باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1452 
  •    ئىنكاس 
       17 

ھايات قىسمەتلىرى ( نىگار )

قەۋەت ئاتلاش
nigar

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.860

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1392 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   94558 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2737 (قېتم)
 تۆھپە:   2652  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1039
 سائەت
دەرىجىسى:
1039 سائەت 1 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-13
ئاخــىرقىسى:2012-03-03
— تېما bayawan تەرپىدىن (2011-08-03) دە نادىرلاندى. —

                                  )R<hYd  
                                                          ھايات قىسمەتلىرى kViX FPW  
a.y_o50#T  
                                                                     نىگار 3BDAvdJ4.  
  )ZEUD] X  
    k?X  
     تەتىل قىلىپ قايتىپ كەلگىنىمگە شۇنچە كۈنلەر بولۇپ قالغان بولسىمۇ ،بىراق سىرتقا چىقىپ باقمىغان ئىدىم . بۇ مېنىڭ بېكىنمىچىلىك مىجەز-خارەكتىرىم سەۋەبلىكمۇ ياكى ھۇرۇنلۇق سەۋەبلىكمۇ ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن . ئاكامنىڭ كۈندە " ئۇكام ، كەلگەندىن بېرى سىرتقا چىقىپ باقمىدىڭ ، سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرگىن " دېگەن سۆزىنىڭ تۈرۈتكىسىدە بۈگۈن ئاخىر سىرتقا چىقماقچى بولدۇم . ئەمما كاللامدا بارىدىغان ئېنىق نىشان يوق ئىدى . ئولتۇراق رايۇننىڭ ئالدىغا چىقىپ ئەتراپقا كۆز تاشلىدىم .مەن 6يىل ئوقۇپ ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئانا مەكتىپىم مېنى قوينىغا چىللىماقتا ئىدى . قەدەملىرىمنى شۇ تەرەپكە بۇرۇدۇم-يۇ يەنە توختاپ قالدىم . چۈنكى مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بۇ مەكتەپتە ماڭا بىلىم بەرگەن ئۇستازلىرىمدىن باشقا مەن تۇنۇيدىغان ئادەم يوق ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر تەتىل ، ئوقۇتقۇچىلارمۇ تەتىل قىلىۋاتىدۇ . ئەمدى نەگە بىرىشنى بىلمەي يەنە تۇرۇپ قالدىم ، "ئۆيگە كىرىپ كېتەيمۇ " دېگەن ئويمۇ كاللامدىن كېچىپ بولدى . بۇ ئويۇمنى توغرا تېپىپ كەينىمگە يېنىپ ماڭدىم . ئولتۇراق رايۇننىڭ ئىچىگە كىرىپ ، تەشۋىقات دوسكىلىرىغا چاپلاپ قويغان گېزىتنى كۆرۈپ كۆزلىرىم يۇرۇپ كەتتى . مانا ئەمدى نەگە بېرىشنى بىلگەن ئىدىم . كىتاپخانا مەن بېرىشقا ئامراق ئورۇننىڭ بېرى . توغرا كىتاپخانىغا باراي . قەدەملىرىمنى ئىتتىك ئېلىپ كوچا ئابتوبۇس بېكىتىگە كەلدىم . ئاپتوبۇسمۇ ھايالشىمايلا لىققىدە ئادەم بېسىپ يېتىپ كەلدى . "قىستالساممۇ كىتاپخانىغا تېزراق باراي" دېگەن ئوي بىلەن قىستىلىپ دېگۈدەك كوچا ئاپتوبۇسقا ئاران چىقىۋالدىم . مۇشۇنچە ئادەمنى سۆرەپ ئېلىپ مېڭىۋاتقان بۇ تۆمۈر ئوقەتنىڭ بەرپا قىلغۇچىسى ، ياسىلىش جەريانلىرى ھەققىدىكى ئويلىرىم تۈگىمەستىنلا ، ئاپتۇبۇس كىتاپخانا بېكەتكە كېلىپ توختىدى . ئۇھ ، يەنە قىستىلىپ ، بىر نەچچە ئادەمنىڭ پۇتلىرىغا دەسسەپ دېگۈدەك ئاران چۈشىۋالدىم . كىتاپخانىنىڭ ئالدى بۇرۇنقىدەك چىرايلىق بېزەلگەن ئىدى . ئىچىدىمۇ قىلچە ئۆزگىرىش يوق . بۇرۇنقى قائىدەم بويىچە يېڭى چىققان كىتاپلارنى تىزىپ قۇيىدىغان جازىنىڭ ئالدىغا كەلدىم . يېڭى چىققان كىتاپلار خېلى كۆپ ئىدى ."سەمەرقەنىت" دېگەن كىتاپنى قۇلۇمغا ئېلىپ ئولتۇرۇپ ئوقۇش ئۈچۈن ئورۇندۇقنىڭ يېنىغا كەلدىم . تەلىيىمگە يارىشا ، مەن ئولتۇرغىدەك ئورۇن بار ئىدى . زېھنىمنى قۇيۇپ كىتاپ ئوقۇشقا باشلىدىم . 3tMs61 3  
   كۆزلىرىم ئاغرىشقا باشلىدى يەنە پەسكە قاراپ ئولتۇرىۋېرىپ بوينۇممۇ ئاغرىپ كەتتى .قايتىپ كەتمەك بولۇپ ،كىتاپنى ئورنىغا قويۇپ قويغىلى ماڭدىم .كىتاپنىڭ ۋەقەلىكىنى ئويلاپ مېڭىپ ئالدىمدىن كېلىۋاتقان ئايالغا ئۈسىۋالغىلى تاسلا قالدىم . ئۇ ئايالنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىپ بارسام مېنى چاقىرىپ قالدى . k^}8=,j}  
_ نىگار ، سىز نىگار شۇغۇ ؟ مېنى تۇنىمىدىڭىزما ؟ j{C+`~O  
_ ياق ، سىز ..... np}F [v  
مەن راستىنلا بۇ ئايالنىڭ كىملىكىنى تۇنىمىغان ئىدىم . بىرەر ئۇرۇق-يۇققىنىمىزغۇ ئەمەستۇ ؟ بىراق ئۇنداقتەك قىلىپ تۇرمايتى . تۇققىنىمىز بولۇپ قالسا مەن قانداقمۇ تۇنىماي قالاي . }H&NR?Ax  
_ مەن گۈلسۈم ، تۇنىمىدىڭىزما ؟ hw:zak#j,  
_ گۈلسۈم ؟..... پەقەتلا ئەسكە ئالالمىدىم . >?ZH[A  
" بۇ كىم بولغۇيتى ئەمدى ؟ مېنى تۇنىيدىكەن دېسە " شۇلارنى ئۇيلىغاچ ئالدىمدىكى بۇ ئايالغا يۇشۇرۇنچە سەپسالدىم . قاراشتىن يېشى ئانچە چوڭ ئاياللاردەك قىلمايتى ، ئەمما يۈزلىرى ، نۇرسىز كۆزلىرىدىن ئازاپ چەككەنلىكى ، تۇرمۇشنىڭ ئىسسق-سوغۇقىنى باشتىن كەچۈرگەنلىكى ، يېزا ئاياللىرىغا خاس ساددىلىقى بىلىنىپ تۇراتتى . كىيىنىشى يېشىغا ماش كەلمىگەن بولۇپ ، يېشى چوڭ ئاياللاردەك قىلىپ قويغان ئىدى . TPZZln'3   
_ ئىككىمىز ساۋاقداشقۇ ، شۇنچە تېز ئۇنتۇپ قالدىڭىزما ؟ بىزدەك سەھرالىقنى سىلەردەك شەھەرلىكلەر ئەسلەپمۇ قويمايسىلەر بەلكىم . Z$ {I 4a  
_ ھە ..... oe}nrkmb  
بۇ ھەيرانلىق سۆزى " ھە " نىڭ ئېغىزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلمەي قالدىم . پەقەتلا ئىشەنگۈم كەلمىدى . مەن خاتا ئاڭلاپ قالدىممۇ ياكى مېنى خاتا تونۇپ قالدىمۇ بۇنى بىلەلمەيۋاتاتتىم . -ve{O-;  
_ سىز 6-باشلانغۇچتا ، ئارزىگۈل خانىمنىڭ قۇلىدا ئوقۇغانغۇ ؟ AB'q!7NR  
_ ھەئە ، مەن شۇ مەكتەپتە ئۇقۇغان . ( {ads_l  
_ مەنمۇ شۇ مەكتەپتە ، شۇ خانىمنىڭ قۇلىدا ئوقۇغان . ئىككىمىز بىر سىنىپتا ئوقۇغان . سىز بىرىنچى پارتىدا ئولتۇراتتىڭىز ...... ,F`:4=H%  
بۇ ئايالنىڭ ساۋاقدىشىم ئىكەنلىكىگە ئىشەندىم . ئۇ سىنىپىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ بىر نەچچىسىنى سۆزلەپ ئۆزىنى يادىمغا ئەكەلتۈردى . مەن ئۇ مەكتەپتە 3يىل ئوقۇپ باشلانغۇچنىڭ 4-يىللىقىغا چىققاندا باشقا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەتكەن بولغاچقا بۇرۇنقى بىللە ئۇقۇغان ساۋاقداشلىرىمنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدىم . W'hE,  
_ 4-يىللىقتا باشقا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەتكىنىڭىزدىن بېرى كۆرۈشۈپ باقماپتۇق . ئۇزاق يىللار ئۆتۈپ كېتىپتۇ . بىزمۇ چوڭ بولۇپ كەتتۇق . ;Oh4W<hH}  
_ راستىنلا ئۇزاق يىل بوپتۇ . ھازىر بۇرۇنقى ساۋاقداشلارنى كۆرسەم تۇنىيالمىغۇدەكمەن . "K5n|{#  
_ ئۇلارنىڭ كۆپلىرى ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ كەتتى. "مەمەتئېلى " دەپ قەشقەدىن بىر ساۋاقدىشىمىز بولىدىغان ئەسلىيەلىدىڭىزمىكى ئۇ ھازىر تۇرمىدا . *lRP ZN  
_ نېمە بولۇپ ئەمدى ؟ POwJhT  
_ بىز كۆرۈشمىگىلىمۇ ئۇزۇن يىللار بولۇپ كېتىپتۇ . بىرەر يەردە ئولتۇرۇپ پاراڭلاشساق .
+ulBy  
ساۋاقداشلىرىم توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە ئىگە قىلىدىغان بۇ پۇرسەت مېنى دەرھاللا ماقۇل كەلتۈردى . n|dLK.Q  
_ بۇلىدۇ . ئۇنداقتا بىز ئۈستىگە چىقىپ پاراڭلىشايلى . /.l8Jb4  
_ توختاپ تۇرۇڭ ، بالامنى چاقىرىۋالاي . |q"WJQ  
مەن جاۋاپ بېرىپ بولغۇچە گۈلسۈم كەينىگە ئۆرۈلۈپلا كېتىپ قالدى . ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن ئاللىبۇرۇن توي قىلىپ ، بالىلىق بولۇپ بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم . گۈلسۈم ھايالشىمايلا 10ياشلار ئەتراپىدىكى بىر بالىنى كەينىگە ئەگەشتۈرۈپ كەلدى . Wu(6FQ`H  
_ مۇشۇ سىزنىڭ بالىڭىزما ؟ h4N!zj[  
_ ھەئە Y4e64`V)  
بۇ بالا مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى . 20ياشقا تۇلۇق كىرمىگەن بىر قىزنىڭ قانداقمۇ 10ياشلار ئەتراپىدىكى بالىسى بولسۇن ؟ بۇنىڭدا چۇقۇم بىر سىر بار   .  [hSE^m  
بىز ئىككىنچى قەۋەتتىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردۇق .گۈلسۈم بېشىنى يەردىن ئۈستۈن كۆتۈرمەي نېمە دېيىشنى ئويىشىۋاتقاندەك كۆرۈنۈپ تۇراتتى . مەن ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ : 5<\&7P3y  
_ گۈلسۈم ، بۇ بالا راستىنلا ئۆزىڭىزنىڭ بالىسىما ؟ ئۇنداق ئەمەستۇ ؟ _doX&*9u  
ھەيران قالغان كۆزلىرىمنى ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكتىم . گۈلسۈم ئېغىر ئۇھسىنىپ قويدى ۋە بېشىدىن كەچۈرگەن قارا قىسمەتلىرىنى بايان ئەيلىدى .  e@"1W  
                                                                                                                                %\p:S)R  
   مەن تۇغۇلۇپ مۇشۇ كەمگىچە" دادا " دەپ بىر ئېغىز چاقىرىپ باقمىدىم . مەن ئېسىمنى بىلگەندىن تارتىپ مېنىڭ دادام يوق ئىكەنتۇق.ئاپام مېنى"بىرلا بالام"دەپ ئەتىۋالاپ چوڭ قىلغان .ئۆزى يىمەي ماڭا يېگۈزۈپ، كىيمەي ياخشى كىيدۈرۈپ چوڭ قىلدى . "جاپا تارتساممۇ بىلىملىك ئادەم قىلىمەن "مەكتەپتە ئۇقۇتتى. ئەمما مەن باشلانغۇچنى پۈتتۈرۈپلا ،بوۋامنىڭ ۋە تاغامنىڭ ئاپامغا " قىز بالىنى ئوقۇتۇپ نېمە كەپتۇ ، قىز بالا دىگەن بەرىبىر خەقنىڭ ئادىمى ، ئۇ ھېلىمۇ باشلانغۇچنى پۈتتۈرگىچە ئوقۇدى . ئەمدى بىرەر ھۆنەر ئۆگىتىپ ، ئوبدان ئەرنىڭ قۇلىغا تۇتقۇزۇشنى ئويلاشقىن " دەپ تۇرىۋېلىشى بىلەن تۇلۇق ئوتتۇرنى پۈتتۈرۈپلا يېنىپ چىقتىم . شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆيدە تاماق ئېتىش،كىر يۇيۇش،ئېتىزنىڭ ئىشىنى قىلىش مېنىڭ كۈندىلىك خىزمەت ئىشىم بولۇپ قالدى .بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلارنىڭ ئەتىگەندە سومكىلىرىنى ئېسىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى . " ياخشى ئوقۇپ ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولىمەن " دېگەن گۈزەل غايىلىرىممۇ بىر چۈش بولۇپ قالدى . شۇنداق قىلىپ مۇشۇنداق يۈرۈپ بىر يىلنى توشقازدىم . مەكتەپتىن چىقىپ ئىككىنچى يىلىىسى ئاپام مېنى ئۇستا ماشىنچىغا شاگىرتقا بەردى. ئۇ يەردە تۇرۇپ ماشىنچىلىقنى ئۆگەندىم. دەسلىپىدە ھېچقانداق تۇرمۇش پۇلى يوق ئىدى ، كېيىن قولۇم ھۆنەرگە كېلىپ قالغاندىكىن ئازراق تۇرمۇش پۇلى بەردى . ئەمما بۇ يەردىمۇ ئۇزۇن تۇرالمىدىم . بىر كۈنى تاغام شەھەردىكى بىر تونۇشىنىڭ بالا باققۇچى ئىزدەپ يۈرگەنلىكىنى ، مېنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ بالا باققۇچى بولۇپ بېرىشىمنى ئېيتىپ تۇرىۋالدى . ئاپام بۇنىڭغا ئۇنىمىغان بولسىمۇ ، ئەمما تاغامنىڭ جاھىللىقى ئاپامنى يەنىلا قايىل قىلدى . مەن تاغامنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن شەھەردىكى بىر ئۆيدە بالا باققۇچى بولدۇم . ئۆي ئىگىلىرى تۇنجى پەرزەنتلىك بولغان ياش ئەر-ئايال بولۇپ ، يولدىشى ئېغىر-بېسىق ، ئاقكۆڭۈل ، ئايالى ئۇششاق ئىشلارغا قايناپ سۆزلەپلا تۇرىدىغان كاج مىجەز ئايال ئىدى . ئۆي ئىگىسى ئايال ھەر كۈنى ئىشقا مېڭىشتىن بۇرۇن ماڭا بىر مۇنچە ئىشلارنى تاپىلاپ كېتىپ قالىدۇ . مەن بىر تەرەپتىن بالىنى باققاچ يەنە بىر تەرەپتىن ئۆي ئىشلىرىنى قىلدىم . ئەمما ئۇ ئايال مېنى يەنىلا ئۆچ كۈرەتتى . ماڭا تۈزۈكرەك قاپىقىنى ئېچىپمۇ قويمايتى . بۇ ئۆيدە نۇرغۇن كۈن كۆرۈپ بىر يىلغا يېقىن تۇردۇم . ئەمما ئاخىرىدا ئىتنى قوغلىغاندەك قوغلىنىپ يېنىپ چىقتىم.قوغلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئاپام ئاغرىپ قېلىپ، ئۆيگە بېرىپ كەلگەن ئىدىم .قايتىپ كېلىىشىم بىلەنلا ئۇ ئايال مېنى سوراققا تارتىپلا كەتتى. دېيىشىچە ئۆيدە ئازراق پۇل يۈتۈپ كېتىپتۇ .مەن ئۆزۈمنىڭ ئالمىغانلىقىنى شۇنچە چۈشەندۈرۈپمۇ چۈشەندۈرۈپ بولالمىدىم . ئۇ ئايال مېنى ئوغرىدىن ئوغرىغا سېلىپ ، بولۇشىچە تىللاپ ، كىيىم-كىچەكلىرىمنى سىرتقا ئېتىپ ئويدىن قوغلاپ چىقاردى. يەرگە چېچىلغان كىيىملىرىمنى تىرىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدىم . ئاپام قايتىپ كەلگىنىمنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ ماڭا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى . بىراق تاغام بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ مېنى ئەيىپلەپ تىللاپ كەتتى . بارچە ئەلەمنى ئىچىمگە يۈتۈپ يۈردۈم . شۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئاپامغا ھەمراھ بولۇپ ئېتىزنىڭ ، ئۆينىڭ ئىشلىرىنى قىلىپ يۈردۈم .  ig:,:KN  
  گۈلسۈمنىڭ كۆزلىرى نەمدەلگەن بولۇپ ، يىنىك تىنىپ قويدى . بۇ كەچۈرمىشلەر بالىنىڭ سىرىنى تۇلۇق ئېچىپ بىرەلمىدى . مەن گەرچە گۈلسۈمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىشنى خالىمىساممۇ ئەمما يەنىلا كوچىلاپ سورىدىم . k_?xi OSh  
_ ئۇنداقتا بۇ بالىڭىزچۇ ؟ j3jf:7 /\  
گۈلسۈم كىتاپخانىنىڭ دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراپ تۇرغان بالىنى ئىما قىلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى .  (1p[K-J)r  
    Nv}'"V>  
     ئاپامغا ھەمراھ بولۇپ بىرەر يىلغا يېقىن تۇردۇم . ھەممىگە يىتەكچىلىك قىلىدىغان تاغام مېنى ياتلىق قىلىشنىڭ كويىدا بولۇپ يۈردى . ئاپام مېنى " گۈلسۈم تېخى كىچىك يەنە بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ياتلىق قىلساقمۇ بۇلىدۇ " دېگىنىدە جاھىل تاغام " سەنمۇ 15 يېشىڭدا توي قىلغان ، ئۇ ھازىر 16ياشقا كىرىپ قالدى . مۇشۇ دەل مۇۋاپىق ۋاقتى " دەپ يەنە باھانە سەۋەپلەر بىلەن ئاپامنى قايىل قىلدى . شۇنداق قىلىپ تاغامنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە توي قىلىدىغان بولدۇم .تاغامنىڭ ماڭا تاپقان لايىقى بۇرۇن بىر تۇي قىلىپ، ئايالىنى تۇلا ئۇرۇپ ئايالى تاياققا چىدىماي ئىككى بالىسىنى تاشلاپ بېرىپ كېتىپ قالغان ، كۈندە ھاراق ئىچىپ مەسلا يۈرۈيدىغان ، ئەمما يېزىدا كىچىك بولسىمۇ كادىر ھېساپلىنىدىغان ، يېشى مەندىن خېلىلا چوڭ ئادەم ئىدى . بۇنى ئاڭلاپ ھاياتىمدىن ئۈمىد ئۈزدىم ، ئۆلىۋېلىشقا شۇنچە نىيەت قىلغان بولساممۇ ، ئەمما ھاياتنىڭ گۈزەللىكىنى ، مېھرىبان ئانامنىڭ يالغۇز قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ يەنىلا بۇ نىيىتىمدىن ياندىم . {)nm{IV,  
تويۇم ئاددىيلا ئۆتكۈزۈلدى ، تۇي قىلىپ كىرىپلا ئىككى بالىغا ئانا بولدۇم . يولدىشىم ئىككىمىز دەسلىپىدە شۇنداق ياخشى ئۆتتۇق ، بىراق بۇ كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى . يولدىشىم ھاراق ئىچىپ كىرىپلا مېنى ئۇرىدىغان بۇلىۋالدى . ئۇ مەس بولۇپ كىرسە شۇنداق ئەسكىلىشىپ كېتىدۇ ، قۇلىغا نېمە چىقسا شۇنىڭ بىلەن ئۇرىدۇ . نەچچە قېتىم ئۆيگە قېچىپ بېرىۋالدىم ، تاغام يەنە ئەكىلىپ قويدى . ئۇ ئۆيدە تاياق-توقماق يەپ تۇرۇشتىن باشقا بارغۇدەك يېرىم يوقلا بولۇپ قالدى . ئۇ مېنى ئۇرغاندا قوشنىلار كىرىپ گەپ قىلسىمۇ پەقەتلا ئۇنىمايدۇ . ئۇرۇپ ھېرىپ قالغاندىلا ئاندىن بولدى قىلىدۇ . 4 ئايلىق بالاممۇ تاياق زەربىسىدىن بويۇمدىن ئاجىراپ كەتتى . بۇ بالا مېنىڭ ئۆگەي بالام ، بۇنىڭدىن كىچىك يەنە بىر ئۆگەي قىزىممۇ بار . ئۇلار ھەرھالدا ماڭا يۆلەك بۇلىدۇ .  مىھرىبان ، شەپقەتلىك اللا بەندىلىرىگە بۇنداق كۈننى ئاتا قىلمىسۇن . بولدى باشقا گەپلەرنى تىلغا ئالمايلا قۇياي . بۈگۈن بۇ گەپلەرنى سىزگە دەپ بېرىپ سەل يىنىكلەپ قالغاندەك بولۇپ قالدىم . LDqq'}qK6  
   گۈلسۈم باشقا گەپلەرنى قىلىپ بەرگىلى رايى بارمىدىمۇ قانداق،قارا قىسمەتلىرىنى بايان ئەيلەشتىن توختاپ قالدى . يۈرىكىم خۇددى پىچاق بىلەن تىلغاندەك ئېچىشىپ كەتتى . ياشلىق گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىۋاتقان ناتىۋان قىزنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ كۈنلەرگە ھەيران قالدىم . قەلبىمدىكى تۈگۈننى يىشىش ئۈچۈن ئېغىزىمغا كەلگەن سۇئالنى سورىمايلا ئىچىمگە يۈتىۋەتتىم. بىللە ئوقىغىنىمىزدا بىر-بىرىمىزنىڭ قەلبىدە ساقلىنىپ قالغۇدەك تەسىر بىرەلمىگەن ساۋاقدىشىمنىڭ مانا ئەمدى ئۇنتۇلغۇسىز بىر ئازاپنى قالدۇرۇپ كەتكىنىگە ئەپسۇسلىنىپ قالدىم . بىز سۆھپىتىمىزنى ئاياقلاشتۇرۇپ ، تۆۋەنكى قەۋەتكە يېنىپ چۈشتۇق . گۈلسۈم ئۆيىگە تېز قايتمىسا بولمايدىغانلىقى باھانە قىلىپ قايتىشقا ھازىرلاندى . ئۇنى كىتاپخانىنىڭ سىرتىغىچە ئۇزۇتۇپ چىقتىم . "خوش ، ئامان بولۇڭ " دىگەندىن باشقا،تىللىرىم تۈزۈك گەپكىمۇ كەلمىدى.گۈلسۈم بالىسىنى يىتىلەپ كېتىپ قالدى . كەينىدىن قارىسى يۈتكىچە قاراپ تۇردۇم .كاللام قۇپقۇرۇق ئىدى .ئىختىيارسىز كۆزلىرىمگە ياش كەلدى . ئەمما كوچىدا يىغلاشتىن نومۇس قىلىپ ئۆزۈمنى ئارانلا تۇتۇپ تۇردۇم . ئۆيگە پىيادە يېنىپ كەلدىم ، كەلگۈچە نېمىلەرنى ئويلىغانلىقىمنى بىلمەيمەن . ئەمما مېھرىبان ، شەپقەتلىك اللادىن گۈلسۈمگە ئامانلىق ، تۇرمۇشىغا بەخىت ، قارا قىسمەتلىرىنىڭ سەۋەپچىسى بولىۋاتقان يولدىشى ۋە تاغىسىغا ئىنساپ تىلىدىم . f(~xdR))eh  
بۇ ناتىۋان قىزنىڭ ھىكايىسى قەلبىمگە ئورناپ قالدى . بىچارە گۈلسۈمنى ئۆزۈم ۋە ئىسىل تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتقان بەخىتلىك قىزلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ قالدىم . مۇشۇنداق بەخىتلىك كۈنلەرنى نىسىپ قىلغان مىھرىبان اللاغا مىڭ مەرتىۋە شۈكرى . .|`J S?L[  
m`C c U`s  
                   }z:g}".4  
   Mqc"  
8?#4<4Ql8  
\x?q!(;G2  
dx}) 1%  
~?i;~S  
R{Q*"sf  
1FCqkwq[  

ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

精彩

感动

搞笑

开心

愤怒

无聊

灌水
كېچە ھەر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ ، بەرىبىر تاڭ ئاتىدۇ !!
arman

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3881

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1080 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   24995 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2613 (قېتم)
 تۆھپە:   2461  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7544
 سائەت
دەرىجىسى:
7544 سائەت 246 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-16
ئاخــىرقىسى:2012-03-05
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2011-08-03

بۇنداق  رەھىمسىز  تۇرمۇش  قوينىدا  ئۈن-تىنسىز كۆز-ياش  تۈكۈپ، ئىچىدە  قان  يىغلاپ  ئۈتىۋاتقانلار  جەمىيەتتە  يەنىلا  نۇرغۇن، ئەمىلىيەتتە  نۇرغۇن  خانىم-قىزلىرىمىز  بەخىتلىك  تۇرمۇشنىڭ  قەدرىگە يەتمەي  ئاجرىشىپ  بالىلىرىنى  تىرىك  يىتىم  قىلىۋاتىدۇ. شۇنداقلارنىڭ  نۇرغۇنلىرى  جاھاندا  مۇشۇنداقمۇ  بەختسىز  كۈنلەرنىڭ  بارلىقىنى  قىلچە بىلمەيدۇ...ھەي  چەرخى پەلەك...سىرلىرىڭغا  ھەيرانمەن...!!! Y_m/? [:  
بۇ  ئىنكاسلارنى  يېزىۋېتىپ ،  ئىنكاسىمنىڭ  بۇ  تىمىغا ماس  كىلىش  دەرىجىسى  توشتىمۇ  يوق  ئويلىنىپ  قالدىم... O[ tD7 !1  
نىگار  قىز  خاپا بولسا  ئۈچۈرۋېتىشكە  تەييارمەن.
ئۇۋا بۇزغاننىڭ ئۇۋىسى بولارمۇ ؟
nigar

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.860

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1392 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   94558 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2737 (قېتم)
 تۆھپە:   2652  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1039
 سائەت
دەرىجىسى:
1039 سائەت 1 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-13
ئاخــىرقىسى:2012-03-03
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-08-03

ئىشلىتىش
بۇ 1قەۋەتتىكىarman يوللىغان 2011-08-03 16:19 غا قارتىلغان : 93Z/|7  
بۇنداق  رەھىمسىز  تۇرمۇش  قوينىدا  ئۈن-تىنسىز كۆز-ياش  تۈكۈپ، ئىچىدە  قان  يىغلاپ  ئۈتىۋاتقانلار  جەمىيەتتە  يەنىلا  نۇرغۇن، ئەمىلىيەتتە  نۇرغۇن  خانىم-قىزلىرىمىز  بەخىتلىك  تۇرمۇشنىڭ  قەدرىگە يەتمەي  ئاجرىشىپ  بالىلىرىنى  تىرىك  يىتىم  قىلىۋاتىدۇ. شۇنداقلارنىڭ  نۇرغۇنلىرى  جاھاندا  مۇشۇنداقمۇ  بەختسىز  كۈنلەرنىڭ  بارلىقىنى  قىلچە بىلمەيدۇ...ھەي  چەرخى پەلەك...سىرلىرىڭغا  ھەيرانمەن...!!! G)p pkH`qj  
بۇ  ئىنكاسلارنى  يېزىۋېتىپ ،  ئىنكاسىمنىڭ  بۇ  تىمىغا ماس  كىلىش  دەرىجىسى  توشتىمۇ  يوق  ئويلىنىپ  قالدىم... q?R)9E$h  
نىگار  قىز  خاپا بولسا  ئۈچۈرۋېتىشكە  تەييارمەن. >[,ywRJ#_}  
h$F.(NIYe  
+>zjTP7\e"  
ئۆزلىرىگە كۆپ رەھمەت ! 7'c ;$~  
بۇ بىر ساۋاقدىشىمنىڭ ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى ماڭا بايان قىلىپ بىرىشىدىن پۈتۈپ چىققان ئەسەر . H C %tJ:G  
جەمئىيىتىمىزدە مانا مۇشۇ قىزدەك نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرىۋاتقان كىشىلىرىمىزمۇ   Uavr>-  
كۆپ . بۇنىڭدىن سىرت يەنە راھەت-پاراھەت ، ئىسىل تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرۈپ تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس . بۇ قىز بىلەن ئۆزۈمنى سېلىشتۈرۈپ ھازىرقى بەختىيار كۈنلىرىمنى قەدىرلىشىمنىڭ زۆرۈرلىكى، ئوقۇش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ تىرىشىپ ئوقۇشۇم كىرەكلىكىنى ھېس قىلىپ M@|n"(P  
يەتتىم . بۇ ئەسەر نۇرغۇن نوقسانلاردىن خالىي ئەمەس بولۇشى مۇمكىن  ، ئەمما مۇنبەرداشلىرىمنىڭ بۇ ئەسىرىمنى ئوقىغاندىن كېيىن مەندەك  گۈزەل ، بەختىيار كۈنلىرىنى قەدىرلەشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلىگەن بولسا مانا بۇ مېنىڭ ئۇتۇقۇم . jkTh)Bm|'  

كېچە ھەر قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ ، بەرىبىر تاڭ ئاتىدۇ !!
sumbul

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2364

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   337 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   27446 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   991 (قېتم)
 تۆھپە:   952  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3159
 سائەت
دەرىجىسى:
3159 سائەت 81 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-13
ئاخــىرقىسى:2012-02-29
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-08-03

بەك ئىچىم ئاغرىپ كەتتى ئاۋۇ گۈلسۈم دىگەن قىزغا ، نىمانچىۋا كىچىك توي قىلىۋىتىدىغاندۇ ؟ يەنە كىلىپ بالىسى بار ئادەمگە،  ئاللا قىزلارنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي، ئىچىم ئاچچىق بولدىغۇ بۇ ھىكايىنى ئۇقۇپ   
مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!
sansiz0903

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.238

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4124 

 نادىرلانغان تېمىسى:   14 

 مۇنبەر پۇلى:   57281 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   6536 (قېتم)
 تۆھپە:   6406  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 9774
 سائەت
دەرىجىسى:
9774 سائەت 116 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-24
ئاخــىرقىسى:2012-03-05
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-08-04

نىمە دىيىشىمنى زادىلا بىلەلمىدىم... مۇشۇنداق كۈن كۆرىۋاتقان قىزلاردىن يەنە قانچىسى باردۇ؟ قانچىسى يەنە مۇشۇنداق كۈنگە قېلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقاندۇ؟\ WPrBK{B`o  
كۈچۈم يەتسە ئىدى، ھاراق دىگەن نىجىس نەرسىنى بۇ دۇنيادىن يوق قىلىۋىتەتتىم...
kox bahit

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1620

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   896 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16826 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1395 (قېتم)
 تۆھپە:   1344  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3809
 سائەت
دەرىجىسى:
3809 سائەت 241 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-19
ئاخــىرقىسى:2012-02-19
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-08-04

ئاللاھ ئىگەم  پاناھىدا ساقلىسۇن
سەندەك ۋاپاسىزنى كۆزۇم كۆرمىسۇن!!!
sukut1314
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6802

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   300 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   30 (قېتم)
 تۆھپە:   30  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1
 سائەت
دەرىجىسى:
1 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-05
ئاخــىرقىسى:2011-08-05
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-08-05

مەنمۇ نىمە دىيىشنى بىلمىدىم مۇشۇنداق ھايالىق ئەخلاقلىق قىزلىرىمىز رەھىمسىز تۇرمۇشنىڭ قۇربانى بولۇپ كىتىۋاتىدۇ  بىراق يەنە بىر قىسىم ئويۇندىن باشقىنى بىلمەيدىغان  ھاياسىز ئەخلاقسىز  ئاتا ئانىسىنى بولىشىغا قاخشىتىدىغان ئالۋاستىدەك قىزلىرىمىز كۇلۇپ ياشاۋاتىدۇ ..... 14;lB.$p  
ئۇلۇغ ئاللادىن ئۇ قىزغا بەخىت ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن  تىما ئىگىسىگە رەخمەت i5^U1K\M  

سۈكۈت ھەممىدىن ئسىل جاۋاپ مەن سۈكۈتكە ئاشىق
gulkalam
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4747

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   145 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3789 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   369 (قېتم)
 تۆھپە:   358  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1697
 سائەت
دەرىجىسى:
1697 سائەت 3 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-20
ئاخــىرقىسى:2011-10-17
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-08-07

بۇ تىمىنى كۆرۈپ ئىچىم ھەجقققەپ قئاچچىق بۇلۇپكەتتى دىسە؟
wissal@131

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5259

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   442 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17324 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1730 (قېتم)
 تۆھپە:   1730  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1481
 سائەت
دەرىجىسى:
1481 سائەت 39 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-15
ئاخــىرقىسى:2012-02-25
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-08-10

مىنىڭمۇ ئىچىم ئاغرىپ كەتتى ئۇ بىچارىگە R+E_#lP_$  
ھەي ئەجىبا ھايات دىگەن شۇمۇدۇ   
ھايات دىگەن شۇ بەزى كۈلۈپ بەزى يىغلاپ.
سەبىي
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6824

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   56 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3000 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   300 (قېتم)
 تۆھپە:   300  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 22
 سائەت
دەرىجىسى:
22 سائەت 28 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-07
ئاخــىرقىسى:2011-08-24
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-08-10

ئائىلە زۇلۇمىغا قۇل بۇلۇۋاتقان،ئۆزى ئارزۇ قىلغان بەخىتلىك تۇرمۇشقا ،كەلگۈسى نىشانلىرىغا يىتەلمەيۋاتقان ، قىز - ئاياللار ھەقىقەتەن كۆپ.  اللاھ ئىگەم شۇنداقلارغا ئۈمۈت-جاسارەت ئاتا قىلغاي ، شۇنداقلا ئىشلىرىنى ئاسان قىلغاي!~! i0>]CJG  
تېما ئىگىسى رەھمەت سىزگە، كىيىنكى تېمىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!!
بىلىم ئالمىغان ياش، تام تۈۋىدىكى تاش.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى