ئالدىنقى تېماكېيىنكى تېما
بۇ تېما 528 قېتىم كۆرۈلدى
تېما : ئاياللار ئەرلەرگە دېسە قەتئىي بولمايدىغان ئالتە جۈملە سۆز !!!<دىلكەش>
دىلكەش
دەرىجە: شەرەپلىك ئەزا
UIDنومۇر: 6659
نادىر تېما: 0
يازما: 136
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە136دانە تىما ئەۋەتكەن
شۆھرىتى: 885 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 8846 يۈەن
تۆھپە: 885 قېتم
ياخشى باھا: 887 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 716(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:11دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:716 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:54 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:43 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:13 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-07-21
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-08-30
باش تىما  يوللىغان ۋاقىت: 2011-08-07 16:15
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

0
تېما:ئاياللار ئەرلەرگە دېسە قەتئىي بولمايدىغان ئالتە جۈملە سۆز !!!<دىلكەش>
يوللىغۇچى:dilkax0995 | يوللىغان ۋاقىت :2011-08-07 16:15 | كۆرۈلۈش قېتىم سانى:528

باشقۇرۇش ئەسكەرتمىسى: تېما باشقۇرغۇچى bayawan تەرپىدىن ئانا تۇپراق تەرجىمە گۇرپپىسى دىگەن سەھىپدىىن بۇ يەرگە يۆتكەپ كېلىندى.(2011-08-07)
كونىلاردا: « يېمەكلىكنى قالايمىقان يەپ قويسىمۇ،گەپنى قالايمىقان دەپ قويماسلىق كېرەك.» دەيدىغان سۆزلەر بار،ئەگەر يېمەكلىكنى خاتا ياكى قالايمىقان يەپ قويسا ئازراق دورا يېسە ياكى دوختۇرغا بارسا بولىدۇ،لېكىن گەپنى خاتا ياكى قالايمىقان دەپ قويىدىغان بولسا ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس،بەزىدە كاللا كېتىشى،بەزىدە يۈز-ئابرۇي بىراقلا يەربىلەن يەكسان بۆلىشى ھەتتا بەزىدە ئادەتتىكى بىر ئېغىز گەپ بىلەن باشقىلارغا بىر ئۆمۈرلۈك ئازاب ئوقۇبەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. *'hJ5{U  
مۇھەببەت ۋە نىكاھنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچۇرۇشى پەقەت خانىم-قىزلارغىلا تۈگىمەس قايغۇ ھەسرەت ئېلىپ كەلمەستىن،ئەرلەرگىمۇ ئېغىر دەرد ئەلەم ئېلىپ كېلىدۇ.بەزى خانىم - قىزلار ئەرلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتىدىن ئۇلارنىڭ ئازابلانغان،قايغۇرغان ھالىتىنى ئاسانلىقچە بىلەلمەيدۇ. شۇڭا بەزىدە ئەرلەرمۇ « يۈرىكىم يىغلايدۇ » دەپ قويىدۇ. نۇرغۇنلار نىكاھتىن ئاجراشقاندا ياكى مۇھاببەتتە ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ ئايرىلىپ كەتمەكچى بولغاندا ناھايىتى سەت گەپلەرنى قىلىشىدۇ. لېكىن ھەر قانداق گەپنى ئېغىزىمدىن چىقتى دەپ دەۋەرسە بولامدۇ؟ ئېسىڭىزدە بولسۇن تۆۋەندىكى يەتتە جۈملە گەپنى ھەرگىز ئېغىزىڭىزدىن چىقىرىپ قالماڭ،بولمىسا دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئەرمۇ سىزگە بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىدۇ. x /E<@?*:  
1-جۈملە : سېنىڭ ماڭا بەرگۈدەك نېمەڭ بار ؟ }*s`R;B|,  
ئادەملەرنىڭ ماددىي نەرسىلەرگە بولغان ئېھتىياجى كۈنسېرى ئۆسۈۋاتقان،مال باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە بەزى خانىم-قىزلىرىمىز مودا قوغلىشىش،جەمئىيەتكە ماسلىشىش ئۈچۈن بەزى ئارتۇقچە ماددىي نەرسىلەرنى ئېزىقتۇرۇشىدىن قۇتۇلالماي قېلىۋاتقان ئەھۋاللار مەۋجۇت. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ماددىي ئېھتىياجى قالدۇرۇلۇشقا ئېرىشەلمىگەن ۋاقىتتا، ھەمراھىدىن ئاغرىنىپ « سېنىڭ ماڭا بەرگۈدەك نېمەڭ بار ؟ باشقىلارغا بىر قاراپ باقساڭچۇ» دەپ سۆزلەپ قويىدىغان ۋاقىتلارمۇ بار. ئەگەر بۇ گەپنى دەپ قويسىڭىز ئۇ سىزگە بىر ئۆمۈر نەپرەتلىنىشى مۇمكىن،چۈنكى ئەرلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى،غۇرۇرى دەخلى-تەرىزسىزدۇر. /l1OC(hm  
2-جۈملە : سېنى تاللىغىنىم گۈلنى تېزەككە سانجىغاندەك ئىش بوپتۇ @p ZjJ<9QM  
بەلكىم بۇ جۈملە ئەرلەر ئۈچۈن بەك چوڭ ھاقارەت بولۇشى مۇمكىن،سىزنى بىرى سەن بىر پارچە كالا تېزىكى دېسە ئاچچىقىڭىز كېلەمدۇ؟ غەزەپتىن يېرىلىپ كەتكۈدەك بولامسىز؟ ئەگەر ئۆزىڭىزنى چىرايلىق گۈل دەپ ئويلاپ قارشى تەرەپنى تېزەككە ئوخشىتىپ رەنجىگەن بولسىڭىز خاتالاشقان بولسىڭىز،چۈنكى ھازىر مۇنداق بىر ئېغىز گەپ مودا : « گۈللەرنى تېزەككە سانجىغاندىلا ئاندىن قۇۋۋەت تېپىپ تېخىمۇ چىرايلىق ئېچىلىدۇ .» W!t=9i  
3-جۈملە : سەن ئەر كىشى ئەمەسكەنسەن g0ks[ }f-  
«سەن ئەر كىشى ئەمەس» دېيىش بىلەن « سەن ئايال كىشى ئەمەس» دېيىش تەڭ دەرىجىدە،ھەر ئىككىلىسى ناھايىتى كۈچلۈك مەسخىرىگە تولغان. ئەرلەرنىڭ غۇرۇرى بەك كۈچلۈك بولىدۇ.شۇڭا ئالدىراپ بۇ گەپنى قىلماسلىق لازىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئەركىشى بولمىسا ئۇنداقتا ئۇ زادى نېمە؟ سىز شۇنداق ئەر كىشى ئەمەس بىر نېمە بىلەن توي قىلغان ياكى ئارىلاشقانما؟ ئەگەر مۇنداق دېگىنىڭىز باشقىلار ئاڭلاپ قالسا ئەركىشى ئەمەس ئۆزىڭىزلا مەسخىرىگە قالىسىز،باشقىلار سىزنى ئەركەكلەردەك ئەرنى تاپالماي،شۇنچىلىك ئادەم تېپىپتۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ. LY;Fjb yU  
4-جۈملە : ئاپاڭ ياكى ئاتاڭ ئادەم ئەمەسكەن s>*xAIx  
قېينانا كېلىن مۇناسىۋەتنى ئەر-ئايالنىڭ نىكاھىنىڭ مۇھىم ھالقىلىرىدىن بىرى.ئەگەر سىز قېينانىڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇپ ،ئۇنى ياخشى كۈتەلىسىڭىز ،ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىڭىز ياخشى بولسا كېيىنكى تۇرمۇشىڭىز خاتىرجەم،ئازادە ئۆتىدۇ. ئەكسىچە بولسا بەلكىم ئۇزاققا بارالمايسىلەر ياكى نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرايسىز. مۇشۇنداق مۇناسىۋەت ياخشى بولمىغان،قېينانا تەرەپتىن خاتالىق ئۆتكەندە،سىز ئالدىراپ ئاچچىقىڭىزغا پايلىماي جۈپتىڭىزنىڭ ئاپىسىنى شۇنداق سەتلەپ سالسىڭىز ئۆزىڭىزمۇ ئۇقمايلا بىرەر تەستەك ياكى بىرەر مۇش يەپ كېتىسىز،چۈنكى ئاجراشسا يەنە توي قىلسا بولىدۇ،لېكىن ئاتا-ئانىنى ئالماشتۇرغىلى بولمايدۇ. CorV!H4  
5-جۈملە : سەن ھېچ نەرسە ئەمەس YS:p(jtd  
سىزنىڭ ھەرقانچە كارامىتىڭىز، ياخشى خىزمىتىڭىز،باي ۋە قولى ئوچۇق ئاتا-ئانىڭىز... بولسىمۇ سىز بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان ئۇ كىشىنى مۇنداق دەپ ھاقارەتلىسىڭىز بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق بولسا سىز «ھېچنېمىنىڭ» بىرنېمىسى بولۇپ قالمامسىز. ئەگەر شۇنداق دېسىڭىز بەزى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرى كۈچلۈك ئەرلەر سىزدىن ئۆچ ئېلىشى،سىزنى چەكسىز ئازابلارغا مەھكۇم قىلىشى مۇمكىن. YPWUncV  
6-جۈملە : سەن بىلەن بىرگە بولغىنىمنىڭ ئۆزى بىر كۈلكىلىك ئىش !2h ZtX  
مۇھەببەت ياكى نىكاھنى ئىككىڭلار ئۆز رازىلىقىڭلار بىلەن تاللىغان،ھېچكىم سىلەرنى مەجبۇرلىمىغان بولسا،ئەگەر سىزدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن كۆڭۈل قالمىغان بولسا،ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن بولسىڭىز چىرايلىق ئايرىلىپ كەتسەڭلار بولىدۇ،لېكىن ھەرقانداق مەقسەتتە ئىككىمىزنىڭ بىرگە بولۇشى ناھايىتى كۈلكىلىك بىر ئىش بوپتۇ دەپلا قويسىڭىز ئىشىڭىز چاتاق،چۈنكى ئەرلەر مۇنداق چاقچاقنى ھەرگىز كۆتۈرەلمەيدۇ. بۇ خۇددى ئۇنىڭ يۈرىكىگە پىچاق سانجىغاندەك ئىش.ئۇ سىزنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدۇ. h+ud[atk.  
0(*L)s,5  
مەنبە؛نوروم تورى


كۇڭۈل-كۈڭۈلنى تاپىدۇ،دىلكەش
كەلگەن جايى: چوققا
ئۈرۈمچى زەپەر خەۋەرلىشىش مەيدانى
پاك تۇغۇلۇپ،ئويقۇدا ياشاپ،گۇناھ بىلەن كېتىمىز!
دەرىجە: مەستانە ئەزا
UIDنومۇر: 1754
نادىر تېما: 0
يازما: 140
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە140دانە تىما ئەۋەتكەن
شۆھرىتى: 230 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 3880 يۈەن
تۆھپە: 199 قېتم
ياخشى باھا: 66 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 1671(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:17دەرىجە<br> توردىكى ۋاقتى:1671 سائەت<br>كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:29 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:339 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:16 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-09-28
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-08-17
تۇنجى ئىنكاس  يوللىغان ۋاقىت: 2011-08-10 15:47
ھەممىنى | خەت چوڭلىقى: كىچىك نورمال چوڭ

       ياخشى تېما يوللاپسىز،ئەجرىڭىزگە رەھمەت.


كەلگەن جايى: چوققا