ئالدىنقى تېماكېيىنكى تېما
بۇ تېما 253 قېتىم كۆرۈلدى
تېما : سېيت نوچى گاڭگۇڭمۇ يا ئەخمەقمۇ؟
ئۇزەڭنى  ئەرچاغلىساڭ  باشقىلارنى شېر&n ..
دەرىجە: مەستانە ئەزا
UIDنومۇر: 7011
نادىر تېما: 0
يازما: 40
ئۇنۋان:يېڭى ئەز ھازىرغىچە40دانە
شۆھرىتى: 290 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 2840 يۈەن
تۆھپە: 290 قېتم
ياخشى باھا: 282 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 26(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:2دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:26 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:24 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:37 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:19 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-10-03
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-21
باش تىما  يوللىغان ۋاقىت: 2011-10-04 21:48
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

0
تېما:سېيت نوچى گاڭگۇڭمۇ يا ئەخمەقمۇ؟
يوللىغۇچى:akilsiz521 | يوللىغان ۋاقىت :2011-10-04 21:48 | كۆرۈلۈش قېتىم سانى:253

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: تېما باشقۇرغۇچى bayawan تەرپىدىن يۇمۇر لەتىپە ۋە تېپىشماقلار دىگەن سەھىپدىىن بۇ يەرگە يۆتكەپ كېلىندى.(2011-10-04)
سېيت نوچى گاڭگۇڭمۇ يا ئەخمەقمۇ؟
2R.L LE   ,\+tvrR4X  
T?t/[iuHrj   TbIM{X  
p2{7+m   i#kRVua/  
سېيت نوچىنىڭ خاراكتىرى ھەققىدە خېلى ئىلگىرىلا تەپەككۈر قىلىپ باققانىدىم ھەم ئايىغىنى چىقىرالماي توختاپ قالغانىدىم.‹‹2011-يىللىق ئابدۇكېرىم ئابلىز ئىتوت كېچىلىكى››نى كۆرگەندىن كېيىن مېنىڭدە بۇ خۇسۇستا قايتىدىن ئويلىنىش بولدى.مەن ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت تارىخىي رومانلاردىن‹‹ئىز››،‹‹ئويغانغان زىمىن››،‹‹ئانا يۇرت››قاتارلىق تىرىلوگىيىلەرنى ئوقۇغان ھەم ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغان بىر نۇقتا شۇكى:يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىمىزنىڭ-ھىلىگەر ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن قايتا-قايتا ئالدىنىش،زىيادە ساددىلىق بىلەن باشقىلارغا ئىشىنىپ كېتىش،داۋاملىق غەلبە مېۋىسىنى باشقىلارغا تارتتۇرۇپ قويۇش...قاتارلىق پاجىئەلەر بىلەن يۇغۇرۇلغان تارىخ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدىم.مەسىلەن:‹‹ئىز››رومانىدىكى باش قەھرىمان-تۆمۈر خەلپىنىڭ لى شۇفۇ ئىسىملىك تۇڭگاننىڭ قۇرئان تۇتۇپ قىلغان قەسىمىگە ئىشىنىپ قۇمۇلدىكى جەڭنىڭ غەلىبىسىنى تاشلاپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ياڭ زىڭشىڭنىڭ تۈرمىسىدە ئۆلۈشى،‹‹ئويغانغان زىمىن››رومانىدىكى خوجىنىياز ھاجىنىڭمۇ كۆپ ئۇرۇشلار ئارقىلىق غەلىبە قىلىۋاتقان،خەلق ئۇنى قوللاۋاتقان شارائىتتىمۇ تۆمۈر خەلپىنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ سىتالىن سوۋغا قىلغان بىر تال مىلتىققا ئىشىنىپ رۇس كونسۇلنىڭ گۇۋاھلىقىدا ئۈرۈمچىگە كېلىپ شىڭ شىسەي تەرىپىدىن پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلۈشى،يەنە ‹‹ئانا يۇرت››رومانىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىدىمۇ يۇقارىقىدەك ئىشلارنىڭ تەكرارلىنىشى...قاتارلىق ۋەقەلىكلەر ئۇيغۇر تارىخىمىزنىڭ ئاچچىق ھەقىقەلىرىنى ماڭا تونۇتقان ئىدى. d6YXITL)\>   xXA$16kd  
   خوش! ئەمدى سېيت نوچى ۋەقەسىگە كەلسەك،مەنچىڭ ئېمپىرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە پۈتۈن جۇڭگو مىقياسىدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مانجۇلارنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ،ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ئىنقىلابىي كۆتۈرۈلگەن. ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپ سانلىقىنى تەشكىل قىلىدىغان قەشقەردە سېيت ئىسىملىك ھەققانىيەتچى يىگىت زالىملاردىن خەلقنىڭ ئۆچىنى ئېلىپ بېرىپ يەرلىكتە يۈز تاپىدۇ ھەم خەلق تەرىپىدىن‹‹نوچى››دەپ لەقەملىنىدۇ.سېيت نوچى شۇ چاغلاردا ئىچكىرى ئۆلكىدە مانجۇ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان،جۇڭگونىڭ جاي-جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان‹‹گېلاۋخۇي››يەنى ‹‹يۇرتداشلار جەمئىيىتى››دىگەن تەشكىلاتقا يوشۇرۇن ئەزا بولىدۇ.كېيىنچە كورلا،ئۈچتۇرپان تەرەپلەرگە بېرىپ ئادىللىقىنى ياقىلاپ پۇقرالارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ.ئۈچتۇرپان دوتىيى ما دوتەي سېيت نوچىنىڭ خەلق ئارىسىدىكى تەسىرىدىن قورقۇپ ئۇنى لەشكەرلەرگە مۇشتلاش ئۆگىتىدىغان مەشقاۋۇل قىلىۋالىدۇ ھەم شۇ ئارقىلىق ئۇنى نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرىدۇ.(بۇ خۇددى ‹‹سۇ بويىدا››فىلىمىدىكى ۋۇسۇڭنى جاڭ سۇركاۋۇل بەگزادىلەرگە چامباشچىلىق ئۆگىتىدىغان مەشقاۋۇل قىلىش ئارقىلىق پۇرسەت كەلگەندە يوقىتىش تاكتىكىسى بىلەن ئوخشاشتۇر.)سېيت نوچى قەشقەردىكى ئىنقىلابچى دوستلىرىنىڭ چاقىرىقى بىلەن سەپەرگە چىقماقچى بولغىنىدا ئۈچتۇرپان ئامبىلى ئۇنىڭغا قەشقەر ئامبىلى ماتىتەي(ئەسلى ئىسمى-ما شاۋۋۇ.يۈننەنلىك تۇڭگان.قەشقەر گۈزىلى ئانارقىزنى بۇلاپ كېتىپ مەجبۇرىي خوتۇن قىلغان جاللات شۇ.)گە قارىتىپ مەكتۈپ يېزىپ ئىچىنى ئاچماي،يوقىتىپ قويماي تاپشۇرۇپ بېرىشنى تاپىلايدۇ.ئەمەلىيەتتە سېيت نوچىنىڭ كۆڭلىمۇ بۇ خەتتە مەلۇم شۇملۇقنىڭ بارلىقىنى تۇيسىمۇ بىراق قېنىغا سىڭىپ كەتكەن دىنىي ئېتىقادنىڭ تۈرتكىسىدە(ئامانەتكە خىيانەت قىلىش مۇناپىقنىڭ بىر بەلگىسى)دىگەن ئەقىدە بىلەن كۆپنى كۆرگەن مويسىپىتلەرنىڭمۇ نەسىھىتىگە پەرۋا قىلماي ئۆز ئۆلۈم خېتىنى ھىلىگەر ئامبالغا تاپشۇرۇپ بېرىپ ئۆلۈمگە رازى بولغىنى ئۈچۈن كېيىنچە‹‹گاڭگۇڭ››يەنى-مەرت دىگەن نام بىلەن لەقەملەنگەن.شۇ چاغلاردا قەشقەردىكى ئىنقىلابچى ياشلارمۇ بۇيرۇق ئىجرا قىلغۇچى لەشكەرلەرنىڭ پارىخورلۇقلىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ يەنى ھۆكۈمرانلارنىڭ چىرىكلىكى ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى باپلاش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ ئىنقىلابنى قەتئىي داۋاملاشتۇرماقچى،قېرىندىشىنىڭ ياش ھاياتىنى ساقلاپ قالماقچى بولغانىدى.ئەمما سېيت نوچى بۇنىمۇ رەت قىلىپ ‹‹كىشىلەر مەيلى نىيىتىنى قانداق يامان قىلسۇن-ھامان جازاسىنى ئاللاھ بېرىدۇ.مەن مەرتلىك،تەقۋالىق يولىنى تاللاپ ئۆلسەممۇ نىيىتىمىنى بىلگۈچى ئاللاھ مۇكاپاتىمنى قىيامەتتە ئۆزى بېرىدۇ››دىگەن ئەقىدە بىلەن ئۆلۈم يولىنى تاللىۋالدى. }|Mwv $`   l]sO[`X  
   خۇللەس كالام:مەن ئويلايمەن،دىنىي نۇقتىدىن قارىغاندا سېيت نوچىنىڭ دوستلۇق-سەمىمىيلىك بىلەن مۇسۇلمانچىلىقنى چوڭ بىلىپ،ئىمان-ئېتىقادلىق ھالەتتە كىشىلەرنىڭ نىيىتىنى خۇداغا تاپشۇرۇپ ئۆزى ساددىلىق بىلەن تەقدىرگە تەن بېرىشىنى خاتا دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.ھەتتا بۇ شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىكتەك،ئەمما ھىلىگەر دۈشمەنگە ئالدىنىپ ئۆتكەن مىللىي تارىخىمىزدىن قارىغاندا سېيت نوچى كېيىنكىلەرگە يامان ئۈلگە تىكلەپ بەردى دەپ قارىساقمۇ خاتا بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.چۈنكى ئۇنىڭ ئۇدۇمىنى ئالغان يېقىنقى زامان تارىخىمىزدىكى بايا تىلغا ئالغان قەھرىمانلىرىمىزنىڭ تەقدىرىمۇ سېيت نوچىدىن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمىگەن.ئومۇمەن،سېيت نوچى ئىجابىي شەخس بولسىمۇ،بىراق كېيىنكىلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بېرىش جەھەتتىن ماختىغۇچىلىكى بولمىسا كېرەك.  2mu~hJ  
مەنبەسى مىسرانىم توردىن ئېلىندى 


ئوسمان
كەلگەن جايى: چوققا
tv
چۈشكۇنلىشىش - مەغلۇبىيەتكە باشلايدۇ  .
دەرىجە: ئالىي ئەزا
UIDنومۇر: 143
نادىر تېما: 1
يازما: 535
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە535دانە
شۆھرىتى: 1324 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 15615 يۈەن
تۆھپە: 1259 قېتم
ياخشى باھا: 1085 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 4040(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:27دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:4040 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:10 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:515 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:3 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-06-13
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-11-06
تۇنجى ئىنكاس  يوللىغان ۋاقىت: 2011-10-12 00:11
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

  <<   كىشىلەر مەيلى نىيىتىنى قانداق يامان قىلسۇن-ھامان جازاسىنى ئاللاھ بېرىدۇ.مەن مەرتلىك،تەقۋالىق يولىنى تاللاپ ئۆلسەممۇ نىيىتىمىنى بىلگۈچى ئاللاھ مۇكاپاتىمنى قىيامەتتە ئۆزى بېرىدۇ››دىگەن ئەقىدە بىلەن ئۆلۈم يولىنى تاللىۋالدى >>  - JO :m:M  
VZAdc*X  
-  سىيىت نوچى مانا مۇشۇنداق چىن ئىتقاد - ئەقىدە بىلەن ياشىغان ئادەم . ئۇنى ھەقىقەتەن نوچى ھەم راستىنلا  << گاڭگۇڭ >> دىيىشكە بۇلىدۇ . ھازىرقى جەمئىيتىمىزدە ئۇنداق كىشىلەرنىڭ چىقىشى ناھايتىمۇ تەس .


ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بۇلسا كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن ~  
كەلگەن جايى: چوققا