باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       6525 
  •    ئىنكاس 
       50 

قۇرقۇنىچلىق خۇمار

قەۋەت ئاتلاش
izhar420
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6527

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   59 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4410 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   450 (قېتم)
 تۆھپە:   450  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1609
 سائەت
دەرىجىسى:
1609 سائەت 91 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-05
ئاخــىرقىسى:2012-02-14
— تېما bayawan تەرپىدىن (2011-07-19) دە نادىرلاندى. —

ۋەي، خەيرىنسا بارمىدۇ؟ BQBeo&n6  
_ئۇ بايا سىرىتقا چىقىپ كەتكەن،-دىدى ئىلھام قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازىنى تازا تۇنۇيالماي . KQcs3F@t  
_سىز يولدىشىما؟ @lCJ G!u  
_ ھەئە Ad:TYpLD  
_مۇنداق ئىشتى،بىر يىلدىن بېرى ئايالىڭىز دۇكىنىمدىن 10000يۇۋەنلىك كىيىمنى نىسىي ئالغان دەڭە، ئەتە مال ئەكەلگىلى ئۇرۇمچىگە ماڭماقچى ئىدىم، ئىككى، ئۇچ كۈندىن بېرى تىلفۇن ئۇرسام ھازىرغا قەدەر ئەكىلىپ بەرمىدى، شۇڭا ئامالسىز ئۆيىڭىزگە تىلفۇن قىلغان ئىدىم. I96C i2)m  
_نىمە؟-ئىلھامنىڭ كاللىسىدىن تۇتۇن چىقىپ كەتتى، ئەسلىدە "سودىگەر دۇستۇم سوۋغا قىلدى، سىڭلىم ئەۋەتىپتۇ، ساۋاقدىشىم سېتىۋاپتىكەن، كىچىك كېلىپ قاپتۇ، شۇڭا ماڭا بېرىۋەتتى" دىگەندەك خىلمۇ_خىل ناملار بىلەن پەيدا بۇلۇپ قالغان ئاشۇ كىيىملەرنىڭ ئەسلىي مەنبەسى مۇنداقكەندە. I6j$X6u  
_ۋەي،-تىلفۇن تۇرۇپكىسىدىن قارشى تەرەپنىڭ ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى،-ھازىر ئۆيىڭىزگە بارسام پۇلنى بېرىۋەتسىڭىز بوپتىكەن . 76V6cI=+  
_ماقۇل، ئۆينىڭ ئادىرىسىنى ئېيتىپ بېرەي،-ئىلھام قاتتىق دەرغەزەپكە كەلگەن بولسىمۇ، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ھالدا ئۆينىڭ ئادىرىسىنى دەپ بەردى،دىمىسىمۇ شۇ تاپتا مۇشۇنىڭدىن باشقا  ياخشىراق ھەل قىلىش ئۇسۇلى يوق ئىدى. o[v\|Q`d  
_ۋەي، ئابدۇرۇسۇل ، يېنىڭدا10000يۇۋەن پۇل بولسا بېرىپ تۇرساڭ بوپتىكەن. UJ0<%^f  
_ئاداش بىلىسەن ،يېڭىلا ئوي سېتىۋالدىم، دەماللىققا ئۇنچە كۆپ پۇل ... 3=DNb+D!  
_ئۇنىڭدىن ئازىراق بولسىمۇ مەيلىتى،-دىدى ئىلھام ئۇنىڭ بېرىپ تۇرماسلىقىدىن ئەنسىرەپ.  DVah  
1000يۇۋەن بار ئىدى، شۇنى ئىشلىتىپ تۇر بولمىسا. RG3l.jL  
_ماقۇل ، ئاداش، ھازىرلا يېنىڭغا باراي. *5|)-E  
مۇشۇنداق نەچچە ئون قېتىم تىلفۇن قىلىش، قاتىراش ئارقىلىق 10000يۇۋەن پۇلمۇ تەل بولدى، بىراق ئىلھام ئىچ-ئىچىدىن غەزەپلىنىپ خورلۇق ھىس قىلىپ كەتتى. lrWV#`6!+  
_ئاداش، سەنغۇ ئۇنداق ئادەملەرگە ئوخشىمايسەن، بىراق ھىساپلىق دوس ئايرىلماس دەپتىكەن، شۇڭا... بەزى دوسلىرى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا خۇددى ئۇنىڭدىن پۇل قەرىز ئالغانلىق ھوججىتى يىزىپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. WuPH'4b 5  
ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپلا ئۇنىڭ قۇيقا چاچلىرى تىك تۇرۇپ كەتتى.ئىشىك ئالدىدا ئايالى خەيرىنسا  سىمىزلىكتىن پۇسكۇيۇپ كەتكەن بىر ئايال بىلەن سەت گەپلەر بىلەن تىللىشىپ ئۇرۇشۋاتاتتى ،بىر مۇنچە خۇلۇم -خوشىنىلار كۇسۇلدىشىپ تاماشا كورگەندەك قارىشىپ تۇراتتى. GiP`dtK  
ئوتە ماياققا، -ئىلھام بېرىپلا ئايالىنى بىر چەتكە تارتىپ، 10000يۇۋەن پۇلنى ھېلىقى سىمىز ئايالغا تۇتقۇزدى،ئېسىۋالغان ئالتۇن زىببۇ -زىننەتلىرى يوغانلىقىدىن زىننەت بۇيۇمى ئەمەس قەدىمقى دەۋىردىكى جازا قورالىغا ئوخشىشىپ قالغان  سودىگەر ئايال چىرايى ئاپتاپپەرەستەك ئېچىلغان ھالدا پۇلنى ساناشقا باشلىدى. fGw^:,B  
_ھى،ھى،ھى،ئىشنىڭ يولى دىگەن مۇنداق بولمامدۇ ھە خەيرىنسا خېنىم، ئۆگۈنلۈككە مالدىن قايتىپ كەلسەم بېرىپ كۆڭۈللىرى خالىغاننى تاللىۋالسىلا، كونا خېرىدارىم بۇلۇپ قاللا، ئىز باھاسىدىلا بېرىۋېتىمەن. TpmwD{c[\  
_نىمە؟! ،-سودىگەر ئايالنىڭ پۇلنى كۇرۇپلا 360گىرادۇس ئۆزگىرىشىدىن ھاڭ-تاڭ قالغان ئىلھام بۇ گەپلەرگە تېخىمۇ چىچاڭشىپ كەتتى،-ئۇ يەنە سىزنىڭ دۇكىنىڭىزغا بارىدىغان بولسا پاچىقىنى چېقىۋىتىمەن، سىزمچۇ كىيىملىرىڭىزنى نەق سېتىڭ، خەققە زولاپ نىسىي ساتقۇچە،  ماللىرىڭىزنى نىسىيگە بېرەمدۇ يا سىزگە؟ =8r 0 (c  
_شۇ،كەيمەي تۇراي، يېنىمدا پۇل يوقتى دىسەم،ۋاي خېنىم، بۇ كىيىم بىلەن چولپانلەردەك ئېچىلىپ كەتلە، سىلى بىر كەيسىلە، ھەممىسىگە ئوت كېتەتتى دەپ زولاپ كەيگۈزۈپ ئادەمگە،-خەيرىنسا ھىقىقداپ تۇرۇپ بۇ گەپلەرنى ئارانلا دىيەلىدى. ]?Fi$3Lm  
_ئوش، نىمە دەيدۇ ما خەق، بىزمىچۇ مالنى تاراق-تاراق پۇل ساناپ ئەكىلىمىز، كۆزلىرىنى مولدىرلىتىپ تۇرۇۋالسىلا ئىچىم ئاغرىپ بېرىپ ساپتىمەن،ھەر قايسىلىرى بارمىغانغا خېرىدار كەم ئەمەس ماڭا،- سودىگەر ئايال شۇنداق دەپلا بوينىنى شاپتۇل قېقىپ كىتىپ قالدى. c1$ngH0  
سودىگەر ئايال كېتىشى بىلەن، ئىلھام بىلەن خەيرىنسامۇ ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئۆي ئىچى تىمتاسلىققا چومگەن بۇلۇپ، ئىلھام مېھمانخانا ئۆيدە تاماكا چىكىۋاتاتتى، خەيرىنسا ياتاق ئۆيدە بايىقى ئاھانەت، خاپىچىلىقلارنى ئويلاپ بېشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇراتتى. nB%;S  
   توۋا، نىمە دىگەن نۇمۇس، نىمە دىگەن شەرمەندىچىلىك ھە،  تاس قالدىم شۇنچە ئادەمنىڭ ئالدىدا ئىزادىن ئولگىلى،ئۇنىڭ ئەمدىلا توختاشقا باشلىغان  كۆز ياشلىرى تاراملاپ چۈشۈشكە باشلىدى-دە، ئاشۇ سودىگەر ئايال تۇرنىسا بىلەن تۇنۇشۇش جەريانى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر قاتار ئىشلار خۇددى كىنو كۈرۈنۇشلىرىدەك كۆز ئالدىدىن ئۇتۇشكە باشلىدى. tp6M=MC%  
ئۇ كۈنى خەيرىنسا ئوغلى ئەزىمەتنىڭ كۇرىستىن چۇشۇشىنى ساقلىغاچ  دۇكان ئارىلاۋېتىپ تۇرنىسانىڭ دۇكىنىدىكى  ھالرەڭ كوينەكنى ياقتۇرۇپ قالدى، بىراق 1200يۇۋەن دىگەن باھانى ئاڭلاپ كوينەكنى قۇيۇپ چىقىپ كەتمەكچى بولغاندا سودىگەر ئايال ئېغىز ئاچتى: Zm"{Viv]  
ـخېنىم كۆزلىرى مال تۇنۇيدىكەن ،  بۇ كۆينەك تېخى تۇنۇگۇن كەلگەن تۇركىيەنىڭ جىڭ مېلى، يېڭى مال دىسلە،  بۇ كۆينەكنى كەيسلە سىلىنىڭ مۇشۇ قاملاشقان پىگورىلىرى، ئايدەك جاماللىرى ۋاللىدە ئېچىلىپ دوس-دۇشمەنلەرنىڭ ئىچىگە ئوت كىتەتتى جۇمۇ. 'fcMuBc+ 4  
- ھەققىقەتەن چىرايلىقكەن، بىراق يېڭىلا بىنا ئۆي سېتىۋالغاچقا بۇ باھاغا ....خەيرىنسا شۇنداق دىگىنىچە لىۋىنى چىشلىدى. {r> .G7P6  
ـ ۋاي-ۋۇي، پۇل دەپ قاپلا، ماڭىچۇ، پۇلدىن بەكرەك سىلىدەك كىيىم تۇنۇيدىغان خىرىدار كېرەك، بوپتۇ، ئەكەلگەن باھادىلا بېرىۋىتەي، 900يۇۋەن بولسۇن، كۆزۈمگە كۈرۈنۈپ تۇرىدۇ، ناۋادا سىلە مۇشۇ كىيىمنى كەيسىلە پۇتۇن ئاياللارنىڭ ئىچىگە ئوت كىتىدۇ دىسلە. R)M_|ca  
   بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ خەيرىنسانىڭ كۆز ئالدىغا خىزمەتدىشى زۇلپىيەنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان بىر كوينەكنى2000 يۇۋەنگە ئالدىم دەپ كۆز-كۆز قىلىشلىرى كەلدى-دە، ئوتتەك قىزىدى، بىراق ئوينىڭ قەرىزىنى قايتۇرۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ يەنە لەسسىدە بۇلۇپ قالدى.ناھايتى سەزگۈرلىك بىلەن خەيرىنسانىڭ چىراي ئىپادىسىگە دىققەت قىلىۋاتقان تۇرنىسا سەل كاللا ئىشلەتمىسە مودىللاردەك پىگورىسى، ئايدەك جامالى بار خىرىدارنىڭ قولدىن كىتىغانلىقىنى بىلىپ لىككىدە ئورنىدىن تۇردى-دە، كىيىپ باقسىلا دەپ تۇرۇپلاۋالدى. |J+(:{ }~  
   «بوپتۇلا،كەيگەنگە پۇل ئالمىغاندىكىن، كىيىپ باقمايمەنمۇ  » ،-خەيرىنسا شۇلارنى ئويلاپ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. V?P,&c?84  
ـ پاھ،ئاي ،ئاي ،ئاي،دىگىنىمدەك بولدى مانا، مۇشۇ پېتى چىقىپ كەتسىلە، پۇتۇن خەقنىڭ كۆزى سىلىدە قالمىغىنىنى بىر كورەي!،-تۇرنىسا تاماقلىرىنى چاكىلدىتىپ ئۇنى ماختاپلا كەتتى. <+^6}8-  
ـ بىراق، مەن پۇل ئېلىۋالماپتىكەنمەن. H;U)b{  
ـ ۋاييەي،ئايلىقچىدا ئاي ئاخىرىدا پۇل قالمايدىغانلىقىنى بىلىمەن ،مائاش بەرگەندە بەرسىلە، سىلى بازارلىق ئوتتۇرىدا ئىشلەيلىغۇ-ھە، بۇرۇندىن تارتىپ ھەۋەس بىلەن قارايتىم سىلىگە.  *[r!  
ـ بۇنداق قىلساق قانداق بولار؟ مەن ئەزەلدىن... ,h{A^[yl  
ـ ھىچنىمە بولمايدۇ، قارىسلا مۇنۇ دەپتەرگە، سىلى بىلەن بىر مەكتەپتىكى زۇلپىيەمۇ دائىم مەندىن كىيىم ئالىدۇ، پۇلىنى قاچان بەرسە مەيلى دەيمەن دىسلە، ئادەم دىگەنگە پۇللا لازىم ئەمەس دىسلە بۇ جاھاندا. pG34Qw  
   ناھيىدىكى ئوزىنى خېلى مەن دەپ يۇرگەن ئاياللارنىڭ  مۇنچە پۇللۇق كىيىم ئالدىم دەپ ئىسمىنى يىزىپ قويغان بۇ نىسىي كىيىم ئېلىش پۇتۇكى  خەيرىنسانى قىزىقتۇردى، شۇنداق قىلىپ ئۇ بۇ دۇكاننىڭ دائىملىق خىرىدارى بۇلۇپ قالدى،مەكتەپتىكى ئاياللارنىڭ ھەۋەس بىلەن قاراپ باھاسىنى سوراشلىرى، يېقىنچىلىق قىلىشلىرى، ماختاشلىرى بىلەن ئۇ بۇرۇنلا تۇرنىسا بىلەن تۇنۇشمىغىنىغا پۇشايمان قىلىپمۇ ئۇلگۇردى، تۇرنىسامۇ ئەڭ چىرايلىق، ئوزگىچە پۇسۇندىكى كىيىملەرنى ئۇنىڭغا كەيدۇرۇپ ھەۋەسلىنىپ قاراپ كىتەتتى ھەمدە كۆز ئالدىدىكى بۇ يەمچۇك ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئاياللارنى دۇكىنىغا جەلىپ قىلۋالغىنىغا ئىچ-ئىچىدىن خوشال بولاتتى. t~e<z81p  
    كۈنلەرنىڭ ئۇتۇشى بىلەن خەيرىنسا بىرەر كۈن تۇرنىسانىڭ دۇكىنىغا كىرمىسە بىر نەرسىسى كامدەك ھىس قىلىدىغان بۇلۇپ قالدى، ھەر ئايلىق مائاشىدىن ئىككى،ئۈچ يۇز يۇۋەننى تولەپ بېرىپ يېڭى-يېڭى كىيىملەرنى كىيىپ مودا يۇرۇيدىغان بولدى، يولدىشى ئىلھام بەزىدە گۇمانلىنىپ بۇ كىيىملەرنى نەدىن ئالدىڭ دىسە خىلمۇ-خىل باھانىلەرنى كۆرسىتىپ قۇتۇلغان بولدى،بىراق بۈگۈن.... ) c/%NiN  
   ئۆينىڭ تىلفۇنى جىرىڭلىدى،خەيرىنسا ئىلھامنىڭ يىنىغا چىقىشتىن ئەيمەنگەن بولسىمۇ يەنىلا مىھمانخانا ئۆيگە چىقىپ تىلفۇننى ئالدى. $xOI 1|d   
  ۋەي،مەن ئەزىمەتجاننىڭ ئۇقۇتقۇچىسى، ئەزىمەتجان تۇيۇقسىز ھوشىدىن كىتىپ ناھيىلىك دۇختۇرخانىغا ئەكەلگەن ،تىزرەك كەلگەن بولساڭلار. tV_t6x_.  
  ماقۇل،ماقۇل، مەن ھازىرلا باراي،-خەيرىنسا تۇرۇپكىنى قۇيۇۋېتىپ ئۇچقاندەك ئىشىك تۇۋىگە كەلدى-دە، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ئىلھامغا: c9\2YKo  
ـ تىز بولايلى، ئەزىمەت دۇختۇرخاندا ئىكەن. J0 k  
ـ نىمە؟!،-ئىلھام چاچىراپ قۇپۇپ بىرگە ماڭدى،ئۇلار دوختۇرخانىغا كەلگەندە ئەزىمەت چىرايى تاتارغان، كۆزلىرىنى يېرىم ئاچقان ھالداكارۋاتتا ياتاتتى. n4R2^gXAw  
ئەزىمىتىم، جېنىم بالام، نىمە بولدۇڭ؟!،-خەيرىنسا ئېتىلىپ بارغىنىچە بالىسىنى باغرىغا باستى، ئەزىمەت زورىغا كۇلۇمسىرەپ تۇرۇپ : X*g(q0N<S  
ـ پۇت-قۇلۇمدا ماغدۇر يوق ، ئۇنىڭ ئۇستىگە قىزىپ قاپتىمەن،باشقا ئىش يوق،-دىدى. :qR=>n=  
بىمارنىڭ ئاتا-ئانىسى كەلدىمۇ؟،-سىستىرا سورىدى. c(U  
ـ ھەئە، بىز شۇ. t ?h kL  
ـ دۇختۇر ئىشخانىسىغا چىقساڭلار بوپتىكەن. 0l=+$& D  
ـ يېقىندىن بۇيان ئوغلۇڭلاردابىرەر نورمالسىزلىق ھىس قىلدىڭلارمۇ؟،-دىدى دوختۇر ئۇلار ئولتۇرىشىى ھامان سەل جىددى تەلەپپۇزدا. 4"@GNk~e  
پات-پات بۇرنى ، چىش مىلىكى قانايدۇ، ئىشتاھاسىمۇ بۇرۇنقىدەك ئەمەس، يېقىندىن بۇيان پۇت-قۇلۇمنىڭ ئۇسىتخان،بۇغۇملىرى ئاغرىۋاتىدۇ دىۋىدى، شۇڭا ...،-دىدى ئىلھام ئاۋازى تىتىرىگەن ھالدا. R#n%cXc|  
ـ بۇرۇن پات -پات قىزىيدىغان ، زۇكامغا ئوخشاش ئالامەتلەركۈرۈلۈپ، كېسەللىك ئىككى ھەپتىگىچە ياخشىلانمايدىغان ئەھۋاللار بارمىتى؟ hH->%*  
ـ ھەئە،پات-پات قىزىپ قېلىپ ئۇكۇل ئالاتتۇق،-دىدى ئىلھام. ,;<RW]r-P  
ـ بولدى، سىلەر دەرھال تەييارلىق قىلىپ بالىنى يۇقىرى دەرىىجىلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىڭلار،بىزمۇ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى تىز بېجىرىپ بېرەيلى. l;"Ab?P\  
ـ دوختۇر، ئوغلۇم نىمە كېسەلكەن؟،-دىدى خەيرىنسا بۇلۇۋاتقان گەپ-سوزلەردىن تەشۋىشكە چۇشۇپ. oyk>vIZ  
-قان تەكشۇرۇش نەتىجىسى ۋە سىلەر دىگەن ئالامەتلەردىن قارىغاندا ئوغلىڭىز ئاق قان كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندەك قىلدۇ، بىراق بۇ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن تەكشۇرۇشكە مۇھتاج، قانچە تىز تەكشۇرتىپ، قانچە تىز داۋالاتساڭلار بالىغا نىسبەتەن شۇنچە ياخشى. 1^dJg8  
ـنىمە؟،-خەيرىنسا بىلەن ئىلھام تەڭلا ۋاقىرۋەتتى، تەقدىرنىڭ شۇنچە تۇيۇقسىز،شۇنچە رەھىمسزلىك بىلەن قىلغان بۇ چاقچىقى ئۇلارنى بەكلا قورقىتىۋەتكەن ئىدى،بىردەم ئۇتۇپ ئۇلار ئۆزىنى سەل تۇتۇۋالدى، دوختۇرنىڭ كېيىنكى گەپلىرىمۇ ئۇلارنىڭ تىزرەك قارارغا كېلىشىنى تەلەپ قىلدىغانلىقىنى بىلدۇرەتتى . kvGCbRC  
ـ ئىلھام ،قانداق قىلىمىز؟،-دىدى خەيرىنسا تارام-تارام كۆز ياشلىرىنى توككەن ھالدا. &[a Tw{2  
ـ سەن بالىغا قاراپ تۇر ، مەن بېرىپ دوسلىرىمدىن...ياق، مەن باشقىچە بىر ئامال قىلىپ باقاي،-دەپلا چىقىپ كەتتى. :%JC^dV(  
ئىلھامنىڭ دوسلىرىم دەپ ئاغىزىدىن چىقىرىپلا ئىككىلىنىپ ئارقىغا يېنىۋىلىشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەن خەيرىنسا بۇقۇلداپ يىغلاپلا كەتتى،ئۇنىڭ يىغىسىغا پۇشايمان، ئۆكۈنۈش ،نۇمۇس تۇيغۇلىرى گىرەلىشىپ كەتكەن ئىدى، دىمىسىمۇ تۇرنىسا بىلەن تۇنۇشقان مۇشۇ بىر يىلدىن بۇيان ئۇ پۇتۇن زېھنىنى <گېدىي،جۈزىي،فارىسا،بادىنا> دىگەندەك داڭلىق ماركىلىق كىيىملەر ۋە تۇرنىسا ئۇيۇشتۇرغان تۈرلۈك ناملاردىكى ھەشەمەت سۇرۇنلىرىغا ئاتىۋەتكەن،ئاياللىق ، ئانىلىق مەسئۇليەت، بۇرچىغا سەل قارىغان بولغاچقا، ئۆزىنىڭ يۇرەك پارىسىدا بۇلۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنىمۇ ھىس قىلالمىغان ئىدى، بالا ئاغىرىپ قالغان كۆپىنچە چاغلاردا ئىلھام دوختۇرخانىغا ئۆزى ئاپىرىپ داۋالىتاتتى، خەيرىنسا بالىنى زۇكامداپ قالدى، قىزىپ قالدى دەپ ئاددىيلا ئويلىغان، ئاقىۋىتىنىڭ بۇنچە ئېغىر بۇلۇشىنى ئويلاپمۇ باقىمىغان قىسقىسى بالىسى ھەققىدە كۆپرەك ئويلىنىشقا ۋاقىت ، زېھىن ئاجىرتىپ باقمىغان ئىدى،ئەگەر ئاشۇ قۇرقۇنىچلىق كىيىم خۇمارى بولمىغىنىدا ئىدى ، بەلكىم كېسەللىكنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىلا... pi5GxDA]  
ئىلھام سەپەر سومكىسىنى ئېلىپ ئالدىراش-تىنەش كىرىپ كەلدى،-دە،خەيرىنسانى سىرىتقا چاقىرىپ : [4+q+  
ئۇرۇمچىنىڭ بېلىتنىمۇ ئېلىپ بولدۇم،مەن ئەزىمەت بىلەن مېڭىپ تۇراي ،ئىنىم ئۆي ئۈچۈن خېرىدار ئىزلەۋاتىدۇ،سەن پۇلنى ئالغان ھامان يولغا چىققىن،-دىدى. !r+IXuqV,!  
خەيرىنسانىڭ شۇنداق بىرگە ماڭغۇسى بولسىمۇ، ئالتۇن زىببۇ-زىننەتلىرى ۋە ئاشۇ قىممەت باھالىق كىيىملەرنى سېتىپ ،ئازراق بولسىمۇ پۇل توپلاش ئارقىلىق ۋىجدان ئازاۋىنى يىنىكلىتىش نىيىتى بولغاچقا ئۈن-تىنسىز قۇشۇلدى.زەرگەرنىڭ قېشىغا بېرىپ ئالتۇننى مىڭ يۇۋەن زىينىغا سېتىپ 5000يۇۋەن پۇلنى سومكىغا سالدى،ئاندىن بىر يىلدىن بۇيان سېتىۋالغان ئۆزىنى خىرويىنغا خۇمار قىلغاندەك خۇمار قىلغان  ئاشۇ قىممەت باھالىق كىيىملەرنى يوغان سومكىغا سېلىپ ئاشۇ يىرگىنىشلىك دۇكانغا كىردى، ئەينەك ئالدىدا گىرىم قىلۋاتقان تۇرنىسا خەيرىنسانى كۈرۈپ تولىمۇ ھەيرانلىق ،تەكەببۇرلۇق ئارىلاش: "PH6e bm  
ئەتىگەندىلا شۇنچە كۆپ ئادەمنىڭ ئالدىدا تىللاپ ئەمدى پۇشايمان قىلىپ قاپلىدە خېنىم،بارمايمەن دىگەن تۇگمەنگە يەتتە قېتىم بېرىپتۇ دەپ بىكار ئېيىتمىغان،-دىدى قاپاقلىرىنى سۇزۇپ. tZ2K$!/B  
تۇرنىسا خېنىم، بالامنى ئاق قان راكى دەپ ھازىر ئۇرۇمچىگە ئېلىپ ماڭدى، سىلدىن ئالغان كىيىملەرنى ئازىراق بولسىمۇ پۇل قىلىپ بېرەرمىكىن دەپ...،-خەيرىنسا لوممىدە كۆزلىرىگە ياش ئالدى. hzY[G :  
   پۇشايمان قىلىپ ئۆزىگە يالۋۇرغىلى كەلدى دەپ ئويلاپ، ئازىراق يالۋۇرسا يارىشۋېلىش نىيتىدە تۇرغان تۇرنىسا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ خەيرىنساغا ئىشەنمىگەندەك سىنجىلاپ قارىدى، توپا ئورلەپ تۇرغان يۇز، يىغىدىن قىزارغان كۆزلەر ، يالۋۇرۇشتىن خورلۇق ھىس قىلغاندەك ئىگىلىپ تۇرغان ۋۇجۇد بۇ گەپلەرنىڭ راسلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. .wK1El{bf  
   ئەمدى خەيرىنسانىڭ ئۆزىگە ھىچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن تۇرنىسا قوللىرىنى گىرەلەشتۇرۇپ ھاكاۋۇرلۇق بىلەن سوزلىدى: 2.Yi( r  
ئۆزلىرىمۇ بىلىلا خېنىم، مېنىڭ دۇكىنىم ناھيىنىڭ ئەڭ ئالدى، مۇشۇ دۇكىنىمغا سىلىدىن ئاشقان-تاشقان كونا كىيىملەرنى ئېسىپ ساتسام ماڭا نۇمۇس ئەمەسمۇ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ھازىر ھاكىمنىڭ ئايالى كىيىم سېتىۋالغىلى كەلمەكچىتى، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى پىت بازىرىغا بېرىپ خېرىدار ئىزلەپ باقسىلا! u>.y:>  
خورلۇقتىن لەۋلىرىنى چىڭ چىشلىگەن خەيرىنسا گىدىيىپ تۇرغان تۇرنىساغا نەپرەت، سەسكىنىش بىلەن قارىدى-دە،چىقىپ كەتتى.ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە قىينىسى جۇرئەت ئۇنى ساقلاپ تۇراتتى. 7Bz*r0 9S  
ـئۆينى ئىككى يۇز يىگىرمە مىڭ يۇۋەنگە ساتتىم، بانكىدا ئوتتۇز مىڭ يۇۋەن بار ئىدى، شۇنىڭ بىلەن ئىككى يۇز ئەللىك مىڭ يۇۋەن بولدى،ھەممىنى كارتىغا سېلىۋەتتىم، مانا. #\4 b:dv  
ـئۇكام، ئۆينىڭ پۇلىنى ئالاي، بىراق سىزنىڭ پۇلىڭىزنى... O\OE0[[  
ـنىمە دەيدىغانسىز، يەڭگە، ئەزىمەت ساقىيىپلا كەتسە پۇل دىگەن تېپىلىدۇ، ھازىر بېكەتكە ئاپىرىپ قويايمۇ ياكى كەچتە ماڭامسىز؟ +`bC%\T8?  
ھازىرلا ماڭاي. /&Jv,[2kV  
ـقولىڭىزدىكى ماۋۇ سومكىنى بىللە ئېلۋالامسىز؟،-دىدى جۇرئەت ھېلقى داڭلىق ماركىلىق كىيىملەر سېلىنغان سومكىنى كورسىتىپ. ~# 7wdP  
ـياق، بۇنى تاشلىۋېتىڭ، ئۇكام، قانچە يىراققا تاشلىۋەتسىڭىز شۇنچە ياخشى!!!- دىدى خەيرىنسا ئەينى چاغدا ئۆزىنى خۇمار قىلىپ ۋەسۋەسىگە سالغان ، ئەمما ھازىر ئەمىليەتتىمۇ، قەلبىدىمۇ بىر پۇڭغىمۇ ئەرزىمەيدىغان كىيىملەرگە يىرگىنىش بىلەن قاراپ سومكىنى جۇرئەتكە سۇندى. R9r+kj_  
(تۈگىدى) *]s&8/Gmb  
مەنبەسى ئۆز قەلمىم.
ئانا تۇپراق مۇنبرىدىكى مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار جەمئىي 1 پارچە
خۇشخۇيمۇنبەر پۇلى+302011-07-19-
ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

精彩

感动

搞笑

开心

愤怒

无聊

灌水
بۈگۈن-ئەڭ مۇھىم
bayawan

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.24

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2363 

 نادىرلانغان تېمىسى:   12 

 مۇنبەر پۇلى:   53193 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4860 (قېتم)
 تۆھپە:   4633  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 14132
 سائەت
دەرىجىسى:
14132 سائەت 168 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-07
ئاخــىرقىسى:2012-03-04
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2011-07-19

« كىمكى شۆھرەت ئۈچۈن كىيىم كىيسە ئاللاھ ئۇنىڭغا خارلىق كىيىمى كىيگۈزىدۇ » 6w#nkF  
                                          ــــــــــ ھەدىستىن RR>G]#k  
#q4*]qGHm  
ئېسىل چىققان يازما بوپتۇ ~ جەمئىيەتتە بۇنداق ئىشلار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس .
ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
خۇشخۇي

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.168

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2422 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   28988 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2104 (قېتم)
 تۆھپە:   2068  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 605
 سائەت
دەرىجىسى:
605 سائەت 45 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-15
ئاخــىرقىسى:2012-03-04
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-07-19

ھىكايە قىسقا بولغىنى بىلەن ۋەقەلىكى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىكەن، قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن..   
muslim111
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5443

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   125 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5159 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   526 (قېتم)
 تۆھپە:   516  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1399
 سائەت
دەرىجىسى:
1399 سائەت 121 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-24
ئاخــىرقىسى:2012-02-21
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-07-19

ياخشى ئەسەر كەن  تىما ئىگىسىگە رەخمەت
سْــــــــــــــــــــــمِاﷲِارَّحْمَنِارَّحِي
hanzada
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6606

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   72 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4200 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   420 (قېتم)
 تۆھپە:   420  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 75
 سائەت
دەرىجىسى:
75 سائەت 15 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-15
ئاخــىرقىسى:2011-08-01
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-07-19

ھازىر مۇشۇنداق خوتۇنلار كۆپ جۇمۇ ~!
aexa
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6632

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   43 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2450 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   245 (قېتم)
 تۆھپە:   245  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 558
 سائەت
دەرىجىسى:
558 سائەت 92 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-18
ئاخــىرقىسى:2011-12-08
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-07-19

تېمىڭىزغا   رەھمەت
koklem
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6601

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   71 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4200 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   415 (قېتم)
 تۆھپە:   415  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 117
 سائەت
دەرىجىسى:
117 سائەت 23 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-15
ئاخــىرقىسى:2012-01-04
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-07-19

كونىلار " ئاچ بولساڭ بازارغا بار ، توق بولساڭ مازارغا بار " دەپ ناھايىتى توغرا ئېيىتقان . x3)qK6,\  
@j' I  
ئاچ قالغان كىشى بېرىپ بازارنى ئايلانسا تويۇپ قايتىدۇ . بەك تويۇپ كەتسەڭ ، كۆزۈڭنى ياغ بېسىپ قالسا بېرىپ مازارنى ئايلان . بىر زامانلار دەۋرۇ - دەۋران سۈرگەن ئەلنامىلەرنى ۋە ئەھلى قەبرىلەرنى كۆرۈپ ئۆزۈڭگە " بۇلارنىڭ ئالدىدا مەن كىممەن ، قانچىلىك ئادەممەن ، ھامان بىر كۈنى مەنمۇ مۇشۇ يەرگە قايتىمەنغۇ ... ؟ " دەپ سۇئال بەرگىن . ئىشلىرىڭنى تۈزىتىۋالغىن . چۈنكى خېرىدارىڭ كەلگەن كۈنى ساڭا پۇرسەت يوق .
ھەر كىم ئۆز قىلىمىشىغا ئۆزى جاۋابكار ...
alepareslan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6510

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   40 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2200 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   220 (قېتم)
 تۆھپە:   220  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 230
 سائەت
دەرىجىسى:
230 سائەت 40 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-03
ئاخــىرقىسى:2012-01-18
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-07-20

چوڭقذر تەربىيإى ظەەمىيەتكە ظگە تىما يوللاپ سىز.     
مىللتېم ئۈچۈن جىنىم پېدا
arman-taxkin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.143

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   544 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16098 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1369 (قېتم)
 تۆھپە:   1304  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4186
 سائەت
دەرىجىسى:
4186 سائەت 154 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-13
ئاخــىرقىسى:2012-02-17
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-07-20

جەمئىيتىمىزدىكى  نەق گەپنىلا دەپسىز ، ئاڭلىسام بىزنىڭ ناھىيىدىمۇ بۇنداق نىسىگە كىيىم - كىچەك   ساتىدىغان ، ئالىدىغان  ئىشلارمۇ خىلىلا ئىغىركەن . سىتۋالغان كىيىم - كىچەكلىرى بىزلەرگە ماس كەلسىمىغۇ ھەرقانچە قىممەت بۇلسىمۇ مەيلى . cv fh:~L  
بەزى چاغلاردا بىزنىڭ قىز - ئاياللىرىمىز ياقتۇرۇپ كىيگەن شۇنچىلىك تار ، بىر يەرلىرى قىسقا ، ھەم يرتىق ...  كىيىم - كىچەكلىرىمىزنى بىزدىن باشقا يەنە قايسى مىللەتلەر كىيدىغاندۇ - دەپ ئاچچىق ھەسرەت ئىچىدە ئۇيلىنىپمۇ قالىمەن .
ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بۇلسا كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن ~  
arman-taxkin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.143

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   544 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16098 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1369 (قېتم)
 تۆھپە:   1304  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4186
 سائەت
دەرىجىسى:
4186 سائەت 154 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-13
ئاخــىرقىسى:2012-02-17
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-07-20

ئىشلىتىش
بۇ 4قەۋەتتىكىhanzada يوللىغان 2011-07-19 18:20 غا قارتىلغان  : -N5r[*>  
ھازىر مۇشۇنداق خوتۇنلار كۆپ جۇمۇ ~! Qo?"hgjlqm  
|kV,B_qz  
o'myo.k{  
بۇنداق  <<  خۇتۇنلار >>  -  دىگەن گەپ تازا قاملاشماپتۇ ، باشقىلارغا قانداقكىن ، ماڭا خۇددى ئۆزىمىزنىڭ قىز - ئاياللىرىمىزنى يەنە ئۆزىمىز مەنسىتمىگەندەك ، كۆزگە ئىلمىغاندەك ، ھاقارەت قىلغاندەكلا تۇيۇلۇپ كەتتىيا ...!!!
ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بۇلسا كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن ~  
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى