خوتەنلىك، قەشقەرلىك، غۇلجىلىق، كۇچالىق، تۇرپانلىق، ئۈرۈمچىلىك... بالىلار يىغىلىپ پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان سورۇننىڭ يېنىدىن مەيدىسى ئوچۇق، كىندىكى ئوچۇق، پاچىقى <خاپا بولۇشمىسىلا> دېگەندەك كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كىيىم كىيىۋالغان، چاچلىرىنى ھەرخىل رەڭلەردە بوياپ سېغىزنى يەپ باقمىغاندەك ئاجايىپ لەززەت ئىچىدە چايناۋاتقان، گىرىم دېگەننى ھازىرلا بوياق قۇتىسىدىن چىققاندەك قېنىق قىلىۋالغان بىر مودا خېنىم ئېگىز پاشىنىلىق ئايىغىنى يەرگە كۈچەپ - كۈچەپ ئۇرغىنىچە ئۆتۈپ قالدى. ئۇنىڭ كاسسىلىرىنى تولغاپ، بەللىرىنى ئېتىپ مېڭىشىدىن بالىلار بىر - بىرىگە قاراپ پىخىلدىشىپ كۈلۈپ كېتىشتى. كۇچالىق بالىنىڭ كاللىسىغا دەررۇ بىر ئەقىل كېلىپ بالىلارغا دېدى: a^sR?.+3
_ ئاغىنىلەر، ئىچىمىزدە ئاغرىنىۋېرەمدۇق بۇنداقلارغا؟ بىر ئاچچىقىمىزنى چىقارمايلىما؟ <5L!.Ci
باشقا بالىلار <<ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىدىغان يېرىگە كەلدى>> دېيىشىپ باش لىڭشىتىپ ماقۇل بولغانلىقىنى بىلدۈردى. كۇچالىق بالا بالىلارغا ھەر ئون قەدەمدە بىردىن تۇرۇپ ئالدىغان كەلگەن ھامان ئىككى ئېغىز سۆزلەپ قويۇشنى دېدى. بالىلار دەرھال ئون قەدەمدە بىردىن تىزىلدى. 4"7Qz z
مودا خېنىم خوتەنلىك بالىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە خوتەنلىك بالا قوپال ئاۋازدا دېدى: w*bVBuXs
_ ھوي سەت خاتۇن! كىيىمنى مەيدىسىگە قالاپ ئاساڭلا بوممامتــا؟ . . . لىنى ئاپتاپقا سېلىپ يۈرگۈچە. . . ئوبدانلام كۆرۈنۈپ قاپتۇ ئــــاينـا! .......... نېمە سەت قالايسە....ھېلى بىر تىپمە بىكا..... g"zk14'
مودا خېنىم تۆۋەن ئاۋازدا <<مەتو>> دەپ قويۇپ بىرنى ئالىيىۋەتكەندىن كېيىن مېڭىپ قەشقەرلىك بالىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە قەشقەرلىك بالا بىر قېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ بىپەرۋا ھالدا دېدى: iUl{_vb
_ چىرايلىق خېنوووووووم! قارىغاندا رەختنىڭ باھاسى چۈشكەن ئوخشىمامدا؟ 8V4Qyi|@F
مودا خېنىم قەشقەرلىك بالىنىڭ بېشىدىن پۇتىنىڭ ئۇچىغىچە قارىۋېتىپ سەت ھىجىيىپ سورىدى: c#G(7. 0MU
_ قانداق دەيلا ئاپپاق غوجـــــام؟ vTB*J,6.
قەشقەرلىك بالا مەنسىتمىگەندەك باشقا بالىلارغا قارىغاچ جاۋاب بەردى: Mzb_o2^(
_ خەق ئىسسىقتا يالىڭاچ يۈرسە سىلە ھەممىلا يەرلىرىنى يېپىۋاپلا شۇڭا دەيمىنا... <{cPa\
مودا خېنىم ئىككى قولىنى بېلىگە تىرەپ نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي تۇراتتى_ سىلىگە مەندىن نەسىھەت بوپ قاسۇن خېنىم، بۇندىن كېيىن كوچىغا چىققاندا پالاق ئېلىۋالسا جۇما! 2TAy'BB;)
مودا خېنىم سەل ئويلىنىۋېلىپ سورىدى: zpa'G1v
_ نېمىشقا؟ Jl^oDW
قەشقەرلىك بالا ئىككى قولىنى قوشتۇرۇپ ئاسمانغا يانتۇ قاراپ: V-X n&s
_ قارىسام ئىۋۇ پـــــــاكىز پاچاقلىرىدىن چىۋىن ھېچ ئەگىپ كېتەلمەيۋاتىدا... TyK;q{
مودا خېنىمنىڭ يۈزلىرى ئۆپكىدەك قىزىرىپ ئاچچقىنى تەستە بېسىپ يوغان چامداپ غۇلجىلىق بالىنىڭ ئالدىغا كەلدى. غۇلجىلىق بالا كۆيۈنگەن قىياپەتتە دېدى: {0QA+[Yd&!
_ جىنىم! ئۇلارنىڭ گېپىگە خاپا بولماڭ جۇمۇ، بىرى سىزگە سالام ئېيتتى. . . $G=\i>R.
_ كىم؟ AJmS1 B
غۇلجىلىق بالا قىلچە ئىككىلەنمەيلا مودا خېنىمنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراپ جاۋاب بەردى: 7&