ئادەمنىڭ قىممىتى _b<;n|^
]AA|BeL?|
بىر ئالىم ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلغۇدەك، مۆجىزە خاراكتىرلىق مۇنداق تەجرىبە يەكۈنىنى ئوتتۇرىغا قويغان. C"kfxpCi
ئادەم بەدىنىنى سىنتىزلاپ (پارچىلاپ) ماددىلارغا ئايرىغاندا ئادەم تېنىدە يەر شارىدا بار بولغان 108 خىل ئېلمىنىتنىڭ ھەممىسى بار چىققان. ئەڭ ھەيران قالارلىق يېرى يەر شارىدا بار ئېلمىنىتلارنىڭ زاپىسى بىلەن ئادەم تېنىدىكى ئىلمىنىتلارنىڭ زاپىسى ئوخشاش مىقداردا ئىكەن. مەسىلەن : يەر شارىدا سۇنىڭ نىسبىتى %70 بولسا ئادەم بەدىنىدىمۇ شۇ نىسبەتتە ئوكسېگىن، ئازوت، ئالتۇن، تۆمۈر، مىسلەرنىڭ نىسبىتىمۇ يەرشارىدىكى زاپىسى بىلەن ئوخشاشكەن. ھەتتا ئادەم بەدىنىدىك گۈڭگۈرتنى سىنتېزلاپ ئالغىلى بولسا نەچچە قاپ سەرەڭگە ياسىغىلى بولىدىكەن. ئادەمنى بەك ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان تەجرىبە يەكۈنى شۇكى بىر ئادەمنىڭ بەدىنىدىكى ماددىلارنىڭ سىنتېزلانغاندىكى باھاسى بەكلا ئەرزان بولۇپ، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا ئون يۈەنگىمۇ يەتمەيدىكەن. دېمەك بىر ئادەمنىڭ ماددىي قىممىتى ئەنە شۇنداق تۆۋەن بولىدىكەن. JE}VRMNr
ھەئە، ئادەمنى ماددىي قىممەت بىلەن ئۆلچەش ئەخمىقانىلىق بولسا كېرەك. ئەمما بۇ يەكۈن بىزنى ئادەمنىڭ قىممىتى زادى قانچىلىك، ئادەمنىڭ قىممىتىنى قايسى خىل ئۆلچەملەر بىلەن ئۆلچەيمىز، دېگەن سوئاللارغا باشلايدۇ. a!bW^?PcK
بىر ئادەمنىڭ ماددىي قىممىتى ھەقىقەتەن يۇقىرىدىكىدەك بەك تۆۋەن، ھەتتا چىچقاق قوزىنىڭ باھاسىدىنمۇ تۆۋەن ھالەتتە بولىدىكەن. بۇ خىل باھا بىر ئىلمىي يەكۈن بولۇپ، بۇ يەكۈندە ئېسىل نەسەبلىكلەر يۇقىرى باھادا بولىدۇ، پەسلەر تۆۋەن باھادا بولىدۇ، دېسەك خاتالىشىمىز. بەك ئەخلاقلىق ئادەممۇ، بەك مەدەنىيەتسىز ئادەممۇ يەنىلا ئوخشاش باھادا بولىدۇ. چۈنكى ئادەمنىڭ ياسىلىش ماتېرىيالى ئوخشاش. دەسلەپكى يارىتىلىشىمىز تۇپراقتىن، كېيىنكىلىرى ئىنسان تىلغا ئېلىشتىنمۇ سەسكىنىدىغان، ئەمما جەزمەن شۇ نەرسىدىن ، سېسىق سۇدىن بارلىققا كەلگەنمىز. يەيدىغىنىمىز زېمىندىن چىققان نەرسىلەر، ئەمما بۇغداي قوناقنى ھەرقانچە سېنتىزلىسىمۇ چاچ ، تىرناق ياسىغىلى بولماسلىقى مۈمكىن، ياسىغىلى بولدى دېگەندىمۇ، جان، ئەقىل قاتارلىقلار بۇغداي قۇناقتىن پۈتىدىغان نەرسە ئەمەس. f#&z