-
تىزىم نۇمۇرى:7935 -
- تىزىم ۋاقتى:2012-01-23
- ئاخىرقى كىرگىنى2012-05-12
- تور ۋاقتى:1552سائەت
-
- تېمىسى229
- تېمىلىرىنى ئىزدەش
- نادىرلانغىنى1
- مۇنبەر پۇلى16931
- شۆھرىتى1560
- تۆھپە1560
- كۈمۈش تەڭگە1560
- ياخشى باھا1552
- بىلوگدوستلاشقورال
|  | | | | ئىزدىنىش توردىن تۆۋەندىكى تېمىنى كۆرۇپ مۈنبەرداشلارنىڭ كۆرۇپ بىقىشىغا سۇنغۇم كەلدى: zo@vuB. ياۋ شىنيوڭنىڭ ئىلاۋىسى : #$S~QS.g &Wa3/mWK ئالدىنقى ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى ئېنگلىزچە نەشرى» نىڭ گاۋ فامىلىلىك مۇخبىرى ماڭا ماقالە بۇيرۇتقانىدى.ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەت پۇشتىدىن بولغان« 1-قول»نىڭ كەملىك مەسىلىسى ھەققىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىۋاتقانىكەن.ئۇ مەن بېلەن يەنە بىر ئۇيغۇرغا ھەر بىرىمىزگە تەخمىنەن 1400خەت كېلىدىغان بىردىن ماقالە ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ئېيىتتتى.يەكشەنبە كۈنى گېزىتتىن ئىككىمىزنىڭ ماقالىسىنى كۆردۈم.ئەمما، ئېلان قىلىش شەكلىدىن قارىغاندا ئۇلار ئەشۇ ئىككى پارچە ماقالىنى ئۇنۋېرساللاشتۇرۇپ خەۋەر قىلغاندەك تۇراتتى. ھازىر مەن ئەشۇ ئىككى پارچە ماقالىنى ئوقۇپ مۇھاكىمە قىلىشىڭلارغا سۇنماقچىى . ئىككى پارچە ماقالە كۆز قاراش جەھەتتە زور پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ.تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ماقالىسى بىر قەدەر كونكىرىتنى يېزىلىپتۇ، سان-سىفىرلارمۇ خېلى كۆپكەن. مېنىڭ ماقالەم بولسا ئەقلى تەپەككۇرنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان بولۇپ، بۇ ئىككى ماقالە بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، دەپ قارايمەن. AcnY6:3Y| ئۇنىڭدىن باشقا «يەر شارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ ئېنگلىزچە نەشرى» گە بېسىلغان ماقالىلارنىڭ ئېنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىسىنىمۇ قوشۇمچە قىلىپ قويدۇم. تەرجىمىدە بىزنىڭ مەقسىدىمىز ئەينەن يەتكۈزۈلدىمۇ -يوق ، ئېنگلىزچە بىلىدىغان تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بېرىشىنى سورايمەن. wX2U ------------------------------------- Co nik` d.w]\ fWA#n ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ «1-قول» بولۇشى نېمىشقا تەس؟ 0U%tjYk( .zdaY,U تۇرغۇنجان تۇرسۇن IfB .2e` EZiLXQd_ دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيان شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈش زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى.2008-يىلى شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 363مىڭغا يېتىپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئومۇمىي كادىر سانىنىڭ %51.25 نى ئىگىلىدى.ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىكى، ھەر قايسى ئاپتونوم ئوبلاستلارنىڭ ئوبلاسىت باشلىقلىقى، ئاپتونوم ناھىيەلەرنىڭ ھاكىملىقى ھەمدە شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدىكى خەلق قۇرۇلتۇيى دائىمىي كومېتىتېتىنىڭ مۇدىرلىقى، خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىقى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئاپتونومىيەنى يۈرگۈزگۈچى مىللەت گىراژدانلىرى ئۈستىگە ئالدى؛ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ۋىلايەت، ئوبلاسىت، شەھەرلەرنىڭ ۋالىيلىقى، ئوبلاسىت باشلىقلىقى ۋە شەھەر باشلىقلىقى ھەمدە ھاكىملىقى ۋە رايون باشلىقىلىقىنى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئۆتۈگەندىن سىرىت، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى نازارەت، ئىدارە، كومىتېت، ئىشخانىلىرىدىمۇ نۇرغۇن نازىر ، مۇدىرلار بار بولدى. Q{S{|.w- ئەمما، بۇنىڭ بېلەن مۇنداق بىر پاكىتنى ياپقىلى بولمايدۇ: ۋىلايەتتىن ناھىيىەگىچە ، ئاندىن يېزىغىچە بولغان مەمۇرىي رايونلارنىڭ دەرىجە قاتلىمىدا يەرلىك پارتكوملارنىڭ شۇجىلىقىنى ئۆتەۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى يوقنىڭ ئورنىدا. يەرلىك پارتكوملارنىڭ شۇجىلىقى ئادەتتە يەرلىك ھاكىمىيەت-باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى «1-قول» دەپ قارىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيىتقاندا شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەتتىن «1-قول» بولغانلار يوق دېيەرلىك. |H5GWZO{^ 2010-يىلىدىن ئىلگىرى پۈتۈن شىنجاڭدىكى 865يېزا –بازاردا يېزىلىق پارتكوم شۇجىسى بولغان ئۇيغۇرلارنى ساناش خۇددى كۈندۈزى يۇلتۇز سانىغاندەكلا ئىش ئىدى، ھەتتا ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى بولغان ئۇيغۇردىن بىرىمۇ يوق ئىدى، ۋىلايەتلىك پرتكومنىڭ شۇجىلىقىدىنغۇ ئېغىز ئاچقىلىمۇ بولمايىتتى. نېمە ئۈچۈن شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ «1-قول» بولۇشى شۇنچە تەس؟ بۇ بىر قەدەر مۇرەككەپ مەسىلە ھېساپلىنىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئامىللىرى بولۇشىى مۇمكىن : <L8FI78[* 1- ئىقتىدار ئامىلى gp$]0~[tO يەرلىك پارتكوملارنىڭ شۇجىلىرى شۇ رايوننىڭ ئومۇمىي خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ، يەرلىكنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى باشقۇرۇشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. مۇشۇ ۋەزىپىنى ئاتقۇرغۇچىنىڭ سېياسىي ساپا، بىلىم سەۋىيە، رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە دادىل،تەدبىرلىك ، كەسكىن بولۇشىغا قارىتا خېلى يۇقۇرى تەلەپلەر قويۇلىدۇ. شۇنى ئېتراپ قىلىش كېرەككى، مۇشۇنداق شەرىتكە توشۇدىغان ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى خېلىلا ئاز، بولۇپمۇ بەزى ئاساسىي قاتلاملاردا تەلەپ بېلەن ئىقتىدار ئوتتۇرىسىدىكى پەرىق نىسبەتەن زور. RgH 6l2 2- تىل ئامىلى '$p`3Oqi ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك نىسبەتەن تۆۋەن ھالەتتە بولۇشىمۇ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان موھىم تەرەپلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇنىڭ يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىقتىدار بېلەن ۋاستىلىق مۇناسىۋىتى بار.شىنجاڭدا ئىزچىل تۈردە خەنزۇ تىلى بېلەن مىللىي تىل ئايرىۋېتىلگەن مائارىپ تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلغان بولۇپ ، مىللىي تىلدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى «مىللىي تىلىدا ئىمتاھان بېرىدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار»، خەنزۇ تىلدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى «خەنزۇ تىلىدا ئىمتاھان بېرىدىغان مىللىي ئوقۇغۇچىلار» دەپ ئاتىلىدۇ. شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرى مىللىي تىلدىكى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى ئومۇمىي يۈزلۈك يۇقۇرى دېگىلى بولمايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ فاڭجېن-سېياسەتلىرى، زامانىۋى پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرى، بازار ئىگىلىكىنىڭ يۈرۈشۈششىگە دائىر بىلىملەرنى ئىگىلىشى ۋە ئىشلىتىشىنى چەكلەپ، ئۇلارنىڭ خىزمەتتە ئۆز ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىش ۋە سېياسىي جەھەتتىن ئۆسىشىگە تەسىر يەتكۈزۈپ كەلمەكتە. مىللىي تىلدىكى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى ئىچىدە ئىچكىرىدە ئالىي مائارىپ تەربىيىسى ئالغان ياكى ئۆزلىكىدىن تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ يېتىشكەن خەنزۇ تىلىغا پىششىق قىسمەن ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى بولسىمۇ ئەمما ، ئۇلار سان جەھەتتىن ئاز، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلاملاردا تېخىمۇ ئاز. =pmG.>Si 3-پارتكوم ، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھوقۇق تەقسىمات ئامىلى "h1ek*(?< شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىدىن يەرلىكتە پارتكوم شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرىۋاتقانلارنىڭ بەك ئاز بولۇشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ يەرلىكتە ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ئاتقۇرغانلىقىدىندۇر. شىنجاڭدىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاسىت، شەھەرنىڭ ۋالىي (ئوبلاسىت باشلىقى، شەھەر باشلىقى ) سىدىن 13 ئى ئاز سانلىق مىللەتتىن. 99 ناھىيە، شەھەر، رايوننىڭ ھاكىم (شەھەر باشلىقى ، رايون باشلىقى) نىڭ 81 ئى ئاز سانلىق مىللەتتىن. شۇڭا پارتكوم شۇجىلىقىنى خەنزۇلارنىڭ ئۆتۈشى لازىم بولۇپ قالغان. بۇ ئەھۋال شىنجاڭدا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ. شىنجاڭدىمۇ باشقا ئۆلكە-ئاپتونوم رايونلارغا ئوخشاشلا ھوقۇقنىڭ پارتكوم شۇجىسىغا ھەددىدىن ئارتۇق مەركەزلىشىپ قېلىش ھادىسىسى مەۋجۇت. ئەمما شىنجاڭدا بولسا بۇ خىل ھالەت تېخىمۇ ئېغىر. شۇڭا بۇ ھەقتىكى سۆز-چۆچەكلەر ناھايتى كۈچلۈك بولماقتا. يەرلىك پارتكوم بېلەن ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن ھوقۇق ئايرىش تۈزۈمىنى رېئاللىقتا ئىشقا ئاشۇرۇش ناھايتى تەس.قانداق ئەھۋالدا ھوقۇقنىڭ باراۋەر بولىدىغانلىقى ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق تەقسىماتى ئارقىلىق ئىشقا ئاشماسلىقى كېرەك ئىدى. JDa_;bqL 4-ئىشەنىچ ئامىلى {I0!q"sF بۇ شىنجاڭدا خېلىلا يامان كۆرۈدىغان سۆز تېمىسى ھېساپلىنىدۇ.ئەمەلىيەتتە ئۇ ئاساسلىقى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ تونۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ، يەنى ئۇلار دائىرىلەر ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىشەنمەيدۇ، شۇڭا ئاز سانلىق مىللەتلەر «1-قول »بولالمايدۇ، دەپ قارايدۇ.بۇنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىنى ۋاقتىنچە مۇلاھىزە قىلمايمىز.ئەمما ئوبىيېكتىپ ئەھۋال دەرۋەقە دەتالاشسىز شۇنداقلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئاز سانلىق مىللەتلەردىن «1-قول »لارنىڭ ئاز بولۇشى ھادىسىسىنى كۆپلىگەن ئاز سانلىق مىللەت ئادەتتىكى ئاممىسىنىڭ مەۋقەسىدە تۇرۇپ نەزەرىيە ۋە چوڭقۇرلۇق نۇقتىسىدىن چۈشىنىش تەس بولسىمۇ ئەمما رېئاللىقتىكى مەۋجۇت مەسىلىلەردىن ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئىشەنمىگەچكە ئاز سانلىق مىللەتلەر «1-قول » بولالمايدۇ، دېگەن يەكۈن كېلىپ چىققان. C[TjcHoA ھازىرقى رېئاللىقنى مەيلى قانداق ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر كىشىنى ئەندىشىگە سالماي قالمايدۇ.ئىسلاھات –ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30يىلدىن بۇيان دۆلەت شىنجاڭغا زور تۈركۈمدە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن بولسىمۇ ئەمما ئۇيغۇرلاردىن بىر نەپەر ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى، 10نەپەر يېزىلىق پارتكوم شۇجىسى يېتىشتۈرۈپ بېرەلمىگەنلىكىنى ھەر قانچە قىلىپمۇ چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولمايدۇ.بەلكىم بىزنىڭ تەربىيلەش ئۇسۇلىمىزدا زور كەمچىللىكلەر باردۇ، يەنە بەلكىم ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى دادىللىق بېلەن ئىشلىتىشتە ئېغىر دەرىجىدە شۈبھىلىنىشلەر مەۋجۇتتۇ . ئىش قىلىپ ئاۋامنىڭ تالاش-تارتىشلىرى بىكاردىنلا پەيدا بولمايدۇ. يەنە كېلىپ بۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ دۆلەتنى ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىغا قارىتا ئىنتايىن پايدىسىزدۇر. wO!>kc< تارىختىن قارىساق، تۆمۈر داۋامەت ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا توقسۇن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ 1-شۇجىسى بولغان.ئۇ شىنجاڭدىكى تۇنجى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ 1-شۇجىسى بولۇپ باققان ئۇيغۇردۇر، شۇنداقلا بۈگۈنگە قەدەر ناھىيەلىك پارتكومنىڭ 1-شۇجىسى بولۇپ باققان بىردىن بىر ئۇيغۇردۇر.سەيفىدىن ئەزىزىمۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 1-شۇجىسى بولۇپ باققان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، گەپ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىغا قانداق توغرا قاراش ۋە ئىشلىتىشتە. qh}+b^Wi 2010-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ شىنجاڭنىڭ سېياسىي مۇھىتىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشقا دائىر سېياسەت-تەدبىرلەر ئۈزلىكسىز يېڭىلانماقتا. ئاز سانلىق مىللەتلەردىن «1-قول »لارنى تاللاپ ئۆستۈرىدىغان يېڭى ھاكىمىيەتچە نۇقتىدا سىناق قىلىش تۆۋەن مۇقامدا بولسىمۇ باشلاندى. نۆۋەتتە جەنۇبى-شىمالىي شىنجاڭدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت-ئوبلاسىتلاردا ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلار يېزا-بازارلىق پارتكوم شۇجىلىكىنى ئۈستىگە ئالدى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشكارىلىشىچە ، كېيىنكى قەدەمدە سىناق نۇقتىسى ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىلىكىگىچە كېڭەيتىلىدىكەن. «سۇمرۇغ ھەپتىلىك ژۇرنىلى » بۇنىڭغا «بۇ دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىشەنمەسلىك ھېسىياتىنى يوقۇتۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىدۇر » دەپ باھا بەردى. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى ، بۇ ئىنتايىن موھىم پائال ئەھمىيەتكە ئىگە تەدبىر بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە يېڭى رەھبەرلەرنىڭ سېياسىي ئەقىل-پاراسىتى ۋە يىراقنى كۆرەرلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ھوقۇقنىڭ سىرتىغا ، سېياسىينىڭ چېتىگە چىقىپ قالغاندەك ھېسىياتقا كەلتۈرۈپ قويماسلىق لازىم.بەلكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى دۆلەتنىڭ سېياسىي ئەمەلىيىتى جەريانىغا قاتناشتۇرۇپ، مىللەتلەر سېياسىتى ۋە «مىللىي تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى»نىڭ ئالاقىدار بەلگۈلىمىلىرى بويىچە ئۇلارنى ھوقۇقتىن باراۋەر بەھرىمەن قىلغۇزۇپ، يەرلىكنىڭ ئىشلىرىنى بىرلىكتە باشقۇرغۇزۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى دۆلەتنىڭ سېياسىي ئەمەلىيىتى جەريانىغا قاتناشتۇرۇش جەريانىدا ئۇلارنى دۆلەتنى ئورتاق ئېتىراپ قىلغۇچىلارنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇش لازىم. كەلگۈسى ئۈچ يىلدا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان 2-ئۇيغۇرنىڭ، كەلگۈسى بەش يىلدا ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان تۇنجى ئۇيغۇرنىڭ مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. s+ *LVfau %sZ3Gpi ------------------------------------ i,RbIZnJ : & | |