتتە بىر ئورنى ، دەۋزەختە بىر ئورنى بار بۇلۇپ ، رەببىم قىيامەت كۈنى دەۋزەخكە لايىق بۇلۇپ كەلگەن بەندىسىگە ، جەننەتتىكى ئورنىنى كۆرسىتىپ ، سەن مۇسۇلمان بولغان بولساڭ سىنىڭ ئورنۇڭ بۇ ئىدى دەيدىكەن . cU=EXyP%  
جەننەتكە لايىق بۇلۇپ كەلگەن بەندىسىگە، دەۋزەختىكى ئورنىنى كۆرسىتىپ ، سەن كاپىر بولغان بولساڭ سىنىڭ ئورنۇڭ بۇ ئىدى دەپ جەننەتكە كىرگۈزىدىكەن ، |Iq\ZX%q  
>K;C?gHo  
0o&7l%Y/  
N7qSbiRf<  
E.rfS$<1  
بەك كۆپ ئىدى سىلەرنى ئۇقۇپ بۇلالماي قالمىسۇن دىدىم .
قايتماس ئىرادە
jiuxing

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2063

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   497 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   23432 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2204 (قېتم)
 تۆھپە:   2171  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3568
 سائەت
دەرىجىسى:
3568 سائەت 202 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-19
ئاخــىرقىسى:2012-03-05
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-13

ئىشلىتىش
بۇ 3قەۋەتتىكىxamxar111 يوللىغان 2012-01-13 17:55 غا قارتىلغان  : OaeGukhX&  
بۇ تىمىنى كۈرۈپ  بۈگۈب ئىككى قېتىم خۇتبە ئاڭلىغاندەك بولدۇم ... Sl,\  <a  
h/7m.p]  
i/jDwA  
r~&[Gaw  
n*UD0U}`  
....... r &<sSE;5  
8U98`#i  
a^U)2{A*f  
ماۋۇ ئوبدان خۇتبە بولۇپتۇ....ھەم چۈشۈنۈشلۈك ھەم ئاددى.....
ھاياتنى كومپىيوتىېر ئالدىدا سائەتلەپ، كۈنلەپ ئولتۇرۇپ، ئۇچۇر دۇنياسىغا،
oguz
دەرىجە:يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5484

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   160 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   16 (قېتم)
 تۆھپە:   16  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1
 سائەت
دەرىجىسى:
1 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-27
ئاخــىرقىسى:2012-01-13
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-13

مەنمۇ سۈكۈتتە تۇراي!
biparwaadam
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6310

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   261 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   12240 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1219 (قېتم)
 تۆھپە:   1219  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2138
 سائەت
دەرىجىسى:
2138 سائەت 162 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-12
ئاخــىرقىسى:2012-03-04
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-13

ھىم..
دۇنيا مېھرى-مۇھەببەتكە تولسۇن
ھال-ئەتتىرگۈل
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7672

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   18 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1200 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   120 (قېتم)
 تۆھپە:   120  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 754
 سائەت
دەرىجىسى:
754 سائەت 16 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-25
ئاخــىرقىسى:2012-01-31
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-16

ئاللاھ  گۇناھلىرىمىزنى  مەغفىرەت  قىلسۇن ........<< امىن>>
Tinmas
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7461

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   48 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2549 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   255 (قېتم)
 تۆھپە:   255  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 789
 سائەت
دەرىجىسى:
789 سائەت 111 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-04
ئاخــىرقىسى:2012-02-27
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-16

ئەسسالامۇئەلەيكۇم .ئەزىز تۇرداشلىرىم.دىنى ئىسلام سىلەر بىز تالاش -تاتىش قىلىدىغان نۇقتىدا ئەمەس،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نىڭ تارىخمۇ ھەم شۇنداق تەبئى ئاپەتنى كىم پەيدا قىلىدۇھەم پەيدا قىلالايدۇ؟كىم نىڭ قۇلىدىن كىلىدۇ؟بۇلارنىڭ ھەممىسى  ياراتقان   رەببىمىز گە خاس. =2yg:D  
ئەڭ ياخشىسى ئسلامدا  تالاش بۇلىدىغان دىلغۇلدا بۇلدىغان تىمىلارنى مۇنبەردە سۇي  ئستىمال قىلمىغان  تۇزۇك.ئاللاھ ۋەئاللاھ نىڭ رەسۇلى جىمى ھەمدە ساناغا لايىق دىن ئسلامغا بۇلگۇنچىلىك سېلىش .................................؟؟؟؟؟؟ #aV2+`d  
ياخشى ئويلاپ كۇرەيلى.
alam

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4334

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   641 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   29571 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2951 (قېتم)
 تۆھپە:   2946  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3088
 سائەت
دەرىجىسى:
3088 سائەت 152 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-01
ئاخــىرقىسى:2012-03-06
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-18

بۇنى يازغان قەلەم ئىگىسىگە ۋاي.... hdN3r{  
bM8b3, }?n  
   بىزنىڭ ھەممە ئشىمىز  سىز دىمەكچى بولغان تەبىئەتكە توغرا كىلىپ قالىدىكەن-دە،،،ئۇنداقتا تەقدىر ۋە غەيىپتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدىكەن-دە سىزنىڭچە..........ئىسىت.....ئىسىت..       
ئۆز  خاتالىغىنى تۇنىغان ئادەم ، ھەقىقى ياخشى ئادەمدۇر..!
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى