ئالدىنقى تېماكېيىنكى تېما
بۇ تېما 3448 قېتىم كۆرۈلدى
تېما : زۇلپىقار بارات ( ئۆز باش ) ۋە ئۇنىڭ مۇھىم يازمىللىرى
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
UIDنومۇر: 6497
نادىر تېما: 0
يازما: 5
ئۇنۋان:يېڭى ئەزا ھازىرغىچە5دانە
شۆھرىتى: 70 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 698 يۈەن
تۆھپە: 70 قېتم
ياخشى باھا: 70 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 76(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:3دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:76 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:14 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:130 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:12 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-07-02
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-27
باش تىما  يوللىغان ۋاقىت: 2011-07-02 19:36

1
تېما:زۇلپىقار بارات ( ئۆز باش ) ۋە ئۇنىڭ مۇھىم يازمىللىرى
يوللىغۇچى:kilyang | يوللىغان ۋاقىت :2011-07-02 19:36 | كۆرۈلۈش قېتىم سانى:3448

align=center]زۇلپىقار بارات ( ئۆز باش ) ۋە ئۇنىڭ مۇھىم يازمىللىرى 2W~,,$G
yfnqu4Cn
زۇلپىقار باراتئۆز باش 1975-يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۈچتۇرپان ناھىيىسدەدۇنياغا كەلگەن. تەلەپچان ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيلىشى ئاستىدا بۇ ياش كىچىكىدىنباشلاپ ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپلەردە "ھەممىنىڭ كۆزى" بولۇپ ئوقۇپ،تولۇق ئوتتۇرىنى غەلبىلىك تاماملاپ 1992-يىلى 17يېشىدا يۇقىرى نومۇربىلەن شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ جوڭگۇ تىللىرى فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىندى،ئۇ تۆتيىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا ئۆزىنىڭ ھەر تەرەپتىكى تالانتى،تىرىشچانلىقى بىلەن ئوقۇتقۇچىۋە ساۋاقداشلىرىنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى .زۇلپىقار بارات ئۆز باش 1996-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ شۇ يىلى 9-ئايدا ئاپتونۇم رايونلۇق دۆلەتلىك باجئىدارىسىدا خىزمەتكە چۈشتى ،ئىجتىھاتچان بۇ ياش خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئىدارىسنىڭيۇقىرى مائاشى ،ئالاھىدە تەمىناتىغا قاراپ كۈن ئۆتكۈزۈشنى "بەخىتلىك تۇرمۇش"دەپقارىمىدى .چۈنكى توختىماي ئىزدىىنۋاتقان تىرىشچان،ئەقىللىق بۇ ياشقا بۇنداقيۇقىرىمائاش "مەڭگۈلۈك بەخت"ھېسابلانمايتى،ئۇ تېخى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىشى ،ئالتۇندەك ياشلىق ۋاقتىنى قەدىرلىشى كېرەك ئىدى.......... a7)q^;:O
كۆڭلىگە نۇرغۇن ئۇلۇغۋارغايىلەرنى پۈككەن بۇ ياش 1998-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىنگلىزتىلى ئۆگىنىشنىباشلىدى،ئۇ ئىنگلىزتىلى كۇرسىدا بىر يېرىم ئاي ئوقۇپلا ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشنىڭئەڭ تېزھەم ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ دەرھال كۇرستىن چېكىندى-دە، ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىشنى باشلىۋەتتى.ئۇ ھاردىم-تالدىم دېمەستىن بىر تەرەپتىنخىزمەتنى كۆڭۈل قويۇپ ئىشلىسە يەنە بىر تەرەپتىن پۈتۈن كۈچى بىلەن كېچە-كۈندۈزدېمەي توختىماي ئۆگەندى ،ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىقى 6ئاي ئىچىدىلا مېۋە بېرىپسەۋىيسى ئىنگلىزتىلىنى نەچچە يىل ئۆگەنگەنلەردىن ئېشىپ چۈشتى .ئۇ ئۆگەنگەنلىرىنىئەمەلىيەتكە تەدبىقلاپ،باشقا ئىنگلىزتىلى ئۆگىنۋاتقانلارنىڭمۇ قىسقا ۋاقىتئىچىدە تېز ئىلگىرلىشىگە ياردەم قىلىش مەقسىتىدە 1999-يىلىدىن 2000-يىلىغىچە شىنجاڭئۇنۋېرسىتېتىدا بەش قارار ھەقسىز كۇرۇس ئېچىپ ئىنگلىزتىلى ھەۋەسكارلىرىنىڭ قىزغىنئالقىشىغا ئېرىشتى،ئۇ يەنە بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى،زۇلپىقار بارات ئۆز باشئىنگلىزتىلى ئۆگىنىش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پىسخىكىغا ماس كېلىدىغان دەرىسلكنىڭتېخى يوقلىقىنى ھېس قىلىپ 2001-يىلى 6-ئايدىن 2003-يىلى7-ئايغىچە ئۆزلۈكسىزئىزدىنىپ ئاخىر 4قىسىملىق "سەرخۇش ئىنگلىزتىلى"دەرىسلىكىنى ،ئارقىدىنلا "جانغا ئەسقاتىدىغان سەرخۇش ئىنگلىزتىلىگىرامماتىكىسى"نى تۈزۈپ چىقىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ئۆگىنىشساھەسىدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇپ ،جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ يۇقىرىباھاسىغا ئېرىشتى ھەم شۇ يىلى "سەرخۇش ئىنگلىزتىلى تەربىيلەش مەركىزى"نى قۇرۇپ،نۇرغۇنئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەپ يېتشتۈردى،ئۇ ئوقۇغۇچى تەربىيلەش جەريانىدا ئىنگلىزتىلىئۆگىنۋاتقانلارغا ئىلھام بېرىش ھەم ئۇلارنى قوللاش مەقسىتىدە ئۆز يېنىدىن پۇلچىقىرىپ ھەر يىلى "ئالىي مەكتەپلەر ئارا ئىنگلىزچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسى "،" ئىنگلىزچە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى "ۋەھەر خىل كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىبېيىتتى ،ئۇ يەنە ئوقۇغۇچىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان،قىزىقىدىغان "قۇرۇۋاتقانتەپەككۇر دەرىخى قاچانمۇ كۆكلەرسەن؟!"،"رېئاللىقتىكى بىز ۋەئەمەلىيەتتىكى بىز "،"مۇھەببەت ۋە لايىق تاللاش"،"مۇھەببەتيۈرەك تارىڭىزنى چەككەندە"،"پىسخىكا ۋە تىل ئۆگىنىش".......قاتارلىقتېمىلاردا 100 نەچچە مەيدان لېكسىيە سۆزلەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنئالقىشىغا ئېرىشتى . زۇلپىقار بارات ئۆز باشنىڭ يۇقارقىدەك ئىش-پائالىيەتلىرىبارا-بارا جەمئىيەتتە كەڭ تارقىلىپ قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى ھەم خىلمۇ-خىلئاخبارات ۋاستىرىنىڭ كۆپ قېتىم زىيارەت قىلىشىغا ئېرىشتى. G5Y 8]N
زۇلپىقار بارات ئۆز باشئىنسانلار ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىللىقلىنىڭ بارغانسېرى سۇسلاپ كېتىۋاتقانلىقىنىتونۇپ يېتىۋاتقان پەيىتتە ئىدارىسىدىن شاڭخەيگە 15كۈنلۈك كاماندورۇپكىغائەۋەتىلىدۇھەم ياتاق ئالغىلى مېھمانخانىغا بارغاندا خەنزۇلار تەرىپىدىن "ئۇيغۇر"دەپ "كەمسىتىش"كە ئۇچراپ ،ئۇيغۇر دېگەن مىللەتنىڭكىملىكىنىڭ تېخى ئايدىڭلاشمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قاتتىقئازابلىنىدۇ ...... ئۇ يۇقارقىدەك ئىشلارنى تەھلىل قىلش ،ماتېرىيال كۆرۈشجەريانىدا بۇلارنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىققا كىرىدىغانلىقى ھەم جەمئىيەتشۇناسلىقنىڭ بۇمەسلىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ "جەمئىيەتشۇناسلىق "كەسپىگە قىزىقىپ قالىدۇ ۋە بۇ كەسىپتە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشنى كۆڭلىگەپۈكىدۇ. ;mu9;ixZ
زۇلپىقار بارات ئۆز باش 2005-يىلى 10-ئايدا 雅思 ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ 7نومۇرغا ئېرىشىدۇ .ئۇ تىل تەتقىقاتى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى ۋە بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭمۇكەممەللىكى بىلەن 2006-يىلى7-ئايدا چېڭدۇدا ئۆتكۈزۈلگەن چەتئەللىكلەرنىڭمۇھاكىمە يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ ئۆزىنىڭ ئىلغار،يېڭىچە پىكىرلىرىبىلەن چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىدۇ ھەم 2006-يىل 10-ئايدا ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىقكەسپى بويىچە 3يىل ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش چاقىرىقىنى تاپشۇرۇپئالىدۇ شۇنداقلا، فورد تەشكىلاتىدىن جۇڭگۇغا بېرىلگەن ،ھەقسىز ئوقۇيدىغان 10سانئىچىدىكى ئەڭ مۇنەۋەر ئوقۇغۇچى ۋە بىردىنبىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى بولۇپ تاللىنىپ، 3يىللىق ھەقسىز ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشدۇ. [58xT>5`m
زۇلپىقار بارات ئۆز باش 2007-يىل 6-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكىغا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن ئاتلاندى ۋە 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ھاۋاي ئۇنۋېرسىتېتىدا "شەھەرلىششش ۋە مىللىيكىملىك"توغرىسىدا لېكسيە سۆزلەپ شۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىنتايىنيۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى ھەم تىزلا چەتئەللىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەزىرىدىكى "ئەڭ ئۈمىدلىك ئۇيغۇر ئوغلانى"غا ئايلاندى .ئۇ ھىلىھەم بىر تەرەپتىن ھاۋاي ئۇنۋېرسىتېتىدا دوكتۇر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇغاچ ،يەنە بىر تەرەپتىن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانماقتا. kZBIXW,G
زۇلپىقار بارات ئۆز باش ھەقىقەتەن بىز ئۇيغۇرياشلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز .بىز ئاخىرىدا زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ ئامېرىكىدىكى ئوقۇشىنىڭ ئۇتۇقلۇق ،تەتقىقاتىنىڭئوڭۇشلۇق بولۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!!!  ^GB9!d.
bBW(#Q_a
زۇلپىقار باراتئۆز باشنىڭ يېتىلدۈرگەن قابىلىيەتلىرى: "O<JVC{m
1.خەتتاتلىق:ئوتتۇرا مەكتەپتەئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا تەئلىق،رۇقئى خەت نۇسخىلىرىدا يازغان 30پارچىغا يېقىنھۆسىنخەت ئەسىرى ئېلان قىلىنغان2.ئەدەبىي ئىجادىيەت: 13يېشىدىن باشلاپ يېزىقچىلىققاكىرىشكەن. "يۈز مېتىر ئارىلىق يىغلايدۇ"،"تەنھائورۇندۇق"،"يۈرىكىمىز تونۇدى ،لېكىن بىز مەغرۇر"،"كىممېنى بىپەرۋا دەيدۇ؟"،"يارسىز ئۆتكەن سۆيگۈ بايرىمى"،"كۆڭلۈمدىكىقىزغا"......قاتارلىق شېئىرلارنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان. sT?Qlj'Zd
3.ئەدەبىي تەرجىمە:"رىشتە(م.يوپۇف-سوۋىتئىتتىپاقى)، "خۇپىيانە ئۇچرىشش"(جويىس كارول) ، "كېچىكىپئېچلغان ئەتىرگۈل"(تىئودور سىتروم-گېرمانىيە).......قاتارلىقھېكايىلەرنى ، "يوقالغان ئارال "(مارگارېت مېچىل-ئامېرىكا) ، "تۇنجى مۇھەببەت"(تۇرگېنىف-روسىيە) ، "پولكوۋنېكقا ھېچكىم خەت يازمايدۇ"(گارىسيەماركوس-كولۇمبىيە) ، "ئاجايىپ مەخپىيەت"(سىتېفان زىۋېگ-ئاۋستىرالىيە).........قاتارلىقپوۋېستلارنى ، Y[0 S
"مۇسۇلمانلارنىڭ ئاخىرەتلىكى"(خودا-جوڭگۇ) ، "ئۆلۈم كۆلەڭگىسى"(مېچىل زوھا-ئامېرىكا…(قاتارلىقرومانلارنى تەرجىمە قىلغان. u 3wF)B{
4.ناتىقلىق. qN1(mxa.?
5.ئوقۇتقۇچىلىق :بەش يىلدىن ئارتۇقئىنگىلىزتىلى دەرس ئۆتۈش جەريانىدا 7000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيلىگەن . :=UiEDN@
6. ئىنگىلىزتىلى تەتقىقاتى : (4قىسىملىق "سەرخۇش ئىنگلىزتىلى"دەرسلىكى ۋە "جانغائەسقاتىدىغان سەرخۇش ئىنگلىزتىلى گىرامماتىكىسى"نىتۈزۈپ چىققان) @sO*O4os>
ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ شىنجاڭ مەدەنىيتى ژۇرنىلدا ئىلان قىلىنىۋاتقان ئەسەرلىرى ھەر بىر ئەقلى ئويغاق ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇپ چىقىشىغا ئەرزىىدۇ مەن تۆۋەندە بىر قىسىم يازمىلىلىرىنى ھەم شېئىرلىرىنى كەڭ تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى تەپەككۇر قىلىشى ئۈچۈن يوللىدىم f9cS^v_:
ئۇنىڭ شىنجاڭ مەدەنىيتى ژۇرنىلنىڭ 2011 - يىللىق 3 - سانىدا ئىلان قىلىنغان شائىر ، كىملىك ۋە جەمئىيەت دىگەن يازمىسىدا مۇنداق تەپەككۇرلار بار .................................................... ھېكمەت چۈشەنچىمىز ھەققىدە يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ ئويلىنىپ بىقىشىمىز زۆرۈرۈ . ئاددى قىلىپ ئىيىتقاندا ، ھېكمەت دېگەنلىك - چوڭقۇر مەنىگە ۋە ھەقىقەت تۈسىگە ئىگە ، بىز ئۈگەنگۈدەك ئىش ياكى بايان دىگەنلىكتۇر . ئەمما ، ھېكمەت يالغۇز تەۋەررۇك دەستۇرلاردا ، ‹‹ تەپەككۇر گۈلشەنى ›› ، ‹‹ قابۇسنامە ›› قاتارلىق كىتاپلاردا ۋە باشقا پەلسەپىيۋى ئەسەرلەردە بولۇپلا قالماستىن ، ئادەمدەك ياشىغان ، ئەقىدىسنى ساتمىغان ، مۇرەسسەگە كەلمىگەن ئادەملەرنىڭ ھاياتى ۋە ۋۇجۇدىمۇ بولىدۇ ............... بىر دوستۇم تېخى بىر ئاي ئىلگىركى رامزان ئېيىدا بىر مەشھۇر ئۇيغۇر شائىرنىڭ ئادەمنى ئارقىغا ئۆرۈۋەتكۈدەك بىر گېپىنى ئاڭلاپ قالىدۇ . يەنى ھېلىقى شائىر : ‹‹ ئاخشام بەك قاتتىق ئىچىپتىكەنمىز ، باش قاپاق ›› دېگۈدەك . ئامىۋى سورۇندا شۇ گەپنى دەۋەتقان ئۇ شائىر دوستۇمنىڭ نەزىردىن چۈشۈپتۇ . سەۋەبى ، بۇ تىخى رامزاننىڭ 10- كۈنىكەن . بىز ئەمدى سۇئال قويايلى : بۇ كىشى قايسى مىللەتنىڭ شائىرى ؟؟؟ !!!! ئۇيغۇرنىڭمۇ ؟ ئۇ شۇ چاغقىچە ئۆزىنىڭ ھېساب بېرىدىغىننى ، رامزاننىڭ مۇقەددەسلىكىنى ، تونۇشقا تىگىشلىك بەك ئاددى ھەقىقەتنى تونۇمىغىنىنى نېمىشقا ھېس قىلمايدۇ ۋە ئۇنى ئاممىۋى سورۇندا دىيىشتىن ئۇيالمايدۇ ؟ لەنەتلەر بولسۇن بۇنداق شائىر يازغۇچىلارغا !!! بىز شۇنداق خىتاب قىلىپ ، ئادىل تۇنيازغا يۈزلەنگىنىمىزدە ، چىرايىدىن نۇر يىغىپ تۇرغان ئادىل تۇنياز : ‹‹ سالام ئۇيغۇر شائىرىم ، ئەگىرى يولنى جىق مىڭىپ كەتتىڭ ، تىنىڭ نەپسىڭ ئۈچۈن بەك مۇلازىمەت قىلىپ كەتتى . كەل ، كەل بىز بارىدىغان مەنزىل ماۋۇ يەردە ›› دەپ بىزنى ساقلاپ تۇرغان بولىدۇ . C eNpJ
مۇنداق بىر كۆرۈنۈشمۇ بار . نەچچە كۈن ئىلگىرى مەلۇم بىر تور مۇنبىردە مەن شېئىرلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان بىر شائىر يەنە بىر دوستى ‹‹ ھاراق ئىچەيلى ›› دەپ خىتاب قىلسا ، ‹‹ يۈرۈڭلار چىلاشقۇدەك بىر ئىچەيلى ›› دەپ ھېلىقى دوستىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشتى . رەسىمگە قارىسام ، يىڭى ئۇسلۇبتا شېئىر يازىدىغان بىر ياخشى شائىرنىڭ رەسىمى ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ . ئاممىۋى سورۇندا نۇمۇس قىلمىغان بۇ شائىر مېنىڭ نەزىرىمدىن شالاققىدە چۈشۈپ كەتتى . شۇ چاغدا مەن ئادىل تۇنيازنى ئەسلەپ قالدىم .......................... ئۇنىڭدىن باشقا بىر چىن شائىردا بولۇشقا تېگىشلىك قەلىب - چوڭقۇرلۇقى مەسىلىسىنى يەنە مۇنداق بىر مىسال بىلەنمۇ چۈشىنىش مۇمكىن . تېخى يىقىندىلا ھونولۇلۇدىكى بىر قىتىملىق جۈمە نامىزىدا بىر شائىر دوستۇم قىلىنىۋاتقان قىرائەتنىڭ مۇڭلىقىدىن ھۆركىرەپ يىغلاپ تاشلىدى . قەلىبلەر ئېرىدى ، ئوپچا يىغا سادالىرى كۆپەيدى . سىزچە كۈن بويى رەڭلىك سورۇندا كۈن ئۆتكۈزىدىغان ، شەيتان بوينىغا مەنگەن بىر شائىر بۇ كۆرۈنۈشنى چۈشۈنەلەمدۇ . ؟ چۈنكى ئۇ شائىردا ئاشۇ يىغىنى بۇنداق دەقىقىلەردە قەلىبنىڭ نىمىشقا بۇنداق ئېرىيدىغانلىقىنى چۈشىنىدىغان يۇمشاق قەلىب يوق ، ئۇنىڭ باغرى قاتقان . بۇنداق كۆرۈنۈشنى ئازابى ساختا شائىر ھېس قىلالمايدۇ . ............................................ بۇ بىر نەرسىنى چۈشەندۈرىدۇ . نېمىنى ؟ ئادىل تۇنيازدەك بىر شائىر بولۇش ئۈچۈن سىزدە تىراگىدىيە ئىڭى ۋە ھەقىقى شائىرغا خاس قەلىب بولۇش كىرەك . مەسىلەن ، ئادىل تۇنيازنىڭ ‹‹ تۇرسۇن قۇربان ›› دېگەن شېئىرنى چۈشىنىش ئۈچۈن سىز تۇرسۇن قۇرباننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ، نېمىشقا ئاپتۇرنىڭ دىققىتىنى بۇنچىۋالا تارىتقانلىقىنى بىلىشىڭىز كىرەك . ئادىل تۇنيازنىڭ ‹‹ قاغىلىقتىكى نۆل كىلومىتېر ›› ‹‹ ئوسمىچى قىز ›› ، ‹‹ ئۇيغۇر بىنا چاققۇچى ›› قاتارلىق بىر قاتار مۇرەككەپ تارىخي ئىقىندىكى مىللى كەچۈرمىشلىرىنى تۇنجى بولۇپ قەلەمگە ئالغان شېئىرلىرى بايقى گىپىمىزنىڭ راسلىقىنى ئىپادىلەيدۇ . ئەگەر سىز نۆل كىلومېتىرغا مەسىتچىلىكتە ......... ئىستىكىڭىزنى قاندۇرۇش ئۈچۈن كىرگەن شائىر بولسىڭىز ، بىر بىنا چاققۇچىنى سىزگە توپا توزىتىۋەتكىنى ئۈچۈن تىللاۋاتقان شائىر بولسىڭىز ، سەنشىخاڭزىدا بىر ئوسمىچى قىزنى پۇتلىۋىتىپ ئەپۇ سوراش تۇرماق ، زەپىران چىرايىغىمۇ قارىماي كىتىۋاتقان شائىر بولسىڭىز ، بۇ نۇقتىنى ھەرگىز چۈشەنمەيسىز ......... R4"["T+L`
ئۇنىڭدىن باشقا تۆۋەندىكى شېئىر ئادەمنى ئەقلى ئويغاق ئىنساننى ئويغا سالماي تۇرالمايدۇ WLV'@$<|(
( زۇلپىقار بارات ئۆز باش ھازىر ئامېرىكا ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتى جەمئىيەتشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتۇر ئاسپىرانتى ) xAMj16ZF
يۈرىكىمىز تونۇدى ، لېكىن بىز مەغرۇر rteViq+|.
6]Q~c"+5
VHsuC$3W
ئاپتورى:زۇلپىقار بارات ئۆز باش s1<_=sfnT
[Qa0uM#SU
ھەيرانلىقئىلكىدە قالدۇق قارشىپ، MeW8aL r
ۋۇجۇدقا تارىدى يېنىك بىر تىتىرەك . !!E_WDZ#9
نىگاھلار ئۇچراشتى شۇنچە تاساددىب، 41>Bm*if
تونۇشتى كۆزىمىز ، تونۇشتى يۈرەك. (k"|k
_tS<\zy@y
نېمانچە تونۇشدەپ ئويلىدىڭ بەلكىم، 'jR83A*
چېھرىڭدە گۇۋاھ بوپ ياندى تېڭىرقاش. .Ej `!
تومۇرغا تارىدى ئسسىق بىر ئېقىم. -q[T0^e S
مېھرلىك قارىساڭ بولۇپ بىر قۇياش. E,JDO d}
zh2$UdZ|M
توۋا دەپئۆزۈمنى قويدۇم يۈتتۈرۈپ، Z7"8dlb
سەنمۇ ھەم جىمىدىڭ كۆڭلۈڭ تۇيغاندەك، %gSqc}v*
ئېخ،لەۋلەر بىزۇۋان ،قالدۇق بىز تۇرۇپ، 6* cm
مىدرىماي بىر پەسكە مىخلاپ قويغاندەك . 8Y3c,p/gS>
fu}NH \{
شۇ دەقىقبۇرۇلدۇڭ شۇنچە بىتۇيۇق، Qzw~\KY:
مەغرۇرلۇق ئىلكىدە كەتتىڭ يىراقلاپ، X ~%I(?OX
ئېھتىمال يۈرىكىڭ بەرگەندۇر بۇيرۇق ، M7/P&d
كەتكەندۇر سەن بىلەن شېرىن بىر ئازاب. N{46DS
\ v44Vmfz
ۋە لېكىنقاچتىڭسەن مېنى پەپىلەپ ،  g2L
بىر تاتلىق خىيالغا قالدىم بۆلىنىپ. xcnHj1r-o'
يۈرەكنى قىينىدۇق مەغرۇرلۇقنى دەپ. \xkLI:*\
قالغانسەن سەنمۇ ھەم مەندەك پۇچۇلىنىپ. xyj)W
m~1{~'
ئويلىسام،تېپىشىپ،بولۇپيېشىل نۇر، LG'JQGl5
چۈشلەرنى كەزگەنكەن مۇھەببەت ئەسلى. 9vWKyzMi
يۈرەكلەر تونۇدى،لېكىن بىز مەغرۇر ، 5u T9ssC
قېچىشتۇق كەلگەندە ۋىسالنىڭ پەسلى. SKuZik_
V.)y7B
باشقىدىن كۆڭلۈڭسۇ ئىچمەي بىر كۈنى، N~{0QewMI'
نەدە دەپ قارىساڭ كەينىڭگە قىيا. kFgN^v^t
ئىسمىمدۇر زۇلپىقار ، ئىزلىسەڭ مېنى. Ev0GAc1
ئالدىڭدا ئۈنەرمەن بولۇپ نۇر ، زىيا.
Wa#,>
پايدىلانغان ماتىرىياللار : ئاقسۇ ئەدەبىياتى Re5m
شىنجاڭ مەدەنىيتى ژۇرنىلى 2011- يىللىق 3 -سان nT` NfN
قەلەمدە : ئىمىنجان ھىدايەت پاسىبانى 33J}AK^FE
خوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيە كىلياڭ يىزا يۇلغۇنجاي كەنتى x5v^@_:jr
2011 - يىل 7 - ئاينىڭ 2 - كۈنى kMKI=>s+
ئەگەر ئاپتۇر تەرجىمالىدا خاتالىق بولۇپ قالسا ئەپۇ سورايمەن ھەم چ چ 1395898567 ئارقىلىق پىكىر تەكلىپ بىرىشنى سەمىمىيلىك بىلەن سورايمەن

ئىمىنجان ھىدايەت
كەلگەن جايى: چوققا
tv
ئانا تۇپراق تورى
دەرىجە: ئالىي ئەزا

UIDنومۇر: 4211
نادىر تېما: 1
يازما: 589
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە589دانە
شۆھرىتى: 1610 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 16031 يۈەن
تۆھپە: 1603 قېتم
ياخشى باھا: 1221 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 2500(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:21دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:2500 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:20 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:285 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:13 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-01-28
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-11-06
تۇنجى ئىنكاس  يوللىغان ۋاقىت: 2011-07-03 08:32

FRF3V>
بۇ پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغۇلىنىڭ ئۆزى سۆزلىگەن نۇتۇق فىلىملىرىنى كۆرگەن ئىدۇق. V:6#IL
ئېسىل تېمىڭىز ئارقىلىق تېخىمۇ مۇكەممەل،چۈشۈنىشلىك مول مەزمۇنلارنى ئوقۇۋالدىم..... j:"+/5rV8
رەھمەت سىزگە مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنى يوللاپ تۇرغايسىز! \-GV8A2:k
c[!e*n!y
بەزىلەر دەيدىكەن ھايات گۈزەل دەپ، SjKIn-
تېخىمۇ گۈزەل ھايات بېرەلىسەك نەپ. l6xC'c,jg
ياشلىقىڭ چىغىرىن چىقىرىپ ياشىساڭ، 6'(5pt
خەلقىڭگە يارايسەن خۇددى زۇلپىقاردەك!

كەلگەن جايى: چوققا
soda_paliyat
خەلىققە زىيان سالىدىغان ئادەمدىن ئىت خەيرىلىكتۇ ..
دەرىجە: مەستانە ئەزا
UIDنومۇر: 4711
نادىر تېما: 0
يازما: 142
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە142دانە تىما ئەۋەتكەن
شۆھرىتى: 226 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 2130 يۈەن
تۆھپە: 213 قېتم
ياخشى باھا: 93 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 773(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:12دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:773 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:127 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:264 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:90 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-02-18
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-08-11
2 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-07-03 10:51

ھەقىقەتەن ياخشى مەلۇماتلار بىلەن بىزلەرنى خەۋەردارر قىلىغىنىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن ... بۇ تەرجىمھالنى كۆرگەندىن كىيىن ماڭىمۇ بىر خىل جاسارەت ئېپ كەلدى ...

كەلگەن جايى: چوققا
dilxat
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
UIDنومۇر: 6300
نادىر تېما: 0
يازما: 41
ئۇنۋان:يېڭى ئەز ھازىرغىچە41دانە
شۆھرىتى: 165 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 1000 يۈەن
تۆھپە: 165 قېتم
ياخشى باھا: 150 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 30(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:2دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:30 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:20 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:151 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:12 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-06-11
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-28
3 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-07-03 21:05

زۇلپىقار بارات (ئۆزباش ) ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئۇلۇغ شائىرىمىز  بۇلۇشقا مۇناسىپ.

كەلگەن جايى: چوققا
ahmatqaphun
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
UIDنومۇر: 5734
نادىر تېما: 0
يازما: 28
ئۇنۋان:يېڭى ئەز ھازىرغىچە28دانە
شۆھرىتى: 121 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 1210 يۈەن
تۆھپە: 121 قېتم
ياخشى باھا: 110 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 5(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:1دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:5 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:15 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:206 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-04-17
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-11-08
4 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-07-04 15:49

زۇلپىقار بارت (ئۆزباش) ھەقىقەتەن خەلقىمىز ئارىسىدىكى پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان كىشىلەرنىڭ بىرى . ئۇنىڭ ئۆگىنىش روھى ھەممىمىزنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ. جۇملىدىن ماڭىمۇ غەيرەت ئېلىپ كەلدى.

كەلگەن جايى: چوققا
muhabbat
gulkalam
دەرىجە: مەستانە ئەزا
UIDنومۇر: 4747
نادىر تېما: 0
يازما: 145
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە145دانە تىما ئەۋەتكەن
شۆھرىتى: 364 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 3739 يۈەن
تۆھپە: 353 قېتم
ياخشى باھا: 256 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 1697(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:17دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:1697 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:3 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:262 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:23 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-02-20
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-17
5 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-07-08 23:12

ھەقىقەتەن بىر ياخشى تىما يوللاپسىز  .مىللىتىمىزنىڭ مۇشۇنداق مۇنەۋۋەر ئوغلانلىرى ھەم  پەخىرلىك        قىزلىرى  توغرىسىدىكى ماتىرياللار بولسا كۆپرەك يوللاپ تۇرۇڭ .رەھمەت سىزگە

كەلگەن جايى: چوققا
SADAKAT
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
UIDنومۇر: 1853
نادىر تېما: 0
يازما: 211
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە211دانە
شۆھرىتى: 570 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 7231 يۈەن
تۆھپە: 534 قېتم
ياخشى باھا: 386 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 4269(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:28دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:4269 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:71 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:400 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:0 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-10-05
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-11-09
6 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-07-16 00:40

ساداقەت
كەلگەن جايى: چوققا
قىز  بۇلۇپ تۇغۇلغان بولساممۇ گەرچە    غ ..
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا
UIDنومۇر: 6529
نادىر تېما: 0
يازما: 101
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە101دانە تىما ئەۋەتكەن
شۆھرىتى: 535 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 5350 يۈەن
تۆھپە: 535 قېتم
ياخشى باھا: 535 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 49(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:2دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:49 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:1 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:126 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:37 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-07-05
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-03
7 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-07-30 12:11

مەن  بۇ شائىرىمىزنى بىلمەيدىكەنمەن

ھايات دىگەن شۇ ..........
كەلگەن جايى: چوققا
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
UIDنومۇر: 2680
نادىر تېما: 0
يازما: 13
ئۇنۋان:يېڭى ئەز ھازىرغىچە13دانە
شۆھرىتى: 72 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 1270 يۈەن
تۆھپە: 42 قېتم
ياخشى باھا: 20 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 143(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:5دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:143 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:57 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:349 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:27 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2010-11-25
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-10-13
8 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-10-13 12:46

ياحشى

ەىەاۈبە
كەلگەن جايى: چوققا
سەلتەنەت سۈر ئەي قەۋم قايتا
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
UIDنومۇر: 7083
نادىر تېما: 0
يازما: 23
ئۇنۋان:يېڭى ئەز ھازىرغىچە23دانە
شۆھرىتى: 130 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 1400 يۈەن
تۆھپە: 130 قېتم
ياخشى باھا: 130 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 413(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:8دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:413 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:27 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:23 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:4 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-10-17
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-11-05
9 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-10-17 21:42

ئەسسالامۇئەلەيكۇم،شۇنچە تەپسىلى تونۇشتۇرسىمۇ يەنە بەزى تورداشلار ئۇنى شائىر ئاتىۋاپتۇ. x{&Z|D_CM
تورداشلىرىم يازمىنى تەپسىلى ئوقىغايسىلەر،ئۇ شائىر ئەمەس،ئەدەبىي تەرجىمان،يۈرىكى ئۇيغۇر ئۈچۈن سوقۇپ ئۇيغۇر دەپ كۆيىۋاتقان،ھاۋاي ئۇنىۋىرستىتىدا ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىنى بويلاپ كېتىۋاتقان بىر ئۇيغۇر زىيالى... WXXLD:gxI
ئۇنىڭ بازارغا سېلىنغىلى بىر ئاي بولاي دېگەن "ئۆزلۈك گىرۋەكلىرىدە ھونۇلۇلۇ خىياللىرى"ناملىق كىتابىنى تەپسىلى بىر ئوقۇپ چىقىڭلارچۇ. {]|};E[}m
شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ ھەر سانىدا دېگۈدەك ئىلمى ماقالىلىلىرى بار،ئۇ شائىر ئەمەس،شېئىر يازغانلىكى ئادەم شائىر بولمايدۇ،ئۇ ئۆزى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ :" مەن شېئىرغا بولغان ھۆرمىتىم تۈپەيلى ئۇنىڭدىن ۋاز كەچكەن ئادەممەن" 3QGg;
n;!t?jnf.
يازغۇچىلار تورى،ئەلكۈيى قاتارلىق ئەدىبلەر سورۇنىدا چاڭ چىقارغان ،توپا باسقان دىللارنى،دات باسقان كاللىلارنى ئويغاتقان ، دالىدا چېپىۋاتقان  بۇ ھارماس تۇلپار ئۇيغۇرزادە نامى بىلەن مۇنبەرلەردە ئىلمى پىكىر قىلغانىدى،ئەمما ھازىر تورلاردا يوق،ئەمما ئۇ كېلىدۇ يەنە كېلىدۇ،يەنە بىزلەر بىخۇتلاشقاندا،تەنقىدسىراپ كەتكەندە كېلىدۇ. QbS w<V
Xt9?7J#\T
ئۇنىڭ كىتابىنى ھەممىڭلارغا تەۋسىيە قىلىمەن،يېڭىدىن بازارغا سېلىندى ،كاللاڭلارنى بىر سىلكىۋىتەي ، بىلىمىمنى يېڭىلاي دېسەڭلار دەرھال سېتىۋىلىڭلار.

كەلگەن جايى: چوققا
ئېشكى يوق موللامنڭ  قۇلقى تىنچ.......
دەرىجە: تۆھپىكار ئەزا

UIDنومۇر: 6846
نادىر تېما: 0
يازما: 97
ئۇنۋان:يېڭى ئەز ھازىرغىچە97دانە
شۆھرىتى: 710 قېتم
مۇنبەر پۇلى: 8344 يۈەن
تۆھپە: 710 قېتم
ياخشى باھا: 710 قېتىم
تورىدكى ۋاقىت: 150(سائەت)
دەرىجىڭىز:دەرىجىڭىز:5دەرىجە
توردىكى ۋاقتى:150 سائەت
كېيىنكى دەرىجىڭىزنىڭ ئۆسشىگە:50 سائەت قالدى.
تىزىملاتقىنىغا:91 كۈن بولدى
كىرمىگىنىگە:4 كۈن
تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-08-10
ئاخىرقى كىرگەن: 2011-11-05
10 - قەۋەت  يوللىغان ۋاقىت: 2011-10-17 21:49

ئېشكى يوق موللامنڭ قۇلقى تىنچ............
كەلگەن جايى: چوققا