باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1431 
  •    ئىنكاس 
       9 

<<ئابلاجان مۇزىكا مۇكاپاتى>> ھەققىدە

قەۋەت ئاتلاش
ajir
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3165

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3600 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   88 (قېتم)
 تۆھپە:   56  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 274
 سائەت
دەرىجىسى:
274 سائەت 76 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-15
ئاخــىرقىسى:2012-03-04
— تېما AnaTuprak تەرپىدىن (2011-12-18) دە نادىرلاندى. —

ئاپتۇرى: پەرھات مۇھەممەتئىمىن    wQ4/eQ*  
 
 
خاتىرە سۈرەت  
 
 مەن بۈگۈن بۇ سەھنىدە شۇنداق خۇشال ھالدا پەيدا بولدۇم. چۈنكى مىنى بۇ سەھنەراستىنلا چەكسىز ھاياجانغا باشلىدى. ھەم شۇ خۇشاللىقىم بىلەن دەيمەنكى -ئابلاجانئىنىم ئاپىرىن، ئاپىرىن ئىنىم، غەيرىتىڭگە ۋە جاسارىتىڭگە قەتئى كۆز تەگمىسۇن ،راستىنلا ئاپىرىن_____ئابلىز ئابدۇرىشىت (ئۇيغۇرخەلقىنىڭ ئىكىران سەھنىسىدە ئۆزگىچەپارلاپ چاقنىغان، رول ئېلىش ۋە رىژىسورلۇق ساھەسىدە ھەممەيلەننىڭ ئورتاق ئىتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن ، تالانىتلىق ياش رىژىسورۋە ئاكتىيۇر ،ئۇيغۇر ئىكىران سەنئىتىدىكى تۆھپىكار شەخىس،  شىنجاڭ ھۆرىيەت كىنو -تېلىۋىزىيە چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرىكتۇرى 
     ئىنىمىز ئابلاجان كەسىپتە بەك تىرىشچانبۇلۇپلا قالماي ،ئۆزگىچە تەپەككۇر قىلىپ يىڭىلىق يارىتىشتىمۇ، كۈرىنەرلىك ئۇرۇن تۇتۇپ ئىسىل سەنئەتكارغا ۋە چولپانغا ئايلاندى. ئىنىمىزنىڭ مەزكۇر پائالىيتىمۇ  ماھىيەتتە بىر قەدەمنى يەنە باشقىلاردىن بۇرۇن تاشلىغانلىق ، مەن بۇنىڭدىن چەكسىزپەخىرلىنىمەن ۋە بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن .___مەۋلان مەمتىمىن  CW, Kw  
 ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زامانىۋى چالغۇلاشتۇرۇش خىزمىتىدە ئۆزگىچە يول تۇتۇپ مۇۋەپىقىيەت قازىنىۋاتقان،مىللى ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ،زامانىۋى مۇزىكا ئۇسلۇبىنى كۈيلىرىمىزگە كىرگۈزۈشتە چوڭ تۆھپە قۇشىۋاتقان،تالانىتلىق مۇزىكانىت ۋە مىدىئەئاۋاز يازغۇچىسى ، ئىجادىيەتتە ھەم ناخشا ئۇقۇشتائۈزىنىڭ يىقىملىق ئاۋازى بىلەن كەڭ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە نايىل بۇلىۋاتقان ياش سەنئەتكار.  ئابلاجاننىڭ كەسپى جەھەتتىكى يىتەكلىگۈچىسى ۋە مەنىۋى تايانچىسى شۇنداقلا ئۇستازى ،شىنجاڭ خەلق رادىئۇ ئىستانسىسىنىڭ تالانىتلىق خىزمەتچىسى  
  
 
ئاتاقلىق رىياسەتچى ۋە تېلىۋىزىيە نازارەتچىسى  مۇنىرە غۇپۇر مۇكاپات تارقىتىش ئالدىدا
 
خېلى ۋاقىتتىن بۇيان، تۇيۇقسىز يۈز بىرىدىغان بەزى ئەمىلى ئىشلار مىنى راسلا ھەيران قالدۇرۇپ ، بىر تەرەپتىن ئەسلىدىكى قاراتماھالەتتىكى ئوي پىكىرىمنى كۈچلۈك غىدىقلاپ مىنى كىچككىنە ئەمىلى ئىش قىلىشقائۈندىسە  ،يەنە بىر تەرەپتىن رەھىمسىز «سۇئال» مىنى بەك كۆپ چاقىرىدىغان بۇلۇپ قالدى.شۇنداقلا مەركىزى شەھەردىن،ئەزىز دىيارىمغا قايتىشقا ئاز قىلىۋاتقان دەملەردىكى قىسقا ۋاقىت ، ماڭا ئۈزۈم ئويلىمىغان ياخشى نەتىجىلەرنىڭ مەۋجۈتلىكىدىن بىشارەت بەرسە، شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۈزۈم قەتئى ھىس قىلىپ باقمىغان بەزى خىرىسلارمۇمىنى ئويلاندۇراتتى. ئادەم دىگەن ئاجايىپ بىر مەناغا ئىگە ھاياتلىق. قارىسىڭىزئۇنىڭدا ئىنتايىن  چوڭقۇر مەنا بار. ھەم نۇرغۇنلىغان ئادەملەر شۇنچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ياشاپمۇ ئىرىشكىنى ناھايتى  ئويلىمىغان نەتىجە. يەنە نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ ھاياتىدا ئوخشىمىغان بىرخىل سېھرى كۈچ باركى -ئۇلار ھەم تىرىشىدۇ ھەم تىرىشقىنىغا چۇشلۇق نەتىجە كۈرىدۇ. بىز ئادەتتە ھاياتلىق ۋە ياشاشتىن ئىبارەت بۇتىلسىم سەھنىدە شۇنچىلىك كۈچلۈك  رىقابەت ۋە خىرىسلارغا دۇچ كەلدۇقكى، بۇنىڭ ئەڭ چۇڭىنى ئەسلىسەڭ ئادەمنىڭ  ھاياتى بەدىلىمۇ (يەنى ھاياتىڭنى دوغا تىكسەڭمۇ) بۇ كەڭ سەھنىدىكى رىقابەتتە ناھايتى چىكىتچىلىك ياكى دىڭىزنىڭ تامچىسىلىك قىممىتى بولمايدۇ. بۇلۇپمۇ بىز ياش ئادەم بولغاچ جەمىيتىمىزدىكى ھەممە ساھەگە شۇنداق جۇشقۇن كەيپىيات ۋە ئۆزىمىزگە خاس تەپەككۇر بىلەن نەزەر سالساق ، بىزگە دەل ئۆزخەلقىمىزنىڭ ئىچىدىكى ئەمىلى پائالىيەت بىلەن نەتىجە قازىنىۋاتقان ئەزىز كىشىلەرنىڭ ئەمىليىتى ، باشقىچە ھالەتتىكى ئىنتىلىش تۇيغۇسىنى ۋە ئۈزىمىزدىن سۈيىنىش بىلەن بىرگە كەمچىلىكىمىزگە توغرا قاراپ ئازىراق ئادەمگە ئوخشاش ياشاش  ئاساسنى تىپىپ بىرىۋاتىدۇ.
 
 
 
تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مىھمانلار
 
،مەن ئىلگىرىمۇ بەك كۆپ تەكىتلىگەن مۇنداق ناچاربىر خاھىش بار- پەقەت سۇبىكتىپ قىزىقىشنى ئاساسى ئۇرۇنغا قۇيۇپ مەسىلىلەرگە چالاباھا بىرىش ياكى چۇۋالچاق ھالەتتە قايناپ شالا چاچىرىتىش. ئۇبىكتىپ كۈزەتمەي قەستەن بىشىنى كىرپىدەك تىقىۋىلىپ ئۈزىنىڭ مەنىۋىيتىگە ياسىۋالغان تار قۇرغاندابەگزادىلەرچە ياشاش بەك ئېغىر. بىرى چىقىپ مۇزىكا ياكى ناخشا توغىرىسىدا پاراڭ قىلسا -ھە دىسىلا ناخشا -مۇزىكا دەپلا يۈرەمدۇق دەيدۇ. ئىقتىساد توغىرىسىدا پاراڭ تەشسە خۇددى ئالەمنى مالام قىلغۇدەك پىلانچىغا ئايلىنىدۇيۇ بىر قەدەممۇ باسمايدۇ،ئەدىبىيات توغىرىسدا پاراڭ تەشسە -ئەدىبىيات نىمىلەرنى قىلىپ بىرەلەيدۇ دەپلا ئۇنى ئىتتىرىدۇ. تەنھەركەت توغىرىسىدا پاراڭ تىشىسلسە ئۇنىمۇ يەنىلا ئۆز فۇرمۇلىسىغاسېلىپ بىمەنىلەشتۈرۈشكە ئايلاندۇرىدۇ. ئىشقىلىپ دۇنيادا مەنلا دىسەم راس قالغىنى سەپسەتە دەپ يۈرىۋاتقان قىرىنداشلار بەك كۈپىيىپ كىتىپ بىرىۋاتىدۇ، ئەلۋەتتەشۇنىڭغا مۇناسىپ يەنە ھەقىقەتەن ئەمىليەتتىن چىقىپ ئىش قىلىدىغانلارمۇ بار. بۇھەقىقەتەن تەبىرىكلەشكە ئەرزىيدىغان ياخشى ئەھۋال . بىز يەنە شۇنداق بىرخىل بۇرۇقتۇرما تەپەككۇر دۇنياسىغا كىرىپ قالدۇقكى ئۇنىڭدا پەقەت «مەن» لا بار  باشقىسى پەقەت  يوق. توغرا بۇ بۇلىشى كىرەك. بولغاندىكىن نىمە ئۈچۈن شۇنچە ۋاقىت ئۆتسىمۇ شۇ<<مەن» ھازىرغىچە مەيدانغا كەلمىدى؟ قىسقىسى ئىدىيە قانچە مۇستەھكەم ۋە چوڭ بولغىنى بىلەن ئۇنىڭ بىرەر ھەرىكىتى بولمىسا ،ئۇ ماھىيەتتە يەنىلا سەپسەتىگە ئايلىنىدۇ.  
خوش بۇ يەردىن بىز ئەمدى مەزكۇر تىمىغا يەنى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچ ئۈرۈرمچى يەنئەن يۇلىغا جايلاشقان  ئۈزۈمزار رىستۇرانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەھمىيەتلىك بىر قىتىملىق پائالىيەتكە  يۆتكىسەك ،ئاز-تۇلا  ئەمىلى ئىش قىلىشنىڭ قانداق بۇلىدىغىنىنى بىرەرقۇر ھىس قىلىپ ئۈزىمىزگە توغرا نوقتىدىن قاراپ چىقالايمىز.
 
 
خاتىرە سۈرەت
 بۇپائالىيەت دەل خەلقىمىزگە يىقىنقى بىر قانچە يىل ئىچىدە تۇنۇلغان، ئۈزىنىڭ جۇشقۇن ،شوخ ناخشىلىرى ئارقىلىق ھەم ياشلارنىڭ ھەم بالىلارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىغان <<ئۇماق»«مەشىرەپ»«ئوينايدىغان بالا بارمۇ؟» قاتارلىق ئۆلمەس ئىجادىيەتلىرى شۇنداقلايىقىنقى يىللاردىن بۇيانقى«تاشلاپ ئوينايلى» «ئەسكى»قاتارلىق نادىر مۇزىكائەسەرلىرى بىلەن ھەممىزنىڭ قەلبىدىن ئۇرۇن ئالغان تالانىتلىق ناخشا چولپىنى ئابلاجان ئاۋۇت تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلدى. كەمىنە بۇ ئىنى سۈپەت قىرىندىشىمىزنىڭ پائالىيتىدىن خەۋەر تىپىپ ، بىۋاستە ئۈزى بىلەن ئالاقىلاشتىمدە شۇ كۈنكى پائالىيەتكە باشتىن ئاياغ قاتناشتىم. مەن قاتنىشىشتىن بۇرۇن ، بۇ خىل ھادىسىنىڭ يىڭىچە بىر ئىش ئىكەنلىكىنى - (ئەمىليەتتە تەرەققى قىلغان ياۋۇرپا ئەللىرىدەئاللىقاچان ئۆز ئورنىنى تېپىپ بولغان) بىلگەندىن كىيىن، كۈڭلۈمدە بىرخىل پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى باشتىن ئۆتكۈزگەنئىدىم. ھە دىسىلا ئابلاجاننىڭ يۇرۇش تۇرۇشلىرىغاسەپ-سېلىپ كىلىۋاتقان ۋە بەزى قىلىقلىرىنى ياقتۇرمايۋاتقان كىشىلەرمۇ بۇ قىتىملىق پائالىيەتكە قاتناشقان بولسا ، خېلى ياخشى تۇيغۇغا كىلىشى ئىنىق بىر ئىش. راستىن ئېيىتقاندا مەنمۇ بۇ قىرىندىشىمىزنىڭ يۈرۈش-تۇرىشى ،بۇلۇپمۇ تاشقى قىياپىتىگەكەسكىن تەنقىدى پۇزىتسىيە تۇتىمەن. چۈنكى ئابلاجان بۇ تەرىپىنى  چۇقۇم تۈزىمىسەبولمايدۇ. ئەمما بىز پەقەت ئۇنىڭ مۇشۇ تەرىپى بىلەن قېلىپ بەزى قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىكى ئادەم سۈيۈندۈرىدىغان تەرەپلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلساقمۇ بولمايدۇ. شۇڭا مەن بۇ پائالىيەتتە ھىس قىلغىنىمنى دوسلار بىلەن تۈۋەندىكى بىر قانچە نوقتىدائورتاقلاشماقچى. Bam7^g'*!3  
  gQ,PG  
 
 
 
 
خاتىرە -سۈرەتكە چۈشۈش (تالانىتلىق ئاكتىيۇرمەمەتجان ئابۇقادىربىلەن چۈشىۋاتقان ئۇقۇغۇچىلار
 
-1مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدىكى يۇرۇق نوقتا ۋە شەخىسلەر .
 
بۇ پائالىيەتنىڭ يەنى ئابلاجان نامىدىكى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىنىڭ ئىنىق تەپسىلاتى ۋە كىم-كىمگە قانداق مۇكاپات تارقىتىش توغىرىسىدىكى مەلۇماتلار ئىلگىرىكى  ، پائالىيەت تەپسىلاتىدا بىرىلگەن بولغاچ بۇ يەردە بۇنى قايتا ئەسكەرتىشىنى مۇۋاپىق تاپمىدىم. شۇڭا بۇ يەردە ھىس قىلغانلىرىمنى ۋە شۇ كۈنكى ئەھۋالنى بىردەكلەشتۈرۈپ يەتكۈزۈشنى مۇۋاپىق دەپ قارايمەن.   8Qek![3^  
شۇ كۈنى مەن دەل بەلگىەنگەن ۋاقىتتا، ئۈزۈمزار رىستۇرانىغا يىتىپ باردىم. بۇ يەردە تەييارلىق خىزمەتلەر ئىشلىنىۋاتقان بۇلۇپ، تېخى بۇ پائالىيەتنىڭ تۇلۇق مىھمانلىرى كىلىپ بۇلالمىغان ئىدى. شۇ ئەسنادامەن بۇنىڭ ئىچىدە ئۈزۈمنىڭ ئىنىسدەك يىقىن كۈرىدىغان ، ھەم بىر قانچە قىتىم كۈرۈشۈپلا چىقىشىپ قالغان ،سەنئەت مەكتەپنىڭ ئاكتىيۇرلۇق ۋە رىژىسورلۇق كەسپىدەئۇقىۋاتقان (يىتىلىۋاتقان ياش ئىتوت چولپىنى ۋە يىتىلىۋاتقان رىژىسور مەمەتجانئ ابدۇقادىرنىڭ يىتەكلىشى بىلەن ئەمىلى ئىشلارنى قول سېلىپ ئىشلەيدىغان) تىرىشچان ئىنىم ئەخمەتجان مەمەتنى ئۇچىراتتىم. بۇ بالىمۇ مىنى بىلگەچكە دەرھاللا مەن بىلەن كۈرۈشتىدە قىزغىن مۇئامىلە بىلەن بۇ پائالىيەتنىڭ سەھنە خىزمەتلىرى توغىرىسىدائۇچۇر بىرىپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بىر دوستىمىز،  تالانىتلىق ئوپىراتۇر  مەمتىن ئابدۇجېلىل (يەنى ئابلاجاننىڭ ئىشلىرىدا ناھايتى زور رول ئويناۋاتقان ) سەھنىنىڭ ياسىلىشى ، سىن ئېلىش ئىشىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ئىشلەۋاتاتتى.
 
 
 
 
ئۇستاز مەۋلان مەمتىمىن بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشىۋاتقانبالىلار
 
 
 قارىساق بۇ يەر بۈگۈن باشقىچە بىزەلگەن بۇلۇپ، ماڭا راسلاتەبىئى ۋە ئازادە تۇيغۇ ئاتا قىلدى. مەنمۇ شۇ يەردە بالىلار بىلەن پائالىيەتنىڭ ئەھۋالى توغىرىسىدا بىرەر قۇر پاراڭلاشتىم. يىرىم سائەتلەردىن كىيىن مىھمانلارنىڭ ئالدى كىلىشكە باشلىدى. ئەڭ ئالدىدا خەلقىمىزنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ كىلىۋاتقان ، رادىئۇ رىياسەتچىلىك خىزمىتىدە ئۈزىگە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان ،تالانىتلىق رىياسەتچى مەۋلۇت ئىبىراھىم ۋە 107.4سەنئەت رادىئۇ قانىلىنىڭ باش نازارەتچىسى ھەجەرگۇل قاسىم ھەدە ۋە شۇ پىروگىراممىنىڭ رىياسەتچىسى قۇندۇزئاي تۇردىلار كىرىپ كەلدى،مۇشۇ يەردە ئەسكەرتىدىغان ئىش شۇكى مەۋلۇت ئاكامنىڭ ئىنتايىن چىقىشقاق، خۇشپىئىل، بەكمۇ ئۆز شۇنداقلا ھەر قانداق ئادەمگە ناھايتى ئىسسىق تەسىربىرىدىغان ئىنسانى پەزىلىتى بۇلۇپ، مەن مۇشۇنىڭ بىلەن مەۋلۇت ئاكام بىر قانچە قىتىم ئۇچىراشتىم. ئۇ ماڭا راستىن ئېيىتقاندا قانداقتۇر داڭلىق رىياسەتچىنىڭ ياكى باشقىچەبىر جازىسى چوڭ كىشىنىڭ تەسىرىنى ئەمەس بەلكى دائىم سىردىشىدىغان ئەڭ يىقىن قىرىنداش ياكى دوسىتنىڭ ھەمدە مىھرى ئاتەش بىر ئۇستازنىڭ تەسىرىنى بىرىدۇ. چۈنكى مەۋلۇت ئاكام شۇنداق بىر خىل ئادەت يىتىلدۈرگەنكى، ئۇنىڭ بىلەن مۇڭدىشىپ ئايرىلغۇڭىز كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلەشسىڭىز ئىنتايىن يىنىك ھىسياتلارغاچۈمىسىز. شۇ سەۋەبتىن مەن بۈگۈن بۇ پائالىيەتنىڭ نەخ مەيدان رىياسەتچىلىكىگەكىتىدىغان ماتىرياللارنى يىغىپ باش رىياسەتچى زۇبەيدەگە يەتكۈۈپ بىرىدىغان بولغاچ،تەبىئىيلا مەۋلۇت ئاكامدىن ئەھۋال سۇراش كىرەك بۇلۇپ قالدى.
 
 
خەلقكە تۇنۇلغان تالانىتلىق رىياسەتچى مەۋلۇت ئىبىراھىم  
 
 مەۋلۇت ئاكام ماڭا شۇنچىلىك تۈز ھالدا جاۋاپ بىرەتتى. ھەم بەزى ئاتالغۇلارنى يېزىشىمغا ياردەم قىلاتتى. ئۇ نامىنى ئاتاش جەھەتتە مەن يازغان ماتىرياللارنى كۈرۈپ بىرتەرەپتىن ھەي ماۋۇ سۆز چوڭ كىلىپ قالىدۇ، ماۋۇ كىچىك كىلىپ قالىدۇ. ھەر ۋاقىت مەن دەپ بىرىۋەرسەم سەن نىمە ئىش قىلسەن، مۇشۇنداق يازساق بۇلا.ئۇنىڭدىن باشقا يازىدىغان ئىش بولسا پەقەت شۇ چىكىت قالدى »   دىگەندەك يۇمۇرىستىك قىزغىن سۆزلىرى بىلەن ،ئادەمنى ئۈزىگە قارىتىۋالاتتى. دىمەك بۇ يەردەمەن بۇ سۆزلەرنى قىستۇرۇپ باشقىچە مۇددىئادا دىيىشنى مەقسەت قىلغان ئەمەس بەلكى  بۇسۈيۈملۈك ئوغلانىمىز پەزىلتىنىڭ ئەمىليىتىنى تورداش دوسلارغا ئۇچۇر بىرىشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن سائەت 5كە يىقىنلاشقاندا تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مىھمانلارئارقا-ئارقىدىن كىلىشكە باشلىدى. ئۇنىڭدىن كىيىن ياش يىتىلىۋاتقان ناخشچىلاردىن ئابدۇغەنى ئابلىكىم (خال) ، ھەزىرىتى ئەلى مۇھەممەتتۇرسۇن ۋە يىتىلىۋاتقان ياش ئاكتىيۇر مەمەتجان ئابدۇقادىر  كىلىپ ئورۇنلاشتى. ئۇندىن كىيىن ئۇستاز سۈپەت كىشى ،تالانىتلىق سەنئەتكار ، ئابلاجاننىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئۇستازى مەۋلان مەمتىمىن بىلەن مۇقام ۋارىسى شىرئەلى ئەلتىكىن يىتىپ كەلدى، دىمەك بۇ يەرگە ئەمدى ئۇيغۇرخەلقىنىڭ كۆزگە كۈرۈنگەن ئىسىل ئۇغۇل -قىزلىرى يىتىپ كىلىشكە باشلىغان ئىدى.
 
 
 
ئۇماق بالىلارنىڭ خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشى
 
 
يەنى كۆزگە كۈرۈنگەن سەنئەت ۋە ھەر ساھەسىدىكى    ئادەمنى ھەقىقى قايىل قىلىىدىغان چوڭ نەتىجىلىرى بىلەن خەلقىمىزگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغان ، ئۈزىگە چۇشلۇق ئىناۋەت تاپقان مۇنەۋەر خەلق پەرزەنىتلىرىدىن ،ھەسەنجان ئابدۇراخمان (ساخاۋەتچى ئاتىلاركوللىكتىپىنىڭ قۇرغۇچىس ) مۇنىرە غۇپۇر(ئاتاقلىق رىياسەتچى، تېلىۋىزىيە پېروگىراممانازارەتچىسى ). ئۈمىد غەنى (ئەلگە تۇنۇلغان داڭلىق رىياسەتچى)، ئابلىز ئابدۇرشىت-تالانىتلىق ئاكتىيۇر . سەنئەت يۇلتۇزى. رىژىسور،جۈرئەت ۋاھىت (تالانىتلىق رىژسىور) ، ئابدۇرېھىم راخمان (ئوبىراز يارىتىش ئۇستىسى، تالانىتلىق ئاكتىيۇر. شەمسىيە ئەبەيدۇللا (تالانىتلىق تېلىۋىزىيە رىياسەتچى) ماھىرە ئابدۇغەنى(تالانىتلىق تېلىۋىزىيەرىياسەتچى). نازىگۈل تۇرسۇن(تالانىتلىق رىياسەتچى)  ھامۇتجان رەھمىتۇللا-ئۇستاز ئوپىراتۇر، پەخرىدىن قارلۇق (كومپىيۇتېر پېروگىرامما لاھىيلىگۈچى ) . شۇنداقلا dspگۇرۇپىسى، بالا چولپانلار  قاتارلىق بىر قەدەر ئەل خەلقكە تۇنۇلغان بۇكىشىلىرىمىزنىڭ توپلىنىشى ئالاھىدە يۇرۇق نوقتا بۇلۇپ،ئۇلارنىڭ بۇ يەردە ئۆز-ئارا كۈرۈشىشى راسلا بىر ئەھمىيەتلىك ئىش ئىدى.شۇسەۋەبتىن بىز بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۈتىمىزكى مۇشۇنچىلىك كىشىلەرنىڭ يېغىپ،ئۆز نامىدا مۇكاپات تەسىس قىلغان ئابلاجان شۇ كىشىلىرىمىز  نەزىرىدىكى ياراملىق بىر كىشى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يەرگە كەلگەن مىھمانلارنىڭ بۇپائالىيەتكە بەرگەن باھاسى بىردەك ياخشى بۇلۇپ، ئۇنىڭ ئەھمىيتى ھەققىدە قىزغىن مۇنازىرە قىلىشىۋاتاتتى.مەن ئۈچۈنمۇ بۇ يەردە ئۈزۈم ھۆرمەتلىگەن كىشىلەرنىڭ بۇلىشى راستىنلا ئەھمىيەتلىك بۇلۇپ ، بۇ جەھەتتە ھەر قانداق ئادەم چۇقۇم مۇشۇنداق ئويلايدۇ.دىمەك ئىنىمىز ئابلاجان يەنە بىر قەدەمنى ئۇڭۇشلۇق تاشلىغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ خىل ئۇرىنىشى ئادەتتە خېلى ئادەملەرنىڭ قۇلىدىن كەلگەن ئەمەس.يەنە بىرئەسكەرتىشكە تىگىشلىك مىنى ھەيران قالدۇرغان ئىش شۇكى ئابلاجاننىڭ ئەڭ سادىق قوللىغۇچىسى بۇلۇب باھالانغان ئېربۇسىن ئىسملىك قازاق مىللىتىدىن كىلىپ چىققان كارخانىچى بۇلدى، مىنىڭ مۇشۇ نوقتىغا قاراپ ئازىراق سۆزلىگۈم كىلىدۇ. بىزنىڭ قىسمەن  ئادەملىرىمىز بۇلۇپمۇ پۇل تاپاقان قىسمەن كارخانىچىلارنىڭ  راسلا قانداق بىر ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بەزىدە قەتئىي چۈشىنىپ بولغىلى بولمايدۇ. ئۈزىچە تېخى بىر-بىرىنى ياراتماي كىتىدۇ. بىزدىگەن ئۇ، بۇ دەپ. سىىنىڭ ھالىڭ شۇغۇدەيدىغان ئادەم بولمىغاندىكىن .دىىسىمۇ  چۈشىنىدىغان كاللا يىتەرسىز بولغانلىقىدىن،بۇ ئىشنىڭ سادىق قوللىغۇچىسىنىڭ .ئاشۇنداق چوڭ گەپ قىلىدىغان نوچىلىرىمىزدىن  بولماي بەلكى قىرىنداش مىللەتلەر ئىچىدىكى كارخانىچىلارنىڭ  بۇلۇپ قىلىشى بەك ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. شۇڭا ئادەم ماھىيتىدىن قارىساق بىز بۇ ئېربوسىن ئىسىملىك قوللىغۇچى كىشىنىڭ ئەمىليىتىدىن ئەسلى ئۆز-ئارا قوللاشنىڭ قانداق بۇلىدىغىنىنى بىر بىلىۋىلىشىمىزغا ئاساس چىقىدۇ.  
-2چوڭ يىغىلىش ، قوللاش ۋە پىكىرئالماشتۇرۇش سەھنىسى.
 
 
 
تەكلىپ قىلىنغان ئەزىز مىھمانلار
 
گەپنىڭ نەخ توختىغان يىرىنى قىلغاندا ئەلگە تۇنۇلغان چولپان ، تالانىتلىق ياش سەنئەتكار،ئىنمىز ئابلاجاننىڭ بۇ قىتىملىق ئۇرىنىشى پەقەت شۇنى مەقسەت قىلغانكى ، ئۇ سۇئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇپ قالماسلىق، ھەممە ساھەنىڭ قول تۇتىشىپ ئىلگىرلىشىنى بىشارەتلەش شۇنداقلا ئۈزىنىڭ ئەڭ جاپالىق ۋاقىتلىرىدا يىنىدىن كەتمەي ياردەم قىلغان ۋە ھەمكارلاشقان ئۇستازلىرىنى ، دوسلىرىنى شۇنداقلا ئۇخشاش كەسىپداشلىرىنى ئاددى بولسىمۇ  يىغىپ ، قىممىتى تۈۋەن بولسىمۇ لىكىن شەرىپى چەكسىزمۇكاپاتنى ئۆز نامىدىن ۋە ئۆز يىنىدىن چىقىرىپ تارقىتىشى ، ئۇلارغا چوڭقۇرمىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۋىلىش ۋە ئۈزىنىڭ ھەر ۋاقىت شۇنداق ئىسىل كىشىلەرنى چوڭ بىلدىغىنىنى چۈشەندۈرۈش بۇلۇپ، بۇ ئابلاجاننى يىقىندىن قوللاپ كەلگەن ئەتىراپىدىكى ھەممە كىشىلەرگە چوڭ ئىلھام بولدى.ئويلاپ باقايلى دىيارىمىزدا نۇرغۇنلىغان ئاتاقلىق ھەر ساھە كەسىپتىكى چولپان ۋە مۈتىۋەرلەر چىقتى. قايسى بىرىسى مۇشنىڭدەك ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان بىرەر ئىشنى قىلىپ باقتى. بەلكىم بۇنداق ئىش بىزدە يوق دىيىشىڭلار مۇمكىن. بولمىسا ئۇنى ئىجادلاش كىرەكقۇ؟ ئەجىبا ناچار قىلمىشلار بىزدەبولمىسىمۇ ئىنتايىن تىز سۈرەتتە پەيدا بۇلىدىكەن ۋە ئىجاد قىلىنىدىكەن ، يەنى قىسقاكىيىم كىيىپ يۈرگەن ئايال-قىزلار، شەرمى ھايانى تەرىك ئەتكەن نۇمۇسسىزلار، خەقنىڭ ھەققىنى بىكارغا قۇيىۋالىدىغان ۋە زىيانكەشلىك قىلىدىغان ھىيلىگەر مەككارقىمارۋازلار، توختىماي مەس -ئەلەس بۇلۇپ ھاراق ئىچىدىغان  ھاراقكەشلەر، بىر-بىردىن ھەيۋەت نام بىلەن  يىغىلىدىغان يەپ-ئىچىشنى مەقسەت قىلغان قاتار چاي يىغىلىشلىرى،ياكى غەيۋەتچى خۇتۇنكەشلەر يىغىلىشى، ناھايتى ئەدەپ كەتكەن ھەرخىل بايرام ۋە كۈنلەر (يەنى ئاشىق-مەشىق بايرىمى دىگەندەك بىزدە يوق بايراملار)ھەرخىل بىمەنە كۈنلەر يەنى تۇغۇلغان كۈن ، دىباغا بارىدىغان كۈن، ktvغا بارىدىغان كۈن دىگەندەك ...ئىشلارنىمۇ مەجبۇرى قىلىمىز ۋە ئىجادلايمىز. بىر يەرگە يىغىلىپ ئىككى ئېغىز ئىلىم ئېلىشنى ياكى يۇقارقى ئابلاجان ئىنمىزگە ئوخشاش چاقنىغاندا تەڭ بەھىرلىنىشنى ئۇنتۇپ قالىمىز.  ياخشى ئىش قىلىش ۋە يىڭىلىق بىلەن ياخشى يول قەدەملەرنى ئىجادلاش بىزنىڭ قۇلىمىزدىن ئىنتايىن تەس كىلىدۇ ياكى پەقەت كەلمەيدۇئەمماناچار ئىش قىلمىشلار تىز سۈرەتتە پەيدا بۇلىدۇ ۋە ئىجاد بۇلىدۇ. دەل شۇ نوقىتىدىن بىز بۇ كىچىككىنە يىغىلىشنىڭ خاراكتىرىنى كۇرۇپ باقىدىغان بولساق بۇ راسلا ياخشى بىسىلغان قەدەم . باشقىسىنى دىمەي مەن بۇ كۇندىكى قىلغان ئىشلىرىمنى دىسەم ، مەن بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش جەريانىدا ئۈزۈمنىڭ كونا تۇنىشى ۋە قەلبىمدىكى ئوبىراز يارىتىش ئۇستىسى ئابدۇرېھىم راخمان ئاكا بىلەن ئۇچىراشتىم. ئۇچىرىشىمىزشۇنداق تەبىئى توغرا كىلىپ قالدى، بۇنىڭغا ئەگىشىپلا يىتىلىۋاتقان ياش ئاكتىيۇر قىرىندىشىمىزمەمەتجان ئابدۇقادىرنى ئولتۇرغان يىرىدىن چاقىرتىپ بىرگەمۇڭداشتۇق. ھەم بۇكىچىككىنە يىغىلىش بوشلۇقىمىزغا مەۋلۇت ئاكاممۇ قۇشۇلدى.  شۇنىڭ بىلەن پائالىيەت تەييارلىقى پۈتۈپ بولغۇچە بىز ئۇزۇن كۈرۈشەلمىگىنىمىز ھەققىدە  ھەمدە بۇ ئىشىنىڭ ياخشى بولغانلىقى ھەققىدە مۇڭداشتۇق، مەمەتجان ئابدۇقادىر بىلەن ئابدۇرېھىم ئاكاممۇ ئىنتايىن تىز پاراڭلىرىغا چۈشۈپ كەتتى. ئالتۇننىڭ قەدىرىنى زەگە بىلىدۇدىگەندەك مەمەتجان ئابدۇقادىرمۇ ئابدۇرېھىم ئاكىنى ناھايتى ھۆرمەتلەيدىغان بۇلۇپ ،ئابدۇرېھىم ئاكىمۇ بۇ ئىنىمىزغا ۋە ھەممە يىقىنلىرىغا  ناھايتى ھۆرمەت بىلەن  ياخشى مۇئامىلە قىلاتتى. ۋە مەۋلۇتكامغا ئۈزىنىڭ تىلىۋىزىيەدە ئۇرۇنلىغان نۇمۇرلىرىنىڭ مىھىربان ئانىسى تەرىپىدىن ئۆتكەن باھاسى  ھەققىدە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرغاقوياتتى.ئۇنىڭدىن كىيىنمۇ ئابدۇرېھىم ئاكا بىلەن مەمەتجان ئابدۇقادىر ناھايتى قىزغىن كەسپى پاراڭلىرىغا چۈشۈپ كەتتى. شۇنداقلا ھازىر قىلىۋاتقان ئىشلىرى توغىرىسىدا پىكىرلەشتى. ئۇلار راستىنلا كەسىپ جەھەتتىن بىر يىلتىز  قىرىنداشلاربولغاچقا، بىر-بىرىنى بەك قوللىشاتتى.ۋە ھۆرمەتلىشەتتى،
 
 
 
 
 
ئەلگە تۇنۇلغان ئاتاقلىق رىياسەتچى ئۈمىد غەنى
 
 
 شۇ ئارىدا يەنە تالانىتلىق رىژىسۇر ئاكىمىز جۈرئەت ۋاھىتمۇدوستى ئابدۇرىھىم ئاكامنى ئىزدەپ كەلگەن بۇلۇپ، مىنىڭ بۇ بۇ ئاكىمىز بىلەن تۇنجى كۈرىشىشم بولسىمۇ،لىكىن بىردەمدىلا ئۆزلىشىپ  كەتتۇق. دىمەك بۇ يەردە خەلقىمىزگەتۇنۇشلۇق جۈرئەت ۋاھىت ، ئابدۇرىھىم راخمان ،مەۋلۇت ئىبىراھىم ۋە مەمەتجان ئابدۇقادىرىنىڭ بىر كىشىلىك ئىنسانى پەزىلىتى نامايەن بولغان ئىدى. سىز شۇ نەخ مەيداندا بولسىڭىزمۇ ئۇلاردىن تۇلۇق سۈيىنىسىز . ھەم مەن نىمە ئۈچۈن بۇ كىشىلەرنىڭمۇشۇنداق ئەل ھۆرمىتىگە نائىللىقىنى سۆزسىز چۈشىنىپ يىتىسىز.قىسقىسى ئويلاپ باقىدىغان بولساق مۇشۇنداق پائالىيەت بولمىسا ،ئۈرۈمچىدەك ئۈزى چوڭ، ۋاقىتنىڭ بەرىكىتى يوق جايدا يىغىلىش ئىمكانىيتى بۇلامدۇ؟ ھەم مەن يىڭىدىن ئۇچىراتقان قېرىندىشىمىزمەمەتجان ئابدۇقادىرنىڭ ئۇستازلارنى ۋە چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ، سەمىمى پەزىلىتىدىن سۈيۈندۈم ، بۇلۇپمۇ ئۇنىڭ سەھنىگە مۇكاپات ئىلىش جەريانىدا قىلغان سۈزىدىن ۋە پەسكە چۈشكەندە . جىددىيلەشتىڭىزمۇ ؟ دەپ سورىغان سۇئالىمغا بەرگەن جاۋابىدىن  بەك پەخىرلەندىم،يەنى -«ئۇستازلار ۋە چوڭلار بار يەردە ئەلۋەتتە جىددىيلەشتىم. چۈنكى ئۇلار بار يەردە خاتا ياكى ئەمەس گەپ قىلسام قەتئى بولمايدۇ. شۇلار بىزنىڭ نىشانىمىزنى بىكىتىدۇ ، شۇڭا خاتا گەپ قىلساق بولمايدۇ»، دىگەن پۇزىتيەسى ئىدى،مەن بۇجاۋابنى ئاڭلاپ مۇشۇنچىلىك پۇزىتسىيەنىڭ بۇ پەرزەنتىمىزدە  يىتىلگەنلىكىدىن قاتتىق خۇرسەن بولدۇم. دىمەك بۇ يىغىلىشتا نۇرغۇنلىغان ئىىسل كىشىلەر ئۆز-ئارا ئۇچىرىشىش ۋە شۇ ئۇچىرىشىش ئارقىلىق بىر قەلىپ ۋە دىمەكچى بولغان مەقسەتلىرىگە يىتىشتە ياخشى ئاساس تاپالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن گەپنىڭ قىسقىسىنى قىلساق مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك يىغىلىشقا كۈچ سەرىپ قىلغان ، ۋەئۇلارنى بىر يەرگە جەم قىلغىنى بىزنىڭ   ئىسىل سەنئەتكارىمىز. ياش تالانىتلىق چولپان ئابلاجاندۇر. مەنمۇ دەيمەنكى ئابلاجان ياشاپكەت . بىز سەندىن ئۆزگىچە بىرخىل يول ۋە تەپەككۇرنى كۆردۇق.
 
 
 ئۇستازمەۋلان مەمتىمىن مۇكاپات تاپشۇرۇپ ئالدى
 
-3ياخشى تىلەك ،ياخشى  قەلىب ، ئۆزگىچە سەنئەت يۇلى ۋە مۇۋەپىقىيەت ئۈچۈن تىرىشىش .
شۇنىڭ بىلەن  بۇ مۇكاپات تارقىتىشدەل6 دىن چارەك ئۆ تكەندە رەسمى باشلاندى. بۇ كۈندىكى مۇكاپات تارقىتىشنىڭ خارەكتىرىنى يۇقۇردىمۇ دېدىم مۇكاپاتلانغۇچىلار ئابلاجاننىڭ مۇشۇ كۈنگە كىلىشىدىكى ئۈزىنىڭ ئۇستازلىرى. دوسلىرى. شۇنداقلا بىرگە جاپا تارىتقان يىقىن يۇرۇقلىرى بۇلۇپ . ئۇ شۇ دوسلىرىنى چوڭ كۈرۈپ ، مۇكاپاتنى ئەكەپلا تارقىتىپ تاماق يەپلا بولدى قىلىشنى مەقسەت قىلمىغان. شۇ ئەتىراپىدىكىلەرگە يەنىمۇ مەدەت بولسۇن ۋە خاتىرەبولسۇن دەپ جەمىيتىمىزىدىكى يۇقۇردا ئىسمى ئاتالغان نۇپۇزلۇق شەخىسلەرنىڭ قۇلىدىن يەتكۈزۈشنى خۇپ كۆرگەن. مەن بۇ قىتىمقى مۇكاپاتلانغۇچىلارنى ساناپ باقتىم   ساق 30غا يىقىنلىشىدىكەن دىمەك ئۈزىنىڭ ئەتىراپىدىكى 30 شەخىس دىگەن گەپ. ئەمماباشقىلارچۇ ؟ ئۆز ئەتىراپىدا قانچە ئادەمگە باشتىن ئاياق ياخشى مۇئامىلە قىلىپ باقتى. يەنە سۆزلىسەك گەپ ئۇزىراپ كىتىدۇ. دىمەك بۇ كۈندە راستىنلا ياخشى تىلەكلەركۆپ بولدى. ۋە ياخشى سۆزلەر قىلىندى. ئەمدى مۇشۇ يەردە مەن بىر نوقتىنى ئەسكەرىتمەكچى ، مەن بۇ چولپىنىمىز ئابلاجاننىڭ بۇ پائالىيتىنىڭ ئەھمىيتىنى  باشقاھەممەيلەننىڭ توغرا   ھىس قىلىشىنى شۇنداقلا مۇشۇنىڭدىن ئازىراق بولسىمۇ ئىلھام ئېلىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى بۇنداق ئىشلاردا چوڭ-كىچىك بۇلۇش ئەمەس پەقەت ساپ قەلىب ۋە ئەمىليەت مۇھىم . ئەسلىدە ئابلاجاننىڭ ئەمگەكلىرىىنىڭ قىممىتى ھەقىدەئاز-تۇلا توختالغۇم بار ئىدى. ئەمما مەن بۇنى كىيىنگە قالدۇردۇم. ئۇ ۋاقىتتا ھەم تەنقىدنى قۇشۇپ بىراقلا  ئىجادى ھاياتى ھەققىدە ئىشلەيمەن. ئەمما مەن بۇپەرزەنتىمىز ئابلاجاننىڭ ئىزچىل يىڭىلىق يارىتىش ۋە ئەھمىيەتلىك ئىشلارنىڭ پىلانىنى تۈزۈپ ئىجىرا قىلىشتا ، خېلى ئاتالغان كىشىلىرىمىزدىنمۇ چىڭلىقىنى بايقىدىم. ئەمىليەتتە شۇ يىغىلىشتا مۇنداق بىر ياخشى سۆز بۇلۇندى. يەنى (ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ مودا ناخشىسى بار بولدى-شەمسىيە ئەبەيدۇللا ) مەن بۇ سۆزنى راسلا ئىتىراپ قىلماي تۇرالمايمەن. چۈنكى بالىلار بىزنىڭ كىلەچىكىمىز ئۇلار ياقتۇرۇپ مودا ناخشا ئېيىتىش كىرەك . ئۇنداقتا بولمىسا نىمىنى ئېيتىدۇ. باشقىلارنىڭكىنىمۇ؟ ياق،ئۈزىمىزنىڭكىنى   ئېيتىش لازىم. دەل شۇ ئۈزىمىزنىڭكىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشتەئابلاجان ئەلۋەتتە تۈھپىگە لايىق. بۇنىڭدىن  ئىلگىرى. بىزلەر كىچىك ۋاقتىدا  بىزگەپەقەت كىچىك بالا ئەمەسمەن دىگەن بىرلا  ناخشىسى نىسىپ بولغان ، ئەلۋەتتە باشقىسىمۇبار. ئەمما ئاممىباپ كەڭ تارقالغىنى باشقا گەپ.شۇڭلاشقا بۇ يەردە بىز بىلىشىمىزكىرەككى ئابلاجان كۆپ بىسلىق ،تالانىتلىق سەنئەتكار . ئۇنىڭ ئۈستىگە ياش، شۇڭا بىزئۇنىڭ تەپەككۇرىدىن چۇقۇم  غەلبىلەرنى كۈرەلەيمىز.
 
-4ئەسلىمە ۋە خاتىمە
 
 
 
خاتىرە سۈرەت
 
شۇنىڭ بىلەن بۇ پائالىيەت شۇنداق داغدۇغىلىق ۋە غەلبىلىك ئېلىپ بىرىلدى. ئەمدى مەن بۇيەردە ئەسلىمە دەپ بىر تىما قۇيۇشتا كىچىلىككە رىياسەتچىلىك قىلغان بىزنىڭ بۇرنقى مۇنبەردىشىمىز -يەنى شەبنەمدىشىمىز زۇبەيدە بۇلۇپ، مەن بۇ ھەقتە توختالماي دىسەممۇئامالسىز قەلبىمنىڭ بىر يەرلىرىنى تاشلىۋەتكەندەك بۇپ قالىمەن.يەنە بىشىدا ئالاھىدە ئەسكەرتىش بىرىپ ئۈتىمەنكى ھازىر بىر قىسىم تورداشلارنىڭ نەزىرىدە تور ئۇقۇمىنى ۋە ئۇنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىش بىر ئاز خاتا، يەنى ئىلگىرىكى بىر قىتىملىق كۈتۈلمىگەن ۋەقە ھەممەيلەننى تور ھەققىدە بۇلۇپمۇ ئىلگىرىكى چوڭ تور بىكەتلىرى ھەققىدە گەپ قىلىشتا ئىنتايىن ئەنسىرىتىدىغان ۋە شۇ گەپنى دىسىلا جىنايەتچى بۇلىدىغان بىر خىل خاتا كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ قۇيىۋاتىدۇ. ۋە خاتا ھالدىلا مەسىلىنى توغرا بايقىمايدىغان ئىش مەۋجۇت .مەن بۇ جەھەتتە ئىنىق دەپ قۇيايكى- بىزنىڭ ھۈكۈمىتىمىز ئىنتايىن ئادىل ۋە قانۇن تۈزۈمچىلىك بىلەن باشقۇرۇلىدىغان مۇكەممەل ئەندىزىگە ئىگە چوڭ دۆلەت . دۆلىتىمىزدە جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەر ۋە قانۇن سىياسەتكە خىلاپلىق قىلغانلارلا جازاغا تارتىلىدۇ. قانداقتۇر بەزىلەر دىگەندەك ئىغىۋا گەپلەردەكلا ئىش قىلىدىغان ئىش ئەسلى مەۋجۇت ئەمەس. مەن بۇ جەھەتتە پارتىيەگە ئىزچىل ئىشىنىمەن . شۇڭا بۇرۇنقى چوڭ تور بىكەتلەر توغىرىسىدىكى يوللۇق ئەسلىمە خارەكتىدىكى پاراڭنى قىلىشتىن قانداقتۇر ئەيمىنىدىغان ياكى يوقنى دەيدىغان ۋە ياكى ئىغىۋا گەپلەرنى قىلىدىغان ، قىسقىسى پارتىيە ھۈكۈمەتنىڭ چەكلىگەن ھەر قانداق ئىشىنى سادىر قىلىدىغان ئىشلارنى قەتئى سادىر قىلمايمەن. .ئەمما مەن شۇ ئىلگىرىكى چوڭ بىكەت ھىسابلىنىدىغان شەبنەمنىڭ ئەزاسى ، شۇڭا ئۇنىڭدا ئۆتكەن بۇرۇنقى ياخشى ئەسلىمىلەرنى ئەسلەش ھۇقۇقۇم تامامامەن بار. ھەم توغرا يوللۇق ئەسلىمىلىرىمنى ئەسلەپ قىلغان پاراڭلىرىم ھۈكۈمىتىمىز تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.شۇڭا بارلىق تورداشلار بۇ ھەقىقەتنى چۈشىنىشى ھۈكۈمىتىمىز يول قويغان دائىرىدە دادىل پىكىر قىلىشى ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.. ھەممىڭلارنىڭ ئىسىدەبولسا كىرەك . ئىلگىركى سەركە بىكەت -شەبنەم.ئەمدى مەن بىشىدا دىگەندەك  بۇ بىكەتنىڭ بۇرۇنقى ئىسىل تەرەپلىرىنى ئەسلەش ھېچقانداق خاتا ئىش ئەمەس. (شۇڭا باشقىلار بۇنىڭدىن چۈچۈپ كەتمىگەي  ۋە خاتا چۈشەنچىگە ئىگە بۇلۇپ قالمىغاي.  (شەبنەمدە بىز نەچچە دەملەرنى بىرگە ئۆتكۈزگەن ،ھەر تاڭ ۋە كىچىلەرنى شۇنىڭغا قاراپ يۇرىتىۋەتكەن. ھەم ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان گۈزەل ئەسلىمىلىرىمىز بار. سۆزلىسەك گەپ بۇلىدۇ، سۆزلىمىسەك دەرىت دەپ ،شۇ شەبنەم دەردىگە قەلبىمدە ھېچنىمە توغراكەلمەيدۇ،  چۈنكى شۇ شەبنەم تۇنجى بۇلۇپ ماڭا (بىر ماڭىلا ئەمەس نۇرغۇن مەندەكلەرگە) ئىللىق قوينىنى ئاچقان ئەمەسمىدى؟ تورنىڭ نىمىلىكىنى ؟ ئۇنىڭدا نىمەبارلىقىنى بىلدۈرگەن ئەمەسمىدى؟ ، نۇرغۇن ھەقىقى دىلكەش دوسلارنى بىر يەرگە جەملەپ .ھەقىقى راس مىھرى مۇھەببەت دۇنياسىنى بەرپا قىلغان ئىدىغۇ؟ بىردەمدىلا كۈلۈشۈپ ۋە تىللىشىپ كىتىدىغانلار ، ئۆتكۈر پىكىرلىرى بىلەن ئىلىم ئىزدىنىغانلار ، چولپانلار، ئەدىبلەر،پۇقرا ياكى ھەر قانداق  ئادەملەر چاندۇرماي ئۆز لىنيىسىدە ئالاقىلىشىپ يۈرەتتى. شۇنداقلا تەكلىماكاننىڭ بۈرجىكىدىكى مەندەك ئاددى بىرسىنى باشقۇرغۇچى دەپ ھۆرمەت بىلەن ئىشلىرىغا قاتناشتۇراتتى ۋە تەكلىپ قىلاتتى. ھەم شۇ بىكەتتىن ئۈنچىدەك تاتلىق ئاۋازى بىلەن بىزگە بىر قىز ۋە ئۇغۇل مۇلازىمەت قىلاتتى.
 
 
 
تالانىتلىق رىياسەتچى زۇبەيدە بىلەن سۈرەتكە چۈشكەن قىزچاق
 
 
قىزچاقنى بۈگۈن مەن بۇ يەردە ئۇچىراتتىم . يەنى ئۇ دەل  زۇبەيدەئىدى. كۈرۈپلا بۇرۇنقى بىرگە قاتناشقان پائالىيتىمىز ئىسىمىزگە كەلدىدە نىمە دىيىشىنى بىلەلمىدىم. شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى سورىدىم.ھەم ئۇمۇ مىنى دەرھال ئىسىگە ئالاىدى. دىمەك زۇبەيدە بىلەن بۇ يەردەئۇچىراشقىنىم مەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەسەللى بولدى. زۇبەيدە ھازىر مەركىزى خەلق رادىئۇئىستانىسىنىڭ ئۈزۈلمەس مىلودىيە سەھىپىسىدە ئىشلەۋىتىپتۇ. ئىلگىرى مەن ئۇنى تاشلاپ ئوينايلى دىگەن   mtv دا كۆرگەن. ئۇنىڭ بىلەن ئۇچىرىشىپ خۇددى بۇرۇنقى گۈزەل ئەسلىمىگە قايىتقاندەك بۇلۇپ ، ۋارقىرغۇم كەلدى. ئەمما ئۇنداق قىلىشقا بولمايىتتى. قىسقىسى مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم سانالغىنىمۇ دەل شۇ ئىش. زۇبەيدە بۈگۈنكى بۇئەھمىيەتلىك پائالىيەتنىڭ رىياسەتچىلىكىنى قىلغىنىدىن مەن راستىنلا ئالەمچە خۇشال . ئەمدى سۆزلىرىمنى قۇيىۋىتىرۋەرمەي يىغىدىغان بولسام ،مەن بىزنىڭ بۇ چولپىنمىزغاچۇڭقۇر مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن ۋە ھەر ساھە ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئالغائىنتىلىشىنى ھەقىقى يۇسۇندا ئۈمىد قىلىمەن.
 
 بۇ ماقالە ئانا تور بىكىتىگە بىرىلدى. باشقا توربىكەت ۋە بىلوگلارنىڭ مەنبەنى ئىنىق ئەسكەرتىپ پايدىلىنىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن تەسىيە قىلىمىز. X;ijCZb3b  

ئانا تۇپراق مۇنبرىدىكى مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار جەمئىي 1 پارچە
bayawanمۇنبەر پۇلى+1002011-12-18ئەھمىيەتلىك تېما
ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

精彩

感动

搞笑

开心

愤怒

无聊

灌水
xahruh
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.209

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   129 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5046 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   273 (قېتم)
 تۆھپە:   243  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 474
 سائەت
دەرىجىسى:
474 سائەت 66 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-21
ئاخــىرقىسى:2012-03-06
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-18

مەن ھەقىقەتەن خۇشال بولدۇم ،،،، 3 (Bd`=9  
90-يىللادا ئۇيغۇر سەنئىتى بىر مەھەل گۈللەپ ياشنىغاندىن كىين خېلى بىر ۋاققىچە چېكىنىش p B*8D  
باشقۇچىدا تۇرغان ئىدى ،بۇلۇپمۇ 2000-يىللادىن باشلاپ ئۆزبېكچە ناخشىلارنى ئوغۇرلارش TJjcX?:(  
دولقۇنى كۆتۈرۈلۈپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكىلەرنى سەسكەندۈرىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن ئىدى 8@ y@}  
مانا ئەمدى ئۇيغۇر ياشلىرى ئويغۇنىۋاتامدۇ قانداق ؟؟؟ئابلاجان ئاۋۇتتەك تەرجىمىدىن بىھاجەت ، y;aZMT.YI  
ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىزلىنىدىغان ،ئىجاد قىلىدىغانلار چىقىۋاتىدۇ ،،،MTVپىلاستىنكىلاردىمۇ B7HNNX  
{تېكىستى:پالانىنىڭ ،مۇزىكىسى پالانىنىڭ }دەپ ئەسكەرتىدىغان ،توغرىسى ،ئىجادىيەتچىلەرگىمۇ 6%?bl{pNn  
ھۆرمەت ۋە ئىتبارمۇئامىلەدە قارايدىغان ھالەت شەكىللىنىۋاتىدۇ ،،،،، n3Uw6gLD  
ئابلاجان ئاۋۇتنى تۇنجى قېتىم مەشرەپ پىروگىراممىسدا كىچىك بالا بىلەن بىرگە ئۇرۇنلىغان ھېلىقى ^~\cx75D  
ناخشىسى بىلەن تونۇغان ھەم قەلبىمدە ھۆرمەت ھېسىياتى قوزغالغان ئىدى ،بۇ قىېتم قۇربان ھېيىت c%,@O&o  
سەنئەت كېچىلىكىدەئېيىتقان ئۇغۇل بالا دىگەن ناخشىسىنى كۆرۈپ بەك ھاياجانلاندىم ،ئىشىنىمەنكى H5wzzSV!:B  
ئۇيغۇرلارنىڭ سۈنئەتنى ئۇلۇغلاش ،ئۇغۇل بالىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بۇيىچە بۇ ناخشىنى چوڭلار EMK>7 aks  
كۈلۈپ تۇرۇپ ،ياشلار ھەۋەسلىنىپ تۇرۇپ ،كىچىك باللىلار تەڭ جۆر بۇلۇشۇپ ئىنتايىن ياخشى كۆردى mY!os91KoO  
ھەم ئابلاجاننى تونۇدى دەپ ئويلايمەن، ئۇنىڭ سەنئەت ساھەسىدە تۇتقان ئۆزگىچە يولى شۇكى i~1bfl   
ئىجادىيىتىدە چوڭلار بىلەن بالىلارنى بىرگەۋدە قىلغان ،ناخشىلىرى بىر قارىسا كىچىك بالىلارياخشى jFAnhbbCE  
كۆرىدىغان بالىلار ناخشىسدەك قىلسىمۇ ،نىمىشقىدۇر يەنا ياشلارغا ماس جۇشقۇن ئاكوردى ئادەمنى ~\HGV+S!g}  
ياشللارنىمۇئۆزىگە تارتىدۇ ،،،تاققا تۇققۇ ،بالا بارمۇ دىگەنگە ئوخشاش ناخشىلىرى ھەممىمىزنى YK Cd:^u  
خۇددى بالىلار دۇنياسدا تۇرىۋاتقاندەك ھېس قىلدۇرىدۇ ،،،،،،،، Y'n+,g  
ئابلاجانغا ئاپىرىن ،يۇقارقى پائالىيەتكە ،مۇنىرە غۇپۇر باشلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇزلۇق 9&]g2iT P  
چولپانلىرىنىڭ ئشىتراك قىلىشنىڭسەۋەبى دەل شۇ بولسا كىرەك ،،،، /O@TqH  
ئابلاجان ئانا تۇپراقققا كىرەمدۇ يوق ،بىلمەيمەن ،مۇشۇ ئىنكاسىم ئارقىلىق ئۇنىڭغا شۇنداق دىگۈم $"#2hVO  
كېلىدۇ : F`C$F!GE  
بەزىدە بىر ناخشىنىڭ سەنئەت ساھەسىدە نام چىقىرىىشى ئۈچۈن پەقەت ۋە پەقەت ياخشى يېزىلغان' _6O\*|'6  
بىرلا ناخشا كۇپايە ،شۇڭا سىزنىڭ سان قوغلاشماي ،ھازىرقىدەك سۈپەتلىك ناخشىلىرىڭز ئۈستىدە W.67};',  
ئىزلىنىشىڭزنى ،مۇشۇ تۇتقان ئۆزگىچىلكىڭزنى مەڭگۈ يوقاتماسلىقىڭزنى ئۈمۈت قىلمەن ! ،،،،،،
[ تېما xahruh تەرپىدىن 2011-12-21 09:55 دە قايتا تە ]

ئانا تۇپراق مۇنبرىدىكى مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار جەمئىي 1 پارچە
sumbulمۇنبەر پۇلى+202011-12-28ياخشى ئىنكاس
bayawan

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.24

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2363 

 نادىرلانغان تېمىسى:   12 

 مۇنبەر پۇلى:   53193 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4860 (قېتم)
 تۆھپە:   4633  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 14132
 سائەت
دەرىجىسى:
14132 سائەت 168 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-07
ئاخــىرقىسى:2012-03-04
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-18

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستۇم پەرھات بارمۇ سەن ھوي ؟! JI5%fU%O#n  
كەم دىدار بولۇۋاتقىنىڭغا قاراپ ئەنسىرىگەن ئىدىم . بىراق سېنىڭ چوقۇم ئەھمىيەتلىك بولغان ئىلمى ئىشلارنى تەۋرىتىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم . مەن سەندىن پەخىرلىنىۋاتىمەن . يازغۇچىلار تورىدىكى " ئۆزھال سەنئەت كارىدورىدىكى ئىشلار " ۋە ھۇررا پۇتبول كۇلۇبىدىكى دوسىتلار شۇنىڭدەك  ئاتاقلىق پۇتبولچىلىرىمىز بارى ، مىرئەخمەتلەر بىلەن قارامايغا بارغان كەچمىشلەرنى مۇناسىۋەتلىك تور بېكەت -مۇنبەرلەردىن كۆرۈپ تولىمۇ مەمنۇن بولغان ئىدىم . kuX{2h*`  
يۇقىرىقى ئەھمىيەتلىك ۋە مەزمۇنلۇق تېما بىلەن ئانا تۇپراق مۇنبىرىمىزگە كىرىدىغانلىقىڭنى پەقەتلا ئويلىماپتىمەن . قۇتلۇق ئىشلار خەيرلىك بولغاي . BSyl!>G6n8  
ئىنسان ھامان ئۆلۈپ كېتىدۇ ، بىراق ئۆلۈمنىڭ ئەھمىيىتى ئوخشاش بولمايدۇ . مىللەت ، خەلق ئۈچۈن قىسقىسى باشقىلار ئۈچۈن ياشىغانلار باشقىلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ . قەدىرلىنىدۇ . %k+G-oT5  
ئۆتۈپ كەتتى ، سەن مەن بىلەن باشلانغۇچتا ئىشلىگەن 13-14 يىل . شۇ جەرياندا ئۆزىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ، ئۇنۋىرسال ئىقتىدارلىرى جارى بولغان ئىشلاردىن قانچىلىكنى قىلالىدۇق ؟ vGST{Lz;  
ئۆزىمىز رازى بولغىدەك ئىشتىن زادى قانچىلىك ئىشلىيەلىدۇق ؟ بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ، ئۆمرىمىز پەقەتلا ياشاش ، يەپ-ئىچىشلا بولۇپ قالماسلىقى كېرەك ئىدى . zxD~W"R:s  
سەن بۇ نۇقتىغا ھازىردىن باشلاپ ئۆزۈڭنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ قانائەتلىنەرلىك ھالدا جاۋاب بېرىشكە ئاتلانغاندەك تۇرىسەن . شۇڭا مەن سەن ئۈچۈن بولسىمۇ پەخىرلىنىش ھېسسىياتىدا بولىۋاتىمەن . بۇ يەردە ھەممە ئىش ئىلگىرىكى قېلىپىدا كېتىۋاتىدۇ . ھەممە كىشى ئۆز ئەھۋالى بىلەن . ئىلمى ئىشلارنىڭ راۋاجى ئۈچۈن قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن تەييار تۇرۇپتىمەن . ساڭا ئىلھام ۋە مەدەتلەر يار بولسۇن ! !XtZI3Xu  
ناخشىچىمىز ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن يېڭىلىق يارىتىۋاتقان ، توختاۋسىز ھالدا ئىجتىھات بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان مۇنەۋۋەر ناخشىچىلىرىمىزنىڭ بىرى . *hV$\CLT.  
ئۇنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى -ئۇنىڭ خەلقىمىز تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنىڭ ئىسپاتى . ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇقلار تىلەيمەن . شۇنىڭدەك ئوتتەك مېھىر-ئىشتىياقى بىلەن ئۆز كەسپىگە بېرىلىپ ئىزدىنىۋاتقان ، خەلقى ئۈچۈن يېڭى ئىجادىيەت مېۋىلىرىنى سۇنۇشقا كۈچ سەرپ قىلىۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ تېنى سالامەت بولغاي ~ ئۇستاز كومپوزىتور مەۋلان مەمتىمىننىڭ ئۆلمەس ئاھاڭلارنى ئىشلەپ چىقىشىنى ، خەلقىمىز قەلبىنىڭ ساداسىنى نادىر مۇزىكىلار بىلەن ئەكىس ئەتتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
[ تېما bayawan تەرپىدىن 2011-12-18 21:40 دە قايتا ت ]

ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
kosowuluk
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3131

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   792 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   21795 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2103 (قېتم)
 تۆھپە:   2055  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2005
 سائەت
دەرىجىسى:
2005 سائەت 85 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-13
ئاخــىرقىسى:2012-03-06
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-20

ناخشىسىىدىن بىر نەچچىنى يوللاپ قويماي؟!
بىراۋغا پايداڭ تەگمەي، پەقەت ئوزۈڭ ئۈچۈنلا ياشىساڭ،سەن ئاللاقاچان  ئۆلگەن ئادەمسەن!!!
hanjar731

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.432

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   896 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   33469 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3071 (قېتم)
 تۆھپە:   3035  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 371
 سائەت
دەرىجىسى:
371 سائەت 69 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-18
ئاخــىرقىسى:2012-03-05
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-23

مەن ۋاقىت چىقىرىپ تۇلۇق كۆرىمەن.
توختىماي تۆھمەت توقىۋاتقان ئاغزىڭغا تۈفىي،!
altunguli
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7605

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   110 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7430 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   750 (قېتم)
 تۆھپە:   750  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 886
 سائەت
دەرىجىسى:
886 سائەت 14 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-12-18
ئاخــىرقىسى:2012-03-05
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-26

مەن تۇلۇق كۇرۇشكە ۋاخىتىم يەتىمدې
sumbul

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2364

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   337 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   27446 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   991 (قېتم)
 تۆھپە:   952  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3159
 سائەت
دەرىجىسى:
3159 سائەت 81 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-13
ئاخــىرقىسى:2012-02-29
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-28

ناھايىتى ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بۇپتىكەن ، كىچىكىپ بولسىمۇ بۈگۈن تۇلۇق كۆرىۋەتتىم! u|=G#y;3  
ئابلاجاننىڭ  ھەممىلا ناخشىسىنى ناھايىتى ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن! ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن! تىمىنى يازغۇچى ئەپەندىنىڭمۇ مۇنبەرنى پات پات يىڭىلىق خەۋەرلەر بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشىنى بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن!

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!
lemjin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6912

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   10 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   650 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   65 (قېتم)
 تۆھپە:   65  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 27
 سائەت
دەرىجىسى:
27 سائەت 23 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-17
ئاخــىرقىسى:2011-12-30
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-12-29

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .سەنئەت مەستانىلىرى! ئاللاھنىڭ كاىئىناتتىكى سەنئەتلىرىگە قاراپ تەپەككۈر قىلىپ باقتىڭلارمۇ؟ ئىسلامنىڭ سىلەر ئاشىق بولغان شۇ سەنئەتكە تۇتقان پىرىنسىپى قانداق؟ ئالىملىرىمىزنى ھايات ۋاقتىدا قەدىرلىمەي،ئۆلگەندە بىدئەتلىك بىلەن ھەيكەل تىكلەپ ئاكىيۇ لارچە پەخىرلىنىپ ،ناخشىچىلارنى بولسا تۇ شمۇ تۇشتىن ماختاپ سىگانلاردەك سەنئەتكە ئەسەبىيلەرچە بېرىلىپ كەتكەنلەر  بىزدە  بەك كۆپ. سەنئەت! سەن بەزىدە خەلقىمىزگە خۇشاللىق بېغىشلىساڭمۇ  تۇلا ھاللاردا ئۇيقۇ دورىسى ۋە ئەپيۇنغا ئوخشايسەن.بولدىلا......ساختا ئازاپنى كۈيلەۋەتقان ،ھاراق سورۇنىدا .تاماكىنى چىشلەپ كالدىرلاۋاتقان تاشمۇھەممەد باتۇر،ئابدۇكېرىم ئابلىز ،ياسىن جېكسون...يەنە نۇرغۇن سەنئەتچى ئاتالغانلارنى جىىق كۆرگەنمەن. ئىسىت ئۇلارغا قۇيۇلغان ئىسلامى ئىسىملارغا . قىلغانلىرى شەيتاننىڭ قىلىقلىرى.
مەن مۇسۇلمانلىق ھالىتىمدە كەتسەم دەيمەن!
UMUDLIKBALA
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7800

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   16 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   900 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   90 (قېتم)
 تۆھپە:   90  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 77
 سائەت
دەرىجىسى:
77 سائەت 13 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-08
ئاخــىرقىسى:2012-01-25
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-10

بۇ بەك مول مەزمۇنلۇق بوپتۇ ،سىلەرگە كۆپ رەخمەت ،بۇنىڭدىن كىيىنمۇ يەنە مۇ شۇنداق مەزمۇندىكى ماتىرىياللارنى بىزلەرگە تەقدىم ئېتشڭىلارنى ئۈمىد قىلىمەن .
ئادەم دۇنيادا ئۆزىنىڭ قەدىرىنى بىلىپ ياششى لازىم ،شۇندىلا بۇ دۇنيا ئۇ ئادەم ئۈچۇن بەك كۆڭلۈك ھېسابلىندۇ .
mastana

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4201

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   852 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   869 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3386 (قېتم)
 تۆھپە:   3381  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 678
 سائەت
دەرىجىسى:
678 سائەت 92 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-28
ئاخــىرقىسى:2012-03-01
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 01-10

lFbf9s:$B  
بۇ مەن ئۇنىڭ ئەڭ ياختۇردىغان ناخشىسى ! يوللاپ قويايچۇ !
كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتسەممۇ ،گۈلدەك ئېچىلىپ ياشايمەن!!!
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى