-
تىزىم نۇمۇرى:7609 -
- تىزىم ۋاقتى:2011-12-18
- ئاخىرقى كىرگىنى2012-03-04
- تور ۋاقتى:445سائەت
-
- تېمىسى31
- تېمىلىرىنى ئىزدەش
- نادىرلانغىنى3
- مۇنبەر پۇلى2617
- شۆھرىتى255
- تۆھپە255
- كۈمۈش تەڭگە255
- ياخشى باھا231
- بىلوگدوستلاشقورال
| — تېما arman تەرپىدىن (2011-12-30) دە نادىرلاندى. — | | | |  g5x>}@ONq7 خەقلەر ئېرىمنى<<ياش ھەم پۇلى جىق ، شۇڭا ئۇنىڭ پۇلىغا كۆزى قىزارمايدىغان ئەرلەر،بۇزۇلمايدىغان قىزلار [M:<!QXw يوق ئەمەس>> دىيىشىدۇ . ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ قالغىنىمدا بۇنداق مىش-مىش غەيۋەتلەرنى ئاڭلاپ قالغىنىمدا پەقەت مىيىقىمدا كۈلۈپ قويىمەن خالاس.ئەمما كۆڭلۈمدە قانچىلىك پەرىشان بولىدىغىنىم ئۆزۈمگە ئايان . كۆپ ھاللاردا ئويلاپ قالىمەن،ئېرىم مەن كۆرمىگەن يەرلەردە راستىنلا بۇزۇلۇپ يۈرەمدىغاندۇ ؟ياق،ياق،8يىل بىرگە ئۆي تۇتقان ئېرىمنى مەن بىلمەمدىم ،مەن بۇنىڭغا تازا ئىشىنىپ كەتمەيمەن. Y:Jgr&*,z قېرى ئانىسىنىڭ قېشىدا ئەركىلەپ ، ئېغىناپ يېتىپ<<غىڭ>> قىلىپ بىرنى چىقىرىپ قويسىمۇ ئۇيىلىشنى بىلمەيدىغان بالا مىجەز ئېرىمدا شېخىدا مەي باغلاپ پىشىپ ئازگالغا چۈشۈپ كىتىدىغان ئالمىدەك ئۇنداق ئازغۇن كۆڭۈل يوق. e5"5 U7 كەچلىكى بىر ئۆيگە كەلسەكمۇ ، ئەمما كۈندۈزى ھەر ئىككىمىز بالىلارنى قاق سەھەردە مەكتەپكە يولغا سېلىۋىتىپ،ھەر ئىككىلىمىز ئۆز ئوقىتىمىزنىڭ غىمىنى قىلىپ سىرتتا يۈرۈۋاتقان بولغاچقا ،ئۇنىڭ بەزىدە كۈنلەپ ئۆيگە كەلمەسلىكلىرىنىمۇ توغرا چۈشىنىمەن. مەن ئەنە شۇنداق كەڭ قوساق ئايالمەن .كۆپ ئوقۇمىغىنىمغا قارىماي ،شۇنچىلىك ئىدىيەم ئازاد،زامانغا لايىق ئايالمەنكى،ئۇنىڭ قول تىلفۇنىنىڭ قەرەلسىز كىچە-كۈندۈز دىمەي< توڭخۇاجۇڭ >چىقىپ تۇرىۋىلىشلىرىنىمۇ زىغىرلاپ كەتمەيمەن.مىنىڭ بىردىنبىر زىغىرلايدىغىنىم، دۇكىنىمنىڭ كىرىم -چىقىمى، دۇكاندا نىمە تۈگەپ ،نىمە ئاشتى.خىرىستال- جانان چىنىلىرىمنىڭ قانچىسى نەق ،نەچچىسى نىسى..مۇشۇلاردىن ئىبارەت. ^gY'^2bzxu بىراق بۇ يىقىندىن بېرى ئېرىمنى سەل تىڭشايدىغان بوپ قالدىم.ئۇنىڭ ماڭا مۇئامىلىسى تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغا سەل ئۆزگىرىش ياساۋاتقاندەك قىلىدۇ.ئۇ بەزىدە مەندىن خۇپىيانە كىملەر بىلەندۇر تىلفۇندا سۆزلىشىشپ كىتىدۇ. -zzT:C مەنمۇ مۇشۇ كۈنلەردە كىنو-فىلىملەردىكى كۈنلەمچى خوتۇنلارغا ئوخشاپ قىلىۋاتامدىم -قانداق؟ياكى كىلىماكتىرىيە دەۋرىمگە كىلىپ قالدىممۇ -يە ؟ياق،ياق،ئېرىمنى كۈنلىمەيدىغىنىمنى بالدۇرلا سىلەرگە ئىيتقانىدىمغۇ...كىلىماكتىرىيە دەۋرىمگە كىلىدىغىنىمغىمۇ يەنە نەچچە ئون يىل بار تۇرسا ،مەن گەرچە ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولساممۇ تېخى ئەمدى 27گە كىرگەن تۇرسام بۇ ،مۇمكىنمۇ ؟....مانا،مانا دىمىدىممۇ،ئۇ بۈگۈنمۇ ئادىتىنى قازا قىلماي يەنە كەچ كەلدى.مەن بالىلارنى ئۇخلىتىپ قۇيۇپ،،قاراڭغۇدا كۆزۈمنى پارقىرتىپ ئۇخلىيالماي ياتقىنىمدا،ئىشىكنى بوش ئىچىپ كىرىپ ،ئۇئالدىرىماي پۇشۇلداپ كىيىملىرىنى يەشتى- دە، مەن سېلىپ قويغان يوتقانغا كىردى.مەن ئاستاغىنا ئۆرۈلۈپ ،ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سالدىم. M~y}0Ik -ۋاي نىمانداق ئادەم چۆچۈتىسەن-ئۇ قۇلۇمنى سىلكىۋىتىپ يوتقاننى گېلىغا ئاپىرىپ يىتىۋالدى . بۈگۈن شېرىكلەر بىلەن سوغاقتا تولا ئۇيان -بۇيان قاتراپ ھېرىپ كەتتىم . aN6HO مەن گەپ قىلماي،ئاستا تەتۈر ئۆرۈلۈپ يىتىۋالدىم . ئۈنسىز تۆكۈلىۋاتقان ئىسسىق ياشلىرىم شېرىن ئويقۇدا ياتقان 7ياشلىق قىزىم سابانىڭ مەڭزىگە سىرغىپ چۈشتى. مەن ئۇنى ئويغىنىپ كەتمىسۇن دەپ ئىتتىك سۈرتىۋەتتىم . بىر كەمدە ئوغلۇم <<ئاپا ،سىيىمەن>>دەپ ئورنىدىن تۇردى مەن ئۇنى يىتىلەپ چۈشۈپ شاپاشلاپ بېرىپ گارشۇكقا ئولتۇرغۇزدۇم ۋە ئارقىدىن ئۇنى كۆتۈرۈپ ئورنىغا ياتقۇزۇزپ قويدۇم. znIS2{p/` بىز ئۆي تۇتۇپ ئائىلە قۇرۇشنىڭ نەتىجىسى مۇشۇنداق چىقامدۇ ياكى ھەممىلا ئادەمنىڭ مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن چېغىدىكى گۈزەل ئارزۇ ئارمانلىرىنىڭ ئاقىۋىتى مۇنداق مەزىسىز بولامدۇ ؟ئەگەر ئاشۇق مەشۇق غېرىپ –سەنەملەر ،تاھىر–زۆھرەلەرمۇ مۇرادىغا يېتىپ توي قىلغان بولسامۇشۇنداق كىيىنكى تۇرمۇشىدىن يىڭىچە مەنا تاپالماي يۈرەرمىدى ؟مەن ئېرىمنى ئسىىق -سوغۇق دىمەي كىچىك بالىنى باققاندەك ياخشى كۈتىمەن . ئۇنىڭغا بارلىقىمنى بىغىشلاپ ، كىيىمنى كىر قىلماي ،....ئىشقىلىپ ھەننىۋاسىنى قىلىمەن ،مەن بۇنى دەپ ھەرگىزمۇ خوتۇنلۇقۇمدىكى چەككەن مېھنىتىمنى پەش قىلماقچى ئەمەسمەن...مەن تولىمۇ ئازاپلىنىپ كىتىۋاتاتىتىم...تۈگىمەس روھسىز خىيالىرىمنى قۇچاغلاپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن بىر چاغدا <<تىڭشا>> دىگەندەك شۇنداق كۆزۈمنى ئاچام ،ئېرىم يان ئۆيدە قاراڭغۇدا كىملەر بىلەندۇ تىلفۇندا پىچىرلىشىپ سۆزلىشىۋىتىپتۇ.قۇلۇقۇمنى دىڭ قىلىپ تامغا يۈزۈمنى يىقىپ تىڭىشىدىم: g@>93j=cZU -ماقۇل،ماقۇل،ۋاي ماقۇل دىدىمغۇ،ئەمدى ئۇخلاڭ ھە ،بولىدۇ ھاببا قوزام،خوش دەڭە ئەمىسە. rd=+[:7L ئېرىم شۇ سۆزلەرنى دەپ بولۇپ ئۆيدىن چىقىپ كېلىۋىتىپ ماڭا دوقۇرۇشۇپ قالدى،مىختەك قادىلىپ تۇرغىنىمدىن ئەندىكىپ كەتتى بولغاي: FJ{&R Ld -نىمە ئويقۇڭنى ئۇخلىماي ئەرۋاھتەك بۇ يەردە تىمسىقلاپ يۈرىسەن؟ماڭە ياتىمىز. Im]6-#(9\| -كىم ئىدى ئۇ يېرىم كىچىلەردىلا ساڭا تىلفۇن قىلىپ كىتىدىغان ؟ D^U?!S&4~ -خېرىدارىم شۇ _kBx2>qQ -نىمە ؟سېنىڭ سىزلەپ پاراڭلىشىدىغان خېرىدارلىرىڭمۇ بار ئوخشىمامدۇ ؟ 9ESV[ -ھەئە ،بار بولمايچۇ ،ئەمدى كىمۇ ،نەدىكى ،قايسى دەپ سورىمامسەن ؟ :oiHf: -ۋىيەي،خېرىدارلىرىڭغا مېنى قىزىقىدۇ دەمسەن ،بولدىلا ساڭا گەپ قىلمىدىم،مەن شۇلارنى دەپ ئورنۇمغا ئۇنىڭدىن بۇرۇن بېرىپ يىتىۋالدىم. ئېرىم بىردەمدىلا ئويقىغا كەتتى.ئۇنىڭ خورىكى يېنىمدىلا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.ئەمما مەن ھىچ ئۇخلىيالايدىغاندەك ئەمەس. e5'U[bQm <<ئۇ كىمدۇ ؟...>>كاللامدا تىنىمسىز چۆگىلەۋاتقان بۇ سۇئال مىنى ئارامىمدا قويمىدى.مەن چاندۇرماي ئاستا ئورنۇمدىن تۇردۇم ۋە ئىنتايىن پەم بىلەن ئېرىمنىڭ ياستۇقى ئاستىغا تىقىۋالغان يانفۇنىنى ئېلىپ ،ئىنسى- جىنغا تۇيدۇرماي،تالاغا چىقتىم ،ئويلىمىغان يەردىن تىلفۇننىڭ ئاۋازى سىرتقا چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئېرىمنىڭ نۇمۇر كارتىسىنى ئۆزەمنىڭ تىلفۇنىغا سالدىم-دە، بايىقى نۇمۇرنى دەرھال تىلفۇنىمغا ساقلىۋالدىم.،يەنەشۇ چالدۇرماي جايىغا قۇيۇپ ،يىتىۋالغاندىن كىيىنلا ئازراق<< ئۇھ>> دىدىم.ئەتىسى سەھەر ئاۋاللقىدەكلا ئېرىم ئادىتى بويىچە ئوغلۇمنى چوڭ ئۆيگە تاشلاپ قۇيۇپ كېتىپ قالدى.،مەن قىزىمنىڭ چىيىنى بېرىپ ئۇنى يولغا سالغاندىن كىيىن دۇكانغىمۇ بارماستىن ئۇدۇل،كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ تىجارەت زالىدا ئىشلەيدىغان دوستۇمنىڭ قىشىغا بېرىپ ،ئېرىمنىڭ بۇ بىر نەچچە ئايلىق تىلفۇن ئۇرغان خاتىرسىنى چىقىرىپ بېرىشىنى ئېيتتىم.ئۇ پىرىنسىپال ،جانجىگەر دوستۇمنىڭ جاۋابى شۇ بولدىكى ،<<كەچۈر ئاداش نۇمۇرى مەخپى نۇمۇر ئورنىتىلغان ئىكەن ،شۇڭا كۆرگىلى بولمايدۇ....>> خەپ،دوست دىگەنمۇ سەندەك بولامدۇ ؟ ]*Kv[%r07c ئىچىمدە ئۇنى مىڭنى تىللاپ،باشقا تىجارەت زالىدىن سالپىيىپ چىقتىم ،ھە توغرا، شۇ يىگىت نىمە دەپ ئېسىگە كەلمىگەن بولغىيتتى؟ئادەتتە ئايال خېرىدارلارغا قارىغاندا ئەر خېرىدارلارغا مال ساتماقمۇ شۇنداق ئوڭايغۇ؟بۇمۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا بىر گەپ.مەن ئاخىرى ھىچ كۈچىمەيلا بىرىنچى باسقۇچتىكى مەقسىدىمگە يەتتىم.قولۇمدىكى نەچچە مېتىر چىقىدىغان بۇ خاتىرە نۇمۇرلار ئىچىنى قاپلاپ كەتكەن ھېلىقى لەنىتى نۇمۇرنى كۆرۈپ ئايلىنىپ كەتكىلى تاسلا قالدىم. مەن سىرتقا چىقىپ ھەرھال تاكسىدىن بىرنى توستۇم ۋە ئۆيگە كىلىپ ئۆينىڭ ئىشىكىنى ئىچىدىن تاقاپ،بىر-بىرلەپ سانىدىم،بىر ،ئىككى ،ئۈچ 139؟پەرۋەردىگار ،ئېرىم بۇ ئۈچ ئاينىڭ ئىچىدىلا كۆچمە خەۋەرلىشىنى باي قىلىۋەتتىمۇ قانداق ؟مەن نېرى -بېرىسىنى ئويلاپ ئولتۇرمايلا ھېلىقى 138غا تىلفۇن قىلدىم -يۇ ئىتتىك ئۆچۈرۋەتتىم . توختا،مەن ئۇلار ھەر ئىككىلىسىنى چۆچۈتۈپ قويماي ،ئەڭ ياخشىسى ئېرىمنىڭ ئىزىغىلا چۈشۈپ ،بۇ ئىككى تاپتىن چىققان قىلىقسىزنىڭ زادى قانداق ئويۇن ئويناۋاتقىنىنى بىر كۆرەي. يامىنى كەلسە شۇ ئىككى بالامنى بۇ ئۆيدىن ئېلىپ چىقىپ كىتەرمەن،ئۇ رەسۋاغا بۇزۇلغان ماۋۇ بۇزۇق ئېرىمنىڭ ئەمدى ئۆي تۇتقىچىلىكى قالدىمۇ ....ئۇ بۇزۇق بىلەن تەڭ تۇرۇش ماڭا ياراشمايدۇ ...مەن شۇلارنى خىيال قىلىپ ،ئۆزەمنى قاتتىق تۇتىۋالدىم. <<ئالىيجاناپلار ئەزەلدىن پەسكەشلەر بىلەن تەڭ تۇرغان ئەمەس ،دانالىق پۈتۈن دۆلەت دەيدىغان گەپ بار. _?eT[!oO8 مەن شۇنداق پۇرسەت كۈتۈپ ،چىشىمنى چىشلەپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ئاخىرى تىلەكلىرىم ئىجابەت بۇلۇپ ،ئاخىرى ئېرىمنىڭ ئىزىغا چۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم.ئاخشامقى سۆزلىرىگە ئاساسلىنىپ ئۇنىڭ بۈگۈن ھېلىقى جىننىڭ قىشىغا ماڭغانلىقىنى پەرەز قىلىپ ئۈلگۈردۈم . چۈشتە ئاتايىن ئۇنىڭ بىلەن سىرتتا بىللە تاماق يىدىم ، تاماق يەپ بۇلۇپ ،ئۇ ئادىتى بويىچە <<مەن سېنى ئاپىرىپ قۇيۇپ ئىشىم بار>> دىدى. سەن كېتىپ تۇر مەن تاماقنىڭ پۇلىنى بېرىۋىتىپ تاللا بازىرىدىن ئالىدىغان نەرسىلەر بار ئېلىپ قايتىمەن دىدىم .ئۇ ماقۇل دەپ قۇيۇپلا چىقىپ كەتتى .مەن دەررۇ ئۇنىڭ ماشىنىسىنىڭ كەينىدىنلا بىر تاكسىنى توسۇپ ،ئۇنىڭغا ئەگەشتىم. O]j< | |