باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1025 
  •    ئىنكاس 
       19 

مېنىڭ گالۋاڭ قىز دوستۇم

قەۋەت ئاتلاش
kawkaz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7609

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   31 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2617 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   255 (قېتم)
 تۆھپە:   255  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 445
 سائەت
دەرىجىسى:
445 سائەت 95 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-18
ئاخــىرقىسى:2012-03-04
— تېما sansiz0903 تەرپىدىن (2011-12-26) دە نادىرلاندى. —

بۇ بىر نەچچە كۈن كەيپىياتىم ياخشى بولمىغاچقا ئىنتىرنىت تورىنى كۈندە دىگۈدەك پەتىھ قىلىپ تۇرالمىدىم . سەۋەبىنى تورداشلارغا دىسەم ، ناھايتى ئاددىي – مەن يىراقتىكى قىز دوستۇم بىلەن باتنىشىپ   قالدىم .مەن ھازىر ئۇنىڭ مەندىن تىلفۇن قىلىپ مەندىن كەچۈرۈم سورىشىنى ساقلاپ سۈكۈت ئىچىدە تۇرۇۋاتقىلى ھەپتە بولاي دىدى .ئەمما تىلفۇنۇم ئۈن –تىنسىز ھالدا دىمى تۇتۇلۇپ كېتىۋاتسىمۇ  بوغۇلۇپ قىلىشقا ئىمكانىيەت يار بەرمەيۋاتىدۇ . مەن يەنىلا يىگىتلىك سۈپىتىمنى چۈشۈرمەي ،گۇناھسىزلىقىمنى ئىسپاتلاپ ، بۇ نەچچە كۈندە ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىشتىن ئۆزۈمنى تارتتىم. xXK7i\ny  
 بىلىمەن مېنىڭ قىز دوستۇم ئىزاغا چىدىماي ئېسىلىپ ئۆلىۋالىدىغان  ئۇنداق قالتىس ناملارغا قىلچە قىزىقمايدۇ . ئەمما ۋاقىت سوزۇلۇپ كېتىۋەرسە ،ئۇ قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ ،يىڭى يول تىپىپ ، مەندىن كېلىشكەن ،ئەخلاقلىق ،خىزمىتى بار ...بىرەر ھارامزادىنى تىپىۋىلىشى تەبىئىي . ,z)7rU`  
    مۇشۇلارنى ئويلىغىنىمدا ،مەن يەنە كۇنۇپكا ئۈستىدە بارماقلىرىمنى دەرھال ئىشقا سىلىپ ،سىلەردەك كۆيۈمچان ،ئاقىل پىكىرلىك تورداشلىرىمدىن ئەقىل سورىماي تۇرالمايمەن . ئەگەر بۇنىڭغىمۇ كېچىكسەم ،ئەمدى ئۆمۈرۋايەت كېچىكىشىم مۇمكىن .چۈنكى مەن ئۇ گالۋاڭ قىز دوستۇمنى بەك ياخشى كۆرىمەن . ئەمما ياخشى كۆرىمەن دەپلا ئۇ مەندىن سورايدىغان كەچۈرۈمنىڭ ئورنىغا مەن ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىپ نىمە دەيمەن ؟ سەت بولدى فىلورە ،خىجىل بولماڭ ،كۈندەشلىك ئاقىۋەت ئۆزىڭىزنى  مۇشۇنداق خىجالەت قىلىدۇ دەمدىم ؟ twx8TQ9  
    بۇنداق قىلسام قاراپ تۇرۇپ ئۇنىڭ خىجىل بولۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ ، ئىككىنچى ئۇ ماڭا بىشىنى كۆتۈرۈپ قارىيالماي شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئىش ئاخىرلاشسىچۇ ؟...ياق ...ياق ...ئۇنداق بولسا بولمايدۇ . توختاڭلار ،ئالدى بىلەن ئىشنىڭ جەريانىنى سىلەرگە سۆزلەپ بېرەي ،ئاندىن ئاقىۋىتىدىن تەڭ ئېغىز ئاچايلى. jow^~   
   يەنىلا گەپنى باشتىن باشلاي ،بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن ،ئاپامنىڭ قۇتلۇق تۇغۇلغان كۈنىگە ئىككى كۈن باش قاتۇرۇپ يۈرۈپ خاتىرە كومپىيوتىر سىتىۋالدىم . ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن بۇيان كونا ماركىدىكى قوپال كومپىيوتىر ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا تۇرسىمۇ ئۇ سۆيۈملۈك ئاپام ئۈچۈن مېنى سېغىنغاندا قاراپ ئولتۇرىدىغان بىر تەسەللى ئىدى . ھەر قېتىم ئاپامنىڭ تىلفۇندا <<بالام قاچانمۇ قىشىمىزغا يۆتكىلىپ كىلەرسەن ،داداڭ بىلەن ئولتۇرۇپ بەزىدە سېنىڭ ئەبجەق كومپىيوتىرىڭغا قاراپ كىتىمەن . ئالى مەكتەپ ئوقۇۋاتقىنىڭدا شەنبە يەكشەنبە كىلىپ ، ئاشۇ تۆمۈر –تەسەككە كۈنلەپ قاراپ ئولتۇرۇپ كەتسەڭ ،بىزدىن مېھرى قالدى دەپ ،ئەپچىقىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتكۈلىرىم كىلىپ كىتەتتى .مانا ئەمدى ئاشۇ تۆمۈر جېنىدا كۆزۈمگە ئسسىق كۆرۈنىدۇ ...>>دەپ مىچىلداپ كەتسە ، مېنىڭمۇ بۇرۇنلىرىم ئىختىيارسىز ئېچىشىپ كىتەتتى .       مەن ئاخىرى ئاپامنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئازراق خۇشاللىققا ئېرىشتۈرمەكچى بولدۇم .بىلىمەن بۇ سوۋغام ئۇنىڭ مېنى توققۇز ئاي قوساق كۆتۈرۈپ ،ئاچچىق تولغاق يەپ تۇغقان مۇشەققەتلىك مىنۇتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ھېچنىمە ئەمەس . بىراق ئۇنى خوتەن شىۋىسىدە <<گىدىككىنە >>خوش قىلالىسا ، شۇنىڭ ئۆزى مېنىڭ ئالەمچە خۇشاللىقىم . Y}"|J ~  
    مەن ئاپامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدىن بىر ھەپتە بۇرۇنلا يۇرتۇمدىكى ئاغىنەمگە تىلفۇن قىلىپ ،ئۇنىڭغا ماركىلىق ،سۈپىتى ياخشى خاتىرە كومپىيوتىردىن بىرنى سىتىۋىلىشنى تاپشۇردۇم .يىللىق مۇكاپات پۇلۇمنى ئاپامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن ئاجراتقىنىمدىن بەكمۇ خوش بولدۇم . پۇلنى ئاغىنەمنىڭ كارتىسىغا ئۇرۇپ بولۇپ ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم : g~%=[1  
-ئاداش ، سېنى ئاۋا قىلىدىغان بولدۇم ، بۇ قىلغانلىرىڭنى يۇرتقا بارغاندا چوقۇم قازا قىلماي ياندۇرىمەن . سەن ئاشۇ قول كومپىيوتىرىنى ئۆيگە ئاپىرىپ ،ئاپامغا تورغا چىقىشنىڭ يوللىرىنى ئاسانراق ھەم چۈشىنىشلىك قىلىپ كۆرسىتىپ قويساڭ بوپتىكەن . بىلىسەن ئاپام تورغا چىقىشنى بىلسىمۇ كوت –كوتتا پاراڭلىشىپ باقمىغان . مەن ئاپام بىلەن ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئىكراندا  يۈز تۇرانە  كۆرۈشۈپ ،ئاۋازلىق ئۇچۇرلىشىپ تۇراي دەيمەن . 3Fh<%<=  
-پاھ سەن ،قالستقۇ ، نىگار ھەدەمنى تورغا ئۆگىتىپ قويما جۇمۇ ،-چاقچاق قىلدى ئاغىنەم ،-چاتاق يوق ، سەن غەم يىمە ،ئاغىنىدارچىلىقتا ياردىمىمنى ئايىمايمەن ، ئەمىسە شۇنداق بولسۇن ،سەن يۆتكىلىپ ،بىز كۆرۈشكىچە ئامان بول ،ئالاقىلىشىپ تۇرايلى . 8&VwAo  
    مەن ئاپامنى تۇيۇقسىز خۇشال قىلماقچى بولدۇم . ئاپامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مەن ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىپ ئۆزۈم يازغان قاپىيىسىز شېئىرلىرىمدىن دىكلاماتسىيە قىلىپ بەردىم .ئاپام خۇشاللىقتىن كۆز يىشى قىلدى . مەن بەلگىلىگەن ۋاقىت بويىچە  دەل شۇ چاغدا ئىشكنى چېكىپ ئاغىنەم ئۆيىمىزگە كىرىپ كەلدى ، ئاپامنىڭ شۇچاغ خۇشاللىقتىن  ئاغزىنى يۇمالماي ، ھاياجاندىن يېشىنى سىغدۇرالماي ، ئۆيگە بىر كەلگىنىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم . hE!3kaS  
شۇ كۈندىن ئېتىۋارەن ،ئاپامنىڭ ئاغزىدىن تىلفۇندا يىڭى –يىڭى گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتىم : _3T*[s;H  
-بالام ، ئاغىنەڭ ماڭا  ئىلتىماس قىلىپ  بەرگەن چ چ نۇمۇرۇمنى يېزىۋالغىن 1254638 -nO('(t  
مەخپى نۇمۇرۇم بولسا داداڭنىڭ تىلفۇن نۇمۇرى ،مەن ئۇنتۇپ قالساممۇ سەن يادىڭدا تۇتىۋالغىن ھە ،ھى......ھى..... <l5{!g  
-بولىدۇ ،بولىدۇ ،-دىدىم مەن كۈلۈپ كېتىپ ،ھەر قانچە بولسىمۇ دادامنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىنى ئۇنتۇپ قالماسسىز . 0(3t#  
-ياقەي ،ئەمدى مەخپى نۇمۇر بولغاندىن كىيىن دەيمىنا ، ھە راست ،30يىللىق خىزمەت ھاياتىمىزدا خاتىرە قەلەم تۇتۇپ ،جاپا تارتىپ كىتىپتىكەنمىز ،ئىلگىركى لاتىنچە يېزىقىمىزنىمۇ تۇنۇغاندىن كىيىن كومپىيوتىردا خەت ئۇرماقمۇ تەسكە توختىمىغىدەك . ھازىر مەن كۈندە چۈشتىن كىيىن بىر سائەت ۋاقىت ئاجرىتىپ ئويغۇرچە خەت ئۇرۇشنى مەشىق قىلىۋاتىمەن . داداڭ كىچىكىڭدە ساڭا كومپىيوتىردا ئويۇن ئوينىساڭ ۋاقىت بەلگىلەپ بەرگەندەك ئەمدى ماڭىمۇ ۋاقىت ئۆلچەپ تورغا چىقىش ۋاقتىمنى ئۇزارتىش ئىلتىماسىمنى تەستىقلىمىدى . ئۇنىڭ دىيىشىچە قورۇق باسقان بۇ چىرايىم بىلەن كۈنلەپ كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرىۋەرسەم ، ئاز كۈن ئۆتمەي غەلىتە سىياقلىق موماي بوپ قىلىشىمدىن ئەنسىرەيدىكەن . YjS|Ht->  
-شۇنداقمۇ ،دىمەك دادام سىزنىڭ ھۆسنىڭىزنى بۇزۇۋىلىشىڭىزدىن غەم يەيدىكەن ئاپا ،دادامغىمۇ كومپىيوتىرنى بېرىڭ . m|,ocz  
-مەن ئۇنىڭغا بەرمەپتىمەنما ،ئۇچۇ مەن تاماقنى پىشۇرۇپ ئالدىغا ئېلىپ كەلگۈچە توردا قارت ئوينايدۇ ...... 2=!/)hw}  
ئاشۇنداق قىزىقارلىق پاراڭلار بىلەن مەن ئىشقا ئالدىرايمەن : *ARroNdr  
-ئاپا مەن ئىشقا كېتىۋاتىمەن ،كەچتە توردا كۆرۈشەيلى ،سالامەت بۇلۇڭ ،مۇمكىن بولسا مېنىڭ ئۇچۇر ساندۇقۇمغا خەت قالدۇرۇپ قۇيۇڭ . iml*+t  
-ماقۇل .886 بالام . Y*f7& '[  
   چۈشتىن كىيىن ئىدارىنىڭ ماتىرىياللىرىنى رەتلەپ يىللىق خىزمەتلەرنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئالدىراش بۇلۇپ كەتتىم . بۇ بىر نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئۇ خۇشاللىق ،بۇ ئالدىراشلىق ، ئالدى كەينى چېپىشلار بىلەن ئۈرۈمچىدىكى قىز دوستۇم فىلورەنىمۇ ئۇنتۇپ كىتىپتىمەن ،ئۇ بىچارە مېنىڭ كۈندە ئالدىراش ئۆتىۋاتقىنىمدىن ئىچى سىقىلسىمۇ ،ئارتۇق گەپ قىلالماي دىمىنى ئىچىگە يۇتۇپ يۈرىدۇ . تىلفۇن قىلىپ باقاي : C-_u; NEu  
  -ۋەي سوپىسوپىياڭ ،بارمۇسىز ؟ &66G  
-ۋاي بارغۇ ھوقۇش ؟سىز بار يەردە مەنمۇ بارغۇ ؟ KfWVz*DC!  
شۇنداقمۇ ،ئەمىسە كىرىڭە ئىشخانامغا . ,X\z#B  
-توختاپ تۇرۇڭ ، بىرەر سائەتقىچە يېنىڭىزدا ئۈنىمەن . 1EC0wX  
ئۇ شۇنداق دەپلا تىلفۇننى قۇيۇۋەتتى ،قايتا قىلسام ،تىلفۇنى ئېتىك ،ئىچىم تىت –تىت بۇلۇپ ئولتۇرسام دىگەندەك بىرەر سائەتنىڭ قارىسىنى كۆسەتمەيلا ئۇ ئىشخانامغا مېنى يۈرەكزادە قىلىپ كىرىپ كىلىۋاتمامدۇ .ئاھ خۇدا ،بۇ نىمە ئىش بولۇپ كەتتى .مېنىڭ بۇ كىچىككىنە يۈرىكىم يېرىلىپ كېتىشكە ئاز قالدىغۇ.زامان ئاخىرى يىقىنلاپ قالدىمۇ قانداق ؟كىمنى خىيال قىلسا ئالدىدا ئۈنىدىغان . ~v,LFIT  
كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم : ?e]4HHgU]  
-بۇ ...بۇ ...جېنىم مەن چۈش كۆرمەيۋاتقاندىمەن ؟-بېرىپلا ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدىم ،يۈزلىرىمنى چىمداپ باقتىم . o,Ha-z]f  
-ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىڭ ،سىرتتىن بىرسى كىرىپ قالىدۇ .–دىدى ئۇ سەل قىزارغان ھالدا . 0<v~J9i  
مەن شۇندىلا ئۇنى قۇيىۋەتتىم .ئۇ بېرىپ ئىشىكنى ئاستا  يېپىۋەتتى . qI;k2sQR  
-ھە قېنى ئېيتىڭە سىزنى بۇ يىراقلارغا قانداق شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى ،نىمىشقا ماڭا ئېيتىپ قويمايلا يولغا چىقتىڭىز ؟سىز سەل بەڭباش بۇلۇپ قىلىۋاتامسىز قانداق ؟ {Fb)Z"8]  
مەن شۇنداق دىگەچ قۇشۇمىلىرىمنى زورىغا تۈردۈم . ,Z>RvLl  
-بۈگۈن قانداق كۈن بىلەمسىز ؟ j*QY_Ny*  
-قانداق كۈن ؟ئالاھىدە كۈنما ؟ ئىشقىلىپ مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئەمەس ؟سىزنىڭمۇ يە ؟خىزمەتنىڭ ئالدىراشلىقىدىن ئۇنتۇپ قاپتىمەن . mvUYp,JECl  
بۈگۈنچۇ ؟ئاشىق –مەشۇقلار بايرىمى . مەن سىزنىڭ مۇشۇنداق نوم يادلاپ ئەرشىنىڭ يۈگۈر –يېتىم ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بۇلۇپ كىتىدىغىنىڭىزنى ئالدىن پەرەز قىلىپ ،ئۆزۈم سىزنى تۇيۇقسىز خوش قىلىپ ،بۇ قۇتلۇق كۈننى بىرگە ئۆتكۈزەيلى دەپ كىلىشىم قانداق بولماپتىما ؟-دىدى فىلورە،ئالدىمدا تۇرغان سومكىسىنى ئېلىۋىتىپ ،بوينۇمغا گىرە سالغانچە. 7Zu!s]t  
 –بىراق مەن ئىشلەۋاتقان تۇرسام قەدىرلىكىم ،يەنە كىلىپ بۇ بايرام بىز ئويغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مىراس قالغان بايرىمىمۇ ئەمەس .بىزنىڭ پەقەت نورۇز بايرىمىز يەنە قۇربان ھىي... A%+~   
-بولدى .بولدى ، مېنىڭ ئاڭلىغۇم يوق ،–دىدى ئۇ بىردىنلا گىپىمنىڭ بېلىگە ۋاققىدە قۇيۇپ ،–مۇشۇ گەپمىدى ؟سىز بىلەن بۇ كۈننى ئۆتكۈزەلمەيمەن دىمەكچى شۇنداققۇ ؟ Sk;IAp#X9  
-مەن ئۇنداق دىمەكچى ئەمەس . >r]# 77d  
-ئەمىسە نىمە دىمەكچى ، مېنىڭ نەچچە سائەتلىك يوللارنى بېسىپ  ئۇچۇپ كەلگىنىم مۇشۇنىڭ ئۈچۈنما ؟ E/s3@-/  
بىز ئەشۇنداق خېلى تالاش –تارتىشلاردىن كىيىن ،ئاران پەسكويغا چۈشتۇق . IyP\7WZ  
– سىز ھازىرچە ياتىقىمغا كىتىپ تۇرۇڭ ،ئاچقۇچ مانا . 5YC(gv3/  
مەن ئامال بار ئىشنى بالدۇر تۈگىتىپ ،قايتىمەن . `/+7@~[RU  
-ماقۇل .مەن ئۇنى بەزلەپ يۈرۈپ تەستە يولغا سالدىم . ^@[[,1"K  
ئالدىرىغان يولدا قالار دىگەندەك باشلىقنىڭ يەنە بىر تاپشۇرۇقىنى تاپشۇرىۋالدىم.‹‹ئەتە يۇقىرىدىن خىزمەت تەكشۈرۈپ كىلىدىكەن .شۇڭا پۈتۈن ماتىرىياللارنى بۈگۈندىن قالماي تەقلەپ بولمىساق بولمايدۇ ،سىز شىياۋجاڭغا تىلفۇن قىلىسىڭىز ئۇ كىلىپ سىزگە ياردەملەشسۇن .›› 3tLh{S?uJ  
   پاھ ،كۆرىڭە ما ئىشنى ،بۈگۈن ئىشىم ئوخشايدىكەندە ،ماقۇل بۈگۈن ئاخشام ئىشنى پاك پاكىزە تۈگىتىپ ،ئەتە تەكشۈرگۈچىلەرنى يولغا سىلىۋىتىپ ،ئارامخۇدا ئىككى كۈن رۇخسەت سوراي . 9wWjl}%  
-ئادىل! ئىشكىڭىزنى ئاچالمايۋاتىمەن ! :K8T\  
-ئاچقۇچنىڭ كەمتۈك يېرىنى توغرىسىغا كەلتۈرۈپ ئاندىن ئوڭغا قايرىڭ . 7d4R tdI  
 –ئادىل ،كومپىيوتىرىڭىزنىڭ مەخپى نۇمۇرى قانچە ؟ مەن تورغا چىقىپ ئولتۇراي دىگەن . **s:H'Mw_  
 –ئادىل چ چ رىڭىزنى ئېچىپ سۈرەتلىرىڭىزنى كۆرەيچۇ ، مەخپى نۇمۇرىڭىزنى دەپ بېرىڭ ؟ `H+Eo<U  
–ئىشكنى چىڭ ئېتىپ ئولتۇرۇڭ قوزام . mZM5aTQ3  
 ئالدىراشلىقىمدا  ئارقا ئارقىدىن كېلىۋاتقان تىلفۇندىن بىزار بۇلۇپ  كەتتىم ئەمما تىلفۇننى ئېتىۋىلىشقا ئامالسىزمەن . `DA=';>Y  
ئۇنىڭغا قاتتىقراق گەپ قىلاي دىسەم تېخى ، كۆڭلىنى ئايىدىم . نىمىلا دىمىگەن بىلەن ئۇ مېنى دەپ كەپتۇ . بۇ بىر قىز بالا ئۈچۈن ئاسانمۇ ؟ K@>v|JD  
   ۋاقىتنىڭ ئاللىقاچان بىر يەرگە بېرىپ قالغىنىنى سەزگىنىمدە  ، تىلفۇنۇمنىڭ ئۈچىنچى قىتىملىق سايراشتىن كىيىن توختاپ قالغىنىنى ھېس قىلدىم .تىلفۇن قىلىپ باقاي ئۇ بۇ چاغدا ئۇخلاپ قالدى ھەقىچان . بولدىلا ئۇنىڭ ئويقىسىنى بۇزماي ،ئەتە ئەتىگەندىلا بېرىپ ئۇنى بىرچۆچىتىۋىتەي . ekAGzu  
   تاڭ سۈزۈلۈپ ، باشقىلار ئىشلىرىنى تاپقۇچە مەن رەتلەپ قويغان ماتىرىياللارنى شياۋ جاڭغا تۇتقۇزۇپ قۇيۇپ ياتىقىمغا قاراپ چاپتىم . jgGn"}  
 ئىشك ئېتىك قانچە ئۇرساممۇ ئىچىدىن سادا يوق ،ئارلىقتا فاڭدۇڭ ئايال چىقىپ كەلدى : 3(PU=  
-ئۆزىڭىزنىڭ ئىشىكىنىمۇ شۇنداق قاتتىق ئۇرغانمۇ بارمۇ ؟ ماڭا بۇ خەتنى تۈنۈگۈن كەچقۇرۇن بىر قىز ئۆيگە كىرىپ سىزگە بېرىپ قۇيۇشۇمنى تاپىلاپ كىتىپ قالدى . `b%/.%]$  
كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشقاندەك بولدى : ]\3dJ^q|%  
–ئۇزۇن چاچ ، ئورۇققىنا كەلگەن كاشتان رەڭ چاپان كىيگەن قىزما ؟  u?'X%'K*  
-دەل شۇ .مەڭ ئاچقۇچىڭىزنى . (wA|lK3  
مەن ئۆيگە ئىتتىك كىرىپ ئىشكىنى يىپىپ خەتنى ئالدىراش ئوقۇدۇم : &<>A  
‹‹ئادىل ، مەن بۈگۈن قانچىلىك شېرىن خىياللار بىلەن كەلگىنىمنى بىلەمسىز ؟ بىراق بىز يۈرگەن بۇ بىر نەچچە ئايدىن بېرى قەلبىڭىزگە ھەقىقىي تۈردە بۆسۈپ كىرەلمىگىنىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم . z1Ju;k( 8  
بىراق ،بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر بولغىنى سىز مېنىڭ پاك مۇھەببىتىمنى ئاياغ ئاستى –قىلدىڭىز .›› 8?)Da&+f  
نىمە ؟بۇ نىمە گەپ ئۆزى ،مەن قانداقمۇ ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە خائىنلىق قىلاي ؟داۋامنى ئوقۇيچۇ ، h|-r t15  
  ‹‹سىزنىڭ نىمە ئۈچۈن تۇيۇقسىز كەلگىنىمگە بۇنچە چۆچۈپ كەتكىنىڭىزنىڭ ،ھەمدە خاپا بولغانلىقىڭىزنىڭ ،باھانە ئىزدەپ كەلمەسلىكىڭىزنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندىم .سىز ئەسلى بۇ كۈننى ماڭا ئەمەس باشقا ناتۇنۇش خوتۇن  بىلەن ئۇچرىشىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپتىكەنسىز ،ھېلىمۇ مەن بۇنى بالدۇر بايقاپ قالدىم . ئەمما مەن  شۇ تاپقى ھېسسىياتىم بىلەن سىزنى قانچۇچە تىللاشقا جۈرئىتىم يوق ، مەن كەتتىم . ئىككىنچى مېنى ئىزدىگۈچى بولما ئالا كۈڭۈل چۈپرەندە !!!›› f'.yM*  
  نىمە ؟ئۇ ..ئۇ قاراپ تۇرۇپ مېنى تىللاپتىغۇ ؟مەن كىم بىلەن ئۇچرىشىشقا ۋەدىلىشىپتىمەن ؟! ئاچچىقتىن كۈچەپ تارتقان كومپىيوتىرنىڭ كونوپكا تاختىسى يەرگە تاراقلاپ چۈشۈپ ،ئوچۇق تورغان كومپىيوتىر مېنى سەگتتتى . ER|5_  
ئۇنىڭدا <قېرى قوزام>دىن   ماڭا كەلگەن ئۇچۇر تۇراتتى . Ugs<WVp$  
 سېنى كەچتە شۇنچە ساقلىساممۇ كەلمىدىڭ ،ھە راست ، ماڭا كومپىيوتىېر ئېلىپ بېرىپ ،يىڭىچە چ چ نۇمۇردا سەن بىلەن سۆزلىشىپ تۇرۇۋاتقىنىمنى  ھېلىقى لايىقىڭغا دىمىگەنسەن ؟ P.fgt>v]  
 دىمەي تۇرغىن . بولمىسا مېنى شاش خوتۇنكەن دەپ قالمىسۇن يەنە . مېنى ئەڭ ياخشىسى خىجىل قىلما . 'x18F#g  
  }0!\%7-Q  
مەن كۈلۈشۈمنى يا يىغلىشىمنى بىلمەي قالدىم .چۈنكى چ چ دا ماڭا ئۇچۇر قىلغان دەل مېنىڭ ئاپام ئىدى .ئۇنىڭغا  تىلفۇن قىلدىم .تىلفۇنى ئېتىك .ئۆيىنىڭ نۇمۇرى جاۋاب شۇ < ئۇ يوق .>(بۇ ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس ) &#)3v8  
مەن ئاخىرى ئۇنىڭ بىر دوستى ئارقىلىپ بۇ ئۇقۇشماسلىقنى ئۇنىڭغا يەتكۈزمەكچى بولدۇم ۋە شۇنداق قىلدىم .ئاڭلىشىمچە مېنىڭ ئۇ گالۋاڭ قىز دوستۇم بۇ گەپلەرگە يەنە بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي يۈرۈۋىتىپتىمىش ،ئەمما ماڭا تىلفۇن قىلمايۋاتىدۇ .مەن تىلفۇن قىلسام ئۇمۇ ئالمايۋاتىدۇ ، سىلەرچە ئەزىز تورداشلىرىم ،ماڭا سەمىمىي مەسلىھەت بەرسەڭلار ،سىلەرچە مەن يەنە قانداق قىلسام بولىدۇ ... ]v#T'<Nl  
بۇ بىر ئىجادىي تىما ،تورداشلار مەسلىھەت بېرىپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ . ']rh0?  
مەنبەسى -ئۆز ئىجادىيىتىم 0GG;o[<  
[ تېما yawuzbag تەرپىدىن 2011-12-26 18:08 دە قايتا ]

ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

精彩

感动

搞笑

开心

愤怒

无聊

灌水
ئۆزىنىڭ تارىخىنى بىلمىگەن مىللەت-باشقىلار ئالدىدا مەڭگۈ قۇل مىللەت.
sansiz0903

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.238

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4124 

 نادىرلانغان تېمىسى:   14 

 مۇنبەر پۇلى:   57281 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   6536 (قېتم)
 تۆھپە:   6406  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 9774
 سائەت
دەرىجىسى:
9774 سائەت 116 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-24
ئاخــىرقىسى:2012-03-05
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-26

ئەستا... ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ ئىتوتىدەكلا ئىش بوپتۇ دىسە...   :p OX,  
مەيۈسلەنمەڭ... ياخشى ئوغۇللارغا ياخشى قىزلار قەدەمدە بىر     خۇدايىم مۇراد-مەقسىتىڭىزگە يەتكۈزۈپ پاقلاندەك بوغماق بوغماق ئوغۇللۇق بولارسىز  
MǚS_しiM
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7418

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   145 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10508 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1050 (قېتم)
 تۆھپە:   1050  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 580
 سائەت
دەرىجىسى:
580 سائەت 70 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-30
ئاخــىرقىسى:2012-03-04
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-26

   [1G4he%  
:-te  
راس  دەيدۇ سەنسىزجان   بۇ يازمىنى ئىشىلتىپ بىر ئىتوت ئشلىسە بولغىدەك .... xud =(HLl  
!xA;(<K[^  
ئۇقۇساملا كۈلىدىكەنمە ...... 7o'kdY Jzo  
OiJ1&Fz(  
تىما ئىگىسىگە رەھمەت تەشەككۈرلەر بولسۇن ....     
ئادەمنىڭ ئۆرە تۇرغانلىقى ئۇنىڭ روھىنىڭ ئويغاق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ
arman

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3881

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1080 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   24995 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2613 (قېتم)
 تۆھپە:   2461  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7544
 سائەت
دەرىجىسى:
7544 سائەت 246 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-16
ئاخــىرقىسى:2012-03-05
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-26

تۇرمۇشتىكى  ئۇقۇشماسلىقلارنى قىززىقارلىق  ئىپادىلەشمۇ  بىر خىل ماھارەت
ئۇۋا بۇزغاننىڭ ئۇۋىسى بولارمۇ ؟
xapnam
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6280

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   47 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2136 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   213 (قېتم)
 تۆھپە:   213  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3182
 سائەت
دەرىجىسى:
3182 سائەت 58 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-08
ئاخــىرقىسى:2012-03-04
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-26

ھەقىقەتەن تۇرمۇشقا يېقىن تىما ئىكەن ،ھەي بۇ چ چ دىگەننىمۇ زە
sawapkar

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.728

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1181 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   49703 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4541 (قېتم)
 تۆھپە:   4172  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 745
 سائەت
دەرىجىسى:
745 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-08
ئاخــىرقىسى:2012-02-22
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-26

ئۇ قىزغا بۇ بىر باھانە بولسا كىرەك تۇرمىشىغا يەنە بىرسى بۈسۈپ كىرگەن بولسا g; 7u-nP  
بەزدە مۇشنداق ئۇقۇشماسلىق ......تاسادىپىيلىق ئويلىمغان ئىشلاردىن ئازاپ تېپۋالدىكە ئادەم
نۇپـۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمـۇس كېمىيۋاتىدۇ

(سەۋەپــكـار)
sumbul

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2364

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   337 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   27446 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   991 (قېتم)
 تۆھپە:   952  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3159
 سائەت
دەرىجىسى:
3159 سائەت 81 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-13
ئاخــىرقىسى:2012-02-29
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-27

ھەي ھەي ، بەزىلەر يەنە گۇناھنى ئاۋۇ قىزغا ئارتقىلى تۇردىغۇ جىم تۇرسا،   ،  ماۋۇ بالىنىڭ ئاپىسىنىڭ چچ ئىسمىنى قۇيۇۋالغىنىنى ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى كەلتۈرۈپ ، پەرىشتە ئانام دەپ قويمامسىز ئىسىم دىگەننى ، بۇتناپ يۈرمەي ياخشى كۆرگەندىكىن دەرھال بېرىپ ئىزدەڭ، ئۇمۇ كەچۈرۈم سوراشنى خىيال قىلىپ ئولتارغاندۇ شۇ تاپ
مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!
olmasjagqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1997

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   65 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5089 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   350 (قېتم)
 تۆھپە:   320  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 60
 سائەت
دەرىجىسى:
60 سائەت 30 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-14
ئاخــىرقىسى:2012-02-24
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-27

راس دەيدۇ سۇمبۇل         تېز بېرىڭ         
ۋىجدان سېنى قۇچاقلىمىسا ،  سەن ۋىجداننى قۇچاقلىۋال چىڭ .
1tulpar

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3605

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1230 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   64941 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   5485 (قېتم)
 تۆھپە:   5480  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7966
 سائەت
دەرىجىسى:
7966 سائەت 224 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-06
ئاخــىرقىسى:2012-03-05
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-27

تىز  بىرىڭ  سۇمبۇلمۇ يولىڭىزغا قاراپ قاپتۇ  
narmi

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4211

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   851 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   29756 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2970 (قېتم)
 تۆھپە:   2963  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2582
 سائەت
دەرىجىسى:
2582 سائەت 168 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-28
ئاخــىرقىسى:2012-03-06
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-27

   ھا...ھا...ھا ئەجەپ كۈلۈپتىمەن...،<قېرى قوزۇڭىزنىڭ پىستىرمىسىغا ئۇچۇراپ كېتىشىڭىزنى بىلگەن بولسىڭىز  چ چ  بىجىرتىپ بېرىش تۇرماق كومپيۇتۇرنىمۇ ئېلىپ بەرمىگەن بولاتتىڭىزمۇ ؟    ئەمما ھېكايىڭىزنىڭ بۆلەكلىرى يۇمۇرىستىك چىنلىقنى ئىپادىلەپ،ئوقۇغان ئادەمگە ھەقىقى ئىستىتىك زوق بېغىشلىلالايدىكەن. ھارغۇنلىقىمىزغا جۇشقۇن روھ بېغىشلىيالايدىغان مۇشۇنداق ئەسەرلەر ياشىسۇن،سىزمۇ ياشاپ كېتىڭ كاۋكاز! sP(+Z^/  
   كېيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە مۇۋاپىقىيەت تىللەيمىز.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى