باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |كىنو _ فىلىم|ئۇچۇر|ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       629 
  •    ئىنكاس 
       1 

ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ ئېيى بۇ رامىزان3

قەۋەت ئاتلاش
mutafakkur
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6418

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   687 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   43388 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4368 (قېتم)
 تۆھپە:   4365  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1877
 سائەت
دەرىجىسى:
1877 سائەت 13 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-23
ئاخــىرقىسى:2012-07-08

 (مۇبارەك رامىزان ئېيىدىكى ئالاھىدىلىكلەر ۋە ئەھكاملار)  &=|W95  
  %#Wg>6  
  L6BHh_*E  
(3-قىسىم) ./kmI#gaV  
  aFo%B; 8m  
  R.A}tV=j#  
  @U;-5KYYi  
بىر كىشى رامزاندا تۇتقان روزىسىنى بۇزۇۋېتىشكە مەجبۇرلانغان ئەھۋالدا قانداق قىلىدۇ؟ dge58A)Q  
  Y+upZ@Ga  
مەجبۇرلاش ئىككى خىل بولىدۇ، بىرىنچىسى ئۆلتۈرۈۋېتىش ياكى بېرەر ئەزاسىنى كاردىن چىقىرىش ياكى قاتتىق قىيناش ياكى كىشىنى باغلاپ تۇرۇپ ئاغزىغا ئىچىملىك قۇيۇش ياكى باشقا ئىش تاپالمايدىغان كىشى ئۈچۈن ئىشتىن قوغلاشتەك كىشىگە ئىنتايىن ئېغىر كېلىدىغان بىر ئىشنى قىلىش بىلەن تەھدىت سېلىش قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ تەھدىتنى تەھدىت سالغۇچى ئىجرا قىلالايدىغان ھالدا سالغان بولسا، ئىجرا قىلىش ئېھتىمالى كۈچلۈك بولسا بۇ ھەقىقىي مەجبۇرلاش دېيىلىدۇ. 9<7Q{  
  =eac,]31  
ئىككىنچىسى ئېغىز بىلەن تەنقىد قىلىش ياكى تىللاش ياكى خىزمەتتە دەرىجىسى ئۆسمەسلىك ئېھتىمالى بولۇش ياكى كىچىككىنە جەرىمانە تۆلەش ياكى خىزمەتتىن قوغلىنىدىغان بولسىمۇ باشقا خىزمەت تاپالايدىغان بولسا، ياكى ئېغىر ئىشلار بىلەن تەھدىت سېلىپ مەجبۇرلىغان تەقدىردە تەھدىتنى ئىجرا قىلالمايدىغان بولسا، بۇنداق ئەھۋاللار ھەقىقىي مەجبۇرلاش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ. ,wO5IaV  
  H/)=  
ئەمدى بىرىنچى تۈردىكى مەجبۇرلاشقا ئاساسەن روزىنى بۇزۇۋېتىشكە مەجبۇرلانغان تەقدىردە ھەنەفىي ۋە مالىكى مەزھەب ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە سەپەر ئۈستىدە بولماي نورمال مۇقىم تۇرۇۋاتقانلار ئۈچۈن روزىسىنى بۇزۇۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ، لېكىن كېيىن بىر كۈنگە بىر كۈن قازاسىنى قىلىدۇ. I_pA)P*Q(6  
  ,z%F="@b9  
ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ تەپسىلىي ئايرىپ دېيىشىچە: مەجبۇرلانغان كىشى شۇنداق مەجبۇرلانغان تەقدىردىمۇ يەنىلا روزا تۇتقىنى ئەۋزەل. روزا تۇتۇشى بىلەن ئۆلۈم ياكى باشقا زىيانغا ئۇچرىسا بۇ كىشى ئاللاھنىڭ پەرزىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلغان مۇجاھىد بولىدۇ. ئەمما بىر كىشى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە تۇرۇپ روزا تۇتقان بولسا، مەجبۇرلانغان ئەھۋالدا ئېغىز ئېچىپ روزىسىنى بۇزۇۋەتسە بولىدۇ، بەلكى تېخى بۇزۇۋېتىش ئەۋزەل، بۇزمايمەن دەپ تۇرۇپ ئۆلتۈرۈلسە ياكى قاتتىق زىيانغا ئۇچرىسا گۇناھكار بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭغا ئەسلىدە روزا تۇتماسلىق ئەۋزەل ئىدى. Q7=J[,V:2  
  !+>yCy$~_  
شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە مەجبۇرلۇقچە ئېغىز ئاچقان كىشىنىڭ روزىسىمۇ بۇزۇلمايدۇ، قازا قىلىشىمۇ كېرەك ئەمەس، ئۇ كىشى روزىسىنى ھېچ ئىش بولمىغاندەك داۋاملاشتۇرىۋەرسە بولىدۇ. ئۇلار ئىمام ئىبنى ماجە قاتارلىق مۇھەددىسلەر رىۋايەت قىلغان: ((ئاللاھ تائالا ئۈممىتمدىن خاتالىشىپ، ئۇنتۇپ قېلىپ ۋە مەجبۇرلىنىپ قىلغان ئىشلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكەن)) دېگەن ھەدىسىكە تايانغان. ,nHz~Xi1t  
  t9K.Jc0  
يەنە ئىمام ئەھمەد قاتارلىق ھەدىسشۇناسلار رىۋايەت قىلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ((كىمكى مەجبۇر ياندۇرۇپ قالسا قازا قىلىش ۋاجىب ئەمەس، كىمكى قەستەن ياندۇرسا قازاسىنى قىلسۇن)) دېگەن ھەدىسىمۇ مەجبۇر بۇزغان روزىنىڭ سۇنمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا قازاسىنى قىلىش ۋاجىب ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ^f`#8G7(  
  :A[bqRqe  
يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، ئىككىنچى تۈرلۈك مەجبۇرلاش شەرىئەت ھېسابقا ئالىدىغان مەجبۇرلاش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ، شۇڭا بۇنداق يوقىلاڭ ئەندىشە ياكى كىچىككىنە تاپا-تەنە ياكى ئازغىنە مەنپەئەتنى دەپ ئاللاھ پەرز قىلغان روزىنى بۇزۇۋېتىشكە ياكى روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت يوق. G^2"\4R]p  
  Oi7=z?+j  
بىرىنچى تۈرلۈك مەجبۇرلاش شەرىئەت ھېسابقا ئالىدىغان مەجبۇرلاش بولۇپ، بۇنىڭغا دۇچ كەلگەن كىشىگە بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا روزىسىنى بۇزۇۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ، بۇزمايمەن دەپ چىڭ تۇرۇشى ئەۋزەل بولۇپ، بۇ ئىش ھەنەفىي مەزھەب ئالىملىرىنىڭ نەزىرىدە بىر خىل جىھاد ھېسابلىنىدۇ. $C[YqZO  
  [j!0R'T  
ئەمما كېسەل ياكى مۇساپىر ھالدا روزا تۇتقان بولسا، بۇزۇۋېتىشى لازىم. R K'( {1  
  lO9>?y8.y  
بۇنداق ئېھتىمال بولسا كىشى ئالدى بىلەن كېچىدە سوھۇرلۇق يەپ روزا تۇتۇپ قوپۇشى كېرەك، مەجبۇرلاشقا ئۇچرىغاندا ئاندىن يۇقىرىقى ئۆلچەم بىلەن مەجبۇرلىنىش ھۆكمىگە كىرىدۇ، بەلكى شۇ كۈن مەجبۇرلانماي ياكى مەجبۇرلىنىشقا ئۇچرىماي ئۆتۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن. "QlCcH`g  
  T\WNT#My  
ئەمدى روزا تۇتۇپ قوپقاندىن كېيىن كۈندۈزدە يۇقىرىقىدەك يېسىملەر بىلەن مەجبۇرىي ئېغىز ئاچقان بولسا، ئىككىنچى قاراشتىكى ئالىملارنىڭ دېگىنى بويىچە روزىنى سۇنمىغان ھېسابتا خۇددى ئۇنتۇپ قېلىپ بىر نەرسە يەپ سالغاندەكلا داۋاملاشتۇرىۋېرىشى كېرەك، روزام بەرىبىر بۇزۇلۇپ بولدى دەپ كۈن پاتقۇچە يەنە ئېغىز ئېچىپ يۈرمەسلىكى لازىم، كېيىن يەنە قايتا مەجبۇرلانمىغاچقا كۈن پاتقۇچە بىر نەرسە يېمەسلىك بىلەن رامزاننىڭ ھۆرمىتىنى قىلىشى كېرەك. }j:ae \(  
  kfVG@o?o  
قازاسىنى قىلىش ياكى قىلماسلىقتا بىرىنچى گورۇپ ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە كېيىن قازاسىنى قىلىۋەتسە تېخىمۇ خاتىرجەم بولىدۇ، ئىككىنچى گورۇپ ئالىملارنىڭ قارىشى بويىچە روزىنى سۇنمىغان ھېسابتا قىلىپ قازاسىنى قىلمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ھەر ئىككى قاراش مەلۇم دەلىللەرگە تايانغان. 4]+ ^K`  
  Xoik%T-  
ئەگەر مەجبۇرلاشقا دۇچار بولىدىغان خىزمەتچىلەر بۇنداق قىيىنچىلىقلارغا يولۇقماسلىقى ئۈچۈن ھەرتۈرلۈك چارىلارنى قىلسا بولىدۇ، مەسىلەن رامزاندا بىر ئاي ياكى بىرنەچچە كۈن خىزمەتتىن رۇخسەت سورىيالايدىغان بولسا رۇخسەت سورىسا بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ياتاقتا ياتماي تۇغقان ياكى تونۇشلىرىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ رامزاننى ئۆتكۈزىۋالالايدىغان بولسا، شۇنداق قىلسا بولىدۇ. قانداقلىكى بولمىسۇن ئىنساننىڭ ئەھۋالىنى ئاللاھ بىلىپ تۇرىدۇ، زورلانمىغان ئەھۋالدا يوقىلاڭ ئېھتىماللىقلارنى باھانە قىلىپ ئاللاھ پەرز قىلغان روزىنى تۇتماسلىق ياكى بۇزۇۋېتىش بىلەن ئاللاھنى گوللىغىلى بولمايدۇ، شۇڭا ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ئويلىشى مۇھىم. '|q :h  
  7<tqT@c  
  ,U tw!]  
  {&;b0'!Tf  
رامىزان ئېيىدا كۈندۈزدە ئاشخانا ئېچىشقا بولامدۇ؟ 7L\GI`y  
  ,-1$Vh@wM  
رامىزان ئېيىنى روزا تۇتۇش ئىسلامنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى بولۇپ، جانابى ئاللاھ ئۆزرىسى يوق مۇسۇلماننى بۇ ئايدا روزا تۇتۇشقا بۇيرىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايدا روزا تۇتمىغان (ياكى روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن) مۇسۇلماننى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: ((رۇخسەت ياكى كېسەلسىز رامىزان ئېيىدا بىر كۈن روزا تۇتمىغان (ياكى روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن) ئادەم ئۆمۈر بويى روزا تۇتسىمۇ ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ)) ئىمام تىرمىزى ۋە ئەبۇ داۋۇدلار سۈنەنلىرىدە رىۋايەت قىلغان. jK=*~I  
  ,G:4H%?  
رامزاندا ئۆزرىسىز روزا تۇتماسلىق ئاسىيلىق بولىدىكەن، ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان كىشىمۇ ئاسىيلىققا شېرىك بولغان بولىدۇ، ھارامغا ئېلىپ بارغان ئىشمۇ ھارام بولىدۇ، روزا تۇتمىغان ئادەمگە ئۆز رازىلىقى بىلەن تاماق تەقدىم قىلىش ئۇنىڭ بۇ ئاسىيلىقىغا رازى بولۇپ ھەمكارلاشقان بولىدۇ. N 4v)0  
  b(yO  
كېيىنچە ھالال ۋاقىتتا ئىستىمال قىلىنىدىغان يېمەك- ئىچمەكلىكلەرنى ساتىدىغان دۇكىنى بار كىشىلەرنى توسۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى ئۇ ئاسىيلىقنى كۆز ئالدىدا كۆرمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭدىن يېمەك-ئىچمەك سېتىۋالغان كىشىلەر ئۇ يېمەكلىكلەرنى ئىپتار ۋاقتى كەلگەندە ئىستىمال قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا كىشىلەرگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ۋە ئېھتىياجىنى قامداش ئۈچۈن ئۇلارنى توسماسلىق كېرەك. بۇنداق دۇكانلاردىن بىر كىشى يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىپ كۈندۈزدە يېسە گۇناھ پەقەتلا يېگۈچىگە بولىدۇ، ساتقۇچىغا بولمايدۇ. g@y"B6X  
  vX/A9Qi,U.  
ئەمدى يېمەك-ئىچمەك شۇ جايدا ئىستىمال قىلىنىدىغان ئاشخانا، رېستۇران، چايخانا ۋە ياكى تۈرلۈك يېمەك-ئىچمەكلىكلەر دۇكانلىرىغا كەلسەك، بۇ ئورۇنلاردا رامىزان ئېيىنىڭ كۈندۈزىدە يېمەك-ئىچمەك ئىستىمال قىلىنىدىغان بولسا، بۇ يەردە ئۆزرىسىز روزا تۇتماي يېمەك-ئىچمەك ئىستىمال قىلغانلار بولسا، ئۇلارغا يېمەك-ئىچمەك سېتىش ۋە سۇنۇش ھارام بولىدۇ، بۇنداق قىلمىش ئاسىيلىققا ياردەم ۋە قولايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش بىلەن بىللە بۇ ئۇلۇغ مۇبارەك ئاينىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغانلىق، شۇنداقلا روزا تۇتۇۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار بەرگەنلىك بولىدۇ. 0;H6b=  
  ) e2IT*7  
خېرىدارلار ئىچىدە ئۆزرىسىزلار بىلەن ئۆزرىلىكلەر كۆپ بولۇپ مەسىلەن بەزى ئۈرۈمچىدىكى ياكى ئىچكىرى ئۆلكىلەر شەھەرلىرىدىكى ۋە ياكى مۇسۇلمانلار كۆپچىلىكنى ئىگەللەيدىغان قەشقەر ۋە خوتەندەك بەزى شەھەرلەرنىڭ قاتناش بېكەتلىرى ئالدىدىكى ئاشخانىلاردەك كۆپىنچە مۇساپىر كىشىلەر كېلىدىغان ئاشخانىلاردا، ياكى دوختۇرخانىلار ئالدىدىكى كۆپىنچە كېسەل ۋە ئۆزرىلىك بىمارلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاشخانىلاردا بولسا كۈندۈزدە ئاشخانىنى ئاچماي كېچىدە مۇلازىمەت قىلىش ئەۋزەل. چۈنكى بۇنداق سورۇنلاردا كۈندۈزدە مۇلازىمەت قىلىش كىشىلەرنى روزا تۇتماسلىققا تەشۋىق قىلىپلا قالماستىن بەلكى رامىزان ئېيىنى ئۇلۇغلايدىغان مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىنىڭ نامىنى تۆكىدۇ ۋە ئۇنىڭغا داغ كەلتۈرىدۇ. بۇ يەردە ئەۋزەل دېگىنىمىز مەخسۇس بۇنداق ئۆزرىلىكلەرگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئاشخانا ئاچقانلارغا ئاچقانلىقى ئۈچۈن گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن ئومۇمىي ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ كۈندۈزدە ئاچمىغىنى ئەۋزەل دېگەنلىك بولىدۇ. 4d 3Znpf  
  9aU:[]w  
ئۇنداق بولىدىكەن خوجايىنلارنىڭ رامىزان كېلىشتىن بۇرۇن ئىش-ئوقەتنى تازا تىرىشىپ قىلىۋېلىپ رامىزان كىرگەندە باشقا چەكلەنمىگەن مۇناسىپ ئىش -ئوقەت بولسا قىلىپ، بولمىسا ئىبادەت بىلەن شۇغۇللانغىنى تۈزۈك، دۇكىنىنى كۈندۈزدە ئاچمىغىنى بىلەن پۈتۈن كىچە ئاچسا بولىدىغۇ؟ [4hO3):F  
  DqMK[N,0  
بارلىق خېرىدارلىرى غەيرى مۇسۇلمانلاردىن تەركىپ تاپقان ئاشخانىلار بولسا، رامىزان ئېيى ھۆرمىتى ئۈچۈن ئاچماسلىق ئەۋزەل. KYu(H[a  
  BR^J y<^F'  
رامىزان كۈندۈزىدە ئاشخانا ئېچىپ غەيرىي مۇسۇلمانلارغا يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى قىلسا، بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا گۇناھكار بولمايدۇ، چۈنكى كاپىرلاردىن روزا تۇتۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ، يەنە بىر قىسىم ئالىملار كاپىرلارمۇ تائەت ۋە ئىبادەتلەرگە بۇيرۇلغان دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئاشخانا ئاچقۇچى گۇناھكار بولىدۇ دەپ قارىغان، بۇ قاراش جانلىق ۋە كۈچلۈك، شۇڭا بۇ قاراش بويىچە رامىزان كۈندۈزىدە غەيرىي مۇسۇلمانلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئاشخانا ئاچماسلىقنى تەرجىھ قىلىپ ئاچماسلىق ئەۋزەل دېدۇق. ij i.3-  
  LZ)m](+M  
ئومۇمەن يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى رامزاندا ئېچىپ رامىزان ھۆرمىتىنى قىلمىغان، مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىگە ۋە ھېسسىياتىغا ئازار بەرگەن كىشىلەرگە قارىتا مۇسۇلمانلار جامائىتى نەپرەت ۋە نارازىلىق پوزىتسىيىسىدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنى تەنقىت قىلىشى ۋە سۆكۈشى شۇنداقلا ئۇلارغا چىرايلىقچە نەسىھەت قىلىشى ۋە چۈشەندۈرىشى كېرەك. بۇنىڭغا ئۇنىماي ئاشخانا ئاچقانلارغا قارىتا نارازىلىق پوزىتسىيىسىدە بولۇش كېرەك، ئەمەلىي جەھەتتىن ئۇ ئاشخانىدىن بىر نەرسە ئالماي باشقىلاردىن ئېلىپ نارازىلىقىنى ئىپادىلىسە بولىدۇ. 1mJ_I|98  
  M6'C3,y0  
بىراق بەزىلەر مەجبۇر ھالەتتە رامىزان ئېيىنىڭ كۈندۈزىدە ئاشخانا ئېچىشقا زورلانغان بولىدۇ، بۇلار غەيرەت بىلەن ئاچماي تۇرالىسا ئەڭ ياخشىسى شۇ، بىراق ئېغىر كېلىدىغان دەرىجىدە ھەقىقىي زورلاش بولۇپ قالسا، ئاچسا گۇناھ بولماس ئىنشائاللاھ، چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ((ئۈممىتىمدىن خاتالىق، ئۇنتۇش ۋە مەجبۇرىي زورلۇق بىلەن قىلغان ئىشلىرىنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرىۋېتىلدى)) دېگەن. $XQxWH|  
  T#n1@FgC  
  fHd!/%iG  
  6#)Jl  
ئۆلۈپ كەتكەن ئاتا-ئانام تۇتالمىغان روزىلىرىنى ئۇلارنىڭ ئورنىدا مەن تۇتسام بولامدۇ؟ %Lp7@  
  QG|GXp_q`  
مەلۇمكى روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇشقا ئوخشاش جىسمانىي ئىبادەت بولۇپ، ئەسلىدە بۇ ئىبادەتلەرنى ھەر بىر ھايات كىشى ئۆزى ئورۇندىشى كېرەك. ZjZhz`  
  >4/L-y+  
بۇ سەۋەبتىن بەزى ئالىملار روزىنى بىر كىشى بىر كىشىنىڭ ئورنىدا تۇتۇپ قويسا بولمايدۇ، دەپ قارىغان، يەنە بىر قىسىم ئالىملار بولىدۇ دەپ قارىغان. V(2,\+t  
  Fi'M"^:r {  
بىرىنچى قاراشقا بىنائەن ھەر بىرىنىڭ بىر كۈن تۇتالماي قالغان روزىسى ئۈچۈن بىر بىچارە مىسكىنگە ئىككى ۋاخ تاماق يېگۈزۈپ قورسىقىنى تويغۇزسىڭىز بولىدۇ. eOehgU5x  
  m-ph}  
ئىككىنچى قاراشقا ئاساسەن سىز ئاتا-ئانىڭىزنىڭ تۇتالمىغان روزىسىنى ئۇلارنىڭ ئورنىدا تۇتسىڭىز بولىدۇ. بۇ قاراشنىڭ دەلىلى كۈچلۈك. =_RcoG/^~  
  F#1 Kk#t  
بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالدىغا كېلىپ: ئانام بوينىدا تۇتىدىغان بىر ئايلىق روزا بار ھالەتتە ئۆلۈپ كەتتى، ئۇنىڭ ئورنىدا روزىسىنى تۇتسام بولامدۇ؟ دەپ سورىغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن : ((ئاناڭنىڭ بوينىدا قەرز بولغان بولسا ئۇنى بېرەمتىڭ؟)) دەپ سورىغان ئۇ: ھەئە دېگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەن: ((ئۇنداق بولسا ئاللاھنىڭ قەرزى ئادا قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق)) ئىمام ئەھمەد ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان. kS+r"e.TM  
  pw,O"6J*  
يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ((كىمكى بوينىدا تۇتالمىغان روزا بار ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە يېقىن تۇغقىنى ئۇنىڭ ئورنىدا روزىسىنى تۇتىدۇ)) ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. !/Iq{2LX  
  c62dorDqy  
كۆپچىلىك ئالىملار روزىسىنى يېقىن تۇغقىنى تۇتۇشى شەرت دەپ قارىغان، ئىمام بۇخارى باشقا يات مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ ئورنىدا روزىسىنى تۇتۇپ قويسىمۇ بولىدۇ دېگەن. qzA`d5rX  
  TGU:(J'^  
شۇنداقلا ئىنسان ئۆزى پەرز ھەج قىلىپ بولغان بولسا، باشقا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئورنىدا قىلالمىغان پەرز ھەجلىرىنى ئىش ھەققى ئالماستىن قىلىپ قويسا بولىدۇ. &?.n2+T+=  
  Deg!<[Nw  
ئۇلارغا يەنە ۋەسىيەتلىرىنى ئورۇنداش، دۇئا قىلىش، ئىستىغپار ئېيتىش، ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك سىلە    -رەھىمنى قىلىش، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش بىلەن ياخشىلىق قىلسىڭىز بولىدۇ. C:`;d&d  
  U|gpCy  
  #6Jc}g< ?g  
  d/3J' (cq  
ناماز ئوقۇمايدىغان كىشى روزا تۇتسا مەقبۇل بولامدۇ؟ lnS(&`oh\=  
  |%z ^N*  
شەكسىزكى مۇسۇلمان كىشى ئىسلام پەرز قىلغان ناماز، روزا، زاكات ۋە ھەج قاتارلىق ئىبادەتلەرنى ئۆزرىسىز قىلماي قالسا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئىبادەتلەر ئىسلامنىڭ ئاساسلىرىدۇر، قىلماسلىققا ئۆزرىسى يوق تۇرۇپ بۇ پەرزلەرنىڭ بىرىنى بولۇپمۇ ناماز بىلەن زاكاتنى قىلمىغان كىشىنى بەزى ئالىملار پاسىق دېسە بەزى ئالىملار كاپىر دەپمۇ ھۆكۈم قىلغان، ناماز بولسا ئىسلامدىكى ئەڭ مۇھىم پەرز، نامازغا سەل قاراپ ھۇرۇنلۇق قىلىپ ئوقۇمىغان كىشى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە تانمىغان ھالەتتە بولسا ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئورتىھال قاراشقا ئاساسەن پاسىق ھېسابلىنىپ ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا دۇچار قىلغان بولىدۇ. WRW WskP  
  ~q)u(W C|  
ناماز ئوقۇمىغان كىشىنى بەزى ئالىملار كاپىر دەپ قارىغاچقا ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇنىڭ تۇتقان روزىسى پايدىسىز ۋە مەقبۇل ئەمەس. Ck\7F?S  
  {_?rh,9q  
ئەمما كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا ئۇنىڭ ئىخلاس بىلەن تۇتقان روزىسى توغرا ۋە مەقبۇل بولىدۇ، چۈنكى ناماز قاتارلىق يۇقىرىقى بەش پەرزنىڭ ھەر بىرى ئۆز ئالدىغا ئايرىم مۇستەقىل پەرز بولۇپ كىمكى ئۇلارنىڭ ھىچبىرىنى ئادا قىلمىسا ئۇنىڭ ئىمانى قۇرۇق دەۋادىن باشقا نەرسە ئەمەس، كىمكى ئۇنىڭ بىرىنى قىلىپ بىرىنى قىلمىسا قىلمىغىنىغا چاغلىق ئىسلام ئاساسىنى تىكلىمىگەن بولىدۇ، قىلغان پەرز بىلەن بۇرچىنى ئادا قىلغان بولىدۇ، لېكىن بىرىنى قىلىپ بىرىنى قىلمىغان ئەھۋالدا ئىمانى ئاجىز، سۇس ۋە دىيانىتى كەمتۈك بولغان بولىدۇ.  MJ`N,E[  
  +TK3{5`!Ae  
ناماز روزىغا قارىغاندا بەكراق ئەھمىيەتلىك بولغاچقا، ناماز ئوقۇماي روزا تۇتقان كىشى ئەڭ مۇھىم ئىبادەتنى تاشلاپ قويۇپ ئۇنىڭدىن تۆۋەنرەك ئىبادەتنى قىلغان بولىدۇ، بۇنداق كىشىلەر كۆپىنچە جەمئىيەتتە روزا تۇتۇش مىللىي ئادەت بولۇپ قالغاچقا روزا تۇتىدۇ، ئاللاھقا ئىخلاس قىلىپ روزا تۇتىدىغان كىشى ئەلۋەتتە روزىدىن مۇھىمراق بولغان نامازنىمۇ ئوقۇيدۇ، ئەمما روزا بىلەن نامازنىڭ ئەھمىيەت جەھەتتە پەرقىنى بىلمەي ئىسلام كۆرسەتمىلىرىدىن تولۇق خەۋەردار بولالمىغان كىشى ئۈچۈن ئېيتقاندا، روزىنى ئىخلاس بىلەن تۇتسا ئاللاھ قوبۇل قىلىدۇ، ئۇنداق كىشىلەرگە نامازنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈش كېرەك. "wAf. =F  
  `s|]"'rX  
ھەرھالدا ئاللاھ تائالا كىشىنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ، قانچىلىك ياخشى ئەمەل قىلغان بولسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك ئەجىر ۋە ساۋاب بېرىدۇ، ئادا قىلمىغان پەرزلەر ئۈچۈن گۇناھكار بولىدۇ، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ((چوڭ-كىچىك بارلىق ئىشلار خاتىرىلەنگەندۇر))     قەمەر سۈرىسى 53-ئايەت. ((كىمكى زەررىچىلىك ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى كۆرىدۇ، كىمكى زەررىچىلىك يامان ئىش قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ)) زەلزەلە سۈرىسى 7-8-ئايەتلەر. `:e U.  
  9T7e\<8"vC  
بۇ يەردە رامزاندا ناماز ئوقۇماي روزا تۇتىدىغانلار ياكى باشقا چاغدا يىل بويى ناماز ئوقۇماي پەقەت رامزاندىلا روزا تۇتۇپ ناماز ئوقۇيدىغانلارغا شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، ناماز دېگەن ھەر بىر ئەقلى ھۇشى جايىدا مۇسۇلمانغا بالاغەتكە يەتكەن كۈندىن تارتىپ ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا بارغانغا قەدەر ئادا قىلىشى كېرەك بولغان، كېسەل ياكى قورقۇنچ ھالىتىدە ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسۇن ھېچقاچان ئۇنىڭدىن ساقىت بولمايدىغان، قىيامەت كۈنى ئەڭ بۇرۇن ھېسابى سورىلىدىغان ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك پەرزدۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئاننىڭ كۆپلىگەن ئايەتلىرىدە ئۇنىڭغا بۇيرىغان، ناماز ئوقۇش بىلەن ئاللاھنى ياد ئېتىشنى، نامازنىڭ نۇرغۇن سەت ئىشلاردىن توسۇپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن، شۇنداقلا ئۇنى ۋاقتىدا ئاللاھنىڭ بەيتى بولغان مەسجىدتە جامائەت بىلەن ئادا قىلىشنى تاپىلىغان. شۇڭا مۇسۇلمان كىشى ئاللاھقا ئىشەنگەن ئىكەن ئاللاھنىڭ بۇيرىغان بارلىق پەرزلىرىنى تولۇق ئادا قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا قۇللۇق قىلىشى كېرەك. \8S ~c8Z~  
  0V$k7H$Z  
  b&#DnZcf  
  R\mR$\cS  
رامىزان كۈندۈزدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن كىشى قانداق قىلىشى كېرەك؟ /ASaB  
  :O-iykXyI  
رامزاندا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ئەر كىشى بۇ ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ قەستەن قىلغان بولسا ئىسلام ئېغىر ئالىدىغان بىر ئاسىيلىقنى قىلغان بولىدۇ، چۈنكى رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش ئىسلامنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى بولۇپ، جانابى ئاللاھ ئۆزرىسى يوق مۇسۇلماننى بۇ ئايدا روزا تۇتۇشقا بۇيرىغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئايدا روزا تۇتمىغان ياكى روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن مۇسۇلماننى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: ((رۇخسەت ياكى كېسەلسىز رامىزان ئېيىدا بىر كۈن روزا تۇتمىغان(ياكى روزىسىنى بۇزۇۋەتكەن) ئادەم ئۆمۈر بويى روزا تۇتسىمۇ ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايدۇ)) ئىمام تىرمىزى ۋە ئەبۇ داۋۇدلار سۈنەنلىرىدە رىۋايەت قىلغان. >&,[H:Z  
  `'I{U5;e  
بۇ ئىش بىلەن ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلىدۇ، ئۇنداق بولىدىكەن ئۇنىڭ ئورنىغا رامزاندىن باشقا چاغدا بىر كۈن قازا روزا تۇتۇشى كېرەك، بۇ كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى، ئىمام شافىئىيدىن ئىككى خىل قاراش رىۋايەت قىلىنغان بولۇپ بىر خىلى كۆپچىلىكنىڭكىگە ئوخشاش، يەنە بىر خىل رىۋايەتتە ئۇ قازا قىلىشى كېرەك ئەمەس دەپ قارىغان،  لېكىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رامىزان ئېيى كۈندۈزدە ئايالى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ئەئرابىيغا: ((ئۇنىڭ ئورنىغا بىر كۈن تۇتقىن)) دېگەن سۆزى ئىمام شافىئىينىڭ بۇ قارىشىغا رەددىيە بولالايدۇ. بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايەت قىلغان. R=Zn -q  
  kDvc",SD#  
يەنە قازا قىلىش بىلەن بىللە كاپپارەت بېرىشى لازىم بولىدۇ، ھەزرىتى ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلغان ھەدىستە كېلىشىچە بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كېلىپ: ھالاك بولدۇم دېگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ((ساڭا نېمە بولدى؟)) دەپ سورىغان، ئۇ: مەن روزا تۇتقان ھالەتتە ئايالىم بىلەن بىللە بولۇپ قالدىم دېگەن. بۇنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: ((ئازات قىلىدىغان قۇل تاپالامسەن؟))  دەپ سورىغان، ئۇ: ياق دېگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ((ئارقا-ئارقىدىن ئىككى ئاي روزا تۇتالامسەن؟)) دەپ سورىغاندا ئۇ: ياق دېگەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ((ئاتمىش مىسكىننى غىزالاندۇرالامسەن؟)) دەپ سورىغاندا ئۇ: ياق دېگەن، بىر مۇددەتتىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا بىرخالتا (تەخمىنەن 40-50 كىلو ئەتراپىدا) خورما بېرىپ ئۇنى سەدىقە قىلىشقا بۇيرۇدى، ئۇ كىشى: ئى رەسۇلۇللاھ ئونى مەندىنمۇ پەقىر بىرسىگە سەدىقە قىلامدىمەن، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، پۈتۈن مەدىنىدە مېنىڭ ئائىلەمدىن پەقىررەك بىر ئائىلە يوق دېدى، بۇنى ئاڭلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام چىشلىرى كۆرۈنگەنگە قەدەر كۈلدى، ئاندىن ئۇنىڭغا: ((ئۇنى ئائىلەڭگە يېگۈزگىن))دېدى. ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. \1"'E@+  
  q  h/F  
بەزىبىر تابىئىي ئالىملار كاپپارەت كەلمەيدۇ، دېگەن بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ سەھىھ ھەدىسىگە ئاساسەن كاپپارەت كېلىدۇ، دېگەن كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى ھېساب. ({r*=wAP  
  54lu2gD'  
ئەر-ئايال ئىككەيلەنگە بىر كاپپارەت كېلەمدۇ ياكى ھەر بىرىگە ئايرىم-ئايرىم كاپپارەت كېلەمدۇ؟ W%<LTWOc  
  j#r6b]k(Hv  
كۆپچىلىك ئالىملار ھەر بىرىگە ئايرىم-ئايرىم كاپپارەت كېلىدۇ، دەپ قارىغان، ئىمام شافىئىي ئايالغا كاپپارەت كەلمەيدۇ پەقەت قازاسىنى قىلىشلا ۋاجىب بولىدۇ دەپ قارىغان بولۇپ ئىمام ئەھھمەدتىنمۇ بۇ قاراش رىۋايەت قىلىنغان، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سوراپ كەلگەن ئەئرابىيغا بىر كاپپارەتلا بۇيرىغان، ئايالىغا كاپپارەت بۇيرۇمىغان. ئەگەر ئايالىغىمۇ كاپپارەت ۋاجىب بولغان بولسا ئەلۋەتتە بۇيرىغان بولاتتى دەپ دەلىل كۆرسەتكەن. f() FY<b  
  %^sTU4D5  
بۇ ھەدىسكە ئاساسەن كاپپارەتنىڭ تەرتىپى تۆۋەندىكىچە: **9x?s  
  OsBo+fwT  
1-  بىر قۇل ئازات قىلىش، ھازىرقى دەۋرىمىزدە بۇ ئىش يوق. &'cL%.  
  Z^ }mp@j>  
2- قۇل ئازات قىلالمىغان كىشى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى كېرەك، بۇ ئىككى ئاينى ئۈزۈپ قويماسلىقى ھەتتا بىر ياكى ئىككى كۈن قالغاندا ئۈزۈۋەتسە يەنە يېڭىدىن باشلىشى كېرەك بولىدۇ. ھېيت كۈنى ئۇدۇل كېلىپ قالسىمۇ ئۈزۈپ قويماي تۇتۇشى كېرەك بولىدۇ. بەزىلەر ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى تۇتماي ئاتلاپ كەتسە ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، دەپ قارايدۇ. S$KFf=0  
  R1Sy9x .  
3-  كېسەللىك ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن ئارقا-ئارقىدىن ئىككى ئاي روزا تۇتالمىغان كىشى ئاتمىش مىسكىننى غىزالاندۇرۇشى كېرەك. ھەر بىرىگە ئورتىھال ئىككى ۋاخ غىزالاندۇرسىمۇ بولىدۇ، ياكى بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا بىر مىسكىننى 60 كۈن غىزالاندۇرسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ قىممىتىنى بەرسىمۇ بولىدۇ. لېكىن 60 مىسكىننى غىزالاندۇرۇش ئەۋزەل. g^*<f8 ~d  
  )`^p%k  
  x.Q&$#  
يۇقىرىقى كاپپارەت تەرتىپىنى بەزى ھەدىسلەردە شۇ تەرتىپ بويىچە كەلگەنلىكى ئۈچۈن بەزى ئالىملار بىرىنچىسىنى قىلالمىغان كىشى ئاندىن ئىككىنچىسىنى قىلسا، ئىككىنچىسىنى قىلالمىغان كىشى ئۈچىنچىسىنى قىلسا بولىدۇ. ھەممىنى قىلالايدىغان تۇرۇپ خالىغان بىرىنى تاللاپ قىلسا بولمايدۇ دەپ قارىغان، بەزى ئالىملار خالىغان بىرىنى قىلسا بولاۋېرىدۇ دەپمۇ قارىغان. Gy=B&boZ  
  X,9 M"E2  
بىرنەچچە قېتىم رامزاندا روزا تۇتقان ھالدا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىپ روزىنى بۇزۇۋەتكەن بولسا، ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى ئۇنىڭغا بىرلا كاپپارەت كېلىدۇ دەپ قارىغان، باشقا ئالىملار ھەر بىر قېتىمغا ئايرىم كاپپارەت كېلىدۇ دەپ قارىغان.  XL7h}  
  (O0Urm  
ئەمما بىر كىشى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ تۇرۇپ روزا تۇتقان بولسا، بۇ روزىنى جىنسىي مۇناسىۋەت ياكى يېمەك-ئىچمەك بىلەن بۇزۇۋەتكەن بولسا، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا ئۇنىڭغا كاپپارەت كەلمەيدۇ، ئۇ پەقەتلا كېيىن قازاسىنى تۇتۇۋالسا بولىدۇ، يەنە بىر قىسىم ئالىملارنىڭ قارىشىدا كاپپارەت كېلىدۇ. 3fN.bU9_  
  @&[T _l  
لېكىن جىنسىي مۇناسىۋەتتىن باشقا سۆيۈش ۋە تۇتۇش قاتارلىق ئىشلار ياش ۋە يېڭى توي قىلغانلار ياكى ياشانغان بولسىمۇ ئۆزىنى تۇتالمايدىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن مەكروھ بولىدۇ، ئۆزىنى تۇتالايدىغانلارغا نىسبەتەن مۇباھ بولىدۇ، ((پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ روزا تۇتقان ھالەتتە ئاياللىرىنى سۆيەتتى ۋە قۇچاقلايتتى)). ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. Ef<b~E@  
  ^MBm==heL  
ئەمما سۆيۈش ۋە قۇچاقلاشنىڭ ئاخىرى جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن ياكى مەنى چىقىش بىلەن ئاخىرلاشسا، چاتاق چىقىدۇ. شۇڭا ئۆزىنى تۇتالمايدىغان ياكى يېڭى توي قىلغانلار مۇمكىن قەدەر رامىزان كۈندۈزىدە سۆيۈش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك، بولمىسا بۇ ئىشلار ئاخىرى جىنسىي مۇناسىۋەتكە ئېلىپ بارىدۇ-دە قازا بىلەن كاپپارەت قىلىش ۋاجىب بولۇپ قالىدۇ. لېكىن بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەي سۆيۈش ۋە قۇچاقلاش قاتارلىق ئىشلار ئارقىلىق مەنىي چىقىپ كەتكەن بولسا، قازاسىنىلا قىلىدۇ، كاپپارەت كەلمەيدۇ، چۈنكى بۇ ئىشلاردا كاپپارەت بېرىش كۆرسىتىلمىگەندۇر. *L!!]Q2c  
  HF3f)}l$  
تاڭ ئېتىپ بولغاندىن كېيىن تاڭ ئاتمىدى دەپ ئويلاپ قېلىپ ياكى كۈن پاتماستىن كۈن پاتتى دەپ ئويلاپ قېلىپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان بولسا، كېيىن ئۆزىنىڭ خاتا ئويلىغانلىقىنى بىلسە كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشىدا ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىشى كېرەك بولىدۇ. %#$EP7"J  
  q%ow/!\;  
بىر قىسىم ئالىملار ئۇنىڭ روزىسى بۇزۇلمايدۇ، قازا قىلىشىمۇ كېرەك ئەمەس دەپ قارايدۇ، بۇلار جانابى ئاللاھنىڭ: ((خاتالاشقىنىڭلاردا سىلەرگە گۇناھ يوق، لېكىن قەستەن قىلغان بولساڭلار گۇناھ بار، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر)) (ئەھزاب سۈرىسى 5-ئايەتنىڭ بىر قىسمى) يەنە : ((ئاللاھ سىلەرنى سەھۋەنلىك بىلەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتمايدۇ، لېكىن قەستەن قىلغان قەسىمىڭلار ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدۇ)) (مائىدە سۈرىسى 89-ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەن ئايەتلىرىگە. يەنە ئىمام ئىبنى ماجە قاتارلىق مۇھەددىسلەر رىۋايەت قىلغان: ((ئاللاھ تائالا ئۈممىتمدىن خاتالىشىپ، ئۇنتۇپ قېلىپ ۋە مەجبۇرلىنىپ قىلغان ئىشلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكەن)) دېگەن ھەدىسىگە تايانغان. s: 3z'4oX  
  M,ir`"s  
رامىزانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغان ياكى جىنسىي مۇناسىۋەتكە زورلانغان كىشىگە نىسبەتەن ئىمام ئەبۇ ھەنىيفە رەھمەتۇللاھى ئەلەيھى قازا قىلسىلا بولىدۇ، كاپپارەت بېرىشى كېرەك ئەمەس دەپ قارىغان، كۆپچىلىك ئالىملار ئۇنتۇپ قېلىپ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن بولسا، قازا قىلىشمۇ كاپپارەت بېرىشمۇ كېرەك ئەمەس دەپ قارىغان، يەنە بىر قىسىم ئالىملار قازا بىلەن كاپپارەت ۋاجىب بولىدۇ، دەپ قارىغان. ['ksP-=  
  7#wn<HDY%  
بۇ قاراشلارنىڭ قايسىسىغا ئاساسەن ئەمەل قىلسا بولىدۇ، شۇنداقلا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىۋاتقاندا ئەزان چىقىپ ياكى تاڭ ئېتىپ قالسا دەرھال مۇناسىۋەتنى توختۇتۇش كېرەك    .     بولمىسا كۈندۈزدە جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ھېسابقا كىرىدۇ-دە قازا بىلەن كاپپارەت ۋاجىب بولىدۇ. bO<CR  
  /<rt1&0  
  \%p34K\  
  +&["HoKg}&  
ياشانغانلار، كېسەللەر، ھامىلىدار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار روزا تۇتمىسىمۇ بولامدۇ؟ Dr6A ,3B  
  ]~\sA  
1. كېسەل: جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ((كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولسا باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ)) بەقەرە سۈرىسى 185-ئايەتنىڭ بىر قىسمى. 1@lJonlF  
  (#;`"Yu  
بۇ ئايەتكە ئاساسەن كېسەل كىشى رامزاندا پەرز روزىنى تۇتمىسىمۇ بولىدۇ، بارلىق ئالىملار بۇنىڭغا بىرلىككە كەلگەن. a/< Csad  
  ;m2<eS`o'  
لېكىن ئايەت بۇ كەڭچىلىكنىڭ قانداق دەرىجىدىكى كېسەلگە بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلمىغان، بەزى ئالىملار قانداق كېسەل بولسا رۇخسەت دائىرىسىگە كىرىدۇ دەپ قارىغان بولسىمۇ، كۆپچىلىك ئالىملىرىمىزنىڭ بايان قىلىشىچە رامزاندا روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ دەپ رۇخسەت قىلىنىدىغان كېسەلنىڭ ئۆلچىمى شۇكى، روزا تۇتۇش بىلەن كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدىغان، ياكى ساقىيىشى كېچىكىدىغان، ياكى قاتتىق قىينىلىپ قالىدىغان، ياكى تۇرمۇشىنى قامدايدىغان كەسپىنى قىلالماي قېلىپ ماددىي قىينىلىپ قالىدىغان كېسەللەر بولۇپ بۇلار رامزاندا روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ.  ;vb8G$  
  Dnc<sd;  
چۈنكى كېسەللىكلەر ئوخشاش بولمايدۇ، بەزى بارماق ئاغرىقى ياكى كىچىككىنە يارىدەك كېسەللىكلەر روزا تۇتۇش بىلەن تەسىرلەنمەيدۇ، يەنە ئىچى سۈرۈپ كېتىش ۋە ئاشقازان كېسەللىكلىرىگە ئوخشاش بەزى كېسەللىكلەرگە روزا تۇتۇش پايدا قىلغاچقا دوختۇر ئۇلارغا روزا تۇتۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇنداق كېسەللىكلەر ئۈچۈن روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، چۈنكى بۇنداق كېسەللىكلەرگە روزا تۇتۇش زىيان قىلماستىن بەلكى پايدا قىلىدۇ. Sv;_HZ  
  n k2om$nN  
روزا تۇتۇشتىن زىيان ۋە زەرەر كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىكلەرگە بارلىق ئالىملارنىڭ بىردەك ئىتتىپاقى بىلەن رۇخسەت قىلىنىدۇ، شۇنداقلا روزا تۇتسا كېسەل بولۇپ قالىدىغان ساق كىشىلەرگىمۇ كېسەلگە ئوخشاش روزا تۇتماسلىق رۇخسىتى بار، بۇنىڭغا بەزى ئالىملار رۇخسەت قىلغان، جانابى ئاللاھ دېدى: ((ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر)) نىسا سۈرىسى 29-ئايەتنىڭ بىر قىسمى. ھەتتا بەزىلەر روزا تۇتسا ئېغىر كېسەل بولىدىغان ياكى ئۆلىدىغان بولسا، روزا تۇتۇشى ھارام بولىدۇ دېگەن، يەنە بەزىلەر ئۇنداق ئەھۋالدا روزا تۇتۇشى مەكروھ دېگەن. pZU9^Z?~6  
  ]#.]/f>-  
روزىنىڭ پايدا قىلىش ياكى زىيان قىلىشىنى دوختۇر بەلگىلەيدۇ، ياكى كېسەل ئۆزىنىڭ تەجرىبىسى ۋە ھېس قىلىشى بىلەن بىلىدۇ. :EHJ\+kejX  
  " ZX3sfkh  
بىر كىشىگە ئىشەنچلىك دوختۇر روزا تۇتسىڭىز سىزگە زىيانلىق دېگەن بولسىمۇ بۇنىڭغا قارىماي روزا تۇتۇۋالسا، روزىسى توغرا بولىدۇ، لېكىن جانابى ئاللاھنىڭ كەڭچىلىكىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن يامان كۆرۈلىدىغان ئىشنى قىلغان بولىدۇ، ئەگەر روزا تۇتىشىدىن ھەقىقىي ئېغىر زەرەر كېلىپ چىقىپ كېسىلى تېخىمۇ يامان بولۇپ كېتىدىغانلىقى ئېنىق تۇرۇپ يەنىلا روزا تۇتىمەن دەپ كاجلىق قىلسا، بۇنداق قىلىشى ھارام بولىدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئۇنى ئۆزىنى ئازابلاشتىن ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشتىن توسقان: ((ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر)) نىسا سۈرىسى 29-ئايەتنىڭ بىر قىسمى. جانابى ئاللاھ ئۇنىڭ ئۆزىنى قىيناپ ئازابلىشىغا مۇھتاج ئەمەس. e]Zngt?b  
  X<R?uI?L  
يۇقىرىدا كېسەل كىشى رامزاندا روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ دېدۇق، روزا تۇتمىسا نېمە  قىلىشى كېرەك؟ كېيىن ئۇنىڭ قازاسىنى قىلامدۇ ياكى فىديە تۆلەپ باشقىلارنى غىزالاندۇرامدۇ؟ ^V %rag  
  G/v/+oX  
كېسەل ئىككى خىل بولىدۇ: D/=5tOy  
  7$rjlVe  
 بىرىنچىسى: ۋاقىتلىق كېسەل، بەزىدە كىشى ئۇشتۇمتۇت كېسەل بولۇپ قېلىپ بىر مۇددەت داۋالانغاندىن كېيىن ساقىيىپ كېتىدۇ، بۇنداق ساقىيىپ كېتىدىغان ھەمدە داۋالىغىلى بولىدىغان كېسەللەر ساقايغاندىن كېيىن رامزاندا تۇتالمىغان روزىلىرىنىڭ ئورنىغا باشقا كۈنلەردە روزا تۇتۇشى كېرەك. ئاللاھ تائالا: ((باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن)) دەپ بۇيرىغان، بۇنىڭغا ئاساسەن پۈتۈن رامىزاننى بىر ئاي تۇتالمىغان بولسا، كېيىن بىر ئاي قازاسىنى تۇتىدۇ، 10 كۈن تۇتالمىغان بولسا 10 كۈن قازاسىنى تۇتىدۇ. 1 كۈن تۇتالمىغان بولسا 1 كۈن قازاسىنى تۇتىدۇ. CB&iI'  
  ^'jEnN(  
ئىككىنچىسى: ساقايماس كېسەل، ساقىيىشىدىن ئۈمىد يوق داۋاملىق كېسەل يېتىپ كېتىدىغان، داۋاملىق دورا ئىستىمال قىلىپ تۇرىدىغان كىشىلەر ياشانغان كىشىلەرگە ئوخشاشلا روزا تۇتمايدۇ ھەم قازاسىنىمۇ قىلمايدۇ، پەقەتلا تۇتالمىغان ھەر بىر كۈن ئۈچۈن بىر پەقىر بىچارىنىڭ قورسىقىنى ئورتاھال 2 ۋاخ تاماق بىلەن تويغۇزىدۇ، ياكى بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىدا قورسىقىنى تويغۇزغىدەك نەخ پۇلنى بەرسىمۇ بولىدۇ، كۆپرەك بەرسە تېخىمۇ ياخشى. "6a8s;  
  6DZ),F,M  
ئەگەر بىر كىشى ساق ھالەتتە روزا تۇتۇپ بولغاندىن كېيىن شۇ كۈنى كۈندۈزدە ئۇشتۇمتۇت كېسەل بولۇپ قالسا ،روزىسىنى بۇزۇۋەتسە بولىدۇ، بۇزغانغا كاپپارەت كەلمەيدۇ، كېيىن ساقايغاندا قازاسىنى قىلسا بولىدۇ، ساقايماس كېسەل بولۇپ قالغان بولسا، شۇ كۈن ئۈچۈن بىر مىسكىن بىچارىنى تويغۇزسا بولىدۇ. +`uY]Q ,O  
  qT/Do?Y  
2. ياشانغان كىشىلەر: روزا تۇتسا قىينىلىدىغان ياشانغان كىشىلەر روزا تۇتماي ھەربىر كۈن ئۈچۈن بىر بىچارە قورسىقىنى تويغۇزسا بولىدۇ، ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: ((ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، قىيىنچىلىقنى خالىمايدۇ)) بەقەرە 185-ئايەتنىڭ بىر قىسمى، يەنە ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: ((ياشانغان قېرى كىشىگە روزا تۇتماسلىققا رۇخسەت قىلىندى، ئۇ ھەربىر كۈننىڭ ئورنىغا بىر مىسكىننى غىزالاندۇرىدۇ، قازاسىنى قىلمايدۇ)) ئىمام دارىقۇتنى ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلىپ سەھىھ دېگەن. ip~$X 2  
  AfC>Q!-w  
يەنە ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلىشىچە ھەزرىتى ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: "جانابى ئاللاھنىڭ ((روزىنى تەسلىكتە ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر ھەر بىر كۈنگە بىر مىسكىنگە تويغۇدەك فىديە بېرىشى لازىم، كىمكى فىديىنى ئارتۇق بەرسە بۇ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر)) (بەقەرە سۈرىسى 184-ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دېگەن سۆزى ياشانغان قېرى كىشىلەر ۋە شۇلارغا ئوخشىغان كىشىلەر ھەققىدە چۈشكەن". OTZ_c1"K  
  Tg3!Rq55  
 يېقىنقى ۋە ھازىرقى ئەسىرىمىزدىكى- مۇھەممەد ئەبدۇھ رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىدەك- بەزى ئالىملار داۋاملىق (مەسىلەن ئىسسىق ھاۋادا كۆمۈر كانلىرىدا، ياكى تونۇر ئالدىدا ئىشلەيدىغانلاردەك) ئېغىر ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلىدىغان، ئۇ ئىشتىن باشقا تىرىكچىلىك قىلالمايدىغان نامرات ئىشچىلارنى ياشانغان كىشىلەرگە ۋە داۋاملىق كېسەل ياتىدىغان كىشىلەرگە قىياس قىلغان ۋە ئۇلار روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارىغان. VGqa)ri"  
  W9oAjO NE  
3. ھامىلىدار بىلەن بالا ئېمىتىدىغان ئايال: Dr;iQkGP  
  [ $fJRR  
ھامىلىدار ئايال بىلەن بالا ئېمىتىدىغان ئايالغا كەلسەك ھەدىستە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلگەن: ((ئاللاھ تائالا مۇساپىرغا روزا تۇتماسلىق ۋە نامازنى قەسىر قىلىپ قىسقارتىپ ئوقۇش رۇخسىتىنى بەرگەن، ھامىلىدار ۋە ئېمىتىدىغان ئايالغا روزا تۇتماسلىق رۇخسىتىنى بەرگەن)) ئىمام ئەھمەد ۋە باشقا بەش سۈنەن كىتابلىرىدا رىۋايەت قىلىنغان. يەنە بۇ ھەقتە ھەزرىتى ئىبنى ئابباس ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالاردىن رىۋايەت قىلىنغان سۆزلەر بار. يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن بارلىق ئالىملار ئۇلار قىينالسا روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارىغان. 8j1ekv  
  AOrHU M[I  
لېكىن روزا تۇتۇش سەۋەبىدىن قورساقتىكى ياكى ئېمىۋاتقان بالىنىڭ ئاغرىپ قېلىشى ياكى ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ ئاغرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن تەقدىردە كۆپىنچە ئالىملار ئۇلار روزا تۇتماي باشقا چاغدا ئورنىغا قازاسىنى قىلىۋالسا بولىدۇ دەپ قارىغان. j8 C8X$  
  fE,9zUo  
ئەمما قورساقتىكى ياكى ئېمىۋاتقان بالىنىڭ ئاغرىپ قېلىشى ياكى ئۆلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن تەقدىردە بەزى ئالىملار ھەر بىر كۈن ئۈچۈن بىر بىچارىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزسا بولىدۇ ،قازاسىنى قىلمايدۇ، دەپ قارىغان، كۆپچىلىك ئالىملار قازاسىنىلا قىلىدۇ دەپ قارىغان، يەنە بەزىلەر ھەم بىچارىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزىدۇ ھەم قازاسىنى قىلىدۇ دېگەن، يەنە بەزى ئالىملار ھېچقايسىسىنى قىلمايدۇ دېگەن، كىشى بۇ قاراشلارنىڭ قايسىسىنى ئۆز ئەھۋالىغا مۇناسىپ كۆرسە ياكى شۇ كىشىگە قايسى قاراش قولاي بولسا، شۇنى قىلسا بولىدۇ، مەسىلەن بەزى ئاياللار كېيىن قازاسىنى قىلىدىغان پۇرسەت تاپالايدۇ، بۇلار بىچارىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇپ كېيىن قازاسىنى قىلىۋەتسە ياخشى بولىدۇ، ئارقا -ئارقىدىن قورساق كۆتۈرۈپ بالا ئېمىتىدىغان ئاياللار قازا قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، شۇڭا بۇلار بىچارىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزسىلا بولىدۇ، نامرات كىشىلەر بىچارىنىڭ قورسىقىنى تويغۇزۇشنىڭ ئورنىغا ئۆزى قازاسىنى تۇتۇۋالسا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، قىيىنچىلىقنى خالىمايدۇ. nW?R"@Zm  
  $\AEWFB  
شۇنچە ئاسانلىقلارنى ئاتا قىلغان جانابى ئاللاھ ھەر بىر ئىنساننىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىدۇ، قىيامەت كۈنى ھەر بىر كىشى تاپشۇرۇلغان ئىبادەتلەردىن سورىلىدۇ، ھېساب بېرىدۇ، شۇڭا ھەر بىر كىشى ئاللاھدىن قورقۇپ يوقىلاڭ باھانە-سەۋەبلەر بىلەن پەرز ئىبادەتلەرنى قىلىشتىن قاچماسلىقى كېرەك، ئەمما ھەقىقىي ئۆزرە ۋە زۆرۈرىيەت بولسا، ئاللاھنىڭ كەڭچىلىكىنى قوبۇل قىلىپ كاجلىق قىلماسلىقى كېرەك. fRTo.u  
  z (c9,3  
  8cHE[I  
داۋامى بار.ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى /vE]2Io  

 
شىنجاڭ ئۇلىنىش تورى___www.xjulinix.net
pakkalip
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5155

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   918 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   21634 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2204 (قېتم)
 تۆھپە:   2164  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2637
 سائەت
دەرىجىسى:
2637 سائەت 113 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-10
ئاخــىرقىسى:2011-12-24
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2011-08-14

ئەجىرىڭىزنى ئاللاھ بەرسۇن قىرىندىشىم.
 
ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت!!!!!!!!
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى