يېزىق ئىسلاھاتى مىللىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ بىردىن-بىر چىقىش يولى
3lH#+@ تۇرسۇنجان لېتىپ (ياركەندى)
خەلچەم تۇرسۇن
hPr*<2mp HX\@Qws ⅩⅩئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، مىللىتىمىزنىڭ ئىچكى قىسمىدا تەبىئى سىتىخىيىلىك ھالدا قوزغالغان يەنە بىر قېتىملىق يېزىق ئىسلاھاتى تەلىپى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈش بىلەن، بۇ زور ئىجتىمائىي ھادىسە خەلقىمىز تۇرمۇشىنىڭ بارلىق ساھەلىرىگە بېرىپ تاقالدى. ھەممىلا جايدا بۇ ھەقتە بەس- مۇنازىرە، ھەممىلا كىشى بۇ زورئىشقا كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى. مانا بۇ، مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان «يېزىق ئىسلاھاتى» دىن ئىبارەت زور ئىشنىڭ ئەندى ئويلاشمىسا بولمايدىغان دەرىجىگە تەرەققى قىلىپ يەتكەنلىكىدىن بېشارەت بىرىدۇ.
h`+Gs{1qw ئىككى ئەسىر ۋە ئېرانىڭ ئالمىشىش نوقتىسىدا مەيدانغا چىققان بۇ زور تارىخىي ۋەقەگە مىللىتىمىز ئارىسىدىكى كۆپلىگەن ئالىملار، زىيالىلار، ئوقۇتقۇچىلار، ياش ۋە ئوتتۇرا ياش پەن- تېخنىكا خادىملىرى ۋە ئىشچى- دېھقانلارمۇ قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، بۇنىڭ ھەقىقەتەن مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم كىشىلىرىمىز تارىخنىڭ بۇنداق رەھىمسىز ئۆرۈپ-چۆرۈشلىرىدىن گاڭگىراپ قېلىشتى ۋە يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بۇ ۋاقىئە ئالدىدا مىللەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەققىدە چۇڭقۇر ئويلاشمايلا، پەقەت بۇرنىنىڭ ئۇچىدىكى ئازغىنە مەنپەئەتىدىن (يېزىق ئۈگىنىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ئازغىنە ئەمگەك بەدىلىدىن) ۋاز كېچەلمەي، ئالدىراپ - سالدىراپلا قارشى چىقىشتى. بۇلۇپمۇ، بەزى كىشىلەر بۇ ئۇلۇق ئەھمىيەتلىك ئىسلاھات ھەرىكىتىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى چۈشەنمەي، ئۇنى قارىسىغىلا «مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ يوقىلىشى» دەپ قاراپ بىر قىسىم مۇتەئەسسىپ كۆز قاراشتىكى ماقالىلارنى ئېلان قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئوتتەك يېنىۋاتقان ئىلىم-پەن تەرەققىيات قىزغىنلىقىغا سوغاق سۇ سەپتى ھەمدە دەۋىرتەرەققىياتىغا زىت قالاق ئېدىيىلەر كۆپتۈرۈلۈپ، بۇ قېتىمقى يېزىق ئىسلاھاتىنى ئاللىقانداقتۇر «كەڭ خەلق ئاممىسى ھېمايە قىلمايۋاتقان، رازى بولمايۋاتقان يېزىق ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى» قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشتى.
7Z5,(dH> بىز، بۇ ماقالىنى ئاللىبۇرۇن يېزىپ يۇقىرىقى ماقالىلەرگە جاۋاپ بىرىشكە تەييارلىغان بولساقمۇ ئەمما، ئەينى ۋاقىتتا مەتبۇئاتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەي، خىلى يىللارنى ئۆتكۈزۈۋەتتۇق. نۆۋەتتە، دەرھال توغرا جامائەت پىكىرى ھازىرلاپ، مىللىي يېزىقىمىزنىڭ ХХ ئەسىردىكى ئەگرى - توقايلىق چېكىنىش ھالىتىگە مەڭگۈلۈك ۋە ئۈزىل- كىسىل خاتىمە بىرىش، مۇشۇ دەۋىردە ياشاۋاتقان ھەر- بىر ئىلىم- پەن خادىمىنىڭ مۇقەددەس بۇرچىدۇر.
+*,rOK`C «جۇڭخۇا خەلق جۈمھۈرىيىتىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى قانۇنى» نىڭ 8- ماددىسىدا، ئېنىق ھالدا « ھەممە مىللەت ئۆز تىل- يېزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئەركىنلىكىگە ئىگە.» دىيىلگەن. دېمەك، قوللىنىشنىلا بىلىپ تەرەققى قىلدۇرۇشنى بىلمەسلىك مىللەتپەرۋەرلىك ئەمەس.
lz\{ X يېزىق پەقەت تىلنىڭ بەلگىسى. ئۇ، پەقەت تىل ئۈچۈنلا خىزمەت قىلىدۇكى ھەرگىزمۇ تىلنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. قايسى بىر يېزىق شۇ تىلنىڭ راۋان ۋە كەڭرى ئىشلىتىلىشىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالايدىكەن ئۇ، ساقلاپ قېلىنىدۇ. بولمىسا ھامان ئۆزگەرتىلىدۇ. بۇ بىر خىل تەبىئى ئىلمىي ھادىسە. بۇنى ھەرگىزمۇ تارىختىكى سىياسىي ۋە دىنىي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن يېزىقنىڭ مەجبۇرى ئۆزگەرتىلىشىدەك نامۇۋاپىق ۋاقىئەلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. ھالبۇكى، بۇ قېتىمقى يېزىق ئىسلاھاتى پەقەت ئۇيغۇر كونا يېزىقىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئۇچۇر دەۋرىدە تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ كەينىدە قالغانلىقى ئۈچۈن، تەبىئى يۇسۇندا مەيدانغا چىققان بىر قېتىملىق ئىلمىي ئېنقىلاپتۇر، خالاس...
;=: R| بۇ يەردە بىز، ئەشۇ خاتا قاراشتىكىلەرنىڭ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشى ئۈچۈن، ئاللىقاچان ئېلان قىلىپ بولغان يېزىق ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى ماقالىلارنىڭ مېغىزلىق مەزمۇنىنى ئالدى بىلەن قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۈتۈشنى لايىق تاپتۇق ( مەسىلىگە ھەقىقى كۆڭۈل بۆلگۈچىلەرنىڭ ئۇلارنى ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇپ كۆرۈدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز).
}Bw=2 ~ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تىل-يېزىق كومېتىتى ۋە «تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلى تەھرىراتى بۇ مەسىلىگە 90- يىللاردىن باشلاپ ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشكە باشلىغان ھەمدە بۇ ھەقتىكى كەڭ ئېچىلىپ-سايراشنى يولغا قويغان. شۇ سەۋەپتىن، كىشىنى قايىل قىلارلىق بىر تۈركۈم ماقالىلار ئېلان قىلىنىپ، مىللىتىمىز تەرەققىياتىنىڭ ۋاسىتىسى بولغان «يېزىق» تىن ئىبارەت بۇ زور ئىشنىڭ كەلگۈسى ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسى ۋە خەلقارالىق يۆنىلىش نوقتىسىدىن تەھلىل قىلىنىپ يۇرۇتۇپ بىرىلگەن. مەسىلەن ئۇلار، «تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلىنىڭ 95-يىلى 6-سانىدىكى تۇرسۇنجان لېتىپنىڭ تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان «مۇزىكا ساھەسىدە يېڭى يېزىق قوللىنىش توغرىسىدا تەكلىپ» ۋە 99- يىللىق 4- سانىدىكى «مەخسۇس ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى تەسىس قىلىش توغرىسىدا تەشەببۇسنامە» قاتارلىق ماقالىلىرى، 99-يىللىق 6-سانىدىكى پەرىزات سۇلايمان، ئابلىز ئەلدەرنىڭ «ئۇيغۇر كومپىيۇتېر يېزىقى ھەققىدە مۇلاھىزە»، 2000-يىللىق 2-سانىدىكى زەينۇللا ئىدىقۇتنىڭ «ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنى قوللىنىش توغرىسىدا قاراشلىرىم»، 2000- يىللىق 4-سانىدىكى قاھار ئابدۇرېشىتنىڭ «ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھازىرقى دەۋىرنىڭ جىددى ئېھتىياجى» قاتارلىق ماقالىلار ھەمدە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا گېزىت-ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركى مىللەتلىرىنىڭ يېزىق ئىسلاھاتىغا دائىر ماقالىلاردىن ئىبارەت.
;d G.oUk= يۇقىرىقى ماقالىلاردا «مىللىتىمىزنىڭ ھازىرقى زامان پەن- مەدەنىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇشتا، مۇكەممەل بولغان ۋە خەلقارادا ئومۇمىيۈزلۈك قوللىنىلىدىغان يېزىقنى قوللىنىش كەلگۈسى ئىستىقبالىمىز ئۈچۈن بىۋاسىتە ئەھمىيەتكە ئىگە زور ئىش» ئىكەنلىكى، «كومپىيۇتېر ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ۋە تۇرمۇشنىڭ بارلىق ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرىشكە باشلىغان بۈگۈنكى شارائىتتا، يېزىق قىيىنچىلىقىنىڭ ئېھتىمال كەلگۈسى زور ئاپەتنىڭ شەپىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» لىكى،ئۇ چاغدا «باشقىلار كومپىيۇتېردىن بىۋاسىتە پايدىلىنىپ تەرەققىيات سۈرئىتىنى تىزلەتسە، بىزگە پەقەت كومپىيۇتېرنىڭ ھەر-بىر يېڭى ئامىللىرى ئالدىدا، ئالدى بىلەن يېڭىۋاشتىن تەتقىق قىلىپ كونا يېزىقىمىزغا بويسۇندۇرۇپ، ئۆزگەرتىپ ياساپ ئاندىن كەينىدىن سۆرۈلۈپ مېڭىشتىن ئىبارەت بىرلا مەڭگۈلۈك مۇشەققەتلىك يول قالىدۇ» غانلىقى ھەمدە لاتىن يېزىقىنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ۋە دۇنيادىكى كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ ھازىر ئومۇمىيۈزلۈك لاتىن يېزىقىغا كۆچۈش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا « بىزنىڭ لاتىن يېزىقىغا كۆچۈشىمىز تارىخى مۇقەررەرلىك، ئەمما بۇ لاتىنچە يېزىق ھەرگىزمۇ ئىلگىرىكى «يېڭى يېزىق» (پىڭيىن) ئەمەس بەلكى ئۇ، ھەم يېڭى يېزىققا ۋارىسلىق قىلغان ھەم مىللىتىمىزنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى ئاساسىدا كومپىيۇتېرلىشىش ۋەزىيىتىگە باب كىلىدىغان ئىلغار يېزىق بولۇشى لازىم»لىقى، ئۇندىن باشقا « ئۇيغۇر كونا يېزىقىنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى يالغۇزلا ئۇنىڭ تەتۇر يېزىلىشىدىلا ئەمەس بەلكى، ھەرپ سانى ۋە ئوخشاپ كىتىدىغان ھەرپلەر كۆپ،كۆپىنچە بىرلاچېكىت ياكى سىزىق پەرقلىنىدىغانلىقتىن ئىملا خاتالىقى كۆپ يۈز بىرىدۇ» غانلىقى، بۈگۈنكى ئېنتىرنىت دۇنياسىدا « ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى مەملىكىتىمىز چېگىرىسى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بۆلەك ھېچكىم تونۇمايدۇ» غانلىقى، مۇھىمى، « يېزىقمۇ خۇددى دارۋېننىڭ تەبىئى تاللىنىش نەزەرىيىسىگە ئاساسەن جانلىقلارنىڭ تەبىئى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشالىغانلىرى ياشايدۇ، ماسلىشالمىغانلىرى شاللىنىپ كىتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مۇقەررەر قانۇنىيەتكە بويسۇنۇدۇ» غانلىقى، شۇڭلاشقىمۇ لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى «يېڭى يېزىقنى قوللىنىش، ھازىرقى دەۋىرنىڭ جىددى ئېھتىياجى»ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىر قاتار قايىل قىلارلىق بايانلار بىرىلگەن.
/Z! ,1 نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتىگە نەزەر سالساق، «1994-يىلى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە، ئۆزبېكىستان، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، تۈركمەنىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالىملىرى بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان تۈركى مىللەتلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن 34 ھەرپتىن تەركىپ تاپقان لاتىنچە ئېلىپبە مۇزاكىرە قىلىنىپ، دۇنيا تۈركۈلوگىيە قۇرۇلتېيىدا تەستىقتىن ئۆتكەن» ( «ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى» ژورنىلى 2001-يىللىق 2-سان 3-4-بەتلەر). بىزچە ئېيتقاندا، بۇ ماقالىلارنى تولۇق ئوقۇپ چىققانلارنىڭ ئەلۋەتتە بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ كىتەلىشى ھېچقانچە قىيىنغا توختىمايدۇ.
Iu|G*~\ توغرا، خۇددى بەزى كىشىلەرنىڭ ماقالىسىدا ئېيتقىنىدەك، يېزىق ئۆزگەرتىش «ھەرگىزمۇ بىرلا كەسىپتىكى بىر نەچچە مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ مۇزاكىرە قىلىشى ئارقىلىقلا بېكىتىپ چىقىدىغان ئىش ئەمەس». گەرچە كومپىيۇتېر ساھەسىدىكىلەر ئۆزئالدىغا «كومپىيۇتېر يېزىقى» دىگەن نامدا تەستىقلىتىپ لايىھە ئېلان قىلغان بولسىمۇ بۇ، پەقەت بىر ياخشى باشلىنىشنىڭ بېشارىتىلا بولۇپ، ئۇنى تېخى باشقا ساھەلەر تولۇق ئېتىراپ قىلغىنى يوق. چۈنكى، ئۇلارنىڭ لايىھەسى ئېنگلىز يېزىقىنىڭ رامكىسىدىن چىقىپ كىتەلمىگەچكە، بۇنداق يېزىقىمىزنى بىر مىللەتنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرۇپ يەنە بىر مىللەتنىڭ ئاسارىتىگە تۇتۇپ بىرىدىغان قۇللۇق خاراكتېرلىك خاھىشقا مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەر قوشۇلمايدۇ. گەرچە بىز، ھازىر ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆز يېزىقىمىزنى چەتئەللىكلەر بىزگە ياساپ بەرگەن كومپىيۇتېرغا ماسلاشتۇرۇشقا ۋاقتىنچە مەجبۇر بولۇۋاتقان بولساقمۇ بىراق، ماھىيەت جەھەتتە، بۇنىڭدىن ھەرگىزمۇ ئۆز ئالاھىدىلىكىمىزنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ئۆزىمىزنى «يۇزدە-يۇز باشقىلار بىلەن ئوخشاش قىلىش» دىگەن مەنا چىقمايدۇ. چۈنكى كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلار كومپىيۇتېر ياسىيالمايدۇ دەپ كىم ئېيتىدۇ؟!.......
. hHt+ ئۆتمۈشتە، ئەرەپ يېزىقى مونوپوللىقى دەۋرىدە ئەرەپ يېزىقىغا كۆچكەن ئىدۇق. مانا ئەندى ئېنگلىز يېزىقى مونوپوللىقى دەۋرىگە كەلگەندە ئېنگلىز يېزىقىغا كۆچسەك ئۆزىمىزنى بىر رامكىدىن قۇتۇلدۇرۇپ يەنە بىر رامكىغا سولىغان بولمايمىزمۇ؟!... قاچانغىچە باشقىلارنىڭ ئىزىدىن چىقماي ماڭىمىز؟!... باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قۇبۇل قىلىش بىلەن تەڭ كەمتۈكلىكىنىمۇ قوبۇل قىلىپ مېڭىۋەرسەك بۇنىمۇ «مىللى ئىسلاھات» دىيىشكە بۇلامدۇ!؟.......
^T'+dGU` بىزنىڭچە، ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ گۈزەل، ساپ، مۇكەممەللىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار يېزىق ھېساپلانغان لاتىن يېزىقى سىستېمىسىدىن خەلقارادا بىر قەدەر ئومۇملاشقان ھەم ئىلىم-پەن ۋە تىل ئالاھىدىلىكىمىزگە ماسلاشقان 32 بەلگە مۇۋاپىق تاللانسىلا مەسىلە ھەل بۇلىدۇ. دۇنيا تۈركۈلوگىيەقۇرۇلتېيىدىمۇ«يېزىقنىڭ مىللى تىلنىڭ ئالاھىدىلىكى بۇيىچە لايىھېلىنىشى» ۋە «بىر ھەرپ بىر فونېمىنى ئىپادىلەيدىغان ئاساسىي پرىنسىپ» ئىزچىللاشتۇرۇلىشى تەكىتلەنگەن ( «ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى» ژورنىلى 2001 -يىللىق 2-سان 5-بەت). بۇنداق قىلغاندا، ئەلۋەتتە يەنىلا كومپىيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسىدا يوق بىر نەچچە ھەرپنىڭ شەكىل ئىسكىلاتىنى ياساشقا توغرا كىلىدۇ. ئەمما، بۇ ئەمگەكنىڭ مىقدارى يوق دىيەرلىك بولۇپ، ئۇنىڭ سىجىللىقىنى ھەرگىزمۇ كونا يېزىق ئىسكىلاتىنى ياساپ چىقىشتەك زور، مۇرەككەپ خىزمەتكە سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس.بەزى كومپىيۇتېر تېخنىكلىرىمىز ھەتتا يېڭى يېزىق تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقان «يۇقىرى كىرىملىك ئوقىتى» دىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىشىپ، تېلېۋىزورلاردا ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا قانداقتۇر: «يېزىق ئىسلاھ قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق» لىقى ھەققىدە داۋراڭ سېلىشتىغۇ!؟............ بىزمۇ ئۇلارنىڭ ئاز- تولا مەنپەئەتىنى ئويلاشمىساق بۇلامدۇ؟!........
@)&b..c?_ يېزىق ئىسلاھاتى نۆۋەتتىكى مۇھىم بىر خىزمەت بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى تەلىپى يىلدىن-يىلغا كۈچەيمەكتە. ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش قۇرۇلتايلىرىنىڭ يىغىنلىرىدىمۇ ھەر يىلى دىگىدەك بۇ مەسىلە ئوتتۇرىغا قۇيۇلۇۋاتىدۇ. مانا بۇ، يېزىق ئىسلاھاتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە كەڭ خەلق ئاممىسى ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان زور ئىشقا ئايلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئىش ئاپتونۇم رايونلۇق تىل-يېزىق كومېتىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، بارلىق ساھەلەردىن تولۇق پىكىر ئېلىش ئارقىلىق كۆپ سانلىق مۇتەخەسىس ۋە پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ قوشۇلىشى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن بېكىتىلىدىغان ئىش.
,iCd6M{ بۇ يەردە يەنە بىر نەچچە نوقتىنى ئالاھىدە شەرھىلەپ ئۆتۈشكە توغرا كىلىدۇ.
dDW],d}B; بىرىنچىدىن، بەزى ماقالىدە ئېيتىلغىنىدەك، ھەقىقەتەن ھازىر رايونىمىزدىكى نەچچە مىلىيون ئاھالىنىڭ ئۈچتىن بىرى تېخى ساۋاتسىز ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ. قالغان ئۈچتىن بىرى ( ئوتتۇرا ياشلىقلار) يېڭى يېزىقنى ئەسلىدىنلا بىلىدۇ، تېخى ئۇنتۇپ كەتكىنى يوق. مانا بۇ ، ئەمەلىيەتتە بىر ياخشى تارىخىي پۇرسەت. ئەگەر مۇشۇ مەزگىلدە دەرھال ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلمىغاندا كەلگۈسىدە ساۋاتسىزلار ساۋات چىقىرىپ بولغاندا، ئوتتۇرا ياشلىقلار يېڭى يېزىقنى تەلتۈكۈس ئۇنتۇپ كەتكەندە بىزگە تېخىمۇ ئېغىر چۈشىدۇ، زىيانمۇ كۆپ بۇلىدۇ.
C JiMg'K ئىككىنچىدىن، ھەرقانداق دەۋىردىكى ھەرقانداق بىر مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئەنئەنىسى مۇتلەق قاتماللىققا ئىگە بولغان ۋە ئەينەن ساقلىنىدىغان نەرسە بولماستىن بەلكى ئۇ، دەۋىر تەرەققىياتىغا ماس ھالدا ئۆزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ، يېڭىلىنىپ بارىدىغان ئەركىن ئىجتىمائى ئاڭ فورمىسىدۇر. ئىنسانلارنىڭ يېزىق مەدەنىيىتىمۇ مانا مۇشۇ جۈملىدىندۇر. گەرچە ئەرەپ يېزىقى مىللىتىمىز تارىخىدا ئۇزاقتىن بېرى قوللىنىلىپ مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك ئالىم، پەيلاسوپلىرىمىزنىڭ ھوجرىسىنى يۇ رۇتقان شام ۋە چىراغتەك ئىلىم بېغىنى يۇرۇتۇپ كەلگەن بولسىمۇ بىراق، بۈگۈنكى تەرەققىيات دەۋرىگە كەلگەندە ئەشۇ شام ۋە چىراغلارنى ئېلىكتىرولامپوچكىدىن ئەۋزەل كۆرۈش ئاقىلانىلىق بولماس!
[=e61Z بەزى ماقالىدا يەنە، ئىسلاھات قارىشىدىكىلەرگە غەلىتە ھالدا:«بىر مىللەتتە ئىككى خىل يېزىق ئىشلىتىدىغان ۋەزىيەتنى پەيدا قىلىشماقچى،.... بۇ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائى مۇقىملىقىغا پايدىسىز» دېگەندەك قالپاقلارنى كەيدۈرمەكچى بولۇشقان. بۇ، خۇددى ئوغرىنىڭ « ئوغرىنى تۇت!» دەپ ۋاقىرىغىنىغا ئوخشاش كۈلكىلىك بىر ئىش. بۇنىڭغا پەقەت پاكىتنىڭ ئۈزىلا جاۋاب بەرسۇن، قېنى، كۆرۈپ باقايلى!...
gb@Rx 1. بىز ھازىر يۇقىرى ئىلىم-پەن، ئۇچۇر دەۋرىگە كىرىپ كىلىۋاتىمىز. ئۇزاق ئۆتمەي كومپىيۇتېر ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ بارلىق ساھەلىرىگە سىڭىپ كىرىدۇ. لاتىن يېزىقى بۈگۈنكى كۈندە يالغۇز ئۇيغۇرلاردىلا ئەمەس بەلكى، باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ مەدەنىيىتىگە چۇڭقۇر سىڭىپ كىرىپ ئۈزىنىڭ گۈزەل سىماسىنى نامايەن قىلماقتا. مانا بۇنداق شارائىتتا، خەلقىمىز كومپىيۇتېر تاختىسىدىكى لاتىن يېزىقلىرىنى ئۈگىنىش ۋە ئىشلىتىشتىن ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. مانا بۇ ئاقىۋەت، كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە باغلىق بولمايدىغان يۈزلىنىش ۋە تەرەققىيات ھادىسىسى.
la)f\Nk 2. دۆلەت ئىچىدە ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇ تىل-يېزىقىنى ئۈگىنىشى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىۋاسىتە تەرەققىيات مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىش بولغاچقا، ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ قوش تىللىق بۇلىشىمۇ ھازىرقى دەۋىرنىڭ جىددى ئېھتىياجى.
Ul@ZCv+ دېمەك، يۇقىرىقىدەك ئەھۋال ئاستىدا ھازىر ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ زىممىسىگە بىرلا ۋاقىتتا خەنزۇ يېزىقى، ئەرەب يېزىقى، لاتىن يېزىقى ۋە ئۇيغۇر سوفىت يېزىقى (كومپىيوتېر يېزىقى) دىن ئىبارەت بىر-بىرىدىن پەرق ئىنتايىن چوڭ بولغان تۆت خىل يېزىقنى تەڭلا ئۈگىنىش ۋە تەڭ ئىشلىتىشتەك ئېغىر يۈك تەبىئى ھالدا يۈكلىنىپ، خەلقىمىزنىڭ ھازىرقى زامان ئىلىم-پەن تېخنىكىسىنى ئۈگىنىشىگە زور دەرىجىدە تەسىر يەتمەكتە.بىزنىڭ ئىسلاھات بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىشىمىزدىكى مەقسەتمۇ دەل ئەنە شۇ ئارتۇقچە بولغان كونا يېزىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ (بۇ چاغدا سوفىت يېزىقىنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇ)، مىللىتىمىزنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىشتىن ئىبارەتتۇر. قېنى؟!.. كۆپچىلىك ئېيتىپ باقسۇن! بىر مىللەتتە ئىككى خىل يېزىق ئىشلىتىشنى يولغا قۇيۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلار زادى كىم؟.......
1>a^Q 3. بەزى ماقالىلاردا ئېيتىلغىنىدەك، گەپنىڭ ئۇچۇقى:«غەرب ئەللىرىنىڭ شەرقنىڭ مەدەنىيىتىنى تاللاپ قۇبۇل قىلىشى» دا بۇلۇپ، دەل مۇشۇ سەۋەپتىن، يەنى ياۋرۇپالىقلار كىيىنچە «لاتىن يېزىقى» دەپ ئاتالغان بىزنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تۈرك-رونىك يېزىقىمىزنى بالدۇرلا قۇبۇل قىلغانلىقىدىن، غەرب ئەللىرىنىڭ تەرەققىياتى بىزدىن نەچچە ھەسسە تىز بۇلۇۋاتىدۇ. دېمەك، بۇ ماقالىلاردا ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان «غەرب ئەللىرى ھەرگىزمۇ شەرق ئەللىرىنىڭ يېزىقىنى قۇبۇل قىلغان ئەمەس»دىگەن سۆزلەر پەقەت تارىخ ئوقۇمىغانلارنىڭ قارىسىغىلا ئوتتۇرىغا قويغان ھۆكۈمىدۇر. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىز ھېلىغىچە، بىر بولسا قەتئى قۇبۇل قىلماسلىق،بىر بولسا توغرا- خاتانى ئايرىماي قارا-قويۇق ھەممىنى قوبۇل قىلىشنىڭلا كويىدا يۈرۈۋاتىمىز. مانا مۇنداق نورمال بولمىغان ئىككى قۇتۇپلۇق كۆزقاراش مىللىتىمىزنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىدا تەرەققىياتقا زور پۇتلىكاشاڭ بۇلۇپ كەلدى. يۇقىرىقىدەك ماقالىلارنىڭ مەيدانغا چىقىشىمۇ بەلكى مۇشۇ ۋەجىدىن بۇلسا كېرەك!...
;oh88,*' نۆۋەتتىكى يېزىق ئىسلاھاتى مەسىلىسىدە پەقەت ئىككىلا خاتا كۆزقاراشنىڭ توسالغۇسى بار. بىرى، بىرقىسىم ئىجتىمائى پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ بىر مەزگىل مۇشۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئاز-تولا كۈچ سەرپ قىلىشنى خالىماسلىقى ( ساۋاتسىز بۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىشى)، يەنە بىرى، بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ بۇنى خاتا ھالدا «مىللىتىمىز مەدەنىيىتىنىڭ يوقىلىشى» دەپ قارىغانلىقىدىدۇر. بىرىنچى خىل قاراشتىكىلەرگە چۈشەنچە بىرىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، خەلقىمىز ئىچىدىن مىللەتنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ، ئۆز جېنىنىمۇ ئايىمايۋاتقان تۆھپىكارلار كۈنسېرى كۆپۈيۈۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، بۇنداق شەخسىيەتچىلىكنى ھېچكىم كەچۈرمەيدۇ. ئىككىنچى خىل قاراشتىكىلەر، پەقەت يۈزەكىلا ھادىسىنى كۆرۈپ، مەسىلىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى كۆرەلمىگەن.
rorzxp{ بىزنىڭ يېزىق ئىسلاھاتىمىز ئەمەلىيەتتە، خۇددى مۇزىكا ساھەسىدە «بەرباب ( پىپا )، غېرجەك ( ئېرخۇ )، ۋە جاللا ( جاڭ-جاڭ ) نى تونىغان » لىقىمىز، ئۇسسۇلچىلىقتا « نىقاپلىق ئۇسسۇل ۋە شىر ئوينىتىش ئۇسسۇلىنى تونىغان»لىقىمىز، ئىشلەپچىقىرىشتا «قەغەز بىلەن يىپەكنى تونىغان» لىقىمىزغا ئوخشاشلا، ئەجداتلىرىمىز كەشىپ قىلغان ئۆزىمىزنىڭ ئەسلىدىكى ئانا يېزىقىمىز «تۈرك- رونىك يېزىقى»نىڭ ئىلغارلىقىنى تونۇپ يىتىپ قايتا ئىشلىتىشتىن ئىبارەتلا، خالاس................ بۇ، ماھىيەتتە مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل تارىخي مەدەنىي مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەدەنىيىتىمىزنى قايتا گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتى بۇلۇپ ھېساپلىنىدۇ.
TM!R[-\ ئەلۋەتتە بىز، تارىختىكى ياخشى-يامان نەرسىلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەرەپتارىمۇ ئەمەس. قايسىبىر مەدەنىيىتىمىز تەرەققىياتىمىزغا ئويغۇن بۇلىدىكەن ئۇنى چوقۇم ئەسلىگە كەلتۈرۈشىمىز، قايسىبىر مەدەنىيىتىمىز دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشالمايدىكەن ئۇنى دادىل ھالدا تاشلىۋىتىشىمىز كىرەك. مانا بۇ،ئىلغار مىللەتنىڭ بىردىن-بىرتاللىشى. ئۇندىن باشقا، جەمئىيەتنىڭ كومپىيۇتېرلىشىشى، رەقەملىشىشى، ئېختىساد ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ يەر شارىلىشىشىغا ئەگىشىپ ئىنسانلار مەدەنىيىتىمۇ ئومۇمىيلىق جەھەتتىن مۇقەررەر ھالدا يەر شارىلىشىشقا يۈزلىنىدۇ. دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تەدرىجى ھالدا ئۆزىدىكى ئىلغار خاسلىقنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا، دۇنيانىڭ ئورتاق مەدەنىيىتىگە قەدەم قۇيۇشى توسۇۋالغىلى بولمايدىغان ئومۇمىي قانۇنىيەت. بۇنى ئەمەلىيەتمۇ كۈنسېرى ئىسپاتلىماقتا. بۈگۈنكى كۈندە يۈز بىرىۋاتقان تۈرك مىللەتلىرىنىڭ خەلقارادا ئومۇمىيۈزلۈك لاتىن يېزىقىغا كۆچۈش ھەرىكىتى دەل مۇشۇ جۈملىدىن بۇلۇپ بۇ، ئىككى ئىيرا ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن زور بىر تارىخىي يۆكسىلىشتۇر. بۇنچىلىك ئىشنى ئادەتتىكى ئەقەللىي بىلىم ئىگىسىمۇ چۈشۈ نۈپ يېتەلىسە كېرەك.
b${Kj3( يىغىپ ئېيتقاندا، دۇنيا ئۇچۇرلىشىۋاتىدۇ، رەقەملىشىۋاتىدۇ. بۇندىن كىيىن يېزىقىنىڭ يۈنىلىشى رەقەمنىڭ يۈنىلىشىگە ئوڭ كەلگەن مىللەتلەر تەرەققىي قىلىدۇ. تەتۈر كەلگەن مىللەتلەرنى ھامان نەس باسىدۇ. بۇ، مۇقەررەر ئاقىۋەت .
MLBZmM ' نۆۋەتتە، پەقەت تەشۋىقات خىزمىتىنىلا تۇتماستىن بەلكى،ئەمەلىي ئىش قىلىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. چەتئەللەردىكى لاتىن يېزىقى سىستېمىسى ئىشلىتىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئىلىپبە تەركىۋى ئىنتايىن مۇرەككەپتۇر. كۆپلىگەن لاتىن ھەرپلىرىنىڭ فونېتىكىلىق تەلەپپۇزى دۇنيادا ئورتاق بولسىمۇ بىراق، بەزى ھەرپلەرنىڭ ھەرقايسى مىللەتلەر فونېتىكىسىدىكى ئىشلىتىلىشى ئۆز-ئارا ئوخشاشمايدۇ. بەزى مىللەتلەر ئەنئەنىۋى ئادەت ۋە فونېتىكىسىدىكى مۇرەككەپلىك تۈپەيلىدىن قوشما ھەرپ ئىشلىتىشكە مەجبۇر. مانا بۇ ئەھۋاللار بىزدىن يېزىق تەسىس قىلىشتا ئىنتايىن ئېھتىياتچان پوزېتسىيە تۇتۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بىزنىڭ ئاساسىي پرىنسىپىمىز:
BC@"WlD 1. دۇنيا لاتىن يېزىقى سىستېمىسىدىكى ئورتاق تەلەپپۇز قىلىنىدىغان ھەرپلەرنى ئاساس قىلىش،
J)jiI> 2.كومپىيۇتېر تاختىسىدىكى بارلىق ھەرپلەرنى تولۇق ئىشلىتىش،
t"0~2R6i 3. باشقىلارنىڭ يېزىق ئىشلىتىش ئادىتىگە ئۈلۈك ھالدا ئېسلىۋالماي،ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆز تىلىمىزنىڭ قۇلايلىقلىقى ۋە ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىش،
}a<MVG:>SF 4. قوشما ھەرپتىن، ئوخشاش شەكىللىك ھەرپتىن قەتئى ساقلىنىش
/%xK-z,V 5. ئۆتمۈشتىكىدىن ساۋاق ئېلىپ، يېڭى يېزىق لايىھىسىنى بىر خىل «ئىلىم-پەن يېزىقى» سۈپىتىدە جىددى ئېھتىياجلىق بولغان ساھەلەردە ئالدى بىلەن ئىشلىتىش، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدىن باشلاپ دەرسلىك قىلىپ كىرگۈزۈپ، 5 يىلدىن 10 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا تەدرىجى ئومۇملاشتۇرۇش،
Ccc6 ko_ يىللاردىن بېرى، يېزىق ئۆزگەرتىش تەرەپدارلىرىنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىك ئىزدىنىشى ۋە تەتقىقاتى نەتىجىسىدە بىرنەچچە خىل يېزىق لايىھىسى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ بىراق، ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىدە قۇلايلىق ۋە ئومۇمىيلىق كۆزدە تۇتۇلماي پەقەت ئۈزىنىڭ كەسپىي دائىرىسىنىلا ئويلاش ھەمدە كومپىيۇتېر تاختىسىنىڭ چەكلىمىسىدىن چىقالماسلىقتەك خىلمۇ-خىل سەۋەنلىكلەر مەۋجۇت. بىز يۇقىرىقى ئەھۋاللارغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئەتراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدە تۆۋەندىكى «L T ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى لايىھىسى»نى ئىشلەپ چىقىپ ھەر قايسىڭىزلارغا سۇندۇق. كۆپچىلىكنىڭ سەمىمى ۋە قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بېرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمىز.
`gss(o1}
k*!J,/=k ~{5%~8h.0r W_DO8nX
p19Zxh 4h~Ojy16& VX>_Sps مەزكۆر لايىھەدىكى كومپىيۇتېر تاختىسىدا بولمىغان ھەرپلەر ئاددى تەرتىپلىك يۇمشاق دېتال ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك shift ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇدۇ. مەسىلەن،
P&F)E#Sa shift + O = Ö, shift + U = Ü , sfift + N = η ,
@+{S-iD" shift+ C = OI , shift + G = Э , shift + Z = Ж ,
H@w6.[# مەزكۈر ماقالە 2001-يىلى 18-مارتتا يېزىلىپ، 2012-يىلى 12- ئىييۇندا قايتا تۈزۈتۈلدى.
M,#t7~t ئاپتۇر: تۇرسۇنجان لېتىپ، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى سەنئەت شۆبە ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى.
!^LvNW\| ئاپتۇر خەلچەم تۇرسۇن، شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستىتۇتى قوش تىل ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر تىلى كافىدىراسىنىڭ دوتسېنتى.
Vm.u3KE ئادرىس: ئۈرۈمچى شەھىرى نۇرلۇق يولى 8-قورو.
{?jdPh تېلىفون: 0991 – 5631255، 13179841163.
sZbzY^P B!N8 07