| (مۇبارەك رامىزان ئېيىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئەھكاملار) FzInIif /lBK )( n28JWkK8 (4-قىسىم) N"70P/ S/]\GG{ meX2Y; luoQ#1F?sl رامزاندا تۇتالماي قالغان روزىسىنىڭ قازاسىنى يەنە بىر رامىزان كىرگىچە تۇتالمىغان بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ER"69zQg|2 4XpWDfa.} بىر كىشى رامزاندا ئۆزرە بىلەن بولسۇن ياكى ئۆزرىسىز بولسۇن پەرز روزىنى تۇتالمىغان ياكى بۇزۇۋەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قازاسىنى قىلماقچى بولغان بولسا، روزا ھېيتنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ كېلەر رامىزان كېلىپ بولغىچە بۇ ئىشقا ئالدىرىشى، ھەرگىزمۇ سەل قاراپ كېچىكتۈرمەسلىكى لازىم، چۈنكى ئىنسان ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىۋالماستىن ئۆلۈپ كېتىپ قالسا، بوينىدا ئادا قىلىنمىغان پەرز قالغان بولىدۇ. ئەمما يەنە بىر رامىزان كىرگىچە كېچىكتۈرسە گۇناھ بولمايدۇ. ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ قازا روزىلىرىنى شەئبان ئېيىدا تۇتقان. ئىمام ئەھمەد ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. <M:BN6-yG :&BPKqKp يەنە بىر رامىزان كىرگىچە بۇرۇنقى رامزاندا تۇتالمىغان روزىنىڭ قازاسىنى قىلمىغان بولسا، بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە ئىككىنچى رامزاندىن كېيىن قازاسىنى قىلىش بىلەن بىللە فىديە (بىر مىسكىننىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇش تۆلىمى) تۆلەيدۇ دەپ قارىغان، يەنى بىر بىچارىگە بىر ۋاخ ياكى ئىككى ۋاخ تاماق ئېلىپ بەرسە بولىدۇ. بۇلار بەزى ساھابىلەرنىڭ سۆزى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىگە تايانغان. يەنە بىر قىسىم ئالىملار قازاسىنى قىلسىلا كۇپايە فىديە تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارىغان. }5rR^ryA m{q'RAw بۇنىڭغا ئاساسەن ئۇنىڭ چوقۇم قازاسىنى قىلىش كېرەك، ئەمما فىديە بېرىشكە كەلسەك: بەرسە ئەۋزەل بەرمىسە ھېچ گەپ يوق، چۈنكى بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ھېچبىر كۆرسەتمە كەلمىگەن. 7]VR)VA M P $`1} سانى مەلۇم بىر قانچە كۈن تۇتالمىغان بولسا، تۇتالمىغان كۈن قانچە كۈن بولسا شۇنچە كۈن قازاسىنى قىلىدۇ. ئەمما قانچە كۈن روزا تۇتالمىغانلىقىدا ياكى قانچە كۈننى بۇزىۋەتكەنلىكىدە شەك قىلىپ قالغان تەقدىردە، كۆڭلى خاتىرجەم بولۇش ئۈچۈن مۇمكىن قەدەر كۆپرەك روزا تۇتسا ياخشى. im>(^{{r& `J.,dqGb بىر قانچە كۈن ئارقا-ئارقىدىن تۇتالمىغان ياكى بۇزۇۋەتكەن بولسا، بۇ كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلغاندا ئارقا-ئارقىدىن تۇتۇشى كېرەك ئەمەس، بەلكى بىر كۈن تۇتۇپ بىر قانچە كۈن ئۆتكۈزىۋېتىپ ئاندىن يەنە بىر كۈننى تۇتسا بولىدۇ. ئىمام دارىقۇتنى رىۋايەت قىلىشىچە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ قازاسىنى قىلىشتا: ((خالىسا ئايرىم-ئايرىم پارچىلاپ تۇتسۇن، خالىسا ئارقا-ئارقىدىن ئۇلاپ تۇتسۇن)) دېگەن. `O\>vn *)K5<}V b31$i 5{ جانابەتتىن يۇيۇنۇپ بولغىچە تاڭ ئېتىپ قالسا روزا توغرا بولامدۇ؟ !f~a3 {;j E*'Y xI جانابەت دېگەن يا ھەيز بىلەن نىپاس بولىدۇ، بۇ ئاياللاردىلا كۆرىلىدۇ، ياكى جىنسىي مۇناسىۋەت ياكى ئۇخلىغاندا (ئېھتىلام بولۇش) ياكى ئويغاق چاغدا شەھۋەت بىلەن مەنىي چىقىش بولىدۇ. بۇ ئەر ۋە ئاياللاردا ئوخشاش كۆرىلىدۇ. hUMG}< !u7KgB<=/F ھەيز بىلەن نىپاس بار ھالەتتە تاڭ ئاتسا روزا تۇتۇش ھارام بولىدۇ، شۇنداق ھالەتتە ئايال كىشى روزا تۇتسا روزىسى توغرا بولماسلىق بىلەن بىللە گۇناھ ئىش قىلغان بولىدۇ، لېكىن تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن قان پۈتۈنلەي توختاپ بولسا، ئاندىن تاڭ ئاتقاندىن كېيىن يۇيۇنسا بۇ ئەھۋالدا روزىسى توغرا بولىدۇ. چۈنكى روزا تۇتۇش ئۈچۈن يۇيۇنۇش شەرت ئەمەس، ئەمما ناماز ئوقۇش ئۈچۈن يۇيۇنىشى شەرت. do" m=y U%vTmdOY ئەمما ھەيز ۋە نىپاستىن باشقا ئەر ۋە ئاياللاردا ئورتاق كۆرۈلىدىغان باشقا بارلىق جانابەتلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا مەسىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ياكى ئېھتىلامدىن كېيىن يۇيۇنۇشتىن بۇرۇن تاڭ ئېتىپ قالسا، روزا توغرا بولىدۇ، سەھىھ ھەدىستە ئىسپاتلىنىشىچە: ((پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۇنۇپ ھالەتتە تاڭ ئېتىپ قالسا روزا تۇتىۋېرەتتى)) يەنى يۇيۇنمىغان ھالەتتە تاڭ ئېتىپ قالسا تىزدىن يۇيۇنۇپ جامائەت بىلەن ناماز ئوقۇيتتى ۋە روزىنىمۇ تۇتىۋېرەتتى. بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم سەھىھلىرىدە ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلغان. D.Ke x1:mT[[$ يەنە ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم ھەزرىتى ئائىشە ۋە ئۇممى سەلەمە رەزىيەللاھۇ ئەنھالاردىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: ((پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جىما قىلىش ئارقىلىق جۇنۇپ بولۇپ قالاتتى، ئاندىن يۇيۇنۇپ روزا تۇتىۋېرەتتى)) ئىمام مۇسلىم ھەزرىتى ئۇممى سەلەمە رىۋايىتىدە: ((قازاسىنى قىلمايتتى)) دەپ ئارتۇق رىۋايەت قىلغان. >DRxF5b{ ,:Px(=d4 بۇ ھەدىس تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى بىلدۈرىدۇ: c]pz& I"&cr>\ 1- پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزەتتى، بەزىدە ئۇ تېخى يۇيۇنمىغان جۇنۇپ ھالەتتە تاڭ ئېتىپ قالاتتى، (ياكى بامداتقا ئەزان چىقىپ قالاتتى) شۇنداق ھالەتتە ئۇ روزا تۇتىۋېرىپ ئاندىن ئەزان چىقىپ بولغاندىن كېيىن يۇيۇناتتى-دە روزىسىنى داۋاملاشتۇراتتى، قازا قىلمايتتى. Z=%j|xE_ Ti2cD 2- بۇ رامىزان روزىسى بولسۇن باشقا چاغلاردىكى روزا بولسۇن ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئومۇمىي بىر ھۆكۈم، ئىمام ئىبنى كەسىير دېدى: "بۇ تۆت ئىمامنىڭ شۇنداقلا ئىلگىرى ۋە كېيىنكى كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدۇر. ئالىملار بۇنىڭدا بىردەك ئىتتىپاققا كەلگەن دەپمۇ قارالغان، چۈنكى بۇ ھەقتە ھەدىسلەر مۇتەۋاتىردۇر". M7BpOmK' 8L[+$g` 3- كېچىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ياكى باشقا يولدىن جۇنۇپ بولۇپ قالغانلارنىڭ روزىسى توغرا بولىدۇ. her>L3G-E DT-.Gdb8 4-جىنسىي مۇناسىۋەتتىن بولغان جانابەتتە يۇيۇنۇشتىن بۇرۇن روزا تۇتسا توغرا بولسا، باشقا تۈرلۈك جانابەتتە يۇيۇنۇشتىن بۇرۇن روزا تۇتسا ئەلۋەتتە توغرا بولىدۇ. 7#JnQ| ] =Ji[ ;wy@ 5-بۇ مەسىلىدە رامىزاندەك ۋاجىب روزا بىلەن باشقا نەپلە روزىلار ئوخشاش. 2>jk@~Z1:u <HnJD/g 6- رامىزان كېچىلىرىدە تاڭ ئېتىشتىن سەل بۇرۇنلا بولسىمۇ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشكە بولىدۇ. huqtk4u `NhG|g 7-جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىۋاتقان چاغدا تاڭ ئېتىپ قالسا(ياكى بامداتقا ئەزان ئوقۇلۇپ قالسا) دەرھال جىمانى توختىتىشى كېرەك، توختىتىۋالسا قازا قىلىش ياكى كاپپارەت بېرىش كەتمەيدۇ. بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى، بىر قىسىم ئالىملار توختىتىۋالسىمۇ قازا قىلىش ۋە كاپپارەت بېرىش ۋاجىب بولىدۇ دەپ قارىغان. 8K2 @[TE=5 q=^;lWs4 جانابى ئاللاھنىڭ ((روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى)) ((ئەمدى ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان پەرزەنتنى تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭ يورۇغانغا قەدەر يەپ-ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار)) بەقەرە سۈرىسى 187-ئايەتنىڭ بىر قىسمى. دېگەن ئايىتىمۇ جانابەت ھالەتتە روزا تۇتۇپ ئاندىن يۇيۇنىۋالسا بولىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ، چۈنكى تاڭ يورۇغانغا قەدەر جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش مۇباھ بولىدىكەن، روزا تۇتقان كىشى يۇيۇنمىغان ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزۇپ قېلىشى چوقۇم، شۇڭا ئۇنىڭ روزىسى توغرا بولاۋېرىدۇ، جانابەت روزا تۇتۇشقا توسالغۇ بولالمايدۇ. & *tL)qKDc z1b@JCWE S\ak(<X ئىپتار بىلەن سوھۇرنىڭ ۋاقتى ۋە قائىدىلىرى نېمە؟ =m<b+@?T 2aTq?ZR|8A ئىپتار: ئېغىز ئېچىش دېگەنلىك بولۇپ، روزا تۇتقان كىشىنىڭ ئىپتار قىلىش ۋاقتى كۈن پېتىش بىلەن كىرىدۇ. جانابى ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەپ بۇيرىغان: ((ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار)) (بەقەرە سۈرىسى187-ئايەتنىڭ بىر قىسمى). يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((كېچە كېلىپ كۈندۈز كېتىپ كۈن پاتسا ئىپتار ۋاقتى كىرگەن بولىدۇ)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. xVsI#`<a ?h1g$SBxk بۇ كۈن پېتىش بىلەن ئىپتار قىلسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بارلىق مۇسۇلمانلار كۈن پېتىش بىلەن ئىپتار ۋاقتى كىرىدۇ دەپ قارىغان. Wlg 1t~1= {|$kI`h,3- ئادەتتە بۇ ناماز شامنىڭ ۋاقتىنىڭ كىرگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، شۇڭا كۆپىنچە جايلاردا ناماز شامنىڭ ئەزىنى ئىپتار ۋاقتىنىڭ بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. مۇئەززىن ئەزان ئوقۇشتا كېچىكىپ قالغان تەقدىردە ياكى مەسجىد يوق جايلاردا ياكى ئەزان ئاڭلانمايدىغان جايلاردا كۈن پاتقان ئىكەن، ئىپتار قىلسا بولىدۇ. كۈن پاتقانلىقىنى ئۆزى كۆزى بىلەن كۆرسىمۇ بولىدۇ، ياكى باشقا ئىشەنچلىك بىرىنىڭ خەۋىرىگە تايانسىمۇ بولىدۇ ياكى سائەت ۋە كالىنداردەك باشقا ئالامەتلەرگە ئاساسەن كۈن پاتتى دەپ كۆڭلى خاتىرجەم بولسا بولىدۇ. AaU!a I]+OYWp كەسكىن كۈن پېتىش بىلەن ئىپتار ۋاقتى كىرگەن ئىكەن، ئىپتار قىلىشقا ئالدىراش مۇستەھەب، كېچىكتۈرۈش مەكروھ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((كىشىلەر ئىپتارنى كېچىكتۈرمەي ۋاقتىدا قىلسىلا ياخشى (سۈننەتكە ئەگەشكەن ھالدا) تۇرىدۇ)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. G_qt~U 16N| يەنە باشقا ھەدىسلەردە كۈن پاتقان ئىكەن ئىپتارنى قىلىشقا ئالدىراشنىڭ سۈننەتكە ئەگەشكەنلىك ئىكەنلىكى، يەھۇد-ناسارالارنىڭ ئىپتارنى بەك كېچىكتۈرۈپ سۈننەتكە خىلاپلىق قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. شۇڭا ئىپتارنى كېچىكتۈرۈش ئەھلى كىتابقا ئوخشاپ قالغانلىق بولىدۇ. Vug[q=i 8LF=l1=~ بىراق ھاۋا تۇتۇق كۈنلەردە ئالدىراپ كەتمەي، كۈن پاتىدىغان ۋاقىت بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئاندىن ئىپتار قىلىش كېرەك. ھازىرقى دەۋرىمىزدە سائەت بۇ مەسىلىنى ھەل قىلدى، لېكىن ھەر كۈن بىر ياكى ئىككى مىنۇت ئىلگىرى ياكى كەينىگە پەرق بولۇشى كۆزدە تۇتۇلۇشى كېرەك. S.>fB7'(?= T+gH38!e كۈن پاتقان ياكى پاتمىغانلىقىدا گۇمان قىلسا ئىپتار قىلماي تۇرۇش كېرەك، چۈنكى كۈن پاتقانلىقىغا كەسكىن بىر ئالامەت بولمىسا ۋاقىتنىڭ تېخى كۈندۈز ئىكەنلىكى سابىت بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ. CX2qtI8N? KbciRRf!k ئىپتار تامىقى تەييار بولسا ئىپتار قىلىۋېتىپ ئاندىن ناماز شامنى ئوقۇش ياخشى ۋە مۇستەھەب، ياكى يەڭگىل ئىپتار قىلىۋېلىپ ئاندىن ناماز ئوقۇپ بولۇپ ئاندىن ئاساسلىق ئىپتار قىلسا بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((ئىپتار تامىقى كەلسە ناماز شامدىن بۇرۇن ئىپتار قىلىشنى باشلاڭلار، نامازغا ئالدىراپ تامىقىڭلارنى تاشلاپ قويماڭلار)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. ,*9gy$ ,dosF Q ئىپتار قىلىشتىن بۇرۇن (شۇنداقلا كۈن بويى) دۇئا قىلىش مۇستەھەب، چۈنكى روزا تۇتقۇچىنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولىدىغان دۇئالاردىندۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((چوقۇمكى، روزا تۇتقۇچىنىڭ ئىپتار قىلغاندا قىلغان دۇئاسى رەت قىلىنمايدۇ)) ئىمام ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان. UHk)!P> ;*+H& يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((ئۈچ كىشىنىڭ دۇئاسى قۇرۇق قايتۇرۇلمايدۇ: روزا تۇتقان كىشى ئىپتار قىلغاندا، ئادالەتلىك ھاكىم ۋە زۇلۇم قىلىنغۇچى)) ئىمام تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. #RyTa/L <EE^ KR96 بۇ ھەدىستىكى ئىپتار قىلغاندا دېگەن سۆز ئىپتار قىلىشتىن بۇرۇن ياكى ئىپتار قىلىپ بولغاندىن كېيىن ھەر ئىككى چاغنى كۆرسىتىدۇ. -2u)orWP A5\ Hq ئىپتار قىلغاندا ئۆزى بىلگەن مەزمۇنى ياخشى دۇئالارنى قىلسا بولىدۇ، ئۆزىگە، بالا-چاقىلىرىغا، ئاتا-ئانىسىغا، دوست-يارەنلىرىگە ۋە بارلىق مۇسۇلمانلارغا دۇئا قىلسا ياخشى بولىدۇ، ئەڭ ياخشىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلار قىلغان تۆۋەندىكى مەزمۇنى مول دۇئالارنى قىلىشتۇر: l+wfP76w 6ft6;*, پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دۇئا قىلغان: ((ئۇسسۇزلۇق تۈگەپ، تومۇرلار نەملىنىپ روزا تۇتقاننىڭ ئەجرى يېزىلدى ئىنشائاللاھ)) ئىمام ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. سەھىھ ھەدىس. =HV${+K=~ CGb4C(%-7 ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما بالىلىرىنى توپلاپ مۇنداق دۇئا قىلغان: ((ئى ئاللاھ! سېنىڭ ھەممە نەرسىنى قاپلىغان كەڭ رەھمىتىڭ بىلەن مېنىڭ گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشىڭنى سورايمەن)) K WZEi? DvLwX1(l ((ئى ئاللاھ! سەن ئۈچۈنلا روزا تۇتتۇم، سېنىڭ بەرگەن رىزقىڭ بىلەن ئىپتار قىلدىم، سەن ھەممە كەمچىلىكلەردىن پاكتۇرسەن، بارلىق ھەمدۇ-سانالار ساڭا خاس، ئى ئاللاھ! بىزدىن روزىلىرىمىزنى قوبۇل قىلغىن، سەن دۇئالىرىمىزنى ئاڭلىغۇچى، ئەھۋالىمىزنى بىلگۈچىدۇرسەن)) ئىمام دارىقۇتنى رىۋايەت قىلغان، مۇرسەل ھەدىس. FJKlqM5] 8X278^# ئىپتار قىلغاندا تېپىلسا خورما بىلەن ئېغىز ئېچىش مۇستەھەب، بولمىسا باشقا مېۋە ياكى سۇ بىلەن ئىپتار قىلسا بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((بىرىڭلار روزا تۇتقان بولسا خورما بىلەن ئىپتار قىلسۇن، خورما تاپالمىسا سۇ بىلەن ئىپتار قىلسۇن، چۈنكى سۇ پاكىزلىغۇچىدۇر)) ئىمام ئەھمەد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان. يەنە بىر ھەدىستە كېلىشىچە: ((پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناماز ئوقۇشتىن بۇرۇن بىرقانچە يېڭى پىشقان خورما بىلەن ئىپتار قىلاتتى، يېڭى پىشقان خورما تاپالمىسا قۇرۇتۇلغان خورما بىلەن ئىپتار قىلاتتى، ئۇمۇ بولمىسا سۇدىن بىرئاز ئىچەتتى)) ئەبۇ داۋۇد قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان. [~G1Rz\h Eht8~"fj لېكىن ((پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۈچ تال خورما بىلەن ياكى ئوتتا پىشۇرۇلمىغان نەرسە بىلەن ئىپتار قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى)) دېگەن ھەدىس بولسا ئاجىز ھەدىس بولۇپ، ئۇ بۇنداق نەرسىلەر بىلەن ئىپتار قىلىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەرەب يېرىم ئارىلىدا كىشىلەرنىڭ دوستىخانلىرىدا كەڭرى بار بولغان مېۋە خورما بولغاچقا باشقا جايلاردا خورما تېپىلسا، خورما بىلەن ئىپتار قىلىش ئەۋزەل، خورما تېپىلمىسا باشقا ئاللاھ تائالا نېمەت قىلىپ بەرگەن تاتلىق ۋە شىرىن مېۋىلەر بىلەن ئىپتار قىلىش، بولمىغاندا سۇ بىلەن ئىپتار قىلىش ياخشى، چۈنكى خورما قاتارلىق شىرىن مېۋىلەردىكى شېكەر ماددىسى ئاشقازانغا كىرىش بىلەنلا ئۇدۇل قانغا بېرىپ بارلىق موسكۇللارغا كۈچ پەيدا قىلىدۇ، ئۇزۇن بىر كۈن ئوزۇقسىز قالغان كىشى تىزلىكتە ماغدۇرىنى قايتۇرۇۋالىدۇ، شۇنداقلا ئاشقازانمۇ باشقا يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىشقا تەييارلىنىدۇ. tJ8:S@E3, >#gDk K ھازىرقى تېببىي تەتقىقاتلارمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىپتار قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، تەتقىقاتلارنىڭ يەكۈنلىشىچە روزا تۇتقان ئادەم بەدىنىدە يىغىۋالغان شېكەر ماددىلىرىنى ئۇزۇن بىر كۈن روزا تۇتۇش ئارقىلىق كۆيدۈرىۋەتكەنلىكتىن قاندىكى شېكەر ماددىسى نورمال ئۆلچەمدىن تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، بۇ سەۋەبتىن روزا تۇتقان كىشىدە ئاجىزلىق، ھورۇنلۇق ۋە كۆزى قاراڭغۇلىشىشتەك ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ، شۇڭا جىسمىمىز تىزلىكتە ئۆز ھالىتىگە قايتىشى ئۈچۈن ئىپتار قىلغاندا شېكەر ماددىسىغا باي ئوزۇقلۇق بىلەن ئېغىز ئېچىش زۆرۈر. B[#n,ay cW"DDmg سۇ بىلەن ئىپتار قىلىشمۇ تېببىي تەتقىقاتچىلار تەۋسىيە قىلغان ئىش، چۈنكى سۇ ئاشقازان ۋە ئۈچەي يوللىرىنى تازىلايدۇ، ئىنسان تەبىئىتىنى نورماللاشتۇرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ سۇ بىلەن ئىپتار قىلىشقا ((چۈنكى سۇ پاكىزلىغۇچىدۇر)) دەپ سەۋەب كۆرسەتكەن. OjG`s-91& >LH}A6dUC سوھۇرلۇق دېگەن سۆز سەھەر دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، كېچىنىڭ ئاخىرىدا تاڭ ئېتىشتىن ئىلگىرى سەھەر ۋاقتىدا يېيىلىدىغان يېمەكنىڭ ئىسمىدۇر. ئەسلىدە سوھۇرلۇق كۆپ بولسۇن ياكى ئاز بولسۇن يېمەك بولىدۇ، ھېچ بولمىغاندا بىرەر يۇتۇم سۇ بولسىمۇ سوھۇرلۇق ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((بىر يۇتۇم سۇ بىلەن بولسىمۇ سوھۇرلۇق قىلىڭلار)). ئىمام ئىبنى ھىببان رىۋايەت قىلغان. 3)2{c PDz:x4A سوھۇرلۇق يېيىش بارلىق ئالىملارنىڭ نەزىرىدە ۋاجىب ئەمەس مۇستەھەب ۋە سۈننەت بولۇپ، سوھۇرلۇق يېمىگەن كىشى گۇناھكار بولمايدۇ، لېكىن ئۇنىڭ پەزلى كۆپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((سوھۇرلۇق يەڭلار! چۈنكى سوھۇرلۇق يېيىشتە بەرىكەت بار)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. nG{o$v_| 0*oavY* سوھۇرلۇقنىڭ بەرىكەتلىرى شۇكى: سوھۇرلۇق ئاللاھنىڭ تائىتىنى بىجا كەلتۈرۈش ۋە ئاللاھنىڭ تائىتىنى ئادا قىلالىشى ئۈچۈن بولغاچقا ساۋابقا ئېرىشتۈرىدۇ، سوھۇرلۇق كۈچ بولغاچقا ئۇنى يېگەن كىشى روزا تۇتۇشتىن زېرىكىپ قالمايدۇ، سوھۇرلۇق يېمىگەن كىشى قىينىلىپ قېلىپ ئاسانلا روزا تۇتۇشنى ۋە باشقا ئىبادەتلەرنى قىلىشنى ئېغىر كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ، سوھۇرلۇق يېگەن كىشى دۇئا ۋە ئىستىغپار ۋاقتى بولغان سەھەردە ئويغىنىدۇ ۋە بۇ قىممەتلىك ۋاقىتنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويمايدۇ، سوھۇرلۇققا قوپقان كىشى بامدات نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ، شۇڭا رامزاندا بامدات نامىزىدا جامائەت ئادەتتىن تاشقىرى كۆپىيىپ كېتىدۇ. ]:'] 19pFNg'kA يەنە سوھۇرلۇق قىلىش يەھۇد- ناسالارغا خىلاپ ئىش قىلىشتۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((بىزنىڭ روزىمىز بىلەن ئەھلى كىتابنىڭ روزىسىنى ئايرىيدىغان نەرسە سوھۇرلۇق قىلىشتۇر)) ئىمام مۇسلىم سەھىھىدە رىۋايەت قىلغان. X%N!gy G)M! ,Q سوھۇرلۇقنىڭ ۋاقتى كېچىنىڭ يېرىمىدىن باشلىنىپ تاڭ ئاتقىچە بولىدۇ، جانابى ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن: ((تاكى تاڭ يورۇغانغا قەدەر يەپ-ئىچىڭلار)) (بەقەرە سۈرىسى187-ئايەتنىڭ بىر قىسمى). ، زەيد ئىبنى سابىت رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ((بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن سوھۇرلۇق يەپ ئاندىن نامازغا تۇردۇق))، ھەزرىتى ئەنەس ئۇنىڭدىن: ئارىسىدا قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى؟ دەپ سورىۋىدى ئۇ: ((ئەللىك ئايەت ئوقۇغۇچىلىك ۋاقىت)) دەپ جاۋاب بەردى. ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. "O|.e`C%^ ("}C& 6)cB يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((بىرىڭلار قولىدا قاچا بار ھالەتتە ئەزاننى ئاڭلىسا يېمىكىنى يەۋەلمىغۇچە ئۇنى قويمىسۇن)) ھاكىم رىۋايەت قىلىپ سەھىھ دېگەن. K=}Eupn= ?,+&NX3m لېكىن سوھۇرلۇقنى مۇمكىن قەدەر ئاخىرقى ۋاقتىغىچە كېچىكتۈرۈش بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا سۈننەت ۋە مۇستەھەب بولۇپ، ئارقىغا كېچىكتۈرگەندە ئاچلىق ۋە قىينىلىش مۇددىتى ئازىيىدۇ. j {2 0 x >tm[k دېمەك: سوھۇرلۇقنىڭ ۋاقتى كېچە يېرىمىدىن باشلاپ تاكى بامداتقا ئەزان ئوقۇلغانغا قەدەر بولىدۇ. )PYh./_2 s,!vBSn8 سوھۇرلۇقنى ئەزان ئوقۇلۇشتىن يېرىم ياكى بىر سائەت بۇرۇن توختاتسىمۇ بولىدۇ، ئەزان ئوقۇلغاندا توختاتسىمۇ بولىدۇ. تاماق يەۋاتقاندا ئەزان ئوقۇلغان بولسا، تامىقىنى يەۋېلىپ ئاندىن توختىسا بولىدۇ، بۇلار يۇقىرىقى ھەدىسلەردىن مەلۇم. ئەسرى سائادەتتىكى نۇرغۇن ساھابە ۋە تابىئىينلارمۇ تاڭ ئېتىشقا يېقىن سوھۇرلۇق يېيىش ھەققىدە كەڭچىلىك قىلغان. شۇڭا سوھۇرلۇقنى تاڭ ئېتىشتىن بەك بۇرۇن توختىتىش كېرەك دەۋالغانلار ياكى رامىزان كۈنلىرىدە ئەزاننى بۇرۇنراق ئوقۇۋالىدىغانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرسەتمىسىگە زىت ئىش قىلغان بولىدۇ. KIR3m) Ea'jAIFPpO شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، ئىسلام دىنىمىز كەڭچىلىك ۋە قولايلىق دىنىدۇر، ئىبادەتلەردە قولايلىق بولسا داۋاملىشىدۇ، ئۇنى ئۆز نورمىسىدىن قىيىنلاشتۇرىۋېتىش ياكى تەسلەشتۈرىۋېتىش ئۈزۈلۈپ قېلىشىغىلا سەۋەب بولماستىن بەلكى تېخى ئاللاھنىڭ دىنىغا قوشۇمچە بىر نەرسە كىرگۈزىۋالغانلىق دائىرىسىگە كىرىدۇ. شۇڭا ((پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزى ئارقا-ئارقىدىن ئۇلاپ روزا تۇتقان بولسىمۇ ئۈممىتىنى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى كۈننى ئۇلاپ روزا تۇتۇشتىن توسقان)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. dTu*%S1Z !$ii*} بۇ ھەدىسكە ئاساسەن بەزى ئالىملار بۇنداق ئۇلاپ روزا تۇتۇشنى ھارام دېسە، يەنە بەزىلەر مەكروھ دەپ قارىغان، بەزىلەر قۇدرىتى بولسا جائىز دەپ قارىغان، يەنە بەزىلەر ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان: ((ئۇلاپ روزا تۇتماڭلار، قايسىڭلار ئۇلاپ تۇتماقچى بولسا سوھۇرلۇققىچىلا ئۇلىسۇن)) دېگەن ھەدىسكە ئاساسەن سوھۇرلۇقتىن سوھۇرلۇققا قەدەر ئۇلىسا بولىدۇ، بىر سوتكىدىن ئارتۇق ئۇلىسا بولمايدۇ دەپ قارىغان. YWD gRb >.9V`m| ,/TmTX--d ھەيزدار ھالەتتە روزا تۇتسا بولامدۇ؟ 02tN=}Cj) Qb%;|li ھەيزدار ھالەتتە روزا تۇتسا بولمايدىغانلىقى بارلىق ئىسلام ئالىملىرى بىرلىككە كەلگەن مەسىلە، ئۇلارنىڭ بىرلىكى ئاساسلانغىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھەيندىكى بۇ ھەدىسلىرىدۇر: s|c}9/Xe) |Mt2 ((ھەيزدار بولسا ناماز ئوقۇماي روزا تۇتمايدىغۇ شۇنداقمۇ؟ ساھابە ئاياللار: ھەئە شۇنداق دېيىشتى))(سەھىھۇل بۇخارى 304-ھەدىس، ھەيز بابى). LjW32>B h05FR[</ سەھىھۇ مۇسلىم رىۋايىتىدە مۇنداق دېگەن: ((ئايال كىشى بىرقانچە كېچە ناماز ئوقۇماي تۇرىدۇ، رامزاندا روزا تۇتمايدۇ، مانا بۇ دىيانەت جەھەتتىن ئەركىشىدىن كەمرەك بولغانلىقىدۇر))(سەھىھۇ مۇسلىم 250-ھەدىس، كىتابۇل ئىيمان). i^Jw`eAmT E]g6|,4~- بۇ ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سوئالىغا ساھابە ئاياللارنىڭ: ((ھەئە شۇنداق)) دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى، بۇ ھۆكۈمنىڭ بۇرۇندىن تارتىپ ساھابىلار ئارىسىدا ئېنىق مەلۇم بولۇپ مۇقىمدىلىپ كەتكەن ھۆكۈم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.(فەتھۇل بارىيغا قاراڭ). x5pu+-h zj#<X يەنە ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بىر ئايال: نېمە ئۈچۈن ھەيزدار ئايال نامازنىڭ قازاسىنى قىلمايدۇ، روزىنىڭ قازاسىنى تۇتىدۇ؟ دەپ سورىغاندا ھەزرىتى ئائىشە مۇنداق دېگەن: ((سەن خاۋارىجمۇسەن؟ بىز شۇنداق ھەيزدار بولغىنىمىزدا روزىنىڭ قازاسىنى تۇتۇشقا بۇيرۇلاتتۇق، نامازنىڭ قازاسىنى ئوقۇشقا بۇيرۇلمايتتۇق))(سەھىھۇ مۇسلىم 789-ھەدىس، ھەيز بابى، بۇ ھەدىسنى ئىمام بۇخارىيمۇ سەھىھىدە مۇشۇنىڭغا يېقىن ئىبارە بىلەن رىۋايەت قىلغان). ھەدىستە ((بۇيرۇلاتتۇق)) ياكى ((بۇيرۇلغان ئىدۇق)) دېگەن ئىبارە كەلسە بۇيرۇغۇچىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىكەنلىكى مۇئەييەنلىشىدۇ، بۇ ئىختىساس ئالىملىرى ئارىسىدىكى ئېنىق مەسىلە(فەتھۇل بارىي). be]/ROP>H \T<F#a ئىمام تىرمىزى دېدى: بارلىق ئالىملار ئارىسىدا ھەيزدار ئايالنىڭ روزىنىڭ قازاسىنى تۇتىدىغانلىقى، نامازنىڭ قازاسىنى ئوقۇمايدىغانلىقىدا ئىختىلاپ يوق.(سۈنەنۇتتىرمىزىي تاھارەت بابى، 130-ھەدىستىن كېيىن). \+Y=}P> /uDcJ1u66 بارلىق ئالىملارنىڭ بۇنداق ئىتتىپاقتا ئىكەنلىكىنى ھەممە كىتابلاردا بايان قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ ئۈممىتىم ئازغۇنلۇققا بىرلىككە كەلمەيدۇ» (ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان). ئاللاھ تائالا دەيدۇ: ((كىمكى ئۆزىگە توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن، پەيغەمبەرگە مۇخالىپەتچىلىك قىلىدىكەن، مۆمىنلەرنىڭ يولىدىن غەيرىيگە ئەگىشىدىكەن، ئۇنى ئۆز يولىغا قويۇپ بېرىمىز، ئۇنى (ئاخىرەتتە) جەھەننەمگە كىرگۈزىمىز، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!)) نىسا سۈرىسى 115-ئايەت. شۇڭا مۇسۇلمانلار بىرلىككە كەلگەن مەسىلىلەرگە قارشى چىقىش ئىنتايىن خەتەرلىك. yI07E "9 wTZ(vX*mK قىياس جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ ھەيز ۋاقتى دېگەن ئايال كىشىدىكى ئاجىزلىق ۋاقتى بولغاچقا كېسەل كىشىگە ئوخشاش ۋاقتىنچە روزا تۇتماي كېيىن قازاسىنى قىلىۋېلىشقا بۇيرۇلغان، ئەمما ناماز تاھارەت بولمىسا قوبۇل قىلىنمايدىغان ئىبادەت بولغاچقا ئايال كىشىدىن بۇنداق ھالەتتە ساقىت قىلىنغان، بۇمۇ ئىسلام قائىدىلىرىگە ۋە شەرىئەت پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن بىر ئىش. ?Ov~\[) F xt"-Jmox J]S30&? ئاياللار رامىزان كۈندۈزدە گىرىم قىلسا بولامدۇ؟ bTT> g=qaq مەلۇمكى ئايال كىشىنىڭ گرىم قىلىشى ۋە ياسىنىشى پەقەتلا يولدىشى ئۈچۈن ياكى مەھرەم تۇغقانلىرى ياكى باشقا ئاياللار ئالدىدىلا جائىز بولىدۇ، يات ئەرلەرنىڭ ئالدىغا ياسانغان ھالەتتە چىقسا ھارام بولىدۇ. Cd]A1<6s :(yut پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام روزا تۇتقان ھالەتتە سۈرمە سۈرتەتتى، بۇ ھەدىسنى ھەزرىتى ئەنەس رىۋايەت قىلغان. ماي ۋە ياغلارنى سۈرتۈش كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۈپ ئۇچرايدىغان ئىشلاردىن تۇرۇقلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بۇ ھەقتە بىر چەكلىمە كەلمىگەنلىكى بۇ ئىشنىڭ روزىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر، تەسىر كۆرسىتىدىغان بولسا ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلۋەتتە چەكلىگەن بولاتتى. }-XZ1qr 7j&EQm5\9 بۇنىڭغا ئاساسەن گىرىم بىلەن روزا سۇنمايدۇ. شۇنداقتىمۇ ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ مەلۇم مۇددەت يېمەك-ئىچمەكنى تاشلاپ روزا تۇتقان ئايال كىشى رامزاننىڭ ھۆرمىتى ۋە روزا قائىدىسىگە رىئايە قىلىش ئۈچۈن ئادەتتىن تاشقىرى ياسىنىشنى ياكى گىرىم قىلىشنى تاشلاشتا سىقىلىپ قالمايدۇ. چۈنكى رامىزاننى ئۇلۇغلاپ بەزىبىر قىلسىمۇ بولىدىغان ئىشلارنى تاشلاش، ئاللاھنىڭ بۇ ئايدىكى مەرھىمىتىنى كۆزلەيدىغان كىشى ئۈچۈن ئېغىر كەلمەيدۇ، رامىزان ئېيىدىن كۆزلەنگەن مەقسەتمۇ ماددىي ھەر تۈرلۈك ھۇزۇر -ھالاۋەتنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن تاشلاپ، روھىي ساپلىقنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بولغاچقا، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى نىشان قىلغان كىشى ياسىنىشتىن كېلىدىغان ئازغىنە دۇنياۋى پايدىنى قويۇپ تۇرىدۇ. wxPl[)E ;8eGf' پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەھىھ ھەدىستە: ((ئادەم بالىسىنىڭ ھەرقانداق ياخشى ئەمەللىرىنىڭ مۇكاپاتى ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگە قەدەر ھەسسىلەپ بېرىلىدۇ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: پەقەتلا روزا بۇنىڭ سىرتىدا، ئۇ ماڭا خاس، ئۇ مەن ئۈچۈن شەھۋىتىنى ۋە يېمەك-ئىچمېكىنى تاشلىغان، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزەم بېرىمەن)) (يەنى يەتتە يۈز ھەسسىدىنمۇ كۆپ مۇكاپات بېرىمەن). Ej6ho 0_ K[/L!.Ag دېمەك: ئايال كىشىنىڭ ئېرى ئۈچۈن ياسىنىپ گرىم قىلىشى بىلەن روزا سۇنمايدۇ، لېكىن ئەڭ ياخشىسى بۇ ئاينى گىرىم قىلىپ ياسىنىشتىن بەكراق تائەت-ئىبادەتلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن تېخىمۇ ياخشى، چۈنكى ئېرىگە ياسىنىش ۋە زىننەتلىنىش ساۋابلىق ئىشلارنىڭ قاتارىدا بولسىمۇ بۇنى رامزاندىن باشقا چاغلاردا يىل بويى كەڭ-كۇشادە قىلىۋېلىش پۇرسىتى كۆپ، ئەمما رامىزان تىز كېلىپلا كېتىدۇ، شۇڭا بۇ ئاينى غەنىمەت بىلىپ، قۇرئان ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش، زىكىر قىلىش، نەپلە نامازلارنى كۆپ ئوقۇش، مۇسۇلمانلارنى ئىپتارلىتىش ۋە كۆپ سەدىقە بېرىش قاتارلىق ئىبادەتلەرنى قىلىش ئارقىلىق بۇ ئايدىكى ئاللاھنىڭ مەرھىمىتىگە ئېرىشىشكە تىرىشىش لازىم. m}oR*<. @V5i }gt)cOaY رامزاندا روزا تۇتقانلار ئەتىر ئىشلەتسە روزىسى بۇزۇلۇپ كېتەمدۇ؟ xJU]py~o &=n/h5e0t& روزا تۇتقان كىشى ئەتىر ئىشلەتسە روزىسىغا تەسىر يەتمەيدۇ، چۈنكى شەرىئەتتە روزا تۇتقان كىشىگە ئەتىر ئىشلىتىشنى چەكلەيدىغان بىر دەلىل يوق، ئالىملاردىنمۇ روزا تۇتقان كىشى ئەتىر ئىشلەتسە ھارام بولىدۇ ياكى روزىسى بۇزۇلىدۇ دېگەنلەر يوق. %la1-r~ .j^BWr ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى مۇنداق دەيدۇ: "روزا تۇتقان كىشى ئەتىر ئىشلەتسە بولىدۇ، چۈنكى ئەتىر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەۋرىدە بار بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇنى چەكلىگەنلىكى ئىسپاتلانغىنى يوق، ناۋادا ئۇ روزىنى بۇزۇۋېتىدىغان بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلۋەتتە ئۇنى روزا تۇتقۇچىغا چەكلىگەن بولاتتى، ئەتىرنىڭ توزلىرى ئۆرلەپ بۇرۇن ئارقىلىق مېڭىگە يېتىپ بارىدىغان تۇرۇقلۇق ئۇنى چەكلىمىگەنلىكى، ئۇنىڭ روزىنى بولمايدىغانلىقىغا دەلىلدۇر" CnZEBAU SDE$ymPx لېكىن ئىسپىرتلىق ئەتىرنى بۇرنىغا ئەكىلىپ پۇراشنى بەزى ئالىملار ياقتۇرمىغان، بەزىلىرى ئىسپىرتلىق ئەتىرنى بۇرنىغا چاچسا روزا بۇزۇلىدۇ، چۈنكى ئۇ يېمەك-ئىچمەككە ئوخشاش بەدەنگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ دەپمۇ قارىغان. $ xHtI]T p8)R#QWz9 شۇڭا بۇلارنىڭمۇ قاراشلىرىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئىسپىرتلىق ياكى ئىسپېرتسىز ئەتىرنىمۇ ئالاھىدە پۇرىمىغان ئەۋزەل، لېكىن پۇرىسا روزا سۇنمايدۇ. ئەمما ئەتىرنى كىيىم-كېچەككە ياكى بەدىنىگە چېچىش ۋە سۈركەش بولسا، ھەممە ئالىملارنىڭ نەزىرىدە روزىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، بەلكى تېخى ئىسسىق كۈنلەردە ياكى ياقتۇرۇلمايدىغان پۇراق پەيدا بولغان چاغلاردا باشقىلارغا ئازار بەرمەسلىك ئۈچۈن ئەتىر ئىشلىتىش زۆرۈر بولۇپ قالىدۇ. aT}Hc5L,b \f(zMP ئەتىر دۇكىنى ياكى ئەتىر چاچقان بىر كىشىنىڭ يېنىدىن ياكى مەززىلىك تائاملارنى پىشۇرۇۋاتقان دۇكانلارنىڭ ياكى ئەتىر گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن باغچىنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە پۇرىغان پۇراقلار روزىغا ھەرگىز تەسىر يەتمەيدۇ، چۈنكى تىنغان بۇ ھاۋا پۇراقلىق ھاۋا بولۇپ ئۇنىڭدىن ساقلىنىش قىيىن. X;UEq]kcmn 4Otq3s34FT ئەمما ئايال كىشىلەر رامزاندا ئۆي ئىچىدە ياكى ئاياللارلا بار سورۇندا ئەتىر ئىشلەتسە بولىدۇ، يات ئەر كىشىلەر بار سورۇنغا ئەتىر چېچىپ چىقىش رامزاندا بولسۇن رامزاندىن باشقا ۋاقىتتا بولسۇن ھارام بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم. QKq4kAaJ! cHT\sJo`l w{xa@Q]t- تەراۋىھ نامىزى قانداق ئوقۇلىدۇ؟ نەچچە رەكئەت ئوقۇلىدۇ؟ A[7H-1- ]cS(2hP7 تەراۋىھ نامىزى سەككىز ياكى يىگىرمە رەكئەت ئوقۇلىدۇ، سەككىز رەكئەت ئوقۇش پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتى، يىگىرمە رەكئەت ئوقۇش راشىد خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتى، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: ((مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە مەندىن كېيىنكى راشىد خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىڭلار)) دەپ خەلىپىلەرنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەگىشىشنى بۇيرۇغانلىقى ئۈچۈن يىگىرمە رەكئەت ئوقۇش ئەڭ ئەۋزىلىدۇر. چۈنكى يىگىرمە رەكئەت ئوقۇغان تەقدىردە ھەم پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ھەم راشىد خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىگە تەڭ ئەمەل قىلغىلى بولىدۇ، سەككىز رەكئەتلا ئوقۇسىمۇ مەيلى، بۇنىڭدا كەڭچىلىك بار. ۋەللاھۇ ئەئلەم. g}R Cjl4 PI`Y%! P w6X:39d ئاياللار رامزاندا تەراۋىھ نامىزىغا بارسا بولامدۇ؟ o-)[{o\ @sZ7Ka تەراۋىھ نامىزى ئەر-ئاياللارغا ۋاجىب ئەمەس، بەلكى مۇستەھەبتۇر، بۇ نامازنى ئەرلەر مەسجىدتە ئوقۇسا ياخشى، ئۆيدە ئوقۇسىمۇ بولىدۇ، ئاياللارغا كەلسەك، ئاياللارنىڭ تەراۋىھ نامىزىنى ئۆيدە ئوقۇغىنى ئەۋزەل، پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەدىستە: ((ئاياللارنىڭ پەرز نامازلاردىن قالسا ئۆيدە ئوقۇغان نامىزى ئەڭ ئەۋزەل)) دېگەن. لېكىن ئەر رۇخسەت قىلغان ئەھۋالدا مەسجىدكە چىقسا بولىدۇ، مەسجىدتە نامازدىن باشقا دۇئايى-تەلەپ، تەبلىغ ۋە تەشۋىقات بولغان تەقدىردە مەسجىدكە چىقىپ تەراۋىھ ئوقۇغاچ يۇقىرىقىدەك پايدىلىق پائالىيەتلەرگە قاتناشسا ئەۋزەل، چۈنكى بۇ ئىنتايىن مۇھىم. پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم : ((ئاللاھنىڭ ئايال بەندىلىرىنى ئاللاھنىڭ مەسجىدلىرىدىن توسماڭلار)) دېگەن. ۋەللاھۇ ئەئلەم. F*Hovxez *WJK& fS|e{!iI" رامىزان ئېيىدا توي قىلسا بولامدۇ؟ oPa oQbR(A q5EkAh<PD| رامزاندا توي قىلىش مۇباھ، توي قىلغاندا مېھمانلارنى ئىپتار ياكى سوھۇرغا چاقىرسا بولىدۇ، يەنە رامىزان كېچىلىرى جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىنغان. ۋەللاھۇ ئەئلەم. ;R2A>f~ z2,NWmP|w Q{uO/6 سوھۇرلۇقنى يەپ ئۇخلاپ قېلىپ ئېھتىلام بولۇپ قالسا روزا بۇزۇلامدۇ؟ }93FWo. Bd=K40Z: ئېھتىلام بولسا روزا بۇزۇلمايدۇ، غۇسلى قىلىۋەتسە بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم. Zj ` ;IYFG /`aPV"$M :]Om4Q\-# تەراۋىھ نامازدا ۋىتىر ناماز ئوقۇلۇپ كېتىدۇ، كېيىن تەھەججۇت ناماز ئوقۇسا سالاتى ۋىتىر قايتا ئوقۇمدۇ؟ >Sk%78={R qyKR]%yzi ۋىتىر ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن تەھەججۇد ئوقۇغان ئەھۋالدا كېيىن ۋىتىر ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ، سەھىھۇ مۇسلىمدا ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلغان ئۇزۇن بىر ھەدىسنىڭ ئاخىرىدا كېلىشىچە: ((پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋېتىردىن سالام بەرگەندىن كېيىن ئولتۇرۇپلا ئىككى رەكئەت ئوقۇيتتى)) يەنى ئۇ ئىككى رەكئەتنىڭ ئارقىدىن ۋىتىر ئوقۇمىغان. يەنە ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((بىر كېچىدە ئىككى ۋىتىر بولمايدۇ))، ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان ھەدىستە: ((پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ۋىتىردىن كېيىن ئولتۇرغان ھالدا ئىككى رەكئەت ئوقۇيتتى)). ساھابىلاردىن بەزىسى كېيىن ۋىتىر ئوقۇغان، بەزىسى ئوقۇمىغان. ۋەللاھۇ ئەئلەم. z%+rI ><S2o%u~ &;JeLL1J تۈرمىدە تۇتالمىغان بەش يىللىق روزىسىنىڭ قازاسىنى تۇتامدۇ؟ v<l]K$5J& Rh]XJM جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ((كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ)) بەقەرە سۈرىسى 185-ئايەتنىڭ بىر قىسمى. بۇ كىشى خۇددى بەش يىل كېسەل بولۇپ قالغان كىشىدەك تۇرمىدىن چىققاندىن كېيىن رامزاندا تۇتالمىغان روزىلىرىنىڭ ئورنىغا باشقا كۈنلەردە روزا تۇتۇشى كېرەك. ئاللاھ تائالامۇ: ((باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن)) دەپ بۇيرىغان، بۇنىڭغا ئاساسەن بەش يىل ئىچىدە ھەر يىلى رامىزاننى بىر ئاي تۇتالمىغان بولسا، كېيىن بەش ئاي قازاسىنى تۇتىدۇ، 100 كۈن تۇتالمىغان بولسا 100 كۈن قازاسىنى تۇتىدۇ. 1 كۈن تۇتالمىغان بولسا 1 كۈن قازاسىنى تۇتىدۇ. تۇتالمىغان كۈنلەرنى ئارقىمۇ-ئارقىدىن تۇتۇشى كېرەك ئەمەس، بەلكى كۈن ئاتلاپ تۇتۇۋالسىمۇ بولىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم. ;Q/1l=Bn KXcRm) Nqd9)WQ رامزاندا تاراۋىھنى ئوقۇمىسا گۇناھ بولامدۇ؟ ?GLCd7TP eIlovq/X تاراۋىھنى ئوقۇمىسا جازالانمايدۇ، چۈنكى تەراۋىھ نامىزى پەرز ياكى ۋاجىب ئەمەس، سۈننەتتۇر. لېكىن نۇرغۇن ساۋابتىن مەھرۇم قالىدۇ. سەھىھ ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: ((كىمكى رامزاندا ساۋاب كۆزلەپ ئاللاھقا ئىشەنگەن ھالدا كېچىلەردە ناماز ئوقۇيدىكەن، ئۇنىڭ بۇرۇنقى بارلىق گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ)). ئۇنىڭ ئۈستىگە رامزاندا مىڭ ئاي ئىبادەت قىلغاندىنمۇ ئەۋزەلرەك بىر كېچە بار، شۇڭا مۇسۇلمان كىشى بۇ كېچىلەردىكى تائەت-ئىبادەتلەرنى غەنىيمەت بىلىشى، قولدىن بەرمەسلىكى كېرەك. ۋەللاھۇ ئەئلەم. 8o$` ' 3tkCmB fWs*u[S بۇرۇنقى ئۈممەتلەر قانداق روزا تۇتاتتى؟ =9p3^:S ty%,T.@e روزا تۇتۇش ئىبادىتى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ بارلىق ئۈممەتلەرگە پەرز قىلىنغان ئىبادەتتۇر، ئاللاھ تائالا : ((سىلەردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە پەرز قىلىنغاندەك روزا تۇتۇش سىلەرگىمۇ پەرز قىلىندى)) دېگەن. ئىلگىرىكىلەرگە پەرز قىلىنغان روزىنىڭ سۈپىتى ۋە مىقتارى بىزنىڭكىگە ئوخشايدىغانلىرى بار، ئوخشىمايدىغانلىرى بار، مەسىلەن بەزى ئۈممەتلەرگە گەپ-سۆز قىلماي روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان، مەريەم سۈرىسى 26-ئايەتتە ئاللاھ تائالا مەريەم ئەلەيھاسسالامغا: ((بىرەر ئىنسانغا ئۇچراپ قالسىڭىز: مەن ئاللاھ ئۈچۈن روزا تۇتۇشنى نەزىر قىلغان، شۇڭا بۈگۈن ھېچكىمگە گەپ-سۆز قىلمايمەن، دېگىن)) دېگەن. A>FWvlLw'm *1_Ef). يەھۇد-ناسارالارغا بىزگە ئوخشاش روزا تۇتۇش پەرز قىلىنغان بولسىمۇ، ئۇلار ھازىر كۈن سانى ياكى روزا تۇتۇش سۈپىتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، يەنە ئۇلارنىڭ روزىسىدا كېچىسى جىنسىي مۇناسىۋەتمۇ چەكلەنگەن، ئاللاھ تائالا بەقەرە سۈرىسى 187-ئايەتتە: ((سىلەرگە روزا تۇتقان كۈنلەرنىڭ كېچىسىدە جىنسىي مۇناسىۋەت ھالال قىلىندى)) دېگەن. بۇ ئىلگىرىكى يەھۇد-ناسارالاردا چەكلەنگەن ئىش ئىكەنلىكىنى، بىزگە يەڭگىللېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم. Q+QD, vO/ 3bu} H ="I=} خىزمەت ئورنۇم روزا تۇتۇشقا يول قويمايدۇ. مەن ئەتىگەندە ۋاقتىدا سوھۇرلۇق يەپ، روزا تۇتۇشقا نىيەت قىلماي، چۈشكىچە ھېچنەرسە يېمىسەم، ئەگەر تاماققا مەجبۇرلانسام روزا تۇتمىسام، مەجبۇرىي تاماق يېگۈزمەي قالسا، ئاندىن شۇ ۋاقىتتا نىيەت قىلىپ روزا تۇتسام بولامدۇ؟ ~0?B b8vZ^8tBV ھەر كۈنى روزا نىيەت قىلىپ روزا تۇتۇپ قوپۇڭ، بىر نەرسە يېيىشكە مەجبۇرلانمىسىڭىز، روزىڭىز جايىدا يولاۋېرىدۇ، بىر نەرسە يېيىشكە مەجبۇرلانسىڭىز مەجبۇرلانغان مىقداردا يەپ-ئىچسىڭىز روزىڭىزغا تەسىر يەتمەيدۇ، روزىڭىز سۇنمايدۇ، يەنىلا ھېچ ئىش بولمىغاندەك روزىنى داۋاملاشتۇرىۋېرىسىز، ھەدىستە كېلىشىچە: ئاللاھ تائالا ئىسلام ئۈممىتىدىن ئۇنتۇپ قالغان ۋە مەجبۇرلانغان ئىشلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىۋەتكەن. لېكىن مەجبۇرلاش يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك بىرىنچى دەرىجىلىك مەجبۇرلاش دائىرىسىگە كىرسە شۇنداق. ۋەللاھۇ ئەئلەم. \ptjnwC^O '4Qsl~[Eh 0?gHRdU" رامىزان كۈنلىرى كۈندۈزلىرى ئايالىنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ قويۇش ئۈچۈن يېقىنلاشقاندا تۇيۇقسىز شەھۋەت (مەنى) ئېتىلىپ چىققان بولسا بۇنىڭغا كاپپارەت كېتەمدۇ؟ شۇ كۈنى قانداق قىلىدۇ؟ روزىنى قايتا نىيەت قىلىۋەتسە بۇلامدۇ؟ ياكى (رامزاننىڭ ھۆرمىتىنى قىلغان ئاساستا) ئېغىز ئۇچۇق يۈرۈشى كېرەكمۇ؟ U)aftH*Pk T5.^ w جىما قىلماستىن قۇچاقلاش ۋە سۆيۈش بىلەن مەنىي چىقىپ كەتكەن بولسا روزا سۇنىدۇ، روزا سۇندۇرۇش بىلەن گۇناھكار بولىدۇ، شۇنداقلا رامزاندىن كېيىن ئورنىغا قازا روزا تۇتۇشى كېرەك بولىدۇ، ئەمما كاپپارەت كەلمەيدۇ. _ u~0t`f~ Aq3\Q>klH) نېمە ئۈچۈن كاپپارەت كەلمەيدۇ دېگەندە: بۇ خۇددى سۆيگەنگە ئوخشاش تولۇق جىنسىي مۇناسىۋەت دەرىجىسىگە يەتمىگەن بىر ئىشتۇر، كاپپارەت ۋاجىب بولماسلىق ئەسلىي ھۆكۈمدۇر، قۇچاقلاش بىلەن مەنىي چىقسا كاپپارەت ۋاجىب دەيدىغانغا ئېنىق (نەس) دەلىل يوق، ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلىكى (ئىجمائى) مۇ يوق، قۇچاقلاشنى جىنسىي مۇناسىۋەتكە قىياس قىلىش توغرا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ جىنسىي مۇناسىۋەتكە ئوخشىمايدۇ، جىنسىي مۇناسىۋەتتە مەنىي چىقمىسىمۇ كاپپارەت كېلىدۇ، زىنا جازاسى ئىسپاتلىنىدۇ. (hQi { N>]J$[j ئىمام نەۋەۋىي (ئەلمەجمۇئ) دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەيدۇ: "روزىسىنى جىمادىن باشقا يەپ-ئىچىش، ئىستىمنا(مەنىي چىقىرىش)، مەنىي چىقىپ كەتكىچە قۇچاقلاش قاتارلىق ئىشلار بىلەن بۇزۇۋەتسە كاپپارەت كەلمەيدۇ، چۈنكى كاپپارەت ۋاجىب بولۇشى جىماغا كەلگەندۇر، يۇقىرىقى ئىشلار جىمانىڭ مەنىسىگە ئوخشىمايدۇ". Ude?[6 HiH<'m"\. بەزى ئالىملار قۇچاقلاش ۋە سۆيۈش ئارقىلىق مەنىي چىقىپ كەتكەن ئەھۋالدا كاپپارەت كېلىدۇ، دەپ قارايدۇ، بۇلار بۇ ئىشلارنى جىماغا قىياس قىلغان. d)acWF\ :XG~AR/ ئەلۋەتتە روزا يۇقىرىقى ئىشلار بىلەن سۇنغان تەقدىردە روزا ۋە رامىزان ھۆرمىتى ئۈچۈن ئىپتار ۋاقتىغىچە يېمەك-ئىچمەك ۋە ياكى روزا سۇندۇرىدىغان ئىشلارنى قىلماي تۇرىدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم. zR]!g|;f yO!M$aOn/ z0SF2L H ئۇخلاپ قېلىپ سوھۇرلۇق يېيەلمەي قالغان ئەھۋالدا روزا تۇتىۋېتىش كېرەكمۇ؟ [)~1Lu $u yx سوھۇرلۇق يېيىش ۋاقتىدا ئويغىنالماي كېچىكىپ ئەزان ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن ئويغانسا، روزىنى سۇندۇرماي داۋاملاشتۇرىۋەرسە بولىدۇ، سوھۇرلۇق يېيىش روزىغا شەرت ئەمەس، سوھۇرلىق يېيەلمەي قالسىمۇ روزا تۇتسا بولاۋېرىدۇ. پەقەتلا بامداتقا ئەزان چىقىشتىن تارتىپ روزىنى سۇندۇرىدىغان بىر ئىش قىلمىسىلا بولدى. ۋەللاھۇ ئەئلەم. AovBKB$ [Z#Sj=z JTm'fo[ ئۆيدە ئېتىكاپتا ئولتۇرسا بولامدۇ؟ s*<T'0&w0S kROIVO1|` ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئۈچۈن مەسجىد بولىشى شەرتتۇر، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بەقەرە سۈرىسى 178-ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: (سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار). بۇ ئايەت ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش ئۈچۈن مەسجىد شەرت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، شۇنداقلا چوڭ بولسۇن، كىچىك بولسۇن، جۈمە ئوقۇلىدىغان بولسۇن ياكى ئوقۇلمايدىغان مەسجىد بولسۇن مەسجىدلا بولسا ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەسجىدتىن باشقا جايدا ئېتىكاپتا ئولتۇرمىغان. =r7!QXPH} "#E<Leh' بەزى ئالىملار جامائەت نامىزى ئوقۇلىدىغان مەسجىد بولىشىنى شەرت قىلغان. K.Y`/< 7H< IO` H)7v$A,5% ئاياللارنىڭ ئالدى ئەزاسىنى تەكشۈرۈشتە روزا سۇنامدۇ؟ R)Arr77 ~nfOV* ئاياللارنىڭ ئالدى تەرىپىگە دورا سېلىش ياكى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۆزى ياكى دوختۇر بىر ياكى ئىككى بارمىقىنى ياكى قولىنى ياكى بىرەر تىببىي سايمان سالغان ئەھۋالدىمۇ كىچىك تاھارەت ئېلىۋەتسە بولىدۇ، روزىسىنى سۇندۇرمايدۇ. ۋەللاھۇ ئەئلەم. &|#[.ti1 ~ a`[p\ FrXP"U}Y ئىي ئاللاھ!! بىزنى رامزانغا سالامەت يەتكۈزگىن، رامزاندا روزا تۇتۇشقا، ناماز ئوقۇشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، رامزاندا دوزاختىن ئازات بولۇپ كەتكەنلەر قاتارىدىن قىلغىن!!! ئامىين يا رەببەلئالەمىين. Qa )+Tv 1?FG3X 5 >aO.a[AM تۈگىدى. EpMxq7*
| |