ئانادۇر دۇنيادا ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان،
ئۇنىڭسىز يىزىلماس تۈمەنمىڭ داستان.
ئانىلار قەلبى ھەم گۈزەل-گۈلىستان،
ئانىلار بولغاچقا چۆللەردە بوستان.
>_j(uw?u ئانا مىھرى گوياكى ئللىق قۇياشتۇر،
تەبەسسۇمى گوياكى كۈلگەن باھاردۇر.
جان ئانا سىنى كۈيلەپ قاتسام قوشاققا ،
تائابەت ماڭا ھەم خوشاللىق ياردۇر.
I'xc$f_+ پەرزەنتلەر قەلبىدە ئانا چىرايلىق ،
پھرزەنتلەر قەلبىدە ئانا بىر ئۇلۇغ .
ئىھ ئانا،رازىمەن بىر ئۆمۈر سەندىن،
پەرزەنتلىك بۇرچۇمنى قىلسام مەن تولۇق.
U-DQ?OtmC@ ئەللەي دەپ ئېيتقان شۇ يىقىملىق ناخشاڭ،
ھەر ۋاقت قۇلقۇمدىن كەتمەس يىراققا .
سۆيۈملۈك ئانىجان ،بىر سەن قەدىردان،
سۆيىمەن بىر سىنى ،قويما پىراققا.
xY?p(>( ( ئۆز يازمام)