بوينۇڭلارغا ئېسىۋالاركەنسىلەر 9O#?r82
ئەپەندىم ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بىر قانچە ئوقۇغۇچىنىڭ ياتىقىغا كىرسە، ياتاقنىڭ تاملىرى شارۇلخان ۋە مارادونا قاتارلىقلارنىڭ رەسىملىرى بىلەن توشۇپ كېتىپتۇ، بۇنى كۆرگەن ئەپەندىم ھەيران بولۇپ، ئوقۇغۇچىلاردىن: o,y{fv:ki
— بالىلىرىم، سىلەر تونۇمايدىغان مۇنداق رەسىملەرنى چاپلىغۇچە، ئۆزىمىزنىڭ مەشھۇر شەخسلىرىنىڭ رەسىملىرىنى چاپلىساڭلار بولمامدۇ؟ – دەپ سوراپتۇ. =^3B&qQNq
— تونۇمايدىغان ئادەم دەمسىز؟ – دەپتۇ ھەممىسىلا چۇرقىرىشىپ، – بۇ دېگەن ھىندىستانلىق ئاتاقلىق ناخشىچى شارۇلخان، ئاۋۇ دېگەن ئارگېنتىنانىڭ پۇتبول چولپىنى مارادونا. LfS]m>>e
— ئەگەر، – دەپتۇ ئەپەندىم خۇرسىنىپ، – ئۇلار سىلەرنى تونۇغان بولسا، بوينۇڭلارغا ئېسىۋالاركەنسىلەر. /T/7O
ئازوت بەرمەمسەن q"^T}d d,
ئەپەندىمنىڭ بىر ئاغىنىسى كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغان ئەپەندىمنىڭ يېنىغا كېلىپ: *6*/kV?F
— ئەپەندىم، بالىلارنى خەق يېمىگەننى يېگۈزۈپ بېقىۋاتساممۇ، قارىمامسەن ئورۇقلۇقىنى، – دەپتۇ. Uv/?/;si
ئەپەندىم ئاغىنىسىگە يول كۆرسىتىپ: IDv|i.q3
— ئاداش، ھازىرقى يېمەكلىكلەرنىڭ كۈچى يوق. خەقلەرمۇ ئات – كالىلارغا ئازوت بېرىپ بورداۋاتىدۇ، سەنمۇ ئاشۇنداق قىلساڭ، بىر نەچچە ئايدىلا ھۆپپىدە سەمىرىپ كەتسە ئەجەب ئەمەس، – دەپتۇ. )SFyQ
‹‹نەسرىدىن ئەپەندى يېڭى لەتىپىلىرى››دىن Ra?0jcSQ$
~f>km|Q{u
‹‹شىنجاڭ نوپۇسى›› ژۇرنىلىدىن ئېلىندىمەنبەسى زىمىستان تورى 9l9|w4YJs
n*fsdo~
;;l-E>X0
dy*CDRU4
27KfT]=