پەرىشتىلەر ۋە روھ(يەنى جىبىرئىل )ئاللاھقا شۇنداق بىر كۈندە ئۆرلەيدۇكى ئۇنىڭ ئۇزۇنلىقى 50مىڭ يىلغا توغراكىلىدۇ .(مائارىج سۈرىسى ،4-ئايەت) . <Ynrw4[)t
610-يىلدا نازىل قىلنىشقا باشلىغان قۇرئاندا ۋاقىتنىڭ نىسپىيلىكىنىڭ مۇنداق ئوچۇق بىر شەكىلدە بايان قىلنىشى ئۇنىڭ ئىلاھى بىر كىتاپ ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر دەلىلىدۇر .
10-بارماق ئىزىدىكى كىملىك .
قۇرئاندا ئىنسانلارنى قايتا تىرىلدۇرۇشنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن ناھايتى ئاسانلىقى بايان قىلىنغاندا ئىنسانلارنىڭ بارمىقى ئالاھىدە تىلغا ئىلىنىغان : ئۇنداق ئەمەس( يەنى ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنى جەم قىلىمىز ) ئۇنىڭ ( ئەڭ ئىنچىكە ھەم نازۇك بولغان ) بارماقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۇرەلەيمىز .( سۈرە قىيامەت ،4-ئايەت) .
ئايەتتە بارماق ئۇچىنىڭ ئالاھىدە تىلغا ئىلىنىشى ناھايتى ھىكمەتلىكتۇر، چۈنكى بارماق ئىزىدىكى شەكىللەر ۋە ئىنچىكە تەرەپلەر تامامەن شۇ كىشىگە خاستۇر. شۇئان دۇنيادا ياشاۋاتقان ۋە تارىختا ياشىغان پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ بارماق ئىزى بىر-بىرىدىن پەرىقلىقتۇر. تىخى ئوخشاش بىر DNAتۈزلىشىگە ئىگە بىر تۇخۇمدىن بولغان قوش كىزەكلەرمۇ پەرىقلىق بارماق ئىزىغا ئىگە .
بارماق ئىزى تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى ھامىلىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە شەكىللىنىدۇ ، بىرەر يوقالماس يارا بولۇپ قالسا ئۇ شەكىل ئۇنىڭدا ئۆمۈر بويى قالىدۇ ،مانا مۇشۇ سەۋەپتىن بارماق ئىزى ھەركىمنىڭ ئۆزىگە خاس ناھايتى مۇھىم بىر (كىملىك) ھىساپلىنىدۇ . بارماق ئىزى بىلىمى بولسا ئىنسانلارغا مەلۇم بولغان بىردىن-بىر ئۆزگەرمەس ۋە يىڭلىشماس بىر كىملىك ئىنىقلاش ئۇسۇلى بولۇپ قوللىنىلماقتا.
شۇنىسى مۇھىمكى بارماق ئىزى خۇسۇسىيتى پەقەت 19-ئەسىرنىڭ ئاخىردا توغرا بايقالدى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىنسانلار بارماق ئىزىنى ھىچ بىر خۇسۇسىيىتى ۋە مەنىسى يوق سىزىقلار دەپ بىلگەن ئەمما قۇرئاندا ئۇ دەۋىردە بىرەرسىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتمىغان بارماق ئىزى تەكىتلەنمەكتە ھەمدە بۇ ئىزلارنىڭ زامانىمىزدا بايقىلىشنىڭ مۇھىملىقى كىشىنى قىزىقتۇرماقتا .
مەنبە: (قۇرئان كەرىم) نىڭ سىرلىرى . ناملىق كىتاپتىن ئىلىندى.
pOhjq#}
t[AA=
;hh.w??
V6k Dyl(
E!>MJlA:k6
$4^h>x
Ht@5@(W]I
L=WKqRa>4