مەڭگۈلۈك زىيا
>SHW k\lUQ\/O5 ئاپتورى: غەيرەتجان ئوسمان ئۇتغۇر
bODyJ7=[ ^TCfj^FP -ئەھمەد زىيائىي تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقىغا بېغىشلايمەن
?-`8w_3 ئەھمەد زىيائىي (1913-1989 يىللار) 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى. زور شۆھەتكە ئىگە شائىر، يازغۇچى، دراماتورگ، ئالىم ۋە جامائەت ئەربابى. ئۇ مۇرەككەپ ۋە ئەگرى-توقاي ھايات مۇساپىسىدە بىر تەرەپتىن دەۋر، جەمئىيەت يۈكلىگەن خىلمۇ خىل ئىجتىمائىي، سىياسىي خىزمەتلەرنى ئارتقۇزغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن قولىغا قەلەم ئېلىپ، بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ ھەر خىل تۈر ۋە ژانىرلىرىدا سۈپەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ، جامائەتنىڭ دىققىتىگە سۇنۇپ، جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ كەلگەن.
qiyJ4^1 ئەھمەد زىيائىي بەدئىي ئىجادىيەت ساھەسىدە ئىزدىنىپ، «گۈل ۋە بۇلبۇل» ناملىق داستاننى، «رابىئە ۋە سەئىددىن» ناملىق ئوپېرانى، «تامچە قاندىن مىليون چېچەكلەر ئۈنسۇن» ناملىق درامىنى، «مۇھەببەت ۋە ھايات»، «توزىماس چېچەكلەر» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرىنى، «لاداخ يولىدا كارۋان» ناملىق ساياھەتنامىنى، «ۋىجدان ۋە مۇھاكىمە» ناملىق نەزەرىيىۋى كىتابنى، «ئەھمەد زىيائىي ئەسەرلىرى»، «يۈسۈپ ۋە مەھمۇد»، «رابىئە ۋە سەئىددىن» ناملىق تارىخىي داستانلارنى، «تۆت قېتىم ئۆلۈپ، بەش قېتىم تىرىلگەن ئادەم» ناملىق تارىخىي رومان (پارچە) لارنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇ «دىۋانى لۇغەتىت تۈرك»، «قۇتادغۇبىلىك»، «تارىخىي رەشىدى» قاتارلىق ئۇيغۇر ئەدىب، ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان. چەتئەل ئالىملىرى تەرىپىدىن يېزىلغان «ئىسلام پەلسەپە تارىخى»، «قۇتادغۇبىلىك ئىندىكىسى»، «قۇتادغۇبىلىك ئىنجۇمەلىرى»، «بۈيۈك ھون ئىمپېراتۇرلىقى» قاتارلىق ئەسلەرنى تۈركچىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان. «رەۋزەتۇسسەفا» ناملىق كىتابنىڭ شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىياغا مۇناسىۋەتلىك قىسىمىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا دائىر ئەسپانە-رىۋايەتلەرنى پارس تىلىدىغان ئابدۇرېشىت ئىسلامى بىلەن بىرلىكتە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقىپ، ئىلمىي خادىملارنىڭ پايدىلىنىشىغا قولايلىق يارىتىپ بەرگەن.
0*8uoWt& «رابىئە ۋە سەئىددىن»، «لەيلى ۋە مەجنۇن» (ئابدۇرېھىم نىزارى ئەسەرلىرى)، «زەپەرنامە» (موللا شاكىر ئەسىرى)، «غەزەلىيات»، «چاڭموزا يۈسۈپخان» (موللا بىلال ئسىرى) قاتارلىقلارنى نەشىرگە تەييارلاپ ئېلان قىلدۇرغان.
aq%i:}; ئەھمەد زىيائىي شائىر، يازغۇچى، دراماتورگ، ئالىم، جامائەت ئەربابى بولۇش بىلەن بىللە، 20-ئەسىر شارائىتىدا مەملىكىتىمىز مىقياسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى ئەدەبىياتى ھەققىدە ئىزدىنىشكە ئەڭ بۇرۇن كىرىشكان، بۇ ساھەدە ئەھمىيەتلىك نۇرغۇن نەتىجە ياراتقان مۆتىۋەرلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇ 1930-يىللىرى دادىسى، مۇدەررىس ۋە شائىر ھاجاخۇن ھاجى (1879-1952 يىللار) نىڭ خۇسۇسىي كۇتۇپخانىسىدا ئابدۇرېھىم نىزارىنىڭ «رابىئە ۋە سەئىددىن» ناملىق ئەسىرىنىڭ قوليازمىسىنى كۆرۈپ، ئۇنى بېرىلىپ ئوقۇغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 1930-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۇنى ئۆزلەشتۈرۈپ «رابىئە ۋە سەئىددىن» نامىدا ئوپېرا قىلىپ يازغان. «رابىئە ۋە سەئىددىن» ناملىق بۇ ئوپېرا 1940-يىللاردىن باشلاپ دىيارىمىز سەھنىلىرىدە ئوينىلىش بىلەن بىللە، ئايرىم كىتابچە قىلىنىپ، 1946-يىلى نەنجىڭدىكى «ئالتاي نەشىرىياتى» تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان، «توزىماس چېچەكلەر» ناملىق توپلام تەركىبىدە 1947-يىلى «قەشقەر گېزىتى» باسمىخانىسى تەرىپىدىن بېسىپ تارقىتىلغان. 1960-يىلى مىسىر پايتەختى قاھىرەدە باشقا ئەسەرلىرى بىلەن بىرلىكتە توپلام قىلىپ نەشىر قىلىنغان.
khfWU ئەھمەد زىيائىينىڭ «توزىماس چېچەكلەر»، «ۋىجدان ۋە مۇھاكىمە» قاتارلىق ئەسەرلىرى «قەشقەر گېزىتى» ئىدارىسى تەرىپىدىن 1947-يىلى بېسىلغان. «لاداخ يولىدا كارۋان» ناملىق ساياھەتنامىسى 1940-يىللارنىڭ ئاخىرىدا «كاشغەر گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغاندىن باشقا، خەنزۇچە، ئېنگىلىزچە، ئوردۇچە تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان. بۇ كىتابنىڭ ئەسلىي قوليازمىسى شىۋېتسىيەدىكى بىر ئالىي مەكتەپ كۇتۇبخانىسىنىڭ قوليازمىلار بۆلۈمىدە ساقلانماقتا ئىكەن.
_f<#+*y ئەھمەد زىيائىي 1946-يىلى يازادا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نەنلىياڭ (ئاياغ مەھەللە ياكى ئۈچتاش مەھەللىسى) كوچىسىدىكى «يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۇتۇبخانىسى» غا قويۇلغان «قۇتادغۇبىلىك»، «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» قاتارلىق كىتابلارنى كۆرۈپ، نامىنى ئۇزاقتىن بېرى ئاڭلىغان، بىراق ئۆزىنى كۆرمىگەن بۇ ئۇلۇغ ئىلمىي ئابىدىلىرىمىز بىلەن تۇنجى قېتىم تونۇشۇپ، قاتتىق ھاياجانلانغان. 1951-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئولى بۇرھان شەھىدى قاتارلىقلارنىڭ كۆرسەتمە بېرىشى، جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى سەيدۇللا سەيپۇللايۇپنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بويىچە ئەھمەد زىيائىي ئەپەندى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نى ئەرەب تىلىدىن، «قۇتادغۇبىلىك» نى ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى كونا ئۇيغۇر يېزىقى شەكلىدىن يېڭى دەۋر ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشتەك شەرەپلىك ئىشنى قولغا ئېلىپ، 1953-يىلى 9-ئايدا «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى قولدىن چىقارغان. ئاكىسى مۇھەممەد پەيزى (1909-1975 يىللار) تەرجىمە نۇسخسىنى ئۇدۇللۇق تەھرىرلەپ، ئاق قەغەزگە كۆچۈرۈپ تۈپلەپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئەينى چاغدىكى قەشقەر شەھىرىدىكى ئەرەب تىلىنىڭ مۇكەممەل ئۇستىلىرى، ئۆلۈما-مۇدەررىسلەردىن مۇھەممەد پەيزى، مۇھەممەتئىمىن ھاجىم ۋە ياسىن ئاخۇن ئۇزۇن قاتارلىقلار بۇ تەرجىمە نۇسخىسىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ دۇرس ۋە ساپلىقىغا تامامەن قوشۇلۇپ، ئىسپات يېزىپ، ئۆز مۆھۈرلىرىنى بېسىپ بەرگەن، ھەم بۇ نۇسخىنى قەشقەردىكى خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان سەيدۇللا سەيپۇللايۇپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت مەسئۇلىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە چامادانغا سېلىپ، ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىپ، مەدەنىيەت نازارىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. بۇ تەرجىمە 1954-، 1955-يىللىرى جەمئىي بەش نۇسخا كۆچۈرۈلۈپ، ئىككى نۇسخىسى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلىغا، ئىككى نۇسخىسى ئۆلكىلىك مەدەنىيەت نازارىتىدىكى خادىملارغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن، بىر نۇسخىسى قەشقەردە زىيالىي ئابدۇۋاقى سەيدۇللا ئەپەندىنىڭ قولىدا قالدۇرۇلغان. ئەھمەد زىيائىي 1956-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە تەييارلىق كۆرۈش ھەيئىتىگە يۆتكىلىپ كېلىپ، مەخسۇس ئۇيغۇر قەدىمكى زامان ئەدەبىياتىنى رەتلەش، تەتقىق قىلىش ئىشى بىلەن مەشغۇل بولغان. بۇ جەرياندا «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نىڭ تەرجىمىسىگە قايتىدىن قاراپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن بىللە 1957-يىلى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك» نىڭ تەرجىمە ھەققى ئۈچۈن دۆلەت مالىيەسىدىن بېرىلگەن 500 يۈەن قەلەم ھەققىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. بۇ يىللاردا يەنە تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىنى قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەپ، 1957-يىلى ماي بوياق شەكلىدە بىر قانچە نۇسخا بېسىپ، رەھبەرلەر ۋە ئىلمىي خادىملارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تارقىتىپ بېرىلگەن. «ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگىنىدىغانلىرىمىز» ناملىق ماقالىسى دوكلات سۈپىتىدە 1957-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا ش ئا ئۇ ر يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ئوقۇلۇپ ۋەكىللەرنىڭ ۋە دۆلەت ئىچى، سىرتىدىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتقان. بۇ ماقالە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1957-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان. ئەھمەد زىيائىي ماقالىسىدە مەھمۇد كاشغەرىي، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەھمەد يۈكنەكى، نەسىرىددىن رابغۇزى، ئەلشىر نەۋايى، خىرقەتى (ھىرقەتى)، زەلىلى، ئابدۇرېھىم نىزارى قاتارلىق كىلاسسىك ئەدىبلەرنىڭ نامىنى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالغان ھەم ئۇلارنىڭ ئېسىل ئەدەبىي مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ ماقالە ئۆز نۆۋىتىدە جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىياتى بىر قەدەر كەڭ تونۇشتۇرۇلغان دەسلەپكى ماقالە بولۇش سۈپىتى بىلەن قەدىرلىنىدۇ.
.Sjg ئەھمەد زىيائىي 1980-يىللاردىن كېيىن ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىنىستۇتىغا خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن، تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن «قۇتادغۇبىلىك»، «تارىخي رەشىدى»، «رەۋزە-تۇسسەفا» قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلىشقا قاتناشقان. بۇنىڭ ئىچىدە «قۇتادغۇبىلىك» نىڭ ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، مەمتىمىن يۈسۈپ قاتارلىقلار بىلەن ئىشلەپ چىققان سۈپەتلىك، نادىر تەرجىمە نۇسخىسى مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن 1984-يىلى نەشىر قىلىنغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈنگىچە جۇڭگودا بۇ ساھە بويىچە تەتقىقاتتىكى بىرىنچى قول ماتېرىيال قىلىنماقتا.
;$rh&ET ئەھمەد زىيائىي 1980-يىللاردا يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ تارىخىي ئورنىنى، كىشىلەر قەلبىدىكى ئوبرازىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن «يۈسۈپ ۋە مەھمۇد» ناملىق ئون نەچچە مىڭ مىسرالىق كاتتا داستان يازغان. يەنە يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە «قۇتادغۇبىلىك» ھەققىدە، ئاز سانلىق مىللەت پەلسەپە ئىدىيەسى تارىخى توغرىسىدا 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا قەشقەر ۋە يەنبىيەن شەھەرلىرىدە ئېچىلغان ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت دەرىجىلىك ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئىلمى ماقالە ئوقۇپ، قىرغىن قارشى ئېلىنغان. شائىرنىڭ «رابىيە ۋە سەئىددىن» ناملىق داستانى ۋە شېئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن «ئەھمەد زىيائىي ئەسەرلىرى» ناملىق ئەسىرى شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى تەرىپىدىن 1987-يىلى نەشىر قىلىنغان.
bKP@-<:] دېمەك، ئەھمەد زىيائىي بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىلمىنىڭ بارلىققا كېلىشى، ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ئالاھىدە تۆھپىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئالىملىرىمىزنىڭ بىرى. بۇ توغرىلىق مەخسۇس توختىلىش مۇئەييەن ئىلمىي قىممەتكە ۋە تارىخي قىممەتكە ئىگە بولغانلىقى ھەم ئالىمنىڭ تەۋەللۇتىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ ماقالە تەييارلاندى. تولۇقلىغۇچلارنىڭ ۋە قىزىققۇچىلارنىڭ بۇ ھەقتە پىكىر-تەلەپلىرى بولسا قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئېلىنىدۇ.
2, r{zJ8 (ئاپتور شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستۇتىدا)
]m"6a-,` مەنبە: شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىنىڭ 2012-يىللىق 4-سانىدىن