باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1369 
  •    ئىنكاس 
       9 

ئەيدىز ۋە ھاجەتخانىدىكى خەتلەر

قەۋەت ئاتلاش
quxtikiparixta
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8050

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   57 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8359 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   700 (قېتم)
 تۆھپە:   700  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1662
 سائەت
دەرىجىسى:
1662 سائەت 38 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-02-03
ئاخــىرقىسى:2012-05-09
— بۇ تېمىنى bayawan مەشھۇر شەخىسلەر دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2012-05-12) —

ئەيدىز ۋە ھاجەتخانىدىكى خەتلەر   C6{\^kG^j2  
ئىزاھات: بۇ تېمىنى يوللاشنى جىق ئويلاشتىم،ئاخىرى يەنىلا يوللاشنى لايىق تاپتىم،دوستلارنىڭمۇ ئويلىغانلىرى ۋە كۆز قاراشلىرىنى دەپ بېقىشنى ،ئورتاق تەھلىل قىلىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. Ne9S90HsB6  
WYXh1_nyk  
يېقىن دوستۇمنىڭ ئاپىسىنىڭ مىجەزى يوق بۇلۇپ قېلىپ،ئاقسۇدا دوختۇرخانىدا يېتىپ بىر مەزگىل داۋالانغان بولسىمۇ،ئۈنۈمى تازا كۈرۈلمىگەچكە، بىر مەزگىل داۋالانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە بىر كۆرسىتىپ بېقىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئوغلىغا دىدى. يېقىن دوستۇمنىڭ خىزمىتىنىڭ ئالدىراش بۇلۇشىغا قارىماي، ئاپىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن بىر ھەپتىلىك رۇخسەت ئېلىپ،ئۈرۈمچىگە كەلدى. ئۇلار كەلگەن كۈنى دەل مىنىڭمۇ دەم ئالغان ۋاقتىم ،يەكشەنبە كۈنى بولغاچقا، دوختۇرخانىغا بىرگە باردىم، دوستۇمنىڭ ئاپىسى توختىماستىن ھاسىرايتى،نەپەس ئېلىشى قىيىن ئىدى،ئاۋال ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا باردۇق، نۇمۇر ئېلىپ، مۇتەخەسىسكە كىسەل كۆرسىتىش نۆۋىتىنى ساقلاپ تۇردۇق...بۈگۈن گەرچە دەم ئېلىش كۈنى بولسىمۇ، لېكىن، ئۇ كۈنى كىسەل كۆرسەتكىلى كەلگەنلەر ئاز ئەمەسكەن، ئالدىمىزدا 7-8 دەك بىمار بولغاچقا،كۈتۈپ تۇرۇشقا توغرا كەلدى. ئارىدىن بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت ئۈتۈپ كەتتى. ساقلىغاچ ئوبىرنىغا كىرىپ چىقاي دەپ كىردىم، دوستۇم بىلەن ئاپىسى نوۋەت ساقلاپ قالدى، ئوبىرنى خېلى پاكىز تازىلانغان ئىدى، شۇ چاغدا كورگىنىم مۇنداق 2 تېلفۇن نۇمۇرى بىلەن يېزىلغان خەت بولدى.131997.........ئۇيغۇرچە «..... يەيمەن» دەپ يېزىلغان ئىدى، يەنە بىرسى خەنزۇچە يېزىلغان بۇلۇپ، «卖肾» دەپ يېزىلغان بۇلۇپ،يېنىدا تېلفۇن نۇمۇر يېزىلغان ئىدى. بىرسى ئۇيغۇر تىلىدا، بىرسى خەنزۇ تىلىدا، چىقتىم، ئويلىنىپ كەتتىم،ئويلىرىمنىڭ ئاخىرى چىقمايۋاتاتتى..... I$HO[Z!  
.دوستۇمنىڭ ئاپىسى ئاخىرى دوختۇرغا كۈرۈنۇپ بولدى،بىراق نەپەس بۈلۈمىدە كارۋات بولمىغاچقا، يۈرەك بۈلىمىدە ياتقۇزايلى دىسەكمۇ ، ئامال بولمىدى، ئاخىرى جىددى قۇتقۇزۇشنىڭ كارۋىتىدا ياتقۇزدۇق، بۇنداق بولغاندا، ۋاقىتنى تېجىگىلى،تىز تەكشۈرتكىلى بولاتتى. ھەم،كارۋات بولمىغاندىكىن،بىزگىمۇ ھەم ئامال يوق ئىدى، ئۇنىڭغىچە، تىببى داشۆنىڭ، جوڭيى دوختۇرخانىسى بىلەن ئالاقىلاشتۇق،ئۇلاردىمۇ ئوخشاشلا كارۋات قىس ئىكەن، ئۆچىرەت ساقلاپ تۇرغانلار 20-30 غا يىتىدىكەن. شۇنداق قىلىپ، دوستۇمنىڭ ئاپىسىنى كارۋاتقا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ،خاتىرجەم بولدۇق. ئۇندىن كېيىن، چۈشلۈك تاماق يەپ، دوستۇم ئاپىسىنىڭ قېشىدا قالدى،مەن ئۆيگە قايتتىم. ئويلىرىم ئۈزۈلمىدى. :ExCGS[  
ئوينىڭ داۋامى: بۆرەك سېتىش ھەققىدە. بىز بىلىمىز، بۆرەكنىڭ قان تازىلاش رۇلى بار،بۆرەك كاردىن چىقسا، سۈنئى ئۇسۇلدا قان تازىلاتماقتىن باشقا ئامال يوق، ئەنگىليە قانۇنىدا ئۆز ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن باشقا كىشىلەر بۆرەك تەقدىم قىلسا بولمايدۇ دىيىلگەن ئىكەن،بۇنى،ھىندىستاننىڭ «مىليۇنېرنىڭ ئوغلى» دىگەن كىنو فىلىمىدىن كۆرگەن ئىدىم. ئوغلى دادىسى ئۈچۈن بىر بۆرىكىنى تەقدىم قىلاتتى. يەنە بىر تېلىۋىزىيە تىياتىرىدا ئوغۇلمۇ دادىسىغا ئۈزىنىڭ بىر بۆرىكىنى تەقدىم قىلغان ئىدى. دۆلىتىمىزدە بۇ توغرىلىق قانداق قانۇن بارلىقىنى بىلمەيمەن، بەلكىم، قارشى تەرەپ خالىسا، ئۆز ئۇرۇق تۇققانلىرى بولمىسا بۇلىدىغان بۇلۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، داڭلىق،ئىقتىدارلىق رېجىسسور مۇختەر بۇغرانىڭمۇ بۆرىكى ئالماشتۇرۇلغان. كىسەلگە دورا قىلىش كېرەكقۇ،سەۋەب قىلىش كېرەك. چۈنكى، كىسەلنىڭ داۋاسى سەۋەب قىلىش ۋە دورا. بۆرەك سېتىشقا كەلسەك، نورمال ئادەمدە 2 بۆرەك بولىدۇ، ئەمدى،شۇ ئەمەلىي ئىشلاردىن قارىغاندا ئادەمدە بىر بۆرەك بولسىمۇ ياشىيالايدىكەن، خۇددى،ئۆتى ئېلىۋېتىلگەن ئادەممۇ خېلى زامانلارغىچە ياشىيالىغاندەكلا. ئەمدى،ئادەم نىمىشقا بۆرىكىنى ساتىدۇ؟ بەلكىم ئىختىسادى سەۋەبتىندۇر ،بۇ ئاساسلىق ئامىل دەپ ئويلايمەن. ۋاقتى كەلسە، ئاتا ئانا،قېرىنداشلار ۋە پەزەنت ئۈچۈن، قۇربانلىق بەرمەي بولمايدۇ(پەرۋەردىگارىم،ئاتا ئانا ۋە پەزەنت،قېرىنداشلارنى ئېغىر كىسەللەردىن يىراق قىلغايسەن.ئامىن.) كىسەل داۋالىتىش ئۈچۈن، ئاتا ئانىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن، قېرىنداشلىرى ئۈچۈن،بالىسىنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن،ئايالى ۋە ياكى يولدىشىنىڭ كىسىلىنى داۋالىتىش ۋە بەزى قەتئى قايتۇرمىسا بولمايدىغان ماددى قەرزلەرنى قايتۇرۇش ئۈچۈن،بۆرىكىنى سېتىشنى ھازىرقى جەميەتتە قۇبۇل قىلماي، توغرا چۈشەنمەي بىزدە ئامال بولمىسا كېرەك. بىراق، ئەمدى،ئۇيغۇرچە يېزىلغان «...نى يەيمەن » دىگەن ئەھۋالنىچۇ؟ iininITOS{  
OH/!Ky\@  
مەن بۇ ماقالەمنى داۋاملاشتۇرۇشتىن بۇرۇن، «ھەمجىنىسلىق«بەچچىۋازلىق»،ئەيدىز ۋە لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى» دىگەن ماقالەمدىن ئازراق قىستۇرما ئېلىشنى ئويلاپ قالدىم. c%@<h6  
قىستۇرما بايان: My<.^~  
مەيلى روھى جەھەتتىكى پاكلىق بولسۇن ۋە ياكى تۇرمۇشتىكى پاكلىك،پاكىزلىق بولسۇن، ھەممىسى بىزنى بەختكە ئېرىشىتۈرىدۇ، روھىيىتىمىزنى پاك تۇتۇش، يامان خىياللاردىن يىراق بۇلۇش، ھىسياتنىڭ كەينىگە كىرمەسلىك، تۇرمۇشتا پاكىز،پاك بۇلۇش، ھالال نىكاھلىق بولغاندىن كېيىن ئاندىن ھالال ئايالى (ئايال بولسا ئىرى بىلەن) بىلەن يېقىنچىلىق قىلىش بەكمۇ مۇھىم، ھەم بۇ چۇقۇم شۇنداق بۇلۇشقا تېگىشلىك، بۇ ھەم ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك، پاكىز ھالال يۈرۈشنىڭ تۈپ ئاساسى. +LwwI*;b  
ئەمدى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنىڭ نىمە ئۈچۈن ھالاك قىلىنغانلىغىنى كۈرۈپ باقايلى. u1;sH{YK>  
لۇت ئەلەيھىسسالام ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر تۇغقىنى ھارۇننىڭ ئوغلى ئىدى. لۇت ئەلەيھىسسالام ئىبراھىم ئەلەيھىسسلامغا ئىمان ئىېتقان ئىدى، ئۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسلام بىلەن بارلىق سەپەرلەردە بىللە بولاتتى، ئاللاتائالا لۇت ئەلەيھىسسالامنى ئۇردانىيىگە تەۋە سەدۇم ئاھالىسىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى، سەدۇم ئاھالىسى تولىمۇ ئەخلاقسىز خەلق بۇلۇپ، يامان ئىشلارنى ئاشكارە قىلاتتى، مۇساپىرلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلاتتى، ئۇيالماستىن بەچچىۋازلىق قىلاتتى. لۇت ئەلەيھىسسلام ئۇلارغا پەند- نەسىھەت قىلىپ،ئۇلارنى يامان ئاقىۋەتكە قېىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى.لېكىن ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ يامان ئىشلاردىن يانمىدى. لۇت ئەلەيھىسسلامغا ئۇلار بىردە تاش-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمىز دەپ، بىردەم يۇرتتىن ھەيدەپ چىقىرىمىز دەپ تەھدىت سالاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقلىق بولدى، ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن چىرايلىق ياش يىگىتلەر سۈپىتىدە پەرىشتىىلەرنى ئەۋەتتى، بۇ چاغدا لۇت ئەلەيھىسسلام پەرىشتىلەرنى ئادەمزات دەپ ئويلاپ، بۇ مېھمانلىرىغا قەۋمىنىڭ يامان مۇئامىلىدە بۇلۇشىدىن ئەنسىرىدى، يۇرتنىڭ كىشىلىرى لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ مېىھمانلىرى بىلەن يامان ئىش قىلىشنى تەلەپ قىلغاندا ، لۇت ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا: " مېھمانلىرىم ئالدىدا مېنى رەسۋا قىلماڭلار، سىلەر ئۈچۈن ئاياللىرىڭلار ئەڭ پاكتۇر " دېدى. ئۇلار لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى. بۇ چاغدا پەرىشتىلەر لۇت ئەلەيھىسسالامغا ھەقىقى ئەھۋالنى -ئۇنىڭ قەۋمىنى ھالەك قىلىدىغانلىغىنى ئۇقتۇردى، پەرىشتىلەر لۇت ئەلەيھىسسالامغا ئىككى قىزى ۋە ئايالى بىلەن بىرلىكتە يۇرتىدىن چىقىپ كېتىشنى ، ھىچقايسىسىنىڭ ئارقىسىغا قارىماسلىغىنى ئېىتتي، ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ ئېيتقىنىچە قىلدى،پەقەت لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىلا قەۋمىگە نازىل بولىدىغان ئازابنى كۈرۈش ئۈچۈن ئارقىسىغا قارىغان ئىدى، ئۇمۇ قەۋمى بىلەن ھالەك بولدى، لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىنىڭ كۆڭلى قەۋمى بىلەن بىرگە ئىدى، ئۇ ئىمان ئىېتمىغان ئىدى ، ئاللاتائالا لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنىڭ ئۈستىگە ساپال-تاش ياغدۇرۇپ ۋە يۇرتىنى دۈم كۆمتۈرۈپ ، ئۇلارنى ھالاك قىلدى. (قۇرئان كەرىم، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى،620-621-بەتلەر.) \zLKSJ]  
دىمەك، بۇنداق بەچچىۋازلىق قىلىش ئەلمىساقتىن تارتىپ چەكلەنگەن، بەچچىۋازلىق قىلغانلار تاش-ساپال ياغدۇرۇلۇپ، يەرگە يۇتقۇزىۋېتىلگەن، ھازىرقى زاماندا ئەگەر ئىنسانلار داۋاملىق مۇشۇنداق كېتىۋەرسە كىم ئۇلارنى يەرگە يۇتقۇزۋېتېلمەيدۇ، ھىچقانداق بالا- قازا كەلمەيدۇ دەپ كېسىپ ئېيتالايدۇ؟ يەرگە يۇتقۇزۇلۇپ بىراقلا قۇتۇلسا مەيلى، بىراق، گۆرنىڭ ئازاۋىچۇ،ئوت ئازاۋىچۇ؟ ئازاپلانماي قېلىش مۇمكىن ئەمەستە؟ >0E3Em<(}l  
ئەيدىزنىڭ قان ئارقىلىق، جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ھازىرقى بىزدە ئەڭ كۆپ كۈرۈلىۋاتقىنى زادى قايسى سەۋەپتىن يۇقۇش؟روھىيىتىمىزنى بۇلغاۋاتقىنى زادى نىمە؟ شەھۋەتپەرەسلىك، جىنسىيەتكە ئەسەبىلەرچە چۇقۇنۇش،پاكلىغىنى قوغدىماسلىق ، ئەيش -ئىشرەتكە بىرىلىش، قالايمىغان جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش، مۇھەببەتلەشتۇق دەپ، نىكاھ ئوقۇتماي تۇرۇپ، بىر ئويدە يېتىپ قۇپۇش، تويدىن،نىكاھتىن بۇرۇن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش (زىنا قىلىش ) ......بۇلار ئىجتىمائى ئەخلاققا يات بولغان ئىشلار. دۆلىتىمىز ھازىر ئەخلاق ئارقىلىق دولەت باشقۇرۇشنى، ئىناق جەميەت بەرپا قىلىشنى تەكىتلەۋاتىدۇ. بىز توغرا يولدا ماڭايلى، تەۋپىق، ھىدايەت ھەممىمىزنىڭ قۇلىدا، كۆز قارىشىمىزنى ئۆزگەرتەيلى، ئەخلاقلىق بولايلى، ئائىلىمىزگە مەسئۇليەتچان بولايلى، بىردەملىك ھەۋەسنىڭ قۇلى بولمايلى، بولمىسا، بىر كۈنلەردە بىزمۇ ساپال تاش ياغدۇرۇلۇپ ھالاك بولماي قالمايمىز. سورىقى يوق جاھان ئەمەسقۇ بۇ؟ 2$TwD*[  
ئەيش -ئىشرەتنىڭ باش كۈتۈرىشى -مىللەتنىڭ زەئىپلىشىشىنىڭ باشلىنىشى . l/-qVAd!q  
« قىستۇرما تامام.» QWwdtk  
.................. ......................... ................... ............. ................. 3HqTVq`&  
داۋامى: ھەممىمىزگە ئايانكى، ئېغىز تائام يىيىش، گەپ قىلىش رولىغا ئىگە، WC غا يېزىلغان «...نى يەيمەن»، ھەرگىزمۇ تائام يىيىشتىكى يىيىشنى كۆرسەتمەيدۇ، بۇنداق خەتلەرنى بەلكىم باشقىلارمۇ ئاممىۋى WC غا كىرگەندە كۆرگەن بۇلۇشى مۇمكىن. چۈنكى، مەن ئۈزۈملا بىر نەچچە ئاممىۋى سورۇندا ئۇچراتقان.بەزىلىرىدە خېلى ئۇچۇقلا نىمىنى يەيدىغانلىقى ئېنىق يېزىلغان،ئىسمى ئاتالغان،ھەتتا رەسىملىك كۆرسىتىلگەن. ئەلۋەتتە بۇ يەردە بۇنى تىلغا ئېلىشقا ئادەم نۇمۇس قىلىدۇ. ھەمدە تائامنى يەيمەي دەپ WC غا يېزىپ قويمىسىمۇ بولىدۇ.چۈنكى، بىز ھىچقاچان شۇنداق يەردە تۇرۇپ،تاماقنىڭ گىپىنىمۇ قىلمايمىز، چۈنكى،بىز ئەنە شۇنداق ئىسىل ئەنئەنىگە ۋە ئەدەب ئەخلاققا ئىگە مىللەت، تائام،نانلارنى ئەزىزلەيدىغان،قەدىرلەشنى بىلىدىغان قەۋممىز. بۇ يەردىكى يىيىش مەقەت يولىغا جىما قىلدۇرىدىغان «يييىش»نى كۆرسىتىدۇ. نىجاسەت چىقىدىغان بۇ جايغا شۇنداق قىلدۇرۇش-«يىيىش» نىمىگە زۈرۈر بوپ قالدى؟ بۇ قاندىكى مەسىلىمۇ؟ گېندىكى مەسىلىمۇ؟ نىجاسەت ئادەم بەدىنىگە پايدىسى يوق،بەدەن ئىچىدە ئۇزۇن تۇرسا،ئادەمنى زەھەرلەيدىغان،تىبابەتتە سۆزلىنىدىغان قەۋزىيەت دىگەن شۇ نىجاسەت بەدەن ئىچىدە ئۇزۇن تۇرۇپ قېلىش ئارقىلىق،ئادەمنى زەھەرلەپ قويىدىغان كىسەللىك. دىمەك، بۇ يەردە WC دا يېزىلغان شۇ ئۇيغۇرچە خەتنىڭ نىمىدىن دېرەك بىرىدىغانلىقى ئۇقۇرمەنگە ئەمدى ئايدىڭ بولغان بولسا كېرەك. QD^q\9U[  
كىسەللىك روھى كىسەللىك ۋە بەدەندىكى كىسەللىك دەپ ئىككىگە بۈلىنىدۇ. روھى كىسەللىكنى بىز ھازىرچە قۇيۇپ تۇرايلى، بەدەندىكى كىسەللىكنىڭ پەيدا بۇلۇش سەۋەبلىرى ھەر خىل بۇلۇپ، ئەيدىز كىسىلىنىڭ پەيدا بۇلۇش سەۋەبى جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇش ھازىر يۇقۇش سەۋەبى بىر قەدەر كەڭ تارقىلىۋاتقان ھەم ئاساسلىق بۇلۇشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقان سەۋەبلەرنىڭ بىىرى. جىنسى مۇناسىۋەت قىلىش ھازىر نۇقۇل پەقەت ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرىسىدىكى جىنسى مۇناسىۋەتنى كۆرسىتىپلا قالماستىن،بەلكى يەنە، ئەرلەر بىلەن ئەرلەر ئوتتۇرىسىكى جىنسى مۇناسىۋەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنى،مەقەتكە(نىجاسەت چىقىدىغان ئۇرۇنغا) جىما قىلدۇرۇش يەنى WCدا تىلغا ئېلىنغان «يىيىش» . مەيلى گېندىكى مەسىلە دەڭ، ۋە ياكى، قاندىكى مەسىلە دەپ بانا-سەۋەب كورسىتىڭ،ۋە ياكى، مەيلى شۇنداق ئىشنى قىلغاندا كاندون ئىشلىتىڭ، مەقەتكە جىما قىلدۇرۇش بۇ مەينەتچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس،نورمال ئادەمدە نىجاسەت ۋاقتىدا چىقىرىۋېتىلمىسە قەۋزىيەت بولغاندەك، بۇ خىل ھەركەت،قىلمىش،نىجاسەتتىن ئادەم بەدىنىگە قەۋزىيەتتىن باشقا يەنە ئەيدىز كىسىلىمۇ قۇشۇلۇپ كېلىدۇ. بىز بۇ يەردە ئەقىدە،ئېتىقاد، مۇسۇلمان،ئەنئەنە دىگەننى قۇيۇپ تۇرايلى، مەينەتچىلىك ئارقىلىق، شۇنداقلارغا ھەمرا بۇلۇدىغىنى ئاقىۋەتتە ئەيدىز ۋە كىسەللىكتىن ئىبارەت. كىسەلنىڭ ياخشىسى يوق، بىر يىرىڭىز ئاغرىغاندا ئادەم ئۈچۈن ساغلاملىقنىڭ نەقەدەر ئەۋزەل ئىكەنلىكىنى،ئۈزىنى پاك،پاكىز تۇتۇشنىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ ئىش ئىكەنلىكىنى، دانالىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىىز،ئەمما،كىسەللىك،ئەيدىز سىزگە چىرمىشىپ بولغاندا، جان قاقشىغاندا،ئاغرىقنىڭ دەستىدىن يۈرەك پۇچۇلانغاندا،ۋايجانلىغاندا، شۇ بىر نەچچە مىنۇتلۇق «يىيىش» نىڭ قانچىلىق چوڭ بەدەل ئەكەلگەنلىكىنى بىلىسىز. بەدەل،ئاقىۋەت......ئاغرىق ئازاۋى....قىيامەتتىچۇ،دوزاقتىچۇ؟ p^k*[3$0  
ئادەمنىڭ ئەزالىرىنىڭ ئۈزىگە چۇشلۇق ئورنى،رولى بار، بۇ بىر قانۇنىيەت، تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ئىنسانلار خىلاپلىق قىلسا، تەبىئەتنىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ،ئادەم بەدىنىدىكى بۇ ئەزەلارنىڭ رولى ۋە قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلىنسا، ئوخشاشلا ئىنسانلار جازاغا ئۇچرايدۇ، مەقئەتنىڭ ۋەزىپىسى نىمە؟ رۇلى نىمە؟ ھەرگىزمۇ «يىيىش » ئەمەس.ئېغىزنىڭ رولى تائام يىيىش، سۆزلەش، ئۇنى-ئېغىزنى، تائام يىمەيدىغان قىلاتتىم دەپ چاپلىۋەتسەك ياكى يىپ-يىڭنە بىلەن تىكىۋەتسەك، ئاچلىقتىن، ئۇسسۇزلىقتىن نەچچە كۈنگە قالمايلا ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىمىز. كۆزنىڭ ۋەزىپىسى، رۇلى كۈرۈش،ئەگەر ئۇنى كۆرمەيدىغان قىلاتتىم، ئۇنىڭ كۈرۈش قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتىتىتىم دىسەك، بىزنى كۈتۈپ تۇرغىنى ئەما بۇلۇش، يۇرۇق دۇنيانى شۇ كۈزىمىز بىلەن كۈرەلمەسلىك.قېنى،قايسى ئادەم، كىم شۇنىڭغا رازىكىن؟مەقئەتنىڭ رۇلى ۋە قانۇنىيىتىنى ئۆزگەرتىۋەتمەيلى. بىزنىڭ بوينىمىزنىڭ ئۈستىدىكىسى باش،مىڭە ھەرگىزمۇ قاپاق ئەمەس. ئەقلىمىزنى ئىشلىتەيلى،چەتئەللىك شۇنداق قىلىدىكەن،دەپلا،شۇنداق قىلىۋەرسەك،بىزدىن ئەۋلاتلارغا نىمە قالىدۇ؟ بىز شۇنداق شەھۋانى ھەۋەس بىلەنلا ياشامدۇق؟ نىجاسەت ئىچىدە ياشامدۇق؟زىنا بىلەن ياشامدۇق؟ قېنى بىزدىكى پاكلىق؟ پاكىزلىق ۋە توغرا ئەقىدە؟ 4Z.Dz@.c(  
قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلايلى،توغرىسى،پاكىز ھالال ياشايلى،ئەيدىزدىن يىراق بولايلى،ئۇنىڭدىن بىردىنبىر يىراق تۇرۇش يولى،پاك،پاكىز ياشاش.زىنا قىلماسلىق،ئائىلىگە،مىللەتكە نىسبەتەن مەسئۇليەتچان بۇلۇش.ئۈزىمىزنى قەدىرلەش. 4s 6,`-  
ھەممىمىزگە تەۋپىق،ھىدايەت،پاكىز تۇرمۇش يار بولسۇن. wOg#J  
f4Ob4ah!(  
مەنبە: ئانا يۇرت تورى . zX]l$Q+  
qOv`&%txW  

تېما تەستىقلىغۇچى : كەپتەر
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-04, 01:37
ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

精彩

感动

搞笑

开心

愤怒

无聊

灌水
soser
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4224

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   150 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4817 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   530 (قېتم)
 تۆھپە:   508  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2075
 سائەت
دەرىجىسى:
2075 سائەت 15 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-28
ئاخــىرقىسى:2012-05-11
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 05-04

بۇ تىما ئۈستىدە مىنىڭ گەپ قىلغۇم يوق.
ھەر مىللەت خەلىقى ئىتتىپاقلىشىپ ،تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۇرەيلى
ziyaliy
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8098

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   15 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1462 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   130 (قېتم)
 تۆھپە:   130  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 457
 سائەت
دەرىجىسى:
457 سائەت 83 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-02-08
ئاخــىرقىسى:2012-05-13
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-04

ئىنسان ۋۇجۇدىدا ياخشىلىق ۋە يامانلىق، پەسلىك ۋە گۈزەللىك، شەيتان ۋە ئىمان ھەرۋاقىت كۈرەش قىلىپ تۇرىدۇ.  بەزى نەرسىلەر ئىستىختىيلىك ، بەزى نەرسىلەر ئىختىيارى، بەزى نەرسىلەر مەجبۇرىي يۈز بېرىدۇ. #ACT&J  
          ھاجەتخانلاردىكى بۆرەك سېتىش دوختۇرخانغا  ئۆزىنىڭ بۆرىكىنى سېتىشنى كۆرسەتمەستىن،دەل شۇخىل ھاجەتمەن ئەرلەرگە مۇلازىمەت قىلىپ، ھاجىتىدىن چىقىپ پۇل ئېلىش مەنىسىنى بېرىشى مۇمكىن. سىز دېگەن ئىستىمال قىلىش مەنىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قەدىمدىن ھازىرغىچە بەچچىۋاز، ھەمجىنىسلار مەۋجۇت بولغان. ئۇيغۇرلار تارىخىغا نەزەر سالساق، 15- ئەسىردىن كېيىن بەچچىۋازلىق كەڭ ئەۋج ئالغان.  خوجىلار ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققان. بۇ تارىخى كىتابلاردا بار. ئەمما 1900- يىللاردىن كېيىن بىر ئەسىردەك ۋاقىت پەسىيىپ، ياخشىلانغان. HA,8O [jon  
   لكېىن ئىسلاھات ئېچىۋېتىلىپ يېڭى ئىدىيە ۋە ئېقىملارنى كىرىشى، تورنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشى ۋە شەھەرلىشىنىڭ تۈرتكىسىدە،  چەتئەل فىلىملىرىدىكى ئىسلامدا ھارام قىلىنغان جىما ئورۇنلىرى يەنى  ئېغىز ۋە مەقئەت قاتارلىق جايلارغا جىما قىلىش ھادىسىسى    ئۇيغۇرلار دۇنياسىغىمۇ سىڭىپ كىردى دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇنى كۆرگەن ئەرلەر ئالدى بىلەن بۇزۇلغان قىزلارغا ئاندىن ئۆز مۇھەببىتى ياكى ھالال جۈپلىرىگە ھارام قىلىنغان جىما ئورۇنلىرى يەنى ئېىغىز ۋە مەقئەت يولىغا جىما قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ ياكى قىلىپ مايمۇندىن دورايدۇ.  خام سۈت ئەمگەن بەندە ھەممىنى قىلىدۇ. ئەلۋەتتە يەنە ھالال كىشىلەر كۆپ. 8)=(eI$  
   ئۇنىڭدىن سىرت شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تۈرتكىسىدە بالىلار ئاز بولۇش، نازۇك، بولۇش،  سەۋەبىدىن  ئوغۇللاردا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئاياللىشىش، قىزمىجەزلىشىش  بىلىپ - بىلمەي ناتوغرا يوللارغا قىزىقىپ بەچچىۋازلىق، قوشجىنىسلىق يولغا كىرىپ قېلىش ھادىسى مەۋجۇت، بۇ  1990- يىللاردىن كېيىن باشلانغان دېيىشكە بولىدۇ. 2000- يىللاردىن كېيىن رەسمىي تەرەققىي قىلغان ھەمدە 2012- يىلىغا كەلگەندە ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ سىتاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا   ئاپتونۇم رايونىمىزدا  ھەمجىنىس يەنى بەچچىۋازلىق بىلەن شوغۇللانغۇچى ئەرلەر تەخمىنەن 20 ~40 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.    بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نىسبىتى تەڭگە تەڭ نىسبەت ئېگەللەيدىكەن،قالغىنى خەنزۇ مىللىتىدىن جىقراق بولىشى مۇمكىنكەن. +Ugy=678Tr  
       ئۇ خىلدىكى بەچچىۋازلار توپىنى چىرايىدىن ئايرىش مۇمكىن بولماسلىقى، ئايالى ھەم قىز دوستى بولسىمۇ ۋەياكى داڭلىق كىشىلەربولسىمۇ، ئادەتتىكى كىشىلەر بولسىمۇ ھەممىسى قىلىشى مۇمكىنكەن.  تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئاشكارا بولىشىچە، بولۇپمۇ شەھەرلەردە  كۆپلىگەن ئەرلەر بىر ئىككى قېتىم بولسىمۇ سىناپ باقىدىكەن. بەزىسى بۇ تورمۇش پاتقىقىغا چوڭقۇر پاتىدىكەن.   FU/:'/ L  
        ئوغۇللارغا باسقۇنچىلىق قىلىش، قىزىقتۇرۇش، پۇل بىلەن ھاجىتىدىن چىقىرىش ياكى راھەتلەندۈرۈش  دېگەندەك ئۇسۇللار ئۇخىلدىكى كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق كىرىپ قېلىش، ئۆگىنىپ قېلىش يوللىرى ئىكەن. ~tyqvHC  
       بۇنىڭغا  قارىتا ئاتا- ئانىلار ۋە ئەتراپتىكى كىشىلەر بالىلارنى دىن، ئەخلاق نۇقتىسدىن ياخشى تەربىيلەپ ۋە چۈشەنچە بېرىپ ئۇلارغا توغرا بولغان،جىنسىيەت چۈشەنچىسى يېتىلدۈرىشى زۆرۈر. i&^JG/a  
A[^#8evaK  
   ئىلاۋە:    ئاللاھ تائالا كەچۈرمەيدىغان گۇناھلار ئىچىدە مۇنۇ ئۈچ گۇناھ مەڭگۈ ئەپۇ قىلنمايدۇ: .?5~zK  
      1.  ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ھەق پەيغەمبىرىگە ، قۇرئانغا شەرك كەلتۈرۈپ، ئىنكار قىلغۇچىلار. [j5+PV  
     2. بەچچىۋازلىق ( ئەرلەر بىلەن ئەرلەرنىڭ مەقئەت يولى ئارقىلىق جىما قىلىشى ) V^R,j1*  
       3.  زىنا ( يەنى نىكاھ ئوقۇماي تۇرۇپ، نىكاھ ئوقۇلمىغان جۈپتى بىلەن جىنسى ئالاقە قىلسا ) 8 yi#] 5`Q  
*EvW: <  
        ئىسلام دىنى جىنسىيەت چۈشەنچىسىدە ھالال جۈپلىرىنىمۇ پەقەت ئالدى تەرەپتىن كېلىش ھالال قىلىنغان. كەينىدىن ياكى ئېغىز يلىغا جىما قىلىش ھارام قىلىنغان. VBPtM{ g  
RV_I&HD!  
           ئىلاۋە:    بىر قېتىم زىنا قىلغۇچى: 40 كۈنگىچە ئىمانسىز ھالەتتە بولۇپ، ئىماندىن ئاجرايدۇ، 40 يىللىق ناماز، ياخشىلىق ، ئەمەل ئىبادىتى يۇيىلىدۇ ۋە جەننەتتىن قوغلىنىدۇ  دەپ تەبىر بېرىلگەن. %q3`k#?<  
P?f${ t+  
           مىللىتىمىز ھازىر ئەخلاق تىراگېدىيەسىگە يۈزلىنىپ، نىكاھسىز بىرگە بولۇش، ئاشنا ئويناش، ئەركىن جىنسىيەت ۋە ئەيشى ئىشرەت، ھاراق شاراپ، نەششە، ئاق، ئەيدىز ئەۋجىگە چىقتى.  پەن تېخنىكا ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىن جىق ئارقىدا قالدۇق. بۇنداق ۋاقىتتا جىنسىيەت قىزغىنلىقى ۋە ئەيشى - ئىشرەت يۇقىرى پەللىگە چىقىش،مىللەتنىڭ يۇقىلىشىنىڭ 1- قەدىمى ۋە ئۆزىنى ئۆزى ھالاك قىلىشى. ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن. tt2S.j  
            ئاللاھ تائالا قۇرئاندا: ئەگەر بىر مىللەت ياكى قوۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ،تەقدىرىنى ئۆزى ئۆزگەرتمىسە مەن ئۆزگەرتمەيمەن دەپتىكەن، يارىتىش ئاللاھدىن يارىلىش بىزدىن. ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قۇتۇلدۇرايلى. \P+^BG!  
EK=0oy[  
           زىيالىي  
ئانا تۇپراق مۇنبرىدىكى مەزكۇر تېمىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلار جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +2
xamxar111مۇنبەر پۇلى+205-05تەشەككۈر ،،،  ئىلمىڭىز زىيادە بولغاي
بىر قۇشۇق تۇز بىر قازان ئاشقا تېتىيدۇ.
nurlan

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.335

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   297 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10389 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   588 (قېتم)
 تۆھپە:   550  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2157
 سائەت
دەرىجىسى:
2157 سائەت 143 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-06
ئاخــىرقىسى:2012-05-04
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-04

زىيالى نىڭ ئىنكاسىدىن سۇيۈندۈم .
alip.arsilan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8721

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   105 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5663 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   565 (قېتم)
 تۆھپە:   565  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 322
 سائەت
دەرىجىسى:
322 سائەت 28 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-04-06
ئاخــىرقىسى:2012-05-13
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-04

ئىنساننى چوچوتىدىغان سوزلەرگەن بۇ .مەن نېمە دېيىشىمى بىلەلمىدىم ....
گوۋاھلىق بىرمەن بىر ئاللاھ..تىن باشقا ئىلاھ.يۇق.گوۋاھلىق بىرمەن مۇھەممەدئاللاھ نىڭ ئەلچىسى.
پەخرى
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7784

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   28 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2341 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   225 (قېتم)
 تۆھپە:   225  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 103
 سائەت
دەرىجىسى:
103 سائەت 37 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-06
ئاخــىرقىسى:2012-05-06
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-06

بۇ  تىمىنى كۇرۇپ نىمە دىيىشنى بىلمىدىم
بارلىقىم مىللەت ئۇچۇن
yigana00903

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6401

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   369 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   22948 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1972 (قېتم)
 تۆھپە:   1972  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2798
 سائەت
دەرىجىسى:
2798 سائەت 192 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-21
ئاخــىرقىسى:2012-05-12
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-07
2قەۋەتتىكى(ziyaliy) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

ھەقىقەتەن زىيالىيدەك ئىنكاس يېزىپسىز ، ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن....
كەتكەن بىلەن كەچمىدىڭ بەلكىم.....
yehlayman
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9003

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   12 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   725 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   70 (قېتم)
 تۆھپە:   70  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 204
 سائەت
دەرىجىسى:
204 سائەت 66 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-05-07
ئاخــىرقىسى:2012-05-12
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-07

ھەقىقەتەن زىيالىيدەك ئىنكاس يېزىپسىز     مەن سىزگە قايىل بولدۇم.
aliy
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6507

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   243 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   12650 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   1265 (قېتم)
 تۆھپە:   1265  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2957
 سائەت
دەرىجىسى:
2957 سائەت 33 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-03
ئاخــىرقىسى:2012-05-09
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-08

ھاراقچۇ ھاراق ئىچكەن ئادەم 40كۈنگىچە تۆۋبە قىلماي ئۈلۈپ كەتسە كاپىر پېتى كىتىدۇ بۇنداق ئىشلادىن ساقلىسۇن ئىلاھىم  
بىلگەن بىلگىننى دەر بىلمىگەن نىمىنى دەر
gayyur
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5204

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   112 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5179 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   518 (قېتم)
 تۆھپە:   518  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 487
 سائەت
دەرىجىسى:
487 سائەت 53 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-12
ئاخــىرقىسى:2012-05-12
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 10:15

ئۇنداق نىجىس ئىشلادىن ئاللا ئىگەم ساقلىسۇن
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى