باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       2911 
  •    ئىنكاس 
       25 

ئاتا مىھرىگە تەشنا قىز‹سۇمبۇل›

قەۋەت ئاتلاش
sumbul

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2364

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   337 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   27446 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   991 (قېتم)
 تۆھپە:   952  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3159
 سائەت
دەرىجىسى:
3159 سائەت 81 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-13
ئاخــىرقىسى:2012-02-29
— تېما sansiz0903 تەرپىدىن (2011-06-20) دە نادىرلاندى. —

ئاتا مىھرىگە تەشنا قىز
            قەدىرلىك ئاتا، ئالدى بىلەن سىنىڭ ۋە بارلىق ئاتىلارنىڭ بايرىمىنى چىن كۈڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن! سىنىڭ گەرچە بۇ يۈرەك سۆزلىرىمنى ئۇقۇش ئىمكانىيىتىڭ بولمىسىمۇ، كۆرەلمەي قالساڭمۇ، ئەمما مۇشۇ مۇنبەر ئارقىلىق يۈرۈكۈمدىكى ئۇزۇن يىللىق دىيەلمىگەن ئىچكى گەپلىرىمنى قەغەز يۈزىدە ئىپادىلەپ ئىچىمنى بۇشاتماقچى، ئازراق بولسىمۇ تەسەللىگە ئېرىشمەكچى. 8hZc#b;  
            كىچىك ئاپاملاردىن ئاڭلىشىچە، مەن تۇغۇلغاندىلا بەك ئۇماقكەنتۇقمەن، ئاتام بىلەن ئاپام مىنى ناھايىتى ياخشى كۆرەتتىكەن، ئۇلارلا ئەمەس ھەر ئىككى چوڭ ئۆيدىكى دادا- ئانىلىرىم، كىچىك ئاپا – ئاكىلىرىم ماڭا شۇنداق ئامراق ئىكەن، بولۇپمۇ يىڭى ئايىغىم چىققان چاغلاردا تاتلىق قىلىقلىرىم، چۆچۈك تىللىرىم بىلەن تۇختىماي گەپ قىلىپ، سوئال سوراپ، كىچىك ئاپاملارنىڭ بەك ئامراقلىقىنى كەلتۈرگەچكە، مىنى مەكتىۋىگە ئەكىرىپ ئوينۇتۇشنى تالىشىپ سۇقۇشۇپ كىتىشلىرىگە سەۋەپچى بۇپتىكەنمەن. @Zfg]L{Lr  
            ھازىر ئويلىسام ھەي! ئادەم چوڭ بولماي مەڭگۈ ئاشۇنداق سەبى ھالەتتە تۇرسا نىمە دىگەن ياخشى ھە! – دەپ ئويلاپ قالىمەن. گەرچە ئاشۇ ۋاقىتلىرىم ئىنىق ئىسىمدە بولمىسىمۇ، ھەر قىتىم چوڭلاردىن ئاڭلىغان ئاشۇ سەبى، ئۇماق، شوخ ۋاقىتلىرىمنى ئۆزەمچە پەرەز قىلىپ ئەسلەپ كىتىمەن. kjOI7`DU  
          ئادەم دىگەن ئۆزگەرمەي قالمايدىكەن، قاچاندىن باشلاپ ئاتام ئۆزگەردى مىنىڭ ئەتراپىمدىكى ماڭا خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان ھەممە – ھەممە نەرسە ئاستا – ئاستا ئۆزگىرەشكە باشلىدى. A}sdi4[`  
          ئاتاملار ئون بالا بولۇپ سەككىز ئوغۇل ئىككى قىز ئىكەن، ئاتام بالىلارنىڭ تۇنجىسى، خىزمەت ئورنى ھەم يىراق ھەم جاپالىق بولۇپ ئۆيگە ھەپتىدە بىر كىلەتتى.بىز دادام ئاناملار ( ئاتامنىڭ ئاتا- ئانىسى) بىلەن بىللە تۇراتتۇق، ھويلىنىڭ ئەڭ چىتىدىكى كىچىككىنە بىر ئېغىزلىق ئۆي بىزنىڭ ئۆيىمىز ئىدى، ئاپام بەك ئاق كۈڭۈل ھەم مۇلايىم ھەم چىرايلىق ئايال ئىكەن، توي قىلماستىن بورۇنقى سۈرەتلىرىنى كۆرسەم ھازىرمۇ ھەۋەسلىنىپ قاراپ كىتىمەن، ئاپامدىن ئاڭلىشىمچە گەرچە ئۆزى ئارزو قىلغان (بورۇنقى قۇمۇل سەننەت مەكتەپتىن) چاقىرىق كەلگەن بولسىمۇ دادام (ئاپامنىڭ ئاتىسى) قەتئى بارغۇزمىغان ئىكەن، شۇنۇڭ بىلەن دادام دىگەن يەرگە ئۇنىماي، ئاتام بىلەن توي قىلغان ئىكەن، بىر بىرىنى بۇرۇن شۇنداق ياخشى كۆرەتتىكەن. ئاتام تورمۇشتا بەك ئېغىر بىسىق، پەقەت كۆپ گەپ قىلمايدىغان، خىلى قاملاشقان سالاپەتلىك ئادەم ئىدى، تۇرمۇشىمىز ئەينى چاغدا ناچار بولسىمۇ ئەمما ئىللىق ئائىلىمىز بولغاچ بىز ناھايىتى بەخىتلىك ئىدۇق. Mqm9i  
           مەن ئۈچ ياشتىن سەل ئاشقاندا ئىنىم تۇغۇلۇپتۇ، بۇنىڭ بىلەن ئائىلىمىز تىخىمۇ شاتلىققا تۇلۇپتۇ. بولۇپمۇ دادام ئاناملار (ئاپامنىڭ ئاتا- ئاپىسى)، ھەم كىچىك ئاپاملار بەك خۇشال بولۇپ كىتىپتۇ. چۈنكى ئاپاملار 6 قىز بولۇپ، بىرمۇ ئوغۇل يوق ئىكەن، ئىنىم 2 ياشقا كىرگەندە ئاناملار بىز بىقىپ بېرىمىز دەپ ئىنىمنى ئەكەتتى. ئىنىممۇ تۇغۇلۇپلا ئانام دىگۈدەك باققان بولغاچقا، ئاپامدىن بەكرەك ئانامغا ئۈگۈنۈپ قالغان ئىدى. قالغانلارمۇ باشقىچە پىكىردە بولمىدى، شۇنداق قىلىپ بىر مەزگىلدىن كىيىن مەنمۇ مەكتەپكە كىردىم. ئاپام ھەر كۈنى مىنى چىرايلىق ياساپ مەكتەپكە يولغا سالاتتى، ھەم مەكتەپتىن كەلگەن ھامان ئوينىۋالاي دىيىشلىرىمگە قۇلاق سالماي بىرمۇ بىر ئۈگەنگەن نەرسىلىرىمنى سورايتتى ھەم يازغۇزاتتى. كەينىدىن يىڭى مەزمۇنلارنى كىتاپقا قاراپ ئۈگۈتەتتى. شۇڭا تەييارلىقتىن باشلاپلا سىنىپنىڭ ئەڭ ئالدى بولۇپ ماڭدىم. {1'M76T  
            مەن باشلانغۇچ 2- يىللىقتا ئۇقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا ئاتام تۇرۇپلا خىزمەت ئورنىدىن ھەپتىدە بىر چىقماي ئايدا بىر چىقىدىغان، ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا خىزمەت بەك ئالدىراش دەپ بىر ئىككى ئايغىچە چىقمايدىغان بولۇپ قالدى، بىر ئىككى قىتىم دەم ئىلىش كۈنى ئاپام مىنى ئىلىپ ئاتامنىڭ يىنىغا ئاپاردى، بىراق ئاتام تاماقتىن كىيىنلا مىنىڭ خىزمەت ئىشىم ئالدىراش، سىلەر قايتىپ كىتىڭلار مەن ۋاقىت چىققاندا ئۆيگە بارىمەن دەپ بىزنى يولغا سىلىپ قۇياتتى. كىيىن ئۆيگە كەلگەندىمۇ بۇرۇنقىدەك بىز بىلەن ئانچە كارى بولمايدىغان، تۇرۇپ تۇرۇپلا ئاپام بىلەن گەپ تەگىشىدىغان بولۇپ قالدى، مەن ئۇ چاغلاردا كىچىك بولغاچ تازا ھىس قىلالماپتىكەنمەن، ھەم ئائىلىمىزگە ئاللىقاچان سۇغاقچىلىق چۈشكەنلىكىنى بىلمەي يۈرىۋىرىپتىمەن. بىر قىتىم ئاتام شۇنداق ئۇزاقتا كەلدى ھەم كىچىك بىر ئىشلارنى باھانە قىلىپ ئاپام بىلەن قاتتىق سۇقۇشتى، ئاپامنى ئۇرۇپ، سۆرەپ ياتقۇزىۋەتى. مەن قورققۇنۇمدىن يىغلاپ تۈگۈلۈپلا قالغان ئىدىم. شۇ قىتىملىق جىدەل ھازىرغىچە يادىمدىن چىقمايدۇ، ئاپام بىلەن ئىككىمىز تازا يىغلىشىپ ئاندىن ئاناملارنىڭ ئۆيىگە كەتتۇق. ئاتام بولسا كەينىمىزدىن كىلىپمۇ قويمىدى، مەن ئامال يوق شۇ يەردىكى مەكتەپكە ۋاقىتلىق كىرىپ تۇردۇم، كىيىن ئاڭلىسام ئاتام بىلەن ئاپام ئاجراشماقچى بۇپتۇ ھەم ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئاجرىشىپ كىتىپتۇ، سوتتىن مىنى ئاتامغا، ئىنىمنى ئاپامغا بۇيرۇپتۇ، ئاپام ،دادام، ئاناملار ئامال يوق يىغلاپ قاقشاپ، ماڭا جىق ياخشى گەپلەرنى قىلىپ يەنە بىر دادام ئاناملارنىڭ ئۆيىگە ئەپىرىپ قويدى. /!W',9ua6  
               مەن يەنە بورۇنقى مەكتىۋىمگە كىلىپ قالدىم. ئاتامنىڭ خىزمەت ئورنى يىراق بولغاچ يەنىلا ئايدا بىر چىقاتتى مەن بىلەنمۇ ئانچە كارى يوق ئىدى، مەن دادام ئاناملار بىلەن بىللە تۇراتتىم، ئاپامنى سىغىنسام كىچىك ئاپام (ئاتامنىڭ سىڭلىسى) مىنى بىللە ئاپىرىپ كۆرسىتىپ ئەكىلەتتى، ئۇ مەن ئۇقۇيدىغان مەكتەپتە يىڭىدىن مۇئەللىم بولۇپ خىزمەتكە چۈشكەن ئىدى، ئادەتتە كىچىك ئاپام بىلەن بىر ئۆيدە تۇراتتىم، بۇ ئۆيدە پەقەت ئىككىلا قىز، يەنى بىرى خىزمىتى يىراق شەھەردە بولغاچ پەقەت كىچىك ئاپام يالغۇز قىز، شۇڭا ئۆيدىكى دادام ئانام، ئاتامنىڭ ئىنىلىرى، ھەممىسى ماڭا بەكمۇ ئامراق ئىدى، داداممۇ بىزنىڭ مەكتەپنىڭ پىنسىيەگە چىققان مەكتەپ مۇدىرى ئىدى، مىنى بەك چوڭ كۆرەتتى دائىم ئاپپاق قىزىم دەپ چاقىراتتى، شۇڭلاشقىمۇ ماڭا بۇ ئىشلار دەسلەپ ئانچە بەك ئېغىر تۇيۇلمىغان ئىدى، دەرسلەردە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشسەم، دادام مىنىڭ ئاپپاق قىزىم بەك ياخشى دەپ ماختاپ قۇياتتى، ئەمما ئاتام ئايدا بىر چىقسىمۇ مىنىڭ ئۈگۈنۈشلۈرۈمنى سوراپ قويمايتتى، مەن ھەر قىتىم ئۈچتە ياخشى ئۇقۇغۇچى بولۇپ مۇكاپات ئالغان ۋاقىتلىرىمدا نەتىجەمنى ئاتامغا شۇنچىلىك كۆرسەتكۈم كىلەتتى، بىراق سورىمىغاچقا خىجىل بولۇپ كۆرسىتەلمەيتتىم. نىمىشقىدۇ ئاتام بىلەن ئارلىقىمىز بەك يىراقلاپ كەتكەندەك ھىس قىلاتتىم. ئۇنىڭ بىرەر قىتىم بولسىمۇ مىنى بالام ياكى قىزىم قانداقراق تۇرىۋاتىسەن، نىمەڭ كام، ئۈگۈنۈشلىرىڭ قانداقراق دەپ سوراپ قۇيۇشىغا بەكمۇ بەكمۇ تەشنا ئىدىم... @mEB=X(-l=  
             ھەر ھېيىت كەلگەندە ساۋاغداشلىرىم شۇنچە خۇشال – خورام بىر بىرىنى ھېيتلىشىشقا تەكلىپ قىلاتتى، مەن باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ھېيتلاپ باراتتىم – يۇ، ئۆزەم بىرەر ساۋاغدىشىمنىمۇ تەكلىپ قىلىپ باقمىغان ئىدىم، چۈنكى ئۆزەمنىڭ ئۆيى بولمىغاندىكىن داداملاردىن خىجىل بولاتتىم، باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە بارسام ئۇلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرىنىڭ پايپىتەك بولۇپ بالىلىرىنىڭ دوسلىرىنى كۈتۈشلىرىگە ياردەملەشكەنلىكىنى كۆرسەم كۈڭلۈم يىرىم بۇلاتتى، gflO0$i  
           ھەي ، ئاتا- ئانام يىنىمدا بولغان بولسا قانداق ياخشى بۇلاتتى – ھە! – دەپ ئويلايتتىم. چوڭ بولغانسىرى كۆپ ئىشلارنى چۈشۈنۈپ كۈڭلۈم يېرىم بولىدىغان ئىشلار كۈپەيگىلى تۇردى. ! Y'~?BI  
          بىر قېتىم دادامنىڭ كىچىك ئاكاملارغا ئۇنىڭ كۈڭلىگە كىلىدىغان گەپ سۆزلەرنى قىلماڭلار، كۈڭلىنى ئاياپ تۇرۇڭلار، ئاتا- ئاپىسى يىنىدا بولمىغاچ كۈڭلى يىرىم بولۇپ قالمىسۇن دىگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن كۈڭلۈم تىخىمۇ بۇزۇلۇپ يېغلىغان پىتى ئۆينىڭ كەينىدىكى كۆل بۇيىغا چىقتىم- دە، سۇغا قاراپ ئولتۇرۇپ راسا يىغلىدىم، نۇرغۇن خىياللارنى سۈردۈم، زادى نىمىشقا ئاتام بىلەن ئاپام ئاجرىشىپ كەتكەندۇ؟ ئاتام ماڭا ئۆچمۇ ياكى ئامراقمۇ؟ نىمىشقا مىنى بىرەر قىتىم بالام ياكى قىزىم دەپ باقمايدىغاندۇ؟ دىگەندەك تۈگۈمەس خىياللار بىلەن قانغۇچە يىغلاپ ئىچىمنى بۇشۇتىۋالدىم، شۇندىن باشلاپ بۇ چىرايلىق كۆل بۇيى، سۇپسۈزۈك سۇلار، كۆلدىكى چىرايلىق غاز – ئۆردەكلەر مىنىڭ دائىملىق سىردىشىم بولۇپ قالدى. }\vw>iHPX@  
           مەن بارا - بارا ئۆزگىرىۋاتاتتىم، ئارتۇق گەپ قىلىش خۇشياقمايدىغان، ئويللىغانلىرىمنى بورۇنقىدەك دادىل دىيەلمەيدىغان ھەم دىگۈم كەلمەيدىغان، باشقىلار گەپ قىلسا گەپ قىلىپ، بولمىسا ھەرگىز ئالدىدا گەپ قىلمايدىغان، جىمغۇر ھەر تارتىنچاق بولۇپ قىلىۋاتاتتىم. دادام ئاناملار، ئاكا – ئاچىلىرىم مىنى قانچە چوڭ كۆرگەنسىرى ئۆزەمنى تىخىمۇ ئەركىن تۇتالمايتتىم، بەلكى بۇلارنىڭ ھەممىسى ساختىدەك بىلىنەتتى. پەقەت مەكتەپتىلا ئۆزەمنى خېلى ئەركىن ھىس قىلاتتم، ئۈگۈنۈش ئەھۋالىممۇ ئىزچىل يەنىلا شۇنداق ياخشى بولۇپ ماڭاتتى. پەقەت مىنىڭ ئاشۇ ۋاقىتلاردا كاللامدا ئاتامغا قويغان بىر مۇنچە سۇئاللارلا بەك قىينايتتى. 8!7`F.BX  
           ھەي ئاتا! زادى نىمىشقا مىنى بالام ياكى قىزىم دەپ باقمايسەن؟ نىمىشقا مەن بىلەن كارىڭ يوق يۈرىسەن؟ ( ئىنىمنىغۇ ھازىر ئاتام تۇنىمايدۇ ) ، مەن يا سەن نومۇس قىلغۇدەك يا ئادەمنىڭ ئۆچلىكىنى كەلتۈرگىدەك قىز بالا بولمىسام زادى نىمىشقا – نىمىشقا ؟.. . ئەمما بۇ سۇئالنى ھەرگىز ھەرگىز ئاتامغا يۈز تۇرانە قۇيالمايتتىم.. 6#kK  
             تۇغرا ھىلىمۇ ئىسىمدە، ئاتام بىر قىتىم پەقەت بىرلا قىتىم بىر ئاغىنىسىغا مىنى كۆرسىتىپ قىزىم دىگەن ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا مەن قاتتىق قىزىپ قالغان بولۇپ دارا ئىچىپ ياتقان ئىدىم، ئاتام ( چالا مەس ئۇخشايدۇ) بىر ئاغىنىسى بىلەن يوغان بىر تاۋۇزنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلگەن ئىدى، ھەم مىنى كۆرۈپ كىچىك ئاكامدىن نىمە بولدى دەپ سورىدى، قىزىپ قاپتۇ دىگەن ئىدى، قولىدىكى تاۋۇزنى شارتلا قىلىپ يۇغان بىر تىلىم كىسىپ ماڭا قاراپ، مە -، بۇنى يېسەڭ قىزىقنى ياندۇرىدۇ ، ساقىيىپ قالىسەن دەپ بەرگەن ئىدى، ھەم يىنىدىكى ئاغىنىسىگە قاراپ بۇ مىنىڭ قىزىم بولىدۇ- دەپ قويدى. مەن شۇ چاغدا قانچىلىك خوش بولۇپ كەتتىمكىن تاڭ، ئاغرىقلىرىممۇ يەڭگىللەپ قالغاندەك تۇيۇلۇپ، ھاياجاندىن كۆزلىرىمگە لۆممىدە ياش ئالغان ئىدىم. X9#i!_*  
             مانا بۇ ئىشلار بولغىنىغا خېلى يىللار بولغان بولسىمۇ ئىسىمدىن پەقەت چىقمايدۇ، ئاتامنى ھەر بىر قىتىم ئويلىسام ئاشۇ بىر ئېغىز گىپى قۇلاق تۈۋەمدە ياڭرايدۇ. ئەمما ئىككىنچى قېتىم ئاتامدىن ئۇنداق گەپنى ئاڭلاپ باقمىدىم... 3q`Uq`t4mR  
            تۇلۇقسىزنىڭ بىرىنچى يىللىقىغا چىققاندا ئاتام ئىدارىسىدىكى توي قىلمىغان بىر ياش ئايال بىلەن توي قىلدى، نىمىشقىدۇ ئۇ ئايال ماڭا خېلى يىقىنچىلىق قىلسىمۇ پەقەت يىقىنلاشقىم كەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كەلسىمۇ كۆرۈشكىممۇ كەلمەيدىغان، بىر يەرلەرگە مۆكۈۋالغىم كىلىدىغان بولۇپ قالدىم.. 4JGU`L:~  
           تۇلۇقسىزنى پۈتتۈرۈپ تولۇق ئوتتۇرغا چىققاندا داداملارغا دەپ يۈرۈپ ئاپامنىڭ قىشىغا كەتكەن ئىدىم. بۇ ۋاقىتتا ئاپاممۇ يىراق بىر جايغا توي قىلىپ كەتكەن ئىدى، مەن يەنىلا دادام ئاناملارنىڭ قىشىدا تۇرۇپ ئۇقۇدۇم، بۇ ئۆيدە ئۆزەمنى خېلىلا ئەركىن ھىس قىلاتتىم، ئاپام بىر يىرىم يىلدىن كىيىن ئۇ يىراق جايغا كۈنەلمەي قايتىپ كەپتۇ، چۈنكى يىلدا بىر قىتىملا كىلىشىگە قۇشۇلدىكەنتۇق، نىمىشقىدۇ مىنىڭ ئاپامغىمۇ مىھرىم يوق بولۇپ قالغان ئىدى. lF)k4+M  
            تولۇق 3- يىللىقنىڭ تەتىل مەزگىلىدە ئاپام يەنە خۇشنا مەھەلىلىك بىر ئادەمگە توي قىلماقچى بولدى، بۇ ئادەمنىڭ مەن بىلەن پاراللىل سىنىپتا ئۇقۇيدىغان قىزى بار ئىدى، مەن يا خوش بولۇشنى، يا يىغلاشنى، يا ئاچچىقلاپ سۇقۇشۇشنى خالىمىدىم، پەقەت تەتىلنى باھانە قىلىپ دادام ئاناملارنى يۇقلاپ كىلەي دەپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم ھەم بىر ئاي تەتىل ۋاقتىم تۇشقىچە چوڭ دادام ئاناملارنىڭكىدە تۇردۇم، كىيىن كەلسەم ئاپام توي قىلىپ كىتىپتۇ، ماڭا يىڭى كىيىم كىچەكلەرنى ئىلىپ قۇيۇپتۇ، ئەمما خېلى بىر ۋاقىتقىچە پەقەت كىيگۈم كەلمىدى، مەكتەپكە بارساممۇ ھىلىقى قىز بىلەن ئۇچرۇشۇپ قالساممۇ قارىماي يۈردۈم، كىيىن ئۇ ئادەم ئاپام بىلەن ئۆيگە بىر قانچە قېتىم كەلدى، قارىسام خېلى ياخشى ئادەمدەك كۆرۈندى،ئاپامغىمۇ قەۋەتلا كۈيىنىدىكەن، مىنىمۇ ھەر قېتىم كۆرگەندە ئۆز ئاتامدىن چارە قىزىم – قىزىم دەپ گەپ قىلاتتى، مەكتەپنىڭ ئەھۋاللىرىنى سورايتتى، ياخشى ئۇگۈنۈڭىزلەر، بۇ يىل ئىمتىھان بېرىدىغان بولغاندىكىن چوقۇم ئۆتۈشكە تىرىشىڭىزلار، نىمە كام بولسا ئاپىڭىزغا دەڭ قىزىم مەن ئىلىپ بېرىمەن دەيتتى، قارىسام ئىنىم بىلەنمۇ شۇنداق قىزغىن پاراڭلىشىدىكەن ھەم چىقىشىپ كىتىپتۇ... J%8hf%! ud  
           تۇرۇپلا ، ھەي ! مۇشۇ ئادەم مىنىڭ ئۆز ئاتام بولۇپ قالسىچۇ دەپ ئويلاپ كىتەتتىم... I3dUI~}u  
       ئۆز ئاتامنى ئويلىساملا جۇدۇنۇم تۇتاتتى، ھازىرقى ئاتامنى ھەر قىتىم ئاتا دەپ چاقىرىپ بىرەر قىتىم بولسىمۇ كۈڭلىنى خوش قىلىپ قۇياي دەپ ئويلايتتىم- يۇ، تىلىم ئۈزۈلۈپ كىتىدىغاندەك پەقەت ئۇنداق دىيەلمىدىم... JiRfLB  
        مانا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىققىلىمۇ خېلى يىللار بولۇپ قالدى، ئۆز ئاتامدىن ئىككىنچى قېتىم بالام ياكى قىزىم دىگەن گەپنى ئەسلا ئاڭلاپ باقمىدىم، ئاتامنىڭ چىرايىنى كۆرمىگىلىمۇ 5- 6 يىللار بولغاندۇ دەيمەن، ئاڭلىسام كىيىنكى ئايالىدىن تۇغۇلغان قىزىنى شۇنداق چوڭ كۆرەرمىش، مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلەرمىش... +aRHMH  
          مەن ئەسلى ئاتامنى يۇقلاپ بېرىشنى ئويلىغان، بىراق نىمىشقىدۇ يەنىلا بارماسلىقنى قارار قىلدىم، ئويلاپ باقسام ئاتام بىلەن كۆرۈشكەندە دىيىشكۈدەك گەپمۇ يوقكەن، مىنىڭ سۇئاللارغا تولغان قەلبىم ھامان جاۋاپسىز قالدىغىنى ئىنىق ، ھەر ئىككىمىزنى بۇرۇقتۇرما قىلىپ نىمە قىلاي...ئۇنىڭدىن كۆرە قەغەز يۈزىدە ئويلىغانلىرىمنى دەۋالاي. I =nvL  
          ھەي باغرى تاش ئاتا ، ئاڭلاۋاتامسەن مەن سىنىڭ ئاتىلىق مىھرىڭگە، مىھرىبانلارچە كۈيۈنۈشلۈرىڭگە، ئەھۋالىمنى سوراپ قۇيۇشىڭگە ، توي قىلغاندا بىشىمدا تۇرۇپ بەخىت تىلىشىڭگە ، ھىچ بولىمىغاندا قىزىم دىگەن بىر ئېغىز گىپىڭگە قانچىلىك، قانچىلىك تەشنا ئىدىم – ھە! |JTDwmR  
          مانا يات بىر ئادەمدىن ئۆز ئاتامدىن ئاڭلىيالمىغان گەپنى ئاڭلىدىم، نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى كۆردۈم ، بىراق نىمىشقىدۇ قەلبىمدىكى ئورنىڭنى ئۇ ئادەمگە پەقەت پەقەتلا بەرگۈم يوق، بۇنى بىلەمسەن؟...ھىس قىلالامسەن؟!!. نىمىشقا ؟ زادى نىمىشقا ؟ ~0 Mw\p%}  
         چۈنكى سەن مىنىڭ قەلبىمدە چوڭقۇر يېلتىز تارتقان ئۆز ئاتام، ئورنۇڭنى ھىچقانداق بىر كۈچ ئالالمايدۇ.. _6C,w`[[6  
         مەن سىنى مەڭگۈ مەڭگۈ خىيالىمدا سىغىنىمەن، ئويلايمەن، ياخشى كۆرىمەن!! =v~$&@  
{AAi x  
<}1GYeP  
             مەنبە: ئۆزەم‹سۇمبۇل› C<N7zMwT  
2011– يىل 6-ئاينىڭ 15- كۈنى تۇرپان
[ تېما karluk تەرپىدىن 2012-01-19 16:47 دە قايتا تە ]

ئانا تۇپراق مۇنبرىدىكى مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار جەمئىي 1 پارچە
hanjar731مۇنبەر پۇلى+52011-06-19isil
ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

精彩

感动

搞笑

开心

愤怒

无聊

灌水
مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!
hanjar731

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.432

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   896 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   33469 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   3071 (قېتم)
 تۆھپە:   3035  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 371
 سائەت
دەرىجىسى:
371 سائەت 69 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-18
ئاخــىرقىسى:2012-03-05
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-19

بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ ماۋۇ تىما.بۈگۈن ماڭا تېتىغان ئەڭ ياخشى تىما مۇشۇ بولدى.
توختىماي تۆھمەت توقىۋاتقان ئاغزىڭغا تۈفىي،!
yamhur

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6133

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   736 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   41803 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2994 (قېتم)
 تۆھپە:   2991  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 910
 سائەت
دەرىجىسى:
910 سائەت 130 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-30
ئاخــىرقىسى:2012-01-01
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-19
Re:<ئاتا مىھرىگە تەشنا قىز>ان

بەك تەسىرلىك يىزىپسىز  تىمىڭىزنى .ئوقۇپ رھمەتلىك دادام ئىسىمگە كىپ قالدى ئۇلۇغ اللاھ ياتقان يىرىنى جەننىتى قىلسۇن ئامىن   بىركۇنلەردە دادىڭىزمىھرى -مۇھەببىتى بىلەن جىنىم قىزىم دەيدۇ اللا خالىسا .بەلكىم ھازىرمۇ سىزنى يات ئىتىپ تۇرغاندۇ ، مۇشۇ تىمىنى دادىڭىزمۇ كۆرسىچۇ ئىسىت تاش بولسىمۇ ئىرىپ كىتىدۇ ، دادا مىھرىگە يانا كىلىپ ئۆزداداڭىزنىڭ مىھرىگە ئىرىشىسىز اللا خالىسا        
اللاھ، ئۇچالمايدىغان قۇشقا، پاكار شاخ بېرىدۇ...........؟
sansiz0903

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.238

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4128 

 نادىرلانغان تېمىسى:   14 

 مۇنبەر پۇلى:   57481 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   6556 (قېتم)
 تۆھپە:   6426  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 9805
 سائەت
دەرىجىسى:
9805 سائەت 85 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-24
ئاخــىرقىسى:2012-03-07
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-20

كۆڭلۈم بىر خىللا بوپ قالدى... ساناپ باقسام ئەتراپىمدا مۇشۇنداق قىزدىن بىر قانچىسى بار ئىكەن. ! 0fpD'f!n  
/+"BU-aQk  
ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئۆتۈپ كەتكەن قۇربان ھېيتتا مەسچىتتىن كىلىپ داداملار بىلەن قوينى سويۇپ بولغاندىن كېيىن، چوڭ ئۆيگە ماڭماقچى بولۇپ ئىشىك ئالدىغا چىققىنىمىزدا، قوشنىمىزنىڭ ئوغلى دادا! دەپ يۈگرەپ كىلىپ دادامنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ كەتكەنىدى... قوشنىمىز 3 يىل ئىلگىرى قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغان، مۇشتۇمدەك 4 بالىسى يىتىم قالغانىدى. شۇ ۋاقىتتا كۆزۈمدىن ئەمەس، يۈرىكىمدىن ئىككى تامچە ياش ئاققانىدى.
bayawan

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.24

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2363 

 نادىرلانغان تېمىسى:   12 

 مۇنبەر پۇلى:   53193 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   4860 (قېتم)
 تۆھپە:   4633  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 14132
 سائەت
دەرىجىسى:
14132 سائەت 168 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-07
ئاخــىرقىسى:2012-03-04
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-20

بۇ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپ 13 يىللار بۇرۇن ئۇئالەمگە كېتىپ قالغان رەھمەتلىك دادام يادىمغا يېتىپ كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ قالدى .بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ .
[ تېما bayawan تەرپىدىن 2011-06-20 11:30 دە قايتا ت ]

ئانا تۇپراق-بىزنى ئەبەدىي ئۆز قۇچىقى ئارقىلىق يۈكسەكلىككە ئېرىشتۈرگۈچى مۇنبەت تۇپراقتۇ ، ئۇنىڭ قىممىتى بىباھادۇر ~
kox bahit

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1620

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   896 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16826 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1395 (قېتم)
 تۆھپە:   1344  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3809
 سائەت
دەرىجىسى:
3809 سائەت 241 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-19
ئاخــىرقىسى:2012-02-19
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-20

ئەجەپ  كۆڭلۇمنى   يىرىم قىلدى ما تىما   ھەقىقەتەن  تەسىرلىك  چىقىپتۇ........... U-QK   
s_hf,QH  
ئۇلۇغ ئاللاھ  ھىچ  بىر  بەندىسىنى  ئاتا- ئانىسىدىن ئايرىمىغاي
سەندەك ۋاپاسىزنى كۆزۇم كۆرمىسۇن!!!
allayar

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5105

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   209 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9837 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   944 (قېتم)
 تۆھپە:   933  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3576
 سائەت
دەرىجىسى:
3576 سائەت 194 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-08
ئاخــىرقىسى:2012-03-02
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-20

   ياخشى يېزىلغان يازما، نادىر تېما بولۇشقا لايىق يازما. يازغۇچى ئىجتىمائى تۇرمۇشتىن رىيال ۋەقەلەرنى يۇغۇرۇپ كىشلەر ياقتۇرىدىغان ھىكايىلەرنى ئاپىردە قىلدۇ. ئەسىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ. تېخمۇ تىرىشىڭ! t)o!OEnE  
    
سەھرا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6123

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   19 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   530 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   54 (قېتم)
 تۆھپە:   53  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 289
 سائەت
دەرىجىسى:
289 سائەت 61 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-29
ئاخــىرقىسى:2011-08-24
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-20

سىزگە كۆپ رەھمەت! بۇ تېما كۆرگەن تورداشلارنىڭ تۇرمۇشىغا مەلۇم ئىجابى تەسىر،تەربىيە،ساۋاق ئاتا قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن. بۇ ئىشلار سىزنىڭ ھازىرقى رىئاللىقىڭىزغا نىسبەتەن تەسىرى چوڭ بۇلۇپ كەتمىسىمۇ،سىزنىڭ بۇندىن كىيىنكى  تۇرمۇشىڭىز،ھاياتىڭىزغا چوڭ بەخىت ئېلىپ كىلىدۇ-ئىنشائاللاھ! چۈنكى سىز تۇرمۇشتىن ئىبارەت  بۇ قورغانغا كىرمىگەن ئەھۋالدا  ئاتا-ئانىڭىزنىڭ تۇرمۇشتىكى مەسئۇلىيەتسىزلىكى سەۋەپلىك تۇرمۇش ئالى مەكتىپىدە ۋاستىلىق ئۇقۇپ،كىشىلىك تۇرمۇش،كىشىلىك مۇناسىۋەت،نىكاھ، تۇرمۇش ھەققىدىكى چوڭقۇر بىلىملەرنى ئەمەلى نەتىجە،ھىسيات-تۇيغۇلارنى ئۆز بېشىڭىزدىن ئۆتكۈزۈپسىز. ئىگەللەپىسىز. c+_F}2)  
ئاخىرىدا سىزنىڭ قەلىمىڭىزگە مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن. $d[ -feU  
  
sumbul

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2364

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   337 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   27446 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   991 (قېتم)
 تۆھپە:   952  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3159
 سائەت
دەرىجىسى:
3159 سائەت 81 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-13
ئاخــىرقىسى:2012-02-29
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-20

نىمىشقىدۇ تىمىنى يېزىپ بولۇپ ئۆزەمنى خېلى يىنىكلەپ قالغاندەك ھىس قىلىپ قالدىم، تورمۇشنىڭ قاتتىق يۇمشاق بىسىملىرى، ھەر خىل سىناقلىرى ئالدىدا ئۆزەمنىڭ پىشىپ يىتىلگەنلىكىمنى ھىس قىلدىم ، گەرچە بورۇن نادانلارچە ئاتا ئانامدىن نەپرەتلىنىپ يۈرگەن بولساممۇ، مانا ئەمدى نەچچە يىلنىڭياقى نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشۈنۈپ، چىن كۈڭلۈمدىن ئەپۇ قىلىپ، مىھرىنى بېرىشىگە تەشنا بولۇپ ئولتۇرىمەن، ئىشىنىمەنكى مەن چۇقۇم ھامان بىر كۈنى ئۆز ۋاپادارلىقىم ، مىھرىبانلىقىم بىلەن ئاتامنى  تەسىرلەندۈرىمەن، مىھرىگە ئېرىشىمەن! EO|r   
دوسلارنىڭ بەرگەن تەسەللىلىرىگە كۆپ رەھمەت!
مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!
ruhsar

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2429

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   928 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   30871 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2492 (قېتم)
 تۆھپە:   2456  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8124
 سائەت
دەرىجىسى:
8124 سائەت 66 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-18
ئاخــىرقىسى:2012-03-05
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-21

   سۇمبۇل يۈرەك سوزلىرىڭىز، مىنى بەكمۇ تەسىرلەندۈردىغۇ      ئۇلۇغ ئاللا بەختىڭىزنى بەرسۇن.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى