باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       1210 
  •    ئىنكاس 
       14 

غەرپ مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇرنىڭ گېپى

قەۋەت ئاتلاش
quxtikiparixta
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8050

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   57 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8359 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   700 (قېتم)
 تۆھپە:   700  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1662
 سائەت
دەرىجىسى:
1662 سائەت 38 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-02-03
ئاخــىرقىسى:2012-05-09

غەرپ مەتبۇئاتىدا ئۇيغۇرنىڭ گېپى   d2Z kchf  
UF[2Rb8?  
ئادەم دېگەن قىزىق بولىدىكەن. يۇرتۇڭدا، قېرىنداشلار ئارىسىدا تۇرغۇنۇڭدا خەلقئارا خەۋەرلەرگە مەستانە بولىدىغان گەپكەن. دۇنيادا نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقىنى سېنىڭ ئەڭ دىققىتىڭنى چېكىدىكەن. يىراق قىرلاردا سەرسان بولۇپ يۈرگىنىڭدە يۇرتۇڭغا دائىر پىچىرلاشلارغا قەدەر دىققەت قىلىدىكەنسەن. كومپىيوتىرنىڭ ئالدىغا كەلسەڭ يۇرتۇڭغ ادائىر خەۋەرلەرنى ئاقتۇرىدىكەنسەن، كۇتۇپخانىغا كىرسەڭ ئۇيغۇرغا دائىر كىتابلارغائالدى بىلەن كۆز يۈگۈرتىدىكەنسەن. كىتابخانىلارنى ئارىلىساڭ ئۇيغۇرغا ئائىتلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەققىدىكى بىرەر كىتاب ياكى بىرەر پاچە رەسىممۇ سېنى بىرۋاقىتقىچە ھاياجانلاندۇرايدىكەن. 2008- يىلى ئولۇمپىكنىڭ ئالدى كەينىدەدىيارىمىزدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر سەۋەبلىك ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلار خەلقئارالىق گېزىت- ژورناللاردا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان بولدى. 2009-يىلى تومۇزدىن كېيىن غەرپ مەتبۇئارلىرى ئۇيغۇر تۇپراقلىرىنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغا، ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ئەڭ ئىنچىكە تەپسىلاتلىرىغا قەدەر دىققەت قىلىشقا باشلىدى. ئامېرىكىدا بولغان چاغلىرىمدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يېزىلغان خەۋەر، ماقالە ۋە مۇھاكىمىلەرنى ئىمتىھانلىرىمنى قويۇپ تۇرۇپ ئوقۇپ كېتەتتىم. شۇنداق خەۋەرلەردىن مەن ھىچ ئۇنۇتالمىغان بىرىنى يازغۇم كەلدى. ;;zKHS  
_}X_^taTZS  
"سۆيۈملۈك ئۇيغۇر" نىڭ سىرداشلىرى +$MNG   
5!ll#/ {`  
2009-يىلى ئاۋغۇستتا ئامېرىكىنىڭ غەرىبى جەنۇبىدىكى مايئەمىيدە ياشايدىغان بىر ئامېرىكىلىق دوستۇمنىڭ ئۆيىگە تەكلىپ قىلىندىم. دوستۇم بىلەن دېڭىز ساھىلىدا ئاپتاپلىنىۋاتساق ئۆمرۈمدەكۆرۈپمۇ باقمىغان بىر ھايۋان پۇتۇمنىڭ يېنىدىلا پەيدا بولۇپ قورقۇتىۋەتتى.دوستۇمنىڭ ئېيتىشىچە كىلەدىن سەل چوڭ، تىمساق بالىلىرىغىلا ئوخشايدىغان بۇ مەخلۇقنىڭ ئىسمى ئىگۋانا ئىكەن. ئادەتتە ئادەملەرگە چېقىلمايدىكەن. دوستۇم، m6BIQ(l  
p @@TOS  
-مەن تېخى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى جانۋارلارنى يات كۆرمەيدىغان، ھايۋانلاردىن قورقمايدىغان،ھايۋانلار بىلەن ئەپلىشىشكە ماھىر كىشىلەر ئوخشايدۇ، دېسەم سەن ئەجەپ قورقۇپكەتتىڭغۇ؟ -دەپ قالدى. ئۇنىڭ بۇ گېپى ماڭا قىزىقارلىق بىلىندى. نېمىشقا ئۇنداق دەيدىغانلىقىنى سورۇسام ،ئامېرىكىدا چىقىدىغان نوپۇزلۇق بىر گېزىتتىن ئوقۇغان مۇنۇ خەۋەرنى سۆزلەپ بەردى. *P_3A:_  
^$):Xz  
ئامېرىكىنىڭ غەربى جەنۇبىغا تەۋە بىر شەھەردە بىر ئۇيغۇر ئىنجىنىر ياشايدىكەن. بۇ كىشى ئەسلى غۇلجىدىن بولۇپ 60-يىللاردا ئۆزبېكىستانغا كۆچۈپ كەتكەنىكەن. سوۋېت ئىمپىرىيىسى پارچىلىنىپ مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتلەر قۇرۇلغاندا ئۇيغۇر دىيارىغا قايتماقچى بولغان بولسىمۇ ئىجازەت ئالالماپتۇ. ئاخىرى ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىپ غەرىبى جەنۇپتىكى شۇ شەھەردە ياشاپ قاپتۇ. بوۋاي ئولتۇرۇشلۇق كوچىدىكى مەھەللىداشلار ئىچىدە بەزى بوۋاي مومايلاردىن باشقا كۆپىنچەيلەن ئۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى بىلمەيدىكەن پەقەت "سۆيۈملۈك ئۇيغۇر" دەپلا ئاتىشىدىكەن. بۇ كىشى مەھەللىدىكى ئەخلەت ۋاگۇنىنىڭ يېنىغا بىرتاختاي ئورنىتىپ "بۇزۇلمىغان يىمەكلىكلەرنى تاشلىماقچى بولسىڭىز ماڭاقالدۇرۇڭ. سىزنىڭ سۆيۈملۈك ئۇيغۇر دوستىڭىز بۇ يىمەكلىلەر بىلەن قۇشلارنى ھوزۇرلاندۇرىدۇ" دەپ يېزىپ قويۇپتۇ. بوۋاينىڭ سۆيۈملۈك ئۇيغۇر ئاتىلىپ قېلىشىمۇ شۇ سەۋەبتىن ئىكەن. =`5Xx(  
Yo:l@(  
ھەر كۈنى بوۋاي سەھەر تۇرۇپ قوشنىلار ئەخلەت ۋاگۇنىنىڭ قېشىغا قالدۇرغان يىمەكلىكلەرنى تۈرگە ئايرىپ مەھەللىدىكى چىملىقمەيدانغا "داستىخان" سېلىپ يايىدىكەن. كەپتەرلەر، قۇشقاچلار، تۇرنىلار داستىخاندىكى يىمەكلەردىن چۇۋۇرلاشقانچە ئوزۇقلىنىشقا باشلايدىكەن. قۇشلارنىڭ بەزىلىرى بوۋاينىڭ دولىسىغا، بەزىلىرى بېشىغا قونۇپ ئەركىلىشىدىكەن. قۇشلارنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، قۇشلار بىلەن مۇڭدۇشۇپ بولغاندىن كېيىن بوۋاي داچىسىنىڭ ئالدىدىكى بېغىغا ئىشلەيدىكەن. قوشنىلارنىڭ ھەيران قالغىنى بوۋاينىڭ بېغىغا يۇلغۇن، تېرەك،ئۈجمە، جىگدە قاتارلىقلارنى تىكىۋالغىىنى بولۇپتۇ. ئامېرىكىدا بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ غەرىبى جەنۇبىدا بۇ دەرەخلەرنىڭ بەزىلىرى ئاسان ئاينىمايدىكەن. بوۋاي يىگىرمەيىلدىن بېرى ئەجىر قىلىپ بەزى كۆچەتلەرنى نەچچە ئون رەت قايتا قايتا تىكىپ ئاخىرى ئەي قىلىپتۇ. دەرەخلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىسمى بار ئىكەن. ئۈجمىنىڭ ئىسمى نۇزۇگۇم، تىرەكنىڭ ئىسمى سادىر، يۇلغۇننىڭ ئىسمى شىراق، جىگدىنىڭ ئىسمى سۇتۇق ئىكەن. بوۋاي دائىم بۇدەرەخلەر بىلەن ئۇزاقتىن ئۇزاق سىردىشىپ كېتىدىكەن. 4cK6B)X  
iK%<0m  
بوۋاينىڭ ئىشتىن كەلگەندىن كېيىن قىلىدىغان ئىشى دەرەخلىرىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ بىرئىگۋانا بىلەن مۇڭدىشىش ئىكەن. بوۋاي بۇ ئىگۋاناغا ئىستىقلال دەپ ئىسىم قويۇپتۇ.ئەسلى بۇ ئۇنىڭ 2009-يىلى تومۇزدا تۇغۇلغان غۇلجىدىكى تۇنجى پەينەۋرىسىنىڭ ئىسمى ئىكەن. دوستۇمنىڭ ھىكايسى شۇ يەرگە كەلگەندە ئۇنى توختىتىۋالدىم ۋە خەۋەرنىڭ تورئادرىسىنى يېزىۋېلىپ ئۇچقاندەك ياتاققا قاراپ چاپتىم. گېزىتتە بوۋاينىڭ ئىگۋانا بىلەن سۆھبىتى مۇنداق بېرىلىپتۇ:"ئىستىقلال، سەن قورقۇۋاتامسەن نېمە؟ ساڭانېمە بولدى؟ بۈگۈن تۈگۈلۈپلا قاپسەنغۇ؟ قورقما. بىز يالغۇز ئەمەس، بىز كۈچسىزئەمەس، بىز چارەسىز ئەمەسمىز. قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتتى دەمسەن! قارا، ئۇيغۇرنى ئىسلامغا مۇيەسسەر قىلغان سۇتۇق يېنىمىزدا. سۇتۇق بىزگە يەتكۈزگەن مەشئەل قولۇمىزدا، ئۇلۇق بوۋىلىرىمىز قارىخانىلار زامانىسىدا ئانا تىلىمىزدا سۆزلىگەن قۇرئان باغرىمىزدا، يۈرىكىمىزگە ئەڭ يېقىن جايدا. بىز قاراڭغۇدىن قورقاتتۇقمۇ،ئېيتقىنا بىز زۇلمەتتىن قورقاتتۇقمۇ؟ مۇسۇلمان ئۆلەمدۇ؟ مۇسۇلمان قورقامدۇ؟ ياق،ماڭا باق، ئىستىقلال! ماڭا باق، سۇتۇق ئۆلدى دەمسەن؟ نۇزۇگۇمنى ئۆلدى دېمەكچىمۇسەن!ياق، ياق! ئۇلار ئاللاھنىڭ جامالىغا مۇشەررەپ بولدى. ئۇلار شەھىدلىك شەرىپىگەنائىل بولدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتى. سەن مېنى ئۆلمىدى دەمسەن، ياق! مەن ئۆلدۈم ئارسلىنىم. مەن ۋەتەن توپراقلىرىنى كۆزۈمگە سۈرەلمىگەن، ۋەتەن زىمىنىغا باغرىمنى ياقالمىغان، ۋەتەننىڭ كۆپكۆك ئاسمىنىدىكى مۇبارەك يېڭى ئايغا سالام بېرەلمىگەن كۈندىن باشلاپ ئۈلۈكمەن. سەن گەپ قىلىۋاتىسەن،ھاياتسەن دېمەكچىمۇ؟ ھەئە، مەن ئۇيغۇرچە سۆزلەۋاتىمەن، مەن ئۇيغۇرچە سۆزلەۋاتىمەنلا ئەمەس، ئۆلۈك قەلبىمگە ئاخىرقى نەپەسلىرىمگە قەدەر مەلھەم بولۇۋاتقان ۋەتىنىمنى زىكىر قىلىۋاتىمەن. مېنىڭ بىرلار ئارزۇيۇم بار بۆرەم، پەقەت بىرلا. مۇشۇ دۇنياغابىرلا سۆزۈم بار، پۈتۈن جاھانغا ئاڭلىتىپ بۇ مېنىڭ ۋەتىنىم، ئەي دۇنيا ئاڭلا بۇ ۋەتەن ماڭا مەنسۇپ! دەپ ۋارقىرىغان پېتىم بىر ئۆمۈر قانمىغان ۋەتەننىڭ باغرىغايۈرۈكۈم يېرىپ يىقىلسام دەيمەن." }x4,a6^  
wL,b.]  
مۇخبىربوۋاينىڭ قۇشلارغا بۇ قەدەر ئامراقلىقىنىڭ سىرىنى مۇنداق ئىگىلەپتۇ. ئۇيغۇرلاردائىنسانلارغا ئاللاھ ئاتا قىلغان نىمەتلەردە پۈتۈن جانسىز جانلىق ھەممە مەۋجۇداتنىڭ ھەققى بار دېگەن چۈشەنچە بار ئىكەن. شۇڭا بوۋاي ئېرىشكەن نىمەتلىرىدىن ئالدى بىلەن قوشنا قولۇملارنى بەھرىمەن قىلىدىكەن، ساخاۋەت ئورگىنىغا ئىئانە تاپشۇرىدىكەن،ئاخىرىدا جان- جانىۋارلارنى ئوزۇقلاندۇرىدىكەن. بۇۋاي كىچىك چېغىدا تۇرنىلارنىڭ ۋەتىنىدىكى مەھەللە ئاسمىنىدا ئۇچقانلىرىنى دائىم ئەسلەيدىكەن. ئۇ ئامېرىكىدا ئۆزى كۆرۈۋاتقان بۇ قۇشلارنىڭ ۋەتىنىدىن كەلگەنلىكىگە ھەمدە ۋەتىنىگە ئۇچۇپ بارالايدىغانلىقىغائىشىنىدىكەن. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دەپتۇ "قۇشلارغا پاسپورت كېرەك ئەمەس، ئۇلارخالىغان يەرلەردە ئۇچالايدۇ، ئىستىگەن ماكانغا بارالايدۇ. قۇشلارغا ئىنسانلارسىزغان چىگرا سىزىقلىرى كار قىلمايدۇ. ئۇلار بىزدەك ۋىزىغا، ئىجازەتكە مۇھتاج ئەمەس. مەن بۇ قۇشلارنىڭ قاناتلىرىدىن ۋەتىنىمنىڭ ھېدىنى پۇرايمەن. بۇ قۇشلارمۇ مېنىڭ ھېدىمنى ۋەتىنىمگە يەتكۈزىدۇ. مەن قۇشلار بىلەن قانچە يېقىن تۇرسام ئۆزۈمنى ئەركىنلىكىمگە شۇنچە قانغاندەك ھىس قىلىمەن. قۇشلار بىلەن ئۆتكەن دەقىقەلىرىمدەئۆزەمنى قۇشتەك، ۋەتىنىمگە ئۇچۇۋاتقاندەك سېزىپ يۈرۈكۈم ۋەتەن ئاسمىنىدا تىپچەكلىگەندەك ھاياجانلىنىمەن." \s Fdp!M}2  
U:>'^tkp  
بۇقۇرلارنى ئوقۇۋېتىپ يادىمغا ئادىل تۇنىيازنىڭ "مۇساپىر قۇشلار، پەسىللەرگەۋەتەن دەپ يىغلار" دېگەن مىسرالىرى كەلدى. توختىماي ياش قۇيۇلىۋاتقان كۆزلىرىم بىلەن گېزىتتىكى بوۋاينىڭ سۈرىتىگە قارىدىم. سۈرەتتە ۋىجىككىنە كەلگەن،قەشقەر كوچىلىرىدا، كۇچا رەستىلىرىدە، غۇلجا بازارلىرىدا دائىم كۆرگىلى بولىدىغان مىڭلىغان ئۇيغۇر بوۋايلارغا ئوخشايدىغان بۇ بوۋاي بىر ئىگۋاناغا ئېڭىشىپ نېمىلەرنىدۇردەۋاتقاندەك تۇراتتى. خەۋەردىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ سىرىتقا چىقتىم. كۆز ئالدىمداپايانسىز دېڭىز سوزۇلۇپ ياتاتتى. ئالدىمدا ماڭا چەكسىزلىكنىڭ ھاياجىنىنى ھىس قىلدۇرىۋاتقان دېڭىزدا چىگرا يوق ئېدى. ئاسمانغا قارىدىم مەن ئامراق چەكسىزلىك،كەڭلىك، ئۇلۇغلۇق كۆكتە، كۆك رەڭدە ئېدى. دېڭىز كۆك، ئاسمانمۇ كۆك.، پەقەت زېمىنغىلا تۈرلۈك رەڭدىكى بايراقلار، چەكلەر تۇساقلار ھۆكۈمران ئېدى. ناخشائېيتماقچى بولدۇم، لېكىن ئاۋازىم بوغۇلۇپ "ئاسمان كۆپكۆك دېڭىز كۆك، مەن نېمىشقا زەپىران" دېگەننى ئاران دېيەلىدىم. jzc/Olb  
E!'H,#"P  
O!='U!X@P  

تېما تەستىقلىغۇچى : كەپتەر
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-05-04, 01:37
ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

精彩

感动

搞笑

开心

愤怒

无聊

灌水
Aqilghin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8911

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   19 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1082 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   105 (قېتم)
 تۆھپە:   105  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1562
 سائەت
دەرىجىسى:
1562 سائەت 138 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-04-25
ئاخــىرقىسى:2012-05-11
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 05-04

ئۇيغۇر بولساڭ بىلىۋال!بۇ نى كۆرۇپ يىغلىۋال!
alip.arsilan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8721

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   104 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5613 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   560 (قېتم)
 تۆھپە:   560  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 320
 سائەت
دەرىجىسى:
320 سائەت 30 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-04-06
ئاخــىرقىسى:2012-05-12
ئاپتورنىڭلا2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-04

رەھمەت «چۇشتىكى پەرىشتە»بەك ياخشى تىما يوللاپسىز ھەقىيقەتەن بەك تەسىرلەندىم.
گوۋاھلىق بىرمەن بىر ئاللاھ..تىن باشقا ئىلاھ.يۇق.گوۋاھلىق بىرمەن مۇھەممەدئاللاھ نىڭ ئەلچىسى.
uyghurqamusi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8436

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   31 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3057 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   300 (قېتم)
 تۆھپە:   300  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1161
 سائەت
دەرىجىسى:
1161 سائەت 29 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-03-08
ئاخــىرقىسى:2012-05-12
ئاپتورنىڭلا3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-04

مەنبە قېنى؟ گۈلەن ئەپەندىنىڭ يازمىسى ئىدىغۇ؟
http//:www.uyqamus.com
karmanshah
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8143

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   31 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1655 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   165 (قېتم)
 تۆھپە:   165  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1990
 سائەت
دەرىجىسى:
1990 سائەت 100 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-02-11
ئاخــىرقىسى:2012-05-12
ئاپتورنىڭلا4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-04

چەتئەللەردىكى بىزلەرگە ۋە مەدەنىيتىمىزگە،كەلگۈسمىزگە كۆڭۈل بۈلىدىغان ۋە بۈلىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمغا ئىسەنچىلىك تىلەيمەن،،،
xamxar111

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1313

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   955 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   60128 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   5108 (قېتم)
 تۆھپە:   5078  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3631
 سائەت
دەرىجىسى:
3631 سائەت 139 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-03
ئاخــىرقىسى:2012-05-12
ئاپتورنىڭلا5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-04

qo_]ZKL44  
"OL~ul5  
ئاپتۇرنىڭ نامىنى نىمىشقا بىللە يوللىمايسىز LeHiT>aX!  
6^E`Sa! s  
p7C!G1+z  
     كۆزۈم دەردىنى  تۈكۈۋالدى  بىراق يۈكۈمنىڭ دەردى  ، يەنىمۇ كۆپەيدى .
\A<v=VM|  

尴尬
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7738

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   19 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1362 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   140 (قېتم)
 تۆھپە:   140  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2561
 سائەت
دەرىجىسى:
2561 سائەت 189 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-01
ئاخــىرقىسى:2012-05-12
ئاپتورنىڭلا6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-04

نېمە دېيىشىمى بىلەلمىدىم!!!
jiuxing

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2063

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   563 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   27107 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   2554 (قېتم)
 تۆھپە:   2521  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4517
 سائەت
دەرىجىسى:
4517 سائەت 123 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-19
ئاخــىرقىسى:2012-05-05
ئاپتورنىڭلا7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-04

سىزنىڭ ئامرىكىغا چىققىنىڭىزنى ھەمدە ئامرىكىدىكى دوستلىرىڭىزنى ئويلاپ شۇنداق پەخىرلەندىم... &[mZD,  
قانداڭ بۇلۇپ ئامرىكىغا چىققان ئىدىڭىز......
ھاياتنى كومپىيوتىېر ئالدىدا سائەتلەپ، كۈنلەپ ئولتۇرۇپ، ئۇچۇر دۇنياسىغا،
makanim0903
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7892

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   20 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1158 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   115 (قېتم)
 تۆھپە:   115  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 219
 سائەت
دەرىجىسى:
219 سائەت 51 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-01-18
ئاخــىرقىسى:2012-05-09
ئاپتورنىڭلا8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-04

ھە ئەسلى گۇلەن ئەپەندىنىڭ ئەسىرىمىدىمۇ ؟ مۇشۇ ئەسەرنى ئانا تۇپراققا يوللىغان قېرىندىشىمىزغا رەھمەت ! بولسا دوسلا گۇلەن ئەپەندىنىڭ تور خاتىرسىنىڭ ئادىرسىنى ئىنكاس شەكىلدە مۇشۇ تىما ئاستىغا يوللاپ قويغان بولساڭلا ! w2O!M!1  
مەن گۇلەن ئەپەندىنىڭ ماقالىلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن
amankul
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8915

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   356 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   35 (قېتم)
 تۆھپە:   35  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1374
 سائەت
دەرىجىسى:
1374 سائەت 146 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-04-26
ئاخــىرقىسى:2012-05-11
ئاپتورنىڭلا9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 05-04

بەك تەسىرلەندىم ،
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى