ئازراق ماڭا-ماڭمايلا بىزنىڭ مەھەللىدىكى شوخ بالىلار توينى توستى.بۇلار ئۇسسۇل ئوينىدىمۇ تاڭ بىردەمدە يولنى ئاچتى.ئەكرەم بىلەن ئىككىمىز يىقىن ئولتۇرغان ئىدۇق.مىنىڭ جىددىيلىشىپ چىققان يۈرەك سۇقۇشلىرىمنى ئاڭلىغاندەك.قۇلاق تۈۋۈمگە ئاستا پىچىرلاپ قۇياتتى.
مېنى گىلەم ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ،ئۆيگە ئەكىردۇ.ئەتراپىمدىكى ماڭا ناتۇنۇش ئۆي،ناتۇنۇش ئادەملەر ئىدى.ئەكرەم يەنە تەكرار -تەكرار مىنى قوقماڭ دەپ پىچىرلاپ قۇياتتى...ئاندىن دوسلىرغا چاخچاق قىلىپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كىتەتتى.مەن رومال ئاستىدا تارتىنىپ ئاران ئولتۇراتتىم.چوڭلار قىزنىڭ يۈزىنى ئېچىۋېتەيلى دىيىشتى.بىردەمدىن كىيىنلا ئاكام ئۇزمىكىن دېسەم يەڭگەم ئۇزكىنا دەپ يۈزۈمدىكى رومالنى ئېچىۋەتتى.بېشىمنى يەردىن كۆتۈرۈپ قارىيالمىدىم.يۈزۈمنى ئاچقان قىز ئەسلى ئەكرەمنىڭ سىڭلىسىيكەن دە-دەپ ئويلىدىم.توينىڭ قائىيدىسى بۇيىچە چاي قۇيۇلۇپ قىز تەرەپتىن كەلگەن مىھمانلار ئۇزۇتۇلدى.مەن ماڭا ھەمراھ،يەڭگە بۇلۇپ كەلگەن ھاممامنىڭ يىتەكچىلىكىدە بىز ياتىدېغان ھوجرىغا كىردۇق.
ھوجرا ئىچىنى خېلى چىرايلىق جاپتۇغان بۇلۇپ.ئادەمگە شۇنداق ئىللىق تۇيۇلاتتى...لېكىن ھاممام بىلەن ئىككىمىزگە پەقەتلا بىرلا ئۇرۇن سەپ قۇيۇپتۇ.سەل ئاچچىقىم كەلدى. <ھامما بۇلارنىڭ نېمە قىلغىنى بۇ؟ئىككىمىزگە بىرلا ئۇرۇن سەپ قۇيۇپتا>دىدىم.بولدى بۈگۈن ئۆيدە مىھمان كۆپ ئاغرىنمايلى تىز ئۇخلا دەپ،ماڭا قىززىق گەپلەرنى قىلىپ بىرىپ مېنى تىزلا ئۇخلىتىپ قويۇپتۇ.بىر چاغدا چۈش كۆرۈپ قورقۇپ ئويغىنىپ كەتتىم.كۆزۈمنى ئېچىپ قارىسام ھاممام يوق تۇرىدۇ.شۇ پەيىتتە ئەكرەم كىرىپ كەلدى.سىز نىمىش قىلىسىز بۇ يەردە ،ھاممامچۇ دەپ سورۇدۇم.ھاممىڭىز ئانام بىلەن پاراڭلىشۋاتىدۇ.سىزنى قوقمىسۇن دەپ ھەمراھ بولغىلى كىردىم دېدى.
ئەكرەمنىڭ تاتلىق-شېرىن گەپلىرى مىنى پەپىلەشلىرى بىلەن مانا بۈگۈنكى بۇ توي كىچىمىزدىن باشلاندى.ئۇنىڭ ئوتلۇق مۇھەببىتىدە ئۆزۈمنى شۇنداق بەخىتلىك ھىس قىلدىم.بۇ ئائىيلىمۇ مېھرى تۇلىمۇ ئىللىق ئائىيلە ئىدى.قېينى ئاتام قىينى ئانام ماڭا بەك ئامراق ئىدى.ئەكرەمنىڭ ئاچا سىڭىللىرمۇ شۇنداق ئامراق ئىدى.مەنمۇ بۇ ئائىيلىگە ئىچەكەپلا كەتكەن ئىدىم.
ئەكرەمنىڭ سىڭلىسى بىلەن بەزى،ئۇيۇنلارنىمۇ ئويناپ قۇياتتۇق تېخى بۇ چاغلاردا ئەكرەممۇ تەڭ قۇشۇلاتتى.
ئۇزۇن ئۆتمەي مەن ھامىلدار بۇلۇپ قالدىم.قۇرسۇقۇم كۈندىن-كۈنگە يۇغۇناۋاتاتتى...ئەكرەم قۇرۇق مىيۋە-چىيۋە تىجارىتى قىلاتتى.تىجارەت سەۋەپلىك كۈندۈزى بەك ئۆيدە بۇلالمايىتتى.ئاي كۈنۈم تۇشۇپ بىر قىز توغدۇم.ئەكرەم قىزىنى كۆرۈپ شۇنداق خوش بولدى.ئەكرەم سىزنىڭ ئىسمىمغا يىقىن قۇيىمىز دەپ قىزىمىزغا رەيھان دەپ ئىسىم قويدۇق.
(VV5SvdE
قىزىمىزمۇ كۈندىن-كۈنگە چوڭ بۇلۇپ چۈچۈك تىللىرى چىقىپ.دادا دەپ چاقىرىپ قۇياتتى.ئەكرەم قىزىنىڭ بۇ چاقىرشىدىن شۇنداق خوش بۇلاتتى.ۋاقىت تىز ئۆتۈپ يەنە ئىككىنچى بالامغا قۇساق كۆتۈردۈم.ئەكرەم بۇيۇمدا بارلىقىنى ئاڭلاپ خوشلۇقتا بېشى كۆككە يەتكۈدەك بۇلۇپ ۋاقىرۋەتتى.بۇ چوڭ ئۆينىڭ ھەممە چىقىمىنى ئەكرەم قامداپ كىلۋاتاتتى.ئىنىسى بولسا ئۆز كويىدا بۇلۇپ دۇكان ئاچتىم پۇل يىتىشمىدى دەپ پۇل سوراپلا يۈرەتتى.
كۈنلەر بىر-بىرىنى قوغلۇشۇپ مىنىڭ يەنە ئاي كۈنۈم تۇشۇپ بۇدرۇققىنا بىر ئوغۇل توغدۇم .ئەكرەم بالىنىڭ ئوغۇل ئىكەنلىكنى بىلىپ بەكلا خوش بۇلۇپ كەتتى.ئۆيدە شۇنچە كۆپ ئادەم بۇلىشىغا قارىماي ،قۇلۇمنى تۇتۇپ رەھمەت رەنا جاپا چەكتىڭ دەپ سېنى بىر ئۆمۈر قەدىرلەيمەن دېدى.ئۇنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ شۇنداق خوش بولدۇم.تۇرمۇشىمىز مۇشۇنداق بەختىيارلىقتا ئۆتتى....ئەكرەم تىجارىتى سەۋەپلىك سىرىتقا چىقىپ تۇراتتى.بەزى بىر ئىككى كۈندە قايتىپ كەلسە بەزى بىرەر ھەپتە تۇرۇپ قالاتتى...ئۇ يوق چاغلاردا ئۇنى تۇلىمۇ سېغىناتتىم.نامىزىمدا ئۇنىڭغا ئامان-ئىسەنلىك تىلەپ دۇئا قىلاتتىم.
d9e_slx
ئەكرەم بۇ قېتىم بىر ھەپتىدە قايتىپ كەلدى.توي قىلىپ بۇنداق ئۇزۇن ئايرىلىپ باقمىغاچقا ئۇنى شۇنداق كۆرگۈم كەلدى.ئۆيدىكىلەردىن تارتىنمىغان بولسام ئۇ ئىشىكتىن كىرگەندىلا ،ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ قۇچاقلاپ كۆرشەر ئىدىم.
ئەكرەممۇ مىنى سېغىنغان بولسا كىرەك،چوڭلار بىلەن بىردەم ئەسرارلىشىپلا ،رەنا كىيمىمنى ئالماشتۇرۋالاي بەك كىرلىشىپ كەتتى دېدى.مەن ئۇنىڭ كىيمىنى تەييار قىلىپ بىرىش ئۈچۈن بىللە ماڭدىم.ھوجرىغا كىرىپ قەدىرلىكىم رەنا مەن يوق جاپا چەكتىڭمۇ؟سېنى جاپادا قويدۇم دەپ ئىللىق باغرىغا مەھكەم باستى.
nsn
ھاياتتا ھەر خىل ئىشلار بۇلۇپ تۇرۇدۇ دەپ،ئەكرەم بۇ قېتىم سىرىتقا چىقىپ كەتكەندە ،مەن دائىم چوڭلارنىڭ قېشىدا ياتىدېغان ئادەم بۈگۈن ئۆز ھوجىرامغا چىقىپ ياتتىم....باللارنى ئۇخلىتىپ بۇلۇپ كۈزۈم ئۇيقۇغا باراي دېگەن ئىدى...ئىشىك چىكىلدى.كىم-كىمۇ دەپ ۋاقىردىم.ھېچقانداق سادا چىقمىدى.سەل قورقۇپ قالدىم.ئىشىك يەنە چىكىلدى.بۇ قېتىم گەپ قىلماي ،غال-غال تىترەپ جىم ئولتۇردۇم.بىردەم توختىغاندىن كىيىن يەنە رىتىملىق چىكىلىشكە باشلىدى.قورقۇپ تۇرساممۇ ئىشىك قېشىغا ماڭدىم. مىڭ قوقساممۇ بۇنداق قورقۇپ ئولتۇرغاندىن مىڭ ياخشى....قۇلۇمدا ئىلىكتۇر چىراق ئىشىككە تىرەپ قويىدېغان كالتەك بار ئىدى.
ئىشىك يەنىلا توختىماي چىكىلىۋېرەتتى...كىمۇ-كىم دەپ يەنە ۋاقىردىم.يەنىلا سادا يوق ئاچچىقىمدا ئىشىكنى ئاچتىم.لېكىن ئىشىك تۈۋىدە ئادەم-ئىنسان يوق ھەتتا يەرگە قارىسام ،ناتۇنۇش ئىزمۇ يوق ھەيرانلىقىمدا ئىشىكنى تاقاپ بىر چاغلاردا ئۇخلاپ قاپتىمەن.ئەتتىگەندە چوڭلارغا دېسەم ئىز-ئىزلاپ بېقىپ ھېچ قانداق ئىز يوقكەن.جىن ئوخشايدۇ بىزنىڭ قېشىمىزدا يېتىڭ دېدى.مەنمۇ ماقۇل بولدۇم.شۇ كۈنى ئۆز ئاتا-ئانامنى يوقلاش ئۈچۈن ئۇ ئۆيگە باردىم.پاراڭ بىلەن بۇلۇپ كەچ كىرىپ كىتىپتۇ.ئاتا-ئاناممۇ ئەكرەم بولمىغاندىكىن قۇنۇپ قېلىڭ دەپ قوندۇرۇپ قالدى.مانا ھەممە ئىش بۇ كېچىدىن باشلاندى.ئانام ئۇخلاپ قالغان پۇرسەتتە سىرىتقا چىقىپ،كىيىملىرىمنى سېلىۋېتىپ ساراڭدەك قىلىقلارنى قىلىپ يۈرۈپتىمەن.ئىمتىۋاتقان بالام بىلەن كارىممۇ بولماپتۇ.دادام -ئانام بۇ ئەھۋالىمنى كۆرۈپ قىزىمىزغا جىن چاپلىشىپ قاپتۇ دەپ.مىنى ئۆيدىن سىرىتقا چىقارماي توختىماي ئۇقۇتۇپتۇ.ھەتتا ئەكرەمنىمۇ تۇنىماي ئۇنىڭغا سىز كىم دەپ غەلىيتە گەپلەرنى قىلىپ يۈرۈپتىمەن....ئاتا-ئانامنىڭ تىرىشچانلىقى،ئەكرەمنىڭ كۆينىشى بىلەن ئالاھىزەل ئۈچ ئايدا ئەكسىمگە كىلىپ نورمال ئادەم بولدۇم.
OyEOb>
بۇ ئۈچ ئايدا بالامنى ئەكرەمنىڭ ئانىسى بېقىپتۇ...ئانام ماڭا قارمىسا بولمايدېغانلىقى ئۈچۈن.مەن ساقىيىپ يەنە ئەكرەم بىلەن ئىللىق ئۆيىمىزنى تۇتتۇق،ئۇ ماڭا بۇرۇنقىدىنمۇ بەك كۆينىدېغان.سىرىتقا چىقسا ئۇزۇن تۇرمايدېغان بولدى.
ئاردىن بىر يىل ئۆتۈپ كىچىك بالاممۇ ئىككى ياشقا كىردى.مەن يەنە ھامىلدار بولدۇم.ئەكرەم تۇغۇۋېرىپ سىزنى بالىغا كۆمىۋېتىدېغان بولدۇم دېسەم ئۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ كىتەتتى...رەنا سەن جاپادىن قوقماي تۇغۇپلا بەرسەڭ مەن بەك خوش بۇلىمەن.بالىمىز قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى دەيىتتى...
تۇرمۇشنىڭ كەچكىسە تاتلىقى بولمايدۇ دېگەندەك بەزى ئاچچىقىمۇ بۇلىدىكەن.ياز كۈنلىرنىڭ بىرى ئىدى.قۇناق ئادەم بۇيى بۇلۇپ باش تارتاي دەۋاتاتتى...ئەكرەم سىرىتقا چىكەتكىلى تۆت كۈن بولغان ئىدى.بۇ تۆت كۈن ماڭا تۆت يىلدەك ئۇزاق تۇيۇلۇپ كەتكەن ئىدى.لېكىن مەن چوڭلارنىڭ ئالدىدا ئۇنى سېغىنغىنىمنى قىلچە چاندۇرمايىتتىم.ئۆزۈم قىلالايدېغان ھەممە ئىشلارنى قىلاتتىم.قېينى ئاتام قۇناق ئۇسساپ كىتىپتۇ مەن بېرىپ سۇغۇرۇپ كىلەي دەپ ماڭغىلىۋاتاتتى.ئەكرەم قايتىپ كەلدى.
دادا سەل تۇرۇپ مەن باراي،بىز بار يەردە سىز چىقسىڭىز سەت تۇردۇ دەپ قېينى ئاتامنى چىققىلى قويمىدى.
ئون مىنۇت ئولتۇردىمىكىن ئاران بىزمۇ تېخى پاراڭلاشمىغان ئىدۇق.بولدىلا سۇغۇرۋېتىپ كىرىپ ئولتۇراي كەچ كىرىپ كەتسە تەس بولمىسۇن دەپ ماڭدى.
ئۇنىڭ ئارقىدىن قاراپلا قالدىم.چۈشكە چىقىپ كەتكەن ئادەم ،ئەسىر ۋاقتى بولسىمۇ قايتىپ كەلمىدى.گاھ، ئۇنىڭدىن ئەنسىرسەم گاھ، ئاچچىقىم كىلەتتى.ئاشۇنداق تۇراتتىم ئۇ قايتىپ كەلدى.
يەرلەرنى سۇغۇرۇپ بولدىڭىزما؟ياق تېخى،نىرقى مەھەللىدىكى تۇرغۇن بىلەن سۇ تالىشىپ قالدىم.يېرىم كۈن جىدەللىشىپ ئاخىرى ئۇنىڭغا يول قۇيۇپ قايتىپ كىردىم.سەل تۇرۇپلا چىقىمەن دېدى.
تاماق يەپ بۇلۇپلا چىقىپ كەتتى...يۈرەكلىرىم ئەنسىز سۇقۇپ كۆزۈم ئۇنىڭ ئارقىدىن قاراپلا قالدى.
ئاردىن ئىككى سائەت ئۆتتى ئەكرەم تېخى كىرمىدى.مەن تىتىلداپ كىتۋاتاتتىم.ئەكرەمنىڭ ئىنىسىغا چىقىپ باقسىڭىزچۇ دېسەم ،ئاكام سۇغرۇپ بولسا كىردۇ دەپ ئۇنىمىدى.يەنە ئىككى سائەت ئۆتتى.ئاخىرى ساقلاۋېرىپ چىدىمىدىم.چوڭلار ياتقان ئۆيگە كىرىپ دادا.ئانا ئەكرەم تېخى قايتىپ كەلمىدى دېدىم.دادام چۈچۈپ تېخى قايىتمىدىما؟مەن قايتىپ كىرگەندۇ دەپتىمەن دەپلا،ئىنىسىنى ئويغۇتۇپ چىقىپ كەتتى.ئەنسىزلىك قاپلىغان يۈرەكلىرىم توختىماي سۇقۇپ ماڭا ئارام بەرمايۋاتاتتى...
باللىرىمنىڭ تەرلىرىنى سۈرتۈپ ئولتۇرسام ۋاي بالام، ۋاي بالام ،دەپ يىغلىغان ئاۋاز ئاڭلاندى.يۈرەكلىرىم ئۆرتىنىپ ھويلىغا چىقتىم.قىپ-قىزىل قانغا مىلىنىپ ياتقان ئەكرەمنى كۆرۈپ ھۇشۇمدىن كەتتىم.بىر چاغدا ھۇشۇمغا كىلىپ،ھويلا ئىچىدىكى ساقچىلارنى،نۇرغۇن جامائەتنى كۆرۈپ بايقى چۈشۈم ئەمەس رىياللىق ئىكەن دەپ.يىغلىغان پېتى ئەكرەمنىڭ جەسىتىگە ئۆزۈمنى ئاتتىم.ساقچىلار مىنى تارتىپ بىر ياققا ئاپىرىپ قويدى.تەكشۈرۈشكە قۇلايسىز بۇلىدۇ يىقىن كەلمەڭ دەپ.ئەكرەمدىن مانا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئارلىقتا ئايرىلىپ قالدىم.جاھاندا ئەڭ قەدىرلىك ئادىمىدىن ئايرىلىپ قېلىشتەك يەنە كىلىپ مۇشۇنداق ئەھۋالدا نەقەدەر ئازاپلىق ھە!!!ئەكرەمنىڭ قانغا مىلىنىپ ياتقان ھالىتىچۇ تېخى،يۈرەك باغرىمنى تىلىۋەتكەن ئىدى.
ساقچىلار ئىنىقلاش ئارقىلىق ،ئەكرەم يەر سۇغارغىلى چىققاندا تۇرغۇن بىلەن سۇ تالىشىپ ئارازلىشىپ قالغان.بۇ ئەبلەخ ئۆتۈپ كەتكەن جىدەلگە ناقا قىلىپ.ئەكرەمنىڭ يەرنى سۇغۇرۇپ بۇلۇپ ئۆيگە ماڭغان ۋاقتىدىن پايدىلىپ.قۇناقلىقتا مۆكۈنۈپ تۇرۇپ.ئۇ يولدىن ئۆتكەندىلا چىقىپ ئەكرەمنىڭ قۇساق قىسمىغا چوڭقۇر پىچاق تىقىۋەتكەن.پىچاق يەپ ئون بەش مىنۇتتىن كىيىن نەپەستىن توختىغان دەپ ھۆكۈم چىقاردى.
ئەكرەمنىڭ جەسىتى تا ساقچىلار تەكشۈرۈپ ئىنىقلانغۇچە يەرلىكىدە قۇيۇلمىدى.ئىككى كۈندىن كىيىن ئۇنى يەرلىكىدە قۇيۇپ.يىغا زار ئىچىدە ياندۇق.ھاياتىمنىڭ باھارى باللىرىمنىڭ سۈيۈملۈك دادىسى،مېنىڭ تۇنجى سۆيگۈنۈم ھەم كۆيگىنىم ئەكرەمدىن ئايرىلىش ماڭا بەك ئېغىر كەلگەن ئىدى.بىز شۇنچە ئۇزۇن ئۆي تۇتۇپ ئۈچ بالىلىق بۇلۇپ ۋاقىرشىپمۇ باقمىغان.ئۇ مىنى شۇنداق ئەتىۋارلايىتتى،كۆينەتتى.ئېيتاۋۇر بارلىقىنى بىز ئانا-بالىلارغا بەرگەن ئىدى.مانا ئەمدى تۆت كۈن ئايرىلىپ ماڭا دەيدېغان گەپلىرى باردىۋىلا.يا ئۇ دىيەلمەي يا مەن دىيەلمەي ئارماندا قالدۇق.ماڭا تەلمۈرۈپ تۇرغان باللىرىم مىنىڭ مەيۇس ھالىتىمنى كۆرۈپ،نىمىش بولغىنىنى بىلمەيدۇ.يەنە قۇسقۇمدىكى تېخى تۇغۇلمىغان بالامچۇ؟ئۇ دادىسىنىڭ چىرايىنىمۇ كۆرمەي تۇرۇپ ئايرىلىپ قالدى.
باش ئاخىر يوق خىياللار بىلەن.ھەر دەقىقە ئەكرەمنى ئەسلەپ كۆز يېشى قىلىپ يۈردىم.ھاياتلىق ئۈمۈدۈمنى ئۈزدىم.لېكىن يەنە شۇ باللىرىمنى تېخى دۇنياغا كۆز ئاچمىغان قوساقتىكى بالامنى دەپ.قەيسەرلىك بىلەن ياشاشقا توغرا كەلدى.
بىردەمدىلا ئەكرەمنىڭ قازا قىلغىنىغا ئۈچ ئاي بولدى.مىنىڭ قۇسقۇممۇ يوغىناپ ئاي كۈنۈم تۇشۇپ قالغان ئىدى.مەن ئەكرەمدىن ئايرىلغاندىن بۇيان ئۇنىڭ چىرقىنى ياندۇرمەن دەپ ئۆز ھوجۇرامدا باللىرىم بىلەن ياتاتتىم.باللىرىمنى ئۇخلىتىپ بۇلۇپ تۇرشۇمغا قوسقۇم ئاغرىپ تولغاق تۇتقىلى تۇردى.جاندىن ئۆتە ئاچچىق تولغاق مېنى ھالسىرتىپلا قويغان ئىدى.
نە، چوڭلارنى چاقىراي دېسەم ماغدۇر يوق،ئاچچىق تولغاقنىڭ دەستىدە جېنىم قىينىلىۋاتاتتى...قىزىم بەش ياشقا كىرگەن
بۇلۇپ،بۇ ھالىمنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتكىنىدىن چىقىپ قېينى ئانامنى چاقىرىپ كىرىپتۇ.قېينى ئانام كىرىپ دوختۇرغا ئاپىرىپ ئۇڭۇشلۇق يەڭگىۋالدىم.ئۈچۈنچى بالاممۇ ئوغۇل تۇغۇلدى.ئەكرەمنىڭ مانا ئىككى ئوغلى بىر قىزى بولدى.ئۇ ھايات بولغان بولسا قاچە خوش بۇلار ئىدى ھە،!بۇ يىڭى تۇغۇلغان بالام ئەكرەمنىڭ ئۆزى ئىدى.بۇ بالامغا قارىسام ئەكرەمنى كۆرگەندەك بۇلاتتىم.كۈنلىرىم ئۈچ بالامنى بېقىش ،كۈچۈم يەتكۈدەك ئىشلارنى قىلىش بىلەن ئۆتۋاتىدۇ.بىز تۆت جاننىڭ بارلىق چىقىملىرنى،ۋە چوڭ ئۆينىڭ چىقىملىرى ھازىر ئەكرەمنىڭ ئىنىسى ئەختەمگە يۈكلەنگەن ئىدى.ئاكىسى ھايات چاغدا ئۆزى تاپقاننى بىرىش تۈگۈل ،ھەتتا ئۆيدىكلەردىن ئېلىپ غەچلەيىتتى.ھازىر بولسا ئۇنىڭغا بۇ ئائىيلىنىڭ ئالتە جاننىڭ چىقىملىرى يۈكلەندى.
لېكىن ئەختەمنىڭ تاپاۋىتى ياخشى ئىدى.ئۇ بىر نەچچە يىلدا بىر دۇكاننى ئىككى قىلىپ،خېلى پۇل تاپقان ئىدى.
لېكىن ئۇنىڭغىمۇ ئاكىسنىڭ ئۆلىمى بەك ئېغىر كەلگەن ئىدى.بۇرۇنقى شوخ ئەركىلەپ خۇشخۇي يۈرۈيدېغان يىگىت،ھازىر تۇلىمۇ كەم سۆز ئېغىر -بېسىق بۇلۇپ قالغان ئىدى.ئېيتاۋۇر بۇ ئائىيلىگە نىسپەتەن ئەكرەم بەك چوڭ يۇقۇتۇش بولدى.ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇنىڭ ئۆلىمىدىن كىيىن بىراقلا قېرىپ كەتكەنىىدى.قاپ-قارا سۇمبۇل چاچلىق ئانىسنىڭمۇ چاچلىرى بىراقلا ئاقىرىپ،چىرايلىق چىرايىنى قورۇق بېسىپ كەتتى.
چوڭ ئوغلۇمغا ئەكرەم.ئەلقەم دەپ ئىسىم قويغان ئىدى.كىچىكىگە ئۇنىڭغا يىقىن بولغان.ئەنقەر دەپ ئىسىم قويدۇق.بۇ بالاممۇ بىر ياشقا كىرىپ قالدى.ھايات ئېقىن سۇدەك ئۆتمەكتە ،ماڭىمۇ مانا ئەكرەمدىن ئايرىلغىلى،بىر يېرىم يىل بۇلاي دېدى.لېكىن ماڭا بۇ بىر يېرىم يىل خۇددى،بىر ئەسىردەك بىلىندى.ئۇنىڭ خوش كۈلكىلىرى تاتلىق سۆزلىرى مىنۇت-سىكۇنۇت ئىسىمدىن چىقمايىتتى....باللىرىمنى ئۇخلىتىپ بۇلۇپ كۈندە يوتقانغا پۈركۈنىپ ئۆكسىپ يىغلايىتتى.يېشىم 30 غا بارماي تۇرۇپ ئەڭ سۈيۈملۈك ئىرىمدىن ئايرىلىپ قالغىنىمغا ،پەقەت ئىشەنگۈم كەلمەيىتتى.
\]<eLw-v
ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتتى كىچىك بالاممۇ تەتەيلەپ ئارقىمدىن ماڭغۇدەك بولدى.قىزىممۇ مەكتەپ يېشىغا تۇشۇپ قالدى.
ئاتا-ئانامنىڭ يېنىغا بارساملا مېنى بۇ ئۆيگە قايتىپ كەل،باللىرىڭنى بىز باقايلى سەن قايتا ياتلىق بول دېگەندەك گەپلەرنى تۇلا قىلىپ بېشىمنى ئاغرىتىۋەتتى...ئامالسىز ئاتا-ئانامنىڭ قېشىغىمۇ بارماسلا بولدۇم.لېكىن بىچچارە ئانام بالا دەردىدە يېنىمغا نەچچە كۈندە بىر بېرىپ كۆز يېشى قىلىپ تۇردى.بۇ ئەھۋاللارنى كۆرگەن ئەكرەمنىڭ ئاتا-ئانىسى ئانامغا نىم دىيشىنى بىلەلمەيلا قالدى.ئۇلارمۇ ئوغلىدىن ئايرىلغان تۇرسا نىممۇ دىيەلىسۇن،يەنە ئوغلىنىڭ يۈرەك پارىلىردىن تېخىمۇ ئايرىلغۇسى كەلمەيدۇ -دە!بۈگۈن ئانام يەنە كەلدى.مەن بىلەن كۆرشۈپ بۇلۇپ قېينى ئانامنىڭ يېنىغا كىرىپ كەتتى...ئۇلار بىر ھازا پاراڭلاشتى بولغاي، ئانام چىرايىدا كۈلكە تەبەسسۇم قىلىپ يېنىپ چىقتى.
مەن قايتاي بالام!ئەتە ئۆيگە باللىرىڭنى ئېلىپ ئۆيگە بارغىن دىدى.مەنمۇ ماقۇل دەپ ئانامنى ئۇزۇتۇپ قويدۇم.بۇ كىچە ماڭا تۇلىمۇ تەس تاڭ ئاتتى.ئانامنىڭ كۈلكە يۈگۈرگەن چىرايىنى ،ئويلاپ نىمە سىر بارلىقىغا ئەقلىم يەتمەيۋاتاتتى.ئەتتىگەندىلا ئەختەم يەڭگە مەن ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قۇياي دېدى.ماقۇل ئۇكام سىزنى ئاۋارە قىلارمەنمۇ دىدى.يوق گەپنى قىلمىڭە ،جاپدۇنۇپ بۇلۇپ مېنى چاقىرىڭ دەپ ھوجرىسىغا كىرىپ كەتتى.مەن جاپدۇنۇپ بۇلۇپ ھويلىغا چىقىشىمغا قېينى ئانام ئەختەمنى چاقىردى.ئەختەم ماشىنىسىدا مىنى ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قۇيۇپ، كەچتە كەتمەي ساقلاپ تۇرۇڭ مەن ئالغىلى كىلىمەن دەپ قۇيۇپ كەتتى.
ئۆيگە كىرىپ دادام بىلەن ئۇزاق بۇپتىكەن كۆرۈشمىگلى گىپىمىز تۈگىمەي پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق.بىردەمدىلا ئانام تاماق ئىتىپ بۇپتۇ .ئانام ئەتكەن تاماقنىمۇ يىمىگىلى ئۇزۇن بۇپتىكەن.ئاتا-ئانام بىلەن ھەم داستىخان بۇلۇپ تاماق يىدۇق.
تاماقتىن كىيىن دادام سىرىتتا ئازراق ئىشىم باتتى دەپ چىقىپ كەتتى.مەن باللىرىمنى ئۇخلىتىپ قۇيۇپ ئانامنىڭ تۈنۈگۈنكى كۈلكىسنىڭ تىگىگە يەتمەكچى بولدۇم.مەن ئېغىز ئېچىپ بولغۇچە ئانام ئېغىز ئاچتى.قىزىم سىزگە تۇلا دەپ ھارغان ئىدىم.قېينى ئانىڭىز بىلەن تۈنۈگۈن شۇ تۇغۇرلۇق پاراڭلاشتۇق.ئەسلى سىزنى قايتۇرۇپ ئەكىتەي دېگەن ئىدىم.قېينى ئانىڭىزنىڭ ئويلىغىنى باركەن.قانداق ئويلىغىنى باركەن،نىم دېگەن ئىدىڭىز ئانا دىدىم جىددى تەلەپپۇزدا!!!سىزنى ئو ئۆيدىن چىقارغۇسى يوقكەن ئۇلارنىڭ،مەن قىزىمنى ئەپكىتەي ئۇ تېخى ياش تۇرسا گۈلدەك ۋاقتى ئىچ -ئاغرىقى بىلەن ئۆتۈپ كەتمىسۇن دېسەم.
بىز بۇنى بۇرۇنلا ئويلاشقان شۇ ئېغىز ئاچالماي قالغان ،رەنا قىزىم مىنىڭ مەڭگۈلۈك كىلىنىم،ئەكرەمنىڭ ئۆمرى قىسقا بۇلۇپ قالغىنى بىلەن كىچىك ئوغلۇم ئەختەم بار،رەنا قىزىمنى كىچىك ئوغلۇم ئەختەمگە بىلەن قۇشۇپ قۇيۇش ئويىدا بولدۇق دېدى.
!z?&
ۋاي خۇدايىم بۇ نىمە ئىش ئەمدى.ئاكىسى ئۆلۈپ كەتسە ئىنىسىگە تىگىمەنما؟ئۇ تېخى توي قىلمىغان بىر كىچىك بالا تۇرسا!
ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ھەرگىز ياتلىق بولمايمەن.ئەكرەمنىڭ ئىنىسى بولسىمۇ مەيلى،سىلەرنىڭ نىمە قىلغۇڭلار كەلسە شۇنى قىلامسىلەر؟مىنىڭ كۆڭلۈم ئەجىبا تاللىشىم يوقما؟دەپ ئانام بىلەن تاكاللىشىپ قالدىم.كۆڭلۈم تۇلىمۇ يېرىم يىغلاپ كۆزلىرىم ئىششىپ قالدى.كەچمۇ كىردى ئەختەم مېنى ئالغىلى كەلدى.باللىرىمنى ئېلىپ ئەكرەم بىلەن تۇتقان ئىللىق ئۆيۈمگە كەتتىم.
تۇيۇقسىز ئەختەم< يەڭگە يىغلىدىڭىزما؟كۆزلىرڭىز ئىششىپ كىتىپتۇغۇ؟>دەپ سۇئال قويدى.شۇنداق ئىنىم ئاكىڭىزنى ئويلاپ يىغلاپ سالدىم دەپ گەپنى تۈگەتتىم.
ماشىنىنىڭ ئاچقۇسىغا ئېسىۋالغان رەسىمگە كۆزۈم چۈشتى.<ئەختەم ئاۋۇ رەسىمنى كۆرۈپ باقايچۇ؟>دېدىم .ئەختەم بولدىلا يەڭگە كۆرمەڭ ،دەپ كۆرگىلى قويمىدى.مەنمۇ ئارتۇق تارتىشمىدىم ،بىزمۇ ئۆينىڭ ئالدىغا كەپ قالدۇق،مېھرى ئىللىق بۇ ئائىيلىدىكىلەر مېنى ساقلاپ ئىشىك ئالدىغا چىقىپ تۇرۇپتۇ.باللىرىم يۈگۈرۈپ بېرىپ قىينى ئاتام،قىينى ئانامغا ئېسىلدى.
چوڭلار بىرلىككە كىلۋالسا مەن ھەر قانچە تارتىشساممۇ ئامال يوقكەن.بۇ ئىككى ئائىيلىدىكى چوڭلار بىرلىشىپ يۈرۈپ.مېنى قايىل قىلالمىسمۇ ئەختەمنى قايىل قىلدى.ئەمدى بولسا ئەختەم ماڭا خىزمەت ئىشلىگىلى تۇردى.<يەڭگە مىنىڭمۇ ياخشى كۆرگىنىم باتتى.ئانامنىڭ كۆز يېشىنى ئاكامنىڭ باللىرنى دەپ،ئۆز مۇھەببىتىمدىن ۋاز كەچتىم.سىزمۇ جاھىللىق قىلماڭ بۇرۇن سىزنى قانداق ھۆرمەتلىگەن بولسام ھازىرمۇ،كىيىنمۇ شۇنداق ھۆرمەتلەيمەن.ئاكامنىڭ باللىرى مىنىڭ باللىرىم >دېدى.
لېكىن ئىنىم سىزگە ئۇۋال بۇلىدۇ.بىرگە ياش پەرقىمىزدە پەرىق چوڭ،يەنە بىرگە سىز ئەكرەمنىڭ ئىنىسى تۇرسىڭىز مەن قانداقمۇ سىزگە تىگىمەن.بۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ دەپ جايىللىق قىلدىم.
ئەختەمنىڭ قۇشۇلىشى مىنىڭ قۇشۇلماسلىقىم بىلەن بۈگۈن بىزنىڭ تۇيىمىز بولدى.ئەكرەم بىلەن تۇتقان ھوجرا ئۆيۈمدە يىغلامسىراپ ئولتۇرمەن.ئەختەم كىچىك بولغاچقا تازا چۈشەنمىدىمۇ !ياكى ئاكىسنىڭ باللىرغا ماڭا ھىسداشلىق قىلدىمۇ!ئېيتاۋۇر ئۇ دوسلىرى بىلەن خېلى خۇشال يۈرەتتى.باشقىلارنىڭ زورلىشى بىلەن بىزنىڭ نىكاھىمىز ئۇقۇلدى.ھاياتىمدىكى ئەڭ سۈيۈملۈك ئادىمىم ئەكرەمدىن ئايرىلىپ قەلبىمنى ئېغىر جاراھەت قاپلىغان ئىدى.بۇنىڭ ئورنىنى ئەختەم تولدۇرماقچى بۇلاۋاتىدۇ.بۇ مۇمكىنمۇ!بىر يۈرەككە قانداقمۇ ئىككى ئادەم سىغسۇن.ھەر خىل خىياللار بىلەن ھوجرامدا باللىرىمنى پەپىلەپ ياتتىم.
قېينى ئانام كىرىپ قىزىم بۈگۈن ئەختەم بىلەن سىزنىڭ تويىڭىز.ئۆلگەننىڭ ئارقىسدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ،ھاياتلار يەنە ياشىشىمىز كىرەك ،بۇنداق يىغلاپ ئولتۇرۇۋەرمەي ئەختەمنىڭ قېشىغا چىقىڭ،باللارنىڭ قېشىدا مەن ياتاي دەپ يالۋۇرغىلى تۇردى.مەن قەتئىي مۇمكىن ئەمەس دەپ ئۇنىماي تۇرۋالسام، قېينى ئانام قۇلۇمدىن مەھكەم تۇتۇپ، مىنى سۆرۈگەندەك ھالەتتە ئەختەمنىڭ ھوجرىسىغا كىرگۈزىۋەتتى.ئەكرەم ھوجرىسىدا ئۇخلاۋاتقان ئىكەن.راس ئۇخلىغانمۇ ياكى يالغانمۇ بىلمىدىم.مىنىڭ كىرگىنىمنى سىزىپ ئورنىدىن تۇردى.يېنىمغا كىلىپ يەڭگە ئانامنى كەچۇرۇڭ،ئۇمۇ سىزنىڭ ،نەۋرىلىرنىڭ غېمىنى قىلۋاتىدۇ.سىز ئورۇنغا بېرىپ يېتىڭ،بۈگۈن بەك چارچاپ كەتتىڭىز دەپ چىقىپ كەتتى.بىردەمدىن كىيىن يەنە بىر يۈرۈش يوتقان-كۆرپە كۆتۈرۈپ كىرىپ ئورۇن سېلىپ ياتتى.
كۈنلەر چوڭلارنى ئالداش بىلەن ئۆتەتتى.ئۆزۈم بۇ ھوجرىدا بولغان بىلەن ئەكسى-ئىسيادىم ئەكرەمنى ئويلاش بىلەن باللىرىمدا ئىدى.قىينى ئانامغا شۇنچە گەپ قىلىپمۇ باللىرىم بىلەن بىللە يېتىشقا كۆندۈرەلمىدىم.
ئەختەم بولسا كۈندىن-كۈنگە ماڭا يىقىنچىلىق قىلىپ ئۆزىگە قاراتماقچى بولغاندەك قىلاتتى.مىنىڭمۇ باغرىم تاش ئەمەس دە، ئەكرەم بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدېغان بۇ ئىنىسى تۇرسا دەپ ،كۆپ ئويلىدىم.بۈگۈن ئەكرەم بىلەن نەچچە يىل بىللە ياشىغان ھوجىرامدا يىغلاپ ئولتۇرۇپ بۇ ھاياتنىڭ قىسمىتىمگە نالە قىلۋاتىمەن.جېنىم ئەكرەم مىنىڭ بۇ تەقدىر قىسمىتىمگە نېمە دەي،ئىنىڭىزنىڭ يىقىنچىلىقلىرغا بوي سۇنۇپ باللىرڭىزنى بىللە باقايمۇ ؟ياكى بۇ ھوجرىمىزدا تەنھا سىزگە بىر ئۆمۈر قارلىق تۇتايمۇ؟قېنى بىر ماڭا بىشارەت بىرىڭە!ھاياتىمنى بىر سىزگىلا ئاتىغانىىدىم،ئەجەل سىزگە بالدۇر كىلىپ،چۈچۈردەك نارىسىيدە باللىرڭىزنى تاشلاپ مېنىڭ قېشىمدىن كەتتىڭىز....ئەمدى مەن قانداق قىلاي،ئاتا-ئانىڭىزنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئىنىڭىزنى قۇبۇل قىلايمۇ؟دەپ ئۆكسىپ يىغلىدىم.
ئەكرەمنىڭ رەنا-رەنا دەپ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى.بۇ ئاۋازدىن قۇلىقىمغا ئىشەنمەي ئىشىكنى ئېچىپ چىقسام ،بۇ ئەسلى ئەختەمكەن.ئۇ يەنە ئىسمىمنى بىۋاستە ئاتاپ ،رەنا نىمىش قىلۋاتىسىز ھوجرىغا بىكىنىۋېلىپ دەپ سورىدى.ھې-ھېچ ئىش باللارنىڭ كىيمىنى رەتلەپ شۇ دېدىم.جۈرۈڭ توي خېتى ئالىمىز دەپ قۇلۇمدىن تۇتۇپ ماڭدى.مەنمۇ ئىختىيارسىز مېھرى ئىسسىق قولنىڭ ھارەرىتىدىن پۈتۈن جىسمىمغا ئوت تۇتاشقاندەك بۇلۇپ،ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماڭدىم.
yX9 .yq