باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       754 
  •    ئىنكاس 
       11 

قايرىلىپ قارىما ،كېتىۋەر گۈلۈم

قەۋەت ئاتلاش
yulgun

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.19

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   390 

 نادىرلانغان تېمىسى:   38 

 مۇنبەر پۇلى:   19295 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1589 (قېتم)
 تۆھپە:   1398  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8644
 سائەت
دەرىجىسى:
8644 سائەت 376 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-07
ئاخــىرقىسى:2012-03-06
— تېما شاتئاي تەرپىدىن (2011-10-03) دە نادىرلاندى. —

  _t]Q*i0p  
قايرىلىپ قارىما ،كېتىۋەر گۈلۈم VXk[p  
  0ie)$fi  
(ھېكايە) 21<Sfsc$  
تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن .(p_YjIA  
d$\n@}8eZp  
  l(QntP  
PU\xFt  
ھەر قېتىم سەن يېنىمدىن كېتىشىڭگىلا قەلبىمدە چەكسىز بىر بوشلۇق پەيدا بولاتتى. بۇ بوشلۇقنى سەن يېنىمدا پەيدا بولمىغىچە ھەر قانداق بىر نەرسە تولدۇرالمايتى. بوشلۇقتا چەكسىز بىر جىمجىتلىق  ھۆكۈم سۈرەتتى. سەن بۇ بوشلۇقتا لەيلەپ يۈرگەن قار ئۇچقىنى ئىدىڭ. سېنىڭ يەرگە چۈشۈپ كېتىشىڭنى ئەسلا خالىمايتىم. +#>nOn(B  
^Hf?["m^@  
بىز قاچان ،قانداق چاغدا بىر –بىرىمىز بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆز-ئارا ياخشى كۆرۈشۇپ قالدۇق،بۇنى ئەسلىيەلمەيمەن. سېنىڭمۇ ئېسىڭگە ئالالمىغانلىقىڭنى ئېيتقانلىقىڭ خىرە-شىرە يادىمدا. ھەر قېتىم سېنى كۆرسەم ياكى سېنى ئەسلىسەملا قەلبىمدە بىر بوشلۇق پەيدا  بولىدۇ. بۇ بوشلۇقنىڭ سەن بىلەن چەمبەرچەس باغلانغانلىقىنى  داۋاملىق ھىس قىلىمەن. بۇ بوشلۇقنىڭ مەندىن يىراقلاشقانساڭ كېڭىيىپ، يېقىنلاشساڭ تارىيىدىغانلىقىنى، ئۆيۈڭنىڭ ئارقىسىدىكى يۇلغۇنلۇقتا قوللىرىمىزنى ئالماشتۇرۇشۇپ، مەيدىمىزگە بېسىشقان ھېلىقى كۈنى سەن ماڭا  چۇڭقۇر ھېس قىلدۇرغانتىڭ . مەن شۇنىڭدىن تارتىپ سېنىڭ مەھەللەڭدە ئالالمىغان سادەك ئەگىيدىغان بولۇپ قالدىم، ئەمما سېنى ئۇچرىتالمىدىم. ياكى  ساڭا بىر ئىش بولغانلىقىنى ئۇقالمىدىم. ياراتقان ئىگەم سېنى كېلىشمەسلىكلەردىن يىراق قىلسۇن. Su@V5yz  
;O>zA]Z8r  
سەن ئاخىرى ئۆيۈڭدىن چىقتىڭ. مېھرى- مۇھەببەت ، ۋاپا –ساداقەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان تۇرىقىڭ كۆزلىرىمدىن ئوت چىقىرىۋەتتى، ئوت. (O:&RAkk7  
j/wQ2"@a  
- چىمەن نەگە ماڭدىڭ؟- سوردىم مەن دالدىلانغان جىگدە ئاستىدىن چىقىپ. سەن  شۇئانلا توك سوقۇۋەتكەندەك چۇچۇپ كەتتىڭ. x^`P[>  
X6!KFc  
- ۋىيەي ، سىزمىتىڭىز ، ئەجەپمۇ قورقىپ كەتتىما؟ بەلگە بىرىپ قويسىڭىز بولمامتى؟- سەن بىر خىل نارازىلىق ئارلاش شۇنداق دىدىڭ . ئەمما  تۇرىقىڭدا بىر سەمىمىي ئىللىقلىق، ھۆرمەت بار ئىدى. OS(Ua  
hE\gXb  
شۇنچە ئالدىراش نەگە ماڭغان ؟– سوردىم مەن سۇغا ماڭغانلىقىڭنى بىلىپ تۇرساممۇ قەستەنگە. tG"EbWi  
j~in%|^  
- چىلەك كۆتۈرىۋالغان ئادەم نەگە بارىدۇ؟ T.{]t6t$U  
g_Y$5ft`  
-چىلەك تىشىلىپ كەتكەن بولسا، تۈۋلەتكىنى – سەن جاۋابىمنى ئاڭلاپ ۋىلىقلاپ كۈلۈپ كەتتىڭ –دە: nH?#_ 5F1  
.`D$.|!8g  
- چىلەك تېخى يېڭى،- دېدىڭ ئەتراپىڭغا ئىسەنكىرەپ قاراپ. C?g*c  
HZ{DlH;&  
- يۈندە تۆككىلى  مېڭىپسەن– دە؟ {oo(HD;5  
ZOJ7 ^g  
- سۇغا ماڭدىم ، گالۋاڭ يىگىت ،– سەن شۇنداق دەپلا ۋىلىقلاپ كۈلۈپ كەتتىڭ. سەمىمىيلىك ، پاكلىق سىڭگەن كۈلكەڭ تۇيغۇللىرىمدا غەلىيان كۆتۈردى. i94)DWZ^  
.'1]2/ad  
-مۇنداق دە ، مەن تېخى سېنى نەگە ماڭغانلىقىنى بىلەلمەۋاتقان چېغى دەپتىمەن. VRv.H8^{  
DT]3q4__Q  
- مەن تېخى ئۇ دەرىجىگە بارمىدىم.- سەن شۇنداق دىدىڭ –دە ، كۆزلىرىمگە نازلىنىش ئىچىدە لاپپىدە قاراپ قويۇپ، يولۇڭغا مېڭىۋەردىڭ. كۆزلىرىڭدىن ئېتىلىپ چىققان بىر نۇر ئۇدۇل كىرگەن  پېتى ئوي خىيالىمنى  مالمان قىلىۋەتتى. مەن ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ھالدا كەينىڭدىن ماڭدىم. بىز گەپ – سۆز قىلىشماي بۇلاق بويىغا يىتىپ كەلدۇق. بولاق قويۇق سۈگەتلىك ئارىسىدا،بىر نەچچە ئادەمنىڭ قۇچىقى يەتمەيدىغان يوغان بىر تۇپ سۆگەتنىڭ تۈۋىدە ئىدى. بۇلدۇقلاپ چىقىۋاتقان سۈپسۈزۈك بۇلاق سۈيى شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇراتتى. نەم خۇش ھاۋا ئادەمگە ھوزۇر بېغىشلايتتى. سەن پات-پات ئەتراپىڭغا قارايتىڭ . بىلىمەن ئىككىمىزنىڭ تۇرغانلىقىنى بىرەرى كۆرۈپ قالسا سۆز- چۆچەككە قالىمەن دەپ ئەندىش قىلىۋاتاتتىڭ. I'R|B\  
SzjylUYV  
- نىمىنداق قىلىسىز ، ساراڭ بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟قويۇۋېتىڭ دەيمەن... – سەن شۇنداق دىگىنىڭچە مېنى ھەدەپ ئىتتىرىشكە باشلىدىڭ. مەن سېنى قانداق قۇچاقلاپ قالغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن. سېنىڭ ئىڭراشلىرىڭ، مەيدەمدىن ئىتتىرىشلىرىڭ تۇيغۇللىرىمنى غىدىقلاپ ،سېنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلاشقا باشلىدىم. مەن ھىچقاچان ئۆزۈمنى ھازىرقىدەك خۇشال ھىس قىلىپ باقمىغان. بىردىنلا سېنى مەڭگۈ مۇشۇنداق قۇچاقلاپ تۇرۇشنى خىيال قىلىپ،   باغرىمغا تېخىمۇ چىڭ باستىم. سەن ھەدەپ بېشىڭنى ئېلىپ قاچاتتىڭ. قاپقانغا چۈشۈپ قالغان كىيىكتەك يۇلقۇناتتىڭ. mL s>RR#b  
ot^$/(W  
- نىمە قىلىق بۇ ، ساراڭ بولدىڭىزمۇ ؟ بىرەرى كۆرۈپ قالسا نى ئات ، نى نۇمۇس ، بۇ مەھەللىدە بېشىمنى قانداق كۈتۈرۈپ يۈرىمەن ؟ بولدى قىلىڭ ...- سېنىڭ گەپلىرىڭ قۇلىقىمغا زادىلا كىرمەيتى. سېنى قويۇپ بەرسەملا، مەڭگۈلۈككە يوقاپ كىتىدىغاندەك بىر تۇيغۇ ماڭا ئارام بەرمەي ، سېنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىدىم. بىر ئوت پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا يامراشقا باشلىدى... \T`iq[+6  
=fK F#^E@  
- ئۆلتۈرەي دەمسىز ، قويۇۋېتىڭ ... –سەن تىز-تىز نەپەس ئېلىپ تۇرۇپ شۇنداق دەيتىڭ. مەن سېنى تېخىمۇ مەھكەم قۇچاقلايتىم. [k,FJ5X  
2s`~<EF N  
-ئاھ خۇدا، مېنى مۇنداق قىينىماڭ... قىپقىزىل تەلۋىنىڭ ئۆزىكەنغۇ بۇ... Zdu8axK:  
R8u9tTW  
-كىمنى كىم قىيناۋاتىدۇ؟ سېنىڭ دەردىڭدە نىمە بولسام بولغاندىمەن. ^;mGOjS  
]K>x:vMKH  
- قويۇپ بىرىڭ دەيمەن. يا مەن سىزنىڭ ئېلىپ قويغان خوتۇنىڭىز بولمىغاندىكىن. يامان بولىدۇ، نامەرەمدىن قورقۇڭ . 4,6nk.$yN  
hjoxxF\_  
- بۇنىڭدىن كېيىن ئالدىغان خوتۇنۇم –دە. 5sF?0P;ln  
a)M#O\i`  
- ئۇخلىماي چۈش كۆرۈپسىز؟... ھۆرمىتىنى بىلمەيدىغان... G2_l}q~  
JclG*/Wjg4  
- نىمە ؟ 8`  f=E h  
\}}) U#   
- ئادەم ئەمەس بىر نىمىكەنسىز...- شۇنداق دىيىشىڭ بىلەن تەڭ بىرى تۇيدۇرماي كىلىپ بېشىمدىن بىر قاپاق سوغاق سۇ قۇيۇۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتىم . پۇت- قوللىرىم بوشۇشۇپ كەتتى.كۆڭلۈمنى بىر غەشلىك  چىرمىۋالدى. ئاسماندىن يەرگە تاشلىۋەتكەندەك بىر تۇيغۇ قىيناشقا باشلىدى. سەن چاققانلىق بىلەن قۇچۇقۇمدىن بوشۇنۇپ ،  بۇلاقتىن بىر چىلەك سۇنى ئالدىڭدە ، قاپىقىڭنىمۇ ئاچماي، ئارقاڭغىمۇ قارىماي ، چىغىر يول بىلەن يۈرۈپ كەتتىڭ . شۇئانلا ماڭا بۇ دۇنيانىڭ يېرىمى راست ، يېرىمى يالغاندەك تۇيۇلۇپ ،كۆڭلۈمگە ئاجايىپ بىر  بىئاراملىق ، تىت-تىتلىق تاجاۋۇز قىلدى. ھاياتنىڭ يېرىمى خۇشاللىق ، يېرىمى دەردتەك ، يېرىمى راست، يېرىمى يالغاندەك بىلىنىپ كەتتى. tv7A&Z)Rh  
' +[fJ>Le  
سەن مەندىن يىراقلاپ كېتىۋاتىسەن. يىراقلاشقانسىرى قەلبىمدىكى بوشلۇق كېڭىيىۋاتاتتى. بۇ بوشلۇق بەزىدە قاپقاراڭغۇ ، بەزىدە بولسا ئۇ يەر، بۇ يەرلىرىدىن پىلىلداپ نۇر چاقناپ قالاتتى. سەن توساتتىنلا قەلبىمدىكى بوشلۇقتا غايەت زور بىر يالقۇنغا ئايلاندىڭ. بوشلۇق گۈرۈلدەپ كۆيۈشكە باشلىدى. كۆيۈشنىڭ ئازابى جان- جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتمەكتە. بىردىنلا سەندىن ئۈمىدىم ئۈزۈلگەندەك بولدى. كۆڭلۈمنى يېرىملىىق ئىگىلىۋالدى. سەن تاش يۈرەك چىدىغان بىلەن  مەن ساڭا قانداقمۇ چىداي ؟  قىيالمىغان ھالدا  ئارقاڭدىن  شىۋىرلىدىم: >_um-w#C  
73d7'Fw  
- قايرىلىپ قارىما، ئارقاڭغا گۈلۈم! ئاچچىققا تولغان كۆزلىرىڭنى كۆرگۈم يوق، ساڭا ئاش بولغىدەك ئەر ئۇچرىغاي... d+:pZ  
0hx EI  
 شۇ كۈنى كۆڭلۈم سېنىڭدىن قاتتىق ئازار يىگەنتى. سەن بىلەن ئەمدى قايتا كۆرۈشمەسلىككە ،سېنى ئىككىنچى قېتىم ئىزدىمەسلىككە ئۆز- ئۆزۈمگە ۋەدە بەردىم. ئەمما ۋەدەمدە ئاران بىر كۈن تۇرالىدىم.سېنى قاتتىق سېغىنغانتىم. يەنە سېنى بولاق بويىدا كۈتتۈم. ھويلىسىغا چىقىپ قالار دېگەن ئۈمىد بىلەن مەھەللەڭگە باردىم. بارلىق ئۇرۇنۇشلىرىم يوققا چىقتى. سېنى كۆرەلمىدىم. سەن سۇغىمۇ چىقمىدىڭ. كۆڭلۈڭنى بەك ئاغرىتىپ قويغان ئوخشىمامدىمەن؟ ھەي مېنىڭ شۇ تەنتەكلىكىم. مەن بۈگۈن يەنە سېنى ساقلاپ بۇلاق بويىدا ئۇزاق تۇردۇم . سەن كەلمىگەندىن كېيىن مەھەللەڭگە نەچچە بېرىپ كەلدىم. لېكىن سېنىڭ قاراڭنىمۇ كۆرەلمىدىم. سەن خۇددى بۇلاق ئىچىدىن چىقىدىغاندەك بۇلاققا قاراپ تۇرىمەن . بۇ يەردىن قانچە قېتىملاپ كىتىشنى ئويلىغان بولساممۇ ، سەن ھېلىلا كېلىپ قالىدىغاندەك بىر تۇيغۇ مېنى بۇلاق قېشىدىن كەتكىنى قويمايتى. aJ}Cq k  
:%vDhMHa  
بىرى  توساتتىنلا ئارقامدىن مېنى چىڭلا قۇچاقلىۋالدى . مەن چۇچۇپ بېشىمنى بۇرىدىم . كۆزلىرىمىز ئۇچراشتى. ئۇ سەن ئىدىڭ.سېنى تارتىپلا باغرىمغا باستىم . بوينۇمغا ەېرە سالدىڭ . لەۋلىرىڭنى لەۋلىرىمگە باستىڭ . ئەمما كۆزلىرىڭنى مەھكەن يۇمۇۋالغانتىڭ. بويۇمنىڭ سەندىن پاكارراق بولۇشى ساڭا بايرام بولغانتى.لىۋىڭدىن لىۋىمگە تۇتۇشۇپ، يۈرىكىمگە دولقۇنلاپ كىرگەن سېھىرلىك  بىر ئوت شۇ تاپتا ھەممىنى كۈل قىلماقتا ئىدى. ^ s@'nKc  
-& \?Q_6  
چىڭقى چۈش. لەۋلەر بىر-بىرىدىن  ئۈستۈنلۈك تالىشاتتى. يۈرەكلەر لاۋۇلداپ كۈيەتتى . ئەتراپ كۈيەتتى. سۈپ- سۈزۈك بۇلاق سۈيى  كۈيەتتى. بۇلاقنى ئوراپ تۇرغان سۆگەتلەر چاراسلاپ كۆيەتتى ، كۈيەتتى... 7IH^5r  
/SDDCZ`;|c  
- ھېلىقى كۈنى مەن كۆڭلىڭىزگە ئازار بىرىپ قويدۇم - دېدىڭ سەن دولۇمغا بېشىڭنى قويۇپ. كۆزلىرىڭگە قارىدىم . كۆزلىرىڭدىن تۈكۈلۈپ تۇرغان سەمىمىيلىك كۆڭلىمدىكى ئارامسىزلىقنى پاك- پاكىز سۈپۈرۈپ تاشلىدى. ir*T ,O2J  
XN1\!CM8  
- مەن  سىزنى ئايىمىدىم . دىلىڭىزنى چىگىپ قويدۇم. ?~>#(Q  
O*7Gl G  
- ئۆيگە كىرىپ بەك پۇشايمان قىلدىم، كېچىچە ئۇيقۇم كەلمىدى. qhiO( !jK  
5U^  
- مەن بىر كېچىچە ئۆزۈمنى ئەيىپلەپ چىقتىم. " %)zTH  
T]tG,W1>i  
-نىمە دەپ؟ ^K K6 d  
aN5w  
-  تولىمۇ ئەخمەق ئىكەنمەن ، نىمىشقىمۇ ماڭا كۆڭلى يوق قىزغا زوراۋانلىق قىلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا يىگىتلىكىمنى پايخان قىلغاندىمەن،  دەپچۇ. hh!^^emo  
['SZe0  
-ھە ، بولاپتۇ – سەن قېيدىغاندەك قىلىپ دومسايدىڭ . كۆزلىرىڭگە قارىدىم ، سەن پىسڭڭىدە كۈلدىڭ ، مەنمۇ ساڭا قوشۇلدۇم. بۇلاقمۇ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي بۇلدۇقلاپ كۈلىۋاتاتتى. قاياقتىندۇر كەلگەن مەيىن شامال بىزگە كۆڭۈل ئازادىلىكى ئاتا قىلىدى . سۆگەت يۇپۇرماقلىرى  توختىماي  چاۋاك چېلىشقا باشلىدى. شۇ تاپتا  سېنىڭ ، مېنىڭ ، بۇلاقنىڭ كۈلكىسى بىرلىشىپ كەتتى. كىممۇ بۇنداق كۈلكىنىڭ مەڭگۈلۈك بولىشىنى خالىمايدۇ دەيسەن؟... HjO-6F#s  
Ws;}D}+  
- مەن قايتاي – دېدىڭ سەن ئۆتۈنگەندەك ئاۋازدا. 7]~65@%R-&  
*y;(c)_w/%  
-  يەنە بىردەم تۇرمامسەن؟ 9aE!!(E  
Lit@ m2{\  
- مېنىڭغۇ تۇرغىم بارتى، دادامنىڭ خۇيى بەك يامان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاكاممۇ  ئۆيدە. ھەم قويلارنى چىقىرىدىغان چاغ بولۇپ قالدى، پادىچىلار كۆرۈپ قالسا نىمىلەرنى دېمەيدۇ دەيسىز؟... ئېھتىيات قىلغىنىمىز تۈزۈك... xCOC5f5*@  
)PU?`yLTr  
- مەيلى ئۇنداق بولسا ، يەنە قاچان كۆرىشىمىز ؟ x*A_1_A  
0!c^pOq6  
 - سىز خالىغاندا . y/ #{pyJ  
qd9CKd  
-مەنغۇ داۋاملىق خالايمەن . d5zF9;[  
IQFt4{aK3  
- ئەتە كەلسىڭىزمۇ مەيلى D|u! KH  
BTwLx-p9t  
-  كەلمىسەمچۇ ؟ I$o^F/RH  
cC_L4  
- ئۇ مەيلى ،  مەندە نىمە ئامال . gxX0$\8o7  
tp='PG.6  
- چاقچاق قىلىپ قويدۇم ،ئەخمەق قىز  كېلىمەن. (Yzy;"iAu  
edh?I1/  
- مەن بىلەتتىم ، ھۇي چېچەن يىگىت! 7a@%^G @!  
;* vVucx  
بۇلاقتىن چىلىكىڭگە سۇ تولدۇرۇپ ، قولۇڭغا تۇقۇزۇپ قويدۇم. 6t0!a@t  
,"PKGd]^  
- ماقۇل ئەمىسە ، كۆرۈشكىچە ئامان بولۇڭ – سەن كېتىۋېتىپ ، ئارقىڭغا قىيا بۇرۇلۇپ شۇنداق دېدىڭ. } PD]e*z{Z  
o0Z(BTO  
- كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىنچۇ؟ /P~@__XN  
ceakTAB[  
- ئاغزىمغا تاشتۇپراق – سەن شۇنداق دېدىڭ -دە ، ماڭا قاراپ ھەييارلىق بىلەن كۆزلىرىڭنى قىسىپ قويۇپ ، يىنىك قەدەملەر بىلەن يۈرۈپ كەتتىڭ. [E_eaez7#  
(3YI>/#  
- تويىمىزنىڭ ۋاختى توغرۇلۇق ئويلىنىپ قويۇڭ. =Rl?. +uE  
|s&jWM$  
- خاتىرجەم بولۇڭ ئەتە جاۋابىنى بىرىمەن- قولۇڭدىكى چىلەكنى يەردە قويۇپ ،ئارقاڭغا ئۆرۈلۈپ شۇنداق دېدىڭ . يۈرىكىمدىكى ئو تېخىمۇ لاۋۇلداشقا باشلىدى. تومۇرلىرىمدا قان ئەمەس ئوت ئېقىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ تىنىمگە تاراشقا باشلىدى.چىلەكنى كۆتۈرۈپ مەندىن يىراقلاپ كېتىۋاتىسەن ؛   بىر تال قىزىل گۈل مەندىن يىراقلاپ كەتمەكتە . . z/M (  
h)[{{JSf  
ھەر قېتىم سەن يېنىمدىن كىتىشىڭگىلا قەلبىمدە چەكسىز بىر بوشلۇق پەيدا بولاتتى. بۇ بوشلۇقنى سەن يېنىمدا پەيدا بولمىغىچە ھەر قانداق بىر نەرسە تولدۇرالمايتى. بوشلۇقتا چەكسىز بىر جىمجىتلىق  ھۆكۈم سۈرەتتى. سەن قەلبىمدىكى بوشلۇقتا لەيلەپ يۈرگەن قار ئۇچقىنى ئىدىڭ.قار ئۇچقىنىڭنىڭ يەرگە چۈشۈپ كېتىشىنى ئەسلا خالىمايتىم. مەن قىيالماسلىق ئىچىدە شىۋىرلىغىنمچە بۇلاق بويىدىن يىرقلىشىشقا باشلىدىم. سەن بولاق بويىدىن ئۆيىڭگە تۇتىشىدىغان چىغىر يول بىلەن كىتىپ بارىسەن. يۈرىكىم سېنى تارتىپلا تۇرسىمۇ ئارقاڭغا قارىشىڭنى خالىمايتىم. چىغىر يول ئويمۇ-دوڭغۇل ئىدى. =HT:p:S  
8}/v[8p  
- قايرىلىپ قارىما ،كېتىۋەر گۈلۈم ، ئەتە كۈرىشەيلى! ساڭا ئاق تىلەكلەر ھەمرا بولسۇن. ھەر بىر قەدىمىڭدە ئاق يوللۇق بولغىن!... G.2ij%Zz  
].f28bY  

ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

精彩

感动

搞笑

开心

愤怒

无聊

灌水
xatay

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.39

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1408 

 نادىرلانغان تېمىسى:   12 

 مۇنبەر پۇلى:   38022 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3050 (قېتم)
 تۆھپە:   2947  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2111
 سائەت
دەرىجىسى:
2111 سائەت 189 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-08
ئاخــىرقىسى:2012-03-05
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2011-10-03

ئۇف ... يوقاپ كەتكەن ئېسىل تېمىلار بار-بارا ئەسلىگە كىلىشكە باشلىدى. تېمىڭىزنى ئېچىلا بەك خۇشال بولدۇم .سىزنىڭ ھەر بىز تېمىڭىز مېنىڭ ھەم ئوقۇرمەنلىرىڭىزنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئىرىشىدۇ. }DH3_M!  
ھەر ۋاقىت سىزنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈشكە تەشنامىز.   
1tulpar

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3605

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1230 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   64941 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   5485 (قېتم)
 تۆھپە:   5480  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7966
 سائەت
دەرىجىسى:
7966 سائەت 224 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-06
ئاخــىرقىسى:2012-03-05
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-10-03

ھەر ۋاقىت سىزنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈشكە تەشنامىز         .ياخشى گەپ
biparwaadam
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6310

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   261 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   12240 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1219 (قېتم)
 تۆھپە:   1219  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2138
 سائەت
دەرىجىسى:
2138 سائەت 162 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-12
ئاخــىرقىسى:2012-03-04
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-10-03

مۇنبەرنى رەتلەشتىن بۇرۇن باش سۈرىتىمنى ئالماشتۇرغاندىم. ئەمدى يەنە بۇرۇنقى سۈرەت چىقىپ قاپتىغۇ؟، بۇ مۇنبەردىمۇ مەخپىيەتلىك يوقمۇ قانداق؟   
دۇنيا مېھرى-مۇھەببەتكە تولسۇن
bayawan

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.24

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2363 

 نادىرلانغان تېمىسى:   12 

 مۇنبەر پۇلى:   53193 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4860 (قېتم)
 تۆھپە:   4633  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 14132
 سائەت
دەرىجىسى:
14132 سائەت 168 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-07
ئاخــىرقىسى:2012-03-04
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-10-03

بۇ راستىنلا نادىر ئەسەر ئىدى . خۇددى " سەمەندەر " ناملىق روماندەك ئىككىنچى شەخس تىلىدا يېزىلغان . يۇلغۇنكامنىڭ قەلىمىگە قۇۋۋەت ، تېنىگە سالامەتلىك ، خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن .
ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
fatima

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.302

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   993 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   38291 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3326 (قېتم)
 تۆھپە:   3207  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 9919
 سائەت
دەرىجىسى:
9919 سائەت 421 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-29
ئاخــىرقىسى:2012-03-05
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-10-03

يۇقاپ كەتكەن  نادىر ئەسەرنى قايتا كۆرگىنىمدىن خۇشالمەن.يولغۇنكامنىڭ نادىر ئەسەرلىرى ئۈزۈلمىگەي.
ھەر بىر ئۆتكەن دەقىقىلىرىمنى مەنىلىك ئۆتكۈزىمەن
arzu710
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4752

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   14 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   659 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   66 (قېتم)
 تۆھپە:   66  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 21
 سائەت
دەرىجىسى:
21 سائەت 29 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-20
ئاخــىرقىسى:2011-10-26
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-10-03

بۇ ئەسەر بەك ياخشى يىزلىپتۇ!!    
ئادەم ئادەمىدەك ياشيالغانلىقى ئۇچۇن ئادەم.
arzu710
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4752

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   14 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   659 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   66 (قېتم)
 تۆھپە:   66  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 21
 سائەت
دەرىجىسى:
21 سائەت 29 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-20
ئاخــىرقىسى:2011-10-26
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-10-04

يۇلغۇنكامنىڭ قەلىمىگە قۇۋۋەت ، تېنىگە سالامەتلىك ، خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن .ھەر ۋاقىت سىزنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈشكە تەشنامىز      !!!!!  
ئادەم ئادەمىدەك ياشيالغانلىقى ئۇچۇن ئادەم.
altunboxuk

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4011

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   135 

 نادىرلانغان تېمىسى:   11 

 مۇنبەر پۇلى:   6563 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   661 (قېتم)
 تۆھپە:   630  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1170
 سائەت
دەرىجىسى:
1170 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-21
ئاخــىرقىسى:2012-03-02
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-10-04

   ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان، پىسخىك ھالەتلەر ناھايىتى جانلىق ۋە چوڭقۇر تەسۋىرلەنگەن. تىلىمۇ ئىنتايىن ئوبرازلىق. قارىسام يېزىش ئۇسلۇبىڭىزدا بىر خىل ئۆزگىچىلىك باركەن. يەنى پىرسۇناژلارنىڭ روھى دۇنياسىنى ئېچىشقا كۆپرەك كۈچەيدىكەنسىز. RDjw|V  
   يۇلغۇن بۇرادەر، تېما ژانىرىنى «ھېكايە» دەپ ئەسكەرتىپسىز، مەن بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ چىقتىم. بۇ تېمىنى ھېكايە دېگەندىن نەسىر دېگىنىمىز ياخشىمۇ قانداق؟ چۈنكى، ھېكايە-تۇرمۇشتىكى تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىرەر ۋەقەلىك ئارقىلىق مەلۇم بىر مەسىلىنى ئوتتۇرغا قويىدىغان ئىپىك ئەسەرلەرنىڭ بىر تۈرى. ئۇنىڭدا چوقۇم مۈكەممەل بولغان ۋەقەلىك بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ تېمىدا بولسا ئاپتۇرنىڭ  ھېس تۇيغۇسى، يەنى لېرىكىسى ئاساسى ئورۇندا تۇرۇپتۇ. ^ meU&  
   ھە راست، مەن بۇ ئەسەرنى ئىككىنجى شەخىس تىلىدا يېزىلغان دەپ قارىمايمەن. چۈنكى ئەدەبىي ئەسەرلەر بىرىنجى ۋە ئۈچۈنجى شەخىس تىلىدا بايان قىلىنىدۇ. گەرچە ئەسەردە ئىككىنجى شەخس ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئالماش«سەن» كۆپرەك ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، «سەن» ھەققىدە گەپ قىلغۇچى يەنىلا بىرىنجى شەخىس «مەن»، شۇڭا بۇ ئەسەر بىرىنجى شەخىس تىلىدا يېزىلغان.
wissal@131

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5259

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   442 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17324 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1730 (قېتم)
 تۆھپە:   1730  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1481
 سائەت
دەرىجىسى:
1481 سائەت 39 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-15
ئاخــىرقىسى:2012-02-25
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-10-22

ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن رەھمەت سىزگە -Z ,r\9d  
مەن تېخى شىئىرمىكەن دەپتىمەن  
ھايات دىگەن شۇ بەزى كۈلۈپ بەزى يىغلاپ.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى