باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       773 
  •    ئىنكاس 
       9 

چەتئەللىكلەر:ئۇيغۇر ئەرلىرى يارىماس؟

قەۋەت ئاتلاش
sawapkar

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.728

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1181 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   49703 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4541 (قېتم)
 تۆھپە:   4172  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 745
 سائەت
دەرىجىسى:
745 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-08
ئاخــىرقىسى:2012-02-22

/~,|zz  
چەتئەللىكلەر:ئۇيغۇر ئەرلىرى يارىماس؟ A]z~Dw3  
روھى باي گاداي باي گاداي ، روھى گاداي باي گاداي باي ! ^yO+-A2zC  
  igoXMsifT+  
n/\{}9   
(8[etm  
Ez3>}E,  
مۇقەددىمە : ئەرەبتىن ئاڭلىغانلىرىم ، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئاھۇ – زارى  d"E@e21  
مەسىلە زادى كىمدە؟ تۈركلەر قانداق قىلىدۇ؟ #HMJBQ4v#  
NTnjVU}  
ھەر يىلى ئاياللار بايرىمى كەلگەندە ئۆزۈمنىڭ ھەقىقى ئەركەكلەرنىڭ ئىشنى قىلالمىغانلىقىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن . ئوچۇقىنى دىسەم ئىنتايىن يارىماسلىقىمنى ھىس قىلىمەن . چۈنكى مەن سىڭىللىرىم ، ئاچىلىرىم ۋە ئۇرۇق – تۇققانلىرىم ئىچىدىكى قىزلارغا مەسئۇل ، كۆيۈمچان تۇققان بولالمىدىم . ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىكى يۇلۇققان قىيىنچىلىقىغا مەسلىھەتچى ، تۆۋرۈك بولالمىدىم . شۇڭا قىز – ئاياللىرىمىز ھەققىدە بۇلۇنغان ھەر قانداق ئەيىبلەش ، مەسخىرە قىلىش ، ھاقارەتلەشكە قارىتا مىللەت ھەققىدە گەپ ساتقۇدەك ، ھىچكىمگە نەسىھەت قىلغۇدەك ، قىزلارنى تەنقىت قىلغۇدەك ھەققىم ، سالاھىيىتىم يوق دەپ قارايمەن . ئۈرۈمچىدە كۆزۈمگە كۆرىنىدىغىنى قىز – ئاياللارنىڭ مۇرەككەپ تۇرمۇش قاينىمىدىكى يالغۇزلۇقى ، ئامالسزلىقى ، ئەمما ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى . ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرى ھەققىدىكى ئويلىنىشىم ، ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدىكى خىياللىرىم توختىمىدى ، گىزىت – ژۇرناللارغا بىسىلغان ماقالىلاردا ئاياللارغا نەسىھەت قىلىدىغان ماقالىلار ئۈزۈلمەيتتى ، ‹‹جەمئىيەت ئىنتايىن چىرىكلەشتى ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ياخشى ئانىلارغا باغلىق ›› دىگەن ئىدىيىنى ئاساس قىلغان ، ناچارلارنى تەنقىتلەيدىغان ، ياخشلارغا ئىلھام بېرىدىغان مەزمۇندىكى يازمىلار توختىماي چىقىپ تۇردى . ئىنتىر تورىدا بولسا ، ئۇيغۇر قىز – ئاياللىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغان ، ھەتتا ھاقارەت قىلىدىغان يازمىلار كۆپ يېزىلدى . ‹‹ئاياللار بۇزۇلۇپ كەتتى ›› دىگەن قاراشنى ھەممە ئادەمگە ئومۇملاشتۇرۇشنى ۋەزىپە قىلىۋالغان جەمئىيەتشۇناسلار شىنجاڭ مەدەنىيىتى قاتارلىق نەشىر ئورۇنلىرىدا ئاياللارنى توختىماي قامچىلىدى ، ئەمما ئاياللار زادى قانچىلىك بۇزۇلدى؟ بۇنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟ بۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ دىگەن مەسلىگە جاۋاب تېخى بولمىدى . b(hnouS  
ZyJdz+L{@V  
‹‹ئەرەب›› تىن ئاڭلىغانلىرىم! 7^{M:kYC!  
6ty>0  
2003 – يىلى تور چايخانىسىدا بىر قىز بىلەن تونۇشتۇم ، ئۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى بىر ئەرەبكە ياتلىق بولغان ئۇيغۇر قىزى ئىدى ، قىسقىچە ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن ئۇنىڭدىن ، ئاتا – ئانىسى تەرىپىدىن ئېغىر تويلۇق بىلەن ئەرەبكە ياتلىق قىلىنغانلىقىنى ، يولدىشىنىڭ يەنە باشقا ئىككى ئەرەب ئايالى بارلىقىنى ، يولدىشىنى ئانچە ياقتۇرمايدىغانلىقىدەك ئشلارنى ئۇقتۇم . بۇ ئۇيغۇر قىزى بىلەن ئەرەب مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئۇققان تۇنجى ئۇچۇرۇم ئىدى . كىيىن بىر تىل مەكتىۋىدە ئەرەب تىلى مۇئەللىمى بۇلۇپ يۈردۈم ، شۇ چاغدا خۇددى چولپان بۇلۇشتىن قېچىپ يۈرۈپ كۇرۇسقا كىرىۋالغاندەك چىرايلىق بىر قىز دەرسكە قاتناشتى . ئۈچنچى كۈنى مەن ئۇنىڭدىن ئەرەب تىلى ئۆگىنىش مەقسىدىنى سورىدىم ، ئۇ قىز ‹‹ دۇبەيگە چىقماقچى ئىدىم›› دىدى ، ئەمما چىرايىدا بىر خىل خىجىللىق ئەكس ئەتتى . دەم ئېلىش ئارىلىقىدا ئۇنى دەرسكە باشلاپ كەلگەن بىر دوستۇم ئۇ قىز ئەرەبكە ياتلىق بولماقچى (يەنى ئىككىنچى خوتۇن بولماقچى) دىدى . شۇنىڭدىن كىيىن چەتئەللەردە يۈرىدىغان دوستلىرىمدىن ، ئۈرۈمچىدىكى تۇققانلارنىڭ ئاغزىدىن ئەرەبلەر ، پاكىستانلىقلار ، ھەتتا خەن يولداشلار بىلەن تويلاشقانلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ ، ‹‹بۇنداق ئىشلار كۆپمۇ نىمە ؟ بۇنداقلا زادى قانچىلىكتۇ؟›› دەپ ئويلىدىم ، ئەمما ئېنىق مەلۇمات بولمىدى . لىكىن شۇ چاغدا ئويلىغىنىم : بۇنداق قىزلار پۇلنى دەپ ھەممىنى قىلىدۇ ، چەتئەللىككە قىزىقىپ ، ئۆزىنى ئالاھىدە كۆرسەتمەكچى بولغان دەپ پەرۋا قىلمىدىم . بۇ ئىشلار ئۆتتى ، تۈگىدى . ?s4-2g  
2008 – يىلى بىر ئەرەب بىلەن ئۈرۈمچىدە 2 ئايغا يېقىن بىللە يۈردۈق . بۇ ئەرەب تۇمارىس مېھمانخانىسىدا بولغان پاكىستانلىق ئىككى ئەر ، ياپونلۇق بىر قىز (خەنزۇ تىلى ئۆگەنگۈچى) ، بىر خەنزۇ قىز (شنجاڭ ئونۋېرسىتېتىدىن)، بىر رۇس ئەر (شىركەت خوجايىنى) ئوتتۇرىسىدا بولغان سۆھبەت ئارىلىقىدا ‹‹ئۇيغۇر ئەرلىرى يارىماس ، ئاياللىرى بەك جانلىق›› دىدى ،(كىيىن ئۇقسام بۇ گەپنى دەسلەپتە ئۇيغۇر زىيالىيلىرى دىگەنىكەن ، ‹‹دۇنيا ئەر دەپ يىغلايدۇ›› دىگەندەك يازمىلاردا ) =%p%+F@RlW  
سورۇندىكىلەر ھەممىسى ئورتاق ئېنگىلىز تىلىدا سۆزلىشەتتۇق ، مەن تۇيۇقسىز بۇ گەپنى ئاڭلاپ ناھايىتى چېچىلدىم ، ئەمما شۇ يەردىلا ئەرەب ناھايىتى ئۇزۇن سۆزلىدى : مەن شىنجاڭغا كىلىشتىن بۇرۇنلا ئۇيغۇرلارنى بىلەتتىم ، ئۇيغۇر ھەققىدە ئاڭلىغان تۇنجى ھىكايەم بىر ئايالدىن باشلانغان ، شۇ چاغدىلا بۇ يەرنىڭ ئەرلىرىنىڭ يارىماس ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان ، ئەمدى بۇ يەرگە كىلىپ كوچا – كويلاردا يۈرىۋاتقان قىزلارنىڭ كۆپچىلىكىگە قاراپ ئېنىق ھىس قىلدىم ، سىلەرنىڭ ئەرلەر ئائىلە تۇتۇشنى بىلمەيدۇ ، سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلار چەتئەللىك ئەرلەر بىلەن كۆپ ئۇچراشماپتۇ ، ئەگەر ئۇچراشسىلا سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ھەرگىز قايتىپ كەلمەيدۇ ، سىلەر ئاياللارنى ھۆرمەت قىلمايسىلەر ، ئۇلارنى پۇل تېپىش ، جان بېقىش ئۈچۈن كوچىغا چىقىرىپ قويىسىلەر ، قىزلار ئاسىي بولسا ، ئۇلارنى بۇزۇق دەپ ئارىغا ئالمايسىلەر ، ئەمما ئۇلارنى ئوينايدىغان ئويۇنچۇق قىلىۋالىسىلەر،…..بىر قىزنىڭ يولدىن چىقىشى كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى؟ دادىنىڭ ياكى ئۇنىڭغا سەمىمىيەتسىزلىك قىلغان ئەركەكنىڭ . بىر ئايالنىڭ يولدىن چىقىشى كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى؟ ئۇنىڭ ئىرىنىڭ . ئەگەر خالىمىساڭمۇ ساڭا كۆرستىپ قوياي دىدى ۋە ياپونلۇق قىز ، مەن ۋە پاكىستانلىق ئەلى تۆتەيلەن كونسۇل كوچىسىغا چىقتۇق . ھازىرقى ئېلزابىت مېھمانخانىسى بار دوقمۇشتا ئۈزۈم ، ئالما سېتىۋاتقان (باققال) بىر ئايالنىڭ بېشىدا قاراپ تۇردۇق ، ئايال 45 ياشلار ئەتىراپىدا بۇلۇپ يالغۇز ئىدى ، مىۋە – چىۋىلىرى ئىنتايىن ئاز ئىدى ، ئەمما يېقىن كىلىپ قارىغاندا ، سېتىۋاتقان ئالما ، ئانارلىرى ، ئۈزۈملىرى ئۇنچە سۈپەتسز ئەمەس ئىدى ، ئۇنىڭ يېنىدا بولسا 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئەر خېلى چىرايلىق بېزەلگەن باققالچىلىق دۇكىنىدا تۇراتتى ، ئۇنىڭكىدە مىۋىلەرنىڭ تۈرلىرى كۆپ ئىدى ، ئەرەب ماڭا ‹ ئوبدان قارا › دىدى ، قارىسام ئۇ ئەرنىڭ باققال ئورنىغا 10 مىنۇت ئىچىدە 6 ئادەم كىلىپ 4 ى مال سېتىۋالدى ، ئۇنىڭ ئالمىسىنىڭ كىلوسى 2 يۈەن قىممەت ئىدى ، ھېلىقى ئايالنىڭ بولسا ئەرزان ئىدى ، خېرىدارلار ئۇنىڭ يېنىدىن باھاسىنىمۇ سورىماي ئۆتۈپ كېتەتتى . بۇ چاغدا ئەرەب ماڭا مۇنداق دىدى ، مانا ئۆزۈڭ تەرجىمە قىلىپ بەردىڭ ، ئايالنىڭ ئالمىسى ئەرزان ئىكەن ، ھېلىقى خېرىدارلار ئاۋۇ ئەرنىڭ ئالمىسنى ئالمىسا ئۇ ئەرگە ھىچقانداق چوڭ زىيان بولمايدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭ دۇكىنى چوڭ ، ئىقتىسادى ئاساسى ياخشىراق ، ئەمما بۇ ئايال ئالدىدىكى مۇشۇ بىر نەچچە كىلو ئالمىغا تايىنىپ قالغان ، شۇڭا ئۇنىڭ ئالمىسىنى سەن سېتىۋال دىدى . مەن سېتىۋالدىم ،(كىيىن) بىر كۇرۇستنىڭ ياتىقىدىكى بالىلارغا ئاپىرىپ بەردىم . كىيىن ئەرەب ئۇ ئايالدىن كۈنىدە نەچچە پۇل تاپىدىغانلىقىنى ، مىۋىنى نەدىن ئالىدىغانلىقىنى ، بالىلىرى بار – يوقلۇقىنى ، يولدىشىنى سورىدى ، ئايال كۈندە 60 – 70يۈەن سودا قىلىدىغانلىقىنى ، ئىككى بالىسىدىن بىرىنىڭ 14 ياش ، بىرىنىڭ 10 ياش ئىكەنلىكىنى ، بالىلىرىنىڭ قىز ئىكەنلىكىنى ، يولدىشىنىڭ ھاراقكەش ، قىمارۋاز ئىكەنلىكىنى ، ئۆزلىرى بىلەن كارى يوقلۇقىنى ، ئاجىرىشالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتتى . ئۇ ماڭا مۇشۇ ئايالنىڭ بالىلىرىغا ئوقۇش پۇلىدا ياردەم قىلىش يولى ھەققىدە ئىزدىنىدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئادىرىس ، تېلىفۇن نۇمۇرلىرىنى خاتىرىلىۋېلىشنى ئېيتتى . ھەم ماڭا تەۋسىيە قىلدى . كونسۇل كوچىسىدىن چىقىپ بولغۇچە ئەرەب يولدىن ئۆتكەن قىزلاردىن كەم دىگەن 6 -7 نى پاھىشە قىز دىدى ، مەن ئۇلارنىڭ كىيىم – كېچىكى ، تەقى – تۇرقىغا قاراپ 2 – 3 نى شۇنداقمىكىن دەپ قالدىم ، ئەمما باشقىسىنى ئۇنداق ھۆكۈم قىلىش خاتا دىگەنىدىم ، بۇنى ئۇنىڭغا بىلدۈرگىنىمدە ئۇ يېنىمىزدىكى ئەلىنى دەرھال بىر قىزنىڭ كەينىدىن يولغا سالدى ، ئەلى ئۇنىڭ بىلەن سودىغا پۈتۈشۈپ قايتىپ كەپتۇ . يالغان دىدىم ئىچىمدە ، لىكىن ئاچچىقىم كەلدى ، غۇرۇرۇم تۇتتى ، تاكى بىز چوڭ بازار ئىچىدىكى ك ئاف سى(كېندېجى)غا كىرگۈچە ئەرەب كەم دىگەندە 20 قىزنى پاھىشەگە چىقىرىپ ماڭدى ، خەپ ….. دىدىميۇ ئەمما كىمنى تىللاشنى ، دەردىمنى كىمدىن ئېلىشنى بىلمىدىم . كېندېجىغا كىرگەندە پاكىستانلىق ئەلى ياندىكى ئۈستەلدە ئولتۇرغان ئۈچ قىزدىن بىرىنى كۆرسىتىپ ، ‹‹ئۇنى مەن قىلغان ، لىكىن قىز چىقمىدى ، ماڭا بەك ئامراق ، دوستلىرىنىمۇ تونۇشتۇردى ، چاڭلېيۈەندىكى ئۆيىمىزدە 5 ئۇيغۇر قىزى ،4 پاكىستانلىق ئەر بىللە ئويناپ تاڭ ئاتقۇزدۇق دىدى›› . چىرايىم ئۆزگەردى ، ئەقلىم قاچتى ، ئەلىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلدىم ، ‹‹ھۇ ھارامدىن بولغان ، كىمىڭنى ھاقارەت قىلىۋاتىسەن ، ئەمدىلا 16 ياشقا كىرگەن قىزغا تۆھمەت چاپلىغۇدەك بولدۇڭما ؟ سەن پۇلۇم بار دەپ مۇھتاج قىزلارنىڭ ھەممىسىنى جالاپ دەپ قالدىڭمۇ؟›› ئەلى مىنى بىر مۇش سالدى ، مەن ئەبلەخنىڭ جان يىرىگە بىرنى تىزلىدىم ، ھۈسەيىن (ئەرەب) بىزنى ئاجىرىتىۋەتتى ، ئەمما ھېلىقى قىز ھەيران بۇلۇپ كىلىپ ، ئەلىگە خەنزۇچە : ‹‹چىن ئەيدى ، زىمىلى؟ زا خۇيشىر؟ ›› دىدى . مەن : ‹‹يوقىلەۋە قانجىق›› دىدىم ، ئۇ : ‹‹ساراڭمۇ ما بىر نىمە ، كاللىسىدىن كەتكەن›› دىدى ، دوستلىرى ئۇنى قايتۇرۇپ كەتتى . مەن شۇ پېتى ئۇ پاكىستانلىق ئەبلەخ بىلەن قول ئېلىشپ كۆرۈشۈپ باقمىدىم ، كىيىن ئۇ ھېلىقى ئەرەبكە ئالدى – كەينى بۇلۇپ 3 ئۇيغۇر قىزىنى تونۇشتۇرۇپتۇ ، ئەرەب ماڭا ئۇلارنى سودىسىغا ھەمرا قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ سالاھىيىتى ئوقۇغۇچىمۇ – ئەمەسمۇ ئېنىقلاشنى تاپىلىدى ، ئۇلاردىن بىرى ئوقۇغۇچى ، ئىككىسى ئويۇنچى قىزلار بۇلۇپ ، مەخسۇس چەتئەللىك ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىدىغان بىر گۇرۇپپا قىزلار ئىكەن . ئوقۇغۇچى قىز ھەم ئېنگىلىزچە ھەم روسچىغا ئۇستا بۇلۇپ ، ئالاقىچى ئىكەن . ئۇلارنىڭ يۇرتى بىر يەرلىك ئەمەس بۇلۇپ ، ئوقۇغۇچى قىز شىماللىق ، باشقىلار جەنۇبلۇق ئىكەن . مەن ئۇلارنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلىغاندىن كىيىن ئوقۇغۇچى قىزغا ئوچۇقلا نىمىشقا بۇ يولغا ماڭغانلىقىنى سورىدىم ، نەتىجىدە ئىرىشكىنىم ئۇنىڭ دەسلەپتە ئۆزىنىڭ تۇنجىسىنى ئۇيغۇر ساۋاقدىشىغا بەرگەنلىكىنى ، يىگىت ئاۋال قىز كەلتۈرۈشنىڭ بارلىق 36 تەدبىرىنى قوللانغان بولسا ، كىيىن ئويناپ تاشلىۋەتكەنلىكىنى ، ئۆزىگە ئويۇن ، كىيىم ، ھۇزۇر ئۈچۈن پۇل لازىم ئىكەنلىكىنى ، ھەم چەتئەللىك بىلەن ئوينىسا سالاھىيىتى ئاشكارىلانمايدىغانلىقىنى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇلنى كۆپ تاپقىلى بولىدىغانلىقى ، ھەم قەدىر – قىممىتى بىلەن ئوينىغىلى ، سورۇنلاردا باشقا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئالدىدا پەرقلىق ھىس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى ، شۇ كۈنى ئۇنىڭ يەنە بىر ھەمراھى ئۆزىنىڭ ئىرىنىڭ خىروئىن چىكىپ 2 يىل سولانغانلىقىنى بولغانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ بالا بىلەن يالغۇزلۇقىنى ، ئامالسىز قالغانلىقىنى، ئەگەر ھازىر 50 يۈەن بولسا ، بالىسىغا 3-4 كۈنلۈك ئىشلىتىپ تۇرۇپ ، خىزمەتتىن بىرىنى تېپىۋالغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى ، مەن ئىشەنگۈم كەلمىسىمۇ ، بىلىپ تۇرۇپ 50 يۈەن بەردىم . ئەتە مىنى ئىزدەڭ ، ئىش تېپىشقا ياردەم قىلاي دىدىم ، ئەتىسى ئۇ تېلىفۇن قىلمىدى . شۇ چاغلاردا ئۇيغۇر سۈپىتىم بىلەن ھىس قىلالمىغان ئىشلارنى ئەرەب ، پاكستانلىق كۆزى بىلەن ھىس قىلدىم ، مەن خەلق سۈپىتىدە تۈركتىن باشقىلارغا دوستانە مۇئامىلە قىلالماسلىقىم مۇمكىن ، ئەمما يەككە ئادەم سۈپىتىدە شۇ ئەرەبكە ، ئۇنىڭ ئاياللارغا بولغان مۇئامىلىسى ، ئۇنىڭ ئادىمىيلىكىگە بولغان قارىشىمنى ئۆزگەرتتى ، دەرۋەقە ئەرەبلەرنىڭ ھەممىسى ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلماسلىقى ، كۆپ خوتۇنلۇق بۇلۇپ ، ئەيىش – ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بولۇشى ، ھەممىسى ھورۇن ، شەخسيەتچى بولۇشى ناتايىن . ھۈسەيىن ئۈرۈمچىدىن كېتەر چاغدا ئەلىگە شۇنداق دىگەنىدى : سەن جالاپ ئىزلىسەڭ ، دىنسىز پاھىشە ئىزلىمە ، ئۇلارغا ھەم كۈچ ھەم پۇل سەرپ قىلما ، مۇسۇلمان پاھىشەلەرگە ياردىمىڭ بولۇپ قالىدۇ . ئۇلارنى بۇنداق قىلماسلىققا دەۋەت قىلىۋالىسەن . ئۇلارنى دىنسىز يات مىللەت ئەرلىرىنىڭ ئاستىغا تاشلىما . ئۇنىڭ قولۇمنى سىقىپ تۇرۇپ قىلغان بۇ گىپى ھازىرمۇ كاللامدا : سەن مىللەت ھەققىدە ئويلاشتىن ئاۋال ئاياللارنى كۆپ ئويلا ، بىر ئايالغا ئېگە بولمىغان ، ئايالنىڭ ھەممە ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان ئەرنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقى بولمايدۇ . ‹‹سىلەر مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيسىلەر ، چۈنكى سىلەر ئاياللارنى خورلايسىلەر›› . ئاياللىرىڭلار سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىسا ، سىلەر بىلەن بىر مەيداندا بولمىسا ، دىن ، ئىماندىن سۆز ئاچما ، بىر مىللەتنىڭ ئانىلىرى ، قىزلىرى – بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ . N;<.::x  
مەسلە كىمدە؟ dQ4VpR9|;  
كىيىن باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىغا ئائىت گەپلەرنى بەك تولا ئاڭلاپ زىرىكتىم ، بۇلار ھازىر تەسىر قىلمايدىغان بۇلۇپ كەتتى ، ھازىر ماڭا مۇشۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبى بىلەن ئۇنى ھەل قىلىش چارىسى ھەققىدە گەپ قىلالايدىغان ئادەمنىڭ گىپى بەك ياقىدۇ ، چۈنكى تىللاشنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ ، ئەمما نىمە ئۈچۈن شۇنداق؟ شۇنداق بولسا ، ئەمدى قانداق قىلىشىمىز كېرەككەن؟ دىگەننى ئويلىنىشىمىز كېرەك ئىدى . كىم نىمە دىيىشىدىن قەتئىينەەر ، پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قىز – ئاياللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە ئۇيغۇر دادىلار ، ئۇيغۇر ئاكىلار ، ئۇيغۇر ئۇكىلار ، ئۇيغۇر ئەركەكلەر ، مۇشۇلار مەسئۇل! چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى ئەركەك دەيدۇ ، ئۆزلىرىنى ئاياللاردىن ئۈستۈن ، ئەركەكچىلىك ئېڭى كۈچلۈك ، ئۆزىنى ئوغۇلبالا ، بىز نوچى دەپ قارايدۇ . ‹‹ئەركەك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلسا ئەركەك ، ئادا قىلمىسا ، ئەركەك ئەمەس›› ،(تۈرك ئاتا سۆزلىرى) . ئەمما ئائىلىسى تۇرۇپ ئاشنا ئويناش ، بالىلىرىنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك ، پۇل توپلاپ كەلگۈسىگە تەييارلىق قىلىش ئەمەس ، سورۇندارچىلىق ، شۆھرەت بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىش ، بىلىم ، ئىقتىساد ، ساغلاملىق جەھەتلەردە خوتۇنلىرىدىن ئۈستۈن سالاھىيەت ھازىرلىيالماي ، ئارقىدىن خوتۇنىنىڭ ئالدىدا تىلى تۇتۇلۇپ ، ئۇلارنى باشقۇرالماسلىق ، گىپىنى ئۆتكۈزەلمەسلىك ، ئاخىرىدا ئايالى ئىرىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي تالاغا قاراش . CM}1:o<<N  
8PWx>}XPt  
مانا ھازىرمۇ ھەر كۈنى جەمئىيەت ھەققىدە قاخشاۋاتقان زىيالىيلارنى ، ياشلارنى كۆپ كۆرىمىز ، جەمئىيەتنىڭ ئىچىدىكى بىزگە ئەڭ مۇناسىۋەتلىك ۋە جىددى بولغان مەسىلە – قىز – ئاياللار مەسىلىسى . مۇشۇنى ھەل قىلماي تۇرۇپ ھىچقانداق مەسىلە ھەل بولمايدۇ . مەسىلە زادى نىمە؟ بۇ ئەخلاق مەسلىسى ، قىممەت قاراش مەسىلىسى ، جەمئىيەتنىڭ ئاساسى يىمىرىلىش ئالدىدا ، ئۇنى قانداق قۇتقۇزۇش كېرەك؟ 7Z-'@m  
ئائىلىدىن باشلاش كېرەك . ھەممە ئادەم ئائىلىسىگە مەسئۇل بولۇشتىن ، ئۆزىنىڭ زىممىسىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئائىلىدىن باشلىشى ، قولىدىن كىلىشىچە باشقىلارغا يېتەكچى بولۇشى كېرەك ، خاتالاشقانلارغا كۆيۈمچانلىق بىلەن يول كۆرسىتىشى كېرەك ، چۈنكى ئۇلار – بىزنىڭ ئانىلىرىمىز ، قىزلىرىمىز ، ئاياللىرىمىز ، سىڭىللىرىمىز ، بىزنىڭ غۇرۇرىمىز . ;Up'+[Vj'C  
B8+J0jdg6%  
تۈركلەر قانداق قىلىدۇ؟ Cu5fp.OS7  
C2WWS(zn  
تۈركىيەدە ئۇزۇن تۇرغان دوستۇم مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردى : قانچىلىك دەرىجىدە توغرىلىقىنى بىلمەيمەن ، لىكىن پايدىلىنىش ماتىرىيالى بولالايدۇ . v/n4Lp$W^  
تۈركلەردە بىر ئائىلىدە بىر ئوغۇلبالا بولسا ، گەرچە كىچىك بولسىمۇ ئەركەك بولغانىكەن ، چۇقۇم سىڭلىسى ۋە ئاچىسىغا مەسئۇل بولىدىكەن . ئۇلارنى كەچتە نەگە باردىڭ ، كىم بىلەن كۆرۈشتۈڭ؟ نىمە ئىش قىلدىڭ؟ بىرى بوزەك قىلدىمۇ؟ دەپ سوراش ئومۇميۈزلۈك مىللى ئاڭغا ئايلانغانىكەن . بىر مەھەللىگە باشقا يەردىن بىر ئەر كىلىپ مەھەللە قىزلىرىغا چاقچاق قىلسا ، كەينىگە كىرىۋالسا ، ھەممىسى بىرلىشپ ئۇنىڭ ئەدىۋىنى بېرىدىكەن . باسقۇنچىلىق قىلىش دىگەن ئۇقۇم ئاز ئىكەن ، ئەگەر قىلغانلار سادىر بولسا ، جەمەتى بويىچە قۇرۇتىۋېتىدىكەن . كوچىلاردا قىزلار قانچىلىك يالىڭاچ يۈرىشىدىن قەتئىينەزەر بىر ئەر كىلىپ ئۇنىڭغا يېپىشىۋالسا باشقا ئەرلەر ئۇنى ئاجايىپ ئېغىر ئالىدىكەن ، قىزلار خالىسا ، ساقچىلار كىلىپ ئۇ ئەرنى قاماققا ئالىدىكەن . ئەرلەر چوقۇم ئۆزىنى ئاياللاردىن ھەممە جەھەتتە ئۈستۈن تۇرۇشى كېرەك دەپ قارايدىكەن ھەم شۇنىڭ ئۈچۈن بارلىق كۈچى بىلەن تىرىشىدىكەن ، تۈركلەر ئىنتايىن تىرىشچان بۇلۇپ ، ئاياللىرىنى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتچىسى دەپ قارىماي ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىنى تۇلۇق قاندۇرىدىكەن ، ئۆزىدىن گۇناھ ساقىت بولغاندا ، ئاندىن ئاياللىرى ھەققىدە ئويلىنىدىكەن ، ئۇلاردىن سەمىمىيەتسىزلىك سادىر بولسا ئۆلتۈرۈۋېتىش شەرەپلىك جىنايەت ھېسابلىنىدىكەن . ئەرنىڭ ئىززەت – نۇمۇسى ، غۇرۇرى ئىنتايىن كاتتا ھېسابلىنىدىكەن ھەم ئەرلەرمۇ مۇشۇنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىدىكەن . P\;L#2n  
TU6e,G|t  
مەنبە : ‹‹باغداش مۇنبىرى›› %LeQpbyOR  
3F5Y#[L`  
I{8fTod  

ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

精彩

感动

搞笑

开心

愤怒

无聊

灌水
نۇپـۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمـۇس كېمىيۋاتىدۇ

(سەۋەپــكـار)
زەپەر
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7516

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   67 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3650 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   355 (قېتم)
 تۆھپە:   355  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 891
 سائەت
دەرىجىسى:
891 سائەت 9 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-11
ئاخــىرقىسى:2012-01-31
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 01-13

بىرىنىڭ پۇقى مىڭغا دەپ ،بۇلار بىز ئۇيغۇرلاغا ۋەكىللك قىلالمايدۇ.  بىراقزە ئاۋۇ ئەرەپ دېگەندەك دېمىسمۇ قايسىلا يەرگە قارساق زارلاش قاخشاش، ھەقىقەتەن  ئۇيغۇر ئەرلىرنى يارىماستەك، قىزلىرىنى بۇزۇقتەك كۆرستىۋاتىدۇ. o)L)|  
مۇشۇنداق يازمىلار ئاز بۇلۇشى كېرەك ئىدى. تەنقىدىنڭ بولغىنىغۇ ياخشى بىراق بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ئەكىس تەسىر بېرىپ قۇيىدۇ. ‹‹ساراڭ دېسە بىرچىشلەم گۆشى ساراڭ بوپتۇ›› دېگەندەك. a7>^^?|  
ئۇزاق مەزگىل بېكىنمىچلىكتە سىرتىنىڭ تەسرىگە ئاز ئۇچىرىغان، بىزلەر بىراقلا سىڭىپ كىرگەن غەيرى مەدەنيەت ئارقىسدا تېڭرىقاپ، ۋاھ ئەسلى جاھان دېگەن مۇشۇنداقكەن ، پۇل دېگەن چەتئەلدىكەن. مەدەنيەتىسز ئىكەنمىز(  بۇلارنى بىزگە ھىس قىلدۇرۇشتا ھەممدىن مېدىيەنىڭ كۈچى زور بولدى) دېگەن ئىديە بىلەن بىراقلا زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغۇمىز، كەلدى، ئەنئەدىن چەتنەشكە باشلىدۇق، يېڭلىققكەن دەپ ئەخلەتلەرنىمۇ قۇبۇل قىلدۇق .  ئاتا-ئانلىرمىز بىزگە مەتو بىلندىغان  ھالەتمۇ خېلى يىلتىز تارتتى.بۇنىڭ بىلەن بىر تۈركۈم زىيالى يازغۇچىلرىمىز ئەنئەننى قوغداشنىڭ زۆرۈرلىكنى تونۇپ يەتكىنىدە بولسا، بىراقلا تەنقىدچىلىك بىلەن يولۋاسنى باش ئەگدۈرگەن ئاتىلارنىڭ ئىزنىدىن مېڭىشىمىز كېرەكلىكنى ھىس قىلدى -دە. ئاۋال ئەركەكلەرنى ئويغاتماقچى بولدى. شۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك بۇرۇنقى ئېىسل ئەركەكلەرنى مەدىھيلەش بىلەن ھازىرقى ئەركەكلەرنى بۇلۇمسىزلىقتا ئەيپلەشكە باشلدى، ئاڭلاۋەرسە، دەۋەرسە يالغانمۇ راستقا ئايلانغاندەك، قىز-ئاياللىرىمىز بىزدىن گۇمانلىنىشقا باشلدى بولغاي، ئاھ!- ئەركەكلەر!!! دەپ چۇقان سالدى، بۇنىڭغا خاپا بۇلشقان رازى بولمىغان بىزلەرمۇ قايسى بىرقىزلارنىڭ ئىش-ئىزلىرنى سۆرەپ چىقىپ گۇناھنى ئۇلارغا قويدۇق. بىر-بىرىمىزنى تۇلۇقلاشنىڭ ئورنىغا سېسىتتۇق، شۇنىڭ بىلەن ئىككى ئوۋچى قاغا تالاشسا ئوۋچىغا پايدا بولدى. ئەمەلىيەتتە بۇنداق بۇزۇقچىلىق قىلمىشلار ئىنسانىيەت جەمىئىيىدە ھامان مەۋجۈت بۇلۇپ تۇرىدۇ، بۇلار يەنىلا ئاز ساندا. مانا ھازىر تۈزۈلشكە قاراپ يۈزلىنۋاتىدىغۇ؟! نىمىشقا ئۈمدىۋار بولمايمىز.
ئانا تۇپراق مۇنبرىدىكى مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار جەمئىي 1 پارچە
karlukمۇنبەر پۇلى+10001-13ئەتىراپلىق مۇلاھىزە
دۇستلۇق مىھرىگە چۆمگۈم بار
jiuxing

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2063

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   499 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   23532 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2214 (قېتم)
 تۆھپە:   2181  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3568
 سائەت
دەرىجىسى:
3568 سائەت 202 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-19
ئاخــىرقىسى:2012-03-06
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-13

ياخشى يېزىلغان ماقالىكەن ...بىر تىنقتا ئوقۇپ چىققىلى تاس قەپتىمەن.... راست سۆزلەر يېزىلىپتۇ  .....بۇلۇپمۇ 9O\yIL  
دوقمۇشتا ئۈزۈم ، ئالما سېتىۋاتقان (باققال) بىر ئايالنىڭ بېشىدا قاراپ تۇردۇق ، ئايال 45 ياشلار ئەتىراپىدا بۇلۇپ يالغۇز ئىدى ، مىۋە – چىۋىلىرى ئىنتايىن ئاز ئىدى ، ئەمما يېقىن كىلىپ قارىغاندا ، سېتىۋاتقان ئالما ، ئانارلىرى ، ئۈزۈملىرى ئۇنچە سۈپەتسز ئەمەس ئىدى ، ئۇنىڭ يېنىدا بولسا 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئەر خېلى چىرايلىق بېزەلگەن باققالچىلىق دۇكىنىدا تۇراتتى ، ئۇنىڭكىدە مىۋىلەرنىڭ تۈرلىرى كۆپ ئىدى ، ئەرەب ماڭا ‹ ئوبدان قارا › دىدى ، قارىسام ئۇ ئەرنىڭ باققال ئورنىغا 10 مىنۇت ئىچىدە 6 ئادەم كىلىپ 4 ى مال سېتىۋالدى ، ئۇنىڭ ئالمىسىنىڭ كىلوسى 2 يۈەن قىممەت ئىدى ، ھېلىقى ئايالنىڭ بولسا ئەرزان ئىدى ، خېرىدارلار ئۇنىڭ يېنىدىن باھاسىنىمۇ سورىماي ئۆتۈپ كېتەتتى . بۇ چاغدا ئەرەب ماڭا مۇنداق دىدى ، مانا ئۆزۈڭ تەرجىمە قىلىپ بەردىڭ ، ئايالنىڭ ئالمىسى ئەرزان ئىكەن ، ھېلىقى خېرىدارلار ئاۋۇ ئەرنىڭ ئالمىسنى ئالمىسا ئۇ ئەرگە ھىچقانداق چوڭ زىيان بولمايدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭ دۇكىنى چوڭ ، ئىقتىسادى ئاساسى ياخشىراق ، ئەمما بۇ ئايال ئالدىدىكى مۇشۇ بىر نەچچە كىلو ئالمىغا تايىنىپ قالغان ، شۇڭا ئۇنىڭ ئالمىسىنى سەن سېتىۋال دىدى . مەن سېتىۋالدىم ..... 5k;}I|rg%  
=00 sB  
[f?x ,W~  
باشقا ئىشلارنى قىلالمىساقمۇ مۇشۇنداق ئەقەللى كىچىك ئىشلارنى ئۆزىمىزدىن باشلىساق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئىشلارمۇ ئوڭشىلىپ كېتىشى مۈمكىن....كۆپلىگەن دوستلار بۇرۇنقىدىن خېلىلا ئويغاندى، بەزى ناچار ئىشلار بۇرۇنقىدىن خېلىلا ئازلىدى.....شۇڭا ھەممىمىز قولىمىزدىن كېلىشىچە تېرىشچانلىق كۆرسىتەيلى ......
ھاياتنى كومپىيوتىېر ئالدىدا سائەتلەپ، كۈنلەپ ئولتۇرۇپ، ئۇچۇر دۇنياسىغا،
nurlan

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.335

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   262 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8576 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   408 (قېتم)
 تۆھپە:   370  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1893
 سائەت
دەرىجىسى:
1893 سائەت 197 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-06
ئاخــىرقىسى:2012-01-22
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-13

ئۈزىدىن تانغانلار ...
xamxar111

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1313

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   605 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   23135 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3243 (قېتم)
 تۆھپە:   3213  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2184
 سائەت
دەرىجىسى:
2184 سائەت 116 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-03
ئاخــىرقىسى:2012-03-06
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-13

ئەرەپنىڭ ھىكايىسىنى ئاڭلاپ كۆزلىرىمگە ياش كىلىپ كەتتى . ........ *oU-V#   
yCG<qQz  
+F3`?6UXz  
. J=C63YB  
. K JX@?1"  
ھەممىمىز مەسئۇلىيەتتىن قاچمىساق ، بىرىمىز بىر كىشلىك بولسىمۇ يامان ئىللەتلەرنى تۇسۇشقا تىرىشساق ، ئۇلارغا توغرىسىنى چۈشەندۈرسەك ، ھامان نەتىجىسى كۆرىنەتتى . نەتىجى كىچىك بولسىمۇ نەتىجە ، چوڭ بولسىمۇ شۇنداق .   بىراق كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزغا لايىق ئەجىر ئالاتتۇق ، مەن يالغۇز قانچىلىك ياخشى ئىش قىلىپ بۇلالايمەن دىيىش خاتا ، قانداقلا ئامالىڭىز بولسا ، قانچىلىك كۈچىڭىز يەتسە شۇنچىلىك تىرىشچانلىق قىلىشىڭىزغا توغرا كىلىدۇ .
قايتماس ئىرادە
umitjan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3840

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   75 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1942 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   197 (قېتم)
 تۆھپە:   194  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3289
 سائەت
دەرىجىسى:
3289 سائەت 211 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-15
ئاخــىرقىسى:2012-02-23
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-13

ئىغىزدا قوغدايمىز دەپ قويۇپ ئەمەلدە قويىدىغان،ئاياللاردىن ۋاستە ئورنىدا پايدىلىنىدىغان ئەركەكلىرىمىز مۇ بار دە ئادەمنىڭ نۇمۇسىنى كەلتۈرۈپ......................
biparwaadam
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6310

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   261 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   12240 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1219 (قېتم)
 تۆھپە:   1219  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2138
 سائەت
دەرىجىسى:
2138 سائەت 162 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-12
ئاخــىرقىسى:2012-03-04
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-13

   مەلۇم ئىدارە باشلىقىنىڭ  قىزى جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم كىشلەر بېلەن ئارىلىشىپ قېلىپ، ئايالى بار بىرىسىگە ئاشنا بولۇپ قاپتۇ. ئاتا-ئانىسى بۇنى سىزىپ قېلىپ، قىزىنى ئۆيدىن تالاغا چىقارماي بېقىپ، باشقىلار بىلىپ بولغىچە تويىنى قىلىۋىتىش ئۈچۈن لايىق ئىزلەشكە باشلاپتۇ. ئەمما قىزىنىڭ ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم مۇنچىغا چۈشىشىگە بىر سائەت ۋاقىت بىرىپتۇ، پوق يەپ كۆنۈپ قالغان قىز مۇشۇ پۇرسەتىنى چىڭ تۇتۇپ ھازىر ھەممە يەردە ئومۇملۇشۇپ كەتكەن  قوش كىشىلىك مۇنچىدا ھېلىقى ئاشنىسى بېلەن ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم بۇرۇقچىلىقىنى قىلىۋىرىپتۇ. كىيىن بۇ ئىشىمۇ ئاشكارىلىنىپ، ئاتا ئانىسىنىڭ يۈز ئابرويىنى يەر بېلەن يەكسان قىپتۇ..    ئىمان، ئىنساپ بولمىسا بىكاردە.
دۇنيا مېھرى-مۇھەببەتكە تولسۇن
gadankax

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.295

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1046 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   25670 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2374 (قېتم)
 تۆھپە:   2083  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5389
 سائەت
دەرىجىسى:
5389 سائەت 211 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-29
ئاخــىرقىسى:2012-03-05
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-13

     مۇنبەردىكى تورداشلارنىڭ قانچىسى - مەن كۆپىنچە كوت كوت(كىيۇ كىيۇ)تا قىزلار بىلەن پاراڭلاشمايمەن ھەم قىزلارنى كەلتۈرۈش كويىدا ئەمەس، دېيەلەيدۇ.
نوپۇس كۈنسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئەمما ئادەملەر كۈنسىرى كەملەپ كېتىۋاتىدۇ.
ansar1013
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4462

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   103 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3070 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   308 (قېتم)
 تۆھپە:   307  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2416
 سائەت
دەرىجىسى:
2416 سائەت 104 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-05
ئاخــىرقىسى:2012-03-06
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-14

ئىشلىتىش
بۇ 2قەۋەتتىكىjiuxing يوللىغان 2012-01-13 14:11 غا قارتىلغان : 0@w&J9yG  
ياخشى يېزىلغان ماقالىكەن ...بىر تىنقتا ئوقۇپ چىققىلى تاس قەپتىمەن.... راست سۆزلەر يېزىلىپتۇ  .....بۇلۇپمۇ i_8zjj7  
دوقمۇشتا ئۈزۈم ، ئالما سېتىۋاتقان (باققال) بىر ئايالنىڭ بېشىدا قاراپ تۇردۇق ، ئايال 45 ياشلار ئەتىراپىدا بۇلۇپ يالغۇز ئىدى ، مىۋە – چىۋىلىرى ئىنتايىن ئاز ئىدى ، ئەمما يېقىن كىلىپ قارىغاندا ، سېتىۋاتقان ئالما ، ئانارلىرى ، ئۈزۈملىرى ئۇنچە سۈپەتسز ئەمەس ئىدى ، ئۇنىڭ يېنىدا بولسا 30 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئەر خېلى چىرايلىق بېزەلگەن باققالچىلىق دۇكىنىدا تۇراتتى ، ئۇنىڭكىدە مىۋىلەرنىڭ تۈرلىرى كۆپ ئىدى ، ئەرەب ماڭا ‹ ئوبدان قارا › دىدى ، قارىسام ئۇ ئەرنىڭ باققال ئورنىغا 10 مىنۇت ئىچىدە 6 ئادەم كىلىپ 4 ى مال سېتىۋالدى ، ئۇنىڭ ئالمىسىنىڭ كىلوسى 2 يۈەن قىممەت ئىدى ، ھېلىقى ئايالنىڭ بولسا ئەرزان ئىدى ، خېرىدارلار ئۇنىڭ يېنىدىن باھاسىنىمۇ سورىماي ئۆتۈپ كېتەتتى . بۇ چاغدا ئەرەب ماڭا مۇنداق دىدى ، مانا ئۆزۈڭ تەرجىمە قىلىپ بەردىڭ ، ئايالنىڭ ئالمىسى ئەرزان ئىكەن ، ھېلىقى خېرىدارلار ئاۋۇ ئەرنىڭ ئالمىسنى ئالمىسا ئۇ ئەرگە ھىچقانداق چوڭ زىيان بولمايدۇ ، چۈنكى ئۇنىڭ دۇكىنى چوڭ ، ئىقتىسادى ئاساسى ياخشىراق ، ئەمما بۇ ئايال ئالدىدىكى مۇشۇ بىر نەچچە كىلو ئالمىغا تايىنىپ قالغان ، شۇڭا ئۇنىڭ ئالمىسىنى سەن سېتىۋال دىدى . مەن سېتىۋالدىم ..... a YR\<02  
b sMC#xT  
U#iT<#!l2  
باشقا ئىشلارنى قىلالمىساقمۇ مۇشۇنداق ئەقەللى كىچىك ئىشلارنى ئۆزىمىزدىن باشلىساق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئىشلارمۇ ئوڭشىلىپ كېتىشى مۈمكىن....كۆپلىگەن دوستلار بۇرۇنقىدىن خېلىلا ئويغاندى، بەزى ناچار ئىشلار بۇرۇنقىدىن خېلىلا ئازلىدى.....شۇڭا ھەممىمىز قولىمىزدىن كېلىشىچە تېرىشچانلىق كۆرسىتەيلى ...... XWc|[>iO  
'&/(oJ ;O~  
ud.poh~|  
HoMQt3C  
توغرا ئېيىتتىڭىز ،بارلىق ئۇيغۇر ئەرلىرى مۇشۇنچىلىك بولسىمۇمىللىتىمىزگە كۆيىنىدىغان ئىشلارنى كىچىك كۆرمەي قىلساق، ئائىلىدە خۇتۇن قىزلىرىمىزغا ئاچا سىڭىللىرىمىزنىڭ كىيىنىشىگە دىققەت قىلساق ،خۇتۇنلىرىمىزنى پۇل تاپ دەپ سىرىتقا چىقىرىپ قويماي ئەر بولغاندىن كىيىن ئائىلىنى بېقىشتىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتتىن قاچماي ئەرلىك مەجبۇرىيىتىمىزنى ئاداقىلساق چۇقۇم نەتىجىسى بولىدۇ.
bahadr
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7404

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   135 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8904 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   885 (قېتم)
 تۆھپە:   885  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 101
 سائەت
دەرىجىسى:
101 سائەت 39 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-29
ئاخــىرقىسى:2012-03-06
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-16

ئاخرغىچە ئوقۇشقا جۇرئەت قىلالمىدىم
ناداندىن دوستۇڭ بولغۇچە،دانادىن دۇشمىنڭ بولسۇن!!!!!!!!!!!!!!
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى