باشبەت |چايخانا | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       375 
  •    ئىنكاس 
       1 

ئىسلامدا  ئەرلەرنىڭ  جور  تاللىشى

قەۋەت ئاتلاش
mahsum
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8755

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   18 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2455 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   220 (قېتم)
 تۆھپە:   220  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 729
 سائەت
دەرىجىسى:
729 سائەت 41 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-04-09
ئاخــىرقىسى:2012-05-06

                                                              ئىسلامدا  ئەرلەرنىڭ  جور  تاللىشى 6hX[5?}  
Q%Fa1h:2&  
                                                                يازغۇچى  :   مۇھەممەد   يۈسۈپ }F<=  
d09qZj>  
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: ”(ئى مۇسۇلمانلار)  مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئىېيتمىغىچە, ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. (ھۆر)  مۇشرىك ئايال (ھۆسنى - جامالى ۋە مېلى بىلەن) سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ, مۆمىن دىدەك ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر.  مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېتمىغىچە, مۆمىن ئاياللارنى ئۇلارغا ياتلىق قىلماڭلار. ھۆر مۇشرىك ئەرلەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ, مۆمىن قۇل ئەلۋەتتە ئۇنىڭدىن ئارتۇقتۇر. ئەنە شۇلار (يەنى مۇشرىك ئەر ۋە ئاياللار) سىلەرنى دوزاخقا چاقىرىدۇ. ئاللاھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە سىلەرنى جەننەتكە ۋە مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ. (بەقەرە سۈرىسى 221 - ئايەت) 7(W"NF{r  
ئىسلام دىنى نەزەرىدە, ئايال كىشىلەر سۇپەتلىنىدىغان ۋە زىننەتلىنىدىغان ئەڭ ئېسىل ۋە گۈزەل سۈپەتلەرنى ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىغا قىلغان خىتابىدا مۇنداق بايان قىلىپ كۆرسىتىدۇ: ”ئەگەر ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) سىلەرنى قويۇۋەتسە پەرۋەردىگارى (ئۇنىڭغا) سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا, سىلەردىن ياخشى(ئاللاھنىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ)  ئەمرىگە بويسۇنغۇچى, (ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە)  ئىمان ئېيتقۇچى, ئىتائەت قىلغۇچى, گۇناھلاردىن تەۋبە قىلغۇچى, ئىبادەت قىلغۇچى, روزا تۇتقۇچى چوكانلارنى ۋە قىزلارنى بېرىشى مۇمكىن.“ (تەھرىم سۈرىسى 5 ـ  ئايەت) ~M?^T$5  
بۇ ئايەت, خاتىرجەم, بەرىكەتلىك ۋە ئېسىل بىر ئائىلىنى تەسىس قىلىشتا ئايال كىشىدىن تەلەپ قىلىنىدىغان بارلىق ئېسىل پەزىلەت ۋە گۈزەل سۇپەتلەرنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 6#m:=  
يوقىرىقى سۈپەتلەرنىڭ ئەڭ بېشىدا: PC55A1(T  
1. ”بويسۇنغۇچى“ دېگەن سۈپەت بايان قىلىنغان, چۈنكى ئاللاھ تائالاغا ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە بويسۇنىدىغان ئايال ئېرىنىڭ خاھىشىغىمۇ چۇقۇم بويسۇنىدۇ ۋە ئۈستىدىكى ئۇنىڭ ھوقۇقىنى تونۇيدۇ. } @||GMA+|  
2.  ”ئىمان ئېيتقۇچى“ دېگەن سۈپەت بولۇپ, ئاللاھ تائالاغا ئىمانى بار ئايال كىشى ھەر قانداق ياخشى ئىشنى رىياسىز ھالدا, ئىخلاس بىلەن قىلىدۇ. ئالدامچىلىق ۋە يالغانچىلىقلاردىن يىراق بولىدۇ. ئېرى ئۇنىڭ يېنىدا بولسۇن ياكى بولمىسۇن, ئېرىگە ھەمىشە ۋاپا قىلىدۇ. l/6$BP U`  
3.  ”تەۋبە قىلغۇچى “دېگەن سۈپەت بولۇپ, بۇرۇن قىلغان خاتالىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىشنى بىلىدىغان ئايال كىشى ئەلۋەتتە, ئۆزىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك توغرا ئىشلىرىنى بىلىدۇ. ئېرىنى ۋە پەرزەنتلىرنى بەختلىك قىلىشنى بىلىدۇ. ئېرىنى ۋە پەرزەنتىلىرىنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن توغرا ئىش قىلىشقا تىرىشىدۇ. /4wPMAlb  
4. ”ئىبادەت قىلغۇچى“ دېگەن سۈپەت بولۇپ, ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلىدىغان ئايال كىشى ئەلۋەتتە, ئېرىنىڭ ھۆرمىتىنى ۋە ھەققىنى تونۇپ, قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى جايىدا ئورۇنلايدۇ. چۈنكى ئايال كىشىنىڭ ئېرىنى ھۆرمەتلىشنىڭ ئۆزى ئىبادەتتۇر. u|EHe"V"  
5. ”روزا تۇتقۇچى“ دېگەن سۈپەت بولۇپ, روزا تۇتۇش بىلەن بولسۇن, مەيلى باشقا نەپلى (ئىختىياري) ئىبادەتلەر بىلەن بولسۇن, ئاللاھ تائالاغا يېقىنلىشىشنى خالىغان ئايال كىشى ھەر ھالدا ئېرىنىمۇ رازى قىلىشقا تىرىشىدۇ. چۈنكى ئېرىنىڭ رازىلىقى ئايالىنىڭ ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىنلىشىشىغا ۋاسىتە بولىدۇ. يۇقىرىقى سۇپەتلەر ئىسلام نەزەرىدىكى ئەڭ ئۆلگىلىك ئايال كىشىنىڭ مىسالىدۇر. ئۆلگىلىك ئايال - ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرـ پەرمانلىرىغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن قورقىدىغان, گۈزەل ئەخلاق ۋە ئېسىل پەزىلەتلەر بىلەن زىننەتلەنگەن ئايال دېمەكتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە مۇنداق دىگەن: ”دۇنيا مەنپەئەتتۇر, دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى مەنپەئەتى ئۆلگىلىك ئايال كىشىدۇر.“ (مۇسلىم رىۋايىتى) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تۇرمۇش قۇرغۇچىنىڭ ئۆز جورىسىنى قانداق تاللىشى ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ: ”كىشىلەر ئايال كىشىلەرنى تۆت نەرسىگە قاراپ تاللايدۇ, ئۇنىڭ بايلىقىغا, چىرايىغا, نەسىبىگە ۋە ئۇنىڭ دىيانىتىگە. سەن ئەڭ ئاۋۋال دىيانەتلىك بولغىنىنى تاللىغىن , ئەگەر ئانداق قىلمىساڭ چوقۇم زىيان تارتىسەن.“ (بۇخارىي رىۋايىتى) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇھەدىستە, كىشىلەرنىڭ بىرگە تۇرمۇش قۇرماقچى بولغان ئاياللاردىن تەلەپ قىلىشىدا ئومۇم بولغان تۆت خىل سۈپەتنى بايان قىلىپ, ئاخىرىدا, دىيانەتنى ئاۋۋال تاللاڭ, ئۇنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇشنىڭ لازىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. &wea]./B  
بەزى كىشىلەر چورىسى بولىدىغان ئايالنىڭ دىيانىتى ۋە ئەخلاقىدىن قەتئىينەزەر ھالدا, دۇنيانىڭ قاتتىقچىلىقلىرىغا تاقابىل كېلىشتە ياردەمچى بولۇپ قالار دېگەن مەقسەت بىلەن ئۇنىڭ بايلىقىنىلا كۆزلەپ ئۇنى تاللايدۇ. ToE^%J4  
بەزى كىشىلەر ئايال كىشىنىڭ مەنسىبى ۋە جەمئىيىەتتىكى ئورنىنى كۆزلەپ ئۇنىڭ دىيانىتىدىن ۋە ئەخلاقىدىن قەتئىينەزەر ھالدا, ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرىدۇ. }]!?t~5*  
بەزى كىشىلەر ئەڭ ئاۋۋال, ئايال كىشىنىڭ دىيانىتىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۇنى تاللايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋسىيەسى مانا مۇشۇ. ”دىيانەتلىك“ دېگەن سۈپەت يۇقىرىقى ئۈچ سۈپەت بىلەن بىرگە تېڭىلسا تېخىمۇ ياخشى بولغىنى, ئەگەر باشقىسى بولمىسىمۇ, دىيانەت ئۆزى يالغۇزلا يوقىرىقى سۈپەتلەرنىڭ ھەممىسىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ, ئەلۋەتتە. <s1  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كىشىلەرنى ئايال كىشىنىڭ دىيانىتىدىن خەۋەرسىز ھالدا, ئۇنىڭ ئىقتىسادىغا ياكى گۈزەللىكىگە ياكى نەسىبىگە ياكى جەمئىيەتتىكى ئابرويىغا بېرىلىپلا, ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشنىڭ پالاكىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ”كىمكى ئايال كىشىنى ئۇنىڭ ئابرويىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن, ئۇ خورلۇقتىن باشقا نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئۇنى, ئۇنىڭ ئىقتىسادىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن, ئۇ پېقىرلىقتىن باشقىسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئۇنىڭ نەسبىنى كۆزلەپ تاللايدىكەن, ئۇ پەقەت رەزىللىكتىن باشقىسىغا ئېرىشەلمەيدۇ. كىمكى ئايال كىشىنى, كۆزىنى نامەھرەمگە تىكىلىپ قاراشتىن, ئەۋرىتىنى ھارامدىن ساقلاشنى مەقسەت قىلغان ھالدا, ئۇنىڭ دىيانىتىنى دەپ ئالىدىكەن, ئاللاھ ھەر ئىككىسىگە بەرىكەت  ئاتا قىلىدۇ.“ (تەبەرانىي رىۋايىتى) cj@ar^=`K  
يەنەبىر ھەدىستا مۇنداق دېيىلگەن: ”ئايال كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ چىرايىنىلا كۆزلەپ ئالماڭلار. ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى, ئۇلارنىڭ سىلەرنى كۆزىگە ئىلماسلىقىغا سەۋەب بولىشى مۇمكىن. ئۇلارنى, ئۇلارنىڭ بايلىقىنى كۆزلەپ ئالماڭلار, بايلىقى ئۇلارنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇلارنى دىيانىتىنى كۆزلەپ ئېلىڭلار. دىيانەتلىك بولغان, قارا تەنلىك دىدەك, دىيانىتى بولمىغان ھۆر گۈزەلدىن ئەلۋەتتە ئەۋزەلدۇر“. (ئىبىن ماجە رىۋايىتى) >#EOCo  
ئىسلام دىنى كىشىلەرنى ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىدىن, بايلىقىدىن ۋە ئابرويىدىن پايدىلنىشىدىن توسمايدۇ. بەلكى ئۇلارنى بەزى ئاياللاردىكى ئاقىۋەتسىز, ۋاقىتلىق گۈزەللىككە, مال - دۇنياغا ۋە ئابرۇيغا قىزىقىپ كېتىپ, ئۇلارنىڭ دىيانىتىنىڭ قانداق بولۇشىغا قارىماي, ئۇلار بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش ئارقىلىق, ئۆزلىرىنى ۋاقىتلىق مەنپەئەتلەرنىڭ ئەسىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقى, بەلكى ئەڭ ئاساسلىق ھەم مەڭگۇلۇك بولغان دىيانەتنى كۆزدە تۇتقان ھالدا, ئۆزلىرىنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن  يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشىنى مەقسەت قىلىدۇ.  ئەمەلىيەتتە, ئايال كىشىنىڭ ئىقتىسادىنى ياكى گۈزەللىكىنى ياكى جەمئىيەتتىكى ئابرۇيىنىلا كۆزلەپ, ئۇنىڭ دىيانىتىنىڭ قانداق بۇلۇشىغا قارىماستىن, قۇرۇلغان تۇرمۇش  كىشىنى داۋامسىز, ۋاقىتلىق نەرسىلەرگە قۇل قىلغان بولىدۇ. بۇنداق كىشى ئۆزىنىڭ سائادىتىنى ۋە خاتىرجەملىكىنى ۋاقىتلىق لەززەتلەر ئارىسىدا ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ھاۋايى - ھەۋەسلەرنىڭ سىرتمىسىغا ئاسقان بولىدۇ. تۇرمۇشتا ئۇ ھەرگىزمۇ خاتىرجەملىك ھېس قىلالمايدۇ. چۈنكى, دىيانەتسىز گۈزەل ئايال مەغرۇر ۋە ھاكاۋۇر كېلىدۇ. دىيانەتسىز باي ئايال ھەددىنى بىلمەيدىغان, چوڭچى كېلىدۇ. دىيانەتسىز ئالىي نەسەبلىك ۋە ئابرۇيلۇق ئايال مۇتەكەببىر كېلىدۇ. ئەمما دىيانەتلىك ئايال كىشى كەمتەر, ئىتائەتچان, ئېسىل, ئەخلاقلىق, سەۋىر ــ تاقەتلىك كېلىدۇ. ئەگەر ئۇ, گۈزەل جامالغا, بايلىققا, ئابرويغا ئىگە ئايال بولغان تەقدىردىمۇ, ئۆزى دىيانەتلىك بولغاچقا, ئۆز ھەددىنى بىلىدىغان, ھەمىشە بىر خىل تۇرىدىغان, ئېسىل, پەزىلەتلىك كېلىدۇ. شۇڭا دىيانەت يۇقىرىقى ئۈچ خىل سۈپەتنى بېسىپ چۈشىدۇ. ka?EXF:  
11ـ ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر دانىشمەن ۋە ئۇلۇغ پەيلاسوپ يۇسۇپ خاس ھاجىپ دۇنياغا داڭلىق ئەسىرى   ”قۇتادغۇ بىلىك“ تە مۇنداق دەپ يازغانىكەن: 3#Qek2  
دېسە كىم ئۆيلىنەي, ئەي ئەرلەر بېشى, (y!V0iy]  
ئالار شۇ تۆت خىلدىن بىرىنى ئۇ كىشى, owKOH{otf  
بىرى باي خوتۇننى ئالماق ئىستەر , V8}jFib  
ئۇ بىرسى چىرايلىق ئۈچۈن كۆز تىكەر, W+`T:Mgh  
يەنە بىرسى ئېسىل نەسەبلىك تىلەر, ئۇلۇغلۇق ئېتىغا قۇۋانىپ يۇرەر. )m<CmYr2  
بىرسى ئىستەر نەپىس تەقۋادارنى، Y@2v/O,\  
ئۇنى تاپسا باغلار ئاڭا كارىنى, d$#DXLA\P  
بۇلارنىڭ ئۇبدىنىنى ئېيتاي مەن ساڭا, D]NJ ^.X  
ئالۇر بولساڭ قۇلاق سال ماڭا, |DkK7gw  
ئايا باي خوتۇنغا ئىنتىلگۇچى جان, ئەسىر بولما ئاڭا  ئى ئالىم ئىنسان, < gu>06  
گۈزەلنى تىلەگەن ئى ئەر ياخشىسى, ئۇنى ئالساڭ ياغار ئەلنىڭ كۇلكىسى. qt`HP3J&  
ئەي ئەسلى بۇيۇككە ئىنتىلگۇچى سەن, 0;Z] vl/|  
ئۆمرۇڭنى خار ئەتمە بۇنىڭ بىلەن. xFp?+a  
ئېرىغ تەقۋا بولسا ئۇ, ئېسىل بولۇر, P]<15l  
قالغان ئۈچ نەرسىمۇ ئۇندا تېپىلۇر. ;&`6b:ug  
ھېكىم سەن بىر تەقۋا خوتۇن ئىستىگىل, G0b##-.'^  
ئۇ بولسا, بولۇر بۇ تۆت شەرتمۇ بىل. St;@ZV  
يۇسۇپ خاس ھاجىپمۇ يۇقىرىقى بېيىتلىرىدا, پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ توغرىدا ئېيتقان ھەدىسلىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ بۇ توغرىدىكى پرىنسىپى كۈندىن كۈنگە ئىنسانلارنىڭ نەزەرىدە ھەقىقەتكە ئايلانماقتا. جەمئىيىتىمىز ۋە پۈتۈن ئىنسانلار جەمىيىتىدە تەكرارلىنىپ كەلگەن تەجرىبىلەرمۇ, بۇ پرىنسىپنىڭ ئىنتايىن توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە. Ws;X;7tS  
i#:M2&twE  
ئىسلام نەزەرىدىكى ئۆلگىلىك ئايالنىڭ سۈرىتىنى تۆۋەندىكى ھەدىستا كۆرىمىز: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قانداق ئايال كىشى ئەڭ ئۆلگىلىك ياخشى ئايال كىشى سانىلىدۇ؟ دېگەن سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب  بەرگەن: ” ئېرى ئۇنىڭ چىرايىغا قارىسا ئۇنى مەمنۇن قىلالايدىغان, ئۇنى بىرەر ئىشقا بۇيرىسا ئورۇنلايدىغان, ئۆزى ياقتۇرمايدىغان ئىشتىمۇ ئېرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلغانلىقتىن ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشمايدىغان, ئېرىنىڭ  ئامانىتىنى ھەر ھالەتتە ساقلىيالايدىغان ئايال, ئەڭ ئۆلگىلىك ياخشى ئايالدۇر.“ (نەسائىي رىۋايىتى) GxS!Lk  
ئىمۆم غازالى  ”دىنىي ئىلىملەرنى راۋاجلاندۇرۇش“ ناملىق ئەسىرىدە, ئەسما ئىسىملىك بىر ئايالنىڭ, قىزىنىڭ توي كۈنىدە  ئۇنىڭغا قىلغان نەسىھەتلىرىنى بايان قىلىدۇ. ئەسما قىزىغا مۇنداق دېگەن: ”ئەي قىزىم! سەن ئۆسۈپ يېتىلگەن ئۇۋاپدىن ئايرىلىپ, ساڭا تونۇشلۇق بولمىغان ئۆيگە ۋە سەن بىرگە بولۇپ كۆرمىگەن دوستنىڭ يېنىغا كېتىپ بارىسەنسەن ئۇنىڭغا زېمىن بولساڭ, ئۇ ساڭا ئاسمان بولىدۇ. سەن ئۇنىڭغا بىسات بولساڭ, ئۇ ساڭا تۇۋرۇك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كۆپ نەرسە سورىما, ئۇ سەندىن زىرىكىپ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن ئۇزاقلاشما, ئۇ سېنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. ئەگەر ئۇ ساڭا يېقىنلاشسا, سەنمۇ ئۇنىڭغا يېقىنلاشقىن. ئەگەر ئۇ سەندىن ئۇزاقلاشسا, سەنمۇ ئۇنىڭدىن ئوزاقلاشقىن. ئۇنىڭ نومۇسىنى ۋە ئىپپىتىنى ساقلىغىن. ئۇ سەندىن پەقەت خوشپۇراقنىلا پۇرسۇن. ئۇ سەندىن پەقەت گۈزەل سۆزنىلا ئاڭلىسۇن. ئۇ سەندىن پەقەت گۈزەللىكنىلا كۆرسۇن.“ (”دىنىي ئىلىملەرنى راۋاجلاندۇرۇش“  4 - جىلد 163 - بەت)              ئاناتۇپراق مۇنبىرىگە يوللىغۇچى ئابدۇللاھ Iwe  
L7nW_  
مەنبە  :  ‹‹  ئىسلامدىكى   ئائىلە   تەربىسى   ››  ناملىق   كىتاپ   zvR;Tl6]  

تېما تەستىقلىغۇچى : Anatuprak
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2012-04-27, 14:04
ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىكى كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

精彩

感动

搞笑

开心

愤怒

无聊

灌水
alip.arsilan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8721

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   104 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5613 (يۈەن )
 ياخشى باھا:   560 (قېتم)
 تۆھپە:   560  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 320
 سائەت
دەرىجىسى:
320 سائەت 30 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2012-04-06
ئاخــىرقىسى:2012-05-12
ئاپتورنىڭلاتۇنجى ئىنكاس  يوللانغان ۋاقتى: 04-28

بۇ    دۇنيدا  ھەمىمدىن مۇھىم ئىش .كۇڭۇلكىدەك جۇرە تاللاشتور.رەھمەت ياخشى تىما يۇللاپسىز .ئاللاھ،،ئەجىر بەرسۇن.
گوۋاھلىق بىرمەن بىر ئاللاھ..تىن باشقا ئىلاھ.يۇق.گوۋاھلىق بىرمەن مۇھەممەدئاللاھ نىڭ ئەلچىسى.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك2000 بايىت
 

ئالدىنقىسىكىيىنكىسى