باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       922 
  •    ئىنكاس 
       17 

مېنى ياشىغىلى قوي ئۇيغۇرۇم (تولۇق قىسمى)

قەۋەت ئاتلاش
kawkaz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7609

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   33 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2720 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   265 (قېتم)
 تۆھپە:   265  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 515
 سائەت
دەرىجىسى:
515 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-18
ئاخــىرقىسى:2012-03-06
— تېما xatay تەرپىدىن (2011-12-23) دە نادىرلاندى. —

1.قېسىم
m[Ihte->  
+r//8&  
  ئۇ يەرنى ماڭا سىنىپىمىزدىكى گۈلسۈم تونۇشتۇرغان . ئۇ ھەر شەنبە –يەكشەنبە كۈنى كۈندىلىك تۇرمۇش خىراجىتىنى ئۆزى تېپىش ئۈچۈن شۇ يەردە ئىشلەيدىكەن . مەن تەتىلدە ئۆيگە -قايتساممۇ بەرىبىر ئۆيدە ئولتۇرىمەن . ئۇندىن كۆرە بىر ئاي مۇشۇ يەردە ئىشلەپ ئۆز خىراجىتىمنى بولسىمۇ كۆتۈرەي دېدىم . ئوقۇش پۇلۇمغا ئۆيدىكىلەر ئاران چىقىش قىلالايدۇ . بىلىسەن ، ھازىر گۈلسۈم يوق . ئۇ يۇرتىغا قايتتى . ئۆيىنىڭ ئېتىز-ئېرىق، ئۆي ئىشلىرىغا قاراشمىسا بولمايدىكەن . ئۆزۈم يالغۇزمەن . ئەگەر سەن ‹‹ھە››لا دېسەڭ، چۈشتىن كېيىن ئۇ يەردىكى بالىلار كېلىپ، يۈك –تاقىلىرىمىزنى ئاپىرىپ جايلاشتۇرۇپ بەرمەكچى. بىراق سېنىڭ ئۆيۈڭدىكىلەر ئۇ يەردە ئىشلىشىڭگە ئۇنىماسمىكىن. . . مېنىڭچە ئىككىمىز بولغان بولساق، ئۆيۈمدىكىلەرمۇ خاتىرجەم بولاتتى. مەنمۇ. . . )V>zXy}Y  
ئالدىمدا پات كەلگۈسى توغرىلىق مەسلىھەت قىلىۋاتقان ئاق سېرىق، دىغماققىنە كەلگەن بۇ قىز مېنىڭ بىر يۇرتلۇق قوشنام، ئالىي مەكتەپكە بىللە كەلگەن ساۋاقدىشىم بەھرىنىسا ئىدى. ئۇ تۇرمۇشتا ئاددىي ساددا، ئۆگىنىشتە تىرىشچان، ئۆيىدە ئاتا–ئانىسىغا ۋاپادار قىز ئىدى. %e0X-tXcmX  
مەن ئاخىرى ئاتا–ئانامنى قايىل قىلىپ رېستۇراندا مۇلازىمەتچى بولىدىغان ۋاقىتلىق ئىش تاپقان بولدۇم. vO&X<5?Qc  
ئويلاپ باقسام مۇشۇ يېشىمغا كەلگۈچە، ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ 10 كوي پۇل تېپىپ باقماپتىمەن. bp}97ZQ  
مېنىڭ بىردىنبىر ئويلىغىنىم پۇل تېپىش ياكى بەھرىنىسانىڭ سۆزىنى رەت قىلالماسلىق ئەمەس ئىدى. پىيالىدىكى قىل چاغلىق داغنى دەپ نەچچە يۈگرىتىدىغان ئاشۇ ناتىۋان مۇلازىم قىزلارنىڭ ئورنىدا بىر كۈن بولسىمۇ ئىشلەپ، پۇل تېپىشنىڭ تەمىنى تېتىپ باقماقچى، ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشىنىپ باقماقچى بولدۇم. ئاپام دائىم دەيدىغان ئۆيدىن ئايرىلىپ، قورساق بېقىشنىڭ جاپاسىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدۇم. پارنېكتا ئۆستۈرۈلگەن گۈلگە ئوخشاش مەندەك بىر قىز ئۈچۈن رېستۇراندا كۈندۈزى پول سۈرتۈپ، قاچا –قۇمۇچ يۇيۇپ، ئاخشىمى مېھمانلار تارقاپ بولغۇچە، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا سائەتلەپ ئۆرە تۇرۇپ چاي قۇيۇپ، تاماق توشۇپ مۇلازىمەت قىلماق مەن ئۈچۈن خېلى مۈشكۈل. چۈنكى مەن ئۆيدە بىرەر قېتىممۇ ئوڭلاپ چاي دەملەپ، ئاپام –دادامغا ئۆز قولۇم بىلەن چاي قۇيغىنىمنى بىلمەيمەن. مەن مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزۈمنى سىناپ باقماقچى بولدۇم. بىراق مېنىڭ باشقىچە ئىش يوللىرىنىمۇ تاللىماي، ئاتايىن مۇشۇ ئىشنى تاللىشىم، ئۆزۈمگە ناھايىتى چۈشىنىشلىك. بۇ يولدا ۋاقىتلىق ئازغىنە جاپا –مۇشەققەت ئارقىلىق ئۆزۈمدىكى بەزىبىر بوشاڭلىق، تەييارتاپ ئىللەتلەرنى، سەبرى –تاقەت، چىدام–غەيرەت بىلەن يۇيۇش ئىدى. بەھرىنىسا بىلەن گۈلسۈم ئىشلىسە بولىدىكەنۇ، مەن ئىشلىسەم نېمىشقا بولمايدىكەن؟ ئۇلارمۇ ھېسابتا ئاتا–ئانىسىنىڭ ئارزۇلۇق قىزلىرىغۇ؟ بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان قىزلار تېخىمۇ شۇ. مەيلى قايسىلا ئىش بولسۇن، ھەق–ھالاللاپ پۇل تېپىش قانچە كۆڭۈللۈك ھەم خاتىرجەم –ھە، قارىماققا ئادەمنى تۆۋەن كۆرسىتىدىغان ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، مۇشۇ رېستۇرانغا كىلىپ ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان ھېلىقى ئېسىلزادە سۈپەت، بەزىبىر يولنىڭ تېشىدا ئويناپ يۈرگەن قىزلاردىن ئۆلۈكى ئارتۇق. مەن ئاشۇ مەكتەپنى تۈزۈك ئوقۇيالمىغان، ئامالسىزلىقتىن مۇشۇ يولنى تاللىغان ناتىۋان قىزلارغا، كۈتكۈچىلىكنى لەببەي دەپ قىلىدىغان بىغۇبار قىزلارغا، ھالال مېھنىتى بىلەن ئازغىنا بولسىمۇ، بارغا شۈكرى قىلىپ ئۆتۈۋاتقان مۇلازىمەتچى قىزلارغا ئىچىمدە ھېسداشلىق قىلىمەن. ئۇلارمۇ ھامان بىر كۈنى ياخشى كۈن كۆرىدۇ. چۈنكى ‹‹بىر خار، بىر ئەزىز ››دېگەن گەپ بار. . . 1@ &J"*  
بۇ يولنى ئۆزۈم توغرا تاپتىم. قىلىۋاتقانلىرىم توغرا دەپ ئويلىدىم. شۇ سەۋەبتىن تاسلا قالدىم، يىگىتىمدىن ئايرىلىپ قالغىلى. مەن ئۇنىڭدىن كۆپ تالاش–تارتىشتىن كېيىن ئايرىلىپ كېتىشكە رازى بولدۇمكى، ئۇنىڭ مېنىڭ قارارىمغا قارشى چىقىشىغا، ‹‹رېستۇراندا چايچىلىق قىلىشتىن نومۇس قىلمايدىكەنسەن. پۇلۇڭ كەممىدى؟ مەن بېرەي. . . ›› دەپ چىچاڭشىشلىرىغا، غوۋغا كۆتۈرۈشىگە، ھەتتا مېنى تاشلاپ كەتمەكچى بولۇپ، قوقاق سېلىشلىرىغىمۇ پەرۋا قىلمىدىم. قانداق، مېنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى رېستۇراندا مۇلازىم بولۇش ئىرادەم كۈچلۈكمىكەن؟ . . . Lb<IEy77\  
مەن بۇ يەرگە ئازغىنە پۇلنى دەپ كەلمىدىم. ياكى ئاتا–ئانامنىڭ مەن بىلەن كارى يوق، بېشىم قىيىپ كەلمىدىم، ۋە ياكى بۇ يەردە ناخشا ئېيتىدىغان قانداقتۇر تېلېۋىزوردا چىقىدىغان ناخشىچى يىگىتلەرگە يوشۇرۇن سەۋدايى بولۇپ، جامالىنى كۆرگىلى كەلمىدىم. دوستۇم بەھرىنىسانىڭ تەلىپىگە ياق دېيەلمەي كەلگىنىممۇ يوق. قىسقىسى ماڭا ھېچنىمە كەم ئەمەس. مەن بۇ يەرگە ئازراق تۇرمۇش ئۆگەنگىلى كەلدىم. شۇڭا سېنىڭ توغرا چۈشىنىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ پەقەت ۋاقىتلىق ئىشلار. مېنىڭ ئويلىغىنىم بار. توغرا چۈشەنگىن. –دېدىم مەن ئاخىرقى بىر يۇتۇم قەھۋەنى ئىچىپ بولۇپ، – باشقا گەپ بولمىسا، مېنى ئاپىرىپ قوي . بولمىسا ئۆزۈم كېتىۋېرىمەن.  4q7H  
–نېمە دەۋاتىسەن سابا، كاللاڭدىن كېتىپ قالمىغانسەن؟ ! مەن ساڭا بەكلا ھەيران، قانداقلارچە بىر ھەپتىدىلا مۇنداق ئۆزگىرىپ كەتتىڭ؟ رېستۇراننىڭ خوجايىنى بىلەن چىقىشىپ قالغان ئوخشىمامسەن؟ %saP>]o  
–تۈزۈك گەپ قىل. مەن تېخى رېستۇراننىڭ خوجايىنىنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرۈپ باقمىدىم. ~MC 5rOA  
–ئەمىسە نېمىشقا مۇنداق قىلىسەن؟ زادى نىمىشقا؟ ئەجەبا چايچىلىق قىلىپ، تەخسە توشۇپ، باشقىلارنىڭ چاي پۇلىغا خۇشتار بولۇپ قالدىڭمۇ –يە، توۋا، نېمەڭ كەم؟ ئۆزۈڭگە لايىق گەپ قىلساڭچۇ؟ ئاشۇ يەردە ئىشلەۋاتقان قارا تۈرك قىزلارنىڭ ئۆزى خالاپ ئىشلىگۈسى بار دەمسەن؟ بىزنىڭ ئاتا–ئانىلىرىمىز ئاشۇلاردەك قارا تۈرك بولۇپ، كىشىنىڭ قولىغا قاراپ قالمىسۇن دەپ، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇۋاتىدۇ. خەق شارائىتنىڭ ياخشىسىنى ئىزلەپ يۈرسە، سەن ناچىرىنى تاللاپ ئېزىپ قالدىڭمۇ؟ Rs S:I6L  
–مەن ھەممىنى بىلىمەن. sb3z8:r  
–بىلىسەن! ھەممىنى بىلىسەن بىلىپ تۇرۇپ، مېنى شۇ تاپ ھارام قىلىپ قويۇۋاتىسەن! بۇنى بىلەمسەن؟ سەن ئۇ ئىشلارنى ئاددىي چاغلىما سابا، كۆرۈپ تۇر، ئەتىلا ماڭقاڭنى ئېقىتىپ كەلمىگىنىڭنى بىر كۆرەي. يۈرە، مەن سېنى ئارزۇلىغان ماكانىڭغا يەتكۈزۈپ قوياي. >R6mI  
شامىل مېنىڭ قولۇمدىن تارتقىنىچە ئېلىپ ماڭدى. رېستۇراننىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئۇ تاكسىدىنمۇ چۈشمەستىن كېتىپ قالدى. مەن ئۇنىڭغا قارىدىم. ئۇنىڭ قاپاقلىرى تۈرۈلگەنىدى. ھەقىچان مۇشلىرىمۇ تۈگۈلۈپ كەتكەندۇ. بوپتۇ، مەيلى. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئاچچىقى يېنىپمۇ قالار. .E+O,@?<  
قىزلارنىڭ ياتىقى رېستۇراننىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئىشكتىن ئايلىنىپ كارىدورنى بويلاپ ماڭغاندا ئارقا ئىشكتىن كىرگىلى بولىدىغان ئۇزۇن زالنىڭ بېقىنىدىكى قاتار چوڭ ئۆيلەردە ئىدى، بىر ياتاقتا ئون نەچچە كىشىلىك كارىۋات بار ئىدى. بەھرىنىسا ئىككىمىز كىرگەندە بىزگە پەقەت قالغىنى ئىشىكنىڭ يېنىدىكى لىڭشىپ قالغان ئىككى قەۋەتلىك كونا سىم كارىۋات ئىدى. بەھرىنىسا مېنى ئېلىپ كەلگەن كۈنى بۇ يەردە چالا-بۇلا تونۇشۇپ قالغان ئىككى بالىنى چاقىرىتىپ مەكتەپتىن يوتقان –كۆرپەمنى كۆتەرگۈزۈپ ئەكەلدۈرۈپ بەرگەنىدى. بىز ياتاقنىڭ ئىشىكىدىن كىرگىنىمىزدە بىر نەچچە قىزلار كارىۋىتىدا ياتقاچ پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى. بىر نەچچىسى كىر يۇيۇۋاتاتتى. مەن بۇ يېڭى چىرايلارغا ‹‹ياخشىمۇسىلەر ›› دەپ بوشقىنا سالام بېرىپ سۇس كۈلۈمسىرىدىم. ئۇلارنىڭ ھېچقايسسى ماڭا سالام قايتۇرمىدى. ئۇلار بەھرىنىسا ئىككىمىزنىڭ قولىدىكى ۋە ئىككى بالا كۆتۈرۈپ كارىۋاتقا تاشلىغان ئورۇن-كۆرپىگە سوغۇق قاراپ قويدى ۋە بېشىمىزدىن تاپىنىمىزغىچە بىر قۇر قارىدى. تەنلىرىم شۇررىدە قىلغاندەك قىلدى. ئۆمرۈمدە ئەنە شۇنداق نەزەردە قارىغان كىشى بىلەن خوشۇم يوق ئىدى. ئەمما ئامال قانچە؟ كۆنمەك لازىم. ھەممەيلەن بىر–بىرىمىزگە ناتونۇش ئەمەسمۇ؟ xr@;w8X`^  
-سىلەر مۇشۇ كارىۋاتتا ياتساڭلار بولىدۇ، باشقا كارىۋاتمۇ قالماپتۇ، ھەي ئاۋۇ يەردە بىر ئورۇن باركەنغۇ. سىز بولمىسا شۇ يەردە يېتىڭ. –دېدى بالىلارنىڭ بىرى. cT@|$A  
–بۇ يەردە ئادەم بار، بىر ئىككى كۈندىن كېلىدۇ، –دېدى بىر قىز بېشىنىمۇ كۆتۈرمەستىن. 1pG|jT+Bi  
–بولدى مەن مۇشۇ يەردە يېتىۋېرەي. @6+_0^  
–سەن بولمىسا، بۇ يەردە يات، مەن سېنىڭ ئۈستۈڭدىكى كارىۋاتتا ياتاي –دېدى بەھرىنىسا. |.yS~XFJS  
–بولدى يېتىۋېرەي، –مەن يەنىلا ئۈستىدىكى كارىۋاتتا يېتىشنى ئۆزۈمگە ئوڭ كۆردۈم. lfCr `[!E  
رېستۇراننىڭ ئىشى بولۇپمۇ مۇلازىم قىزلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن ئاشۇ ئۇششاق –چۈششەك، يۈگۈر–يېتىم ئىشلار كۆزگە چېلىقمىغاندەك قىلغىنى بىلەن ھەقىقەتەن جاپاسى بار ئىش ئىدى. (مەن تۇرغان رېستۇران) مۇلازىم قىز–ئوغۇللار ئەتىگەن سائەت سەككىز بىلەن رېستۇران سەھنە زالىغا يىغىلىپ ئىككى قاتار بولۇپ، تىزىلىپ تەق بولۇپ تۇراتتى. ۋاقتىدا چىقمىغانلارنىڭ مائاشى 10 يۈەن تۇتۇلۇپ قالاتتى. رېستۇران خوجايىنى كۈندىلىك ئىشنى تاپشۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كېتەتتى. تولا ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئورنىدا ئىش تاپشۇرىدىغان يەنە بىر غوجىدار بولاتتى. ھەربىر مۇلازىم قىز ئۆزىگە بۆلۈپ بېرىلگەن 4–5كىچە ئون كىشىلىك ئۈستەلنىڭ سۇلياۋ ياپقۇچىنى قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن بىرەر تال بۇغداي دېنىچىلىك داغ قالدۇرماستىن پاكىزە يۇيۇشى كېرەك. ئاندىن ئۆزىگە بېرىلگەن ئۈستەلنىڭ ئاستىنى پارقىراپ كەتكۈچە سۈرتۈشى كېرەك. ئاندىن قاچا–قۇچىلارنىڭ پاك–پاكىزە يۇيۇپ، ئۈستەلگە تىزىپ، بۈگۈن كەچكى مېھماننىڭ تەييارلىقىنى پۈتتۈرۈش كېرەك. بۇ ئىشلارنى قىلىش بىلەن بىردەمدە چۈش بولاتتى. چۈشتە گۆشسىز ئاددىي، سۇيۇق –سەلەڭ تاماقلار ئۆلچەملىك قاچىلاردا نورمىلىق بېرىلەتتى. تاماقنى يەپ بولۇپلا يەنە ئىشقا چۈشۈپ كېتەتتۇق. پالانى ئايرىمخانىدىكىلەرنىڭ چېيىنى تەييارلاش، يېتىشەلمىگەن ئاشپەزلەرنىڭ سەي –كۆكتاتلىرىنى تازىلاش. ھېلى ئىستاكاندىن بىرنى، ھېلى كۈلداندىن بىرنى. چاي تۈگەپ كەتتى. ئاپلا، يەنە بىر ئايرىمخانىغا يېڭى مېھمان كەپتۇ. . . . مانا مۇشۇنداق ئالدىراش ئىشلار بىلەن سائەتمۇ بىردەمدىلا بەش بولاتتى. كەچلىك تاماقنىڭ ۋاقتى جىددىي بولۇپ، يېيىشكە ۋاقىت يا چىقاتتى يا چىقمايتتى. چۈنكى كەچتە بىر توي، بىر مەسلىھەت چاي، بىر قاتار چاي، تۇغۇلغان كۈن، قاتارلىقلارنىڭ نەچچە تۈرلۈك ئۈستىلىنى تەييارلاشلا، يەنە بىزدەك مۇلازىم قىزلار چوقۇم ياردەملىششى كېرەك. سىلەر بەلكىم ئاشۇ چاي قۇيۇۋاتقان قىزلارنى، چاي قۇيۇشقىلا مەسئۇل دەپ قېلىشىڭلار مۇمكىن. ئۇلار سىلەرگە ئىللىق كۈلۈمسىرەپ چاي قۇيۇۋاتقاندا ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ قانچىلىك چارچاپ كەتكەنلىكىنى چاندۇرماي، كۈلۈپ تۇرۇپ پالاقلاپ يۈرگىنىنىڭ سىرىنى ھېس قىلالامسىلەر؟ رېستۇراندا مۇزىكا ئاخىرلىشىپ، مېھمانلار تارقاپ بولغۇچىلىك بىر مىنۇتمۇ ئولتۇرۇپ قېلىشقا بولمايدۇ ، خوجايىن كۆرۈپ قالسا، چوقۇم مائاشتىن 10 يۈەن تۇتۇپ قېلىنىدۇ. بۇندىن سىرت تېخى تەنقىد ئاڭلايسىز . خېرىدارلار خوجايىنىڭىزغا بىرگەپ قىلىپ قويدىمۇ، بولدى، سىز يا قوغلىنىسىز يا تۈزۈك ئىشلەيدىغان بولىسىز. خوجايىن كۆرمىگەندىمۇ، كۆز –قۇلاقلار تەييار بولۇپ، ئۆزىنىڭ قاچانلاردا ئولتۇرۇپ قالغىنىڭىزنى ئېسىڭىزگە ئالالمىسىڭىز، يادىڭىزغا سېلىپ قويىدىغانلار چىقىدۇ. كەلگەن خېرىدار مېھمانلار بىردەم چىش كولىغۇچ دەۋاتقان، بىردەم چوكا–پىيالە دەۋاتقان، ئۇلار سىزگە كەلسە –كەلمەس ۋارقىرىسىمۇ، لاۋزا چاقچاقلارنىڭ قىلسىمۇ سىز چوقۇم گەپ ياندۇرماي، سەبرى قىلىشىڭىز، مۇلايىم تەرۇزدە دېگىنىنى ئەكېلىپ بېرىشىڭىز شەرت. ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇلار شۇ ھامان خوجايىنىڭىزنى چاقىرىپ، سىزنىڭ كۈدە–كۆرپىڭىزنى يۈدىتىپ يولىڭىزغا سېلىپ قويۇشقا قادىر. بۇ مۇشۇنداق زور چىدام–غەيرەت بىلەن ئاز پۇل تاپىدىغان يەر، قانداق قىلالايتتىڭىز؟ خالىسىىڭىز ئىشلەڭ، خالىمىسىڭىز ئىشىك ئەنە. بىڭسىڭىز بولسا، سىزمۇ پۇلىڭىزغا رېستۇران ئېچىپ، ئادەم ياللاڭ، ئىشلىتىڭ> دېيىشى ھازىرلا بەزىلەرنىڭ. بۇ شەھەرگە يېزا سەھرالاردىن كېلىپ، ئاشۇ ئازغىنا 300كوي پۇل بىلەن جان بېقىش كويىغا چۈشكەن ساۋاتسىز، يېرىم ساۋاتلىق دېھقان بالىلىرى ئاز ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئىچىدە چىقىش يولى تاپالمايۋاتقانلار، ئۆزىدىن ئېشىنالمايۋاتقانلار تالاي. lDKyD`WKnZ  
مەن بۇ يەردە بەھرىنىسا بىلەن ھارغىنىمنى بىلمەي كۆڭۈللۈك ئىشلەۋاتقىنىمغا 4–5كۈنچە بولدى . شامىل ھېلىمۇ ياخشى تەلىيىمگە پىراكتىكا قىلىمەن دەپ ئىچكىرىگە كەتتى. بولمىغاندا، بۇ يەرگە كېلىپ بېشىمغا بەسەي تېرىغان بولاتتى. L>g69D !  
بۈگۈنمۇ ئادىتىم بويىچە مېھمانلار تارقاپ، قاچا –قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇپ، ئۈستەللەرنى سۈرتتۈم. بەھرىنىسا ئىككىمىز قايسىمىز بالدۇر ئىش تۈگەتسەك، شۇ كېلىپ بىر–بىرىمىزگە ياردەملىشەتتۇق. بۇلارنى تۈگىتىشكە سائەت بەزىدە 12دىنمۇ ئېشىپ بولاتتى. /=AFle2(  
يۈز –كۆزلىرىمنى يۇياي دەپ تازىلىق ئۆيىگە كىرسەم قىزلار جۈمەكنى تالىشىپ دېگۈدەك يۈزلىرىنى يۇيۇۋېتىپتۇ . مەن ئۇلارنىڭ كەينىدە ئۆچىرەت ساقلاپ تۇردۇم. خېلى بىر ۋاقىتتىن كېيىن نۆۋىتىم كېلىپ، يۈزۈمنى يۇيۇشقا تەمشەلدىم، جۈمەكنىڭ يېنىدا يېرىم قۇتا ئىچىملىك سۇ ئاغزى ئوچۇق تۇراتتى. ھارغىنچىلىقىمدا مەن ئۇنى سۇ دەپ ئويلاپ، تۆكۈۋېتىپ ئۇنىڭغا سۇ قۇيۇپ پۇتۇمنى يۇيماقچى بولدۇم ھەمدە شۇنداق قىلدىم. دەرۋەقە ئۇ سۇ ئىدى. سۇنى تۆكۈپ تۇرۇشۇمغىلا پاكار، قاپقارا كەلگەن، ياغلىقىنى بېشىغا چىڭ چىگىۋالغان بىر قىز يېنىمدا پەيدا بولۇپ : 3]lq#p:  
–يېرىم قۇتا قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى قاراپ تۇرۇپ تۆكۈۋەتتىڭىزغۇ؟ ئۇنى شۇنداق ئىسراپ قىلسىڭىز بولامدا؟–دەپلا مېنى سوراق تارتىپ تەمتىرىتىپلا قويدى. 4ME$Z>eN  
–ئۇنداق ئەمەستۇ، –مەن شۇنداق دېگەنچە بوتۇلكىنىڭ تېگىنى چايقاپ كۆردۇم. ‹‹ئۇھ، خۇداغا شۈكرى، ھېلىمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكىسى سۇ ئىكەن. بولمىغاندا. . . . ›› بۇنىڭ ئىچىدىكىسى سۇ ئىكەن، مانا قاراڭ، دېدىم مەن ئۇ قىزغا بۇتۇلكىنى كۆرسىتىپ. q27q/q8  
–ئۇنداق ئەمەس، –دەپ بىر چىرقىرىدى ئۇ قىز ئەلپازىنى بۇزۇپ، –مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. بۇ قىز قاراپ تۇرۇپلا بىر قۇتا قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى تۆكۈۋەتتى. قاراڭلار، بۇ قانجۇق تېخى ماڭا ۋارقىراۋاتىدۇ. FJ!`[.t1AU  
ئۇ شۇنداق دېيىشىگىلا ھاجەتتىن چىققان بىر نەچچە قىز ۋە كىرىپ كېلىۋاتقان، ئەتراپتىكىلەر قوشۇلۇپ بىر مۇنچىسى بىز تەرەپكە يوپۇرۇلۇپ كەلدى. ئۇ قىز ئەتراپىدىكى قىزلارغا مېنى كۆرسىتىپ، ئاۋازىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تىرىشاتتى : 4Y3@^8h&=  
–قاراڭلاربۇ جالاپنىڭ ئۆكتەملىكىنى. m*jE\+)=^  
مەن ئۇ قىزنىڭ چىرايىغا قاراپ، ئاغزىدىن چىقىۋاتقان ئەسەبىي سۆزلەردىن ھەيرانلىقىمنى باسالماي داڭ قېتىپ قېلىۋاتاتتىم. قىپقىزىل تۆھمەت! قۇرۇق سۆز، قۇرۇق تۆھمەت دېگەن دەل مۇشۇغۇ؟ نېمە كۇپۇرلۇق ئۆتكەن بولغىيتتى مېنىڭدىن؟ ! قايسى گۇناھىمغا بۇنداق قۇرۇق سۆزگە قالىمەن؟ ! . . . B:UPSX)A  
ئالدىمدا ئۇ قىزغا بولۇشۇپ، ماڭا دىۋىنىپ كېلىۋاتقان، بىر نەچچە قىزنى كۆرگەندىلا ئاندىن ئېسىمنى يىغدىم : \nuz l  
–بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟ مەن نەدە سىزگە ۋارقىراپ گەپ قىلدىم؟ بۇنىڭ ئىچىدىكىسى ئوپئوچۇق سۇ تۇرمامدۇ مانا، ئىشەنمىسىڭىز، ئۆزىڭىز قاراپ بېقىڭ مانا، مەنمۇ پۇلغا سېتىۋالغان مازغاپنى قاراپ تۇرۇپ تۆكۈۋەتمەسمەن؟ HOH5_E>d  
–ۋۇييي، تۈنۈگۈن كېلىپلا، ماۋۇ مايماقنىڭ بۈگۈن ئەجەب گېپى يوغانغۇ؟ ! بۇ يەردىكى ئوغۇللار ھەر قايسىڭنىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ قويغان ئوخشىمامدۇ؟ قوڭاڭنى قىسىپ مەكتىپىڭدە ئولتۇرماي، بۇ يەرگە كېلىپ بىزگە شىلتىڭ ئاتقۇدەك بولدۇڭما؟ ! . . . ھۇ پەسلەر! \8\T TkVSq  
–ماۋۇلار نېمە دەيدىغاندۇ –ئەمدى، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئاق ئىت كىرىپ، كۆك ئىت چىقىۋاتاتتى. كاللامدا بولسا بۇ مەسىلىنىڭ توغرا ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپالمايۋاتاتتىم. ھەيرانلىقىم گادىرماش خىياللار بىلەن مېڭەمنى بىر توپ چىگىش يىپ ئورۇۋالغانىدى. HGh)d` 8  
–خاپا بولماڭ، گېپىمنى ئاڭلاڭ، –مەن ئۆزۈمنى ناھايىتى زورىغا باستىم. ئۇقۇشماسلىق بولۇپ قالمىسۇن. بۇ بۇتۇلكىدىكى ھەقىقەتەن سۇ ئىكەن، سىز ئويلغاندەك قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئەمەسكەن. }W!w  
–قىلىدىغىنىنى قىلىپ قويۇپ يەنە تېخى خاپا بولماڭ دەپ كېتىشىنى تېخى. بۇ يەر سېنىڭ ئىسراپچىلىق قىلىدىغان ئۆيۈڭ ئەمەس، بىلىپ قوي، پەسەندى! cp~6\F;c  
‹‹ما ئۆكتەملىكنى كۆرمەمدىغان، ئۇلار مۇشۇنداق گەپلەرنى قىلىۋاتقان يەردە مەن يەنە نېمە دېيىشىم كېرەك؟ مەن شۇ تاپ ئۆزۈمنى خۇددى ئاياللار تۈرمىسىگە يېڭىلا كىرىپ، ئۇۋالچىلىققا ئۇچراپ، ‹‹قائىدە ئۆگىنىۋاتقان ››ئايال مەھبۇستەك بىچارە ھەم يالغۇز سەزدىم. شۇ ئارىلىقتا تۇيۇقسىزلا يەردىن ئۈنگەندەكلا بىر يىگىت ئەلپازىنى بۇزۇپ، ئالدىمغا ئېتىلىپ كەلدى : DoO;VF  
–قېنى؟ ! قايسسى شۇ؟ ھە نېمە دەيسەن؟ ئىگىسى يوق دەپ قالغان ئوخشىمامسەن بۇلارنى؟ گېپىڭ بولسا، ئەمدى ماڭا قىلە؟ K%/\XnCY  
‹‹ئاھ خۇدا، ئۆزۈڭ ماڭا ھەمراھ. بەدەنلىرىمگە تىترەك ئولىشىپ، ۋۇجۇدۇم شۈركىنىپ كەتتى. ئۆزۈمنى يىغلىۋىتىشتىن ئاران تۇتۇپ تۇراتتىم. +8 \?7,FY  
بىردەمدىلا ئەتراپتا ئادەم كۆپىيىپ كەتتى. ئەمما، شۇنچە جىق قىزلارنىڭ ئىچىدىن بىرەرسى ئارا تۇرۇپ ‹‹بولدى سوقۇشماڭلار، خاپا بولۇشماڭلار. . . دېگۈدەكمۇ ئادەم چىقمىدى. توۋا، مەن نېمىنى خاتا قىلدىم؟ زادى نېمىنى؟ UA6C/  
مەن شۇ تاپ ئاران –ئاران ئۆرە تۇرۇۋاتاتتىم. ,-k?"|tQ  
–بولدى قىل ئاغىنە، قىزلار بىلەن تەڭ تۇرامسەن؟ ئۇلار ئۆزلىرى دېيىشىۋالىدىغان گەپلەرگە سەن ئارىلىشىپ نېمە قىلىسەن؟ ماڭ يۈرە، –شۇ يەردە ئىشلەيدىغان بىر نەچچەيلەن ھېلىقى يىگىتنى تارتقۇشلاپ ئېلىپ كەتتى. [h' 22 W  
–ئاداش يۈرە كىرىپ كېتىمىز. بۇلارنىڭ گېپىگە پەرۋا قىلما، –دېدى. بەھرىنىسا ئىسسىق قولىنى مۈرەمگە قويۇشى بىلەنلا پاڭڭىدە ئېتىلىپ كەتتىم. يۈگرىگىنىمچە بېرىپ، رېستۇراننىڭ ئارقا ئىشىكى تەرىپىدىكى جىمجىت بالكونغا بېرىپ تازا يىغلىدىم. بەھرىنىسا ھەدەپ يېىنىمدا تەسەللىي بېرەتتى. Lp}V 94xT  
–ئاداش، مېنى كەچۈرگىن، مەن سېنى بۇ يەرگە باشلاپ كەلمىگەن بولسام بۇ ئىشلارمۇ يۈز بەرمەيتتى، مەن بايا سىرتقا تازىلىق قەغىزى ئەكىرىۋالاي دەپ چىقىپ كېتىپتىمەن. بۇنى بىلگەن بولسام سېنى يالغۇز قويمىغان بولاتتىم . مەن تېخى بايىلا كىرىپ كېلىۋىتىپ بۇ يەردىكى قىزدىن بەزى ئىشلارنى ئاڭلىدىم، بۇ يەردىكى تولا قىزلار ئىككىمىزنى ياقتۇرمايدىكەن. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، بىز مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندىن كېيىن، مەكتىپىمىزدە مومىمىزنى يەپ ئولتۇرۇشىمىز، بۇ يەرلەردە ئارتۇق چېپىلىپ يۈرمەسلىكىمىز كېرەككەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەردىكى ئوغۇل بالىلارنىڭ ھەممىسنىڭ دېگۈدەك ئېغىزىدا ئىككىمىز بولغاچقا، ئۇلار بىزگە ئۆچمەنلىكى باركەن. تېخى بىر نەچچىسى، بىزنى بىر كۈنى ئامال قىلىپ بۇ يەردىن يوقىتىشنىڭ ئامالىنى قىلىۋېتىپتۇدەك. . . مەن كىرىپلا بولغان ئىشلاردىن ھەممىنى بىلدىم. ئەمدى بولدى قىل، يىغلاۋەرمىگىن، مەنمۇ بىئارام بولۇۋاتىمەن. مېنى خىجىل قىلما بولامدۇ ، سابا؟ ^b$G.h{o!E  
مەن ياشلىرىمنى سۈرتۈپ ياتاققا قايتتىم. ‹‹ئەتە نېمىلا بولمىسۇن، بۇ يەردىن ئايرىلىشنى كۆڭلۈمگە پۈكتۈم . بۇ مېنىڭ رېئاللىققا تەن بەرگىنىم ئەمەس ئەلۋەتتە. شامىل، سەنمۇ مېنى كەچۈرگىن. بۇ ماڭا بىر قېتىملىق دەرس بولدى. 4$N,|bt  
كېچە. ئۈرۈمچى ئاسمىنىدا مايلىق تاۋاقتەك تولۇن ئاي ئېسىلىپ تۇراتتى. مەن ئۇيقۇلىرىمنى نەگىدۇر قوغلاپ تېگى يوق خىياللارغا تەپەككۇر كېمەمنى سالاتتىم. ئۆزۈمنىڭ تېخى بايىلا ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغىنىمنى ئويلاپ نېمىلەرگىدۇر كۆڭلۈم غەش بولدى. ياق، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئىشلار مېنى بىئارام قىلماقتا. . . مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغىنىمنى ئەمەس، بەلكى ئارىمىزدا يىلتىز تارتىۋاتقان قانداقتۇر شۇمبۇيىنىڭ يىرىڭلىق تىكىنىنى بايقىغاندەك بولدۇم. بوۋام مەھمۇد قەشقەرى ئېيتقاندەك ‹‹بىز ئەسلىي تۈركنىڭ ئەۋلاد –ئۇرۇقلىرى ئىدۇق ››ھېسابتا بىز قان-قېرىنداشلاردىن ئىدۇق. بىر تۇققان ئىدۇق. ئەمما ئادەم ئاتىدىن قالغان بۇ لەنىتى شەيتان ھەسەت قابىلنى ھابىلغا دۈشمەن كۆرسەتكەندەك بىزلەرنىمۇ ئاياپ ئولتۇرمىدى. ئۇدۇم قالدى. ئەنە شۇ ھەسەت، ئەنە شۇ تۆھمەتلەر بىزگە خۇسۇسەن شەخىسيەتچىلىكنى، نەپسانىيەتچىلىكنى بىزگە چىرايلىق كۆرسەتتى. بىز پۇشكىننىڭ ھېكايىسىدىكى بېلىقچى بوۋاينىڭ مومىيىدەك، نەپسانىيەتچىلىكىمىزنى چېكىگە يەتكۈزدۇق، ئۇنىڭ ئاقىۋىتى ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ ھەممىسىگە ئايان. مەن يىراقلارغا تىكىلدىم. ئەمما كېچە قاراڭغۇسى تولىمۇ قاراڭغۇ تۇتۇق ئىدى. مەن ئەتە يوپيورۇق سەھەرنى كۈتۈۋېلىشىم كېرەك، بالدۇر ياتاي. pBBKfv  
=c#mR" 1  
مەنبەسى-ئۆز ئىجادىيىتىم،
[ تېما xatay تەرپىدىن 2011-12-23 19:21 دە قايتا تەھ ]

ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

精彩

感动

搞笑

开心

愤怒

无聊

灌水
ئۆزىنىڭ تارىخىنى بىلمىگەن مىللەت-باشقىلار ئالدىدا مەڭگۈ قۇل مىللەت.
kawkaz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7609

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   33 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2720 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   265 (قېتم)
 تۆھپە:   265  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 515
 سائەت
دەرىجىسى:
515 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-18
ئاخــىرقىسى:2012-03-06
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-18
مېنى ياشىغىلى قوي ئويغۇرۇم2-قىسىم

2.قېسىم
GYq.!d@O  
M@=eWZ<  
كۈز كەلدى . كەچكۈزنىڭ ئىزغىرىن شاماللىرى كىشىگە شۇنچە ئارامبەخىش ۋە ھوزۇر .ئەمما ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق باغرى تاشلىقى بار . ئۇ باھار ئېلىپ كەلگەن گۈزەل يېشىللىقلارنى خازان قىلىدۇ ، ئاياغلىرىڭ تېگىدە دەپسەندە قىلىدۇ .بۇلارنى ئويلىغىمدا ،كەچكۈزدىن ھەم خۇرسەن بولىمەن ھەم ناخۇش بولىمەن . 9 J0JSy  
شامىلمۇ پىراكتىكىدىن كەلگىلى بىر نەچچە ئاي بولدى . .ھەممىمىز ئوقۇش غىمىدە ، ئىمتىھان قايغۇسىدا تېپىرلىماقتىمىز . شۇڭلاشقىمىكىن ،ئۆزۈمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاسلا قاپتىمەن . ياتاقتىكىلەر تورت ئېلىپ كىرمىگەن بولسا ،يادىمغىمۇ كەلمەس ئىكەن . pW>?%ft.  
ياتاققا چۈشتە كىرىشمگىلا تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ياڭرىدى : O~1vX9  
تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك ! تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك .22يېشىڭغا مۇبارەك .ئاناڭنىڭ تۇغقىنىغا مۇبارەك ! l".LtUf-  
يائاللا ،ماۋۇلارنىڭ ئۆزگىچە ناخشا تېكىستلىرىدىن ئۆرگىلەي . رەھمەت ، ھەشقاللا ! ھەممىڭلارغا ئۆرە تۇرۇپ ، ئېگىلىپ بىر سالام . xElHYh(\  
مەن خۇشاللىقىمدىن ئالدىمغا كەلگىنىنى قۇچاغلاپ بىرنى‹‹‹ھاببا ››قىلىپ قويدۇم .بەكمۇ ئاۋارە بوپ كېتىپسىلەر ،ئەرزىمەيتتى . رەھمەت جۇمۇ ،ياتاقداش دىگەن مۇشۇنداق بولمامدۇ ؟ھى......ھى....مەن چاقچاق ئارىلاش ھەممەيلەنگە قارىدىم . 2tq~NA\#t  
تۈزۈت قىلما ،بۇ بىزنىڭ ئاز بولسىمۇ ساڭا قىلغان كۆڭلىمىز ، بەرىبىر ھەممىمىز ئېغىز تېگىمىز شۇنداقمۇ ؟ ھا...ھا... EmUA38  
بىز ئەنە شۇنداق كۈلكە –چاقچاقلار بىلەن تورتقا ئېغىز تىگىشتۇق . مەكتەپ ھاياتى نىمىدىگەن كۆڭۈللۈك –ھە ، ھەممە ئىشنى تەڭ كۆرگەن . ئۆيىمىزدىن نان–توقاچ ، يەل–يىمىش كەلسىمۇ ، ھەممىنى تەڭ سۈپۈرۋىتىمىز . ئەمما بىر–بىرىمىزگە غۇم ساقلاشمايمىز . tS2Orzc>,  
   dZ1/w0<M2  
مەن كەچقۇرۇن شامىلنى كەچلىك تاماقنى بىرگە يىيىشكە چاقىرتتىم . توۋا ، ھازىر زامان ئالماشتىمۇ قانداق ،بۇرۇنلاردا قىزلارنى يىگىتلەر ساقلايتتى .ھازىر يىگىتلەرنى قىزلار سائەتلەپ ساقلايدىغان بولدۇق دىسە .5تە چاقىرتسام ،7دە ئاران پايپاسلاپ كەلدى . z)Is:LhS  
–مەن سېنى بۈگۈن نىمىدەپ چاقىرتتىم بىلەمسەن ؟–دىدىم مەن ئۇنىڭ ئالدىراش تاماق يىيىشلىرىگە بىر قارىۋىتىپ . {g%F 3-  
كىم بىلىدۇ سېنى ،بۇرناكۈنلا كۆرۈشتۇق بولمىسا ،ئۇنتۇپ قالغان گېپىڭ بارمۇ–يە ؟ھى....ھى...دىدى ئۇ ئالدىدىكى لەغمەننى سوزۇپ –تارتىپ ماڭا ھىجىيىپ قاراپ قۇيۇپ . HFr#Ql>g  
-راست بىلمەمسەن ؟–دىدىم مەنمۇ يەر تېگىدىن ئۇنىڭغا مەيۈس قاراپ . h]6"~ m  
ئۇ قولىدىكى چوكىسىنى توختىتىپ ،ماڭا سىنچى كۆزى بىلەن قارىدى : 0gs0[@  
-بۇكو›› قالمىغانسىز سابا ؟ ئەگەر شۇنداق بولىدىغان بولسا ، ئوقۇشىڭىز پۈتمەيلا ، يېزىدا 500مو يەر بار ، ئاپىرىپ قويىمەن . يەر تېرىيسىز ! بىلدىڭىزما ؟ [HV>4,,3"  
-–بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم!–مەن ئازابلىنىپ قىيدىدىم. s C/5N  
-ئاپلا ، ۋاي شۇنداقمۇ ؟مەن ئەجەپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن دىسە ، خاپا بولما–ھە ،مەن ھېلى چىقىپ ساڭا سوۋغات ئېلىپ بېرەي ، نىمە ؟ گۈلما ؟ :2qUel\PEC  
-بولدى ! ئەمدى لازىمى يوق . مەن دىگەندىن كىيىن ئەھمىيىتى بولامدۇ ؟!قەستەن بىلمەس بولىۋالغانسەن تايىن . B_^ ~5_0:  
-توۋا دە ، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىستىرتاتسىيىسى يېزىۋاتىمىز ، ئاندىن كىيىن ئىلمى ماقالەممۇ پۈتمەي چاچلىرىم چۈشۈپ كېتىۋاتىدۇ .ئالدىراشلىقىمنى بىلىسەنغۇ ؟ Kn WjP21  
مەن ئۈندىمەي تامىقىمنى يىدىم . 1qR[& =/  
تاماقتىن كىيىن بىز سىرتقا چىقتۇق . ئۇ مېنىڭ قولۇمدىن تارتىپ ئۇنىمىغىنىمغا قويماي ،گۈلخانىغا باشلاپ كىردى . @ 435K'!  
   Y55Yo5<j/+  
-قاندىقىنى ياخشى كۆرىسەن ، تاللىغىنە بىر . خانقىز ، خاپا بولماي ماڭا تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسىغا گۈل تاللاپ بېرىڭە ،بۇ قىزغا ئاتاپ،– ئۇ شۇنداق دىگەچ قىزغا مېنى كۆرسەتتى . k3-'!dW<  
-ئۇنى خانقىز دىمەي ، خان دىگىن . شۇنداق دىسەڭ ، ئۇنىڭ جېنى چىقىپ كېتىدۇ .–دىدىم مەن شامىلنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ ھەييارلىق بىلەن . Ac0^`  
-قانداق دەيسەن ؟–دىدى شامىلمۇ ئاستاغىنا *bl*R';  
-قىزلارنى خان دەپ قويساڭ ،نېرۋىسىغا تىگىدۇ ، ھى......ھى bV)mO@N~w  
-ئەمدى بىلىۋالدىم ،ئەمدى سېنى شۇنداق دەي . چاقچاق ، ئۆلمە يەنە كۆزۈڭنى ئالايتىپ . w4:  
-–سەن ماڭا راست گۈل ئېلىپ بەرمەكچىما ؟ 4oY<O  
-ھەئە ،بۈگۈن ئېلىپ بەرمىسەم ،ماڭا كۈن يوق .بىلىمەن. 7rc6  
-ئەمىسە گۈلنىڭ ئورنىغا بۇنى ئېلىپ بەر ،–دىدىم مەن ئارمان قۇۋۋەت تالقىنىدىن ئىككى قاپنى ئېلىپ . P4M*vZq)  
[r_YQ*+ej  
-ۋاي بىزنىڭ سابا ، قاچاندىن بېرى ئارمان قۇۋۋەت تالقىنى ئىچىدىغان بولۇپ قالدى ئەمدى ؟ بۇرۇن ئېلىپ بېرەي دىسەممۇ ئۇنىمايتتىڭغۇ ؟ m.F \Mn  
-بۈگۈندىن باشلاپ ئىچىدىغان بولۇپ قالدىم . –دىدىم مەن ئارتۇق گەپ قىلماي . ;3nR_6\  
-ياخشى ،ماقۇل .ئۇنداق بولسا ،يەنە بىر قاپ ئال . بولدى ، ھازىر ماڭا ئىككى قاپلا لازىم . ئەمدى بۇ مېنىڭ بولدى ،بۇنى باشقىلارغا سوۋغا قىلسام بولىدىغاندۇ ؟ :'L^zGf  
–بۇ نىمە دىگىنىڭ ؟ مېنىڭ سوۋغامنى سەن كىمگە سوۋغا قىلماقچىدىڭ ؟  #E[{  
بەھرىنىسا ئاغرىپ ياتاقتا يېتىپ قاپتۇ .مەن ئۇنى يوقلاپ كىرمەكچىدىم . شۇنىڭغا بۇنى ئېلىۋالايمىكىن دىدىم . بەرىبىر سېنىڭ ئېلىپ بەرگەن گۈلۈڭنى يىگىلى بولمىغاندىن كىيىن .ماڭا كۆڭلۈڭ تىگىل بولدى . ئۆزۈڭ ئېلىپ كەلمىگىنىڭ ئۆزۈڭنىڭ شورى . X=:|v<E  
\سەن ئۇ دوستۇڭغا مەندىنمۇ ئامراق–ھە ،–دىدى شامىل تەنە قىلىپ ،–ئۇ قىزغا نىمە بوپتۇ ؟قىزىل چىقىپ قاپتىما ؟– M^i^_}~S;  
-–بىلمىدىم ،ياتاقداشلىرى دوختۇرخانىدا دەيدۇ . مېنىڭمۇ ئەمدى كىرەي دەپ تۇرۇشۇم . H nKO  
-بوپتۇ ،يوقلىساڭ ،يوقلاۋەر . مەنمۇ مەكتىپىمگە ماڭاي . كەچتە ،يازىدىغان بىر مۇنچە نەرسىلىرىم بار تېخى . X+'z@xpj  
   E>/kNl  
-بىز خوشلىشىپ ئىككىمىز ئىككى يولغا چۈشتۇق ، مەن مەكتەپ ئەتراپىدىكى دوختۇرخانىنىڭ بالىنىسىغا كىرىپ كەتتىم . ياتىقىدىكى قىزلارنىڭ دەپ بەرگىنى بويىچە ياتاقنى تاپتىم . ئەمما ئۇ يەردە بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئايالدىن باشقا ،ئادەم يوق ئىدى . مەن سورىسام ، بەھرىنىسانىڭ تېخى چۈشتىن كىيىنلا ياتاقتىن چىقىپ كەتكىنىنى ئېيتىشتى . مەن ئارقامغا يېنىپ ،ئۇنىڭ ياتىقىغا قاراپ يول ئالدىم . 7J0=HbH  
-ئىشكىنى چەكتىم ، ئىچىدىن ھېچلا تىۋىش يوق . كىرسەم ، ئۇ ياتىقىدا ئۆزىنىڭ ئۈستۈنكى كارۋىتىدا يالغۇز نىمىلەرنىدۇر خاتىرىگە يېزىپ يېتىپتۇ .سول قولى بىلىكى جەينىكىگىچە ئاق داكىدا گىپىسلاپ تىڭىقلىق تۇرىدۇ . r%M.rYLG{  
-كەل ئاداش ، دىدى ئۇ مېنى كۆرۈپ . x@-bY  
–بولدى قوزغالما ،يېتىۋەرگىن ،باشقىلار يوققۇ دىدىمەن مەن باشقا كارىۋاتلارغا قاراپ . }U)g<Kzh  
-–ئىمتىھان ۋاقتى بولۇپ قالغاچقا ،مۇزاكىرە قىلغىلى چىقىپ كەتتى . &f}a`/{@  
-–سەن نىمىشقا دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغىنىڭنى ماڭا ئېيتىمىدىڭ ؟–دىدىمەن ئۇنىڭ قولىغا قاراپ ،–ياتاقداشلىرىڭدىن سورىسام سېنى قولىنى سۇندۇرىۋالدى دىيىشتى .قانداقلارچە سۇندۇرىۋالغانسەن ؟ -h5yg`+1N\  
-بەھرىنىسا ماڭا بىر قاراپ قۇيۇپ سۇس كۈلۈمسىرىدى : ^8,Y1r9`$  
-–ئۆزۈم بىر كۈنى ياتاقتا يالغۇز ئۇخلاپ قاپتىمەن .تىلىفۇن جىرىڭلىۋىدى ،ئۆمەللەپ ، قوپۇپ ،پەسكە چۈشەي دەۋاتقانداق قولۇم تىيىلىپ كېتىپ ،ئۈستەلدىكى ئىستاكان يەرگە چۈشۈپ چېقىلدى . قولۇم چېقىلغان ئىستاكاننىڭ پارچىسىغا كىرىپ كېتىپ ، مۇشۇنداق بولدى شۇ . SF$]{X  
-سەنمۇ ئۈستىدە ياتقاندىن كىيىن ئاۋايلاپ چۈشسەڭ بولمامدۇ ،نىمانچىلا ھولۇقىسەن ،تىلفۇن كىمنىڭ بولسا بولمامدۇ ،جىرىڭلاپ توختاپ قالسا قالمامدۇ ...قارا سېنى – ، دىدىم مەن ئۇنىڭغا ئاغرىپ كايىغاچ . *z2G(Uac  
-بۇنى ساڭا ئەكىردىم .شامىل ساڭا دەپ ئېلىپ بەردى ،–دىدىم مەن كۈلۈپ .–ئەتە دەرسكە چىقامسەن ؟ c: /Wk  
-ھەئە . K#j<G]I( @  
-ھېلىمۇ سول قۇلۇڭ ئەدەب يەپتۇ .بولمىسا ،ئوڭ قۇلۇڭدا قەلەم تۇتساڭمۇ ،ئىش قىلساڭمۇ قولايسىز –دىگىنە .مەن ساڭا چاي دەملەپ بېرەي ،كەچتە بىر نىمە يىدىڭمۇ ؟ &<!DNXQ  
-ياق تېخى ،–دىدى بەھرىنىسا سەل مەندىن تەپتارتىپ ،–كىلە بىللە ئولتۇرۇپ ئىچەيلى . /~w!7n<7  
مەن قايناقسۇ قاينىتىپ ،بىللە ئولتۇرۇپ ،ئۇنىڭ ئۆيىدىن كەلگەن يۇمشاق نانلار بىلەن چاي ئىچتۇق . |5uvmK  
-ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ .–دىدىم مەن ئۇنىڭ ياتاقداشلىرىنىڭ بىر–بىرلەپ كىرىپ كىلىۋاتقىنىدىن ۋاقىتنى پەملەپ . KO`ftz3 +  
-–مەنمۇ ياتاققا چىقاي ،ئەتە كەچ يەنە كىرىمەن . 7M#eR8*[se  
–بولدى ، ئاۋارە بولۇپ كىرىپ يۈرمىگىن ،ئىمتىھان ۋاقتى بولۇپ قالدى ،سەنمۇ تەكرارىڭنى ياخشى قىل ،– دىدى بەھرىنىسا مېنى ئىشكتىن ئۇزىتىپ چىقىۋىتىپ ۋە ئاستاغىنا ،–بۇ مېنىڭ كۈندىلىك خاتىرەم ،–ئىچىڭ پۇشقاندا كۆرۈپ باقارسەن . _j$"fg  
ئۇ مېنىڭ قولۇمغا بىر خاتىرىنى تۇتقۇزدى . 8p4J7 -  
مەن خاتىرىنى ئېلىپ ،ئىتتىك ياتىقىمغا قاراپ ماڭدىم .كۆڭلۈمدە ‹‹ئۇنىڭ خاتىرىسىدە ماڭا كۆرسەتكۈدەك قانداق مەزمۇنلار باردۇ ››دىگەنلەرنى تەقەززالىق بىلەن ئويلىدىم . تۇرۇپ ئۇنىڭ يارىلانغان قولىدىنمۇ ئازراق گۇمانلاندىم .ئۇ ماڭا ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشكىنىنى سۆ“لەپ بېرىۋاتقىنىدا ،مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئازراق گۇمانلانغانىدىم . X^!n'$^u  
-ياتاققا كىرىپ ، قىزلارنىڭ ‹‹تۇغۇلغان كۈنۈڭگە يىگىتىڭ نىمە ئېلىپ كەپتۇ ...››دىيىشلىرىگىمۇ قۇلاق سالماي ،كارۋىتىمدا ئورۇنلىرىمنى راسلىدىم . –سابا ،يىگىتىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭدە ، يۈرگەن ھەربىر كۈننى خاتىرلىگەن كۈندىلىك خاتىرىسىنى ساڭا سوۋغا قىلىپ كەپتۇمۇ نىمە ؟ )E--E+j  
-ۋاي بۇ قىزغا نىمە بولغاندۇ ؟ nz72w_  
-ئالا كۈچۈكلىرى كىلىپ قالغان ئوخشايدۇ گەپ قىلماڭلار . {H]xA3[]  
ئاللىقانداق گەپلەر قۇلىقىمغا ھەم كىرىۋاتىدۇ ھەم كىرمەيۋاتىدۇ . ZLsfF=/G  
مەن كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ ،كارۋىتىمغا چىقتىم ،پەردەمنى چۈشۈرۋىتىپ ،قىزلارغا :–كەچۈرۈڭلار ،بۈگۈن مەن بالدۇر ياتاي ، سىلەرگە ئەتە يۇمۇر ئېيتىپ بېرەي جۇمۇ .–دىگىنىمچە خاتىرىنى قولۇمغا ئالدىم . E5a17ra  
مەن خاتىرىنىڭ بىرىنچى بىتىنى ئاچتىم .خاتىرىنى بەھرىنىسا ئاتايىن ماڭىلا قارىتىپ ،ماڭىلا ئاتاپ يازغاندەك قىلاتتى . hf6=`M}>i  
سۈيۈملۈك دوستۇم سابا ،مەن سېنىڭ بالنىستا يېتىپ قالغانلىقىمدىن خەۋەر تىپىپ ، ھامان قىشىمغا بىر كىرىپ كېلىشڭنى بىلەتتىم . شۇڭا سېنىڭ كىرىشىڭنى پەملەپ ، ساڭا بۇ خەتلەرنى يېزىۋاتىمەن . ئەسلىدە ، ساڭا بۇ كۆڭۈل سىرلىرىنى يۈز–تۇرانە تۇرۇپ ، ئېيتسام توغرا بولاتتى ، ئەمما قانچە ئويلاپ باقساممۇ دىيەلمىگۈدەكمەن . يۈزۈممۇ چىمىدى . ھەم سەندىن خىجىل بولدۇم . شۇڭا خەت يۈزىدە يېزىشنى راۋا تاپتىم . مەن ساڭا خېلى ۋاقىتلاردىن بىرى بىر قېرى يىگىت بىلەن ئارلىشىۋاتقىنىمنىمۇ ئېيتقانىدىم .ئەمما ئۇ توغرىلىق ساڭا تەپسىلى سۆزلەپ باقمىدىم . شۇڭا سەنمۇ ئىچىكىلەپ سوراپمۇ كەتمىدىڭ ئېھتىمال . pGQP9r%  
مەن بىر تۇنجى مۇھەببىتىدىلا زەربىگە ئۇچرىغان بىر بىتەلەي قىزمەن . شۇڭا ھازىرقى قېرى لايىقىم ئىلھامنىڭ ماڭا سەمىمىي كۈيۈنۈشلىرى ، ۋاپادارلىق كۆرسىتىشلىرى مېنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈردى . ;7id![KI4  
مەن بارا–بارا ئىلھامنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم . ئەلۋەتتە ،مەن ئۇنىڭ بىر قېتىم توي قىلىپ بولغانلىقىنى ، ھەتتا بىر بالىسى بارلىقىنىمۇ ئوبدان بىلەتتىم . ئۇنىڭ دىيىشىچە ،ئۇنىڭ تۈرمىدىكى خىزمىتى تولىمۇ ئالدىراش ئۆتىدىكەن ،دىژورنى تورىدىغان كۈنى ھەپتىدە ئۈچ قېتىم ئىكەن . ئۆيگە قايتىپ كىلەلەيدىغان چاغلىرى بەكمۇ ئاز ئىكەن . ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالى ئۇنىڭغا ‹‹ئۆي بىلەنمۇ ،مەن ۋە بالا بىلەنمۇ كارىڭ يوق دەپ ،تولا تاكاللىشىپ ...››ئاجرىشىپ كېتىپتىكەن .ئۇ ماڭا ئىلگىركى ئىشلىرىنى مانا مۇشۇنداق بىرەر قۇر سۆزلەپ ئۆتكەن .بىز شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن بارا–بارا بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈپ يۈرۈپ قالدۇق .ئۇنىڭ ئىدارىسىگە ئانچە يىراق بولمىغان يەردە ئۆيى بار .مېنى ئۇ بىر قېتىم باشلاپ بارغانىدى .مەن شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن بەزىدە ئۇ ئىدارىسىدە دىژورنى تۇرۇۋاتقان چاغلىرىدا ، ئاشۇ ئۆيىگە بېرىپ قۇنۇپ قالىمەن . بەزى ياتاقداشلىرىمنى تۇققىنىمنىڭ ئۆيى دەپ ئاپىرىپ قۇنۇپمۇ كېلىمەن . ئۇ ماڭا ھەر جەھەتتىن ھەقىقەتەن كۆيۈنىدۇ .ئىلگىرىكى يىگىتىمدەك قوپال سۆزلەر بىلەن دىلىمنى ئاغرىتمايدۇ . چوقۇم مېنى ئەمرىگە ئېلىشقا كېسىپ ۋەدە بېرەلمسىمۇ ئەمما ، كۆڭلۈمنى ئىستەپ تۇرىدۇ . ۋاقتى بولسىلا كېلىپ مېنى ئىزدەپ تۇرىدۇ . مەن ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ھېچقايسى يىگىتتىن كۆرمىگەن سۆيگۈ– مېھرى–مۇھەببەتنى ھېس قىلدىم . مانا بۇ مېنىڭ كۆرگەن مۇھەببىتىم ئىدى . مانا –بۇ مېنىڭ مۇھەببەتتىن تاپقان خۇشاللىقىم ئىدى . مەن بىلىمەن ،ئۇنىڭ بىلەن مۇشۇ يۈرۈشلىرىمىزنىڭ ئاخىرى چىقامدۇ –يوق ،ماڭا نائېنىق . ئۇنىڭ نىمىلا دىمىگەن بىلەن بىر بالىسى باردە .ئۇ مەندىن بىر قېتىم ‹‹ئەگەر ئىككىمىز توي قىلىپ قالساق ،مەن بالامنى ئەكىلىۋالايمىكىن دەيمەن ،سىزچە قانداق ؟مېنىڭ يۇرتتىكى ئاتا–ئاناممۇ ياشىنىپ قالدى .››دىگەنىدى .مەن ‹‹مېنىڭ تېخى ئوقۇشۇممۇ پۈتمىگەن تۇرسا ،خىزمەت ئىشىممۇ تېخى ۋاقتى كەلگەندە ،بىر گەپ بولار .››دىسەم ،ئۇ ئىككىلەنمەيلا ‹‹سىز خىزمەت ئىشىڭىزدىن ئەنسىرىمەڭ ،بالىغا ياخشى قاراپ ،ياخشى ئانا بولۇپ ،ماڭا ئۆمۈرلۈك ھەمرا بولۇشقا نىيىتىڭىز چىڭ بولسىلا ،مەن سىزنى خىزمەت قىلىپ ،پۇل تىپىڭ دەيدىغان ئىشلارغا سالمايمەن . مېنىڭ مۇئاشىم ئىككىمىزنىڭ ئائىلە خىراجىتىگە يېتىدۇ .››دىگەن . مەن شۇ سۆزلەردىن كىيىن ،مۇشۇنداق ياخشى ،ئاقكۆڭۈل ،ئائىلىسىگە ،بالىسىغا كۆيۈنىدىغان بىر ئەرنىڭ قەدىرىگە يەتمىگەن ئايالىنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم . ئۆزۈمنى شۇ ۋاقىتتا ،خۇددى ئىلھامنىڭ توي خېتى ئېلىپ بولغان ھەقىقىي ئايالىدەك ،مەن شۇ ھېلىقى ئۆينىڭ ئايال خوجايىنىدەك مەغرۇر سەزدىم .ئۇنىڭغا چىن مۇھەببىتىمنى بېغىشلاش نىيىتىگە كەلدىم . بارا –بارا مېنىڭ بۇ شېرىن خىياللىرىم مېنى ھېلىقى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىدىن ئۈزۈل كىسىل تارتىۋىلىش نىيىتىگە باشلاپ باردى . مەن ئاخىرى كۆپ ئويلاپ ئولتۇرماستىن ، ئۇنىڭ ھېلىقى ئادەمسىز ،تىمتاس ئۆيىگە پات–پات بېرىپ ئۇنى يوقلاپ تۇرىدىغان بولدۇم .ئۇنىڭ مېنىڭ بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلدىم . ئۇنىمۇ ھەم شۇنداق ئويلايدۇ دەپ پەرەز قىلدىم ...مەن ئۇنى قىلغان ئىشىغا ئىگە بولىدىغان مەسئۇلىيەتچان ئەر دەپ شەكسىز ئىشەندىم ...ئەمدى ئويلىسام مەن بەكلا دۆتكەنمەن .ئادەم خۇدادىن باشقىسىغا شەكسىز ئىشەنسە ،ئاقىۋەت ئۇنىڭ ئىشەنچى يەردە قالىدىكەن . Y ^s_v_s  
بىر كۈنى ئۇ مېنى مەكتەپكە ئالغىلى كەلمەكچى بولدى . مەن ئۇنىڭ تاپشۇرمىسى بويىچە بىكەتتە ساقلىدىم ،ئۇ كۈنى يالغۇر قاتتىق يېغىپ كەتتى .مەن بىكەتنىڭ پىشايۋىنى ئاستىدا ئۇنى بىر سائەتتىن ئوشۇق ساقلىدىم . ئۇ كەلمىدى .مەن تىلفۇن بوتكىسىدىن ئۇنىڭ قول تىلىفۇنىغا قايتۇرۇپ ئۇرسام ، تىلفۇنى ئېتىك .مەن ئۇنى ھەقىچان ئىدارىسىدە ئىشى چىقىپ قىلىپ ئىدارىسىگە كەتكەن ئوخشايدۇ ،ئىدارىسىدە يىغىندا ،ۋە باشقا تاساددىبىي ئەھۋاللاردا تىلفۇن ئالالمايدىغان بولغاچقا ئالالمىغان ياكى تىلفۇنىنى ئېتىۋەتكەن ئوخشايدۇ .››دەپ ئويلاپ ،ئابتۇبۇسقا چىقىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم .ئۇنىڭ ئۆيى تۆتىنچى قەۋەتتە ئىدى .مەن ئۈچىنچى قەۋەتكە چىقىشىمغا ،ئۆينىڭ ئىچىدىن گۇدۇڭلىغان ئاۋازلار ئاڭلاندى .بۇ دەل ئۇنىڭ ئۆيىدىن چىقىۋاتقان ئايال كىشىنىڭ ۋە بىر كىچىك بالىنىڭ ۋىلىقلاپ كۈلگەن ئاۋازى ئىدى .ئىشىك قىيا ئېچىق بولۇپ .ئىچىدە ئىلھامنىڭمۇ ئاۋازى چىقىۋاتاتتى .مەن بىرنەچچە مىنۇت دىمىمىمنى چىقارماي ،ئېھتىيات بىلەن ئۆي ئىچىدىكى ئاۋازلارنى تىڭشىدىم .ئۆي ئىچىدىكىلەر ،خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ،بولۇپمۇ ئىلھام خۇددى مەن كەلمەيدىغاندەك ،ياكى مېنىڭدەك بىر قىزنىڭ كىلىشىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك ،بىپەرۋا ، ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز ھالدا ،بالىسىنى ئەركىلىتىپ ،ئايالىغا سۆزلەۋاتتى .ئەمما مەن ئۇنىڭ ئايالىغا نىمىلەرنى دەۋاتقانلىقىنى ئاڭقىرالمىدىم . بىشىم قايغاندەك بولدى .ئەمما پۇتلىرىمنى ئاران سۆرەشتۈرۈپ يۈرۈپ ،قانداق كەلگەن بولسام شۇنداق مەكتىپىمگە قايتىپ كەلدىم .مەن ئالدانغانىدىم . مەيلى قانداق تەرۇزدە بولسۇن ،ئىشقىلىپ مەن ھىسابتا ئالداندىم ، ھېسسىياتىم ئېغىر زەربىگە ئۇچرىدى . ئىلھامنىڭ مەيلى ئاجراشقان بولسۇن ، مەيلى ئاجراشمىغان بولسۇن ، ماڭا مۇنداق ساختىپەزلەرچە مۇئامىلە قىلىشى مېنى قاتتىق ئۈمىتسىزلەندۈرگەنىدى .مەن بىر نەچچە كۈن ئاشۇ تەرۇزدە چىۋىن يەۋالغاندەك بىئارام بولۇپ ،كۆڭلۈم مىسكىن يۈردۈم .ئۇنىڭ قىلغان تىلفۇنلىرىنىمۇ ئالمىدىم .قۇلۇمغا قەلەم ئېلىپ ئۇنىڭغا بىر پارچە خەت ئايرىلىپ كېتىش توغرىلىق ،ئۇنىڭ مېنى بۇندىن كىيىن ئىزلىمەسلىكىنى ،ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئايالى بىلەن يارىشىۋىلىش توغرىلىق تەكلىپ بېرىپ ، يازغان خېتىمنى ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىغا سالغان پالاسنىڭ تىگىگە قۇيۇپ قۇيۇپ ،ئۇنىڭغا ئۇچۇر قىلىپ قويدۇم . شۇنىڭ بىلەن ھەممىسى تۈگىگەن بولدى .مەن شۇ كۈنى قايتىپ كېلىپ ،يالغۇز يەردە قانغۇچە يىغلىدىم ،ياتاققا قايتىم كىرسەم ھېچكىم يوق ئىكەن .ئۆزۈمچە نۇرغۇن ئىشلارنى كاللامدىن ئۆتكۈزدۈم .ماڭا ھەممىسى شۇنىڭ بىلەن تۈگىگەندەك بىلىندى .مەن بۇ ھاياتتىن شۇ چاغ بىردىنلا ئۈمىدىمنى ئۈزگەنىدىم .قاچانلاردىدۇر گىرىم سومكامدا پەيدا بولۇپ قالغان بىرىتۋانى قولۇمغا ئالدىم-دە بىلىكىمنى ئىككىلەنمەيلا كەستىم .رىسقىم تۈگىگەن بولسا ،مۇشۇنداق بىر سەۋەب بىلەن يا ئۆلۈپ كىتەرمەن ،يا باشقىچە كۈننى كۆرەرمەن . W'aZw9  
مەن قۇلۇمنى كېسىشىم بىلەنلا قان شارىلاپ ئاققىلى تۇردى .قانسىراپ ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدۇم دەپ ئويلىدىم ئىچىدە ،چۈنكى ئۇ كۈنى ياتاقتا ھېچكىم يوق ئىدى .پەيلىرىم تارتىشقاندەك بولدى ،ئاغرىق ئازابىدا چىشىمنى چىڭ چىشلەپ تۇردۇم ، بىر چاغدا ،ياتاقتىكى قىزلار كۆرۈپ چۆچۈپ كېتىشتى ۋە مېنى يۆلەشتۈرۈپ يۈرۈپ ،دوختۇرخانىنىڭ ياتىقىغا ئەكىرىپ قۇيۇشتى ،ئۇلار مېنىڭ ئىلھام بىلەن يۈرۈۋاتقانلىقىمدىن خەۋىرى بار ئىدى ،بىر نەچچىسى مەندىن يۇشۇرۇن ئۇنىڭغا  تىلفۇن قىپتۇ .ئەتىسى بالنىسقا ئۇ كەپتۇ .دوختۇر پۇللىرىنى تاپشۇرۋىتىپ ئۇ ماڭا : D?+\"lI  
-نىمىشقا مۇنداق ئەخمەقلىق قىلىسىز دىدى -مەن ئارتۇق سۆز قىلمىدىم ،ئۇمۇ ئارتۇق گەپ قىلمايلا ئالدىراشلىقىنى ئېيتىپ كىيىن كىلىمەن دەپ ،ياستۇقۇم تىگىگە 1000يۇەن پۇلنى قۇيۇپ قۇيۇپ كېتىپ قالدى .مەنمۇ ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلمىدىم ،ئۇمۇ ماڭا كىيىنچە تىلفۇن قىلمىدى .بولغان ئىش  مۇشۇ ،قەدىرلىك دوستۇم .بۇ ئىش ھازىر ئويلىسام خۇددى ،كۈندۈزدە كۆرگەن چۈشتەكلا بەزىدە ھېچ ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ ،مەن زادى نىمە قىلارىمنى بىلمىدىم .بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبچىسى ئۇمۇ ياكى مەنمۇ بۇنىمۇ ئۇقالمىدىم .مەن بۇ ئىشلارنى سەندىن يۇشۇردۇم ،سەۋەبى مەن سەندىن تەپتارتتىم ساڭا ئېغىز ئېچىشتىن ئۇيالدىم چۈنكى بۇ ئىشلىرىمنىڭ بىر قىزبالىنىڭ ئەخلاقىغا دۇرۇس كەلمەيدىغانلىقىنى ،شۇ سەۋەبلىك سېنىڭ مېنى ئەيىبلەيدىغانلىقىڭنى بىلىمەن ،مېنى كەچۈرگىن دوستۇم ،ئەسلىدە سېنىڭ  مەسلىھەتىڭنى ئالغان بولسام بەلكىم ،مەنمۇ بۇ يولدا ئازاب چېكىپ يۈرمىگەن بولاتتىم .ئەمدى بولار ئىش بولدى بولغان ئىش مۇشۇ .سېنىڭ ۋاقتىڭنى ئېلىپ قويغىنىمدىن ئەپۇ سورايمەن . 'q158x  
دەپ- دوستۇڭ بەھرىنىسا qOA+ao  
   !+sC'/  
خەت مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشقانىدى .ھەي ،ئەخمەق قىز ،دىدىم ئىچىمدە .بىز قىزلار نىمانچىلا ئەخمەقتۇرمىز ؟ئوغۇللارنىڭ بىر ئېغىز سۆزلىرىگە شۇنچىۋالا ئىشىنىپ كېتىمىز ھىسسىيات -ئەقىلنىڭ ئورنىغا ئۆتىۋالغاندا ،بىزنى كۈتىدىغىنى نەستىن باشقا ئەمەس . ئەمما خاتالىقلارنى تونۇپ يەتكەندە گۈلدەك ياشلىقنى نابۇت قىلىپ ،ئۆلىۋىلىشقا ئەرزىمدۇ ؟ھايات گۈزەلدۇر بىر كەم دۇنيانىڭ كىمىنى تولدۇرۇپ ياشايمىزغۇ ئاخىر .بۇلارغا يەنىلا -چىدام -غەيرەت ،سوغاققان يۈرەك كېرەك .ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كېتىدۇ .... IM.sW'E  
   J1i{n7f=@  
مەنبە: ئۆزۈم [I*)H7pt}  
داۋامى بار ... 4LG[i}u.N  
[ تېما xatay تەرپىدىن 2011-12-23 19:23 دە قايتا تەھ ]

ئانا تۇپراق مۇنبرىدىكى مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار جەمئىي 1 پارچە
xatayمۇنبەر پۇلى+2002011-12-23esil
ئۆزىنىڭ تارىخىنى بىلمىگەن مىللەت-باشقىلار ئالدىدا مەڭگۈ قۇل مىللەت.
olmasjagqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1997

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   65 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5089 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   350 (قېتم)
 تۆھپە:   320  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 60
 سائەت
دەرىجىسى:
60 سائەت 30 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-14
ئاخــىرقىسى:2012-02-24
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-19

ياخشى يېزىپسىز  تېخىمۇ   تىرىشىڭ   تەسۋىرلىشىڭىز  تېخىمۇ  جانلىق  بولسۇن    2  قىسمىنى  يەنىمۇ  ياخىشى يازغانسىزمۇ    كۆرۇپ باقاي  
ۋىجدان سېنى قۇچاقلىمىسا ،  سەن ۋىجداننى قۇچاقلىۋال چىڭ .
olmasjagqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1997

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   65 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5089 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   350 (قېتم)
 تۆھپە:   320  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 60
 سائەت
دەرىجىسى:
60 سائەت 30 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-14
ئاخــىرقىسى:2012-02-24
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-19

بۇمۇ ياخشىكەن   ھايات  خۇددى  تاتلىق  لەڭمەنگە  لازا ۋە ئاچچىقسو قۇيۇپ  يېگەنگە ئوخشايدۇ   l?KP /0`  
بىر ئادەم كىتاپ يېزىپ كىيىن  خاتا يېزىلغانلىرىنى  تۇزەتكەنگە ئوخشاش   بىزمۇ  ھاياتتىكى  خاتالىقنى  تۇزىتەلىگەن  بولساق   ئانا تۇپراقنى  ئاپا  تۇپراق دەپ يۇرمەيتۇق  
ۋىجدان سېنى قۇچاقلىمىسا ،  سەن ۋىجداننى قۇچاقلىۋال چىڭ .
ansar1013
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4462

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   103 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3070 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   308 (قېتم)
 تۆھپە:   307  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2416
 سائەت
دەرىجىسى:
2416 سائەت 104 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-05
ئاخــىرقىسى:2012-03-06
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-20

ھەيييييييييييييييييييييييييي
kosowuluk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3131

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   792 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   21795 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2103 (قېتم)
 تۆھپە:   2055  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2005
 سائەت
دەرىجىسى:
2005 سائەت 85 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-13
ئاخــىرقىسى:2012-03-06
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-22

بۇ راستمۇ يە ؟  چىنلىقكى بەك ئىىپادىلىنىپتۇ، <7%4=  
مۇشۇ نادان كىشلىرمىزنى زە!  بىكا بىكا دىن ئۇۋالچىلق تارتىپسىز   
بىراۋغا پايداڭ تەگمەي، پەقەت ئوزۈڭ ئۈچۈنلا ياشىساڭ،سەن ئاللاقاچان  ئۆلگەن ئادەمسەن!!!
kosowuluk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3131

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   792 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   21795 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2103 (قېتم)
 تۆھپە:   2055  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2005
 سائەت
دەرىجىسى:
2005 سائەت 85 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-13
ئاخــىرقىسى:2012-03-06
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-22

ئىنسان ! ھەي ئىنسان! خاتالىقىنى تۇنۇپ ئۇنى تۈزەتكەن ئىنسان ھەقىيقى ئىنسان. {t/!a0\HS  
شۇ ڭا چۇ قىزلار .ئۆزۈڭلارنى ئالدىراپ  بىراۋغا   تۇتقۇزۇپ قۇيماڭلار؟؟!!       
بىراۋغا پايداڭ تەگمەي، پەقەت ئوزۈڭ ئۈچۈنلا ياشىساڭ،سەن ئاللاقاچان  ئۆلگەن ئادەمسەن!!!
kawkaz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7609

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   33 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2720 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   265 (قېتم)
 تۆھپە:   265  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 515
 سائەت
دەرىجىسى:
515 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-18
ئاخــىرقىسى:2012-03-06
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-22
مېنى ياشىغىلى قوي ئويغۇرۇم 3.قىسىم

3.قىسىم
TM/|K|_  
}/7.+yD  
ئاسماندىن ئاپپاق قارلار ئاق چىچەكلەرگە ئوخشاش لەپىلدەپ چۈشمەكتە ،ۋاھ ،نىمىدىگەن گۈزەل مەنزىرە -ھە ؟ تۇنجى قارنىڭ پەيزى دىگەن مۇنداق بولمامدۇ ؟شۇنىسى ،بۇ ئاپئاق قارلار يەرگە چۈشۈپلا شەھەرنىڭ بۇلغانغان ھاۋاسىدا قاپقارا يۇندىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتىدۇغۇ  ؟  چۈشكەن قارلار بارا-بارا ئېقىن ھاسىل قىلىپ ،يۇندا ئازگاللىرىغا قاراپ ئېقىپ كېتىۋاتماقتا .بۇنىڭغا قاراپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى ،تۇنجى قاردىن ھوزۇلىنىشىمنى بىلمەي قالدىم . ئۇ ئاخىرى پاسكىنا سۇلارغا قېتىلىپ ئېقىپ كېتىۋاتسا  ئەجىبا ئاپئاق قارلارغا بولغان ھوزۇرۇمنى قانداقمۇ ھەقىقىي ھېس قىلاي ؟ c_-" Qo  
            كېتىۋاتىمەن . شامىلنىڭ ئوقۇشى تۈگەپ ھازىر بىر تەرەپتىن ئاسپىرانلىققا ئۆگىنىش قىلىۋاتسا ،بىر تەرەپتىن كۇرس ئېچىپ ،كۇرسنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش . بۈگۈن ئىككىمىز كۆرۈشمەكچى بولغانىدۇق . ئۇ مېنى خۇڭخۇ كۆلى بولىدا ساقلاپ تۇرماقچى بولغان . @;m@Luk  
مەن بارسام ئۇمۇ مەندەك ئاسماندىن چۈشۈۋاتقان قارلارغا ھاڭۋىقىپ قاراپ تۇرۇپتۇ .مەن ئۇنىڭ قىشىغا چاندۇرماي باردىم : 8t T&BmT  
-ياخشىمۇسىز ؟سىز بۇ يەردە بىرەرسىنى ساقلاۋاتامتىڭىز ؟-دىدىم مەن ئۇنىڭغا . EvSnZB1 y  
-ھەئە ،-دىدى ئۇ كەينىگە ئۆرۈلۈپ مېنى كۆرۈپ .-قىز دوستۇمنى ساقلاۋاتاتتىم ،ئۆزىڭىزچۇ ؟قارىسام خېلى توڭلىغاندەك تۇرىسىز ،سىزمۇ ئوغۇل دوستىڭىزنى ساقلاپ تۇرغان ئوخشىمامسىز ؟ y?*[}S  
-ھەئە ، شارپىڭىز بەك يارىشىپتۇ ،-لايىڭىز ئېلىپ بەرگەنما ،-دىدىم مەن ئۇنىڭغا چېقىشىپ ،ئەمەلىيەتتىمۇ ئۇ بوينىغا ئورىۋالغان شارپىنى مەن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئېلىپ بەرگەنىدىم . U+9- li  
-ۋوي ،سىز قانداق بىلىۋالدىڭىز خان ،سىزنىڭ قىزىل پوسمىڭىزمۇ  بەكلا يارىشىپتۇ . cYq']$]  
-رەھمەت ، خان دەپ كەتمىسىڭىزمۇ بۇنى ماڭا ئوغۇل دوستۇم ئېلىپ بەرگەنىدى  قاراڭ ،كىيگەن تۇنجى كۈنىدىن باشلاپ ھازىرغىچە سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىم مېنى‹‹ قىزىل بۆكلۈك قىز ››دەپ ئاتىشىدۇ . QLF,/"  
-بۇ ئىسىم سىزگە سەل ئارتۇق كەتكەندەك قىلامدۇ نىمە ؟مەن كۆرگەن قىزىل بۆكلۈك قىز ھىكايىسىدە ،ئۇ قىزنى بەك چىرايلىق تەسۋىرلەپتىكەن .مەن قارىسام سىز....-دىدى شامىل چىرايىنى غەلىتە پۈرۈشتۈرۈپ . XQ0#0<  
-مەن قانداقكەنمەن ؟ھە ،مەن قانداقكەنمەن ؟! -مەن ئەسلى قىياپىتىمنى ئاشكارىلاپ ئۇنى تىللاشقا ئۆتتۈم ،-سەن شۇڭىزە بىلىپ تۇرۇپ ،مېنى ھەجۋىيلەشتۈرۈپ ماڭا قىزىل پوسما ئېلىپ بېرىپتىكەنسەن-دە ؟-مەن سومكامنىڭ كەينى بىلەن ئۇنىڭ بىشىغا كىلىشتۈرۈپ بىرنى قويدۇم . Nh1e1m?  
-ۋاي-ۋاي بولدى قىلىڭە ،تونۇمىغان ئوغۇللارنى كېلىپلا قارا-قۇيۇق ئۇرۇپ كېتىدىغان نېرۋىسى بار قىزمۇ بۇ ؟- ئۇ شۇ گەپلەرنى دەۋاتقانداق ئەتراپتىكى ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار بىزگە ئەجەبسىنىپ قارايتتى .-بولدى ،مەن ناماقۇل ،سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلاي ،قانداق ،ئەمدى بولغاندۇ ؟ L)kb (TH  
-چۈشتىن ئاشاي دىدى ئەمدى كەلدىڭما ؟ چاقىرمىسام قورسىقىڭنى ئۇنتۇپ ئولتۇرىۋېرەمتىڭ ؟ ]ZR{D7.?  
-گىپىنى قىلما ،قوساققۇ تارتىشىپ كەتتى .شۇ ئىش تۈگىمەي دىگىنە . ` x%U  
 l5ZADK4  
بىز ئەنە شۇنداق تاققا -تۇققۇ چاقچاقلار بىلەن ئاشخانىغا كىردۇق .تاماقتىن كىيىن ئۇ مېنى ياتىقىمغا ئەكىلىپ قۇيۇپلا ، ئالدىراش ياتىقىغا كېتىپ قالدى . ياتاققا كىرىپ كېتىۋىتىپ مەن شامىل بىلەن دەسلەپ تۇنۇشقان چاغلىرىمنى ئەسلىدىم .ئۇنىڭ مەن بىلەن تۇنۇشقان ۋاقتىدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئالدىماي بىر  كۈننى مەن بىلەن تولۇق ئۆتكۈزگىنىنى ئەسلىيەلمەيمەن .مانا بىز يۈرگىلىمۇ ئۈچ يىل بولاي دەپتۇ .مەن ئۇنىڭ بىلەن بىر يىلىسى سارىس كېسىلى تاقاپ كەتكەن ۋاقىتتا تاساددىبى تونۇشۇپ قالغان .ئۇ مېنىڭ يىڭى ئالى مەكتەپكە چىققان  ۋاقىتلىرىم ئىدى .ئۇ چاغلاردا ئۆزۈممۇ سەل كەپسىز بولغاچقا دائىم ئۇ مەكتەپ بۇ مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىمنى ئىزدەپ يۈرەتتىم .ئەمما كەپسىزلىكىم چېغىدا ئىدى .مەن شەرقى جۇڭغار نېفىتلىكىدىن بولۇپ  شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىنىڭ شىمالى ئوقۇتۇش رايونىدا فىزىكا فاكولىتىدا ئوقۇيتتۇم .ئۇ بولسا  غۇلجىدىن بولۇپ مالىيە ئۇنۋېرسىتىنىڭ ئىقتىساد -مالىيە كەسپىدە مەندىن ئىككى قارار يۇقىرى يىللىقتا  ئوقۇتتى . مەن ئۇلارنىڭ مەكتىپىگە سارىستىكى قاتتىق تەكشۈرۈشلەردىن بىر ئاماللار بىلەن قېچىپ بېرىپ ،بىر يۇرتلۇق ساۋاقداشلىرىمنى كۆرگىلى باراتتىم . بارغىنىمدا ئېھتىياتسىزلىق بىلەن ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكامنى ئاشخانىدا چۈشۈرۈپ قۇيۇپتىمەن .ئۇ مېنىڭ كىنىشكامنى تىپىۋىلىپ ،ئىزدەپ سوراپ يۈرۈپ ،مېنىڭ تەستە قولۇمغا تۇتقۇغانىدى ،مەن شۇ چاغدا ئۇنىڭدىن بەك تەسىرلىنىپ كەتكەن ئىدىم .ئىشىكتىن چىقالماي ،ئۆزۈمنىڭ ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىمنى چۈشەندۈرۈپ بولالماي يىغلىغۇدەك بوپ تۇرغىنىمدا ئۇ ئاسماندىن چۈشكەندەكلا يىنىمدا پەيدا بولۇپ ،كۆڭلۈمنى پاللىدە يورۇتىۋەتكەنىدى .ئۇ قاپقارا قاشلىق ،يوغان نۇرلۇق كۆزلىرى كۈلۈپ تۇرىدىغان بويى ئېگىزمۇ ئەمەس ،پاكارمۇ ئەمەس ،قاملاشقان بىر يىگىت ئىدى .مەن ئۇنىڭغا : pW*{Mx  
-مۇشۇ زاماندىمۇ ،كىنىشكا تىپىۋالسىمۇ كۆز قارىنى سالمايدىغان لىيفىڭدەك ئېسىل ،ئالىيجاناپ كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن ،سىزگە قانداق رەھمەت ئېيتىشمنى بىلمەيۋاتىمەن .بۈگۈن كىنىشكام بولمىغان بولسا مەكتەپكە قايتالمىغان بولاتتىم .-دىدىم مەن خۇشاللىقىمنى چاقچاق ئارىلاش .ئەمما ئىچىمدە تولىمۇ ئوڭايسىزلىنىپ كېتىۋاتاتتىم .ھېچقانداق بىر ئوغۇلنىڭ بالىنىڭ ئالدىدا بۇنداق ئوڭايسىزلىنىپ تۇرغنىمنى يادىمغا ئالالمىدىم . 3:]{(@J  
-شۇنداق قايتالمىغان بولسىڭىز ،يەنە ماڭا ئىش چىققان بولاتتى .-دىدى ئۇمۇ كۈلۈپ .مەن لەپپىدە ئۇنىڭغا سەپسالدىم . ئۇ شۇ كۈلۈمسىرەشلىرى بىلەن بىر دۇنيا ئىدى. pgz:F#>  
-قانداق دەيسىز ،سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويدۇم ،سەت بولدى -ھە ،-مەن خىجىللىقىمنى يۇشۇرۇپ شۇنداق دىدىم . tsTR2+GZS  
-مەن ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىدا ئىشلەيمەن .-دىدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ قۇيۇپ . ?r-\%_J_(  
ئىچىمدە ‹‹ئەجەب يوغان يەردە تۇرىدىكەنسەن -››،دىدىم مەن دىمىقىمنى قېقىپ . u#a%(  
ئۇ ماڭا ‹‹مەن قايتاي ››دەپ قۇيۇپلا كېتىپ قالدى .مەن دوستلىرىمنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ كەينىدىن نىمە دەپ ئۇنى چاقىرىشنى ۋە نىمە دىيىشىمنى بىلمەيلا قالدىم . ^3Z7dIUww  
-ئاداش ئايىغىڭ ياراشتىمۇ -نىمە ،كېلىپلا قاملاشقان بىرى كەينىڭدىن يۈگۈرۈپ يۈرىدۇغۇ . b{~fVil$y  
-شۇنى دەيمىنا ،-دىدىم مەنمۇ چاندۇرماي ،-خۇدانىڭ ماڭا ئەۋەتكىنىمۇ ئۇ تېخى ،-دىدىم مەن ئىچىمدىكى تاتلىق بىر ھېس -تۇيغۇنى يۇشۇرمايلا . \GijNn9ah  
ھا....ھا........ھا........ھى.......ھى..... 8 *4@-3Sx  
مەن شۇ چاقچاق -كۈلكىلەرگە كۈمۈلگەن پېتى مەكتىپىمگە قايتتىم . ?o2;SY(-  
بىر نەچچە ۋاقىتلارغىچە مەن ئىسمىنى بىلمەيدىغان ئۇ نامسىز قەھرىماننى ئەسلەپ يۈردۈم .ئۇنىڭ ماڭا بىر كۈنى لەپپىدە ئۇچراپ قىلىشىنى ئازرۇلاپ يۈردۈم .بۇ تىلەكلىرىم ئىجابەت بولۇپ ،ھەقىقەتەن بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا ئۇنى يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتىدا ئۇچرىتىپ قالدىم . `FZ(#GDF  
-ۋۇي ،بۇ سىزغۇ ؟- قانداقلارچە ئاغزىمدىن چىقىپ كەتكەن بۇ سۆزدىن ئۆزۈممۇ ھەيران قالدىم . dIoF~8V  
-سىز ،-دىدى ئۇ دەماللىقتا مېنى تۇنۇيالماي . gIV3n#-{L  
مەن چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم : #5'c\\?Q  
-سىز مالىيە ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇيسىزغۇ ؟سىز شۇ چاغ ماڭا ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسا ئىشلەيمەن دىگەنىدىڭىز .مەن ھېلىقى قاتتىق تەكشۈرۈش مەزگىلىدە مەكتىپىڭلارغا بېرىپ ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكامنى يۈتتۈرۈپ قويغان قىز شۇ .سىز مېنىڭ كىنىشكامنى ،-مېنىڭ سۆزۈمنىڭ ئاخىرى چىقمايلا ئۇ سۆزلەپ كەتتى : "-G&=(  
-ھە ئەمدى يادىمغا كەلدى ،كەچۈرسىز ،كەچۈرىسىز ،سىز مۇشۇ مەكتەپتە ئوقامسىز ؟ gbYLA a  
>}ro[x`K  
-ياقەي ،-دىدىم مەن قۇلىقىمنى تاتىلاپ قىزىرىپ ،-مەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇيمەن .بۇ مەكتەپكە دوستۇمنى كۆرگىلى كەلگەن ،ئالدىنقى قېتىممۇ سىلەرنىڭ مەكتەپكە دوستۇمنى كۆرگىلى بېرىپ شۇ ،-مەن سۆزلىرىمنى داۋاملاشتۇرالماي ئوڭايسىزلىنىپ كەتتىم . 3x04JE3!  
- بۇ يەردىمۇ يۈتتۈرۈپ قويماڭ يەنە ،-دەپ كۈلدى ئۇ ،-مەن بۇ مەكتەپلىك ئەمەس جۇمۇ ؟ Iv'RLM  
-ئۇنداقمۇ بولىۋەرمەس ،-دىدىم مەن ئۆزۈمنى ئوڭشاپ ،-شۇنداق بولغاندىمۇ خاتىرىڭىزنى جەم قىلىڭە ،- ئۇنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى سەل جېنىمغا تەگكەنىدى . |?\gEY-Se  
‹‹ۋاي دەپ قويسا نىمە دەيدۇ ماۋۇ ››دىدىم ئىچىمدە . v57N^DR{  
-شۇ چاغ سىزنى بەك يۈگۈرتىۋىتىمتىمەن ،ئالدىڭىزدا خىجىلمەن . pwa.q  
-ئانچىكى ئىشلار ،ھېچقىسى يوق ،ئىسمىڭىزنى سورىسام ،خاپا بولمايدىغانسىز ؟-دىدى ئۇ سەل خىجىل بولغاندەك . ?RZq =5Um&  
-ئىسمىم سابا .سىزنىڭچۇ ؟-دىدىم مەنمۇ سەل يۇمشاپ . Jb( DJ-&  
-شامىل ،سىز بۇ يەرگە كىلىپ نەگە كېتىپ باراتتىڭىز ؟-سورىدى ئۇ fp9rO}##  
بىز ياندىشىپ بىردەم ماڭغاچ پاراڭلاشتۇق : "4 'kb  
-مەن ساۋاقدىشىمنىڭ ياتقىقىغا كېتىپ بارغان ،ئىلگىرى كىلىپ باقمىغانىدىم ،تىلفۇن قىلسام قىزلار ياتىقى مۇشۇ تەرەپتە دىگەندەك قىلغان ،قارىسام ھېچ بۇ تەرەپتە ياتاق باردەك قىلمايدۇ .ئوقۇغۇچىلار ساپلا فاكولىتتىن چىقىپ كېلىۋاتىدۇ . }16&1@8  
-قىزلار ياتىقى ئاۋۇ تەرەپتە .-دىدى ئۇ ماڭا كۆرسىتىپ . [_j6cj]  
-رەھمەت .-دىدىم مەن .شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭغاچ -بۇ يەرگە كېلىپمۇ يەنە سىزنىڭ ياردىمىزڭىزگە  ئېرىشتىم . uQ{=o]sy  
-خوش ئەمىسە .بىز ئەنە شۇنداق خوشلاشتۇق . كېتىۋىتىپ ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ،نىمىنىدۇر ئۇنتۇغاندەك .تۇيۇقسىز ئۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى ،شۇ بىر نەيدان خۇددى كىنولاردىكىدەك ئىش يۈز بەردى ،توۋا دەيمەن . Bk&-1>cY  
-سابا ! [:Be[pLC  
مەن كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىدىم . ئۇ ماڭا جايىدىن قىمىرلىماي كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى ،-ئەگەر خالىسىڭىز تىلفۇن نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويارسىزمۇ ؟ Ynvj;  
Y[4vRzc  
مەن شۇ دەقىقە نىمە قىلارىمنى بىلمەي قالدىم .بىشىمنى بىلىنەر -بىلىنمەس لىڭشىتتىم . `+oV/:Q3  
ئۇ ئالدىمغا ئىككى تاقلاپلا كەلدى .ئوغۇللار قىزلارنى كەلتۈرۈشتە ،نىمىدىگەن چاققان ھە ؟ #>BX/O*D  
مەن سومكامدىن قەغەز ئىزدىدىم ،ئۇنىڭ قولىغا قەلەم ئاللىبۇرۇن چىقىپ بولغانىدى .نىمىلا دىمىگەن بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسا ئىشلەيدىغان ئاكتىپ بالىلارنىڭ ئەلۋەتتە يېنىدا قەلمە ئايرىلمايدۇ-دە .قولۇمغا قەغەز چىقمىدى ،ئۇيانچۇقىنى ئىزدىۋىدى ،ئۇنىڭمۇ چىقمىدى .مەن ئامالسىز بىر كوي پۇلغا ياتىقىمنىڭ نۇمۇرىنى يېزىپ ،ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇم . YdK _.t0Mu  
-ئەمدى مەن سىزگە بىر كوي قەرزدار بولدۇم .ھېچقىسى يوق ،مەن چوقۇم مەكتىپىڭىزگە ئاپىرىپ بېرىمەن . p=2zS.  
-ھەئە ، بولسا شۇنداق قىلىڭ ،تاكسىغا چۈشۈپ بېرىپ ئاپىرىپ بېرىڭ ،-دىدىم مەنمۇ ئىككىلەنمەستىن .ئۇ يەنە شۇ كۈلۈمسىرىگەن پېتى تۇراتتى ،ئۇنىڭ بۇ كۈلۈمسىرەشلىرى تۇنجى قېتىمقىدەك يىقىملىق تۇيۇلمىدى . !IN @i:m  
مەن ئۇنىڭغا بىر ئالىيىۋىتىپ ،كەينىمگىمۇ قارىماستىن كېتىپ قالدىم . 'c#IMlv  
‹‹نىمىدىگەن غەلىتە بالا بۇ ؟ نېرۋا كىسىلى بارمۇ قانداق ؟›› ئىچىمدە .شۇ چاغلار ئۆزۈمنىڭ مەمەدان ،ھاكاۋۇر مىجەزىمگە باقماي  ئۇنىڭ پۇلىڭىزنى ئاپىرىپ بېرەي دىگەن سۆزلىرىنىڭ مەنىسى چۈشەنمەي ياكى بولمىسا چاقچىقىنى كۆتۈرەلمەي تۇمشۇقۇمنى ئۇچلاپ كەتكەنىدىم . <]~ZPk[  
ھازىر ئويلىسام كۈلگۈم كىلەتتى .چۈنكى ھازىر مەن ئۇنىڭدىن ئېغىر بىسىقلىنى ،تۇرمۇشتىكى مەسىللەرگە توغرا قاراشنى ،راسچىللىق ،سەمىمىيلىكنى ،ئاقكۆڭۈللۈك ،كەمتەرلىكنى ،قىسقىسى ، كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگەندىم .بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ تۆھپىسى .كۆز تەگمىسۇن مۇھەببىتىمىزگە . \N?7WQ  
مەن خىيالدىن سەگىپ  ياتاققا كىرگىنىمدە دىلنۇر كارۋىتىدا ئولتۇرۇپ ،بولۇشىچە گىرىم قىلىۋاتاتتى . بۇ قىزنىڭ 365كۈننىڭ بىرەرسىدە گىرىم قىلمايدىغان كۈنى يوققۇ ،گىرىم قىلمىسا سىرتقا چىقالمايدۇ بۇ قىز .ئۇ مېنى كۆرۈپلا  دىدى : %Mh Q  
-ئاداش ،بۈگۈن شەنبە .كىچىك ئاپاڭنىڭ ئۆيىگە بارمامسەن ؟ `-o5&>'nf  
-بارىمەن ،شامىل كەلگەن .تاماق يەپ ھازىر قايتتى ئۇمۇ .ئەمدى ماڭارمەن . R'L?Xn}3  
-كىچىك ئاپاڭنىڭ ئۆيى بىلسەم-بىلمىسەم يىراق ئەمەسقۇ ،مەنمۇ شۇ تەرەپكە ئۆتىدىغان ئىشىم بار ئىدى .بىللە قايتساق قانداق ؟ساڭا ھەمرا بولاي . 3&$Nd  
-ماقۇل .ئەمىسە تېز تەييارلىقىڭنى پۈتتۈر . s1{[{L3  
   w(Gz({l+  
-مانا ھازىرلا . #K|0lau l  
-نەگە بارىسەن ؟-دەم سورىدىم مەن ئۇنىڭدىن . l~rb]6E  
-ئاداش ،بۇ مۇنداق ئىشتى ،-دىدى دىلنۇر كارىۋاتلارغا بىر سەپسىلىپ قاراپ قۇيۇپ ،ياتاقنىڭ ئىشىكىنى يېپىۋەتكەچ ،-جەنۇبى ئوقۇتۇش رايونىدا بىر يۇرتلۇق ساۋاقدىشىم بار ئىدى .ئالدىنقى ھەپتە بارسام ،توۋا قىلدىم ،ئۇلارنىڭ ياتىقىدا بىر قىز مابىتىدىن ھامىلدار بولۇپ قاپتۇ ،ھېلىقى مابىتى دىگەن ھاراملىقمۇ ئۇ قىزغا ئىگە بولماي ،يوقاپ كېتىپتۇ ..مەن ئۇ قىزنىڭ يىغىسىغا قاراپ ئىچىم ئېزىلىپ كەتتى .ئۇ قىزنىڭ يا يېنىدا پۇلىسى يوقكەن .ئاڭلىشىمچە ھامىلىنى چۈشۈرۈشنىڭمۇ ۋاقتى باركەن .مەن ئۇ قىزغا ھامىلە چۈشۈرۈش دورىسى ئېلىپ بېرەيمىكىن دىگەن .ناۋادا ئەتىدىن قالسا جېنىم ئاداش ،ئۇ دورىنىڭ كۈچى بولمايدىكەن . شۇڭا ، DKTD Z*  
-شۇڭا سەن قانداق قىلىپ بەرمەكچى ؟-دىدىم مەن ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان سۆزلەرگە ئەجەبسىنىپ . {M [~E|@D  
-شۇڭا مەن سەن بىلەن بېرىپ شۇ تەرەپتە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ساتىدىغان دۇكانلار بولسا شۇنىڭغا كىرىپ ئاشۇ دورىنى ئېلىپ بۈگۈندىن قالماي ئۇ قىزغا ئاپىرىپ بېرەيمىكىن دىگەن . f|#8qiUS  
        ئادەم ھاياتلا بولسا ئاڭلىمىغان گەپلەرنى ئاڭلايدىكەن .توۋا دىمىسە بىكار جۇمۇ .ماۋۇ دىلنۇر نىمە دەپ يۈرىدۇ ئەمدى . كۆز ئالدىمدا  ھامىلدار بولۇپ قالغان قىزنىڭ كۆز ياشلىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم .ئەمما بولارئ ىش بولۇپ بولغاندىن كىيىن يىغلىغاننىڭ نىمە پايدىسى ؟چەكلەنگە ن مىۋىنى بالدۇر يەپ سالسا  ، ئاللانىڭ ئادەم ئەلەيھىسالامنىمۇ ئاياپ ئولتۇرمىغىنىنى ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ بىلگەن ھەممە ئادەم بىلىدىغۇ ؟ I(n }<)eF  
قايسىبىر چەت ئەل پەيلاسوپى شۇنداق دىگەن ‹‹ئادەم قىلغۇلۇقنى قىلىپ قۇيۇپ پۇشايمان يەيدىغان غەلىتە مەخلۇق ›› ck$M(^)l  
بۇ گەپ ھەقىقەتەن توغرا . ' l|R5   
بىزگە خاتالىقلار ئەينەن ئاشكارە . ئەمما بىز ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ قىلىمىز . ئۆز نەپسىمىز ،ھاۋايى -ھەۋىسىمىز ئۈچۈن ،گۈزەل ئەتىمىزنى قۇربانلىق بېرىمىز .مانا بۇلار بىزنىڭ تەقدىرىمىز . x#mtS-sw2Q  
مۇقەددەس ھەدىسلەردە ھەم شۇنداق دىيىلگەن ‹‹ئادەم ئۆز -ئۆزىنى ھالاك قىلمىغۇچە ئاللا ئۇنى ھالاك قىلمايدۇ .›› 0cFn{q'u  
قاراڭلار ،بىزگە ھېكمەت ،تەقدىر -پىشانىنىڭ يوللىرى شۇنداق ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىلگەن .ئەمما بىز ئازغۇن بەندىلەرچۇ ؟ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزغا كەلگىنىدە ‹‹يىقىندا كونا ئۆيلەر چېقىلىۋىدى ،ھۈكۈمەتتىن مانچە يۈزمىڭ سوم كەلگەن ،ئازراق ئوقەتكە دەسمى سىلىپ قۇيۇۋىدىم .بىر كۈندىلا نەچچ ئون مىڭ پايدا كۆرۈپتىمەن .كاللا ئىشلەتتۇق ئاداش ....››مانا مۇشۇنداق ياخشى ،كىشىنى خۇشال قىلىدىغان سۆزلەر ، ياخشى كۈنلەر ، يۈرۈشىۋاتقان تاپاۋەت ئوقەت ، ئۆزىمىزنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىق كاللىسىدىن كەلگەن ،قىزلىرىمىزنىڭ باي-باياشات ،ئېسىل -ئالىيجاناپ كىشلەرگە كېلىن بولۇپ كىرىشى ،ياخشى ،ئىنسابلىق يىگىتلەرگە ياتلىق بولۇشلىرى ،بىزنىڭ قىزلىرىمىزنى ياخشى خەقلەرنى تاللاپ تۇرۇپ بەرگەنلىكىمىزدىن بولغان ...قىسىقى ياخشى ئىش ، ياخشى كۈنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىزنىڭ ياخشى قىلغانلىقىمىزدىن بولغان .ئەمما بارچە پالاكەت ،نەس -بالا -قازالارچۇ ؟ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ بىزگە سالغان  جەۋرى - جاپاسى ،سىنىقى ،تۇغۇلغاندىن بېرى پىشانىمىزگە يېزىپ قويغىنى .....بىز نىمىدىگەن تۇزكۇر بەندىلەر -ھە ؟ئەجىبا ياخشى بولسا ئۆزىمىزدىن ،يامان بولغان ياتاتقان ئىگىمىزدىن كۆرىمىز ،ياخشى كۈنلەردە ئاللانىڭ بەرگەن نىمىتىگە شۈكرى قىلمايمىز ،ئۇنى ياد ئەتمەيمىز ،بىشىمىزغا كۈن چۈشكەندىلا ئاللانى ئەسلىشىمىز ، جەينامازدا ئۇنىڭغا تىۋىنىمىز ....ھەي ئەقىلسىز ،ئاسىي بەندىلەر .... iX%n0i  
مەن نىمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم ؟خىيالدىن ئويغانسام ،دىلنۇر باشلاپ كىرگەن كىچىك ،توخۇ كاتىكىدەك بىر دورىخانىغا كىرىپ قاپتىمەن .ياق ،مەن قارىسام بۇ دورىخانىغىمۇ ئوخشمايدىكەن .بۇ مېنىڭ بۇنداق يەرگە تۇنجى كىرىشىم .ئالامەت -كارامەت نەرسىلەر تۇرغاندەك قىلاتتى .كۆزلىرىم ئالا- چەكمەن بولۇپ كەتتى . LWD#a~  
-ئاداش سەن خەنزۇچىنى مەندىن ياخشى بىلىسەنغۇ ؟سەن دەپ بېرە ،-دىدى دىلنۇر ماڭا !R6ApB4ZI  
-مەن نىمىنى دەيمەن ،قانداق خىجىل بولماي ھامىلە چۈشۈرۈش دورىسى بارمۇ دەيمەن ؟دىگىنە ، Z(; AyTXA  
-ۋاييەي ،ھېچنىمە بولمايدۇ ، ساتقۇچى ئويغۇر بولمىغاندىن دەۋەرمەمسەن ؟بۇ يەردە بىزنى كىم تۇنۇيتتى ؟ (sCAR=5v\  
مەن دىلنۇرنىڭ قىستىشى بىلەن ئۇنىڭغا  بىر نىمىلەر دەپ سۆزۈمنى ئۇقتۇردۇم . /zT`Y=1  
MwAJ(  
ئايال مەندىن : NAJVr}4f  
-نەچچە كۈنلۈك بولدۇڭ ،-دەپ سورىدى . )xt4Wk/  
مەن تولىمۇ تەمتىرەپ كەتتىم .خۇددى ئۇ دورىنى مەن ئىچىدىغاندەك .ئىتتىكلا دىلنۇرغا قارىدىم ،- ئۇ قىز نەچچە كۈن بوپتۇ ؟ f-D>3qSS  
-مەنمۇ بىلمەيمەن ،ئىشقىلىپ ئۇ يەردىكى قىزلاردىن ئاڭلىسام ،ئەتىدىن قالسا ،دورا كار قىلمايمىش . 0x~`5h  
مەن ئايالغا شۇ بويىچە دەپ بەردىم .قارىغاندا ئۇ بۇ ئىشلارغا ناھايىتى پىششىقتەك قىلاتتتى . |')-VhLLK  
ئۇ ماڭا ئاشۇ كاتەكتەك دۇكىنىغا ئەپلەپ سەپلىۋالغان ،پەلەمپىيى بىلەن ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ بىر كەمدە بىر قاپ تابلىتكىلىق دورىنى ئېلىپ چۈشتى : S-!=NX&C  
-بۇنىسى ياخشى .شۇڭا 83كويدىن ساتىمىز . 6/1$< !WH  
-پۇلنى چىقار ،-دىدىم مەن دىلنۇرغا . ~5 >[`)  
مەن دورىنىڭ قېپىدىكى چۈشىكسىز سۆزلەرنى بەزىسىنى چۈشىنىپ ، چۈشىنمەلمىگىنىمنى تاشلاپ قۇيۇپ ئوقۇپ ،دىلنۇرغا بەردىم .دىلنۇر ئۇنى سومكىسىغا سالدى .بىز دۇكاندىن چىقىپ خۇددى ئوغرىلىق قىلىپ قۇيۇپ تۇتۇلۇپ قىلىشتىن ئەنسىرىگەن ،ئوغرىلاردەك ئەتراپقا  ئالمان -تالمان بىر قۇر قارىۋىتىپ ،ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا ئويغۇر بولمىغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىنلا ئىتتىك يولىمىزغا چۈشۈپ كەتتۇق . 'N6 S}w7  
بىر نەچچە  ۋاقىتتىن كىيىن مەن دىلنۇردىن قىزىقسىنىپ ھېلىقى قىزنىڭ دېرىكىنى قىلدىم .دىلنۇرنىڭ دىيىشىچە ئۇ قىز دىلنۇردىن تولىمۇ خوش بولۇپ كىتىپتۇمىش .بىراق ئۇ دورىنى ئىچىپ نەچچە كۈنگىچە ئىچىدىن قان كىلىپ توختىمايۋىتىمىش . !d8A  
-نىمە دەيدىغانسەن ئەمدى ،ئۇ قىزنىڭ ئەھۋالى قانداقراقكەن ؟ QVtM.oi!Q  
-ھازىر دەمسەن ،ھازىر ياخشى بولۇپ قاپتۇ .ئىشقىلىپ ،ھامىلىنى چۈشۈرگەندەك قىلىدۇ .دىدى دىلنۇرمۇ بىر ئۇھسىنىپ قۇيۇپ . مەنمۇ ئېغىر ئۇھسىنىپ قويدۇم ،ئەمما ئېغىر تىنىقلىرىم ئىچىمدىلا ۋۇجۇدۇمغا تاراپ كەتكەندەك قىلاتتى }C,O   
مەنبەسى -ئۆز قەلىمىم .داۋامى بار
[ تېما xatay تەرپىدىن 2011-12-23 19:23 دە قايتا تەھ ]

ئۆزىنىڭ تارىخىنى بىلمىگەن مىللەت-باشقىلار ئالدىدا مەڭگۈ قۇل مىللەت.
kawkaz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7609

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   33 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2720 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   265 (قېتم)
 تۆھپە:   265  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 515
 سائەت
دەرىجىسى:
515 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-18
ئاخــىرقىسى:2012-03-06
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-22
مېنى ياشىغىلى قوي ئويغۇرۇم 4.قىسىم

4.قىسىم
8s}J!/2  
JHV)ZOO  
-قانداق ئەھۋالىڭلار قىزلار ،دۆلەت بايرىمىدىكى دەم ئېلىشنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ كەلدىڭلارمۇ ؟ j} HFs0<L  
-يەتتە كۈن بىر كۈندەكلا ئۆتۈپ كەتتى دىسە توۋا ،كەتمەي دىسەم ئۆيدىكىلەر كېلىسەن دەپ تۇرۇۋالدى . IfdI|ya  
-ھەي قىزلار ئاڭلىدىڭلارمۇ يوق ،دۆلەت بايرىمىدا دىلنۇر ھېلىقى مەكتەپتىن قوغلاندى بولغان يۇرتداش دوستىنى ئىزەپ گۇاڭجۇغا  بېرىپ كەپتۇدەك . dXvt6kF  
-ھەئە ،بىرلىرى دوستىنى ئىزدەپ بىرلىرى ،مەبىتىنى ئىزدەپ گۇاڭجۇغا ئىككىلىسى تەڭ بېرىپ كەپتۇمىشلەر . C"<s/h  
-كىمكەن ئۇ سەن دىگەن مەبىتىنى ئىزدەپ بارغۇچى ؟ Iq5pAHm>M6  
-مۇنىرەغۇ ،يەنە كىم بولاتتى ؟دىلنۇر ئىككىسى بېرىپ كەپتۇغۇ شۇ . w; TkkDH  
-مۇنىرە ؟!ئۇنىڭ مابىتى ئىچكىرىدىمىكەن ؟ نىمىش قىلىدىكەن ؟ PBqy F  
   Ws[D{dS/  
-شۇ يەرە ئوقۇيدىكەن ،ئادىشىم ،سەن تېخى بىلمەمسەن ؟ P~$< X  
-مابىتىنى  خوتەندە دىگەنيا ؟ :>-1'HC  
-ئۆيى شۇ خوتەندىنكەن ،ئوقۇيدىغان يېرى كۇلىدىكەن شۇ . s&PM,BFf  
-ئۇ ئىككىلىسى ئەسلى ھەممىدىن سىر تۇتۇپ مىڭىشىپتىكەن ،بىر پويىزدا ئۇچرىشىپ قاپتۇمىش . ھى.ھى.بۇلارنى قايسى كۈنى شەرىپەدىن ئاڭلىدىم . 93%{scrm  
-شۇڭا بىز ئۇلارنىڭ تاپشۇرمىسى بويىچە ،ئۆيىدىكىلەر سوراپ ياتاققا تىلفۇن قىلسا ،سانجىغا دوستلىرىنىڭ مەكتىپىگە كەتتى دىمىۋىدۇققۇ ؟ C*~aSl7  
-ئەسلى مۇنداق دەڭ . i2,U,>.  
-ھىم ،شۇنداق . Fe=8O ^\  
ياتاقتىكىلەرنىڭ كۇس-كۇس گەپلىرى شەرىپەنىڭ كىرىشى بىلەنلا قازانغا سۇ قۇيغاندەك شۇئان جىمىقتى . 3}Xc71|v  
-ۋىيەي ،نىمە بولدۇڭلار ،مەن كىرىشىم بىلەنلا جىمىپ كەتتىڭلارغۇ ،-دىدى شەرىپە سىرلىق كۈلۈپ ،-مېنىڭ غەيۋىتىمنى قىلىۋاتقانمىتىڭلار ؟ ETw]!br  
-ياقەي ،دۆلەت بايرىمىدىكى چىقمىغان ھاردۇقنىڭ گىپىنى قىلىشىۋاتىمىز ،ئۆزەڭچۇ ،سىنىپقا چىقتىڭما ؟ئاپاڭ قېنى ؟ fv'4f$U  
-نىمە ،شەرىپە ئاپىڭىز كەلگەنمىدى ؟-دەپ سورىدىم مەن يىڭى ئاڭلىغا ن بۇ گەپتىن . 4*H"Z(HP  
-ھەئە ،باياتىن فاكولىتتا ،پەلەمپەيدىن چۈشۈۋىتىپ ،سىزگە ئاپام كەلدى ،دەپ ئېيتقانىمغۇ ،سىز ئالدىراش بىر ئىشقا مېڭىپتىكەنسىز ،قارىغاندا ئاڭلىماي قالغان ئوخشايسىز . xF8S*,#,*  
-كەچۈرۈڭ ،راستىنلا دىققەت قىلماي قاپتىمەن ،ئاپىڭىز ياخشىدۇ ،ئوبدان سىز بىلەن كەپتۇ .بىزمۇ ئاپىڭىزنى كۆرۈۋالىدىغان بولدۇق . j'rS&BI G  
-رەھمەت . H[&@}v,L  
شەرىپەنىڭ خېلى ۋاقىتلاردىن بېرى بۇ ماڭا ئىللىق كۈلۈمسىرىشى ئىدى .ئەلۋەتتە ،بۇنىڭ سەۋەبى يوق ئەمەس .ئاڭلىشىمچە ،شەرىپە  بۇ يېرىم يىلدىن بۇيان جەمئىيەتتە ئېقىپ يۈرگەن بىكار تەلەپ بىر بالا بىلەن تىپىشىپ قاپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز ئاخشىمى بولسا پات-پات ياتاققا كىرمەس بولۇۋالدى .بىز كىرگەن تەكشۈرگۈچىلەرگە تولا يالغان سۆزلەپمۇ ،ئاخىرى ئېيتىدىغانغا يالغانمۇ قالمىدى .ئۆزۈممۇ يالغاننى قاملاشتۇرالمايمەن ،شۇ تۈپەيلى ،بىر كۈنى ئۇ قىزنىڭ تىلفۇنىنى مەن ئېلىپ قىلىپ ئاپىسىنىڭ ‹‹شەرىپە قىزىم ياتاقتا بارمۇ دىسە ،يوقتى دەپ قۇيۇپ ياتاقتىكى قىزلارغا قارسام ھېچققايسىسى بىلمەيمىز دەپ بىشىنى چايقاشتى .كەچۈرۈڭ ،مەنمۇ بىلمىدىم ،مەنمۇ باياراقتىلا ياتاققا كىرگەن دىسەم ،ئاپىسى ،ھازىر سائەت ئون بولاي دىسە نەگە كەتكەندۇ .››دەپ قۇيۇپلا تىلفۇننى قۇيۇۋەتكەنىدى .شۇنىڭدىن بېرى ئۇ قىز ماڭا ئىچىدە غۇم ساقلايدىغان بولۇۋالدى .گەپ قىلساممۇ ،تۈزۈك گەپ قىلغۇسى كەلمەيتتى .   p]|LV)R n  
بەزىمىزدە شۇنداق بىر ئىللەت بار .ھەقىقەتتە ،بىز ئۆزىمىزنىڭ ماڭغان يولىمىزنىڭ قانچىلىك توغرا، قانچىلىك خاتائىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرىمىز .ناۋادا بىلىپ تۇرۇپ خاتا ماڭغان يولىمىزغا باشقىلار پىكىر بەرسە ،ياخشى نىيەتتە نەسىھەت قىلسا ، ئۇلار بىزنىڭ يولىمىزدا ئارا تۇرۇۋالغان تىكەن -خوخادەك كۆرۈنىدۇ ،قىلما دىگەنسېرى ،بىر قىلىپ ،ئۆزىمىزنىڭ رايىنى سىنىغۇمىز كېلىدۇ . بۇ يولدىن باشقىلارنىڭ نەسىھىتى بىلەن ئەمەس ،ئۆزىمىزنىڭ تونۇشى بىلەن چىقىپ كەتسەككەن دەپ ئويلايمىز .ئاقىۋەت پاتقاققا پېتىپ قالغاندا ،چوڭقۇر پاتقان پۇتلىرىمىزنى ئالالماي ،ياكى بولمىسا شۇ كويغا كۆنگەن مەپتۇنلۇقىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ داۋاملىق شۇ ئەگرى يولدا كېتىپ قالىمىز .بۇئەگرى يولدا كېتىۋاتقانلىقىمىزنى ھېچكىمگە بىلدۈرۈشنىمۇ خالىمايمىز ،بىلسىمۇ ئېتىراپ قىلمايمىز .توغرا يولدا ماڭغانلار ،مېڭىۋەرمىسۇنمۇ ؟بىزنىڭ قايسى يول بىلەن مىڭىشىمىز بىلەن ئۇ خەقنىڭ نىمە كارى ،ئۆزۈمنىڭ قايسى يولدا كېتىپ بېرىشىمنى بىلىمەن .ئىش ئۆگەتكۈدەك كىم ئىدى ئۇلار ؟....مانا بۇ ئەگرى يولدا مېڭىشنى خالايدىغانلارنىڭ شەيتاننىڭ ئالىدا بەرگەن قەسىمى . f05d ;  
بەلكىم مەنمۇ شۇ تۈپەيلى شەرىپەگە تازا ياقمىغاندىمەن .بىراق مەن نىمە قىلدىم ؟ ئۇنىڭ قىلىۋاتقانلىرى توغرىلىق ياتاقتىكى قىزلارغا گەپ تۇشۇغۇنۇممۇ يوق .ئۇ كۈنكى تىلفۇندا مەن قەستەن ئۇنى ئاپىسىغا يامان كۆرسىتىش ئۈچۈنمۇ شۇنداق دىگىنىم  يوق .مەن غەرەزسىزمەن . ;IP~Tb]&  
ئەمما ئۇنىڭ كۆزىگە شۇندىن بېرى سىغماس بولۇپ قالغىنىم راست .بىراق ئۇ بۇلارنى مەندىن كۆرسە بولمايدۇ-دە ،بوپتۇ ،ئۇ ھامان بىر كۈنى چۈشىنىپ قالار ،بىزدە بىر گەپ بارغۇ ‹‹ھەر كىم قىلسا ئۆزىگە yXfMzG  
يىقىندا راست شەرىپەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولدى ،بۇنى ئوقۇرمەن دوستلار ،سىلەرگە دەپ بەرمەي ئۆتۈپ كەتكىلى تاسلا قاپتىمەن .شەرىپەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ھېلىقى ئوغۇل دوستۇم دەپ ئاتىۋالغان ئاق سېرىق ئورۇققىنا بالا ئۆتكۈزۈپ بەردى .بىزپەقەت شەرىپەگە مېھمان سۈپىتىدە سورۇنىغا داخىل بولۇپ ئۇ چاقىرغان رېستۇرانغا ېبرىپ ،يەپ ،ئىچىپ ئويناپ كەلدۇق شۇ .ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە سوۋغاتلىقمۇ بەرمىدۇق .بىز بارغاندا ئوغۇللار بىر جوزا لىق ئولتۇرۇپ بوپتۇ ،ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىمۇ ياكى ئەمەسلىكىنى بىلەلمىدىم .ئۇلارمۇ قىزلارنى كەلسە كەلمەس تانسىغا تارتىپمۇ كەتمىدى ،بىز قىزلارمۇ ،ئۇلارغا پۇرسەت بەرمەي سورۇندىن چۈشمەي ئويناپ كەتتۇق .سورۇن شۇنداق ئاخىرلاشتى . hl/itSl$  
بىز قايتىپ كەلدۇق .ھەممەيلەن شەرىپەنىڭ سالغان داستىخىنىغا داخىل بولۇپ ،ئۇ نىمە دەپ قۇيۇپ چىقىپ كەتسە ،تىلفۇندا شۇ بويىچە دەيدىغان بولدۇق .‹‹يىگەن ئېغىز ئۇيۇلىدۇ ئەمەسمۇ ›› .KA V)So"  
M}FWBs'*|  
-شەرىپەنىڭ ئاپىسى كىلىپ ،مەن شەرىپە بىلەن  ئاخشام بىر كارىۋاتتا ياتقانىدۇق ،پەقەت ئۇخلىغاندەك بولمىدىم .-دىدى مۇنىرە كېتىۋىتىپ ماڭا .قارىسام ئۇنىڭ راستىنلا ئويقۇسى قانمىغاندەك قىلاتتى . F+aQ $pQ  
-بۈگۈن جۈمە -ھە ،ئۇنداق بولسا ئۆزۈمنى سوراپ ،مەن بۈگۈن كەچ كىچىك ئاپامنىڭ ئۆيىگە كېتەي ،ئاخشاملىققا سەن مېنىڭ كارۋىتىمدا ياتقىن بولدى . I0w%8bs  
-ئەجەب ياخشى جۇمۇ سەن ،-دىدى مۇنىرە . v<h;Di@  
بۇ يىقىندا ئاپام ئۈرۈمچىدە بولغاچقا ،مەن پات-پاتلا كىچىك ئاپامنىڭ ئۆيىگە كېلىۋالىدىغان بولدۇم .بۈگۈنمۇ شەنبە-يەكشەنبە بولغاچقا ،تۇققانلىرىمىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ،مېھمان بولۇپ كەچ قايتتۇق .ئاپام مېنى كەچ قالدىڭ دەپ نەۋرە ئاكامنىڭ ماشىنىسىدا مەكتەپنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ قويدى .مەن ئاپامغا قىيمىغان ھالدا مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەتتىم ،مەن كىرىپ كەتكەندىن كىيىنلا ئاندىن ماشىنا قوزغالدى . مەن ياتاققا قايسىدۇر ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان بىر ئاھاڭدىكى ناخشىغا كەلسە-كەلمەس غىڭشىغاچ ،ياتاققا كىرىپ كەلدىم .كىردىمۇ ،تۇرغان ئورنۇمدا قوزۇقتەك تۇرۇپ قالدىم .ياتاقتا شەرىپەنىڭ مەسئۇل ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ياتاقتىكى قىزلار ئولتۇراتتى .شەرىپەنىڭ كارۋىتىدا بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئورۇق كەلگەن ئايال ئولتۇراتتى ،ئېنىقكى ئۇ چوقۇم شەرىپەنىڭ ئاپىسى ئىدى . qd2xb8r  
ئايالنىڭ كۆزلىرى غەمكىن بولۇپ ،يەردىن كۆزىنى ئالماي ئولتۇراتتى .مەن قىزلارنىڭ ئىشارىتى بىلەن ئاستا بىر ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇردۇم . TipHV;|e  
شەرىپەنىڭ مەسئۇل ئوقۇتقۇچىسى ئەللىك ياشلاردىن ئاشقان پىشقەدەم بىر ئەر مۇئەللىم ئىدى .بىز فاكولىتلاردا پەقەت باش سالىمى قىلىپ قۇيۇپلا ئۆتۈپ كىتىشەتتۇق .رىشىد مۇئەللىم بىزھەممەيلەنگە بىر قارىۋىتىپ مەن كىرمەستىن بۇرۇنقى سۆزلىرىنى يىغىنچاقلىدى : H!ehJ$[  
-ئىش مانا مۇشۇنداق ،باللىرىم ،ئامال بار شەرىپەنىڭ دېرىكىنى قىلىڭلار .قالغان ئىشلارنى ئەتە سىز فاكولىتقا چىقسىڭىز ،دىيىشەيلى . Da,Tav%b  
قارىغاندا رىشىد مۇئەللىمنىڭ يۈز بەرگەن ئىشلار توغرىلىق ھازىر خۇلاسە چىقارغۇسى يوقتەك قىلاتتى . \lr/;-zP  
مۇئەللىم چىقىپ كەتتى .شەرىپەنىڭ ئاپىسى يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ،شەرىپەگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان قاپقار كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ ئۈنسىز يىغلاپ كەتتى ،ئارىمىزدىكى بىر نەچچەيلەنمۇ ئۇ ھەدىمىزگە ھېسداشلىق يۈزىسىدىن جۈر بولۇپ كۆز يىشى قىلىشتى : *o4%ul\3Y|  
-بولدى يىغلماڭ ھەدە ،شەرىپە چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ .بەلكىم بىر نەچچە كۈندىن كىيىن كەيپىياتى ئوڭشالغاندا ئۆزى قايتىپ كېلىشى مۇمكىن . 3wt  
-شۇنداق ،بۇنداق يىغلاۋەرمەڭ ،قېنى بۇ چاينى ئىچىڭ ،ئەتىگەندىن بېرى تۈزۈك نەرسە يىمىدىڭىز . Ye |G44z  
بۇلۇۋاتقان ئىشلاردىن ئەجەبلىنىپ ،ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكى بىر پارچە قەغەزگە كۆزۈم چۈشتى . :JV\){P  
‹‹ئاپا ،ھەم دادا ،مېنى كەچۈرۈڭلار ،مېنىڭدەك يارىماس قىزىڭلارنى كەچۈرۈڭلار .بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە مەن سەۋەبچى ئەمەس ،بەلكى ئاپامنىڭمۇ مەلۇم مەسئۇلىتى بار دەپ قارايمەن .ئاپا سىز نىمىشقا مېنىڭدەك يارىماس قىزنى تۇغدىڭىز ؟ئەجىبا مەن مۇشۇنچىلىك كۈن كۆرۈش ئۈچۈن دۇنياغا تۆرەلدىممۇ ؟ مەن ئوقۇشقا كىلىپ ،ھېچ خۇشاللىق تاپالمىدىم ،باشقىلار كىيگەننى ئوڭلاپ كىيەلمىدىم ،باشقىلار خەجلىگەن پۇللارنى مەن خەجلىيەلمىدىم ،ئائىلىمىزنىڭ شارائىتى مېنى دائىم قىسىپ خەجلەشكە ،ھالىمغا بىقىپ ياشاشقا مەجبۇر قىلىدۇ ،مېنىڭ بۇنداق ياشىغۇم يوق ،راستىنلا يوق .مېنى ئىزدىمەڭلار .مەن ئەمدى مەكتەپتە ئوقۇمايمەن ،ئوقۇغۇممۇ يوق ..... k|j:T[_  
خەتنىڭ داۋامىنى ئوقۇشقا مېنىڭ  پەيمانىم تاقەت قىلالمىدى . w-rOecwFvu  
-بۇ شەرىپەنىڭ خېتىمىكەن ؟ئۇ مۇشۇ خەتنى تاشلاپ قۇيۇپ چىقىپ كېتىپتىما ؟-سورىدىم قىزلاردىن . e-6(F4  
-شەرىپە بەك ئەقىلسىزلىك قىپتۇ ،قاراڭ ،قىزىم ،ئۇ بىر چامادان بىلەنلا مۇشۇ بىر پارچە خەتنى ياشلاپ قۇيۇپ چىقىپ كېتىپتۇ .ئۇ نەگە بارماقچىدۇ ،توۋا قىلدىم ،بۇقىزنىڭ قىلغان ئىشىنى كۆرمەمسىز ؟ ئۇ كاللىسىنى ئىشلىتەلمەپتۇ .ھەممە نەرسىنى ،  كىيىمنىڭ قىشلىقىدىن تارتىپ  ئاپتۇ-يۇ ،مانا بۇ سالاھىيەت كىنىشكىنى تاشلاپ قۇيۇپتۇ ،بۇ كىنىشكا نەگىلا بارسا ئىشلىنىدۇ ،ئۇ نەگە بارالايدۇ ،دەپ بىقىڭلار ؟ ئايال بىردەملىك ئېسىدىن كېچىپ يىغلايتتى ،سۆزلەيتتى kK?zVH-!  
      شەرىپە ئەسلىدە ھېلىقى -كۈن -تۈنلە ياتاققا قايتمىغان چاغلىرىدا ،ئۆيىدىن بەرگەن ئوقۇش پۇلىنى ئاشۇ يىگىتى ئىككىسى بىرلىكتە ئويناپ خەجلەپ  تۈگىتىپتۇ .ئۇنىڭ ئۈستىگە داۋاملىق دەرىس تاشلاپ ،ئاگاھلاندۇرۇش جازاسىدىنمۇ ئېشىپ كېتىپتۇ ، ئىككى يىللىق ئوقۇش پۇلىنى تۆلىمىگەنلىكى ئۈچۈن  ئاخىرى مەكتەپتىن چېكىندۈرۈش جازاسى بېرىپتۇ .ئاتا-ئانىسىنىڭ كېلىپ بۇ ئىشتىن خەۋەردار بولۇشىنى تاپىلاپ ،مەكتەپنىڭ ئاتا-ئانىسىنى چاقىرتىپتۇ .ئەمما شەرىپە ئاپىسى كىلىپ ئىككى كۈن ئۆتمەيلا قولىدا ئىككى -ئۈچ يۈز كويلا پۇل بار ئاپىسىنى ياشلاپ قۇيۇپ بىر چاماداننى سۆرىگەن پېتى ،لەنەتلىك خەتتىن بىرنى ياتاقتا ئاپىسىغا قالدۇرۇپ قۇيۇپ چىقىپ كېتىپتۇ .‹‹ئەگەردە بۇ ئىشنى بىز قىلىپ سالغان بولساقچۇ ››دىگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم مەن .‹‹ئاپام كەينىگە تىڭڭىدە چۈشۈپ ،جايىدا شۈك بولۇپ ئۆلۈپ قالغان بولاتتى .››شەرىپەنىڭ ئاپىسى شۇنىڭغا قارىغاندا خېلى قەيسە ئايالكەن ،قارىماققا ئەللىككە بارمىغان ئايالكەن ،ئەمما چىرايىدىن خېلى جاپا تارتقانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ . 6VR[)T%  
             ھەي بىچارە ئايال -نادان قىزنى تۇغقان ئايال .بالا تۇغۇپ ،ئۆزۈڭگە بالا تاپتىڭمۇ ؟ xrI}3T  
<Cq"| A  
ۋۇجۇدۇم تەسۋېرلىگۈسىز بىئاراملىقتا مۇجۇلغاندەك بولدى . \R Z3Hh  
              ئېلىپبەنى تونۇپ ئۆمرۈمدە ،ھىكايە -رومانلاردا ئۆيىنى ،ئائىلىسىنى ،قىسىقىى باش ئېلىپ چىقىپ كەتكەنلەر توغرىلىق ئاڭلىغانمەن ،ئۇلارنىڭ قالدۇرۇپ قويغان خەتلىرىنىمۇ ئېغىز -قۇلاقلاردىن ،ھىكايە -ژورناللاردىن ئوقۇغانمەن .ھەممىسىدە ئۆزرە ئېيتىپ ،ئۆزىنى ئەيىبلەپ ،ئاتا-ئانىسىغا قىلالمىغان ياخشىلىقلىرىدىن سۆز ئېچىپ ، كەچۈرۈ سوراپ يازغانيۇ -ئاتا-ئانىسىغا گۇناھ قۇيۇپ ،بار توقۇمنى ئاتا-ئانىسىغا ئارتىپ ماۋۇنىڭدەك ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ئايرىلىش خېتىنى ھېچيەردە كۆرمەپتىكەنمەن ،ئەمدى كۆرۈۋاتىمەن ،ئىنشائاللا ! `ue?Z%p|  
بىز ھەممىمىز بار ياخشى سۆزنىڭ ھەممىنى قىلىپ ئۇ ھەدىمىزنى تىنچلاندۇرۇپ ،ياتقۇزۇپ قويدۇق . WOb8 "*OM  
ئەتىسى مەن ئۇ ھەدىمىزنى فاكولىتقا باشلاپ چىقىپ ،رىشىد مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىغا ئەكىرىپ قويدۇم . Lz6*H1~   
دەرىستىن چۈشسەم ئۇ ئايال سىرتتا مېنى ساقلاپ تۇرىدۇ . s=/^lOOO  
-سىزنى ئۇ  ئوقۇتقۇچى  يىنىمغا كىرسۇن دەيدۇ . I9/KM4&  
مەن رىشىد مۇئەللىمنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم . %EIUAG  
   j],& z^O$  
-مەن سىزگە چۈشتىن كىيىنكى دەرسىڭىزنى رۇخسەت ئېلىپ بېرەي ،سىز شەرىپەنىڭ ئاپىسىنى بىكەتكە ئاپىرىپ يولغا سىلىپ قۇيۇڭ . y:9?P~  
-ماقۇل . }200g_^  
مەن قايتىپ چىقىپ شەرىپەنىڭ سىنىپىدىكى بىر يۇرتلۇق ساۋاقدىشى شەۋكەت بىلەن ئۇنى ياتاققا قايتۇرۇپ كەلدۇق .بىز كىرىپ شەرىپەنىڭ يۈك -تاقلىرىنى بىرنى قويماي ،تىڭىپ تەييار قىلدۇق . _LsYMUe  
ئەڭ ئاخىرىدا قالغان كارۋاتتىكى ماتراسنى قولغا ئېلىپ : ybYXD?  
-بۇ ماتراسنىمۇ ئېلىۋالاي .بىزنىڭ ئۆزىمىز ئېچىۋالغان بىركىچىك دۇكىنىمىز بار ،ئۇ دۇكانغا مۇشۇنداق بىر نەرسە لازىمتى .خاپا بولماي ماۋۇ يېرىدىن تۇتۇپ بەرىسڭىز ،تىڭىۋالاي . kA,4$ 2_o  
مەن شۇ دەمدە ئۇ ھەدەشكە ‹‹ياق بولمايدۇ ،بۇ دىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەس .مۇشۇ ياتاقلارنىڭ ››دىيىشكە تىلىم بارمىدى .بوپتۇ ،كۆرمىسە ،ئەكەتسە ئەكەتمەمدۇ ؟ھاجتىىدىن چىقسا ،شۇ كۇپايە . !PI0oh  
مەن پەسكە چۈشكۈچە شەۋكەت يۈك باسقۇدەك كىچىك تىپتىكى ماشىنىدىن بىرنى باشلاپ كەلگەنىدى . ~Jxlj(" 0(  
skY0\V  
بىز ماشىنىغا يۈك-تاقنى بىسىپ بولۇپ ،ئالدىغا چىقتۇق . At|h t  
         ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلۇپ تۇراتتى ،ئىچىم ئېزىلىپ كەتتى .نىمە دىيىشىمنى بىلمەيۋاتاتتىم ، ئايالمۇ ھەم شۇ ،ئۇ يەنە نىمە دىسۇن ؟ئۆز باغرىنى يېرىپ چىققان قىزنىڭ قىلغان تۇزكورلىقىدىن زارلىنىپ ئۆزگىگە ھال ئېيتسۇنمۇ ؟ !p"Kd ~  
--بولدى كۆڭلىڭىزنى بۇزماڭ ھەدە ،-دەپ تەسەللى بەردىم مەن .- يولغا چىقىپ كېتىۋاتسىز ،كۆز يىشى قىلماڭ .شەرىپەدىن باشقا بالىلارمۇ بارمۇ ؟ 2D_6  
-بار ئوغلۇم ئەمدى يىگىرمە ياشقا كىردى ،شارائىت يار بەرمىگەچكە ئۇنى مەكتەپتىن توختىتىۋالغان ،كىچىك بىر دۇكىنىمىز بار ،ئۇ شۇنىڭغا قارايدۇ . ئۇنىڭدىن كىچىك بىر قىزىم بار 17ياشقا كىردى ،ھازىر تولۇق ئىككىنچى يىللىقتا ئوقۇيدۇ . -G!6U2*#  
-مەيلى .شۇ قىزىڭىزنى بولسىمۇ ياخشى قاتارغا قوشۇڭ ،شەرىپەمۇ ھامان بىر كۈنى قىشىڭىزغا قايتىپ بارىدۇ .بىر ھىسابتا بۇمۇ بولغىنى ،-دىدىم مەن ئامالنى بارىچە ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈشكە تىرىشىپ .-ئۇ مۇشۇنداق قىلىپ ئىسسىق -سوغاقنى بىر بىشىدىن ئۆتكۈزسە ،كىيىنكى كۈنلەرنىڭ قەدرىنى بىلىدۇ ئەمەسمۇ *NF&Y  
-ئەمدى ،ئۇ مېنىڭ قىشىمغا كەلسە ،ۋە ياكى بىرەر ھارامدىن شۇمىنى يىتىلەپ كېلىدىغان بولسا ،مەن ئۇنى ئۆمۈرۋايەت كەچۈرمەيمەن ،ئۆيگىمۇ دەسسەتمەيمەن ! vhX-Qkt}  
ئايال ھاياجاندىن ئاۋازلىرى تىترەپ چىقاتتى .مېنىڭمۇ كۆزلىرىمدىن ياشلار قۇيۇلۇپ تۇراتتى . )2toL5Q  
DbQBVy  
- ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ ،ئۇمۇ ھامان بىر كۈنى پۇشايمان قىلىدۇ .ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ .ئىچىڭىزگە ئېلىپ كەتمەڭ . ھازىرقى كۈنلەرنىڭ قەدرىنى قىلىڭ ،ئالدىڭىزدا يەنە بىر قىزىڭىز باركەن ،بولسا شۇنى ياخشى تەربىيلەڭ ،قىز ئەمدى 17گە كىرىپتۇ .ئۇچۇشقا تەمشەلگەن چاغلىرىدا ،بالىلارنىڭ دىگىنىنى قىلىپ بەرمەڭ ،ئالىمەن دىگىنىنى ئېلىپ بېرىڭ ،بولمىسا ،خاتا يولغا كىرىپ قالىدۇ .ئەمما قولىغا جىق پۇل بېرىپ كۆندۈرۈپ قويماڭ . مۇشۇنداق ئاقىۋەتلەرنىمۇ چىقمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ .سەپىرىڭىزگە ئامان -ئىسەنلىك تىلەيمەن . du8!3I  
ئايال يىشىنى توختىتىپ ئېغىر ئۇھ تارتتى . VAt>ji7c  
بىز كىرىپ  ئاقسۇ ئاۋاتنىڭ يولۇچىلار بىلىتىدىن بىرنى ئالدۇق .ئۇ ئايال ئويغۇرچە خەتنىمۇ تۇنۇمايدىكەن .شۇڭا بىز ئۇنىڭغا ھەممىنى ئېنىق كۆرسىتىپ قويدۇق . E4hq}  
-مەن  ئۆزۈم ئاقسۇ ئاۋاتتىن بولغىنىم بىلەن  ئۆمرۈمدە ئاقسۇغىمۇ كىرىپ باقمىغان ئايالمەن ،-دىدى ئۇ ئايال . "LXXs0  
بىكەتنىڭ ۋاقتىدىن يەنە ئىككى سائەتچە ۋاقىت بار ئىدى . ~V!EtZG$  
-ئەتىگەندىن بېرى ناشتىمۇ قىلمىدىڭىز ،-دىدىم مەن ،بۇ يەردىن كوچا ئابۇتۇبۇسىغا ئولتۇرساق كىچىك ئاپامنىڭ ئۆيى يىراقمۇ ئەمەس .بېرىپ ئۆي تامىقى يەپ قورسىقىڭىزنى توقلاپ ئاندىن مېڭىڭ . Od*v5qT;$  
-بولدى ،رەھمەت قىزىم ،ھېلىمۇ ئىككىلارنى بەك ئاۋارە قىلدىم ،خۇدايىم ئىككىڭلارنىڭ بەختى تەلىيىنى بەرسۇن . v  F]  
ئايال شۇنچە تۇتساممۇ ،پەقەت بارغىلى ئۇنىمىدى . ]m RF[b$  
-ئۇنداق بولسا .مۇشۇ ئەتراپتىن تاماق يەڭ .تاماقنى چوقۇم يەيسىز ،بولمىسا بىز كەتكەندىن كىيىن ئاشخانا ئىزدەيمەن دەپ جىق ئادەمنىڭ ئارىسىدىن ئېزىپ قالسىڭىز چاتاق بولىدۇ . q~mcjbLz  
-شۇنداق ،بىكەتنى تاپالماي قىلىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ قويماڭ .-دىدى شەۋكەتمۇ . vW9^hbdx  
   y B1W>s8&  
بىز ئۇ ئايالنى ئاشخانىغا ئەكىرىپ تاماق يىگۈزۈپ ،ئابتۇبۇسقا ئولتۇرغۇزۇپ قۇيۇپ ئاندىن مەكتەپكە قاراپ ماڭدۇق . ZjE~W>pkQ  
T3 =)F%  
ئەي ئانىلار ،جاپاكەش ئانىلار ،تارتقان جاپاسىنى ئاز دەپ ،جاپا ئۈستىگە جاپا تاپقان ناتىۋان ئانىلار ZV0)."^Z  
داۋامى بار ! Z=0iPy,m>  
    ئەتە كەچ .بەك توڭلاپ كەتتىم ،ئۆي سوغاق . ئەسلى ئەتە يازاي دىگەنىدىم ،سىلەر ئۈچۈن قاتتىق ئۈچ سائەت ئولتۇۋەتتىم .ھى.........ھى......ھىكايىنى ئوقۇپ بولۇپ ياخشى چۈش كۆرۈڭلار .كاۋكاز ئەتە سىلەرگە يىڭى ھىكايىسىنى ئېيتقۇسى .
[ تېما xatay تەرپىدىن 2011-12-23 19:25 دە قايتا تەھ ]

ئۆزىنىڭ تارىخىنى بىلمىگەن مىللەت-باشقىلار ئالدىدا مەڭگۈ قۇل مىللەت.
kawkaz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7609

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   33 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2720 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   265 (قېتم)
 تۆھپە:   265  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 515
 سائەت
دەرىجىسى:
515 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-18
ئاخــىرقىسى:2012-03-06
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-22
مېنى ياشىغىلى قوي ئويغۇرۇم 5-قىسىم

5-قىسىم
&>b1ES.>  
UN4) >\Y  
*w,gi.Y3  
تۈنۈگۈنلا مەكتەپ دەرۋازىسىدىن ھاڭۋىقىپ كىرىپ كەلگەنىدۇق ، مانا ئەمدى   ئالى مەكتەپ بىلەنمۇ ۋىدالىشىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز . ھەممىمىزنى ئورتاق بىر ھاياجان ،دىلىغۇللۇق ،كەلگۈسىگە بولغان ئوتلۇق تەلپۈنۈش ھېس -تۇيغۇلىرى چىرمىۋالدى .ئەتىيازنىڭ غۇر -غۇر شاماللىرى يىڭى بىر يىشىل ھاياتنىڭ شەپىنى ئېلىپ كەلدى . y5D?Bg|M  
مەن بۈگۈن كومپىيوتىر دەرىجە ئىمتىھانىنى ناھايىتى ياخشى بەردىم . ئاللا خالىسا ،ئۆتۈپ كېتىشىمدە گەپ يوق . ئەمما ئوقۇش ئاخىرلاشقانسېرى ،مېنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلار ،غەش قىلىدىغان ئىشلار بىلەن تەڭ قەدەمدە مېنى بىئارام قىلماقتا . شامىل ئون نەچچە يىل ئوقۇغىنى يەتمىگەندەك ،ئاسپىرانلىقتىن ئېشىپ چەتكە  چىقىپ ئوقۇش پۇرسىتىغا ئېرىشتىم دەپ خۇشال بوپ يۈرىيدۇ ،ئەمما مەنچۇ ؟ ئۇ بولمىسا ،مەن كىمنى تىللاپ ئىچ پۇشۇقۇمنى چىقىرىمەن ؟ دېپلومىمنى ئېلىپ مەن يۇرتۇمغا كىتەمدىم ؟ ئىككىمىزنىڭ ئىككى يۇرتتىن  ئىكەنلىكىنى بەش بارمىقىمدەك ئېنىق تۇرسا ، مەن يەنە نىمىشقا ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ ،ئاسماننىڭ تېگىدە مانتا يەپ ياشىغاندىمەن ؟ئۆيۈمدىكىلەر ،مېنى ھەرگىز غۇلجىلىققا بەرمەيدۇ .‹‹ۋىيەي ،نىمە دىگەن يىراق يەر ئۇ ،بىر كىچە چايقىلىپ ، ئۇخلاپ قوپساڭمۇ سۈيدۈڭنى تاڭ يورۇماي كۆرەلمەيسەن  ،شۇ يەرگە قىز بەردىم دەپ ،ئىڭەك يۆلەپ ئۆمرۈم ئۆتەمدا مېنىڭ ؟›› ئااپامنىڭ شۇنداق دەپ تۇرۇۋىلىشى ھازىرلا ،دادام  قولىدۇ ئاندىن ‹‹قىز بالا دىگەننى ،زادى ....ھەي بولدى ،ئاپىسى سەن نىمىدە دىسەڭ شۇ ››....مۇشۇلارنى ئويلىسام ،بىشىم زىڭڭڭىدە قىلىپ ،قېتىۋالغان كومپىيوتىردەكلا بولۇپ قالىدۇ . pREY AZh  
بىر دەسسەپ ،ئىككى دەسسەپ كۇتۇپخانا ئارقىسىدىكى ئورۇندۇقلاردا بىردەم ئارامىمنى ئېلىپ ،كاللامنى سەگىتەي دەپ شۇ تەرەپكە قاراپ ماڭدىم . Y-{BY5E.  
-سابا ،ھوي پاڭ قۇلاق سابا ! .*7UT~o=CS  
كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىسام ،شامىلكەن .ئۇنى كۆرۈپ بىر ئۇھسىنىپ قويدۇم . !QspmCo+  
قارىماققا ئۇ خېلى يەردىن مېنى كۆرۈپ يۈگرۈپ كەلگەن چېغى ھاسىراپ كەتكەنىدى . `R?W @,@'  
-كۆزەينىكىڭ چۈشۈپ قالغۇچىمۇ يۈگرەمسەن ؟-دىدىم مەن ئۇنىڭغا قاراپ  ئەجەنسىنىپ ،-چاقىرمىساممۇ ئۆزۈڭ بىلىپ كېلىدىغان ۋاقتلىرىڭ بولىدىكەن -ھە سېنىڭ . X1dG'PQ  
-ھا.....ھا......ھۇ....ھۇ....،-ئۆزۈڭ بىر ئەپتىڭگە قارىغىنا ،-دىدى ئۇ ئايىقىمنى  شەرەتلەپ قانداق كېتىپ بېرىپسەنكىن ،توۋا ،چاقىرمىسام مۇشۇ پېتى خەلقئارا چوڭ بازارنى بىر ئايلىنىپ كەلمىگىن ،ھېلىمۇ بۈگۈن كۆڭلۈم تۇيغاندەك كەپتىمەن . S:\hcW6  
    ئۇ بۈگۈن نىمانچە خوش بوپ كەتكەندۇ ،-مەن شۇلارنى ئولاۋېتىپ ئايىقىمغا قارىدىم . I,3!uogn  
-ئوھۇ، بۇ مەن ،نىمە قىلدىم ئەمدى ،مۇشۇنداق چىقتىمما ؟-پۇتۇمدا كومپىيوتىر زالىدىن كىيىپ چىققان  سۇلياۋ قاپ تۇراتتى .مەن بايا خىيال بىلەن پۇتۇمدىن سىلىۋىتىشنى ئۇنتۇپلا شۇ پېتى چىقىپ كېتىپتىمەن ئەمەسمۇ ؟-مەن پۇتۇمدىن سۇلياۋنى ئىتتىك سالغاچ شامىلغا قارىدىم ،-ئەجەپ خوش  قىلىۋىتىپتىمەن سېنى ھە ،ئوبدان كۈلۈۋال ،كىيىن ياپۇن پاپالىرىنىڭ ئالدىغا بارساڭ ، سېنى كۈلدۈرىدىغان مەن يوق ،غېرىپبىسىنىپ قالىسەن . ~{Bi{aK2  
شامىل جىمىپ قالدى ،بەلكىم سۆزلىرىم ئۇنى بىئارام قىلدى ياكى بولمىسا ئۇنىڭمۇ كۆڭلى تىنچ ئەمەستۇر . iCKwd9?)  
-ماڭە ئاۋۋال تائام ،ئاندىن كالام . Cw5K*  
بىز تاماقتىن كىيىن خۇڭخۇ كۆلى ئەتراپىنى ئايلاندۇق . خۇڭخۇ كۆلى بىر نەچچە يىل بۇرۇنقى ۋاقىتتىكىدەك سۈيۈملۈك تۇيۇلمايتتى . +eXfT*=u5  
-ئىككىمىزنىڭ ئىشى توغرىلىق بەك جىق ئويلاپ كەتمە ،-دىدى شامىل يەردىن كۆزىنى ئۈزۈپ يىراقلارغا تىكىلگىنىچە ، خۇدا بۇيرسا ،مەن ئىككى يىل ئوقۇسام قايتىپ كېلىمەن ئەمەسمۇ ؟سەنمۇ ئۆيۈڭدىكىلەر بىلەن ئوبدان مەسلىھەتلىشىپ ،ئۈرۈمچىدە قېلىشنىڭ ئامالىنى قىلغىن .ئاڭلسام ،بەشىنچى ئويدا مەمۇر قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانى باركەن ،سەن نەنخۇدىكى ئىختىساسلىق خادىملارنى تەكلىپ قىلىش تاللا بازىرىغا  بېرىپ ،ئىمتھانلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغىن . ئاڭغىچە ،ياخشى تەكرار قىلىپ ئىمتىھان بېرىپ باققىن ،ئامال بار ئۈرۈمچىدە قىلىشنىڭ چوتىنى سوقۇپ قوي ،مەن قايتىپ كەلسەممۇ ئۈرۈمچىدە تۇرىمەن .  شۇنداق بولغاندىلا ئىككىمىزگە ھەر جەھەتتىن شارائىت ئوڭ بولىدۇ .چىن پۈتسەڭ ،ياپونىيەگە بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇشۇم  مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن ، بىر كىشىلىك تۆھپەمنى قوشۇش .بۇنىڭ ئۈچۈن قەيەردىلا يىلتىز تارتماي مەن ئۈچۈن ئانا تۇپرىقىمنىڭ ھەممىلا يېرى ئوخشاش .شۇڭا مەن ئوقۇغان بىلىملىرىمنى ئىشلىتىشكە ئۈرۈمچىنىڭ شارائىتىنى لايىق تاپتىم .ھەدەممۇ ئۈرۈمچىدە ، مەن كىيىن دادام ئاپامنى ئۈرۈمچىگە ئەكىلىۋالساممۇ بولىدۇ .ئۈرۈمچى ھەم ئىككىمىزنىڭ كەلگۈسى بەختى ئۈچۈنمۇ مۇۋاپىق .چۈنكى مەن بىلىمەن .سېنىڭ ئۆيۈڭدىكىلەر سېنى ھەرگىز غۇلجىغا ئەۋەتمەيدۇ .مەن ھەممىنى ئەتراپلىق ئويلاپ ،ئۆز ۋاقتىدا ،ئاسپىرانلىقتا ئوقۇشنى توغرا تاپقان .ئۇنداق بولمىغاندا ،مېنىڭ تولۇق كۇرس سەۋىيەم بىلەن ئۈرۈمچىدىكى مىغ -مىغ خىزمەت كۈتۈپ يۈرگەن سىتودىنتلارنىڭ ئارىسىدا ،مەن ئاللىبۇرۇن شاللىنىپ كىتەتتىم .مۇھىمى ،مەن ئارزۇلىرىمنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىۋاتىمەن .  سېنىڭ كۆڭلۈڭ يېرىم بولۇۋاتقىنىنى بىلىمەن .بىراق ،سەن ئەقىللىق قىز ، ساڭا ھەممە ئىشلارنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ كارايىتى يوق .ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتى ئۈچۈن ،چوڭ ئارمانلارنى يولدا قۇيۇشقا بولمايدۇ .بەلكىم ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتى دەل شۇ ئارمانلار ئۈچۈن .بىز 10يىل ياشايلى ،ياكى 30 يىلياشايلى ، خەلقىمىزنىڭ ئازراق ھاجىتىدىن چىقىپ ئۆتسەك ،مانا شۇنىڭ ئۆزى پاراغەت ،ئەنە شۇنىڭ ئۆزى -بەخت .خاتىرجەملىك ،بۇنى بىلەمسەن سابا ؟ e_-/p`9  
خۇدا خالىسا ،كىيىنكى ئىشلارنى  ، كىيىنگە بارغاندا ،بىر نىمە دىيىشەرمىز . ‹‹ئۆيدىكى گەپ بازارغا توغرا كەلمەپتۇ ››دىگەندەك ، بار مەسلىھەتنىڭ ھەممىنى ھازىر دەۋالمايلى ،قانداق دەيسەن ؟ 0z#kV}wE  
-بار گەپنىڭ ھەممىنى سەن قىلىۋاتساڭ ،مەن يەنە نىمە دەيتتىم ؟،-دىدىم مەن شامىلغا مەيۈس قاراپ ئۇھسىنىپ . مەن شۇ سېنى ياپۇنىيەگە بېرىپ ،پەتەك خوتۇندىن بىرنى باشلاپ كەلمىگىدى دەپ ئەنسىرەيمەن شۇ ،ھى......ھى....باشقا دىلىغۇلۇم يوق . n82Q.M-H  
-ھى.......ھى.....سېنىڭ مۇشۇ يەرلىرىڭ ئوماق جۇمۇ ،بولمىسا ،قاش كۆزۈڭنىڭ تايىنىمۇ يوق نىمە سەن . sR .j~R  
-ناۋادا دېپلوم ئالغۇچە ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەمچۇ ؟ئۆيدىكىلەر ئۇ چاغدا مېنىڭ كۈدە كۆرپەم بىلەن مېنى قۇشۇپ ئېلىپ كېتىدۇ ،-دىدىمەن يىغلامسىراپ . e5]AB  
-ۋاي نىمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ ،ئىمتىھاننى ئۆتكىدەك بەرمەي نىمىش قىلىسەن سەن ئەمدى؟دىگىنە  بۇكۇلىرىڭ بارمۇ -يە ،يوق خىيالنى قىلىۋەرمەي ،ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىل . بۇ يەرنىڭ ئىمتھانىدىن ئۆتەلمىسەڭ ،غۇلجىنىڭكىگە بېرىپ ئۆتۈپ ، ئالدىمدا غۇلجىغا بېرىپ ،ئاپامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاچ تۇر .گەپ شۇ .ھېلى ئۇنى دىسە ،ھېلى بۇنى دەيدىكەنسەن ، بىشىمنى ئاغرىتىپ .نىمە قىلىسەن دەيمەن ،يوق ئىشلارنى ئارتۇق غەم يەپ . ۋاقتى كەلگەندە بىر گەپ بولسۇن ،سەن ھازىر پەقەت ھازىرنىڭ غىمىنى قىلغاچ تۇر . \TlUC<urP  
#{,IY03  
گەپ شۇ يەردە ئۈزۈلدى .ئىككى كىشىلىك يىغىنىمىز مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى . كىلەر ھەپتە كۆرۈشەيلى ،كۆرۈشكىچە خۇشۋاق بولايلى ...بىز كۆزىمىز قىيماي خوشلاشتۇق . 3>Snd9Q  
جېبران شۇنداق ئېيتقانىكەن ‹‹مۇھەببەت- ئىككى گۈلزار ئوتتۇرسدىكى تام .›› شامىل ئىككىمىز ئاشۇ تامنىڭ ئىككى يېقىدا تۇرۇپ مۇھەببەت گۈللىرىنى تەرمەكتىمىز ، ھەر ئىككىلىمىز بۇ تامنىڭ شورىلىرىدىن  ئارتىلىپ ،بىر بىرىمىز بىلەن ئۇچرىشالايمىز ،ئەمما بۇ تامنى بۇزۇپ قويساق بولمايدۇ ،ئاشۇ تام بولغانلىقى ئۈچۈنلا ،بىزنىڭ مۇھەببەت رىشتىمىز باغلانغان . N@)~j+Pz  
ھەر قانچە قىلساممۇ كەيپىياتىمدىكى بىئاراملىقتىن قۇتۇلالمايۋاتاتتىم .ئۆزۈمگە تەسەللى بېرەتتىميو ،يەنىلا كەلگۈسى تەقدىرىمدىن تەشۋىشلىنەتتىم . شامىل ياپونىيەگە ماڭسىلا ،مېنى ئۈمۈرلۈك تاشلاپ كېتىدىغاندەك بىر ئازان تۇيغۇسى قەلبىمنى چىرمىۋالغانىدى . شامىلنى تالاي قىېتىملاپ ئۇرغان سومكامنى يېنىمغا قۇيۇپ ئەستايىدىل ئولتۇرۇپ  ئويلاپ باقسام ،شامىلنى  ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدىكەنمەن .شامىل كەسىپ -خىزمەت ئۈچۈن مۇھەببەتلىشىۋىتىپتۇ ،مەن بولسام مۇھەببەت ئۈچۈن خىزمەت تاللاۋېتىپتىمەن .بۇ ئىككى جىنىسنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى بولسا كېرەك .ئۆيۈمدىكىلەرنىڭ قاچان قايتىپ كېلىسەن ،ئىمتھاننى بۇ يەرگە كېلىپ بېرەمسەنيا ،››دەپ بىسىم قىلىشلىرى ،مېنى ئىككى ئوتتۇرىدا ھالسىرىتىۋەتكەنىدى .مەن شامىل بىلەن يۈرگىنىمنى ئاپامغا دەسلىۋىدىلا ئېيتقانىدىم .ئاپاممۇ ئاخىرى يۈرۈش تەكلىۋىمگە ئاران قۇشۇلغانىدى : fk1f'M)/8  
-قېنى ئاخىرىنى قانداق چىقىراسەنكىن ،ئۇمۇ يوق ،بۇمۇ يوق ئولتۇرمىساڭلا بولاتتىغۇ .داداڭ سېنى فىزىكىدا ئوقۇتماي ،كۆڭلى يۇمشاقراق ئادەم بولىدىغان ئەدەبىيات دىگەندەك كەسىپلەردە ئوقۇتقان بولسا ،بۇنداق چويۇندەك قاتتىقلىق قىلىپ تۇرۇۋالماس بولغىيتتىڭمىكىن ؟ پىلانلىق تۇغۇتقا مۇنداقمۇ باش ئۇرۇپ ئەمەل قىپ كەتكەندىمەنمۇ ئەمدى ،بىر بالىنىڭ جاپاسى ئەجەبمۇ تەسكەنغۇ ،ئاللا ئىگەم ،- ئاپام غودۇرىغان پېتى چىقىپ كەتكەنىدى .مانا شۇ غودۇراشلارغىمۇ 3-4يىل بولاي دەپتۇ . ):C4}&l  
مەن ئۈچ ئاي مەكتەپ تەجرىبىخانىسىدا پىراكتىكىنى ئۈچ يىلدەك  بىلىنىپ ئاران توشقۇزدۇم . مانا بۈگۈن ئۇنى  ئەتىگەن ئايرۇدۇمدا ئۇزىتىپ قويدۇق ،ئۇنىڭ دادا -ئاپىسى ،ئۈرۈمچىدىكى ھەدىسى يىغلاپ تۇرۇپ ئۇزاتتى ،مەن بولسام ،كۆزۈمنى مىت قىلماي ،ئىچىمدىن تۆكۈلۈپ تۇرۇپ ئۇزاتتىم .شۇنداق يىغلىغۇم كەلدى ،ئەمما ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئالدىدا ئۆزۈمنى ئاران تۇتۇپ تۇردۇم ،ئۇلارنىڭ ئالدىدا قانداقمۇ نومۇس قىلماي ماڭقامنى ئېقىتىپ يىغلاپ يۈرەي ، بۇمۇ بىر ھىسابتا بولغىنى ، ئۆزۈمنىڭ ئاتا -ئانىسىغا يىغلىمىغان قىز تېخى توي قىلمىغان يىگىتى ئۈچۈن ئاتا-ئانىسى ئالدىدا يىغلاپ يۈرسە ،نىمىدىگەن سەت ئىش بۇ ....ئالى مەكتەپكە چىققاندا ،ئاپام -دادامدىن ئايرىلىشقا تەمشەلگەندە   بىكەتتە كۆزۈمگە مۇشۇنداق ياش كەلگەنمىدى ؟ ئۇ چاغدا ئالى مەكتەپكە چىقتىم دەپ خۇشاللىقىمدا ئۇلار يىغلىسا ،غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ ‹‹بولدى ، نىمىگە يىغلايسىلەر ؟ئالىم مەكتەپكە ئۆتەلمىسەمغۇ ، قاتاردىن قالدى دەپ يىغلىغان بولساڭلار ،ئۆتۈپ كەتسەممۇ يىغلايدىكەنسىلەر ئىچىمنى پۇشۇرۇپ ››دەپ غۇڭشىغان پېتى خوشلاشقانىدىم .››مەن سېغىنىشلىرىمنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ ،مەمۇلار ئىمتھانىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن  باش كۆتۈرمەي تەكرار قىلدىم .قاچانكى كىچىك ئاپام ‹‹سابا ، ئەمدى ئۇخلاڭ ،بەك كەچ بولۇپ كەتتى ››دىگەندىن كىيىنلا ،ئاستاغىنا ئوغرىلىقچە كومپىيوتىرنى ئېچىپ ،خەت ساندۇقۇمغا قارايتتىم .ئۇنىڭدىن كەلگەن خەت بولسا ،ئالتۇن تىپىۋالغاندەك خوش بولۇپ كىتەتتىم . ;$< ek(i7  
-ياخشىمۇسەن سۈيۈملۈكۈم ،(قارا بۇنى ،كىتىۋىلىپلا سۈيۈمۈلۈكۈم دىيىشنى ئۆگىنىپتۇ  مانا )قانداق ئەھۋالىڭ ،بۈگۈن ئەتىگەن تۇردۇڭمۇ ؟ )7J>:9h  
مەن ئەتىگەن تۇرۇپ يېرىم سائەت چېنىقتىم ،بۇ يەرنىڭ ھاۋاسىغىمۇ ئاخىرى كۆنۈپ قالدىم .چېنىقىش مەيدانلىرىدا گۈزەل ياپون پاكارلىرىنى كۆپ ئۇچرىتىپ تۇرىمەن . يەنە خاپا بولۇۋاتىسەن -ھە .ھى........ھى... ئەمما مەن شۇنداق سەپسېلىپ قاراپ باقتىم ،ھېچقايسسى ساڭا يەتمەيدىكەن .بىز بۇ يەردە بىر تەرەپتىن ئىشلەپ ،خىراجىتىمىزنى كۆتۈرۈپ ،بىر تەرەپتىن ئوقۇيدىكەنمىز .  ئىنگىلىز تىلىنى ياخشى ئوقۇپتىكەنمەن ،ھەر نىمە بولسا شۇ ئەسقىتىۋاتىدۇ .ياپۇنچە سۆزلەرگىمۇ خېلى ئۇستىراپ قېلىۋاتىمەن .ياپۇنچە سۆزلۈكلەرنى بىر ساۋاقداش قىز ئۆگىتىپ قۇيۇۋاتىدۇ . خاتىرجەم بول ئۇ بەك سەتكەن .بولۇپمۇ بۇرنى .ھا...ھا..... سەنچۇ ،ئىمتىھانغا ياخشى تەكرار قىلىۋاتقانسەن ؟ئاللاتائاللا مۇساپىرنىڭ تىلىكىنى بەكرەك بېرىمەن دەپتۇ ،مەن بۇ يەردە تۇرۇپ بىلسەڭ كۈندە بىر قىتىم ئاللاتائاللادىن ئىككىمىزنىڭ بەختىنى ،سېنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ،ئۈرۈمچىلىك بولۇپ قېلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن .ئاللاھتائاللادىن بۇ تىلەكلىرىمگە تېزرەك يەتكۈزسىكەن دىگەن ئۈمىدىم بار . قالغىنىنى سېنىڭ قېشىڭغا بارغاندا ،تىرىشىپ -تىرمىشىپ  تىلەكلىرىمىزگە يېتىمىز . بۇ يەردە شىنجاڭدىن ئوقۇشقا كەلگەنلەر ،ئولتۇراقلىشىپ قالغان مۇھاجىرلار كۆپكەن ،مەن بۇ يەردە  ئويغۇر قېرىنداشلارنىڭ خېلى كۆپلىكىنى كۆرۈپ  ،دادام -ئاپام ۋە سىلەرنىڭ يوقلۇقۇڭلارنى ھىسابقا ئالمىغاندا ، كۆڭلۈمنى توق تۇتۇپ يالغۇزسىراپمۇ كەتمىدىم .ئاندا -ساندا دەم ئېلىش كۈنلىرىدە  ئۇلار بىلەن  ئىزدىشىپ تۇرىمىز .بىزنى بۇ يەردىكى پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار بىزنىڭ قانداق قىيىنچىلىقمىز بولسا تارتىنماي ئېيتىشمىزنى ئېيتتى .ياپونلار پاكار بولغىنى بىلەن بەكمۇ قائىدە يوسۇنلۇق ئىكەن .  ئاممىۋىي ۋە شەخىسىي تازلىققا تولىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىكەن .ئىلىم پەننى قەدىرلەيدىكەن ،بىلىم ئىگىلىرىنى ئەتىۋالايدىكەن . شۇنچىۋالا بىر كىچىك پادىشاھلىق دۆلەتنىڭ قانداقلارچە مەۋجۈت بولۇپ  دۇنيا ئىقتىساد -سودا ساھەسىدە بۇنداق كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قازىنىپ ،ئۆز مەۋجۈتلۇقىنى نامايان قىلىپ ياشاۋاتقىنىغا .بۇ يەردىكىلەرنى كۆرمىسەك پەقەتلا ئىشەنگۈڭ كەلمەيدۇ .ئۇلار ھەقىقەتەن تىرىشچان ئىكەن ،ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىشقا شۇنچىلىك ئىردىسى كۈچلۈك ئىكەن .بۇ خۇددى ۇۋىسىنى سۇ بېسىپ كېتىۋاتقان چۈمۈلىلەرنىڭ قىچىلىك ئۈمىتسىزلەنمەي ئوزۇقلۇق توشۇپ جانپىدالىق قىلىۋاتقىنىغا ئوخشايدۇ .بۈگۈنچە مۇشۇنچىلىك سۆزلەپ تۇراي ،مېنى يەنە بىكار چەتكە باشلانغان ئۇنسۇر دەپ مەن بارغۇچە تەلپىكىمنى تەييارلاپ ،ئارىمىزغا ياغاچ سانجىپ تۇرمىغىن .ھا..........ھا.....سەن بىلەن چېقىشقۇم كېلىپلا تۇرىدۇ دىسە ،ماقۇل قوزام  ،ياخشى ئۇخلا ،چۈشلىرىڭگە سۈرىتىم ھەمرا بولسۇن . YYW70k:  
  -سېنى چوك سۈيۈپ :ھەمرىيىڭ شامىلدىن . I_7EfAqg(  
مەن تاتلىق سېغىنىشلىرىمنى  چۈشلىرىمگە يېتىلەپ ئېلىپ كىرىپ كەتمەكچى بولدۇم . NhX.yLb$   
گۈزەل ئەتىدە ،بىز ھەممىمىز چوقۇم گۈزەل  بىر مەنزىرىدە ياشايمىز .ئۇ يەردە جىق نەۋرىلەر ،ئەۋرە چەۋرىلەر ،چۇرقىرىپ يۈرىدۇ .ئۇ گوياكى باغى گۈلىستان ،مەن ھەم شامىل بەرپا قىلغان ... P.DWC'IBN  
d4R+gIA  
خەيرى ،داۋامى ئەتىگە ئامانەت .
[ تېما xatay تەرپىدىن 2011-12-23 19:25 دە قايتا تەھ ]

ئۆزىنىڭ تارىخىنى بىلمىگەن مىللەت-باشقىلار ئالدىدا مەڭگۈ قۇل مىللەت.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى