باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1951 
  •    ئىنكاس 
       20 

لىياڭشەن ئەزىمەتلىرىنىڭ قايتا جەم بولىشى

قەۋەت ئاتلاش
jiuxing

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2063

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   497 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   23432 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2204 (قېتم)
 تۆھپە:   2171  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3568
 سائەت
دەرىجىسى:
3568 سائەت 202 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-19
ئاخــىرقىسى:2012-03-05

 
لىياڭشەن ئەزىمەتلىرىنىڭ قايتا جەم بولىشى AvJ,SQt  
(فىليەتون) V7Yaks  
ئابدۇلھەمىد ياسىن KDP H6  
  21.ئەسىر بۇسۇغۇسىدا لىياڭشەن باتۇرلىرى ئۆز ۋاقتىدىكى شانۇ-شۆھرىتىنى ئەسلەپ قاپتۇ ۋە ئۆزلىرىنى دۇنياغا تونۇتقان، بىر مەھەل ئەركىن يايرىغان كونا ماكانىنى سېغىنىپ، لىياڭشەن تېغىغا قايتا يىغىلىشىپتۇ. بۇ يەر ھازىر مەشھۇر ساياھەت ئورنى بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ھازىرقى دەۋىر كىشىلىرى، ئۇلارنى ئۇنتۇماي ھەربىرىگە بىردىن ھەيكەل ئورناتقانىكەن. ئۇلار ئۆز ھەيكەللىرىنى كۆرۈپ «ھە، بۇ ساڭا تازا ئوخشاپتۇ، ھەي بۇ ماڭا پەقەتلا ئوخشىمايدىكەنغۇ؟» دىگەندەك قىزىقارلىق پاراڭلار بىلەن بىرھازا تاماشا قىلىشىپتۇ. ئاندىن ھەممىسى سۇڭ جىياڭ باشچىلىغىدا سادىق مەرتلەر سارىيىغا يىغىلىپ ئۆز ئورنى، ئۆز تەرتىپى بىلەن ئورۇن ئېلىشىپتۇ. ~ Hy,7  
Kn;D?ioY  
-بىز ئەسلىدە-،دەپ سۆز باشلاپتۇ سۇڭ جىياڭ يارەنلىرىگە بىرقۇر نەزەر تاشلاپ،-ساداقەت، مەرتلىكنى ئەلا بىلىپ، تەڭرى يولىنى تۇتۇش مەخسىدىدە بۇيەرگە يىغىلغان ۋە بۇ يەرنى قالتىس گۈللەندۈرگەن ئىدۇق. كىيىنكى ئىشلارنى ئېيتىشقا پەقەتلا رايىم بارمايدۇ. ھەممىڭلارغا مەن زىيانكەشلىك قىلدىم. تەڭرىقۇتقا ئەل بولىمىز دەپ ھەممىڭلار كۆپ رىيازەت چەكتىڭلار، بىراق مانا نەچچە ئەسىر ئۆتۈپ ھالا بۈگۈنكى كۈندە، ھەممىمىزنىڭ نىيىتى ساپ بولۇپ، ساداقەتمەنلىكنى ئەلا بىلگىنىمىز تۈپەيلىدىن، ھازىرقى زامان كىشىلىرىمۇ بىزنى ئەتىۋارلاپ، بىز ھەققىدىكى كىتاپلارنى سۆيۈپ ئوقۇيدۇ. بىز تەسۋىرلەنگەن تېلۋىزىيە فىلىملىرىنى ناھايىنى ياقتۇرۇپ كۆرىدۇ-،سۇڭ جىياڭنىڭ سۆزى تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا قاراقۇيۇن لى كۇي ئورنىدىن دەست تۇرۇپ: E ]9\R  
'T=~jA7SkT  
-ئاغا، ھازىرقى زامان كىشىلىرى بىزنى ئۇنداق ياخشى كۆرىدۇ-يەي، مۇنداق قەدىرلەيدۇ، دەپ كەتتىڭىز، قېنى ئەمىسە بىزمۇ شۇلارنىڭ ئارىسىغا بېرىپ كۆرۈپ باقمايمىزمۇ؟-،دەپ توۋلىدى. 6.1)IQkO  
Z)9g~g94  
 -راست شۇنداق قىلىلى ئاغا-،دىدى دەرۋىش ۋۇسۇڭ باشلىق بىرنەچچەيلەنمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، سۇڭ جىياڭ «قانداق قىلىمىز» دىگەن مەنىدە موللا تاپقاق ۋۇيۇڭ خەلپىتىمگە قارىدى. خەلپەت ئالدىرىماي ساقىلىنى سىلاپ تۇرۇپ: Bf`9V713  
07g':QU@  
-بوپتۇ، مىنىڭمۇ ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى، ئەقىل-سەۋىيىسى، ئاڭ-ئىتىقادى قاتارلىقلارنى بىر كۆرۈپ باققۇم بارىدى. ئۇنداق بولسا مۇنداق قىلىلى، ھەممەيلەن ھازىر تارقىلىپ ئون يىلغىچە ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئارىسىدا خالىغانچە ياشايلى، قېنى كىم ھازىرقى دەۋىردىمۇ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ ياخشى ياشىيالايدۇ، كىمنى پالاكەت باسىدۇ، كۆرۈپ باقايلى-،دىدى. سۇڭ جىياڭ خەلپەتنىڭ ئۆز مەيلىچە قارار چىقىرىۋەتكىنىگە سەل خاپا بولغان بولسىمۇ يارەنلەرنىڭ ۋۇيۇڭنىڭ پىكىرىنى قوللايدىغىنىنى ھىس قىلىپ، يېنىدىكى بوز تولپار لو جېنيىگە قارىدى ۋە «شۇنداق قىلىمىزمۇ؟» دىدى. لو جىنيىمۇ دەھاللا «شۇنداق قىلايلى» دەپ شىۋىرلىدى. شۇنىڭ بىلەن ھەممىسى ئون يىلدىن كىيىن مۇشۇ ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئىش بولىشىدىن قەتئىنەزەر لىياڭشەنگە يىغىلىشقا ۋەدە بىرىشىپ،  ئۆزىنى سىناپ بېقىش  مەخسىدىدە بىر-بىرى بىلەن ۋىدالىشىپ يۇرتلىرىغا ئاتلاندى... =:,xxqy  
i+3fhV  
ئەلقىسسە، ئەمدى گەپنى شىپالىق يامغۇر سۇڭ دانىشتىن باشلايلى. ئۇ ئىنىسى سۇڭ چىڭنى باشلاپ، ئۆز ناھىيسىگە قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ يۇرتىغا كىلىپ زاماننىڭ رەپتارىغا نەزەر سېلىپ باققاندىن كىيىن ھازىرقى دەۋىردە مەرتلىك، ساداقەت دىگەن گەپلەرنىڭ ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ قالغانلىغىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئەڭ مەرد ئادەمنى ھەممە ئادەمنىڭ ياقتۇرمايدىغانلىغىنى، ھەتتا مازاق قىلىدىغانلىغىنى، ئىلگىركىدەك ئىناۋەت-ھۆرمەتكە ئىرىشىش ئۈچۈن مەردلىك، ساداقەت دىگەنلەردىن كىچىپ، ئۆزى ئەڭ قاملاشتۇرالايدىغان ئىش  ھوقۇقدار بولۇشنىڭ مۇھىملىغىنى تونۇپ يەتتى، شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىشنى باشلىۋەتتى. ھەممىگە مەلۇملۇق ئەسلى ئۇ ناھىيە يامۇلىدا كىچىككىنە بىر ئەمەلدار ئىدى. ئۇ شۇيەردە ئىشلەۋاتقان ۋاقتىدا ۋە خانغا ئەل بولۇش جەريانلىرىدا ئەمەلدارلىق سەنئىتىنى بىرقەدەر ياخشى ئىگەللىۋالغان بولغاچقا، ھەدىگەندىلا يامىشىپ يۈرۈپ ئوزۇن ئوتمەي ئۆز ناھىيسىنىڭ ھاكىملىق مەنسىۋىگە ئولتۇردى. ئەسلىدىمۇ ئۇنىڭ باشقىلارغا پارا بىرىش، ئېلىش ئىشلىرىدا ئېپى بولغاچقا (مەسىلەن، چاۋگەي ھەزرەت قىزىل چاچ شەيتان لىيۇ تاڭدىن ئەۋەتكەن ئالتۇنلارنى ۋە يارەنلىرىنىڭ سوۋغىلىرىنى چاندۇرماي ئېلىش، ئەلچىلىككە كەلگەن، گاۋ ئەمىر، تۇڭ ئەمىر قاتارلىقلارغا سوۋغا بىرىش قاتارلىقلاردا ئۇ بۇجەھەتتە پىراكتىكا قىلغان)، ئىشلىرى ناھايىتى تىزلا يۈرۈشۈپ كەتتى. ھەتتا ئەمىلى پەيدىن-پەي ئۆسۈپ ئۆلكە باشلىقلىغىغىچە باردى. ئەمما ئەجەپلىنەرلىك يىرى شۇكى، ئۇنىڭ نەپسىمۇ بارغانچە يوغىناپ، ئۆز يېنىنى توملاشقا شۇقەدەر بېرىلىپ كەتتىكى، يۈز مىڭلاپ، مىليۇنلاپ پارا ئالىدىغان، ھەرتەرەپكە مۇناسىۋەت تورى ئورنىتىشقا ئايانماي پۇل سەرپ قىلىدىغان بولۇپ كەتتى. ئەتراپى خوشامەتچىلەر بىلەن تولۇپ، كۈنلىرىنى رىستۇران، ئالىي دەرىجىلىك مىھمانخانىلاردا ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ نىمە ۋەزىپىسى بارلىغىنىمۇ ئۇنتۇغىدەك دەرىجىدە خۇدىنى يوقاتتى. گۈزەللەرمۇ ئۇنىڭ ئەتراپىدىن كىتەلمەيتتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە چىرىكلىككە قارشى كۆرەش ئەۋىجگە چىقىپ ئۆزىنى بىلەلمەي قالغان بۇ قارىۋاي «شىپالىق يامغۇر» ئاسانلا تورغا ئىلىندى. ئۇ شۇقەدەر سەت يىقىلدىكى، ئۆلكە باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن بىراقلا ئېلىپ تاشلىنىپ، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىش، ئىككى يىل كىچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىش جازاسى بىرىلدى. ئىككى يىلدىن كىيىن ئۇنىڭ ئىلگىركى ساداقەتمەنلىگىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۆلۈم جازاسى ئېلىپ تاشلىنىپ، ئۆمۈرۋايەت تۈرمىدە يېتىشقا ھۆكۈم قىلىندى. >ydRSr^  
\VMD$zZx  
لىياڭشەننىڭ ئىككىنچى ئاتامانى بوز تولپار لوجىنيى شاگىرتى ئالاقانات يەنچىڭنى ئەگەشتۈرۈپ ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتى خېبىيغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ يۇرتىغا كىلىپ خېلى ئىشلارنىڭ كويىغا كىرىپ باقتىيۇ، ئەمما ئۇ ئەزەلدىن سودىگەرچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان، مەرتىۋىلىك ئائىلىدە ئۆسكەن ئىسىلزادە ئادەم بولغاچقا، ھازىر نىمە قىلىشىنى پەقەتلا بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدى. چۈنكى ئەمدى سودىگەرچىلىك قىلاي دىسە، ھازىرقى زاماندىكى رەڭۋازلىق تىجارەت يوللىرىنى ئۇ بىلمەيتتى. ھېلىقى كارامەت گۇمپىلىرىنى ئىشلىتىپ جان باقاي دىسە، ئۇنداق قىلىشقا ئورۇن ۋە شارائىت تېپىلمايتتى ھەم ئۇنداق ئۆزىنى بازارغا سېلىشقا غورۇرىمۇ يول قويمايتتى. تەلىيىگە سادىق ھەمراھى ئالاقانات يەنچىڭ چېلىشىش سورۇنلىرىدا ئۆز ماھارىتىنى نامايەن قىلىپ خوجىسىنى بېقىپ كەلدى. بىراق بۇ كۈنلەرمۇ ئوزۇنغا بارمىدى. ئالاقانات يەنچىڭ تازا نام چىقىرىپ يۈرگەن كۈنلەردە داڭلىق ساھىپجاماللارغا بۇزۇلۇپ، ئۆزىگە ئەيدىز كىسىلىنى يۇقتۇرىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭمۇ كۈنى تۈگەپ، ئىلگىركى داڭلىق خېبىيلىق بوز تولپار لوجىنيى يەنە چارىسىز قالدى. ئۇ ھازىر ئالاقانات يەنچىڭغا تەسەللى بەرگەچ، لىياڭشەنگە قايتا يىغىلىدىغان كۈننى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە ئىدى. t+r:"bb  
2I1uX&g  
موللا تاپقاق ۋۇيۇڭغا كەلسەك، ئۇ ئۆز يۇرتىغا كىلىپلا، بىلىم يۇرتلىرىغا كىرىپ ئۆزىنى سىناپ باقتى. بىراق ھازىر بىلىم يۇرتلىرىدا ئەمەلىي قوللىنىدىغان نەرسىلەر ئۆگىنىلمەي، ساپلا قورۇق نەزەرىيىلەرنىڭ دەۋىر سۈرىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ، ئۆز ئىقتىدارىنى باشقا ساھەدە نەتىجە يارىتىشقا سەرىپ قىلىشنى لايىق تاپتى. ئۇ ئاخىرى ھازىرقى زاماندا باي بولۇشنىڭلا ھەممىدىن مۇھىملىغىنى، پۇل بولسىلا مەيلى ھوقۇق بولسۇن، مەيلى باشقا ئىمتىياز بولسۇن ھەممىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىغىنى تونۇپ يىتىپ، مۇشۇ ساھەگە يۈرۈش قىلىشنى لايىق تاپتى ۋە ئۆزىنىڭ سىھرىگەرنىمۇ ئۇسۇلغا سالىدىغان كارامەت ھىيلە-تەدبىرلىرى بىلەن بۇ ساھەگە بېشىچىلاپ كىرىپ كەتتى. پۇل تېپىش ئۈچۈن ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمىدى. ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئىخلاسمەن موللا ئىكەنلىگىنى ئۇنتۇپ، «ھارام ئارىلاشمىسا باي بولماس، سامان ئارىلاشمىسا لاي بولماس» دىگەندەك ھەرخىل دۇرۇس تىجارەتلەر بىلەن بىرگە ئاسان پۇل تاپقلى بولىدىغان ھەرقانداق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ «ئاق سېتىشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە» ئوزۇن ئۆتمەي كارامەت بېيىپ كەتتى. ھەتتا بايلىغىنىڭ سانىنى ئۆزىمۇ دەپ بىرەلمىگۈدەك، بايلىق بار سارايلىرىنىڭ ئاچقۇچىنى تۆت-بەش ئادەمممۇ كۆتىرەلمىگۈدەك ھالغا يەتتى. ئۇيەنە كۈنىنى ئالالماي مۇھتاجلىقتا قېلىپ، ئۆزىنى پاناھ تارتىپ كەلگەن ئوزۇن قېلىچ گۈەن شىڭ، قوش يارما دەستلىك خويەنجۇ، تىرىككەك چىڭ مىڭ، تاش ئاتار جاڭ چىڭ، گۈلدار شەيىخ لوجىشىن قاتارلىق ئەلەمدارلارنى ئۆزىگە خاس قوغدىغۇچى قىلىپ ياللىۋالدى. بىراق ئوزۇن ئۆتمەي قاچانلاردىدۇ ئۆگىنىۋالغان خىروئىن خومارى ئەۋىجگە چىقىپ، بار بىساتىدىن قورۇق قالغاننى ئاز دەپ، ئۆزىنى پاناھ تارتىپ كەلگەنلەر يەنە چارىسىز قېلىشتى. tirIgZ  
o_M.EZO  
پەلەك ئەجدىھاسى گۇڭ سۈنشىڭ بىرمەھەل دورا سېتىپ بېقىپ، ئاخىرى ئۇ ئىشىمۇ قاملاشماي، جىنكەش موللىغا ئايلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ ھازىر تاپاۋىتىمۇ، ئوينايدىغان ئويۇنلىرىمۇ يامان ئەمەس ئىدى. چۈنكى نە-نەلەردىن نازىنىنلار ئېرىنى ئۆزىگە قارىتىش، كىملەرنىڭدۇر چىرايلىق ئۆيىنى بۇزدۇرۇش ئۈچۈن بۇ موللامغا ئوقۇتۇشقا كىلىپ نۆۋەت ساقلىشىپ كىتەتتى. گۇڭ سۈنشىڭ ئۇلارنى ئاۋال ئۆزىگە «قارىتىپ» قانغۇچە ھۇزۇرلىنىپ بولغاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ دىگىنى بويىچە ئوقۇپ بىرىپ، ناھايىتى كۆپ پۇل تېپىپ كەتتى. )2q~u%9n  
#%@*p,xh  
قاپلانباش لىن چۇڭ تاغدىن چۈشۈپلا بىرىنچى قىلىپ مۇناپىق گاۋچىيۇدىن ئەنتىنى ئېلىشنى ئويلىغانىدى. كىم بىلسۇن گاۋچىيۇدىن ئەنتىنى ئالالمىغاننى ئاز دەپ، تۇرمۇش يولىدا ھازىرقى دەۋىرگە ماسلىشالماي گاڭگىراپلا قېلىپ، نىمە قىلارىنى بىلەلمەي ناھايىتى كۆپ جاپا تارتتى. كىيىن بىر كىنو ئىشلەش شىركىتىگە ئىشقا چۈشۈپ، ئۆز ماھارىتىنى نامايەن قىلىشقا باشلىدى. بىراق بۇ يەردىمۇ رىژىسور بىلەن ئەپلىشەلمەي كۈنلىرىنى نادامەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى. `IpA.| Y  
5qUTMT['T  
قاراقويۇن لى كۇينىڭ ئانىسىنى يولۋاس يەپ كەتكەندىن كىيىن تەرەپ-تەرەپلەردە سەرسان بولۇپ، ئۇچىرىغانلا ئادەمگە ئۆزىنىڭ ئىلگىركى نام-شەرىپىنى پەش قىلىپ، ئاش-ئوزۇق تېپىپ يىدى. كىيىن «خەلقارالىق بوكىس چىمپىۇنى تايسىن بىلەن مۇسابىقىلىشىمەن» دەپ جار سېلىپ يۈردى-يۇ، ئادەتتىكى بىر لەشكەر، يۈزسىز جاۋتىڭغا يىڭىلىپ قېلىپ ئەلەمدە يۈردى. 2f`nMW  
^>y@4qB  
قوش قېلىچ دەرۋىش ۋۇسۇڭنى ھەممەيلەن بىلىدۇ. ئۇ دەسلەپ «ئاكامنى تېپىپ راھەت كۆرسىتەرمەن» دەپ ئويلىغانىدى. نەدىكىنى ئاكىسى ھازىر بېيىپ كەتكەن بولۇپ، بىر ئالىي دەرىجىلىك مىھمانخانا ئېچىپ، قۇشۇمچە رىستۇران ماڭدۇرىۋالغان ئىدى. ئۇ ئىنىسى ۋۇسۇڭنى كۆرۈپ، ئۇنى مىھمانخانىنىڭ قوغداش ئىشلىرىنى قىلىپ بىرىشكە تەكلىپ قىلدى. ۋۇسۇڭ ئاكىسىنىڭ پاكار تۇرقىغا، نۇر چېچىپ پارقىراپ تۇرغان ئايپاڭ بېشى ۋە قاتۇرۇپ كىيىۋالغان كىيىملىرىگە قاراپ ئۇنىڭ تەكلىپىگە ياق دىيىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ يېنىدىن كەتسە نىمە قىلارىنىمۇ بىلەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇيەردە ئىشلەپ قالدى. ئەجەپلىنەرلىك يىرى، بۇ يەر جىمى بۇزۇقچىلىق، پاھىشۋازلىقنىڭ ماكانى بولۇپ، ۋۇسۇڭ پاك ئۆتكەن بىر ئەر بولغاچقا، بۇ بوزۇقچىلىقلارنى كۆرۈپ تۇرۇشقا، قوغداپ بىرىشكە كۆنەلمەي تۇرغان مەزگىللەردە ئاكىسىنىڭ ئايالى پەن جىنلىيەننىڭ تەپ تارتماستىن مىھمانخانىدا شىمىنچىڭ بىلەن ھېلىقىدەك ئىشلارنى قىلىشىدىغانلىغىنى بايقاپ قالدى. ئاكىسىغا ئېيتىۋىدى، ئاكىسى «ئىشىڭنى قىل، ھەركىم ئۆز ئىختىيارلىغى بىلەن يۈرىدىغان زامان بۇ!» دەپ چالۋاقىدى. ۋۇسۇڭنىڭ ئىمانى كەربالاغا ئۇچۇپ،  يۇمشاق باش لامزەللە ئاكىسىغا بولغان غەزىۋىنى باسالماي بۇ يەردىن باش ئېلىپ چىقىپ كەتتى، كىيىن ئۇقسا، ھېلىقى زىناخور شىمىنچىڭ، ئاكىسىغا ياردەم بىرىپ مىھمانخانا ئېچىپ بەرگەنمىش. (شۇڭا ئاكىسىنىڭ بويى تېخىمۇ پاكارلاپ، بېشى خېمىردەك يۇمشاق، لامپىدەك پارقىراق بولۇپ قالغانىكەن) ۋۇسۇڭ ئاخىرى دەرۋىش بولاي دىسە ھازىر دەرۋىشنىڭ ئەتىۋارى بولمىغاچقا ھەم باشقا ئىش قىلىشمۇ ئۇنىڭ قولىدىن كەلمىگەچكە ئامالسىز جەمىيەتتىكى لاماكانلارنىڭ توپىغا قېتىلىپ كەتتى. 5BkV aF7Th  
lOwS&4UT  
 لىياڭشەن باتۇرلىرى ئاساسەن ھازىرقى زاماننىڭ تۇرمۇشىغا كۆنەلمەي ناھايىتى چۈشكۈنلىشىپ كەتتى. ئۇلار ئون يىلنى كۈن ساناپ دىگۈدەك ئۆتكۈزۈپ ئاخىرى لىياڭشەنگە يىغىلىشتى. شىپالىق يامغۇرى سۇڭجىياڭ ناھايىتى پۇختا ئادەم بولغاچقا يەر ئاستى ئۆيىدىكى مال-دونيالارنى سەرپ قىلىپ يۈرۈپ تۈرمىدىن ئاران دىگەندە قېچىپ چىقىپ بۇيەرگە يىتىپ كەلدى. موللا تاپقاق ۋۇيۇڭ خىروئىن زەربىسىدە ئاجىزلاشقان تىنىنى سۆرەپ يۈرۈپ بۇ يەرگە ھەممىدىن كىيىن يىتىپ كەلدى.  بوز تولپار لوجىنيى قاتالىق ئەلەمدار پالۋانلار ئاللىبۇرۇن يىغىلىپ بولغانىدى. ھەممەيلەن سادىق مەرتلەر سارىيىغا توپلىنىپ بولغاندىن كىيىن سۇڭ جىياڭ سۆز باشلاپ: 6&Juv  
g @I6$Z  
-بىز ھازىرقى دەۋىردە كىشىلەر ئارىسىدا ياشايمىز دەپ پو ئاتماي، كىشىلەرنىڭ قەلبىدىلا ياشىغىنىمىز ھەممىدىن ياخشىكەن-،دەپ بېشىنى چايقىدى. موللا تاپقاق ۋۇيۇڭ بولسا خىروئىن خۇمارىدا لاغىلداپ تىترەپ، ئاغزى-بۇرنىدىن سۇ ئېقىتقىنىچە: CRve.e8J  
9~rUkHD  
-ھازىرقى زاماندا ياشاش، نىمە دىگەن خەۋىپلىك-ھە، بىز ئەڭ ياخشىسى سۇڭ دانىش ئېيتقاندەك كىتاپ ئارىسىغىلا كىرىۋالايلى-،دىدى. باشقا پالۋانلارنىڭ ھالىمۇ ئۇنىڭدىن كەم ئەمەس بولغاچقا، بىردەك ۋۇيۇڭنىڭ پىكىرىگە ئۈن قېتىشتى..... %n%xR%|  
مەنبە:http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=3542 9z;HsUv  

ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

精彩

感动

搞笑

开心

愤怒

无聊

灌水
ھاياتنى كومپىيوتىېر ئالدىدا سائەتلەپ، كۈنلەپ ئولتۇرۇپ، ئۇچۇر دۇنياسىغا،
arman

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3881

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1080 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   24995 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2613 (قېتم)
 تۆھپە:   2461  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7544
 سائەت
دەرىجىسى:
7544 سائەت 246 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-16
ئاخــىرقىسى:2012-03-05
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 01-11

بۇ  تىمىنىڭ  ئەسلى  ئاپتۇرى مۇنبىرىمىزدە  ھەرۋاقىت  بار
ئۇۋا بۇزغاننىڭ ئۇۋىسى بولارمۇ ؟
hanjar731

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.432

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   896 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   33469 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3071 (قېتم)
 تۆھپە:   3035  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 371
 سائەت
دەرىجىسى:
371 سائەت 69 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-18
ئاخــىرقىسى:2012-03-05
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-11

مەن بۇرۇن ئۇقۇپ بولۇپتىكەنمەن.ئۇقۇمىغانلار مەرھەمەت.جاپا چىكىپسىز دوستۇم.
توختىماي تۆھمەت توقىۋاتقان ئاغزىڭغا تۈفىي،!
ruhsar

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2429

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   928 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   30871 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2492 (قېتم)
 تۆھپە:   2456  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8124
 سائەت
دەرىجىسى:
8124 سائەت 66 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-18
ئاخــىرقىسى:2012-03-05
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-11

  بۇ خەن خەلقىنىڭ ئەزەلدىن پارا بىرىدىغان ۋە پارا ئالىدىغان  ،مىجەزى باركەن ھە،بۇ تەرىپى بەك جانلىق يۇرۇتىلىپتۇ
nurlan

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.335

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   262 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8576 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   408 (قېتم)
 تۆھپە:   370  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1893
 سائەت
دەرىجىسى:
1893 سائەت 197 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-06
ئاخــىرقىسى:2012-01-22
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-11

ئانا تۇپراق ئەزىمەتلىرىنىڭ قايتا جەم بولىشى، بۇنى قاچان كۈرمىز !
قاراكۆز
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3120

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   286 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9167 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   574 (قېتم)
 تۆھپە:   530  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 541
 سائەت
دەرىجىسى:
541 سائەت 109 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-13
ئاخــىرقىسى:2012-03-02
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-11

man mu amdi ukudum mana qzbkxQu]g  
كونا يزىقچە ئۇيعۇرچە تەرجىمىسى:مەنمۇ ئەمدى ئۇقۇدۇم مانا
[ تېما karluk تەرپىدىن 2012-01-13 14:08 دە قايتا تە ]

_____قەدرىمنى بىلمىگەنلەر كۈزۈمدىن يۈت______-----.!
bahadirxah

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5663

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   56 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3130 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   345 (قېتم)
 تۆھپە:   345  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5
 سائەت
دەرىجىسى:
5 سائەت 15 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-11
ئاخــىرقىسى:2012-01-11
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-11

بەكمۇ جانلىق  ئوخشىتىشلار بلەن يىزىلىپتۇ ! قە؛ەم ئىگىسگە قايىل بولدۇم ،. ھەم تەشەككۈرلۈك بىلدۈرىمەن !
ھەر قانداق شارائىتتا قىزلار ئۈچۈن چۈشكۈنلەشمەستىن تېىىمۇ قەيسەر بول!
زەپەر
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7516

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   67 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3650 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   355 (قېتم)
 تۆھپە:   355  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 891
 سائەت
دەرىجىسى:
891 سائەت 9 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-11
ئاخــىرقىسى:2012-01-31
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-12

ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ، بىرلىشىپ قارا جەمىيەت قۇرماپتۇ ھېلىمۇ ياخشى
دۇستلۇق مىھرىگە چۆمگۈم بار
yawuzbag

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2506

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1191 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2644 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3058 (قېتم)
 تۆھپە:   2865  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 9426
 سائەت
دەرىجىسى:
9426 سائەت 24 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-20
ئاخــىرقىسى:2012-03-05
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-13

مەن فىلىيەتۇندىن ئىبارەت ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بىر بوشلۇقنىڭ تولدۇرىلىشىنى،بۇ ساھەدە قەلەم تەۋرىتىدىغانلارنىڭ كۈپىيىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھۈركۈتمىگىن ئېسىڭنى، كىشنىگەندە ياغاچ ئات، تىنىقىڭدا لەپىلدەر،ئۇلۇغلۇقنىڭ سايىسى.
zulpikarjan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4150

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   57 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1098 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   110 (قېتم)
 تۆھپە:   110  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1301
 سائەت
دەرىجىسى:
1301 سائەت 49 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-26
ئاخــىرقىسى:2012-01-14
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-14

    
دۇنيادا ئاتا-ئانىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشتىن ئارتۇق خىزمەت يوق
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى